مېھرىبانلىق دىنغا دەۋەت قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىدىن بىرىدۇر

مېھرىبانلىق دىنغا دەۋەت قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىدىن بىرىدۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

قەدىمقى ئۆلىمالاردىن ئەللامە ئاتائۇللاھ سەكەندەرى مۇنداق دېگەن ئىكەن: «ساڭا ئۆزۈڭنىڭ ئاجىزلىقىنى ئەسلىتىدىغان بەزى گۇناھلار مەغرۇرلىنىشقا سەۋەب بولىدىغان تائەت -ئىبادەتتىن ياخشىدۇر». ھەرقانداق ئادەم بالىسى گۇناھتىن خالىي بولالمايدۇ، ھەممە ئادەم بىلىپ، بىلمەي گۇناھ قىلىدۇ. گۇناھ قىلغان، يولدىن ئاداشقان، مېھىر-شەپقەتكە موھتاج بولغان بىرىگە قەلبىنى ئېچىش كاتتا ئىبادەتتۇر.

گۇناھ-مەئسىيەت سادىر قىلىپ، ئۇنىڭ لەززىتىنى تېتىغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ ئۇنىڭدىن قول ئۈزگەن كىشىلەرنىڭ دەرىجىسى ھېچ گۇناھ قىلمىغان ۋە تەۋبىمۇ قىلمىغان كىشىلەرنىڭ دەرىجىسىدىن يۇقىرى بولىغانلىقىدا شەك يوق. چۈنكى، ئاللاھ تائالا بىر بەندىنىڭ كۆنۈپ قالغان گۇناھنى تاشلاش يولىدا تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرى سەۋەبلىك ئۇنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى قىلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، گۇناھ قىلمىغان، خاتالاشمىغا ئادەم گۇناھنىڭ لەززىىتىنى ۋە تەۋبىنىڭ ھالاۋىتىنى، مەغپىرەتنىڭ كارامىتىنى بىلمەيدۇ.

ئىمام مالىك ئاخشىمى يولدا كېتىپ بارغىنىدا، مەستلىكتىن ئاغزىدىن ھاراقنىڭ شالۇكلىرى ئېقىپ تۇرغان، ئەمما تىلى «ئاللاھ»، «ئاللاھ» دەپ تۇرغان بىر ئادەمنى كۆرۈپ قالىدۇ ۋە ئىمام مالىك ئۇنىڭ يېنىغا بارىدۇ، ‹بۇ پاسكىنا ئېغىزدىن ئاللاھنىڭ ئىسمى چىقىۋاتىدۇيا؟› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېيتىپ پاكىزلاپ قويىدۇ. كېيىن ئۇ كىشى مەستلىكىدىن ئوڭشالغاندىن كېيىن، دوستلىرى ئۇنىڭ ئېغىزىنى ئىمام مالىكنىڭ تازىلاپ قويغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى قاتتىق يىغلاپ كېتىدۇ ۋە ھالىغا پۇشايمان قىلىپ تەۋبە قىلىدۇ، توغرا يولغا كىرىدۇ.

  تەقۋادار ياشلاردىن بىرى گۇناھ سادىر قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ جازاسىدىن قورقۇپ قاتتىق بىئارام بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۇستازىنىڭ «ھەرقانداق بىر گۇناھنىڭ جازاسى بار» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ جازاسىنى كۈتەتتى، بىر ھەپتە كۈتتى جازالانمىدى، ئىككى ھەپتە، ئۈچ ھەپتە جازالانمىدى، ئۆزىگە ياكى ئائىلىسىگە ھېچقانداق ئىش بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ، «ئى ئاللاھ! مەن ئاسىيلىق قىلدىم، ئەمما جازاسىنى تارتمىدىم» دەپ ئىلتىجا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالادىن: «ئى بەندەم! مەن سېنى جازالىدىم، ئەمما سەن ھېس قىلمىدىڭ. سېنى ماڭا ئىلتىجا قىلىشنىڭ لەززىتىدىن مەھرۇم قىلمىدىممۇ؟» دەپ  ئىلھام كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھوشىنى تېپىپ توغرا يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىشنىڭ لەززىتىنى شۇنداق قىلغانلار بىلىدۇ. شۇڭا بۇ لەززەتتىن مەھرۇم قېلىش ياخشىلىقتىن، ھۇزۇر-ھالاۋەتتىن مەھرۇم قالغانلىقتۇر.

مەلۇم بىر مەھەللىدىكى ئىمامنىڭ جامائەتلىرى ئىچىدە ئىمامغا چوڭقۇر ئەقىدە باغلىغان بىر ياش بار ئىكەن. ئىماممۇ ئۇ ياشنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن. بىر كۈنى ھېلىقى ياش ئىمامدىن بىر ئىشتىن ئۆتۈنۈپ مۇنداق دەپتۇ: «مېنىڭ بىر ئىنىم بار ئىدى، ئۇ نە ئاتا-ئائامنىڭ، نە مېنىڭ گېپىمىزنى ئاڭلىمايدۇ، جەمئىيەتتىكى يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك قىلىدۇ، ناماز ئوقۇمايدۇ، بىزدىن ئۆيىنى ئايرىۋالغانغا ئۇزۇن بولدى. ئۇنىڭ ھاياتىدىن ئەنسىرەپ قالدىم. شۇ ئىنىمغا بىر نەسىھەت قىلىپ قويغان بولسىلا، بەلكى يولغا كىرىپ قالغۇسى». ئىمام ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ، «بولىدۇ، مەن ئىنىڭىزنى زىيارەت قىلاي» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىمام ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئۆيىگە خەۋەر قىلمايلا كىرىپ كېلىپتۇ.  ئىنىسى بىر تەرەپتىن ھەيرانلىق بىلەن خۇشاللىق، يەنە بىر تەرەپتىن قاتتىق خىجىللىق بىلەن ئىمامنى قارشى ئېلىپتۇ. ئىمام ئۇنىڭ بىلەن خۇددى قەدىناس دوستلاردەك پاراڭغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۇلار پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ كېچە كىرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىمام ئۆزىنىڭ قونۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئىنىسى بۇنىڭدىن ھاياجانلىنىپ ئىمامنىڭ ياتىدىغان يېرىنى جايلاشتۇرۇپ بېرىپتۇ. ئىمام ئەتىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇپتۇ. ئاندىن بىللە ناشتا قىلىپ بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ۋىدالىشىپتۇ. ئىمام ئۇ يىگىت بىلەن شۇنچە كۆپ ۋاقىت سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرغان بولسىمۇ، ئۇ ياشنىڭ ئەھۋالى، تۇرمۇشى ۋە قىلىقلىرى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز ئاچماپتۇ. يىگىت بۇنىڭدىن بەك خۇش بولۇپتۇ. ئىمام چىقاي دەپ ئىشىكنىڭ يېنىغا كەلگەندە، يىگىت مەن ئاياغلىرىنى ئۆزۈم كىيگۈزۈپ قويىمەن دەپ چىڭ تۇرۇۋېلىپ، ئىمامنىڭ ئايىغىنى كىيگۈزۈپتۇ، ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ بۇغۇچلىرىنى ئېتىۋېتىپ كۆزلىرىدىن ئاققان ياش ئاياغقا تامچىپتۇ. ئىمام قارىغۇدەك بولسا، يىگىت قاتتىق ئۆكسۈرۈپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىمام ئۇنى يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ، يىغلاڭ، ئىچىڭىزنى بوشىتىڭ. مەن يېنىڭىزدا ئولتۇرىمەن دەپ ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن، يىگىت سۆز ئېچىپ، «ھازىرغىچە مېنىڭ بۇ غېرىپ كۆلبەمگە ھېچكىم كىرىپ باقمىغان، ھەتتا ئاتا-ئاناممۇ، قېرىنداشلىرىممۇ مەندىن رەنجىپ، مېنى ئىزدىمىگەن ئىدى. سىزگە قانداق رەھمەت ئېيتىشىمنى بىلمەيمەن. مېنىڭ دىلىمنى يورۇتۇۋەتتىڭىز. بولدى، مەن تەۋبە قىلدىم، ماڭا يول كۆرسەتكەيسىز» دەپ ئىمامنىڭ قوللىرىنى يۈزىگە يېقىپ دۇئا تىلەپتۇ. ئىمام ئۇنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا دۇئا قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يىگىت مەسجىدتە ھەر نامازدا بىرىنچى سەپتىن ئورۇن ئالىدىغان ۋە ئىمامنىڭ يېنىغا كېلىۋېلىپ دىننىڭ ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىدىغان بولۇپتۇ.

ياۋروپا كوچىلىرىدا بىر ياش مەستلىكتىن نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي، ھەتتا بارىدىغان يېرىنىمۇ تاپالماي، بىر چېركاۋنىڭ ئىشىكىگە كېلىدۇ. چېركاۋ ئىچىدىكى راھىب ئۇنى كۆرۈپ قالىدۇ ۋە يېنىغا چىقىپ، ئۇنى يۆلەپ چېركاۋنىڭ بىر ئىشخانىسىغا ئەكىرىپ ياتقۇزىدۇ، ئۈستىگە يېپىنجى يېپىپ قويىدۇ. ئەتىگەندە ھېلىقى ياش ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ چېركاۋدا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە چىقىدىغان ۋاقتىدا چېركاۋدىكى قىممەتلىك بىر كۈمۈش لېگەننى ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ. مەزكۇر ياش ئۇنى ساتماقچى بولغان يەردە ئۇنىڭ چېركاۋغا ئائىت قىممەتلىك يادىكار ئىكەنلىكىنى بىلگەن دۇكاندار ساقچىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى ساقچى تۇتۇپ چېركاۋغا ئېلىپ بارىدۇ. ساقچىلار چېركاۋدىكى راھىبقا ئوغرىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. راھىب قارىسا، ئاخشامقى يىگىت ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلارغا چۈشەندۈرۈپ: «ئەسلىدە بۇ لېگەننى مەن ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلغان ئىدىم» دەپ ئۇنى ساقچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ياش قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىدۇ، ھاراق ئىچىشنى تاشلايدۇ، ھاياتىنى چېركاۋنىڭ خىزمىتىگە ئاتاپ كېيىنچە شۇ چېركاۋنىڭ راھىبىغا ئايلىنىدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار