«قۇرئان كەرىم»نىڭ تەسىر كۈچى

«قۇرئان كەرىم»نىڭ تەسىر كۈچى

مۇھەممەد يۈسۈپ

«قۇرئان كەرىم»نىڭ تەسىر كۈچى پەۋقۇلئاددە كۈچ بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدىكى ئەرەبلەرنىڭ تولىسى «قۇرئان كەرىم»نىڭ قەلبلەرگە چوڭقۇر تەسىر قىلىشتەك مۆجىزىسى بىلەن ئىمان ئېيتقان. ئىسلامغا ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىكى بىلەن تونۇلغان ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سىڭلىسى تىلاۋەت قىلغان ئايەتنى قولىغا ئېلىپ ئوقۇپ چىقىشى بىلەن بىردىنلا قەلبى ئېرىپ مۇسۇلمان بولغانلىقى ۋە مۇسۇلمان بولغىنىدىن كېيىن ئىسلامنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوغدىغۇلىرىدىن بىرى بولۇپ تارىخقا قەيت قىلىنغانلىقى، جۇبەير ئىبنى مۇتئىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلاۋىتىنى ئاڭلاش بىلەن بىردىنلا پىكرى ئۆزگىرىپ ئىمان ئېيتقانلىقى بۇنىڭ مىسالى.

ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە جۇبەير ئىبنى مۇتئىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ: «بىر كۈنى  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شام نامازنىڭ پەرزىگە تۇر سۈرىسىدىن قىلغان تىلاۋىتىنى ئاڭلاپ : ﴿ﱚ ﱛ ﱜ ﱝ ﱞ ﱟ ﱠ ﱡ ﱢ ﱣ ﱤ  ﱥ ﱦﱧ ﱨ ﱩ ﱪ ﱫ يەنى ﴿ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟ ياق، ئۇلار ( ئەسلىدە ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە) ئىشەنمەيدۇﱠ دېگەن ئايەتكە كەلگەندە، بىردىلا دىلىم ئىمانغا كېلىپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمۇمنى ھاياجان قاپلىۋالدى، قەلبىم خوشاللىقتىن ئۇچۇشقا ھازىر بولغاندەك بولۇپ قالغان ئىدى».

قۇرئاننىڭ تەسىرىدىن ئۇبادە ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا نامازدا تۇرغىنىدا مۇشرىكلەرنىڭ ئۈچ قېتىملىق ئوقياسى تېگىپ قانلىرى ئېقىپ تۇرسىمۇ، نامىزىنى بۇزمىغانلىقى ۋە قىرائىتىنى توختاتمىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.

ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇنازىرىلىشىش ئۈچۈن كەلگەن نەجىرانلىق خرىستىئانلار ئۆمىكىمۇ ئاڭلىغان قۇرئاننىڭ تەسىرىدىن يىغلاپ كەتكەن. بۇ ۋەقەلىكنى «قۇرئان كەرىم» مۇنداق قىسسە قىلىدۇ: ﴿ﲣ ﲤ ﲥ ﲦ ﲧ ﲨ ﲩ ﲪ ﲫ ﲬ ﲭ ﲮ ﲯ ﲰ ﲱﲲ ﲳ ﲴ ﲵ ﲶ ﲷ ﲸ ﲹ يەنى ﴿ ئۇلار پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن (ئايەتلەر) نى ئاڭلىغان چاغدا، ھەقىقەتنى تونۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئى رەببىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنى (ھەقىقەتكە) گۇۋاھ بولغۇچىلار قاتارىدا يازغىنﱠ[1]. 

«قۇرئان كەرىم»نىڭ تەسىرى ئىنسانلار ئۈچۇنلا ئەمەس، بەلكى جىنلارمۇ ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بامدات نامىزىغا ئوقۇغان قىرائىتىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئۇنىڭ تەسىرىدىن مۇسۇلمان بولغان. «قۇرئان كەرىم» جىنلارنىڭ تىلىدىن قىسسە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ﱊ ﱋ ﱌ  ﱍ ﱎ ﱏ ﱐ ﱑ ﱒ ﱓﱔ ﱠ يەنى ﴿بىز ھەقىقەتەن  توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ قۇرئاننى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇقﱠ [2]. 

«قۇرئان كەرىم»نىڭ تەسىر كۈچىنى ئىنسان ئەقلىنىڭ مۆلچەرلىيەلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ﱹ ﱺ ﱻ  ﱼ ﱽ ﱾ ﱿ ﲀ ﲁ ﲂ ﲃ  ﲄﲅ ﲆ ﲇ ﲈ ﲉ ﲊ ﲋﲌﱠ يەنى ﴿ئەگەر بىز بۇ قۇرئاننى بىرەر تاغقا چۈشۈرگەن بولساق، چوقۇم سەن ئۇنىڭ ئاللاھتىن قورققانلىقتىن باش ئەگكەنلىكىنى، يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىڭ، بىز بۇ مىساللارنى ئىنسانلارغا تەپەككۇر قىلسۇن دەپ بايان قىلىۋاتىمىزﱠ [3]. 

شۇنى كەسكىن ئېيتىمىزكى، قولىمىزدىكى قۇرئان ئىسلام مىللىتى مۇھتاج بولىۋاتقان مەنىۋى ئېنېرگىيىنىڭ ئۆزىدۇر. قاچانىكى، بىز قۇرئاننى مەنىۋى  كۈچ_قۇۋۋىتىمىزنىڭ مەنبىئى ۋە ئىچىمىزدىن ئېتىلىپ چىقىدىغان روھىيەت بۇلىقىغا ئايلاندۇرالىساق، ئۇنىڭ ھەۋزى كەۋسىرى بىلەن روھىمىزنى تىرىلدۈرەلەيمىز ۋە قاششاقلىقتىن چۆلدەپ كەتكەن مەنىۋى ھاياتىمىزنى چوقۇم ياشارتالايمىز. نەتىجىدە، تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز.

بەزىلەر مۇنداق دېيىشى مۇمكىن، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۆز ۋاقتىدا ساھابىلارنىڭ قەلبىگە شۇنداق زور تەسىر قىلغانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات بولغانلىقى سەۋەبىدىن بولالماسمۇ؟

سەييىد قۇتۇپ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىسلام دەۋىتىنىڭ غەلىبە قىلىشى ۋە ئۇنىڭ مېۋە بېرىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات بولىشىغا باغلىق بولىدىغان بولسا ئىدى، ئاللاھ تائالا بۇ دەۋەتنى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئومۇم قىلمىغان، ئۇنى ساماۋى دىنلارنىڭ ئاخىرقىسى قىلمىغان ۋە تاقىيامەتكىچە ئىنسانلارنىڭ تەقدىرىنى بۇ دىنغا باغلىمىغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نى قوغداشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، ئىسلام دەۋىتىنى پەيغەۋمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنمۇ تاقىيامەتكىچە داۋام قىلىدىغان ۋە مېۋىسىنى بېرىپ تۇرىدىغان قىلغان. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى 23 يىللىق دەۋەتتىن كېيىن ۋاپات قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئۇ باشلاپ بەرگەن ئىسلام دەۋىتى داۋام قىلماقتا.

ئىسلامنىڭ تۇنجى ئەۋلادلىرى بولغان ساھابىلارنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن مەنبە «قۇرئان كەرىم»دۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى بولسا، بۇ مەنبەنىڭ ئەسەرلىرىدىن بىر ئەسەردۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىدىن سورالغىنىدا، «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى»[4] دېگەن»[5].

 



[1] مائىدە سۈرىسى83-ئايەت.            

 
[2] جىن سۈرىسى1-2-ئايەتلەر.

 
[3] ھەشر سۈرىسى21-ئايەت.
[4] ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
[5] يولدىكى ئىشارەتلەر(مەئالىم فىتتەرىق).11-12-نەتلەر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار