تەكفىر ئېقىمى ۋە ئۇنىڭ خەتىرى

 
تەكفىر ئېقىمى ۋە ئۇنىڭ خەتىرى
مۇھەممەد يۈسۈپ

ئەيسۇسكى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا ئەۋجگە چىققان «تەكفىر– مۇسۇلمانلارنى كاپىرلىققا مەنسۇپ قىلىۋېتىش» ئېقىمى ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىدىن ھالقىپ بىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىمىزدىمۇ بەلگىلىك تەسىر قوزغىماقتا. بۇ، مۇسۇلمانلارنى ئۇلارنىڭ بەزى خاتالىقى ياكى دىننىڭ بەلگىلىمىلىرىگە بولغان بىپەرۋالىقى سەۋەبلىك، ئالدىراپ كاپىرلىققا ھۆكۈم قىلىۋېتدىغان ئېقىم بولۇپ، خەتىرى ئىنتايىن چوڭدۇر. بۇ ئېقىمغا مەنسۇپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ پىكىر ئېقىمىغا ماسلاشمايدىغان پىكىر ئېقىمىدىكى مۇسۇلمانلارنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ مىزانىغا سالماي تۇرۇپلا «كاپىرلار» دەپ، ئالدىراپ ھۆكۈم قىلىۋېتىدۇ. ھەتتا بەزىلەر دېتىگە ياقمىغانلارنى ئالدىراپلا «مۇناپىقلار» ياكى «كاپىرلار» ۋەياكى «تاغۇتلار» دەپ تاشلايدۇ. ھالبۇكى، بۇ سۆزلەر پەقەت كاپىرلارغىلا ئىشلىتىلسە بولىدىغان سۆزلەردۇر. مۇسۇلماننى كاپىرلىققا چىقىرىۋېتىش ئېقىمى مۇسۇلمانلارنىڭ بۆلۈنۈشىگە سەۋەب بولغاننىڭ سىرتىدا، ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدىمۇ  چوڭ گۇناھتۇر.

تەكفىر ئېقىمى ئىسلام ئەللىرىدە جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشنى كۆزلەيدىغان، ياخشى نىيەتلىك، بىراق دىننى توغرا ۋە ئەتراپلىق چۈشىنىپ يەتەلمىگەن، شەرىئەت ئىلىملىرىدىن ئالغان دەسمايىسى ئىنتايىن ئاز، پىكىر دائىرىسى ئىنتايىن تار، پەقەت ھاياجان بىلەنلا ئىش كۆرىدىغان، قېنى قىزىق  بىر قىسىم كىشىلەر ئەۋجگە چىققارغا بىر ئېقىم بولۇپ، بۇ ئېقىم ئىنتايىن چوڭ خاتالىقلارنىڭ ۋە خاتا پەتىۋالارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە.

تەكفىر ئېقىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى

تەكفىر ئېقىمى ساھابىلەرنىڭ زامانىدىلا باش كۆتۈرگەن بىر خەتەرلىك ئېقىم بولۇپ، بۇنى خاۋارىجلار ئوتتۇرىغا چىقارغان. خاۋارىج _ «خارىج» يەنى (چىققان) دېگەن سۆزنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، دىننىڭ روھىدىن چەتنەپ كەتكەن ۋە ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ يولىدىن چىقىپ كەتكەن ئىسلام پىرقىسىدۇر. ئۇلار ئۈچىنچى خەلىپە ئوسمان ئىبنى ئاففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ۋە تۆتىنچى خەلىپە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇلار ساھابىلەرنى، ھەتتا كاتتا خەلىپىلەردىن ئوسمان ئىبنى ئاففان ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب قاتارلىقلارنىمۇ «كاپىر»دەپ ھۆكۈم قىلغان ۋە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان، ھەتتا ئوسمان ئىبنى ئاففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قۇرئان ئوقۇپ ئولتۇرغان يېرىدە بوغۇزلاپ، ئالدىدىكى قۇرئاننى قانغا بويىۋەتكەن پىرقىدۇر.

كاتتا ئۆلىمالارنىڭ خاۋارىجلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى

ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە مۇرجىئەلەر[1] بىلەن خاۋارىجلارنىڭ تاشقىنلىرىغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بىز مۇئمىن ئادەم گۇناھ قىلسا ئۇنىڭغا زىيىنى بولمايدۇ، دېمەيمىز، خاۋارىجلارغا ئوخشاش گۇناھ قىلغان ئادەمنى دوزاختا مەڭگۈ قالىدىمۇ دېمەيمىز. بىز يەنە مۇرجىئەلەرگە ئوخشاش بىزنىڭ ياخشى ئەمەللىرىمىز قوبۇل بولغۇچى، گۇناھلىرىمىز مەغپىرەت قىلىنغۇچىدۇر، دېمەيمىز. بىز دەيمىزكى، كۇفرى بىلەن شېرىكتىن باشقا گۇناھلىرى بولۇپ، تەۋبە قىلماستىن ئۆلگەن مۇئمىن ئادەمنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇلىدۇ، ئاللاھ تائالا خالىسا ئۇنى ئازابلايدۇ، خالىسا ئەپۇ قىلىدۇ، مۇنداق ئادەم دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ»[2]. ئىمام تاھاۋى مۇنداق دېگەن: « مۇسۇلمانلاردىن ھېچكىمنى ھالال ساناپ قىلمىغان گۇناھى سەۋەبلىك كاپىرلىققا چىقارمايمىز، گۇناھ قىلسا ئىمانغا زىيىنى يوقمۇ دېمەيمىز، ئاللاھتىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلەرگە مەغپىرەت تىلەيمىز ۋە ئۇلارنى ئۆز رەھمىتى بىلەن جەننەتكە كىرگۈزۈشىنى سورايمىز، ئەمما ئۇلارنى چوقۇم جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، دەپ كېسىپ ئېيتالمايمىز، مۇئمىنلەرنىڭ گۇناھكارلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمىز، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى توغرۇلۇق قورقىمىز، ئەمما ئۇلارنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەندۈرمەيمىز»[3]. ھەنەفىي ئۆلىمالىرىدىن ئىبنى ئەبۇلئىز تاھاۋىنىڭ يۇقىرىقى سۆزىنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن:« بۇنىڭدا مۇرجىئەلەرنىڭ ‹كاپىر  ئىبادەت قىلسا پايدىسى بولمىغاندەك، مۇئمىن گۇناھ قىلىسىمۇ ئۇنىڭ ئىمانىغا زىيان يەتمەيدۇ›دەيدىغان سەپسەتىسىگە ۋە خاۋارىجلارنىڭ ‹مۇسۇلمان ئادەم قانداقلا بىر گۇناھنى ياكى قانداقلا بىر چوڭ گۇناھنى قىلىش بىلەن كاپىر بولىدۇ› دەيدىغان ئاشقۇنلۇققا رەددىيە بېرىلگەن».

 ئىمام شەھرىستانى «مىللەتلەر  ۋە دىنلار» ناملىق ئەسىرىدە خاۋارىجلار توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلار سايلاپ چىققان ھەقىقىي ئىسلام خەلىپىسىگە قارشى چىققانلارنىڭ ھەممىسى خاۋارىجدۇر. مەيلى ئۇلار ساھابىلەرنىڭ زامانىدا چىققان بولسۇن، مەيلى قايسىبىر زاماندا چىقسۇن، ئادالەتلىك ئىش باشقۇرغۇچىلارغا قارشى چىققانلارنىڭ ھەممىسى خاۋارىجدۇر»[4]. ئىمام ئىبنى ھەزم شەھرىستانىنىڭ سۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «قانداقلا بىر زاماندا بولمىسۇن، خاۋارىجلارنىڭ پىكىر ئېقىمىغا ئەگەشكەن ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقانلارنىڭ ھەممىسى خاۋارىجلاردۇر».

تەكفىر ئېقىمىغا تۈرتكە بولغان ئامىل

خاۋارىجلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى كاپىرلىققا چىقىرىۋېتىشىغا تۈرتكە بولغان ئامىل ئۇلارنىڭ ئەقىدىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىدە چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلغان ئادەم كاپىر بولىدۇ ۋە دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ ئەقىدىسى سەۋەبلىك خاتالىق ئۆتكۈزگەن مۇسۇلمانلارنى كاپىرلىققا چىقىرىپ كەلگەن، ساھابىلەرنى، ھەتتا كاتتا ئىسلام خەلىپىلىرىدىن ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، ئوسمان ئىبنى ئاففان قاتارلىق زاتلارنىمۇ كاپىرلىققا ھۆكۈم قىلىۋەتكەن.

ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىچە، خاۋارىجلار «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىدىغان، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھاللىق پىرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرىدىغان مۇسۇلمانلار توپىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن بىر پىرقە بولۇپ، ئۇلار تارىختىن بۇيان مۇسۇلمانلارنىلا ئۆلتۈرۈپ كەلگەن ۋە ئۇلارغىلا زىيانكەشلىك قىلغان پىرقىدۇر.

 شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە[5] خاۋارىجلار توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «خاۋارىجلار_ دىننىڭ روھىدىن چىقىپ كەتكەن بىر ئازغۇن پىرقە بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغان، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان ۋە ئۆز ۋاقتىدىكى ساھابىلەر، تابىئىنلار ۋە كېيىنكى ئىسلام ئۆلىمالىرى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش كېرەكلىكىنى سۆزلىگەن. ئەمما ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، سەئىد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس قاتارلىق ساھابىلەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشقان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇلارنى «كاپىرلار» دەپ ھۆكۈم قىلمىغان، ئۇلار ئۇرۇشنى ئۆزلىرى باشلىمىغۇچە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلمىغان. ئۇلار مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مال _ مۈلكىنى تالان _ تاراج قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغان»[6].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خاۋارىجلارنىڭ چىقىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر بەرگەن. ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىسكە كۆرە، سەھل ئىبنى ھۇنەيف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولى بىلەن ئىراق تەرەپكە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ:« ئۇ جايدىن بىر قەۋم چىقىدۇكى، ئۇلار قۇرئان ئوقۇيدۇ، ئەمما قۇرئان ئۇلارنىڭ قەلبىگە يېتىپ بارمايدۇ، ئۇلار ئىسلامدىن خۇددى ئوق ئوقيادىن چىقىپ كەتكەندەكلا چىقىپ كېتىدۇ» دېگەن. يەنە ئىمام ئىبنى ماجە ئەبۇ ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «خاۋارىجلار دوزاخنىڭ ئىتلىرىدۇر»[7] دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.

زامانىمىزدا تەكفىر ئېقىمىنىڭ چىقىشىغا تۈرتكە بولغان ئاساسلىق سەۋەبلەر

زامانىمىزدا تەكفىر ئېقىمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەرنىڭ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە:

1. ئىسلام دىنىنى چۈشەنمەسلىك ۋە پىكىرىي جەھەتتىكى قاتماللىق. چۈنكى تەكفىر ئېقىمىدىكىلەر ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيىتىنى ۋە غايىسىنى چۈشەنمەنمىگەنلىكتىن، ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئۆز خاھىشىغا كۆرە تەۋىل قىلىپ، ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ نەيرەڭلىرىگە ئالدىنىپ،  مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىنى ئېقىتىشنى ئۆزلىرى ئۈچۈن راۋا كۆرمەكتە.

2. ئىسلام شەرىئەت ئىلىملىرىدىن يۈزەكى مەلۇماتقا ئىگە بولۇپ ئۆزىنى كاتتا ئالىملارلاردىن ساناش. ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە ئېنتېرنېتتىن ياكى ئىسلامىي لېكسىيەچىلەرنىڭ لېكسىيەلىرىدىن ئازراق بىر نەرسىنى ئۆگىنىۋېلىپلا، ئىسلام دېگەن مانا مۇشۇ ئىكەن دەپ، ئويلاپ پۈتۈن ھاياتىنى ئىلىم ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكۈزگەن كاتتا ئۆلىمالارغا تىل ئۇزىتىپ كەلمەكتە.

3. پەتىۋا بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولماي تۇرۇپ، ئالدىراپ ئۆز خاھىشى بويىچە پەتىۋا بېرىش. تەكفىر ئېقىمىدىكىلەر دىن نامىدىن پەتىۋا بېرىشنىڭ دىنىي مەسىلىگە ئاللاھ تائالانىڭ نامىدىن قول قويۇش ئىكەنلىكىنى ۋە پەتىۋا بېرىشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ۋە ئۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى بىلمەستىن، ئاللاھ تائالادىن قورقماي ئاغزىغا كەلگەنچە پەتىۋا چىقىرىپ، ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلماقتا.

4. ئىخلاسقا ۋە ياخشى نىيەتكىلا كۇپايە قىلىپ، ئىلىم بىلەن قوراللانماسلىق. چۈنكى مۇسۇلمانلارنى ئىسلاھ قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى ھىمايە قىلىش ۋە ئىسلامىي ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن يالغۇز ئىخلاس ياكى ياخشى نىيەت كۇپا قىلمايدۇ، بەلكى چوقۇم بىلىملىك بولۇش، ھوشيار، تەقۋا ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. خاۋارىجلارمۇ  ئۆز ۋاقتىدا ئەڭ ئىخلاسمەن، ياخشى نىيەتلىك ئادەملەر بولسىمۇ، شەرىئەت ئىلىملىرىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە نېسىۋە ئالالمىغانلىقتىن « چوڭ گۇناھ سادىر قىلغانلار كاپىر بولىدۇ» دېگەن پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋالغان، ھەتتا كاتتا ساھابىلەرنىمۇ «كاپىر»دەپ ھۆكۈم قىلىۋەتكەن.

5. ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشنىڭ ئىبادەت ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىك ۋە ئىلىم ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك. ئىلىم ئۆگىنىش ئىبادەت بولغانلىقى ۋە خېلى كۆپ ئىبادەتلەردىن مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن ساھابىلەردىن باشلاپ بارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرى مۇسۇلمانلارنى ئىبادەت ۋە جىھاد قىلىشتىن ئاۋۋال ئىلىم ئۆگىنىشكە چاقىرىپ كەلگەن. تابىئىن ئۆلىمالىرىدىن  ھەسەن بەسرىي مۇنداق دېگەن: «بىلىمسىز ئىش قىلغۇچى خۇددى قىڭغىر يوللاردا ئاداشقان ئادەمگە ئوخشاشتۇر. ئىبادەت بىلەن ئىلىم ئۆگىنىشنى بىر – بىرىگە قارشى قىلمىغان ھالدا ئىلىم ئۆگىنىڭلار. بەزى قەۋملەر  شۇ زاھىرى ئىبادەتلەرگە كۇپايە قىلىپ، ئىلىم ئۆگىنىشنى تەرك ئەتكەنلىك سەۋەبلىك، نادانلىقتىن ئۆزىنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىغا قىلىچ تەڭلىدى، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن نېسىۋىسى بولسا ئىدى، ھەرگىز بۇنداق قىلمىغان بولاتتى».

6. ئۆزىنىڭ پىكىر ئېقىمى بىلەن ماسلاشمايدىغان پىكىر ئېقىمدىكىلەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ قاتارىدىن سانىماسلىق ۋە ئۆزىنىڭ پىكرىنى كۈچلەندۈرۈپ بەرمىگەن ھەر قانچە كاتتا ئۆلىمانىمۇ ئۆلىما سانىماسلىق ۋە ئۇنىڭغا بىھۆرمەتلىك قىلىش. بۇ ئەڭ خەتەرلىك نەپسانىيەتچىلىك ۋە ئۇچىغا چىققان مۇتەئەسسىپلىك بولۇپ، مۇسۇلمانلارنى كاپىر دەيدىغانلار ئاساسەن ئۆزى ئەگەشكەن پىكىر ئېقىمىغا مۇتەئەسسىپلىك قىلىپ شۇنداق قىلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ موللىلىرىدىن باشقىسى ئالىم سانالمايدۇ.

كۇفرى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

كۇفرى دېگەن نېمە؟

«كفر» (كۇفرى) كەلىمىسىىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى پەردىلەش، يوشۇرۇش ۋە يېپىش دېگەنلىك بولۇپ، ئىسلام ئاتالغۇسىدا ئاللاھ تائالانى ياكى ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە ياكى «قۇرئان كەرىم» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئارقىلىق ئىمان ئېيتىش بەلگىلەنگەن ئەقىدە مەسىلىلىرىدىن بىرەرسىنى ئاشكارا ئىنكار قىلىش كۇفرىلىق، دەپ ئاتىلىدۇ. مۇنداق ئادەملەر شەكسىز كاپىرلاردۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا  ھەقتۇر، ئۇنىڭ دىنى ۋە بۇيرۇغانلىرىنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتتۇر. بۇ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغانلىق بىر تەرەپتىن بۇ ئوچۇق ھەقىقەتنى يوشۇرغانلىق، يەنە بىر تەرەپتىن ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتىن ئىبارەت يارىتىلىشتىكى تەبىئىي خىسلەتنى يوشۇرغانلىق بولۇپ، مۇنداق ئادەم «كاپىر» يەنى ھەقىقەتنى يوشۇرغۇچى دەپ ئاتالغان. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن: ) شۈبھىسىزكى، ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلار، ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىسىنى (ئاللاھقا ئىشىنىپ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنمەيمىز دېيىش بىلەن) ئايرىۋەتمەكچى بولغانلار، (پەيغەمبەرلەرنىڭ) بەزىسىگە ئىشىنىمىز، بەزىسىگە ئىشەنمەيمىز دېگۈچىلەر ۋە  ئىمان بىلەن كۇفرىنىڭ ئارىسىدا (ئوتتۇرا) يول تۇتماقچى بولغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار راستتىنلا كاپىرلاردۇر، كاپىرلارغا ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدۇق([8]. بۇ ئايەت ئاللاھ تائالانى ئىنكار قىلىدىغان دىنسىزلار، باتىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ۋە ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلىدىغان يەھۇدىي – خىرىستىيانلار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كۇفرى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى، ئېتىقادتىكى كۇفرىلىق، يەنە بىرى، ئەمەلدىكى كۇفرىلىقتۇر. ئېتىقادتىكى كۇفرىلىق سادىر قىلغۇچىسىنى ئىماندىن چىقىرىدۇ. ئەمما ئەمەلدىكى كۇفرىلىق ئىماندىن چىقارمىسىمۇ گۇناھقا پاتۇرىدۇ.

ئېتىقادتىكى كۇفرىلىقنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە:

1.كۇفرى ئىنكار

كۇفرى ئىنكار ― قۇرئان كەرىمگە ياكى سەھىھ ھەدىسىلەرگە ياكى ئۇلاردا كەلگەن ھۆكۈملەرگە ۋە ياكى ئۇلار ئارقىلىق بېكىتىلگەن بەش ۋاخ ناماز، روزا، زاكات قاتارلىق پەرزلەرنىڭ ياكى ئەھكاملارنىڭ بىرەرسىگە ئىنكار قىلىش دېمەكتۇر. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى: ﴿ئاللاھ تائالاغا يالغاننى چاپلىغان ياكى ھەق كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ جەھەننەمدە كاپىرلارغا جاي يوقمىدۇ؟﴾([9]).

2. كۇفرى تەكەببۇر

كۇفرى تەكەببۇر — ئىسلام ئەھكاملىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئىقرار قىلىپ تۇرۇپ، چوڭلۇق قىلغانلىقتىن ئۇنىڭغا بويسۇنماسلىق دېمەكتۇر. بۇ خىلدىكى كۇفرى ئىبلىسنىڭ كاپىرلىقىغا ئوخشاش كۇفرىدۇر. چۈنكى ئىبلىس ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتقان ئىدى. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى: ﴿ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى﴾([10]).

دېمەك، ئىبلىسنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن كاپىر بولۇپ كەتكەنلىكى بۇ ئايەتتە ئېنىق بايان قىلىنغان. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە بويسۇنمىغان مۇتەكەببىرلەرنىڭ ئاقىۋىتى ئىبلىسنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن بىردۇر.

3. كۇفرى شەك

كۇفرى شەك ― ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرى بولغان ئالتە ئىماننىڭ قايسى بىرىگە شەك كەلتۈرۈش دېمەكتۇر. ئۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى: ﴿(كاپىر ئادەم مۇنداق دېدى) قىيامەت بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ(يەنى قىيامەت بولغاندىمۇ) ئەلۋەتتە بۇ باغدىن ياخشىراق جاينى تاپىمەن. ئۇنىڭغا (مۆمىن) بۇرادىرى مۇنازىرلەشكەن ھالـــدا، سېنى (ئەسلىدە) تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىدىن يارىتىپ، ئاندىن سېنى راۋۇرۇس ئىنسان قىلغان زاتنى ئىنكار قىلامسەن؟ دېدى﴾([11]). چۈنكى ئاللاھ تائالاغا ئىشەنگەن بولسىمۇ، ئاخىرەت كۈنىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن ئادەم شەكسىز كاپىردۇر.

بۇ ئايەتتە، قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا شەك كەلتۈرگەن كىشى ئاللاھ تائالانى ئىنكار قىلغانغا ئوخشاش قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئاللاھ تائالانى ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىدا شەك يوق.

4. كۇفرى ئېتىراز

كۇفرى ئېتىراز ― ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ئەمەللەرگە قارشىلىق بىلدۈرۈش ۋە ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈش دېمەكتۇر. ﴿كاپىرلار ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر﴾([12]).

بۇ ئايەتتىن، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىدىن ۋە ئىسلام دەۋىتىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەرنىڭ شەكسىز «كاپىرلار» ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ.

5. كۇفرى نىفاق

كۇفرى نىفاق ― تىلىدا ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قويۇپ، دىلىدا ئىشەنمەسلىك دېمەكتۇر. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى: ﴿كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق دېگۈچىلەر بار، ھەقىقەتتە ئۇلار ئىشەنمەيدۇ﴾([13]).

   بۇ ئايەتتە، مۇناپىقلار ئېغىزلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنى«مۇسۇلمان» دەپ قانچىلىك دەۋا قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلاردىن ئەمەس، بەلكى كۇففارلاردىن ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ.

  ئېتىقادتىكى كۇفرىلىقنى سادىر قىلغان ئادەم ئىسلام ۋە ئىماندىن چىقىپ كېتىش ئارقىلىق كاپىر بولىدۇ. قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسى بىكار بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى ئېتىقادتىكى كۇفرىلىق ئىمانغا زىت كېلىدۇ ۋە ئىمان بىلەن ھەرگىز بىرلىشەلمەيدۇ.

ئەمەلدىكى كۇفرىلىقنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە:   

1. كۇفرى نېمەت

كۇفرى نېمەت ― ئاللاھ تائالانىڭ بەرگەن نېمەتلىرىنى تونۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا شۈكۈر ئادا قىلماستىن ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش دېمەكتۇر. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى: ﴿ نېمىتىمگە شۈكۈر قىلساڭلار، (ئۇنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن، ئەگەر كۇفرانى نېمەت قىلىپ (تۇزكورلۇق) قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم، ئەلۋەتتە، بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ.﴾([14]).

2. كۇفرى مەئسىيەت

كۇفرى مەئسىيەت ― ئىسلام دىنىدا كۇفرىلىق بىلەن سۈپەتلەنگەن ھەرقانداق گۇناھ ـ مەئسيەتلەر ۋە يامان ئىشلار دېمەكتۇر. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

① مۇسۇلماننى ناھەق ئۆلتۈرۈش. بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزى: «مۇسۇلماننى ھاقارەتلەش ئېغىر گۇناھتۇر، ئۇنى ناھەق ئۆلتۈرۈش كۇفرىلىقتۇر»([15]).

② ھاراق ئىچىش، ئوغرىلىق قىلىش ۋە زىنا قىلىش. بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزى: «زىنا قىلغۇچى مۆمىنلىك ھالىتىدە زىنا قىلمايدۇ، ئوغرى مۆمىنلىك ھالىتىدە ئوغرىلىق قىلمايدۇ ۋە ھاراق ئىچكۈچى مۆمىنلىك ھالىتىدە ھاراق ئىچمەيدۇ»([16]).

③ ناماز، روزا، زاكات قاتارلىق پەرز ئەمەللەرنى تەرك ئېتىش. بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزى: «كاپىرلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى پەرق نامازدۇر. نامازنى تەرك قىلغان كىشى كاپىر بولغان بولىدۇ»([17]). بۇ ھەدىستىكى كاپىرلىق ئىماندىن چىقىرىدىغان دەرىجىدىكى ئېتىقادىي كاپىرلىق ئەمەس، بەلكى ئەمەلدىكى كاپىرلىقتۇر.

3. كۇفرى ھۆكۈم

كۇفرى ھۆكۈم - ئىسلام شەرىئەت قانۇنىنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىگە ئىقرار قىلىپ تۇرۇپ، باشقا قانۇنلارنى دەستۇر قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئىش كۆرۈش دېمەكتۇر. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى: ﴿كىملەركى، ئاللاھ چۈشۈرگەن «قۇرئان» بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر﴾([18]).

ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىنى «بۇ ئەسىرگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ» دېگەن ئېتىقاد بىلەن ياكى يەرلىك قانۇنلارنى ئۇنىڭدىن ئەۋزەل ياكى ئوخشاش سانىغانلىق سەۋەب بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەر ئېتىقادتىكى كۇفرىلىقنىڭ ھۆكۈمىگە كىرىدۇ. چۈنكى بۇ خىل كۇفرىلىق ئېتىقادىي كۇفرىنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ ئىمانغا زىت كېلىدۇ. شۇڭا بۇنى سادىر قىلغۇچىلار كاپىر بولىدۇ([19]).

ئەمەلدىكى كۇفرىلىقنى سادىر قىلغان كىشى ئىسلامدىن ياكى ئىماندىن چىقىپ    كەتمەيدۇ. نەتىجىدە، كاپىر بولمايدۇ. قىلغان ياخشى ئەمەللىرىمۇ بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ئەمەلدىكى كۇفرىلىق ئىمانغا زىت كەلمەيدۇ، بىراق ئۇنى سادىر قىلغۇچى قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ.

يۇقىرىقىلار ئومۇمغا قارىتىلغان ھۆكۈمدۇر. ئەمما بىرەر شەخسنى كاپىر دېيىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئېنىقلاپ ئۇنىڭ كاپىر بولغانلىقىغا ئۆزىنىڭ ئىقرارى ياكى ئوچۇق دەلىل-ئىسپات شەرتتۇر. ئومۇمەن تۆۋەندىكىلەرنىڭ كۇفرىلىقىنى ئاشكارا سۆزلەش لازىم:

1.       ئىسلام دىنىغا ئىشەنمەيدىغانلار.

2.       پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھاقارەتلىگەنلەر.

3.       ئىسلام دىنىنى ياكى «قۇرئان كەرىم»نى مەسخىرە قىلغۇچىلار.

4.        دەھرىيلەر([20]) ۋە زامانىمىزدىكى كوممۇنىستلار.

5.        يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلار.

6.       ئىسلام دىنىدىن باشقا دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار.

7.       ئىسلام نامى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئازغۇن پىرقىلەردىن باتىنىيە، ئىسمائىلىيە، باھائىيە ۋە قادىيانىيە پىرقىلىرى. بۇلارنىڭ كاپىرلىقىنى ئوچۇق سۆزلەش لازىم. چۈنكى ئىسمائىلىيە ۋە قادىيانىيە پىرقىلىرى توغرۇلۇق شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە «ئۇلارنىڭ كاپىرلىقى يەھۇدى ۋە خرىستىيانلارنىڭ كاپىرلىقىدىنمۇ ياماندۇر. چۈنكى ئۇلار دىننىڭ ئاساسلىق مەسىلىلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ» دېگەن. باھائىيە ۋە قادىيانىيە پىرقىلىرى يىڭى بىر دىن شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇلار ئىسلام قانۇنلىرىنى رەت قىلىدۇ. قادىيانىيە غۇلام ئەھمەد قادىيانىنى ئاخىرقى پەيغەمبەر، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ ۋە ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كۆپلىگەن ئاساسلىق مەسىلىلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ. بۇ پىرقىلەرنىڭ كۆپلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئىنگىلىز مۇستەملىكىسىنىڭ مۇسۇلمانلارنى بۆلۈپ ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقى سۆزلىنىدۇ.

8. بەزى شىئەلەر. شىئە مەزھىپىدىكىلەر ھەر خىل پىرقىلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىمامىيە ۋە زەيدىيە پىرقىلىرىغا ئوخشاش ئەھلى سۈننە مەزھىپىگە ئەڭ يېقىن بولغان پىرقىلىرىمۇ بار. مۇنداقلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قاتارىدىن ئىكەنلىكىدە شەك يوق. ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىقتىن كاپىرلىققا يېقىن پىرقىلىرىمۇ بار بولۇپ، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ  ئەنھۇنى ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان ۋە «پەيغەمبەرلىك ئەسلىدە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنى جىبرىل خاتالىشىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئېلىپ كەلگەن» دەيدىغان پىرقىلىرىمۇ باردۇر. ئىسلام ئۆلىمالىرى شىئەلەرنىڭ بۇ پىرقىسىنىڭ كاپىر ئىكەنلىكىنى يېتەرلىك  دەلىل_ ئىسپاتلار بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرگەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئىلاھ دېگىنى ئاللاھ تائالانى ئىنكار قىلغانلىقى ياكى ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرگەنلىكىدۇر، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىكنىڭ ئەسلىدە ئەلى رەزىيەللاھۇ كەلگەنلىكىنى دەۋا قىلغانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقىدۇر. ئۇلارنىڭ ئېتىقاد سىستېمىسى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى مۇشرىكلاردىن ھېچبىر پەرقى يوق. چۈنكى مۇشرىكلارمۇ ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتاتتى، ئەمما ئۇنىڭغا مەخلۇقاتنى شېرىك كەلتۈرەتتى. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە شىئەلەرنىڭ رافىزە پىرقىسى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن:« ئۇلار ئەڭ زالىم، ئەڭ نادان ۋە ئەڭ ئەخمەق كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە دۈشمەنلىك قىلىدۇ، ئۇلار پەيغەمبەرلەردىن قالسا ئەڭ ئۇلۇغ كىشىلەرنى ساھابىلەردىن ئەڭ ئاۋۋال ئىسلامغا كىرگەن مۇھاجىرلارنى، ئەنسارلارنى ۋە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغان ياخشىلارنى يامان كۆرىدۇ. ئۇلار كاپىرلارنى ۋە يەھۇدىيلاردىن، خىرىستىيانلاردىن مۇشرىكلاردىن بولغان مۇناپىقلارنى دوست تۇتىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىشىدۇ»[21].

تۈر بىلەن شەخسلەرنى ئايرىش مەسىلىسى

ئىسلام ئۆلىمالىرى كۇفرى مەسىلىسىدە تۈر بىلەن شەخسنىڭ پەرقىنى ئايرىش توغرۇلۇق مەلۇم قانۇنىيەتلەرنى بېكىتكەن. بىزنىڭ «ئاللاھ تائالانى ياكى ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە ياكى «قۇرئان كەرىم» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئارقىلىق ئىمان ئېيتىش بەلگىلەنگەن ئەقىدە مەسىلىلىرىدىن بىرەرسىنى ئاشكارا ئىنكار قىلغانلار شەكسىز كاپىرلاردۇر» دېگەن سۆزىمىز تۈرگە ۋە مۇئەييەن پىرقىغا قارىتىلغان ئومۇمىي ھۆكۈمدۇر. كۇفرىلىق مۇئەييەن بىر شەخسكە قارىتىلماقچى بولسا، ھۆكۈم قىلىشتىن ئاۋۋال ئۇ كىشىنىڭ راستتىنلا كاپىر بولغان ياكى ئەمەسلىكىنى سۈرۈشتە قىلىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ مەۋقىئەسىنى ئېنىق بىلىش شەرتتۇر. بۇ ھەقتە شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن:« بەزىدە بىرەر ئېغىز سۆزمۇ كىشىنى كۇفرىلىق گىرداۋىغا ئاپىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن: ‹كىمكى شۇ سۆزنى دەيدىكەن، ئۇ كاپىر بولىدۇ› دېيىلگەن ۋە مۇئەييەن بىر شەخس شۇ سۆزنى دېگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ كاپىرلىقىنى ئۆزىدىن ئوچۇق ئاڭلىمۇچە ياكى شۈبھىسىز دەرىجىدە دەلىل بىلەن ئىسپات قىلمىغۇچە ئۇنى كاپىرلىققا ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ «قۇرئان كەرىم»دە ئاگاھلاندۇرۇلغانلارغا ئوخشاشتۇر. مەسىلەن:)زۇلۇم قىلىپ يېتىملەرنىڭ مال-مۈلكىنى (ناھەق) يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا يېنىپ تۇرغان ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار قىيامەت كۈنى يېنىپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ([22] دېگەن ئايەت ئومۇمغا قارىتىلغان بولۇپ، مۇئەييەن شەخسنى كۆزدە تۇتمايدۇ. يەنى قانداقلا ئادەم يېتىمنىڭ پۇل_ مېلىنى يەۋالسا، ئۇ قورسىقىغا يېنىپ تۇرغان ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ. يېتىمنىڭ ھەققىنى يېگەن ئادەم گۇناھىغا تەۋبە قىلىپ، يېتىمنىڭ ھەقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىپ گۇناھسىز بولۇپ ئۆلۈشى ياكى ئۇنىڭ كاتتا ساۋابلىق ئەمەللىرى بولۇپ ئۇنىڭ سايىسىدا ئۇنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنغان بولۇشى ياكى ئېغىر مۇسىبەت ياكى چوڭ سىناقلارغا يولۇقۇپ ئاللاھقا سەۋر قىلغانلىقى سەۋەبلىك گۇناھلىرى يويۇلغان بولۇشى مۇمكىن».

بىر مۇسۇلماننى كاپىر دېيىش ئوڭاي ئىش ئەمەس

ئىسلام ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: بىر مۇسۇلماننى كاپىر دېيىش ئۈچۈن ئۇنىڭ كۇفرى سۆزنى ياكى كاپىر بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغان گۇناھنى ئوچۇق _ ئاشكارا قىلغان بولۇشى، بىلمىگەنلىك، سەۋەنلىك، تەۋىل قىلغانلىق ۋە مەجبۇرلانغانلىق قاتارلىق ئۆزرىلىرى بولماسلىقى شەرتتۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەگەر ئۇنىڭ مەلۇم كۇفرى سۆزنى ياكى كاپىر بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغان مەلۇم گۇناھنى قىلغانلىقى شەك قوبۇل قىلمايدىغان دەرىجىدە ئېنىق ئىسپاتلانمىسا، ئۇنى كاپىر دېيىشكە بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، مەزكۇر كۇفرى سۆزنى ياكى كاپىر بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغان مەزكۇر گۇناھنى بىلمەستىن ياكى سەۋەنلىكتىن ياكى تەۋىل قىلغانلىقتىن (يەنى ئۆزىنىڭ ئېتىقادىدا بۇنداق سۆز ياكى بۇنداق گۇناھ كاپىر بولۇشقا سەۋەب بولمايدۇ، دەپ چۈشەنگەنلىكتىن) ۋە ياكى شۇ كۇفرى سۆزنى ئېيتىشقا ياكى كاپىرلىققا سەۋەب بولىدىغان شۇ گۇناھنى قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقتىن سادىر قىلغان بولسا، ئۇنى كاپىر دېيىشكە قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزرىلىكتۇر.

شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: «مۇنداق سۆزنى قىلغان ئادەم ياكى مۇنداق سۆزنى دېگەن ئادەم كاپىر بولىدۇ، دېيىلگەندە مۇتلەق ھۆكۈم كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بىراۋ مەزكۇر كۇفرى سۆزنى ئىشنى قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ شۇ كۇفرىنى سادىر قىلغانلىقىغا ئېنىق ۋە ئوچۇق دەلىل- ئىسپات بولمىسا، ئۇنى كاپىر دېيىشكە بولمايدۇ». ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھاب مۇنداق دېگەن: «كىمكى مۇنۇ سۆزنى قىلسا، ئۇ كاپىر بولىدۇ، دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەگەر بۇ سۆزنى مەلۇم بىر شەخس دېگەن بولسا، ئۇنىڭ كاپىرلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئەمەلي دەلىل-ئىسپات بولمىسا، ئۇنى كاپىر دېيىشكە بولمايدۇ». بۇ مەسىلىگە مۇنداق مىسال كەلتۈرۈلىدۇ: ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە: «ئۇغرىلىق قىلغان ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغان ئايالنىڭ قولىنى كېسىڭلار» دەپ ئەمر قىلغان. بۇ ئايەتتكى ھۆكۈم ئومۇمغا قارىتىلغان بولۇپ، ئوغرىلىق قىلغان ھەر قانداق ئەر- ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما بىراۋغا قول كېسىش جازاسىنى تەتبىق قىلىدىغان ۋاقتىدا، بارلىق شەرتلەر ھارىز بولمىسا ۋە قولنى كېسىشكە توسقۇن بولىدىغان سەۋەبلەر يوق بولمىسا، ئۇنىڭ قولىنى كېسىشكە بولمايدۇ.

مۇسۇلماننى كاپىر دېيىشكە بولمايدۇ

كۇفرىلىقنى ئاشكارا سۆزلىگەنلەر ئۈچۈن شۇنچىلىك ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈش لازىم بولغان يەردە، يامان ئىشلار بىلەن بىر قاتاردا ياخشى ئىشلارنىمۇ قىلىدىغان ۋە «لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» دېگەن شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتقان مۇسۇلمانلار توپىنى كۇفرىلىققا ھۆكۈم قىلىش بۇ قانداق جۈرئەت؟  مۇسۇلمان ئادەم بۇنىڭغا جۈرئەت قىلالامدۇ؟ ئىمام بۇخار ۋە ئىمام مۇسلىملار رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى بىرەر مۇسۇلماننى كاپىر دەيدىكەن، ئەگەر ئۇ كاپىر بولمىغان بولسا، دېگەن كىشىنىڭ ئۆزى كاپىر بولىدۇ» دېگەن تۇرسا، مۇسۇلمانلارنى كاپىرلىققا چىقىرىۋېتىدىغانلار ۋە ئۇلارنىڭ قېنىنى تۆكۈشنى راۋا كۆرىدىغانلار بۇ ھەدىسنى ئاڭلىمىغانمىدۇ؟  شاھادەت كەلىمىسىنى ئاغزاكى ئېيتىپ قويغان مۇناپىقلارغىمۇ دۇنيا ئىشلىرىدا مۇسۇلمانلىق مۇئامىلىسى قىلىنىدىغان تۇرسا، مۇسۇلمان توپىنى كاپىرلىققا چىقىرىۋېتىشقا بولامدۇ؟ ئاغزاكى ئىمان ئېيتقانلار مۇسۇلمانلار قاتارىدىن سانىلىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى بىلەن ھېسابلىشىش ئاللاھ تائالانىڭ ئىشىدۇر. ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىگە قارشى ئۇرۇش ئاچقان خاۋارىجلارنىمۇ «كاپىر» دېمىگەن. ساھابىلەر ئۇنىڭدىن «خاۋاىجلار كاپىر بولمىسا نېمە ئەمىسە؟» دەپ سورىغاندا، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: « ئۇلار كاپىرلىقتىن قاچقان كىشىلەردۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن.

تەكفىرنىڭ خەتەرلىرى:
بىراۋنى كاپىرغا چىقىرىۋېتىشنىڭ خەتىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭدىن مۇنداق نەتىجىلەر كېلىپ چىقىدۇ:

1. مۇرتەد بولغان ئادەمنى ئايالىدىن ئايرىۋېتىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى مۇسۇلمان ئايال كاپىر ئەرگە ھالال ئەمەستۇر.

مۇرتەد بولغان ئادەمنى ئەۋلادلىرى ئۇنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا قېلىشى جائىز ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە كۇفرىلىقى بىلەن سەلبىي تەسىر بېرىشى ۋە ئۇلارنىمۇ ئازدۇرۇۋېتىشىدىن قورقىلىدۇ. مۇنداق بالىلار مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ئۈستىگە ئامانەتتۇر.

2. مۇرتەد بولغان ئادەم بۇ قىلىقى بىلەن مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە سەلبىي تەسىر بەرگەن بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا مەنىۋى جازا قوللىنىپ توغرا يولغا قايتقۇچىلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىشى ۋە ھەر قانداق بىر مۇئامىلە قىلىشى چەكلىنىدۇ يەنى جەمئىيەتتە يېتىم قالدۇرىلىدۇ.

3. مۇرتەد بولغان ئادەم ئۆلگىنىدە يۇيۇپ تارالمايدۇ، جىنازا نامىزى ئوقۇلمايدۇ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنمايدۇ.

4. مۇرتەد بولغان ئادەم كۇفرىلىق ھالىتىدە ئۆلسە، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ لەنىتىگە لايىق بولىدۇ ۋە رەھمىتىدىن قوغلىنىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن بىراۋنىڭ كاپىرلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا ئالدىرىماسلىق ۋە قايتا – قايتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش لازىم كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز كىشىلەرنى كاپىر قىلىشقا ئەمەس،  ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ مۇسۇلمان قىلىشقا بۇيرۇلغانمىز. ھەمدە بىراۋنى كاپىرلىققا ھۆكۈم قىلىش ئىشى شەخسلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس، بەلكى  ئۇ ئىسلام مەھكىمىسىنىڭ ۋە دۆلەت مۇفتىسىنىڭ ئىشىدۇر.

كىشىلەر ئىسلام دىنىغا قانداق كىرىدۇ؟

بىرىنچى پىرىنسىپ: كىشىلەر ئىسلام دىنىغا « لائىللاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ – ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاق يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە بەرھەق پەيغەمبىرىدۇر» دېگەن كەلىمە شاھادەتنى ئېيتىش ئارقىلىق كىرىدۇ. بۇ كەلىمىنى ئېيتقان كىشىگە مۇسۇلمانچە مۇئامىلە قىلىنىدۇ ۋە ئۇ ئىسلام ئۈممىتىدىن سانىلىدۇ. چۈنكى بىز ئىشلارنىڭ زاھىرىغا ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇلدۇق. كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكىسىنى بىلمەيمىز ۋە بىلىشكىمۇ بۇيرۇلمىدۇق. ئۇ پەقەت ئاللاھ تائالاغا خاس ئىشتۇر. بۇنىڭ دەلىللىرى تۆۋەندىكىچە:

1. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتقان كىشىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنى ئىسلام ئۈممىتىدىن ھېسابلىغان. ئۇ بىراۋ شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىپ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئىقرار قىلغىنىدا، ئۇنىڭ ئىسلام پەرزلىرىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن ناماز ۋاقتىنىڭ كىرىشىنى ياكى زاكات بېرىشى ئۈچۈن يىلىنىڭ تولۇشىنى ياكى روزا تۇتۇشى ئۈچۈن رامىزان ئېيىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماستىن ئۇنى مۇسۇلمان، دىنىي قېرىنداش دەپ سانىغان.

2. ئىمام بۇخارىي ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىسكە كۆرە، زەيد بىر ئادەمگە قىلىچىنى يالىڭاچلاپ كېلىپ، ئۇنىڭ شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتقىنىغا قارىماستىن ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاڭلاپ ناھايىتى قاتتىق غەزەبلەنگەن ۋە زەيدقا كايىپ )لائىلاھە ئىللەللاھ ( دېگەن ئادەمنىمۇ ئۆلتۈرەمسەن؟ دېگەندە، زەيد «ئۇ قىلىچتىن قورقۇپ شۇنداق دىدى» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا «سەن ئۇنىڭ قەلبىنى يېرىپ كۆردۈڭمۇ؟» دەپ ئاچچىقلىنىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتكە كۆرە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام )لائىلاھە ئىللەللاھ( دېگەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگىنىڭ ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدە قانداقمۇ قىلارسەن» دېگەن.

4. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىمان ئېيتماقچى بولۇپ كەلگەن ئادەمنىڭ ئىمانىنى قوبۇل قىلىشتا ئۇنىڭغا ناماز، زاكات، روزا قاتارلىق پەرزلەرنى شەرت قىلمىغان. ھەتتا بەزى قەۋملەر زاكات بەرمەسلىك شەرتى بىلەن ئىمان ئېيتماقچى بولۇپ كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى قوبۇل قىلغان. ئىمام ئەھمەد جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «سەقىف قەبىلىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا زاكات بەرمەسلىك ۋە جىھادقا قاتناشماسلىق شەرتى بىلەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ شەرتىنى قوبۇل قىلغان ۋە ‹ئۇلار كېيىن چوقۇم زاكات بېرىدۇ ۋە جىھادقىمۇ چىقىدۇ› دېگەن».

يەنە ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىسكە كۆرە، نەسر ئىبنى ئاسىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر ئادەمنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ كۈندە ئىككى ۋاخلا ناماز ئوقۇشنى شەرت قىلىپ ئىمان ئېيتقانلىقىنى رىۋايەت قىلغان.

شۇڭا قەدىمقى كاتتا ئۆلىمالار «ئىسلام – كەلىمىدۇر» دېگەن. تەبىئىيكى، بۇ ئورۇندىكى «كەلىمە» شاھادەت كەلىمىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلامنىڭ ناماز، زاكات، روزا قاتارلىق پەرزلىرى كىشىلەر مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن تەلەب قىلىنىدىغان ئىبادەتلەردۇر. چۈنكى مۇسۇلمان بولمىغان ئادەمگە ئىبادەت پەرز قىلىنمايدۇ، مۇسۇلمان ئەمەسلەر ئىبادەت قىلسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. چۈنكى ئىبادەتلەر پەقەت مۇسۇلمانلاردىنلا قوبۇل قىلىنىدۇ.

ئەمما بىرىنچى خەلىپە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زاكاتنى بېرىشنى رەت قىلغانلارغا قارشى ئۇرۇش ئاچقانلىقى بىزنىڭ بۇ ئېيتقانلىرىمىزغا قەتئىي زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى شۇ ۋاقىتتا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدا بېرىپ كەلگەن زاكاتنى بېرىشنى رەت قىلغان قەۋملەر بىرىنچىدىن «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھۆكمى بىلەن بېكىتىلگەن ئىسلام پەرزلىرىدىن بىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇرتەد بولغانلاردۇر. چۈنكى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھۆكمىنى رەت قىلغان ئادەم مۇرتەد بولىدۇ. مۇرتەدلەرنى يوقىتىپ جەمئىيەتنى ئۇلارنىڭ سەلبىي تەسىرىدىن ۋە زىيانكەشلىكىدىن قوغداش پەرزدۇر. ئىككىنچىدىن، زاكات بېرىشنى رەت قىلغۇچىلارنىڭ مەقسىتى زاكاتنىلا بەرمەسلىك ئەمەس، بەلكى ئىسلام دىنىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش ئېچىپ ئۇلارنى تىنجىتىش ئارقىلىق مەدىنىدىكى يېڭى ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملىگەن.

ئىمانى بىلەن ئۆلگەن ئادەم جەننەتكە كىرىشكە لايىقتۇر

ئىككىنچى پىرىنسىپ: )لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ(دېگەن تەۋھىد كەلىمىسىنى ئىقرار قىلغان ھالدا ئۆلگەن ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا مۇنۇ ئىككى ئىشقا ئېرىشىدۇ:

1. دوزاختا مەڭگۈ قالماسلىق. يەنى بەزى مۇسۇلمانلار گەرچە زىنا، ئوغرىلىق، ھاراق ئىچىش، جازانە قىلىش قاتارلىق ھارام ئىشلارنى قىلغان ۋە گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلماستىن ئۆلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىغا لايىق دوزاختا ئارابلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئاخىرى جەننەتكە كىرىدىغانلىقىدا شەك يوق. چۈنكى قەلبىدە زەررىچىلىك ئىمانى بولغان كىشىنىڭ دوزاختا قالمايدىغانلىقىغا ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئۆلىمالىرى بىردەك ئىتتىپاقتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەتكە لايىق بولغانلار جەننەتكە، دوزاخقا لايىق بولغانلار دوزاخقا كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئاللاھ : ‹قەلبىدە قىچا چاغلىق ئىمانى بارلارنى دوزاختىن چىقىرىڭلار› دەپ پەرمان قىلىدۇ»[23].  

2. جەننەتكە كىرىش. مۇنداق كىشى گەرچە جەننەتكە دەسلەپ كىرىدىغانلار قاتارىدا كىرەلمىسىمۇ، گۇناھلىرىغا لايىق دوزاختا ئازابلىنىپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم جەننەتكە كىرىدىغانلىقىنى «قۇرئان كەرىم» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر جاكارلىغان.

ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم قاتارلىق ھەدىسشۇناسلار ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: «كىمكى ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقلىقىغا، ئۇنىڭ شېرىكى يوق ئىكەنلىكىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە بەھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە، ئىيسانىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى، بەرھەق پەيغەمبىرى ۋە مەريەمگە چۈشۈرۈلگەن كەلىمىسى ھەم ئۆز تەرىپىدىن بىر روھ ئىكەنلىكىگە، جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ھەقلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدىكەن، ئۇنىڭ ئەمەلىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ».

ئەبۇزەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « قانداقلا بىر بەندە )لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەددۇن رەسۇلۇللاھ( دەپ ئىمان ئېيتىپ، شۇ ئىمانى بويىچە ئۆلىدىكەن، ئۇ چوقۇم جەننەتكە كىرىدۇ».

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«)لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ( دېگەن ئادەم دوزاختا قالمايدۇ. قەلبىدە بۇغدايچىلىك ياخشىلىق بار كىشىمۇ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ».

ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى )لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ( دەيدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا دوزاخنى ھارام قىلىدۇ».

يۇقىرىقى ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىملار رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىسلاردۇر. ھەدىسلەردىكى «جەننەتكە كىرىش»تىن مەقسەت ئەڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ بىر قېتىم كىرىشتۇر. شۇنىڭدەك «دوزاختا قالمايدۇ» ۋە « دوزاخنى ھارام قىلىدۇ» دېگەن سۆزلەردىن مەقسەت دوزاختا مەڭگۈلۈك قالمايدۇ ۋە گۇناھىغا لايىق ئازابلانغاندىن كېيىن دوزاختىن چىقىرىلىپ جەننەتكە كىرىدۇ، دېگەنلىكتۇر.

ئىسلامدىن چىقىپ كېتىشكە سەۋەب بولىدىغان ئامىللار:
ئۈچىنچى پىرىنسىپ: شاھادەت كەلىمىسىنى ئىقرار قىلىپ، مۇسۇلمان بولغان ئادەم شۇ ئىمانىنىڭ تەقەززاسى بويىچە، ئىسلام شەرىتىدە بۇيرۇلغان جىمى ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئەھكاملارنى رەت قىلىش ياكى قوبۇل قىلىش خۇسۇسىدا ئىختىيارى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆز قانائىتى بىلەن ئېيتقان ئىمانى ئۇنىڭغا بۇ مەجبۇرىيەتنى يۈكلىگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دەيدۇ: ) ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر – ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان ئىكەن، ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ)، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ([24]. )(پەيغەمبەر) مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چاقىرىلغان چاغدا ئۇلار: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېيىشلىرى كېرەك، مانا شۇنداق كىشىلەر مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر([25].

شۇنى ئېنىق بىلىش كېرەككى، ئىسلام دىنىنىڭ پەرز، ۋاجىب، ھارام، جازا قاتارلىق ئەھكاملىرىدىن «قۇرئان كەرىم» ۋە سەھىھ  ھەدىسلەر ئارقىلىق كەسكىن بېكىتىلگەن، ھەممە كىشىنىڭ نەزىرىدە شەك قوبۇل قىلمايدىغان دەرىجىدە مۇئەييەنلەشكە مەسىلىلەر بار بولۇپ، ئۇلارنى ئىسلام ئۆلىمالىرى«دىندىن ھەركىم ياخشى بىلىدىغان مەسىلىلەر» دەپ ئاتايدۇ. بۇ مەسىلىلەرنى ھەممە كىشىنىڭ ئېنىق بىلىدىغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى شۇكى، بۇ مەسىلىلەرنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دەلىل – ئىسپاتقا ھاجەت يوق. مەسىلەن: بەش ۋاخ ناماز، زاكات ۋە روزا قاتارلىق ئىسلام ئىبادەتلىرىنىڭ پەرز ئىكەنلىكى، ئادەم ئۆلتۈرۈش، زىنا قىلىش، جازانىخورلۇق قىلىش، ھاراق ئىچىش، پاك كىشىلەرگە تۆھمەت چاپلاش قاتارلىق چوڭ گۇناھلار ۋە نىكاھ، تالاق، قىساس قاتارلىق ئەھكاملارغا ئوخشاشتۇر.

يۇقىرىقى« دىندىن ھەركىم ياخشى بىلىدىغان مەسىلىلەر»دىن بېرەرسىنى ئىنكار قىلغان ياكى رەت قىلغان ۋە ياكى مەسخىرە قىلغان ئادەم ئوپئوچۇق كاپىر بولغان بولىدۇ. مۇنداق كىشى ‹مۇرتەد –دىندىن يېنىۋالغۇچى› دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى يۇقىرىقى ئەھكاملار «قۇرئان كەرىم» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن بېكىتىلگەن، ئىسلام ئۈممىتى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەن مەسىلىلەردۇر. بۇلاردىن بېرەرسىنى ئىنكار قىلغان كىشى «قۇرئان كەرىم» بىلە سەھىھ ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ.

چوڭ گۇناھلار ئىماننى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ئەمما ئىماندىن چىقارمايدۇ
تۆتىنچى پىرىنسىپ: چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلغان ئادەم ئەگەر تەۋبە قىلماستىن شۇ گۇناھلارنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسە، چوقۇم ئۇنىڭ ئىمانى ئاجىزلىشىدۇ، لېكىن ئىمانى ئاساسىدىن يوقىلىپ كەتمەيدۇ.

بۇنىڭ دەلىلى مۇنۇلار:

1. ئەگەر چوڭ گۇناھلار ئىماندىن چىقىپ كېتىشكە سەۋەب بولىدىغان بولسا، ئادەتتىكى گۇناھ بىلەن مۇرتەدلىك بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان بولاتتى. گۇناھكار مۇرتەد بولغان ۋە مۇرتەدلىكنىڭ جازاسىغا لايىق بولغان بولاتتى. ئەمما «قۇرئان كەرىم»، ھەدىس ۋە ئىجما بۇنداق بولۇشنى رەت قىلىنىدۇ.

2. «قۇرئان كەرىم» قاتىلنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىلىرىگە نىسبەتەن دىنىي قېرىنداش دەپ ئاتىغان:) ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى، ھۈر ئادەم ئۈچۈن ھۈر ئادەمدىن، قۇل ئۈچۈن قۇلدىن، ئايال ئۈچۈن ئايالدىن قىساس ئېلىنىدۇ. قاتىل ئۈچۈن (دىني) قېرىندىشى تەرىپىدىن بىرنەرسە كەچۈرۈم قىلىنسا (يەنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى قاتىلدىن دىيەت ئېلىشقا رازى بولۇپ قىساس ئېلىشتىن ۋاز كەچسە، ئۇ دىيەتنى قاتىلدىن) چىرايلىقچە تەلەپ قىلىشى لازىم([26]. بۇ ئايەتتە قاتىل گەرچە ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇ ئۆزى ئۆلتۈرگەن ئادىمىنىڭ ئىگىلىرىگە نىسبەتەن دىنىي قېرىنداش ئىكەنلىكىدىن چىقىپ كەتمىگەن. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرگەن ئادەممۇ كاپىر بولمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنى كاپىر قىلىۋېتىش ئوڭاي ئىش ئەمەس.

3. «قۇرئان كەرىم» بىر – بىرىگە قىلىچ تەڭلەشكەن ئىككى پىرقە مۇسۇلمان كىشىلەرنىمۇ «مۆمىنلەر» ۋە « قېرىنداشلار» دەپ ئاتىغان. )ئەگەر مۇئمىنلەردىن ئىككى گۇرۇھ ئۇرۇشۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ئىككىنچىسىگە تاجاۋۇز قىلسا، تاجاۋۇز قىلغۇچى تاكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قايتقانغا قەدەر ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، ئەگەر ئۇلار قايتسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئادىللىق بىلەن تۈزەپ قويۇڭلار، (ھەر ئىشتا) ئادالەتلىك بولۇڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ ئادالەتلىك بولغانلارنى دوست تۇتىدۇ. مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر. ئۇنداقتا، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار، رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار ([27].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئىككى مۇسۇلمان بىر-بىرىگە قىلىچ تەڭلىسە، ئۆلتۈرگۈچى ۋە ئۆلگۈچى ھەر ئىككىلىسى دوزاخقا كىرىدۇ»[28] دېگەن. ئىمام بۇخارى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەزكۇر ئىككى كىشىنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە ئۇلارنى «ئىككى مۇسۇلمان» دەپ ئاتىغانلىقىغا ئاساسلىنىپ، مۇسۇلمان ئادەم چوڭ گۇناھ قىلغانلىقى سەۋەبلىك كاپىر بولۇپ كەتمەيدۇ، دېگەن پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويغان.

4. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاراق ئىچكەن بىر ئادەمنى قاما بىلەن ئۇرۇپ جازالاشقا بۇيرۇغان بولۇپ، ئادەمگە قامچا ئۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، بەزى ساھابىلەر« ئاللاھ ئۇنى خار قىلسۇن!» دېيىشكەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: « سىلەر ئۇنداق دېمەڭلا، ئۇنىڭغا شەيتاننى ياردەمچى قىلماڭلار»[29] دېگەن. يەنە بىر رىۋايەتكە كۆرە: « سىلەر بۇ قېرىندىشىڭلارغا شەيتاننى ياردەمچى قىلماڭلار» دېگەن. ئەبۇ داۋۇد بۇ قىسسىنىڭ ئاخىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:«ئۇنداق دېمەڭلار، پەقەت ‹ ئى ئاللاھ! ئۇنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغىن ۋە ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن›دەڭلار» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.

مانا بۇ ئىسلام دىنىنىڭ گۇناھكارلارغا بولغان كەڭچىلىكى ۋە شەپقىتىدۇر. ھەتتا ھاراق ئىچكۈچى گۇناھى تۈپەيلى قامچا ئۇرۇلۇشقا بۇيرۇلغان بولسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئىنسانىي ھۆرمىتىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا، ھاقارەتلىنىشىگە ۋە لەنەتلىنىشىگە يول قويمىغان. بەلكى ئۇ ھاراق ئىچىش ئارقىلىق چوڭ گۇناھنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا  ئۇنىڭ مۇسۇلمانلار سېپىدىن ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاراق ئىچكەن ئادەمنى «قېرىندىشىڭلار» دېگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەشكە بۇيرۇغانلىقى ھاراق ئىچكەن ئادەمنىڭ كاپىر بولۇپ كەتمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى كاپىرنى مۇسۇلمانلارنىڭ قېرىنىدىشى دېگىلى بولمىغاندەك، ئۇنىڭغا مەغپىرەت تىلەشكىمۇ بولمايدۇ.

ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن باشقا گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ
بەشىنچى پىرىنسىپ: شېرىكتىن باشقا پۈتۈن گۇناھلار مەيلى چوڭ گۇناھلاردىن بولسۇن، مەيلى كىچىك گۇناھلاردىن بولسۇن، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى – كەرەمى بىلەن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن: ) ئاللاھ ئۆزىگە بىرەر نەرسىنىڭ شېرىك كەلتۈرۈلۈشىنى (يەنى مۇشرىلىكنىڭ گۇناھىنى) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن باشقىسىنى (ئاللاھ ئۆزى) خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ([30].

ئايەتتىكى شېرىك ئاللاھ تائالادىن باشقا بىرىنى ئىلاھ قىلىۋېلىپ چوقۇنۇشنى ياكى ئاللاھ تائالاغا ئېتىقاد قىلىش بىلەن بىرگە مەخلۇقاتلارغا چوقۇنۇشنى ئىپادىلەيدۇ.

ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەمنىڭ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنمايدۇ، دېگەنلىك تەۋبىسىز مەغپىرەت قىلىنمايدۇ، يەنى تەۋبە قىلماي ئۆلسە بۇ گۇناھى ھەرگىز مەغپىرەت قىلىنمايدۇ، دېگەنلىكتۇر. چۈنكى بەزى گۇناھلار ئىبادەتلەرنىڭ سايىسىدا تەۋبىسىزمۇ مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەم قايتا ئىمان ئېيتىپ، گۇناھىغا تەۋبە قىلسا، ئۇنىڭ گۇناھى ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلىنىدۇ.

شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: « )ئاللاھ ئۆزىگە بىرەر نەرسىنىڭ شېرىك كەلتۈرۈلۈشىنى (يەنى مۇشرىلىكنىڭ گۇناھىنى) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلمايدۇ( دېگەن بۇ قائىدىنى شېرىكتىن قول ئۈزۈپ، تەۋبە قىلغانلارغا تەتبىقلاشقا بولمايدۇ. چۈنكى گۇناھىغا تەۋبە قىلغان كىشى مەيلى شېرىكتىن تەۋبە قىلسۇن، مەيلى باشقا گۇناھلاردىن تەۋبە قىلغان بولسۇن، بەرىبىر ئوخشاشتۇر، ئۇ چوقۇم ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىدۇ. چۈنكى ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە :) (ئى پەيغەمبەر! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، «ئى(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە ئۇۋال قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. چۈنكى ئاللاھ جىمى گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر( دېگەن»([31]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە مۇنداق دېگەن: «سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا قىلماسلىققا، بالىلىرڭلارنى ئۆلتۈرمەسلىككە، پاك كىشىلەرگە تۆھمەت چاپلىماسلىققا، دىننىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماسلىققا ئەھدە بېرىڭلار. كىمكى بۇ ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ تولۇق بېرىدۇ. كىمكى بۇ گۇناھلاردىن بەزىسىنى قىلىپ سالسا، دۇنيادا جازالىنىش ئارقىلىق گۇناھتىن پاكلىنىدۇ، كىمكى بۇ گۇناھلاردىن بەزىسىنى قىلىپ سالغان بولسىمۇ، بۇ دۇنيادا ئۇنىڭ جازاسىنى كۆرمىگەن بولسا، بۇ ئاللاھقا تاپشۇرىلىدۇ، خالىسا ئازابلايدۇ، خالىسا كەچۈرۈم قىلىدۇ«([32]).

كۆرگىنىمىزدەك، بۇ ھەدىسمۇ چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلغانلارنىڭ بۇ گۇناھلىرى سەۋەبلىك كاپىر بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە. ئۆلىمالار: «بۇ ھەدىس چوڭ گۇناھلارنى قىلغانلار كاپىر بولىدۇ، دەپ بىلجىرلايدىغان خاۋارىجلارغا يېتەرلىك رەددىيەدۇر» دېگەن.

كۇفرىنىڭ تۈرلىرى

ئالتىنچى پىرىنسىپ: كۇفرى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى ئېتىقادتىكى كۇفرىلىقتۇر. ئېتىقادتىكى كۇپرىلىقنى سادىر قىلغان ئادەم ئىسلام ۋە ئىماندىن چىقىپ كېتىش ئارقىلىق كاپىر بولىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانى ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋە ياكى ئىسلام دىنىنى ئىنكار قىلغانغا ئوخشاش. كۇفرىنىڭ ئىككىنچى تۈردىكىسى ئەمەلدىكى كۇفرىلىق بولۇپ، ئەمەلدىكى كۇفرىلىقنى سادىر قىلغان ئادەم ئىماندىن چىقمايدۇ، ئەمما گۇناھكار بولىدۇ. بۇ كۇفرى بىلەن سۈپەتلەنگەن بەزى گۇناھلارنى سادىر قىلغانغا ئوخشاش. « مۇسۇلماننى ھاقارەتلەش ئېغىر گۇناھتۇر، ئۇنى ناھەق ئۆلتۈرۈش كۇفرىلىقتۇر»[33]، « زىنا قىلغۇچى مۆمىنلىك ھالىتىدە زىنا قىلمايدۇ، ئوغرى مۆمىنلىك ھالىتىدە ئوغرىلىق قىلمايدۇ ۋە ھاراق ئىچكۈچى مۆمىنلىك ھالىتىدە ھاراق ئىچمەيدۇ»[34]، « كاپىرلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى پەرق نامازدۇر. نامازنى تەرك قىلغان كىشى كاپىر بولغان بولىدۇ»[35] دېگەن ھەدىسلەر ۋە ) كىملەركى، ئاللاھنىڭ چۈشۈرگىنى بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر([36] ۋە ) نېمىتىمگە شۈكۈر قىلساڭلار، (ئۇنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن، ئەگەر كۇفرىلىق قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم، ئەلۋەتتە، بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ([37] دېگەن ئايەتلەر بۇنىڭ مىسالىدۇر. يۇقىرىقى ھەدىس ۋە ئايەتلەردىكى كۇفرى ھەقىقىي كۇفرى ئەمەس، بەلكى ئەمەلدىكى كۇفرىلىقتۇر. شۇڭا بۇلارنى سادىر قىلغانلار كاپىر بولمايدۇ.

 بەزى ئۆلىمالار «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەردە كەلگەن «كۇفرى» سۆزىنى «چوڭ كۇفرى» ۋە «كىچىك كۇفرى» دەپ ئىككىگە ئايرىغان. ئېتىقادتىكى كۇفرىنى« چوڭ كۇفرى»دېسە،  ئەمەلدىكى كۇفرىنى «كىچىك كۇفرى» دەپ ئاتىغان. ئۇلارغا كۆرە:  ئەمەلدىكى كۇفرى بىلەن سۈپەتلەنگەنلەر دوزاخقا كىرسىمۇ، دوزاختا مەڭگۈلۈك قالمايدۇ ۋە ھەقىقىي «كاپىر»لاردىن بولۇپ كەتمەيدۇ. بەقەرە سۈرىسىدىكى: )ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتتى، بەزىسى كاپىر بولدى(([38]) دېگەن ئايەتتىكى «كاپىر»لىق «چوڭ كۇفرى»نى ئىپادىلىسە، ئىنسان سۈرىسىدىكى:) شۈبھىسىزكى، بىز ئىنسانغا (ياخشى-يامان) يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇ مۆمىن بولۇپ ياخشى يولدا مېڭىپ (ئاللاھنىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلغۇچىدۇر، ياكى (گۇناھكار بولۇپ يامان يولدا مېڭىپ) كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر(([39]) دېگەن ئايەتتىكى كۇفرىلىق «كىچىك كۇفرى»نى ئىپادىلەيدۇ.

 مۇپەسسىرلەرنىڭ پېشىۋاسى ئابدۇللا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما )كىملەركى ئاللاھنىڭ چۈشۈرگەنلىرى بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر(([40]) دېگەن ئايەتتىكى «كاپىرلار» دېگەن سۆزنى: «بۇ كۇفرىنىڭ تۆۋىنىدىكى كۇفرىدۇر» دەپ تەپسىر قىلغان. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، «قۇرئان كەرىم»دە ۋە ھەدىسلەردە كەلگەن «كۇفرى» ياكى«كاپىر» دېگەن سۆزنىڭ ئېتىقادتىكى كۇفرىنى ئىپادىلىگەندەك ئەمەلدىكى كۇفرىنىمۇ ئىپادىلەيدىغانلىقى قەدىمدىن بېرى ئۆلىمالار ئىتتىپاققا كەلگەن بىر مەسىلىدۇر.

بىر ئادەمدە ئىمان بىلەن كۇفرى ھەر ئىككىسىنىڭ تېپىلىشى
يەتتىنچى پىرىنسىپ: بىر ئىنساندا ئىماننىڭ بەزى ئالامەتلىرى بىلەن بىرگە كۇفرى ياكى مۇناپىقلىقنىڭ ئالامەتلىرىدىمۇ تېپىلىدۇ.

بۇ ھەقىقەت قەدىمقى ۋە ھازىرقى كۆپلىگەن ئۆلىمالارنىڭ نەزەرلىرىدىن ساقىت بولۇپ كەلگەن بىر ھەقىقەتتۇر. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە، ئىنسان يا خالىس مۆمىن بولىدۇ ياكى خالىس كاپىر بولىدۇ. ئۈچىنچىسى يوق. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە، شەيئىلەر يا ئاپئاق ياكى قاپقارا بولىدۇ، بۇ ئىككىسىدىن باشقىسى يوق. مەلۇمكى، ئۇلار قارا بىلەن ئاقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەڭلەرنى ئۇنۇتقان. شۇڭا ئۇلار بەزى شەخسلەردە ياكى بىرەر جامائەدە ئىماننىڭ پۈتۈن سۈپەتلىرى تولۇق تېپىلماستىن، كۇفرىنىڭ ياكى مۇناپىقلىقنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئۇلارنى «كاپىر» ياكى «مۇناپىق» دەپ ھۆكۈم قىلىۋېتىشكە ئالدىرايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىماننىڭ ئالامەتلىرى بىلەن  كۇفرىنىڭ ياكى مۇناپىقلىقنىڭ بەزى ئالامەتلىرى بىر قەلبتە تېپىلمايدۇ.

مۇتلەق ئىمان بىلەن مۇتلەق كۇفرىنى كۆزدە تۇتماقچى بولساق، بىزمۇ بۇ نەزىرىيەگە قوشۇلىمىز. ئەمما مۇتلەق ئىماندىمۇ كۇفرىنىڭ ياكى مۇناپىقلىقنىڭ ۋە ياكى جاھىلىيەتنىڭ بەزى ئالامەتلىرى تېپىلىدۇ. ئىمام بۇخارى بىلەن ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى: « سەندە جاھىلىيەتنىڭ ئالامەتلىرى بار ئادەم ئىكەنسەن» دېگەن. جاھىلىيەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن مەقسەت كاپىرلىقنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.  ھالبۇكى، ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ساھابىلەرنىڭ ئىچىدە تەقۋالىقى ۋە غازاتلاردا ئالدىنقى سەپتە بولۇشى بىلەن تونۇلغان كاتتا ساھابە ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە :«كىمكى جىھاد قىلماستىن ياكى جىھاد قىلىشنىى ئارزۇ قىلماستىن ئۆلىدىكەن، ئۇ مۇناپىقلىقنىڭ بىر ئالامىتى بىلەن ئۆلگەن بولىدۇ»[41] دېگەن.

شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە «قۇرئان كەرىم»دىكى مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق كەلگەن) ئۇ كۈندە ئۇلار ئىمانغا قارىغاندا كۇفرىغا يېقىن ئىدى(([42]) دېگەن ئايەت ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «بۇرۇن ئۇلاردا ئىماننى بېسىپ چۈشەلمەيدىغان دەرىجىدىكى مۇناپىقلىق بار ئىدى، ئۇھۇد غازىتى بولغان كۈنىدە ئۇلارنىڭ مۇناپىقلىقى ئىمانىغا غالىب كەلدى –دە، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىماندىن كۇفرىغا يېقىن بولۇپ ئۆزگەردى».

ئابدۇللا ئىبنى مۇبارەك ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنۇ سۆزىنى رىۋايەت قىلغان: «ئىمان قەلبتە بىر ئاقلىق ئالامىتى بىلەن باشلىنىدۇ، بەندىنىڭ ئىمانى كۈچەيگەنسېرى ئۇنىڭ قەلبى تېخىمۇ ئاقىرىشقا باشلايدۇ، ئىمان تولۇقلانغاندا، ئۇنىڭ قەلبى پۈتۈنلەي ئاقىرىپ كېتىدۇ. مۇناپىقلىقمۇ قەلبتە بىر قارىلىق ئالامىتى بىلەن باشلىنىدۇ، بەندە مۇناپىقلىققا داۋام قىلغانسېرى، ئۇنىڭ قەلبى شۇنچىلىك قارىيىشقا باشلايدۇ، ئۇ تولۇق مەنىدىكى مۇناپىقلاردىن بولغىنىدا، ئۇنىڭ قەلبى پۈتۈنلەي قارىيىپ كېتىدۇ. ئەگەر سىز مۆمىننىڭ قەلبىنى يېرىپ كۆرەلىسىڭىز، ئۇنىڭدا ئاقلىقنى كۆرگەن، كاپىرنىڭ قەلبىنى يېرىپ كۆرەلىسىڭىز، ئۇنىڭدا قارىلىقنى كۆرگەن بولاتتىڭىز».

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئىتائەتچانلىقتا بىر خىل ئەمەسلىكى

سەككىزىنچى پىرىنسىپ: ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتىكى دەرىجىسى ئوخشاش ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ئىمانىنىڭ دەرىجىسى ۋە ئاللاھ تائالاغا بولغان يېقىنلىق مۇساپىسىمۇ بىر خىل بولمايدۇ. شۇڭا ئىسلام ئۆلىمالىرى قەدىمدىن «ئىمان كەم – زىيادە بولىدۇ» دېگەن قائىدىنى بېكىتكەن. «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەر بۇ قائىدىنى قوللايدۇ ۋە كۈچلەندۈرىدۇ. چۈنكى بۇ قائىدە بۇ ئىككى ئاساسلىق مەنبەدىن ئېلىنغان. ئىنسانلارنى خۇددى پەرىشتىلەرگە ئوخشاش بارلىق خاتالىقلاردىن پاكتۇر، دەپ ئويلاش چوڭ خاتالىقتۇر. بۇ ئىنساننىڭ خاراكتېرىنى ۋە مىجەزىنى بىلمىگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقىقەتنى بايان قىلىپ «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن: )ئاندىن بىز كىتابنى بەندىلىرىمىزدىن بىز تاللىغان كىشىلەرگە مىراس قىلىپ بەردۇق. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزىگە ئۇۋال قىلغۇچىدۇر، بەزىسى ئوتتۇراھالدۇر ۋە بەزىسى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىدۇر. مانا بۇ چوڭ پەزلى_كەرەمدۇر(([43]).

يۇقىرىقى ئايەتتە، ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»گە ۋارىس قىلغان ئىسلام ئۈممىتىنى 3 كە ئايرىغان:

1. )ئۆزىگە ئۇۋال قىلغۇچىلار( بۇلار پەرزلەرنى ئادا قىلىشتا بىپەرۋالىق قىلىدىغان ۋە مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى سادىر قىلىدىغانلاردۇر.

2. )ئوتتۇراھاللار( پەرزلەرنى ئادا قىلىدىغان، مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى تەرك ئېتىدىغان، بەزىدە سۈننەت ۋە بمۇستەھەب قاتارلىق ياخشى ئىشلارنى تەرك ئېتىدىغان ۋە ھارامدىن تۆۋەن گۇناھلارنى قىلىدىغانلاردۇر.

3. )ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىلار( بۇلار بۇيرۇلغان پەرز، ۋاجىب، سۈننەت قاتارلىق ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئورۇندايدىغان، ھارام ۋە ھارامدىن تۆۋەن تۇرىدىغان يامان ئىشلارنىڭ ھېچبىرىنى قىلمايدىغان ۋە گۇناھقا چۈشۈپ قېلىشتىن قورقۇپ ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرىدىغان كىشىلەردۇر([44]).

يۇقىرىقى ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەر گۇناھ- مەئسىيەتلەرنى قىلىپ ئۆزىگە ئۇۋال قىلىش، بۇيرۇلغان ئەمەللەرنى ئورۇنداپ مەنئى قىلىنغان ئىشلاردىن يېنىش ئىشىدا بىپەرۋالىق قىلىشتەك كەمچىلىكلىرى بار تۇرۇپ، يەنە ئۇلار ئاللاھ تائالا تاللىغان كىشىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

مۇپەسسىرلەرنىڭ پېشۋاسى ئابدۇللا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما يۇقىرىقى ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن:« ئۇلار ئاللاھ ئۆزى چۈشۈرگەن كىتابلارنىڭ مىراسچىلىرى بولغان ئىسلام  ئۈممىتىدۇر. ئۇلاردىن)ئۆزىگە ئۇۋال قىلغۇچىلار(نىڭ گۇناھلىرىنى ئاللاھ ئۆزى مەغپىرەت قىلىدۇ، )ئوتتۇراھاللار(نىڭ ھېساب بېرىش ئىشلىرىنى ئاللاھ ئاسان قىلىدۇ، ئەمما ) ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىلار( ھېساب – كىتاب قىلىنماستىنلا ئۇدۇل جەننەتكە كىرىپ كېتىدۇ«([45]).

)ئۆزىگە ئۇۋال قىلغۇچى( ئۈچۈن مەغپىرەت قىلىنىدىغان گۇناھ ئادەتتىكى گۇناھلارنىلا  ئەمەس، بەلكى چوڭ گۇناھلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: «ئادەم بالىسىدىن گۇناھ قىلمايدىغىنى يوق. گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلغان ھەر قانداق كىشى ئايەتتىكى )ئوتتۇراھاللار( ياكى)ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىلار(نىڭ قاتارىغا كىرىدۇ».

[1] مۇرجىئەلەر_ ئوسمان ئىبنى ئاففان رەزىيەللاھۇنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە خاۋارىجلارنىڭ زىتىغا چىققان مەزھەپ بولۇپ، ئۇلار «كاپىر  ئىبادەت قىلسا پايدىسى بولمىغاندەك، مۇئمىن گۇناھ قىلىسىمۇ ئۇنىڭ ئىمانىغا زىيان يەتمەيدۇ» دەيدۇ. ئۇلار كۆپلىگەن ئەقىدە مەسىلىلىرىدە  ئەھلى سۈننە بىلەن زىتلىشىدۇ.
[2] ئىمام ئەزەۋمنىڭ «ئەلفىقھۇل ئەكبەر»ناملىق ئەسىرى164-167- بەتلەر.
[3] ئىمام تاھاۋىنىڭ«ئەقىدەتۇتتەھاۋىيە»ناملىق ئەسىرىگە ئىبنى ئەبۇلئىزنىڭ شەرھى31/2.
[4] شەھرىستانىنىڭ« مىللەتلەر ۋە دىنلار» ناملىق ئەسىرى1- توم، 114- بەت.
[5] ئىبنى تەيمىيە-تولۇق ئىسمى ئەھمەد ئىبنى ئابدۇسسالام ھىجرىيىنىڭ 661-يىلى (1263م) ھازىرقى سۈرىيىنىڭ شىمالىدىكى ھەرران دېگەن جايدا دۇنياغا كەلگەن، ھەنبەلىي مەزھىبىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى، ئىسلام دۇنياسىدا تەسىرى ئەڭ زور بولغان، بۈيۈك ئىسلاھاتچى ۋە مۇجتەھىد ئالىم. «شەيخۇلئىسلام» دېگەن ئېسىل ئۇنۋانغا نائىل بولغان. مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان مازارلارغا چوقۇنۇش، ئۆلۈكلەردىن مەدەت سوراش قاتارلىق بىدئەت ئىشلارغا قارشى كۈرەش قىلغان. فىقھى، تەپسىر، ھەدىس، ئەقىدە قاتارلىق ماۋزۇلاردا كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان. شېئىرمۇ يازغان. ئەڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن بىرى«ئىبنى تەيمىيە پەتىۋالىرى» بولۇپ، 27 توملۇق چوڭ ھەجىملىك ئەسەردۇر. ھىجرىيىنىڭ 728-يىلى (1328م) 67 يېشىدا تۈرمىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.
[6] شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ «پەتىۋالار مەجمۇئەسى» ناملىق ئەسىرى،3/282- بەت.
[7] بۇ ھەدىسنى ئەللامە ئەلبانى «سەھىھ»دەپ باھالىغان.
[8] نىسا سۈرىسى150-151-ئايەتلەر.
([9])      ئەنكەبۇت سۈرىسى 68 – ئايەت.
([10])     بەقەرە سۈرىسى 34 – ئايەت.
([11])  كەھف سۈرىسى 36 - 37 – ئايەتلەر.
([12])  ئەھقاف سۈرىسى 3 – ئايەت.
([13])  بەقەرە سۈرىسى 8 – ئايەت.
([14])  ئىبراھىم سۈرىسى 7 – ئايەت.
([15])  بۇخارى رىۋايىتى.
([16])  مۇسلىم رىۋايىتى.
([17])  ئەھمەت رىۋايىتى.
([18])  مائىدە سۈرىسى 44 – ئايەت.
([19])  دۇكتۇر يۈسۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ «ئىسلامدا ئىبادەت» ۋە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەل فەۋزاننىڭ «تەۋھىد كىتابى» ناملىق ئەسەرلىرىدىن ئېلىندى.
 [20] دەھرىيلەر- «ھايات دېگەن پەقەت دۇنيادىكى مۇشۇ ھاياتىمىزدۇر، (بىر تەرەپتىن) ئۆلىمىز، (يەنە بىر تەرەپتىن ھاياتقا كۆز ئېچىپ)  تىرىلىمىز . زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوق بولۇپ تۈگىشىمىز» دەيدىغانلاردۇر. (جاسىيە سۈرىسى، 24- ئايەت).
[21] شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ «پەتىۋالار مەجمۇئەسى»ناملىق ئەسىرى 1- توم، 20-بەت.
[22] نىسا سۈرىسى 10 –ئايەت.
[23] ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[24] ئەھزاب سۈرىسى 36 –ئايەت.
[25] نۇر سۈرىسى 51- ئايەت.
[26] بەقەرە سۈرىسى 178- ئايەت.
[27] ھۇجۇرات سۈرىسى 9- 10- ئايەتلەر.
[28] ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[29] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى
[30]  نىسا سۈرىسى 116- ئايەت.
([31]) شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە پەتىۋالىرى 7- توم 484-بەت.
([32]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
([33])    بۇخارى رىۋايىتى
([34])    مۇسلىم رىۋايىتى
([35])    ئەھمەت رىۋايىتى
([36])    مائىدە سۈرىسى 44 – ئايەت
([37])    ئىبراھىم سۈرىسى 7 – ئايەت
([38])  بەقەرە سۈرىسى 253- ئايەت.
([39])  ئىنسان سۈرىسى3- ئايەت.
([40])  مائىدەسۈرىسى 44- ئايەت.
[41] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([42]) نىسا سۈرىسى 167- ئايەت.
([43]) فاتىر سۈرىسى 32- ئايەت.
([44]) تەپسىرى ئىبنى كەسىر 3- توم 454- 555- بەتلەر.
([45]) ئالدىنقى مەنبەدىن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار