سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى

سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «سەجدە قىلغىن ۋە يېقىنلىق ھاسىل قىلغىن» دەپ بۇيرۇغان. ئەللامە قۇرتۇبى بۇ ئايەتنى «ئاللاھقا سەجدە قىلغان ۋاقتىڭدا ئۇنىڭغا دۇئا بىلەن يېقىنلاشقىن» دەپ تەپسىر قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئىپادىلەپ: «بەندىنىڭ رەببىگە ئەڭ يېقىن بولغان ۋاقتى ئۇنىڭ سەجدە قىلغان ۋاقتىدۇر، سىلەر سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىڭلار» دەپ كۆرسەتكەن. ئىسلام ئۆلىمالىرى سەجدىدە دۇئا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىغا بىرلىككە كەلگەن. ئىنسانلار ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش ئارقىلىق قوش پايدىغا ئېرىشىدۇ. چۈنكى دۇئا قىلغۇچى ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش ئارقىلىق ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنىڭ تىلىگەن ھاجىتى راۋا بولىدۇ. يەنە كېلىپ ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلمانلارنى دۇئا قىلىشقا بۇيرۇپ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن» دېگەن. يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ: «ئەگەر بەندىلىرىم مەن توغرۇلۇق سورىسا، ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مەن ئۇلارغا يېقىنمەن، دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن» دېگەن. شەكسىزكى، دۇئا ئىبادەتتۇر. ئىبادەت بولغاندىمۇ ئەڭ سەمىمىي ۋە ئەڭ ئوبرازلىق ئىبادەتتۇر. چۈنكى ئىنسان ئاللاھ تائالادىن ھاجەتلىرىنى تىلەپ ئۇنىڭغا يالۋۇرغان ۋاقتىدا، ئىبادەتنىڭ غايىسىنى تولۇق ۋايىغا يەتكۈزگەن بولىدۇ. ئىبادەت ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ۋە ئاللاھ تائالاغا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىش دېگەنلىك بولۇپ، بۇ مەنە دۇئادا ئەڭ تولۇق ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئىنسان باشقا ئىبادەتلەرنى كۆڭلى باشقا يەردە تۇرۇپمۇ ئادا قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. ئەمما دۇئانى ئۇنداق قىلمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالاغا بولغان ھاجىتىنى تىلى ۋە دىلى بىلەن ئىزھار قىلىپ ئۇنىڭغا يالۋۇرىدۇ، كۆز يېشى تۆكىدۇ، ھاجەتلىرىنى تەكرار-تەكرار سورايدۇ. دۇئا مۇسۇلمان ئادەمنىڭ قالقىنىدۇر. شۇنىمۇ تەكىتلەش كېرەككى، دۇئا قىلىش سەۋەب قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ. قولدىن كېلىدىغان سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئورۇنداش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەش مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىدۇر.

دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ئورۇنلار بولغىنىدەك، دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتلار باردۇر. دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتلارمۇ ھەر تۈرلۈك بولىدۇ. بەزىسى بەزىسىدىن مۇھىم بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە شەپقەت قىلغانلىقتىن، ئۇلارغا دۇئا قىلىشقا مۇناسىپ ۋاقىتلارنى ۋە ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىن ۋاقىتلارنى بەلگىلەپ بەرگەن. مۇسۇلمان ئادەم بۇ ۋاقىتلارنى غەنىيمەت بىلىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىم. دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى سەجدە ئىكەنلىكىدە شەك يوق. چۈنكى ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالاغا سەجدە قىلىۋاتقان ۋاقتى ئۇنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىن بولغان ۋاقتىدۇر. سەجدە نامازنىڭ جەۋھىرى ۋە ئۇنىڭ مەركىزىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنتۇمىغىنكى، سېنىڭ ئاللاھقا قىلغان ھەربىر سەجدەڭ بىلەن سېنىڭ مەرتىۋەڭ بىر دەرىجە كۆتۈرىلىدۇ»دەپ كۆرسەتكەن. ئېنىقكى، ئىنساننىڭ ياراتقۇچىسىغا سەجدە قىلىپ، ئۆزىنىڭ قۇلچىلىقىنى ئىزھار قىلىۋاتقان ۋاقتى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مەنىلىك، ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋە ئەڭ شەرەپلىك لەھزىلىرىدۇر. چۈنكى ئۇ بۇ  لەھزىلەردە ئالەملەرنىڭ رەببى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولىدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىنتايىن كاتتا بىر ئىبادەت ئىچىدە ۋە ياراتقۇچىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ قەلبى ئېچىلىپ كېتىدۇ، مەنىۋىيىتى يۈكسىلىدۇ، كۆڭلى ھاياجانغا تولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولۇشىغا ئۇل ھازىرلايدۇ. سەجدىدە ئوقۇلىدىغان زىكىرلەر ۋە دۇئالار تولىمۇ كۆپتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنچىلىك كۆپ زىكىر ئېيىتاتتى ۋە كۆپ دۇئا قىلاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ كۆپ قىلغان دۇئاسى: «ئى قەلبلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ! مېنىڭ قەلبىمنى دىنىڭدا مەھكەم قىلغىن» دېگەن دۇئا ئىدى. بۇ دۇئانى سەجدىدە قىلسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇ توغرىدا مەنئى قىلغان بىرەر ھەدىس كەلمىگەن.

شۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىق كېرەككى،  ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش ھەركىمنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش ئەمەس، ياكى ئارتۇقچە بىر ئىبادەت ئەمەس. بەلكى ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىدۇر. قۇرئان كەرىمدىكى «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن» دېگەن ئايەت كەسكىن ئەمردۇر. دۇئانى ھەر ۋاقىت ۋە ھەر جايدا قىلىش لازىم. بولۇپمۇ سەجدىدە كۆپرەك قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سابىق مۇفتىسى ئەللامە ئابدۇللا ئىبنى باز مۇنداق دېگەن: «مۇئمىن ئادەمنىڭ نامازدا دۇئا قىلىشى زۆرۈردۇر. ناماز مەيلى پەرز ناماز بولسۇن ياكى نەپلى ۋە ياكى سۈننەت ناماز بولسۇن، ھەر قانداق بىر نامازدا دۇئا قىلىش كېرەك. نامازدىكى دۇئا قىلىدىغان ۋاقىت سەجدە قىلغان ۋاقىتتۇر. يەنە ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى ۋاقىت بىلەن نامازنىڭ ئاخىرىدىكى تەشەھھۇدتىن كېيىنكى ۋاقىتمۇ دۇئا قىلىش كېرەك بولغان ۋاقىتلاردۇر. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام "رۇكۇدا ئاللاھنى ئۇلۇغلاڭلار، ئەمما سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىشقا تىرىشىڭلار"دەپ كۆرسەتكەن».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەجدىدە: «ئى ئاللاھ! جىمى گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلغان بارلىق گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن» دېگەن دۇئانى ۋە «ئى ئاللاھ! سېنىڭ رازىلىقىڭنى تىلەپ غەزىپىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، سەندىن ئامانلىق تىلەپ ئازابىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، سەندىن ساڭا سىغىنىمەن. سېنى سەن ئۆزۈڭنى مەدھىيەلىگەندەك تولۇق  مەدھىيەلەشتىن ئاجىزمەن» دېگەن دۇئانى كۆپ قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. يەنە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەجدىدە: « ئى ئاللاھ! قەلبىمگە نۇر ئاتا قىلغىن، قۇلىقىمغا نۇر ئاتا قىلغىن، كۆزۈمگە نۇر ئاتا قىلغىن، ئوڭ تەرىپىمگە نۇر ئاتا قىلغىن، سول تەرىپىمگە نۇر ئاتا قىلغىن ۋە ھەر تەرىپىمگە نۇر ئاتا قىلغىن» دېگەن دۇئانى ئوقۇغانلىقى بايان قىلىنغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەجدىدە: «ئى رەببىم! نەپسىمگە تەقۋالىق بەرگىن، ئۇنى پاكلىغىن، سەن نەپسنى پاكلىغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن، سەن ئۇ نەپسنىڭ ئىگىسى ۋە باشقۇرغۇچىسىسەن» دەپ دۇئا قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. بۇ ھەدىسلەر سەجدىدە دۇئا قىلىشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكە يېتەرلىكتۇر.

دۇنيالىق تىلەپ دۇئا قىلىش خاتا ئەمەس

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن مەرھۇم ئىبنى ئۇسەيمىن مۇنداق دېگەن: «بەزى ئۆلىمالار سەجدىدە دۇنيالىق تىلەپ دۇئا قىلسا، نامازغا دەخلى يېتىدۇ، دېگەن سۆزنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ  دىنىمىزدىن ئاساسى يوقتۇر. توغرىسى شۇكى، مۇسۇلمان ئادەم سەجدىدە مەيلى دۇنيالىق ياكى ئاخىرەتلىك پۈتۈن تىلەكلىرىنى تىلىسە بولىدۇ. چۈنكى دۇئا ئىبادەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچكىمنى سەجدىدىكى ياكى باشقا ۋاقىتتىكى دۇئالاردا دۇنيالىقنى تىلەپ دۇئا قىلىشتىن توسمىغان. ئۇنىڭ "بەندىنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بولغان ۋاقتى ئۇنىڭ سەجدە قىلىۋاتقان ۋاقتىدۇر" دېگەن سۆزى ئومۇمىي بولۇپ، ھەر قانداق دۇئانى قىلىشنى كۆرسىتىدۇ».


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار