رىزىق

رىزىق

مۇھەممەد يۈسۈپ

رىزىق _ ئىنسان مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسە دېگەنلىك بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ئىمان، ياخشى ئەمەل، پۇل-مال، تەن ساقلىقى، ياخشى جور، پەرزەنت، ياخشى دوست قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى رىزىقتۇر. ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ ۋە بارلىق جانلىقلارنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ رىزقىنى تەقسىم قىلغان. شۇڭا ھەربىر جانلىق ئاللاھ تائالا ئۆزىگە تەقسىم قىلغان رىزقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

رىزىق دېيىلگەن ھامان كىشىلەرنىڭ ئەقلىگە يېمەك-ئىچمەك ۋە پۇل-مال كېلىدۇ. ھالبۇكى، رىزىق ئىنساننىڭ پۈتۈن ھايات ساھەلىرىدە مەنپەئەتلىنىپ تۇرۇۋاتقان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسى رىزىقتۇر. ئەللامە مۇھەممەد مۇتەۋەللى شەئراۋى مۇنداق دېگەن: «رىزىقنىڭ ئەڭ ئاددىيسى پۇل-مال، ئەڭ كاتتىسى تەن ساقلىقى، ئەڭ ئەۋزىلى ياخشى پەرزەنت، ئەڭ مۇكەممىلى ئىماندۇر».

ھەربىر ئادەمنىڭ رىزقى تەقسىم قىلىنىپ بولغان بولىدۇ. )وفِي السَّمَاءِ رِزْقُكُمْ وَمَا تُوعَدُونْ(  « ئاسماندا سىلەرنىڭ رىزقىڭلار ۋە سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر بار». ئىنسان ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان رىزقىدىن تولۇق بەھرىمەن بولماي تۇرۇپ بۇ دۇنيادىن ئايرىلمايدۇ. بىراۋنىڭ رىزقىنى يەنە بىرسى يەۋالالمايدۇ، ھەركىم ئۆزىنىڭ رىزقىنى يەيدۇ. رىزىقنى ئاللاھ تائالا بېرىدۇ، ئەمما ئىنسان ئاللاھ تائالا بېرىدىغان ئاشۇ رىزىقنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئىشلەشكە مەجبۇر. دېمەك، رىزىقنى ھاسىل قىلىشنىڭ يولى ئىشلەشتۇر.  )هُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ ذَلُولًا فَامْشُوا فِي مَنَاكِبِهَا وَكُلُوا مِن رِّزْقِهِ وَإِلَيْهِ النُّشُورُ( « سىلەر (تىرىكچىلىك قىلىپ) زېمىننىڭ تەرەپ _ تەرەپلىرىدە مېڭىپ، ئاللاھنىڭ (بەرگەن) رىزقىدىن يەڭلار، (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) تىرىلىدىغان جايىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر».

 ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتىگە ئاساسەن، بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى كەڭ ۋە بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى بولسا تار قىلىدۇ. چۈنكى ئىنساننى ياراتقان زات ئۇنىڭغا نېمىنىڭ ياخشى ۋە نېمىنىڭ ياخشى ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.  

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار