رامىزان تۈگەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھوسۇلى داۋاملىشىدۇ

رامىزان تۈگەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھوسۇلى داۋاملىشىدۇ

مۇھەممەد يۈسۈپ

ھەممىگە مەلۇمكى، رامىزان ئېيى بىر ئايلىق مەكتەپتۇر. بىز بۇ مەكتەپتە نەپسىمىزگە ئىگە بولۇشنى، ئاچچىقىمىزنى يېڭىشنى، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىشنى، غەيۋەت قىلىش، يالغان گەپ قىلىش، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش، ساختىپەزلىك قىلىش، كىشىلەرگە ئەزىيەت بېرىش قاتارلىق جەمئىيەتتە ئومۇملاشقان گۇناھ ئىشلاردىن ئۆزىمىزنى ساقلاشنى، ئىبادەتلەرنى ۋاقتىدا مۇكەممەل ئادا قىلىشنى، ئاز يېيىشنى، كۆپ ئىبادەت قىلىشنى، ھەر كۈنى قۇرئان ئوقۇشنى، تەۋبە-ئىستىغفارنى كۆپ ئېيتىشنى، كىشىلەرگە رەھىم –شەپقەت قىلىشنى، ئائىلىمىزدىكىلەرگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىشنى، قوشنىلارغا ۋە تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ئۆگىنىمىز ۋە ئۆزىمىزنى شۇنىڭغا كۆندۈرىمىز.

ئەمدى، رامىزان تۈگىدى دەپ، رامىزاندا ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ۋە ئۆزىمىزنى كۆندۈرگەن ياخشى ئادەتلەرنى تاشلىۋەتسەك، خۇددى بىر قانچە يىل جاپالىق ئوقۇپ ئالغان دىپلومنى تاشلىۋەتكەندەك ياكى كۆيدۈرۈۋەتكەندەك ئىش بولىدۇ. دۇنيادا ھېچكىم ئاران ئالغان دىپلومىنى تاشلىۋەتمەيدۇ ۋە كۆيدۈرۈۋتمەيدۇ.

ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنىڭ بىزگە ئاتا قىلىدىغان دىن ۋە دۇنيالىق پايدا-مەنپەئەتلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بۇ رامىزاننىڭ قەدرىنى بىلىپ، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان ئادەم ئەلۋەتتە ئۆزى تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز كۆپ پايدىغا ئېرىشىدۇ. قىسقىسى، ھەرىكەتسىز بىلەن كۆپ يېيىش ئاللاھ تائالا يامان كۆرىدىغان قىلىق بولۇپ، تەن سالامەتلىكنىڭ ۋە تەقۋالىقنىڭ بىرىنچى دۈشمىنىدۇر. رامىزاندا كۆپ يېيىشتىن ساقلىنىش ۋە كېچىلىرى قىيامدا تۇرۇپ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمان ئادەم ئۆزىدە بىر يېڭىلىنىش ھاسىل قىلىدۇ. مۇشۇ  يېڭىلىنىشنى رامىزاندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرۇش بىز ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىمدۇر. بىر ئالىمنىڭ «رامىزاندا ئورۇقلاشنىڭ ئورنىغا سەمرىپ قالغان ئادەم روزا تۇتمىغانغا ئوخشاشتۇر» دېگەن سۆزىگە بەكمۇ قايىل بولغان ئىدىم. سىز بۇ رامىزاندىن بىر قانچە كىلو ئورۇقلاپ چىققان بولسىڭىز، بۇ سىزنىڭ غەلىبىڭىزدۇر. ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلسڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئەكسىچە بولغان بولسىڭىز ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇ دېگەنلىرىمىز مۇتلەق ھۆكۈم ئەمەس، چۈنكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئورۇقلىماسلىقى كۆپ يېگەنلىكتىن ئەمەس، بەلكى تەن ساقلىققا مۇناسىۋەتلىك باشقا سەۋەبتىن بولۇشىمۇ مۇمكىن.

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار