قۇربانلىق ۋە بىز

قۇربانلىق ۋە بىز

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئەرەب تىلىدىكى «قُرْبَان» (قۇربان) دېگەن سۆز «قُرْب» يەنى (يېقىنلىق) دېگەن سۆز يىلتىزىدىن كەلگەن بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىق ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا ئاتاشنى ئىپادىلەيدۇ. مەيلى قوي بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىش بولسۇن ياكى باشقا تۈرلۈك بولسۇن، ئۆزىنىڭ پۇل-مېلىدىن بىر نەرسىلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا سەرپ قىلىش ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ بارلىق پەيغەبەرلەرنىڭ شەرئىتىدە بۇيرۇلۇپ كەلگەن قەدىمىي ئىبادەت بولۇپ، بۇ ئاللاھ تائالاغا بولغان تەقۋالىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قابىل ۋە ھابىل ئىسىملىك ئىككى ئوغلىقىنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: « وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ ابْنَيْ آَدَمَ بِالْحَقِّ إِذْ قَرَّبَا قُرْبَانًا فَتُقُبِّلَ مِنْ أَحَدِهِمَا وَلَمْ يُتَقَبَّلْ مِنَ الْآَخَرِ قَالَ لَأَقْتُلَنَّكَ قَالَ إِنَّمَا يَتَقَبَّلُ اللَّهُ مِنَ الْمُتَّقِينَ . لَئِنْ بَسَطْتَ إِلَيَّ يَدَكَ لِتَقْتُلَنِي مَا أَنَا بِبَاسِطٍ يَدِيَ إِلَيْكَ لِأَقْتُلَكَ إِنِّي أَخَافُ اللَّهَ رَبَّ الْعَالَمِينَ . إِنِّي أُرِيدُ أَنْ تَبُوءَ بِإِثْمِي وَإِثْمِكَ فَتَكُونَ مِنْ أَصْحَابِ النَّارِ وَذَلِكَ جَزَاءُ الظَّالِمِينَ . فَطَوَّعَتْ لَهُ نَفْسُهُ قَتْلَ أَخِيهِ فَقَتَلَهُ فَأَصْبَحَ مِنَ الْخَاسِرِينَ» يەنى «(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارغا ئادەمنىڭ (ھابىل ۋە قابىل) ئىككى ئوغلىنىڭ قىسسىسىنى ئەينەن بايان قىلىپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئىككىيلەن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرى (يەنى ھابىل)نىڭ قوبۇل بولدى، يەنە بىرى (يەنى قابىل)نىڭ قوبۇل بولمىدى. (قابىل ھابىلغا): «مەن سېنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن» دېۋىدى، (ھابىل) ئېيتتى: «ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭكىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەگەر سەن مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قولۇڭنى سوزۇدىغان بولساڭ، مەن سېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قولۇمنى سوزغۇچى ئەمەسمەن. چۈنكى مەن ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھتىن قورقىمەن. مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ مېنىڭ گۇناھىمنى ۋە ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىنى ئۈستۈڭگە ئېلىپ دوزاخ ئەھلىدىن بولۇشۇڭنى تىلەيمەن، زالىملارنىڭ جازاسى شۇدۇر». نىھايەت ئۇ (قابىل)نىڭ نەپسى خاھىشى ئۇنى قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈشكە قۇتراتتى _ دە، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى» .

 ئەللامە ئىبنى جەرىر تەبەرى بۇ قىسسىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «قابىل دېھقان ئىدى، ھابىل بولسا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئۇلار ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئاتىغىنىنى تەقدىم قىلىشقا بۇيرۇلغان بولۇپ، ھابىل ئەڭ ياخشى ۋە سېمىز بىر قوچقارنى چىن كۆڭلىدىن ئاتاپ تەقدىم قىلدى. ئۇنىڭ نىيىتى دۇرۇس بولغانلىقتىن ۋە ئۆزىنىڭ تەقۋالىقىدىن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئاتىغىنىنى قوبۇل قىلدى. قابىل بولسا ئاشلىقنىڭ ئەڭ ناچارلىرىنى ئاتاپ تەقدىم قىلىۋى، ئۇنىڭ نىيىتى دۇرۇس بولمىغانلىقتىن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئاتىغىنىنى قوبۇل قىلمىدى. ئۇ زامانلاردا ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئاتالغان نەرسە مەيدانغا توپلاپ قويۇلاتتى. ئۇ نەرسە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن قوبۇل بولغان بولسا، ئاسماندىن بىر ئوت كېلىپ ئۇنى كۆيدۈرۈۋېتەتتى، قوبۇل بولمىغان بولسا، شۇ پېتى تۇراتتى. كېيىنكى ۋەقەلىك ئاللاھ تائالا ‹قۇرئان كەرىم› دە بايان قىلغاندەك بولدى» .

ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالادىن بىر سىناق بولغاندەك، قۇربانلىق قىلىشمۇ سىناقتۇر. ئاللاھ تائالا ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: « فَبَشَّرْنَاهُ بِغُلَامٍ حَلِيمٍ. فَلَمَّا بَلَغَ مَعَهُ السَّعْيَ قَالَ يَا بُنَيَّ إِنِّي أَرَى فِي الْمَنَامِ أَنِّي أَذْبَحُكَ فَانْظُرْ مَاذَا تَرَى قَالَ يَا أَبَتِ افْعَلْ مَا تُؤْمَرُ سَتَجِدُنِي إِنْ شَاءَ اللَّهُ مِنَ الصَّابِرِينَ. فَلَمَّا أَسْلَمَا وَتَلَّهُ لِلْجَبِينِ. وَنَادَيْنَاهُ أَنْ يَا إِبْرَاهِيمُ . قَدْ صَدَّقْتَ الرُّؤْيَا إِنَّا كَذَلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ. إِنَّ هَذَا لَهُوَ الْبَلَاءُ الْمُبِينُ» يەنى «شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭغا ناھايىتى مۇلايىم بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق. ئۇ (ئوغۇل) ئىبراھىمنىڭ ئىش ـ كۈشلىرىگە يارىغۇدەك بولغان چاغدا، ئىبراھىم: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ چۈشەپتىمەن، ئويلاپ باققىنا! قانداق قارايسەن؟» دېدى. ئۇ ئېيتتى: «ئى ئاتا! سەن نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ شۇنى ئىجرا قىلغىن، ئاللاھ خالىسا مېنىڭ سەۋر قىلغۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىسەن». ئىككىسى (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنۇپ، (ئىبراھىم ئۇنى بوغۇزلاش ئۈچۈن) يېنىچە ياتقۇزغان ۋاقىتتا، بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! سەن راستتىنلا ئۇ چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ. بىز ھەقىقەتەن (ئىشنى) مۇكەممەل قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. شەكسىزكى، بۇ ناھايىتى ئوچۇق بىر سىناقتۇر» دەپ نىدا قىلدۇق» . 

قۇربانلىق سىمۋول، تەقۋالىق مەقسەتتۇر

ھاجىلارنىڭ ھەج جەريانىدا قۇربانلىق قىلىش، ھەجدە بولمىغانلارنىڭ قۇربان ھېيتى مۇناسىۋىتى بىلەن قۇربانلىق قىلىش ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىخلاسنىڭ، مۇھەببەتنىڭ، ئىتائەتچانلىقنىڭ ۋە تەقۋالىقنىڭ ئەمەلدىكى كۆرسىتىلىشىدۇر. « لَنْ يَنَالَ اللَّهَ لُحُومُهَا وَلَا دِمَاؤُهَا وَلَكِنْ يَنَالُهُ التَّقْوَى مِنْكُمْ » يەنى « ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، ئاللاھقا يېتىپ بارىدىغىنى پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلاردۇر» . بۇ ئايەت شۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇكى، بەزى كىشىلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن بولۇشنى كۆزلىمەي، پەقەت ئابرۇي تېپىش ياكى سەندىن مەن قالارمەنمۇ دېگەندەك مەنمەنچىلىك قىلىش ئۈچۈن مال بوغۇزلاپ كۆز-كۆز قىلىشى تەقۋالىقنىڭ ئىپادىسى بولمىغاندەك، تۇرمۇش خىراجىتىدىن  بىرەر مال سېتىۋېلىپ قۇربانلىق قىلغۇدەك پۇل ئاشۇرالمىغان مۇئمىن بەندىنىڭ قۇربانلىق قىلمىغانلىقى ئۇنىڭ تەقۋا ئەمەسلىكىنى ئىپادىلىمەيدۇ. مۇھىم بولغىنى ئىخلاستۇر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار