قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭ ھۆكمى

قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭ ھۆكمى

مۇھەممەد يۈسۈپ

قۇربانلىق—قۇربان ھېيت كۈنىدە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش يولىدا بوغۇزلىنىدىغان قوي، ئۆچكە، كالا، تۆگە قاتارلىق چارۋىلارنى كۆرسىتىدۇ. قۇربانلىق قىلىش دىنىمىزدا بۇيرۇلغان ئىبادەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: فَصَلِّ لِرَبِّكَ وَانْحَرْ «رەببىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن»  دەپ بۇيرۇغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇپ: «ئى ئىنسانلار! ھەربىر ئائىلە يىلدا بىر مال (قوي ياكى ئۆچكە) قۇربانلىق قىلىدۇ»   دەپ كۆرسەتكەن. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۈڭگۈزلۈك ئاق ئىككى قوچقارنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلغان» . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر يىلى قۇربانلىق قىلغانلىقى ھەققىدە ھەدىسلەر كەلگەن. ئەللامە ئىبنى باز پەتىۋاسىدا مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر يىلى ئىككى قوچقار قۇربانلىق قىلاتتى، بىرىنى ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى ئۈممىتى ئۈچۈن قىلاتتى» . قۇربانلىقنىڭ ئەڭ ئېزى بىر قوي ياكى بىر ئۆچكە، كۆپىنىڭ چېكى يوق. قانچىلىك كۆپ مال قۇربانلىق قىلسا شۇنچىلىك ساۋاب بولىدۇ.

 

 

قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھۆكمى

شافىئىي، مالىكىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەپلىرىدە قۇربانلىق قىلىش تەكىتلىك سۈننەتتۇر. بۇ مەزھەپلەرگە ئاساسەن، مال سېتىپ ئالغىلى پۇلى بار تۇرۇقلۇق، قۇربانلىق قىلمىغان ئەيىبلىنىدۇ. ئەمما ھەنەفىي مەزھىپىدە قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھۆكمى ۋاجپتۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن، مال سېتىپ ئالغىلى يېتەرلىك پۇلى بار تۇرۇقلۇق قۇربانلىق قىلمىغان ئادەم گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ۋاجىپ بولغان بىر ئەمەلنى ئۆزرىسىز تەرك ئەتكەن بولىدۇ.

 ۋاجىپ — قۇرئان كەرىم دەلىللىرى بىلەن ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، شۇ مەسىلىگە نىسبەتەن دالالىتى كەسكىن بولمىغان ئايەتلەر ۋە غەيرى مۇتەۋاتىر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەنلىكى بىر ياكى ئىككى ساھابە تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغانلىقى سەۋەبلىك، كەسكىن دەلىل ـ ئىسپاتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالمىغان) ھەدىسلەر بىلەن بېكىتىلگەن ئەمەللەر دېگەنلىك بولۇپ پەرزدىن بىر دەرىجە تۆۋەن تۇرىدۇ.

سۈننەت — پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى، ئىش ـ پائالىيەتلىرى، ئەمەل _ ئىبادەتلىرى ۋە باشقىلاردىن سادىر بولغان ئىشلاردىن شەرىئەتكە ئويغۇن كېلىدىغانلىرىنى مۇۋاپىق كۆرگەنلىرى دېمەكتۇر. سۈننەتنىڭ يەنە بىر مەنىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرز، ۋاجىب ئەمەللەرنىڭ سىرتىدا قىلغان ۋە بىزنىمۇ قىلىشقا تەۋسىيە قىلغان ئىبادەتلەردۇر.

سۈننەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: ئۇلارنىڭ بىرى، تەكىتلىك سۈننەت، يەنە بىرى، تەكىتسىز سۈننەتتۇر.

تەكىتلىك سۈننەت _ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەمىشە ئورۇنداشقا ئادەتلەنگەن ۋە ئۆزۈرسىز قەتئىي تەرك ئەتمىگەن ئەمەللەر دېمەكتۇر. مەسىلەن: بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرىنى ئوقۇش، تاھارەتتە مىسۋاك قوللىنىشقا ئوخشاش ئەمەللەر.

تەكىتلىك سۈننەت بولغان ئەمەللەرنى ئورۇنلىغان كىشى ساۋابقا ئېرىشىدۇ. تەرك ئەتكەن كىشى گۇناھكار بولمايدۇ. بىراق ئاللاھنىڭ كايىشىغا كايىشىغا ئۇچراش خەۋپى بار.

تەكىتسىز سۈننەت _ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورۇنداشقا ئادەتلەنمىگەن بولۇپ، گاھىدا ئورۇنلىغان، گاھىدا ئۆزۈرسىز تەرك ئەتكەن ئەمەللەر دېمەكتۇر. مەسىلەن: ئەسىر نامىزىنىڭ پەرزىدىن بۇرۇنقى تۆت رەكئەت سۈننەتنى ئوقۇشقا ئوخشاش ئەمەللەر. تەكىتسىز سۈننەت «مۇستەھەب» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

تەكىتسىز سۈننەت بولغان ئەمەللەرنى ئورۇنلىغان كىشى ساۋابقا ئېرىشىدۇ، تەرك ئەتكەن كىشى گۇناھكار بولمايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ كايىشىغىمۇ ئۇچرىمايدۇ.

قۇربانلىقنىڭ تۈرلىرى

   دىنىىمىزدا ئالتە تۈرلۈك قۇربانلىق بار، ئۇلار مۇنۇلار:

1. ھاجىلارنىڭ ھەج پائالىيىتى ئىچىدە قىلىدىغان قۇربانلىقى بولۇپ، «ھەدىيە» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل قۇربانلىق ھاجىلاردىن ھەج تەمەتتۇ ياكى ھەج قىران قىلغانلارغا ۋاجىپ بولىدۇ.

2.  ھەج ياكى ئۆمرە قىلغانلارنىڭ ئىھرام ئىچىدە ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى سەۋەبلىك بەلگىلىنىدىغان قۇربانلىق بولۇپ، ئۇ «دەم» دەپ ئاتىلىدۇ.

3. قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە قولىدا بار كىشىلەر قىلىدىغان قۇربانلىق بولۇپ، ئۇ «ئۇدھىيە» دەپ ئاتىلىدۇ.

4.  ئاللاھ يولىدا ئاتىۋەتكەن قۇربانلىق بولۇپ، ئۇنى ئورۇنداش ۋاجىپتۇر.

5.  يېڭى تۇغۇلغان بالا ئۈچۈن كېسىلىدىغان قۇربانلىق بولۇپ، «ئەقىقە» دەپ ئاتىلىدۇ. ئوغۇل بوۋاق ئۈچۈن ئىككى قوي، قىز بوۋاق ئۈچۈن بىر قوي بوغۇزلاپ پېقىرلارغا تارقىتىپ بېرىش ياكى ئۇلارغا زىياپەت بېرىش سۈننەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان .

6.  ساۋاب تېپىش نىيىتى بىلەن كېسىلىدىغان ئىختىيارىي قۇربانلىق بولۇپ، «نەپلە» دەپ ئاتىلىدۇ.

قۇربانلىقنى كىملەر قىلىدۇ؟

قۇربانلىقنى ھاجىتىدىن ئېشىپ تۇرىدىغان ئىقتىسادى بار كىشىلەر قىلىدۇ، يەنى بۇ قۇربانلىق ئۆزىنىڭ ۋە ئۆز كاپالىتى ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ چىقىملىرىدىن ئېشىپ تۇرىدىغان ئىقتىسادى بار كىشىلەرگە بۇيرۇلغان بولۇپ، ھاجىتىدىن ئېشىپ تۇرىدىغان پۇل-مېلى بولمىغان كىشىلەرگە قۇربانلىق  قىلىش ۋاجىپ ياكى سۈننەت ئەمەس.

قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللار ۋە ئۇلارنىڭ سۈپىتى

 قۇربانلىق قىلىدىغان ماللار: قوي، ئۆچكە، كالا ۋە تۆگە. قۇربانلىق ماللارنىڭ ياش ۋە سۈپەت ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە:

 1. قۇربانلىق قىلىدىغان ماللارنىڭ ھەر قانداق بىر كېسەللىكتىن ۋە يۇقۇملىنىشتىن ساق- سالامەت بولۇشى.

 2. قۇربانلىق قىلىدىغان ماللارنىڭ كورلۇق، توكۇرلۇق ۋە قاتتىق ئورۇقلۇق قاتارلىق ھەر قانداق بىر ئەيىب-نۇقساندىن ساق-سالامەت بولۇشى.

3.  قۇربانلىق قىلىدىغان ماللاردىن قوينىڭ ئالتە ئايلىقتىن چوڭ، ئۆچكىنىڭ بىر ياشتىن ئاشقان، كالىنىڭ ئىككى ياشنى تۈگەتكەن ۋە تۆگىنىڭ بەش ياشتىن ئاشقان بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ.

 بىر قوي ياكى بىر ئۆچكە بىر ئادەم ئۈچۈن كۇپايە قىلىدۇ. بىر كالا ياكى بىر تۆگە يەتتە ئادەم ئۈچۈن كۇپايە قىلىدۇ. (يەنى يەتتە كىشى بىرلىشىپ بىر تۆگە ياكى بىر كالا قۇربانلىق قىلسا، ئۇلار قۇربانلىق قىلغان ھېسابلىنىدۇ).

    قۇربانلىق قىلىشقا يارىمايدىغان ماللار تۆۋەندىكىلەر:

 1. كېسەل ياكى يوقۇملانغان ھايۋان.

 2. بىر ياكى ئىككىلى كۆزى كور ھايۋان.

 3. قۇلاق ياكى قۇيرۇقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى كېسىۋېتىلگەن ھايۋان.

 4.  ئۆرە تۇرالمايدىغان ھالەتتىكى توكۇر ھايۋان.

 5.  قۇلاقسىز ياكى قۇيرۇقسىز تۇغۇلغان ھايۋان.

 6.  چىشلىرىنىڭ كۆپرەكى چۈشۈپ كەتكەن ھايۋان.

 7. قاتتىق ئۇرۇق ھايۋان.

 8. مۈڭگۈزلىرىدىن بىرى ياكى ئىككىلىسى تۆۋىدىن كېسىلگەن ھايۋان.

 قۇربانلىقنىڭ گۆشىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر

 قۇربانلىق گۆشنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى

 1. ھەج ياكى ئۆمرىگە ئىھرام باغلىغان كىشىنىڭ ئىھرامدا ئۆتكۈزگەن خاتالىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن قۇربانلىق (دەم)نىڭ گۆشىدىن ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر يېمەستىن، ھەممىسىنى مەككىنىڭ پېقىرلىرىغا تارقىتىپ بېرىش.

 2. ئاللاھ يولىدا قۇربانلىق قىلىشنى ئاتىۋەتكەنلىك سەۋەبتىن قىلىنغان قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېيىش مەسىلىسىدە ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، بەزىسى يېيىشكە بولىدۇ دېسە، بەزىسى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ پېقىرلارنىڭلا ھەققى دېگەن. يېيىشنى توسقۇچىلارنىڭ رەيى پېقىرلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق ۋە ئېھتىياتلىق ھۆكۈم. ئەمما يېسە بولىدۇ دېگۈچىلەرنىڭ رەيىدە كەڭچىلىك كۆزدە تۇتۇلغان. شۇڭا قۇربانلىق قىلغۇچى ئەگەر پېقىر بولسا قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن يېسە بولىدۇ.

3. قۇربان ھېيتتىكى قۇربانلىق (ئۇدھىيە)، ھاجىلارنىڭ ھەج پائالىيىتى جەريانىدا قىلىدىغان قۇربانلىقى (ھەدىيە)، ئەقىقە ۋە ئىختىياري قۇربانلىقلارنىڭ گۆشىنى ئۈچكە بۆلۈپ، بىر بۆلىكىنى پېقىرلارغا سەدىقە ئورنىدا تارقىتىپ بېرىش، يەنە بىر بۆلىكىنى توغقانلار، قوشنىلار ۋە دوستلارغا – گەرچە ئۇلار باي بولسىمۇ – تارقىتىپ بېرىش، ئۈچىنچى بۆلىكىنى ئائىلىسىدە يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئەگەر قۇربانلىق قىلغان ئادەم كەمبەغەل بولۇپ، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى باي بولسا، قۇربانلىق قىلغان مېلىنىڭ گۆشىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئائىلىسىدە يېسىمۇ بولىدۇ.

قۇربانلىق ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئىبادەتتۇر

1. قۇربانلىق قىلىش داۋاملىشىدىغان ئىبادەتتۇر.

قۇربانلىق قىلىشنى مەيلى تەكىتلىك سۈننەت دەيلى ياكى ۋاجىپ دەيلى، ئۇ ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلىپ كۆرسەتكەن ئىبادەتتۇر. ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ئىبادەتلەرنى ئۆزرىسىز تەرك ئېتىشكە بولمايدۇ. دىنىمىزدا بۇيرۇلغان ئەمەل مەيلى سۈننەت ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن سانىلىدىغان ئەمەل بولسۇن، ئۇنى ئورۇنداشقا قۇدرىتى يېتىدىغان تۇرۇپ تەرك ئېتىش قەتئىي توغرا ئەمەس. قۇربانلىق قىلىشقا چامى يېتىدىغان تۇرۇپ ئۇنى تەرك ئېتىش بولسا ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئۆزرىسىز تەرك ئەتكەنلىك بولىدۇ.

2. قۇربانلىق قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر.

قۇربانلىق قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىن سانىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَمَن يُعَظِّمْ شَعَائِرَ اللَّـهِ فَإِنَّهَا مِن تَقْوَى الْقُلُوبِ «ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئۇلۇغلاش قەلبنىڭ تەقۋالىقىدىندۇر» . سەۋەب نېمىلا بولسۇن، دىنىمىزدا بۇيرۇلغان ۋە كەڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئومۇملىشىپ كەلگەن ئىبادەتلەرنى ئۆزرىسىز تەرك ئېتىش جائىز بولمىغاندەك، قۇربانلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى قىلىپ كۆرسەتكەن بىر ئىبادەتنى ئورنىغا باشقا ئىبادەتلەرنى قىلىمىز دەپ تەرك ئېتىشكە قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى ھەربىر ئىبادەت ئۆز ئورنىدا مۇھىم ۋە ئۆز ۋاقتىدا ئەھمىيەتلىكتۇر.

3. قۇربانلىق ئۇنىڭ ئورنىغا باشقىسىنى قىلىش بىلەن ئادا تاپمايدۇ

قۇربانلىق قىلىدىغان پۇلنى جىھادقا ياكى يوقسۇللارنى يۆلەشكە ۋە ياكى تۈرمىدىكىلەرنى ۋە ئەسىرلەرنى قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىمىز دەپ، قان ئېقىتىپ قۇربانلىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىبادەتنى تەرك ئېتىشكە قەتئىي بولمايدۇ. قۇربانلىق قىلىپ قان ئېقىتىش ئۆز ئالدىغا مۇھىم ئىبادەت بولۇپ، ئۇنىڭ پۇلىنى ياخشى يوللارغا ئىشلىتىش بىلەن بۇ ئىبادەت ئادا تاپمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىھاد قىلغان، يوقسۇللارغا ياردەم قىلغان، ئىنسانلارنى قۇتقۇزغان ۋە قۇربانلىقنىمۇ تەرك ئەتمەي قىلغان. مۇجاھىدلارنى جابدۇيمىز ياكى يوقسۇللارنى قۇتقۇزىمىز دەپ قۇربانلىقنى تەرك ئەتمىگەن. چۈنكى مۇجاھىدلارنى جابدۇش ئايرىم ئىبادەت، يوقسۇللارنى قۇتقۇزۇش ئايرىم ئىبادەت، قۇربانلىق قىلىشمۇ ئايرىم ئىبادەتتۇر. بۇ ئىبادەتلەرنىڭ بىرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن يەنە بىرىنى تەرك ئېتىش توغرا ئەمەس. ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىكى يوقسۇل كىشىلەرگە قۇربانلىق قىلماسلىققا رۇخسەت قىلىنغانلىقى ئۇلارغا دىنىمىز بەرگەن رۇخسەتتۇر. شۇڭا ئۇلار قۇربانلىق قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك گۇناھكار بولمايدۇ. ئەمما دىنىمىز بىزگە قۇربانلىق قىلىدىغان پۇلنى ياخشى يوللارغا ئىشلىتىش ھەققىدە رۇخسەت بەرمىگەن، ئۆلىمالىرىمىزمۇ بۇ ھەقتە پەتىۋا بەرمىگەن. شۇڭا بىز قۇربانلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئىبادەتنى باشقا ئىبادەتلەر ئۈچۈن، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ساۋابلىقراق بىر ياخشى ئىش ئۈچۈن تەرك ئەتسەك بولمايدۇ.  قۇربانلىقتىن ياردەم قىلماقچى بولساق، قۇربانلىقنى قىلىپ، ئۇنىڭ گۆشىنى يوقسۇللارغا تارقىتىپ ياردەم قىلساق بولىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىمۇ ھەر يىللىق قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى پېقىر دۆلەتلەرگە ئاپىرىپ تارقىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدا ھەم قۇربانلىق قىلىنغان ھەم يوقسۇللارغا ياردەم قىلىنغان بولىدۇ. شۇڭا دەيمىزكى، سەۋەب نېمە بولسا بولسۇن، قۇدرىتى يېتىدىغان تۇرۇقلۇق قۇربانلىق قىلماسلىق ياكى قۇربانلىق قىلماسلىققا دەۋەت قىلىش قەتئىي توغرا ئەمەس.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار