زاكات كىملەرگە بېرىلىدۇ؟(نەشر قىلىنىش ئالدىدىكى«تەپسىر جەۋھەرلىرى»دىن)مۇھەممەت يۈسۈپ

زاكات كىملەرگە بېرىلىدۇ؟

(نەشر قىلىنىش ئالدىدىكى«تەپسىر جەۋھەرلىرى»دىن)

مۇھەممەت يۈسۈپ

إِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَاءِ وَالْمَسَاكِينِ وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِي الرِّقَابِ وَالْغَارِمِينَ وَفِي سَبِيلِ اللَّهِ وَاِبْنِ السَّبِيلِ فَرِيضَةً مِنَ اللَّهِ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ

تەرجىمىسى

60 _ زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى (ئىسلامغا) مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، (قايتۇرالمايدىغان) قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، يول خىراجىتىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىرلارغا بېرىلىدۇ. (بۇ) ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

بۇ ئايەتنىڭ ئالدىنقى ئايەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

مال _ دۇنيانى ياخشى كۆرۈش ئىنسان تەبىئىتىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. ھەرقانداق ئادەم مال-دۇنياغا قىزىقىدۇ، كۆپرەك مال-دۇنياسى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئىمانى ئاجىز كىشىلەر ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان نېمەتلەرگە قانائەت قىلمايدۇ ۋە رازى بولمايدۇ. ئۆز ۋاقتىدا مۇناپىقلار بىلەن بەزى ئىمانى ئاجىز كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەقسىماتىغا رازى بولمىغان ئىدى. ﴿(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شۇنداق بىرلىرى باركى، ئۇلار سەدىقىلەرنىڭ (تەقسىمات) ئىشلىرىدا سېنى ئەيىبلەيدۇ. ئۇلارغا ئۇنىڭدىن بېرىلسە رازى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن بېرىلمىسە دەرھال نارازى بولىدۇ﴾( ). مال _ دۇنيا سۆيگۈسى ئىنسان قەلبىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان، ئىنساننى يولدىن چىقىرالايدىغان بىر نەرسە بولغانلىقتىن، زاكاتنى تەقسىم قىلىش ئىشلىرىدا بەزى كىشىلەرنىڭ توغرا يولدىن قېيىپ كېتىشى، ئادالەتتىن چەتنەپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا زاكات ئالىدىغانلارنى ئۆزى بىۋاسىتە بەلگىلەپ بەرگەن. بۇ ئايەتنىڭ يۇقىرىقى ئايەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يېرى بەزى ئىنسانلارنىڭ تەمەگەرلىكگە رەددىيە بېرىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەقسىماتىنىڭ توغرىلىقىنى بايان قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ بۇ تەقسىماتقا نارازىلىق بىلدۈرۈشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتۇر.

تەپسىرى

زاكات يۇقىرىقى ئايەتتە بايان قىلىنغاندەك، پېقىرلار، مىسكىنلەر، زاكات خادىملىرى، دىللىرىنى (ئىسلامغا) مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلار، قۇللارنى ئازاد قىلىش، قايتۇرۇشقا قادىر بولالمايدىغان قەرزدارلار، ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قىلىنىدىغان دىنىي خىزمەتلەر، يول خىراجىتىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىرلار قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك كىشىلەرگە (ۋە ئورۇنلارغا) بېرىلىدۇ. زاكات ئۇلاردىن باشقىسىغا قەتئىي بېرىلمەيدۇ. چۈنكى بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىمىسىدۇر. ئاللاھ تائالا زاكاتنى قول ئىلكىدە بار كىشىلەردىن ئېلىپ مەزكۇر سەككىز تۈرگە بېرىشنى پەرز قىلغان. چۈنكى ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتىنى، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى ۋە ئۇلارنىڭ جىمى ئەھۋالىنى ئوبدان بىلگۈچى ۋە ھەربىر ئىشنى ھېكمەت بىلەن قىلغۇچى زاتتۇر.

يۇقىرىقى ئايەتتە بايان قىلىنغان سەككىز تۈرلۈك شەخس تۆۋەندىكىچە:

1. پېقىرلار

 پېقىر — پۇل _ مالدا زاكات بېرىش سەۋىيىسىگە يەتمىگەن ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغان ھاجەتمەن دېگەنلىكتۇر. پېقىرلار بايلارنىڭ ئەكسى بولۇپ «قۇرئان كەرىم»دە باي ۋە يوقسۇلدىن ئىبارەت بۇ ئىككى تەبىقە كۆپىنچە بىرگە بايان قىلىنغان. مەسىلەن: ﴿ كىمكى باي بولسا (يېتىمنى باققانلىق باھانىسى بىلەن) ئۇنىڭ مال _ مۈلۈكىنى يېيىشتىن ئۆزىنى ساقلىسۇن، كىمكى يوقسۇل بولسا، ئۇ (ئۆز ئەمگىكىنىڭ ھەققى ئۈچۈن) مۇۋاپىق رەۋىشتە يېسۇن﴾( ) . يۇقىرىقى ئايەتتىكى «پېقىرلار» دېگەن سۆز بارلىق يوقسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2. مىسكىنلەر

مىسكىن — ھېچقانداق مال _ مۈلۈكى بولمىغان، ھەتتا يېتىپ قوپىدىغان ئۆي _ جايىمۇ بولمىغان ھاجەتمەن دېگەنلىكتۇر. مىسكىننىڭ ئەھۋالى پېقىرنىڭكىدىن ناچار بولىدۇ. بەلەد سۈرىسىدە مۇنداق ھاجەتمەن كىشىلەر ﴿توپىدا ياتقان مىسكىن﴾( )  دەپ تەرىپلەنگەن.

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىسكىننى مۇنداق دەپ تەرىپلىگەن: «لَيْسَ المِسْكِينُ الَّذِي يَطُوفُ عَلَى النَّاسِ تَرُدُّهُ اللُّقْمَةُ وَاللُّقْمَتَانِ، وَالتَّمْرَةُ وَالتَّمْرَتَانِ، وَلَكِنِ المِسْكِينُ الَّذِي لاَ يَجِدُ غِنًى يُغْنِيهِ، وَلاَ يُفْطَنُ بِهِ، فَيُتَصَدَّقُ عَلَيْهِ وَلاَ يَقُومُ فَيَسْأَلُ النَّاسَ» يەنى «مىسكىن _ بىر ئىككى لوقما نان، بىر ئىككى تال خورما تىلەپ كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى ئايلىنىپ يۈرىدىغانلار ئەمەس، بەلكى ھاجىتىنى راۋا قىلغۇدەك بىر نەرسىسى بولمىغان، ھاجەتمەنلىكىنى كىشىلەر ھېس قىلمىغان ۋە كىشىلەردىن بىر نەرسە تىلىمىگەن كىشىدۇر»( ) .

ئەللامە قۇرتۇبى مۇنداق دېگەن: «ئۆلىملار ۋە تىلشۇناسلار پېقىر بىلەن مىسكىننىڭ پەرقى ھەققىدە ئىختىلاپلىشىپ توققۇز خىل قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بەزىسى، پېقىر — ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغۇدەك ئازراق نەرسىسى بار كىشىدۇر، مىسكىن — ھېچ نەرسىسى يوق كىشىدۇر، دەپ تەرىپلىگەن. يەنە بەزىسى، پېقىر بىلەن مىسكىن ئىككىسى بىر مەنىدە بولۇپ، ھېچقانداق پەرقى يوقتۇر، دېگەن. يەنە بەزىسى، پېقىر مىسكىندىنمۇ بەك يوقسۇل كىشىدۇر، دېگەن» .

3. زاكات خادىملىرى

زاكات خادىملىرى — زاكات ئىشلىرىغا ۋەزىپىلەنگەن ئادەملەر بولۇپ، زاكات يىغقۇچىلار، پۈتۈكچىلەر، ساقلىغۇچىلار، تارقاتقۇچىلار ۋە بۇ ئىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلغۇچىلاردىن ئىبارەتتۇر.

ئۇلار گەرچە پېقىر كىشىلەر بولمىسىمۇ، زاكاتتىن نېسىۋە ئېلىشقا تېگىشلىكتۇر. چۈنكى زاكات خادىملىرى ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ، ئەمگىكىنى سىڭدۈرۈپ، بۇ ئىشقا ۋەزىپىلەنگەن ئىكەن، ئۇلار مائاش ياكى ئىش ھەققى ئالغان ھېساپتا، ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجلىرىغا يەتكۈدەك مىقداردا زاكاتتىن نېسىۋە ئېلىشقا ھەقلىقتۇر.

شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، زاكات خادىملىرىنىڭ دىيانەتلىك ۋە ئىشەنچىلىك مۇسۇلمانلاردىن بولۇشى شەرتتۇر. مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەرنى زاكات يىغىشقا ۋەزىپىلەندۈرۈشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ ئىشقا سالاھىيەتلىك ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەرگە زاكات بېرىشكە بولمايدۇ.

4. كۆڭۈللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلار

كۆڭۈللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلار — پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا دىللىرىنى يۇمشىتىش، شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان بولۇشىنى ياكى مۇسۇلمان بولغان بولسىمۇ دىنغا مۇستەھكەم بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن زاكات ماللىرىدىن بىر ئۈلۈش بېرىلگەن شەخسلەردۇر. سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا زاكات مېلىدىن بېرەتتى. ئۇ مېنىڭ ئەڭ يامان كۆرىدىغان كىشىم بولسىمۇ، ھەمىشە ئۇ ماڭا بېرىپ تۇرغانلىقتىن، ئاخىر ئۇ ماڭا كىشىلەرنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈكى بولۇپ قالغان ئىدى»( ).

 كۆڭۈللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلار تۆۋەندىكى ئۈچ خىل شەخسلەردۇر:

 1 _ مۇسۇلمان بولۇشىنى، ئاندىن ئۆز قەۋمىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىمۇ مۇسۇلمان قىلىشىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زاكات ماللىرى بىلەن تەمىنلىگەن كىشىلەر.

2 _ مۇسۇلمان بولغان بولسىمۇ ئىمانى كۈچلەنمىگەنلەرنىڭ دىللىرىنى دىنغا مۇستەھكەم قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلىقتىن زاكات بېرىلگەن كىشىلەر.

3 _ مۇسۇلمان بولمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن زاكات بېرىلگەن كىشىلەردۇر( ) .

كۆڭۈللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان يۇقىرىقى ئۈچ خىل شەخسكە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئۇنىڭدىن كېيىن بىرىنچى خەلىپە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەلۇم مىقداردا تەمىنات بېرىپ تۇرغان ئىدى. كېيىنچە ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ زامانىدا ئۇنىڭ پىكىرى ۋە بارلىق ساھابىلەرنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن ئۇلارنىڭ زاكات مېلىدىن ئالىدىغان تەمىناتى توختىتىلغان.

شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن تارتىپ زاكات مېلىدىن تەمىنلىنىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ تەمىناتىنى توختاتقانلىقى ئۇنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارنىڭ زاكاتتىن ئالىدىغان ئۈلۈشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىلغىنى ئاشۇ ئادەملەرگە خاس ھۆكۈمدۇر. كۆڭۈللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارنىڭ ئۈلۈشى تا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدۇ. ھازىر كۆرۈۋاتىمىزكى، خىرىستىيان مىسيۇنېرلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ، يوقسۇل ئىنسانلارغا ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش ئارقىلىق دىن تەشۋىقاتى ئېلىپ بارماقتا ۋە بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى خىرىستىيان قىلىماقتا.

كاشكى، بىز مۇسۇلمانلار زاكاتنى تولۇق ئادا قىلىدىغان بولساق، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى يوقسۇل ئىنسانلارغا زاكات بولامدۇ ياكى ياردەم بولامدۇ، ئىشقىلىپ پۇل _ خىراجەت قىلىپ، ئۇلارنى يۆلەيدىغان بولساق، توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا، ھەتتا مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەرنىڭمۇ مۇسۇلمان بولۇشىغا تۈرتكە بولار ئىدۇق.

5. قۇللارنىڭ ئازادلىقى

مۇپەسسىرلەر ئايەتتىكى ﴿قۇللار﴾دىن مەقسەت ھەرقانداق قۇللارمۇ ياكى خوجايىنلىرىغا مۇئەييەن مىقداردا پۇل تۆلەش بەدىلىگە قۇللۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن توختام تۈزۈشكەن قۇللارمۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، ئەللامە ئىبنى جەرىر تەبەرىي مۇتلەق كۆپ سانلىق مۇپەسسىرلەرنىڭ نەزىرىدە ئايەتتىكى ﴿قۇللار﴾ دېگەن سۆزدىن قۇللۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن خوجايىنلىرى بىلەن توختام تۈزۈشكەن قۇللار كۆزدە تۇتۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ خىل كىشىلەرگە زاكاتتىن نېسىۋە بېرىش پەرزدۇر. ئەمما خوجايىنلىرى بىلەن مۇنداق بىر توختام تۈزۈشمىگەن قۇللارغا كۆپ سانلىق مۇپەسسىرلەرنىڭ قارىشىچە زاكات بېرىلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار مۇستەقىل تۇرمۇشقا ئىگە بولمىغانلىقتىن، ئۇلارغا بېرىلگەن زاكات خوجايىنلىرىنىڭ مۈلۈكىگە كىرىپ كېتىدۇ.

 بۇ مەسىلىدە ئىسلام دىننىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايمىز. چۈنكى ئىسلام دىنى ھەمىشە قۇللارنى ئازاد قىلىشقا بۇيرۇپ كەلدى. ھەتتا بەزى گۇناھلار ۋە خاتالىقلارنىڭ ئەپۇ قىلىنىشى ئۈچۈن قۇل ئازاد قىلىشنى بەلگىلىگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپتۇر. چۈنكى ئۇلارنى قۇللۇقنىڭ خارلىقىدىن ئازاد قىلىپ ھۆرلۈككە چىقارغانلىق ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ھۆرمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكتۇر. قۇللارنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن زاكات ماللىرىدىن نېسىۋە بېرىشنىڭ بەلگىلىگەنلىكى ئىسلام دىنىنىڭ رەھىم _ شەپقەت دىنى ئىكەنلىكىنىڭ ئايرىم بىر دەلىلىدۇر.

ھازىرقى زاماندا قۇل بولمىغانلىقتىن، زاكاتنىڭ بىر ئۈلۈشىنى كاپىرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان مۇسۇلمان ئەسىرلىرىنى ئەسىرلىكتىن ئازاد قىلىش، كاپىرلارنىڭ تۈرمىلىرىگە قامىلىپ قالغان مۇسۇلمانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىشقا بولىدۇ.

6. قەرزدارلار

قەرزدار — ئۈستىدە باشقىلارغا ئۆتەشكە تېگىشلىك ھەق بولغان ئادەم دېمەكتۇر. ئەمما يۇقىرىقى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «قەرزدارلار» دېگەن سۆز ئادەتتىكى ھەرقانداق بىر قەرزدارنى ئەمەس، بەلكى ئۈستىگە يۈكلەنگەن قەرزنى ئۆتەشكە ئۆزىنىڭ ماددىي شارائىتىي زادى يار بەرمىگەن، ئۇنى ئۈزۈش ئۈچۈن جىددىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئايەتتە «الغَارِمِينَ» (قەرزگە بوغۇلغانلار) دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن. چۈنكى ئەرەب تىلىدا ئادەتتىكى قەرزدارنى «مَديُون» دەيدۇ. بۇ ئالدىنقىسىدىن پەرقلىقتۇر. قەرزگە بوغۇلغانلارنىڭ قەرزلىرىنى تۆلىشى ئۈچۈن زاكات ماللىرىدىن بېرىش ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىدۇر.

7. ئاللاھنىڭ يولى

ئاللاھنىڭ يولى — كۆپ سانلىق ئۆلىمالارنىڭ قارىشىچە، ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش يولىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان جىھادتۇر. مۇجاھىدلارنىڭ جىھادقا يېتەرلىك تەييارلىقلارنى ھازىرلىشى، قورال _ ياراق، ئوق _ دورا سېتىۋېلىشى، ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدىشى ئۈچۈن زاكات ماللىرىدىن بېرىلىدۇ. بۇنىڭدا ئىسلامدىكى مەزھەپلەرنىڭ كۆپلىرى بىرلىككە كەلگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان كاتتا ئۆلىمالار ھەيئىتىنىڭ «ئىلمىي تەتقىقات ۋە پەتىۋا كومىتېتى» ھىجرىيە 1394_ يىلى شەئبان ئاينىڭ21 _ كۈنىدىكى ئىلمىي يىغىنىدا «ئاللاھنىڭ يولى» دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، كۆپ سانلىق ئۆلىملار بۇ ئايەتتىن مۇجاھىدلار كۆزدە تۇتۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. ئاز سانلىق ئۆلىمالار بۇ ئايەتتىن ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا خىزمەت قىلىدىغان ھەرقانداق دىنىي پائالىيەت كۆزدە تۇتۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇنىڭغا بىنائەن، زاكاتنىڭ «ئاللاھنىڭ يولى» دېگەن ئۈلۈشىگە كىشىلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى يەتكۈزۈش، مۇسۇلمان ئەمەس قەۋملەرگە ئىسلامنى تەشۋىق قىلىش، دىننى چۈشەندۈرۈش ۋە بىلدۈرۈش يولىدا كىتاب، گېزىت، ژۇرنال، ئۈن _ سىن قاتارلىقلارنى نەشر قىلىپ تارقىتىش، دىن ئۆگەتكۈچى ئۇستازلارنىڭ مائاشى قاتارلىق ئىشلارمۇ كىرىدۇ. يەنە بۇ تۈرگە مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىن ئىشسىز قالغانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كېسەللەرنى داۋالىتىش، ئوقۇيالمىغان بالىلارنى ئوقۇتۇش، ياشلارنى تەربىيەلەش ۋە مۇھىم بولغىنى دىنىي تەلىم _ تەربىيەنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارمۇ كىرىدۇ. يەنى يۇقىرىقىلارغا پۇل _ مال سەرپ قىلىدىغان ئورگان ياكى مۇئەسسەسە چىقمىغان شارائىتلاردا، زاكاتقا يىغىلغان پۇل _ ماللارنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

بەزى ئۆلىمالار مەسجىدلەرنى بىنا قىلىش، مەكتەپ، مەدرىسىلەرنى سېلىش ۋە رېمونت قىلىش، يوللارنى ياساش، دوختۇرخانىلارنى ئېچىش قاتارلىق ئومۇم خەلق مەنپەئەتلىنىدىغان ئىشلارغىمۇ زاكات پۇلىدىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئۆلىملار بۇنى جائىز سانىمايدۇ( ) .

8. يول خىراجىتىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىرلار

يول خىراجىتىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىر (يەنى ئىبنى سەبىل) ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ باشقىلارنىڭ يۇرتىدا پۇل _ مالغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ. باشقىلارنىڭ يۇرتىدا پۇل _ مېلىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ياردەمگە مۇھتاج بولغان ئادەم گەرچە ئۆز ۋەتىنىدە باي بولسىمۇ، ئۇنىڭغا زاكات بېرىشكە بولىدۇ. ئاز ساندىكى بەزى ئالىملار مۇنداق مۇساپىرغا زاكات بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ گۇناھ _ مەئسىيەت ئۈچۈن سەپەر قىلمىغان بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولىدىغان گۇناھ – مەئسىيەتلەرگە ياردەم قىلغان كىشى شۇ گۇناھنى قىلغانغا ئوخشاشتۇر. بارلىق فەقىھلەرنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بويىچە، يۇرتىدىن ئايرىلىپ پۇل _ مالغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغان مۇساپىرغا ئۇنىڭ ئېھتىياجىغا يېتەرلىك مىقداردا زاكات بېرىش پەرزدۇر.

بەزى مۇپەسسىرلەرنىڭ قارىشىچە، ئايەتتە پېقىرلار، مىسكىنلەر، زاكات خادىملىرى، كۆڭلىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلار، قەرزدارلار ۋە مۇساپىرلار قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك كىشى «ئىگە قىلىش»نى ئىپادىلەيدىغان «لام» ھەرپى بىلەن بايان قىلىنغان. ئەمما «قۇللارنىڭ ئازادلىقى» ۋە «ئاللاھنىڭ يولى» دېگەن ئىككىسى مەلۇم بىر دائىرە ئىچىدە دېگەننى ئىپادىلەيدىغان «ف» بىلەن بايان قىلىنغان. بۇنىڭدىن ئومۇمىي مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشلار ۋە ئورۇنلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئايەتتىكى تەرتىپ زاكات بېرىلىدىغان كىشىلەرنى بايان قىلىش ئۈچۈن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، زاكاتنى ئۇلارنىڭ قايسىسىغا بېرىشكە تېگىشلىك بولسا شۇنىڭغا بېرىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە بېرىش شەرت ئەمەس.

ئىمام شافىئىيدىن باشقا مەزھەپ ئۆلىمالىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بويىچە، زاكاتنى مەزكۇر سەككىز خىل شەخستىن بېرەرسىگە بېرىش بىلەنمۇ زاكات پەرزى ئادا تاپىدۇ. مۇھىم بولغىنى زاكاتنىڭ مەزكۇر سەككىز خىل شەخستىن باشقىسىغا بېرىلمەسلىكىدۇر. شۇڭا، زاكات بەرگۈچىنىڭ زاكات ئۈچۈن ئايرىغان پۇل _ مېلىنى سەككىزگە بۆلۈپ، ئاندىن زاكات ئالىدىغان سەككىز خىل شەخسنىڭ ھەربىر خىلىغا تەقسىم قىلىشى شەرت ئەمەس. بۇ قىيىن ئىشتۇر. بولۇپمۇ زامانىمىزدا بۇنداق قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مەسىلەن: زامانىمىزدا ئازاد قىلىدىغان قۇل يوق. ئىسلام شەرىئىتى قانۇن قىلىنمىغان دۆلەتلەردە زاكات يىغىشقا ۋەزىپىلەنگەن زاكات خادىملىرى يوق. يەنە باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى تېپىلماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا زاكات بەرگۈچى بېرىدىغان زاكىتىنى مەزكۇر سەككىز خىل شەخسنىڭ قايسى بىرىگە بەرسە زاكات ئادا بولغان بولىدۇ.

مۇھىم نۇقتىلىرى

1. مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجىدىن تاشقىرى پۇل _ مېلى بولۇپ، زاكات بېرىش مىقدارىغا يەتسە يىلدا بىر قېتىم زاكات ئايرىشى پەرزدۇر.

2. بايلىق ۋە يوقسۇللۇق ئاللاھ تائالانىڭ تەقسىماتى ۋە سىنىقى بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ تەقسىماتىغا رازى بولۇش ئىماننىڭ تەلەپلىرىدىن بىرىدۇر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار