دىنىمىزدا پەرز قىلىنغان ھىجاب ۋە ئۇنىڭ ئۆلچىمى

دىنىمىزدا پەرز قىلىنغان ھىجاب ۋە ئۇنىڭ ئۆلچىمى

مۇھەممەد يۈسۈپ

«الحجاب» (ھىجاب) دېگەن سۆزنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى «يۆگەش» دېگەنلىك بولۇپ، باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن يوشۇرۇلغان ۋە يۆگەلگەن ھەرقانداق نەرسە ھىجاب دەپ ئاتىلىدۇ. ئىسلام ئاتالغۇسىدا بولسا ئايالنىڭ بەدىنىنى پۈتۈنلەي يۆگەپ تۇرىدىغان نەرسە ھىجاب دەپ ئاتىلىدۇ. دېمەك، ھىجاب —ئايالنىڭ بەدىنىنى يات ئەرلەرگە كۆرسەتمەسلىك نىيىتى بىلەن كەڭ، ئازادە ۋە قېلىن كىيىم بىلەن يۆگەپ يۈرۈشى دېگەنلىكتۇر. ئۆلىمالار ھىجاب ئايالنىڭ يۈزى بىلەن قوللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ ياكى ئالمامدۇ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، ئىمام ئەھمەد ۋە شافىئىي مەزھىپىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئايال يات ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يۈزى ۋە قوللىرى بىلەن قوشۇپ پۈتۈن بەدىنىنى يۆگىشى لازىم دەپ قارايدۇ. ئەمما مالىكىي ۋە ھەنەفىي مەزھەپلىرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئايالنىڭ يۈزى بىلەن ئىككى قولىنى يۆگىشى پەرز ئەمەس دەپ قارايدۇ. بۇ ئىككى مەزھەپ ئۆلىمالىرىدىن ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ بۇرۇنقى پەتىۋالىرىدا ئايال ئەگەر بەك چىرايلىق بولسا — پىتنىگە سەۋەب بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن— يۈزى بىلەن ئىككى قولىنىمۇ يۆگىشى لازىم دەپ قارايدۇ.

مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھىجابلىنىپ  يۈرۈشى دىنىمىزنىڭ شوئارى، تەقۋالىقنىڭ كىيىمى، ئالىيجاناپلىقنىڭ بەلگىسى، ھۆرمەت- ئىززەتنىڭ كېپىلى ۋە گۈزەل ئەخلاقنىڭ دەلىلىدۇر. 

ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ھىجاب مۇسۇلمان ئاياللارنى ھەرتۈرلۈك ئازارلاردىن، پەسكەشلىكلەردىن قوغدىغاندەك، مۇسۇلمان قىزلىرىنىڭ ھايا، نومۇس ۋە ئىپپەت ئىچىدە تېخىمۇ قەدىر-قىممەتلىك بولۇشىنى كاپالەندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنى يامان ئاقىۋەتلەردىن ساقلاپ قالىدۇ.

ھىجاب ئاياللارنى ھۆرمەتلىك، ئېتىبارلىق، ئېسىل مەرتىۋىلەرگە كۆتۈرۈشنىڭ بىر ۋاسىتىسىدۇر. ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىدىغان ۋە ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان پەزىلەتلىك جەمئىيەت تەسىس قىلىش ئۈچۈن، ئاياللارنىڭ تۆھپىلىرى ئاز بولمايدۇ. چۈنكى ئاياللار جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئانىلىرى. بالىلار ئەڭ ئاۋۋال ئانىلارنىڭ تەربىيەسىدە  بولىدۇ.

  ھىجابنىڭ پەرزلىكى

ئاللاھ تائالا  مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھىجابلىنىشىنى ھىجرىيەنىڭ 5 ـ يىلى پەرز قىلىپ بويرۇغان. قۇرئان كەرىمنىڭ كۆپلىگەن ئايەتلىرى بۇ ھۆكۈمنى تەكىتلىگەن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنىڭ نۇر سۈرىسىدە مۇنداق دېگەن:) وَقُلْ لِلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آَبَائِهِنَّ أَوْ آَبَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ أَبْنَائِهِنَّ أَوْ أَبْنَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي أَخَوَاتِهِنَّ أَوْ نِسَائِهِنَّ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُنَّ أَوِ التَّابِعِينَ غَيْرِ أُولِي الْإِرْبَةِ مِنَ الرِّجَالِ أَوِ الطِّفْلِ الَّذِينَ لَمْ يَظْهَرُوا عَلَى عَوْرَاتِ النِّسَاءِ وَلَا يَضْرِبْنَ بِأَرْجُلِهِنَّ لِيُعْلَمَ مَا يُخْفِينَ مِنْ زِينَتِهِنَّ وَتُوبُوا إِلَى اللَّهِ جَمِيعًا أَيُّهَا الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ( يەنى «مۇئمىن ئاياللارغا  ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسمىدىن باشقا زىننەت ئورگانلىرىنى ئاشكارا قىلمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن، زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەردىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۇئمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار»([1]).

ھىجابنىڭ ئۆلچىمى

ھىجابنىڭ ئۆلچىمى — ئايالنىڭ بېشىنى، چېچىنى، قۇلاقلىرىنى، بوينىنى ۋە كۆكسىنى زىننەتلىرى بىلەن قوشۇپ يۆگىشى، بەدىنىنى (بەزى ئۆلىملارغا كۆرە، يۈزى بىلەن قوللىرىنىمۇ) يېپىپ تۇرىدىغان، ئورگانلىرىنى سۈپەتلەپ بەرمەيدىغان، ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى جەلب قىلمايدىغان كەڭ، ئازادە كىيىم كىيىشىدۇر.

بۇ ئۆلچەمگە ئاساسەن تۆۋەندىكىلەر ھىجاب سانالمايدۇ:

—          بەزى ئاياللارنىڭ بېشىنىڭ چوققىسىنىلا يۆگەپ تۇرىدىغان ياغلىق ئارتىۋېلىشى  ھىجابلانغانلىق ئەمەس.

—          بەزى ئاياللانىڭ ياغلىق بىلەن بېشىنى، چېچىنى ۋە ئىككى ئېڭىكىنىلا يۆگەپ، كۆكسىنى ئوچۇق قويۇپ يۈرۈشى ھىجابلانغانلىق ئەمەس.

—          بەزى ئاياللار چېچىنى يۆگەپ تۇرىدىغان ئۇزۇن رومال ئارتىپ يۈرگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بوينىنى ياكى قۇلاقلىرىنى ياكى كۆكسىنى ۋە ياكى زىننەتلىرىنى ئوچۇق قويۇپ يۈرۈشى ھىجابلانغانلىق ئەمەس.

—          بەزى ئاياللارنىڭ چېچىنى، بوينىنى، قۇلاقلىرىنى زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن قوشۇپ يۆگىگەن بولسىمۇ، ئۈستىگە ئۇزۇن ۋە ئازادە كىيىم كىيمەي، شىم كىيىپ، ساغرىسىنى ۋە مەيدىسىنى مەلۇم قىلىپ يۈرۈشى ھىجابلانغانلىق ئەمەس.

—          بەزى ئاياللارنىڭ چېچىنى ۋە پۈتۈن بەدىنىنى يۆگەپ يۈرسىمۇ، بەدىنىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان شەكىلدە تار كىيىم كىيىشى ھىجابلانغانلىق ئەمەس.

—          بەزى ئاياللارنىڭ چېچىنى يۆگەپ، ئۇزۇن پەلتو كىيگەن بولسىمۇ، پەلتونىڭ ئالدىنى ئېچىپ قويۇپ يۈرۈشى ھىجابلانغان ئەمەس.

ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ يۆگىنىشىنىڭ ئۆلچەملىك سىستېمىسىنى كۆرسىتىپ: (وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ)يەنى«(ئاياللار) كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىمدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن. لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن»[2] دەپ بۇيرۇغان. ساھابىلەردىن ۋە كېيىنكىلەردىن بولغان كۆپ سانلىق ئۆلىمالار ئايەتتىكى( كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسمى)دىن ئاياللارنىڭ يۈزى ۋە ئىككى قولى مەقسەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەللامە ئىبنى كەسىر مۇنداق دېگەن: «ئەئمەش سەئىد ئىبنى جۇبەيردىن، سەئىد ئىبنى جۇبەير ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئايەتتىكى (كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىم)نى ئايالنىڭ يۈزى، قولى، ئۈزۈكى، دەپ تەپسىر قىلغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان. ئىبنى ئۆمەر، ئاتائ، ئىكرىمە، سەئىد ئىبنى جۇبەير، ئەبۇ شەئسا، زەھھاك، ئىبراھىم نەخەئىي قاتارلىق ئۆلىملارمۇ شۇنداق تەپسىر قىلغان[3]. ئەللامە ئىبنى جەرىر تەبەرى مۇنداق دېگەن: «(كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىم) دېگەن ئايەت ھەققىدىكى ئەڭ توغرا سۆز: ئايالنىڭ يۈزى ۋە قولىدۇر. ئۇنىڭغا يەنە ئايالنىڭ سۈرمىسى، ئۈزۈكى، بىلەيزۈكلىرى ۋە  خىناسى قاتارلىق نەرسىلىرىمۇ كىرىدۇ».

مەشھۇر تۆت مەزھەپ پېشۋالىرىدىن ئىمام ئەزەم بىلەن ئىمام شافىئىي، ئىمام مالىك ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا ئەگىشىپ ئاياللارنىڭ يۈزى بىلەن ئىككى قولى ئەۋرەت ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئىمام ئەھمەدمۇ بىر رىۋايەتتە، يۇقىرىقى ئىككى مەزھەپنى كۈچلەندۈرگەن ([4]).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «بىر كۈنى ئەسما (ئائىشەنىڭ ھەدىسى) رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆيىگە نېپىز كىيىم كىيگەن ھالدا كىرىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن يۈزىنى چۆرۈپ تۇرۇپ: ‹ئى ئەسما! قىزلار بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن،  بۇ ئىككىسىدىن باشقا ئەزالىرىنى ئوچۇق قويماسلىقى كېرەك› دەپ يۈزى بىلەن ئىككى قولىنى كۆرسەتتى» ([5]) دېگەن. بۇ ھەدىس ئايالنىڭ يۈزى بىلەن قولىنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

ھىجابلىنىش قالاقلىق ئەمەس
بەزى نادان كىشىلەر ئىسلام دىنىدىكى ھىجابلىنىش مەسىلىسىنى چۈشەنمەستىن، ئۇنى «ئاياللارنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلىك، ئېغىر تۈزۈم»، «قەدىمىي ئادەت» دەپ ئېيىپلاشقا ئالدىرايدۇ. ھەتتا بەزىلەر ھىجابلىنىشنى ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن توسقۇن بولىدۇ، دەپ جۆيلۈيدۇ. ئىسلام دۇنياسىدا بۇنداق خاتا چۈشەنچىلەر ۋە تۆھمەتلەر تۈپەيلىدىن پىتنە ـ پاساتلار يۈز بېرىپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە، ئىسلام دىنى ئاياللارنىڭ قەدىرــ قىممىتىنى ۋە ئىززەت ــ ئابرۇيىنى كۆتۈرگەن، ئىنسانلارنىڭ ھۆر، ئازاد ھايات كەچۈرۈشىگە كېپىللىق قىلىدىغان ئەڭ ئىلغار دىندۇر.

ئىسلام دىنى كېلىشتىن بۇرۇن ئاياللارنىڭ ھالى خاراب ، قىممىتى يوق، ئۆزلىرى بەختسىزلىك ئىچىدە ئىدى. ھىندىلارنىڭ دىنىدا: ۋابا، ئۆلۈم ، زەھەر، دوزاخ ئايالدىن ياخشىراق دەپ قەيت قىلىنىدۇ. فىرانسىيەدە مىلادىنىڭ 6- ئەسىرىدە، فىرانسۇز ئالىملىرى ئايال ئىنسانمۇ؟ ياكى ئىنسان ئەمەسمۇ؟ دېگەن ماۋزۇدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ نەتىجىدە، «ئايالمۇ ئىنسان، بىراق ئۇلار ئەرلەرنىڭ خىزمىتى ئۈچۈنلا يارىتىلغان مەخلۇقلار» دېگەن قارارنى چىقارغان بولسا، ئەنگلىيە پادىشاھى ھېنرى XII ئاياللارنىڭ مۇقەددەس كىتابلارنى ئوقۇشىنى مەنئى قىلىش، ئۇلارنىڭ ئەرلەرگە ئوخشاش رەسمىي گىرەژدان ئەمەسلىكى ۋە مال ـ دۇنياغا ئىگىدارچىلىق قىلالمايدىغانلىقى توغرىسىدا قانۇن چىقارغانىكەن.

ئەمما ئىسلام دىنى دۇنياغا كېلىشى بىلەن ئاياللارنىڭ قەدرى كۆتۈرۈلدى. ئۇلارنىڭ ھەق ـ ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئېلىندى، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت نەسلىنىڭ داۋام قىلىشىدىكى مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى ۋە ھەرقانداق بىر جەمئىيەتنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئىسلام دىنى دۇنيا تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئېلان قىلدى.

ئىسلام دىنىنىڭ مۇسۇلمان ئاياللارغا ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا سوۋغاتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ كارامىتىنى، ھۆرمەت ـ ئىززىتىنى، قەدىر- قىممىتىنى ۋە ئىپپىتىنى ساقلايدىغان، ئاياللىقىغا لايىق، ئېسىل ۋە پەزىلەتلىك ئىسلامىي ھىجابنى پەرز قىلدى. مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھىجابلىنىشى ھەرگىزمۇ قالاقلىقنىڭ بەلگىسى ئەمەس. بەلكى ئەزىزلىقنىڭ، ھۆرمەت ئېتىبارنىڭ نىشانىسىدۇر. ئىسلامىي ھىجابنىڭ مەدەنىيەتلىك بولۇشقا ھېچقانداق توسقۇنلۇقى يوقتۇر. بەلكى ھىجاب ئەڭ ئېسىل ۋە كۆركەملىك بىر مەدەنىيەت بولۇپلا قالماستىن، ئاياللارنىڭ زىننىتى ھەم ھۆرمىتىنىڭ بەلگىسىدۇر. ئىسلام دىنىدىكى ھىجابلىنىش مەسىلىسىگە بەزى غەرب يازغۇچىلىرىمۇ قايىل بولۇپ، ئۇنى ماختاپ مۇنداق يازىدۇ: «ئىسلام دىنىدىكى ئاياللارنىڭ ھىجابلىنىش مەسىلىسى ئاياللارغا بولغان ئىشەنچسىزلىكتىن ئەمەس، بەلكى ئاياللارنى ئۇلارغا تېگىشلىك بولغان ئىززەت، ئېھتىرام بىلەن قوغداشنىڭ بىر ۋاسىتىسىدۇر».

([1])   نۇر سۈرىسى 31 ـ ئايەت
[2] نۇر سۈرىسى: 30- ئايەت.
[3] تەپسىرى ئىبنى كەسىر، 3- توم، 284- بەت.
([4]) دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرداۋىنىڭ «فتاوى معاصرة» (ھازىرقى زامان پەتىۋالىرى) ناملىق ئەسىرىنىڭ 3-توم، 318-بېتىدىن.
([5]) ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار