ئاللاھ تائالانىڭ «ئەل ۋەكىيل» دېگەن ئىسمى ھەققىدە

ئاللاھ تائالانىڭ «ئەل ۋەكىيل» دېگەن ئىسمى ھەققىدە

مۇھەممەد يۈسۈپ

ھاياتتا نۇرغۇن ئىشلارغا كۈچىڭىز يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتامسىز؟ ھاياتلىقنىڭ تەھدىتلىرىگە يالغۇز تاقابىل تۇرۇشتىن ئاجىز كېلىۋاتامسىز؟ ئەھلى ئەۋلاد، پۇل-مال، تەن ساقلىقى ۋە جان قاتارلىق ھاياتلىقتىكى ئەڭ قىممەتلىك بارلىقلىرىڭىزنى قويۇلغان ئامانەتنى ھەرگىز زايە قىلىۋەتمەيدىغان، كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىك بىر زاتنىڭ يېنىدا ئامانەت قويۇشنى خالامسىز؟

ئۇنداقتا، سىز ئاللاھ تائالانىڭ «ئەل ۋەكىيل» دېگەن مۇبارەك ئىسمىغا بولغان ئىمانىڭىزنى كۈچەيتىڭ، بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىپ كۆڭلىڭىزنى ئارام تاپقۇزۇڭ.

«الوكيل» (ئەل ۋەكىيل) دېگەن سۆز لۇغەتتە: ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچى، ۋاكالەتچى، ۋەكىل دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بولغان «الوكيل» — بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى تەسەررۇپ قىلغۇچى، ئۇلارغا ھامىي بولغۇچى، ئۇلارنىڭ رىزقىغا كېپىل بولغۇچى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ مۇنداق ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى، ئومۇميۈزلۈك ۋەكىللىك بولۇپ، بىرى ئاللاھ تائالانىڭ جانلىق، جانسىز بارچە مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە بىرى، خاس ۋەكىللىك بولۇپ، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ يېقىن بەندىلىرىگە بولغان ئىگىدارچىلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ «الوكيل» دېگەن مۇبارەك ئىسمى «قۇرئان كەرىم»دە ئون تۆت ئورۇندا كەلگەن بولۇپ، ]وَكَفَى بِاللَّهِ وَكِيلًا[ «ئاللاھ ساڭا يېتەرلىك تايانچتۇر»[1]، ]وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ[ « ئۇ ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر»[2]، ]وَاللَّهُ عَلَى مَا نَقُولُ وَكِيلٌ[ «ئاللاھ بىزنىڭ سۆزىمىزگە گۇۋاھتۇر»[3]، ]حَسْبُنَا اللَّهُ وَنِعْمَ الْوَكِيلُ[ «بىزگە ئاللاھ كۇپايە، ئاللاھ نېمە دېگەن ياخشى ھامىي!»[4]. دېگەن ئايەتلەرنىڭ بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئىمام بۇخارى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە ]حَسْبُنَا اللَّهُ وَنِعْمَ الْوَكِيلُ[ دېگەن ئايەتنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەمرۇد تەرىپىدىن ئوتقا تاشلانغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ]الَّذِينَ قَالَ لَهُمُ النَّاسُ إِنَّ النَّاسَ قَدْ جَمَعُوا لَكُمْ فَاخْشَوْهُمْ[ «شەك _ شۈبھىسىزكى، كىشىلەر سىلەرگە قارشى قوشۇن توپلىدى، ئۇلاردىن قورقۇڭلار» دېيىلگەندە ئوقۇغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان[5].

ئاللاھ تائالا چوڭ-كىچىك بارلىق ئىشلارنى تاپشۇرۇشقا، ھەربىر ئىشتا تايىنىشقا ۋە ئىشەنچ قىلىپ خاتىرجەم بولۇشقا تېگىشلىك يېگانە زاتتۇر. سىز قانداقلا بىر ئىشنىڭ ھەل بولۇشىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرغان بولسىڭىز، ئۇنىڭغا چىن كۆڭلىڭىزدىن ئىشەنچ باغلىغان بولسىڭىز، ئۇ ئىشنىڭ ھەل بولۇشىدىن پۈتۈنلەي خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى سىز ئۇ ئىشنى ئەڭ ئىشەنچلىك، ھەممىگە قادىر بىرىگە تاپشۇرغان بولىسىز. ئاللاھ تائالا ئۆزى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: ]رَبُّ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ فَاتَّخِذْهُ وَكِيلًا[ «ئۇ مەشرىقنىڭمۇ، مەغرىبنىڭمۇ رەببىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. (بارلىق ئىشىڭنى) ئۇنىڭغا تاپشۇرغىن»[6]. يەنى دىن ۋە دۇنيالىق ھەرقانداق ئىشلىرىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالانى ۋەكىل قىلىپ تۇتقىن. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە بىزنى «ئى ئاللاھ! بۇ ئىشىمغا سېنى ۋەكىل قىلدىم، ئىشلىرىمنى ساڭا تاپشۇردۇم، ئىشىمنى ئۆزۈڭ ھەل قىلىپ بەرگىن» دېيىشكە بۇيرۇيدۇ.

قېنى ئويلاپ بېقىڭ! يەر يەر يۈزىدە ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەممىگە كۈچى يېتىدىغان، خالىغىنىنى قىلالايدىغان، نېمىنى خالىسا شۇنى توسقۇنسىز ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان بىرىنى تاپالامسىز؟ ھەرگىز تاپالمايسىز. چۈنكى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم سىزنى ئاللاھ تائالادەك قوغدىيالمايدۇ، سىزگە ئاللاھ تائالادەك ياردەم قىلالمايدۇ. سىز ئۆزىڭىزنى، ئەھلى ئەۋلادىڭىزنى، پۇل-مېلىڭىزنى، تەن ساقلىقىڭىزنى ۋە قىممەتلىك ھەر نەرسىڭىزنى ئاللاھ تائالانىڭ ھىمايە قىلىشىغا تاپشۇرغان ۋاقتىڭىزدا نۇرغۇنلىغان ئاخىرى ئۈزۈلمەس غەملەردىن ۋە ئەندىشىلەردىن پۈتۈنلەي خاتىرجەم بولغان بولىسىز. نەتىجىدە، تەن ساقلىقىڭىزنى، ئارامىڭىزنى ۋە راھىتىڭىزنى ساقلاپ قالغان بولىسىز.

ئىشلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇش ئامانلىقتۇر

«التوكل على الله» يەنى ئاللاھ تائالاغا تايىنىش ۋە ئىشلارنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇش قەلبنىڭ ئەمەللىرىدىن بولۇپ، قەلبنىڭ ئەمەللىرى مەرتىۋە ۋە دەرىجە جەھەتتە بەدەننىڭ ئەمەللىرىدىن ئەلۋەتتە يۇقىردۇر. مەلۇمكى، قەلبنىڭ ئەمەللىرى: تەقۋالىق، ئاللاھ تائالانى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۆيۈش، ئاللاھ ئاللاھ تائالاغا تايىنىش (تەۋەككۈل قىلىش) قاتارلىقلاردۇر. بەدەننىڭ ئەمەللىرى: تاھارەت ئېلىش، ناماز ئوقۇش، ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش، ئاتا-ئانىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش قاتارلىقلاردۇر. ئاللاھ تائالاغا تايانغانلىق ئۆزىنى مىسلىسىز كۈچلۈك قورغان ئىچىگە ئالغانلىق بولۇپ، بۇ قورغاننىڭ ئىچىدە بولغانلار ھاياتنىڭ بوران- چاپقۇنلىرىدىن، دۇنيانىڭ خېيىم-خەتەرلىرىدىن، دۈشمەنلەرنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىدىن قوغدىنىپ قالىدۇ.

«قۇرئان كەرىم» سىزگە ]فَاتَّخِذْهُ وَكِيلًا[ «(بارلىق ئىشىڭنى) ئۇنىڭغا تاپشۇرغىن» يەنى ئۆزۈڭنى، قىممەتلىك ھەر نەرسەڭنى ۋە ھەممە ئىشىڭنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن، ئاللاھنى ۋەكىل تۇتقىن دەپ بۇيرۇيدۇ. سىز چىن قەلبىڭىزدىن ئاللاھ تائالاغا تايانغان ۋە ئىشلىرىڭىزنى ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىشغا تاپشۇرغانلا ئىكەنسىز، ئاللاھ تائالا ھەرگىزمۇ سىزنى نائۈمىد قويمايدۇ، ھەرگىزمۇ سىزنى تاشلىۋەتمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بىزگە «ماڭا تايىنىڭلار ۋە ئىشلىرىڭلارنى ماڭا تاپشۇرۇڭلار» دەپ تۇرۇپ، قانداقمۇ بىزگە ۋە ئىشلىرىمىزغا ئىگە بولمىسۇن؟! بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس!

ئاللاھقا تاپشۇرۇش دېگەنلىك جىم ئولتۇرۇش دېگەنلىك ئەمەس

ناۋادا سىزگە دۇنيانىڭ پادىشاھلىرىدىن ياكى رەئىس جۇمھۇرلىرىدىن بىرى «ئىشىڭغا مېنى ۋەكىل قىلغىن، ئۇنى ماڭا تاپشۇرغىن، مەن ھەل قىلىپ بېرىمەن» ياكى «پالانى زالىمدىن ئالالمىغان ھەققىڭنى ماڭا تاپشۇرغىن، مەن ئېلىپ بېرىمەن» دېسە، سىز بۇ ۋەدىدىن شەكلىنەمسىز؟ ھەرگىز شەكلەنمەيسىز. ئالەملەرنىڭ رەببى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ۋە ھەممىنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ تائالا سىزگە )وَتَوَكَّلْ عَلَى الْحَيِّ الَّذِي لَا يَمُوتُ( «ھېچ ئۆلمەيدىغان، مەڭگۈ ھايات تۇرىدىغان ئاللاھقا تايانغىن»[7] يەنى ئىشىڭنى ماڭا تاپشۇرغىن، ھەققىڭنى ئېلىشقا مېنى ۋەكىل قىلغىن دېسە، سىز بۇ ۋەدىگە ئىشەنمەمسىز؟ ياكى بۇنىڭدىن شەكلىنەمسىز؟

 ناۋادا بىز ئىشلىرىمىزنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرغاندىن كېيىنمۇ ئۇ ئىشلار كۆڭلىمىزدىكىدەك بولمىغان بولسا، چاتاق يەنىلا ئۆزىمىزدە بولغان بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالاغا تايىنىش دېگەنلىك «بولسا بولار، بولمىسىمۇ مەيلى» دېگەن مەنىدە تولۇق ئىشەنچ بولمىغان ھالدا قىلغان تەۋەككۈل نەتىجە بەرمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ھەقىقىي تايانساڭلار (تەۋەككۈل قىلساڭلار) ئاللاھ سىلەرنى ئۇچارقاناتلارنى رىزىقلاندۇرغاندەك رىزىقلاندۇرىدۇ. ئۇچارقاناتلار ئەتىگەندە ئاچ قورساق چىقىپ كېتىپ، كەچتە توق قايتىپ كېلىدۇ»[8]. بۇ ھەدىس بىزگە تەۋەككۈلنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتكەن بولۇپ، سەۋەب قىلماستىن تەۋەككۈل قىلىشنىڭ ھېچ نەرسىگە پايدىسى يوق ئىكەنلىكىنى ۋە تەۋەككۈل قىلغاندىمۇ ئېغىزىنىڭ ئۇچىدا ياكى تولۇق ئىشەنچ قىلمىغان ھالدا قىلىنغان تەۋەككۈلنىڭ نەتىجە بەرمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى بۇ ھەدىسنىڭ «ئۇچارقاناتلار ئەتىگەندە ئاچ قورساق چىقىپ كېتىپ، كەچتە توق قايتىپ كېلىدۇ» دېگەن قىسمى ئۇچارقاناتلارنىڭ «ئۈزمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ ئۇۋىسىدا رىزىق كۈتۈپ ياتمايدىغانلىقىنى ۋە رىزقىنى تېپىش ئۈچۈن ئەتىگەن سەھەردە ھايات مۇجادىلىسىگە ئاتلىنىدىغانلىقىنى، بىر كۈن كەچكىچە رىزىق يولىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

تولىمۇ مۇھىم دۇئا

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە مۇنۇ دۇئانى ھەمىشە ئوقۇشنى ئۆگەتكەن: ]اَللَّهُمَّ أَعِنِّي عَلَى ذِكْرِكَ وَشُكْرِكَ وَحُسْنِ عِبَادَتِكَ[ «ئى ئاللاھ! سېنى ياد قىلىشىمغا، ساڭا شۈكۈر قىلىشىمغا ۋە ساڭا ئۇبدان بەندىچىلىك قىلىشىمغا ياردەم قىلغىن»()[9]. بۇ دۇئانى ئوقۇشنى كۈندىلىك مۇھىم ئىشلىرىمىزنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىك. چۈنكى مۇبادا ئاللاھ تائالا سىزگە ياردەم قىلمىسا يۇقىرىقى ئەمەللەرنى قىلالمايسىز. ئاللاھ تائالا سىزگە ياردەم قىلمىسا ۋە مەدەت بەرمىسە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىسىز.

ئەللامە ئىبنى قەييىم جەۋزى مۇنداق دېگەن: «شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە دېگەنكى، ئەڭ پايدىلىق دۇئا ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشىمىزگە ياردەم قىلىشىنى تىلەشتۇر. مەن بۇ دۇئانى فاتىھە سۈرىسىدىكى ‹ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز› دېگەن ئايەتتە تاپتىم». ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «قەلب رىيا بىلەن كىبىردىن ئىبارەت ئىككى خىل كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالىمىسا قەلب ئۆلىدۇ. رىيانىڭ شىپاسى ]إِيَّاكَ نَعْبُدُ[ ‹ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز› دېگەن ئايەت، كىبىرنىڭ شىپاسى ]وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ[ ‹سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز› دېگەن ئايەتتۇر. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە ]إِيَّاكَ نَعْبُدُ[ دېگەن ئايەت رىيانى، ]وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ[ دېگەن ئايەت كىبىرنى دەپئى قىلىدۇ دېگەن سۆزنى ناھايىتى كۆپ دەيتتى».

ئىشلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇش ئىبادەتتۇر

ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش، ئۇنىڭدىن ھاجەتلىرىمىزنى تىلەش ئىبادەت بولۇپ، ئىبادەت بولغاندىمۇ ئەڭ سەمىمىي ۋە ئەڭ ئىخلاسلىق ئىبادەتتۇر. چۈنكى ئىبادەت قىلىشتىن بولغان ئاساسلىق مەقسەت ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ئۆزىمىزنىڭ ئاجىزلىقىنى ۋە ھاجەتمەن ئىكەنلىكىنى ئىزھار ۋە ئىپادە قىلىشتۇر. بۇ مەقسەت دۇئادا ئەڭ ئوبرازلىق ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئاللاھ تائالا سىزنىڭ ئۇنىڭغا ھەر دائىم ئىلتىجا قىلىشىڭىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە سىزدىن شۇنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بىزگە ]ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ[ «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن»[10] دەپ بۇيرۇغان، ئاندىن ]إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ[ «شەكسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان. مۇپەسسىرلەر ئايەتتىكى «ئىبادەت»تىن دۇئا مەقسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.  دېمەك، ئاللاھ تائالا ئۆزىگە دۇئا قىلىپ ھاجەتلىرىنى سورىغان بەندىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارغا ئىبادەت قىلغاننىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ. دۇئا قىلىپ ھاجەتلىرىنى تىلەشتىن ئۆزىنى بىھاجەت سانىغانلارنى يامان كۆرىدۇ.

ئۇنداقتا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاجىزلىقىنى ۋە ئاللاھ تائالاغا موھتاج ئىكەنلىكىڭىزنى ئىزھار قىلغان ھالدا بارلىق ھاجەتلىرىڭىزنى ئاللاھ تائالاغا سۇنۇڭ. چۈنكى سىزنىڭ بارلىق ئارزۇ- ئارمانلىرىڭىز ئاللاھ تائالا بىلەن روياپقا چىقىدۇ، بارچە ھاجەتلىرىڭىز ئاللاھ تائالا بىلەن ھەل بولىدۇ، ھەرقانداق قورقۇنچىڭىز ئاللاھ تائالا بىلەن ئامانلىققا ئايلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالاغا تايىنىش ھاياتنىڭ ئوكسىگىنىدۇر

ساقلىق-كېسەللىك، بايلىق-نامراتلىق، خۇشاللىق-غەمكىنلىك، تارلىق-ئازادىچىلىك ۋاھاكازا... ھەممە ئەھۋالىڭىزدا ئاللاھ تائالانى ئۇنتۇماڭ، ھەممە ئەھۋالدا ئۇنىڭغا تايىنىڭ. چۈنكى ئاللاھ تائالاغا تايىنىش ھاياتنىڭ ئوكسىگىنىدۇر. ناۋادا ئاللاھ تائالا كۆزىڭىزنى يۇمۇلۇشتىن توسۇپ قويسا قورغاق سەۋەبلىك ئاغرىپ كېتىدۇ. ئەگەر تىلىڭىزنى تېتىشتىن مەھرۇم قىلسا ھاياتنىڭ لەززىتى يوقىلىدۇ. ئەگەر يۈرىكىڭىزنى سوقۇشتىن توختىتىپ قويسا ھاياتىڭىز ئاخىرلىشىدۇ. شۇڭا سىز ھاق ۋاقتىڭىزدا ئاللاھ تائالانى ئۇنتۇماڭ، ساقلىقىڭىزنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇڭ، يۈرىكىڭىزنىڭ سوقۇشىنى، تومۇرلىرىڭىزدا قاننىڭ ئايلىنىشىنى، يېگەن، ئىچكەنلىرىڭىزنىڭ بەدىنىڭىز ئىچىدە توسقۇنسىز يۆتكىلىشىپ تۇرۇشىنى، ئەزالىرىڭىزنىڭ ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇشىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇڭ ۋە بۇ ئىشلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئەستىن چىقارماڭ.

«ئاللاھ ماڭا كۇپايىدۇر» دەڭ

بەزى كىشىلەر سىزنىڭ روھىڭىزنى چۈشۈرۈش، ھېسسىياتىڭىز بىلەن ئويناش، ئىشەنچىڭىزنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن بولمىغۇر خەۋەرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، سىزنى تېخى كەلمىگەن كېلەچەكتىن قورقۇتىدۇ. سىز شۇنداق ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە، چىن كۆڭلىڭىزدىن: ]حَسْبِيَ اللَّهُ وَنِعْمَ الْوَكِيلُ[ «ماڭا ئاللاھ كۇپايە، ئاللاھ نېمە دېگەن ياخشى ھامىي!» دەڭ. شۇ چاغدىلا ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى سىزنى قورشايدۇ، زىيان-زەخمەت سىزدىن يىراقلىشىدۇ. خالىسىڭىز مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇپ تەپەككۇر قىلىڭ: ]الَّذِينَ قَالَ لَهُمُ النَّاسُ إِنَّ النَّاسَ قَدْ جَمَعُوا لَكُمْ فَاخْشَوْهُمْ فَزَادَهُمْ إِيمَانًا وَقَالُوا حَسْبُنَا اللَّهُ وَنِعْمَ الْوَكِيلُ. فَانْقَلَبُوا بِنِعْمَةٍ مِنَ اللَّهِ وَفَضْلٍ لَمْ يَمْسَسْهُمْ سُوءٌ وَاتَّبَعُوا رِضْوَانَ اللَّهِ وَاللَّهُ ذُو فَضْلٍ عَظِيمٍ[ «ئۇلار (شۇنداق زاتلاركى، بىر قىسىم) كىشىلەر ئۇلارغا: ‹شەك _ شۈبھىسىزكى، كىشىلەر سىلەرگە قارشى قوشۇن توپلىدى، ئۇلاردىن قورقۇڭلار» دېگەندە، بۇ سۆز ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى. ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ كۇپايە، ئاللاھ نېمە دېگەن ياخشى ھامىي!› دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتى ۋە پەزلى بىلەن (بەدرى غازىتىدىن) ھېچقانداق زىيان _ زەخمەتكە ئۇچرىماي قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىدى. ئاللاھ كاتتا پەزل ئىگىسىدۇر»[11].

قايىل قىلارلىق سەۋەب

نېمە ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تايىنىش كۇپايە قىلىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسىز؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاللاھ تائالا ئاسمان، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئىگىسىدۇر. ]وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَكَفَى بِاللَّهِ وَكِيلًا[ «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ھەممە ئىشنى باشقۇرۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر»[12]. سىز قورقىدىغان ئىشلار ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدە ئەمەسمۇ؟ سىزنى قۇتۇلۇپ بولالمىغان كېسەل ئاللاھ تائالانىڭ باشقۇرۇشىدا ئەمەسمۇ؟ ئۇنداقتا، سىز ھەممە ئىشىڭىزنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇڭ، قورقۇنچلاردىن ۋە ئاغرىقلاردىن خالاس بولۇشنى ئۇنىڭدىن تىلەڭ، يېتەرلىك سەۋەبلەرنى قىلىش بىلەن بىرگە ئاللاھ تائالاغا ئىشەنچ قىلىڭ. ئاللاھ تائالا ھەممىگە قادىر ئەمەسمۇ؟ ئەلۋەتتە شۇنداق. ]اللَّهُ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ[ «ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر»[13].

بىر سالىھە ئايال يالغۇز ئوغلىنى چەتئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتمەكچى بولىدۇ، ئەمما چەتئەللەردە يامان مۇھىت ۋە يامان دوستلار سەۋەبلىك بەزى ياشلارنىڭ دىنىمىزنىڭ  ئەقدىسىدىن ۋ ئەخلاقىدىن يىراقلىشىپ  زايە بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ قاتتىق ئەنسىرەيدۇ. ئەۋەتەي دېسە ئوغلىنىڭ زايە بولۇپ كېتىشىدىن قورقىدۇ، ئەۋەتمەي دېسە ئوغلى چىڭ تۇرۇۋالىدۇ ھەم بەزى ئىشلار ئۇنى ئوغلىنى چەتئەلگە ئەۋەتىشكە مەجبۇر قىلىدۇ. ئايال كۆپ ئويلاپ ئاخىر ئەۋەتىش قارارىغا كېلىدۇ، «ئى ئاللاھ! ئوغلۇمنى ساڭا تاپشۇردۇم، ئۇنىڭغا سېنى ۋەكىل قىلدىم، سەن ئۇنىڭغا ھامىي بولغىن» دەپ قاتتىق دۇئا قىلىپ، ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ ھىمايىسىگە تاپشۇرىدۇ. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن نامىزىنىڭ بىر قىسمىنى ئوغلىغا دۇئا قىلىشقا ئاتايدىغان بولىدۇ. ئەتىگەن – ئاخشاملىرى ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ ئوغلىنى قوغدىشىنى تىلەيدۇ. ئاخىر ئوغۇل ئوقۇشىنى نەتىجىلىك تۈگىتىش بىلەن بىرگە بەش ۋاخ نامازغا مەسجىدتىن قالمايدىغان، سەھەرلىرى تەھەججۇد ئوقۇشنى تەرك ئەتمەيدىغان، ئانىسىغا بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك كۆيۈنىدىغان بولۇپ قايتىدۇ. يەنى ئوغۇل ئانىسىنىڭ دۇئاسى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھىمايىسى ئاستىدا بۇرۇنقىدىنمۇ دىندار بولۇپ قايتىدۇ.  قانداقمۇ شۇنداق بولمىسۇن؟ ئايال ئوغلىنى ئالەملەرنىڭ رەببى ۋە ھەممىنىڭ ئىگىسى بولغان قۇدرەتلىك ئاللاھ تائالاغا ئامانەت قىلغان ۋە كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلغان تۇرسا، ئاللاھ تائالا قويۇلغان ئامانەتنى ھەرگىز زايە قىلىۋەتمەيدىغان زات تۇرسا، ئايالنىڭ تىلىكى قانداقمۇ ئىجابەت بولمىسۇن؟!

سىز يىراقتىكى پەرزەنتلىرىڭىزنى ۋە زايە بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغان ھەرقانداق نەرسىڭىزنى ئاللاھ تائالاغا ئامانەت، ئۇنىڭ ھىمايىسىگە تاپشۇرۇڭ، چىن كۆڭلىڭىزدىن ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلىڭ. ]وَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ وَكَفَى بِاللَّهِ وَكِيلًا[ «ئاللاھقا تايانغىن، ئاللاھ ساڭا يېتەرلىك تايانچتۇر»[14]. ئاللاھ تائالادىنمۇ ياخشى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئىشەنچلىك تايانچ بارمۇ؟!

 

 

 

 



[1] نىسا سۈرىسى: 81- ئايەت.
[2] ئەنام سۈرىسى: 102- ئايەت.
[3] قەسەس سۈرىسى: 28- ئايەت.
[4] ئال ئىمران سۈرىسى: 173- ئايەت.
[5] «سەھىھۇلبۇخارى» 4563- ھەدىس.
[6] مۇززەممىل سۈرىسى:9- ئايەت.
[7] فۇرقان سۈرىسى:58- ئايەت.
[8] ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ئىبنى ھىببان ۋە ھاكىم رىۋايىتى.
([9]) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
[10] غافىر سۈرىسى: 60- ئايەت.
[11] ئال ئىمران سۈرىسى: 173- ئايەت.
[12] نىسا سۈرىسى: 132- ئايەت.
[13] زۇمەر سۈرىسى: 62- ئايەت.
[14] نىسا سۈرىسى: 81- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار