بىز دائىملىق مەنىۋى قۇۋۋەتكە مۇھتاجمىز

بىز دائىملىق مەنىۋى قۇۋۋەتكە مۇھتاجمىز

مۇنداق ۋاقىتلىق تەسىرلىنىش ۋە ۋاقىتلىق ھېسسىياتلىنىپ قويۇش بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدۇ. بۇ ھالەتتە بىز مەنىۋى كۈچىمىزدىن پايدىلىنالمىغان بولىمىز. بىزگە بىزنى كېچە_كۈندۈز، ھەمىشە بىرەر ئىشنى قىلىشقا ئىچىمىزدىن ئىتتىرىپ تۇرىدىغان داۋاملىق مەنىۋى قۇۋۋەت كېرەك. ساھابىلاردا بولغان مەنىۋى قۇۋۋەت ئەنە شۇنداق داۋام قىلىدىغان، ھېچ توختاپ قالمايدىغان تۈرتكە بولغانلىقتىن، ئۇلار ئىشلەشنى توختاتمىغان. نەتىجىدە، ھاياتىنىڭ ھەربىرقەدىمىدە  زەپەر قۇچۇپ ماڭغان.

ئۇنداقتا بىزنىڭ داۋاملىق بىزنى ئىچىمىزدىن ئىشلەشكە ئىتتىرىپ تۇرىدىغان دائىملىق مەنىۋى قۇۋۋەتكە مۇھتاج ئىكەنلىكىمىز بىزگە ئايان بولدى. ئەمدى بۇنداق دائىملىق مەنىۋى قۇۋۋەتنى نەدىن ھاسىل قىلىمىز؟ ئۇ زادى بارمۇ ياكى يارىتىشقا توغرا كېلەمدۇ؟

دائىملىق مەنىۋى قۇۋۋەتنىڭ مەنبىئى قۇرئاندۇر

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھىدايەت، ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلەرنىڭ قەلبىگە شىپا، ئۇنى دەستۇر قىلىپ، ھاياتىنى خورلۇقتىن ئەزىزلىققا، ئاجىزلىقتىن كۈچ_قۇۋۋەتكە ئۆزگەرتىش يولىدا ئۇنىڭ مۆجىزىسى ۋە تەسىر دائىرىسىگە كىرگەنلەر  ئۈچۈن ئۆزگىرىش نۇقتىسى قىلىپ چۈشۈرگەن. «قۇرئان كەرىم» تەسىر كۈچى ئەڭ زور بولغان كىتاب بولۇپ، ھېچقانداق نەرسە تەسىر قىلىشتا ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ. چۈنكى «قۇرئان كەرىم» بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئەقىل ھەم ھېسسىيات ھەر ئىككىسىگە خىتاب قىلىدۇ. چۈنكى «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۆجىزىلىرىدىن بىرى كىشىلەرنى ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئېلىش ۋە ئادەمنى ئىچىدىن ھەرىكەتكە سېلىش مۆجىزىسىدۇر.

قۇرئان رىسالە بىلەن مۆجىزىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان كىتابتۇر

«قۇرئان كەرىم»نىڭ ئىلگىرىكى «تەۋرات»، «ئىنجىل» ۋە باشقا ساماۋى كىتابلارغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ رىسا بىلەن مۆجىزىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغانلىقى ئىدى. چۈنكى «قۇرئان كەرىم»مۇ باشقا ساماۋى كىتابلارغا ئوخشاش كىشىلەرنى ئاللاھ تائالاغا باشلايدۇ، ئۇلارغا ھىدايەتنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ۋە قىيىنچىلىقلارنى قانداق يېڭىشنى ئۆگىتىدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ رىسالە تەرىپى، ئەمما ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلاردىن ھېچقايسىسىغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى ئۇنىڭ مۆجىزىسى بولۇپ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۆجىزىسى ئۇنىڭ بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىكى ئۈستۈنلىكى، ئەسىرلەردىن بېرى بۇرمىلىنىشتىن ۋە ئۆزگەرتىلىشتىن ساقلىنىپ قالغانلىقى، كۆرسەتمىلىرىنىڭ ھەر زامان ۋە ھەر ماكانغا مۇناسىپ ئىكەنلىكى ۋە دىللارنى مايىل قىلىشتىكى سېھرىي كۈچى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش، روھىيىتىنى يېڭىلاش ۋە مەنىۋى قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، ۋىجدانىنى ئويغىتىشقا ئوخشىغان كاتتا مۆجىزىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «قۇرئان كەرىم»نىڭ بۇ مۆجىزىسى دىللارنى ياشارتىدىغان، ئۆلگەن قەلبلەرنى تىرىلدۈرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئابى ھايات بېغىشلايدىغان مۆجىزىدۇر. ﴿ﲇ ﲈ ﲉ ﲊ ﲋ ﲌ ﲍ ﲎ ﲏ ﲐ ﲑ ﲒ ﲓ ﲔ ﲕ ﲖ ﲗ ﲘﲙ﴾ يەنى ﴿(ئەسلىدە مەنىۋى جەھەتتىن) ئۆلۈك بولۇپ، بىز ئۇنى (ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا يۈرەلەيدىغان نۇر بەرگەن ئادەم بىلەن زۇلمەتلەر ئىچىدە قېلىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان ئادەم ئوخشاشمۇ؟﴾[1]

 «قۇرئان كەرىم»نىڭ رىسالىسى كىشىلەرگە ئۇلارنى ئاللاھ تائالاغا ئېلىپ بارىدىغان توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولسا، ئۇنىڭ مۆجىزىسى كىشىلەرنىڭ قولىدىن تۇتۇپ توغرا يولغا كىرگۈزۈش، ئۇلارنى جاھالەتنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن چىقىرىپ، ئىماننىڭ نۇرىغا ئېلىپ چىقىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگىدۇر.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ بۇ ئىككى چوڭ ۋەزىپىسىنى بايان قىلغان ئايەتلەرمۇ كۆپتۇر. مەسىلەن: مائىدە سۈرىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: ﴿ﱜ ﱝ ﱞ ﱟ ﱠ ﱡ ﱢ ﱣ ﱤ  ﱥ ﱦ ﱧ ﱨ ﱩ ﱪ ﱫﱬ ﱭ ﱮ ﱯ ﱰ ﱱ ﱲ  ﱳﱴ ﱵ ﱶ ﱷ ﱸ ﱹ ﱺ ﱻ ﱼ ﱽ ﱾ ﱿ ﲀ ﲁ ﲂ ﲃ ﲄ ﲅ ﲆ ﲇ﴾ يەنى ﴿ئى ئەھلى كىتاب!  سىلەرگە كىتابىڭلاردا سىلەر يوشۇرغان نەرسىلەرنىڭ نۇرغۇنىنى ئاشكارا بايان قىلىپ بېرىدىغان ۋە نۇرغۇننى(پايدىسى بولمىغانلىقتىن بايان قىلماي) ئۆتۈپ كېتىدىغان ئەلچىمىز كەلدى، ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر  ۋە روشەن كىتاب كەلدى. ئاللاھ شۇ كىتاب ئارقىلىق رازىلىقىنى ئىزدىگەنلەرنى نىجاتلىق يوللىرىغا يىتەكلەيدۇ، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقلىرىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ﴾[2]. بۇ ئايەتلەردە «قۇرئان كەرىم»نىڭ رىسالىسىدىن ئىبارەت كىشىلەرنى ھىدايەتكە باشلاش ۋەزىپىسى بىلەن ئۇنىڭ مۆجىزىسىدىن كىشىلەرنى قاراڭغۇلۇقلاردىن چىقىرىش ۋەزىپىسى ئېنىق بايان قىلىنغان.

چۈنكى، ھىدايەتكە باشلاش، ئۇنىڭغا چاقىرىش ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىش ئىشلىرى نورمالدا، ئۇلارغا ھەقىقەتنى ئوچۇق بايان قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمما كىشىلەرنى كۇفرى ۋە زالالەتنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن ئىمان ۋە ھەقىقەتنىڭ نۇرىغا ئېلىپ چىقىش ئىشى كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا ئۇلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان ئېنېرگىيىنى يارىتىش ۋە ئۇنى قوزغىتىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ ۋەزىپىنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۆجىزىسىدىن باشقىسى ئورۇندىيالمايدۇ.

«قۇرئان كەرىم» بىرلا ۋاقىتتا پىكىر ۋە ھېسسىياتقا خىتاب قىلىدىغان كىتابتۇر

«قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەڭ چوڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ بىرلا ۋاقىتتا پىكىر بىلەن ھېسسىياتقا خىتاب قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئەقىلغا خىتاب قىلىپ ئۇنى قايىل قىلىدۇ ۋە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بۇ خىتاب ھېسسىياتقا تەسىر قىلىپ، ئۇنى قوزغىتىدۇ، ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ ۋە ئىچكى ئېنېرگىيىنى ئويغىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ قايىللىق بىلەن ئويغىنىش مۇستەھكەم ئىمانغا ئايلىنىدۇ. قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدىن باشقا سۆزلەر ئىنساندا بۇنداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمايدۇ.

دۇنيادا كىشىلەرنى ھەر قانداق بىر پىكىرگە ياكى ئېقىمغا چاقىرىدىغانلار ئۇلارنى قايىل قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئەقلىنى قايىل قىلىدۇ. ئەمما بۇ قايىللىق قەلبتە ئورۇنلىشىپ ئىمان دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمەيدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۇلارنى تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپمۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئەگە بولالمىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى كونترولى ئاستىغا ئالالمىغانلىقىدۇر. چۈنكى مۇنداق قىلىش ئىنسانلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۇنداق قىلالىشى ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى بولغانلىقىدىن ئىدى.

دوكتور مۇھەممەد ئابدۇللا دىراز مۇنداق دېگەن ئىكەن: «ئىنساندا تەپەككۇر قۇۋۋىتى ۋە ۋىجدان قۇۋۋىتى دەپ ئىككى خىل قۇۋۋەت بار بولۇپ، ئىنساننىڭ بۇ ئىككىسىگە بولغان ئېھتىياجى ئايرىم_ئايرىم ئېھتىياجلاردىندۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ بىرى ھەقىقەتنى تونۇشقا ياردەم قىلىدۇ، يەنە تەسىرات ئاتا قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ تەپەككۇر بىلەن ۋىجداندىن ئىبارەت بۇ قۇۋۋەت ئىنسانغا خۇددى قۇشلارنى ئۇپۇقلارنى پەرۋاز قىلدۇرىدىغان ئىككى قاناتقا ئوخشاش خىزمەت قىلىدۇ. بىز ئۆلىمالارنىڭ، ئەدىبلەرنىڭ ۋە شائىرلارنىڭ سۆزلىرىنى بىلىمىز. ئۇلار بىر تەرەپتىن ئاشۇرۇۋەتسە، يەنە بىر تەرىەپتىن كەمچىل قىلىپ قويىدۇ. مەسىلەن: ئۇلارنىڭ يازغانلىرى ۋىجدانىي تەرەپتە مۇكەممەل بولسا، پىكرىي تەرەپتىن يېتەرسىز قالىدۇ. پىكرىي تەرەپتىن مۇكەممەل بولسا، ۋىجدانىي تەرەپتىن ئاجىز كېلىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا ھەر ئىككى تەرەپتىن مۇكەممەل بولالمايدۇ. سىز بىرەر ئەدىپنىڭ ئەسىرىنى ياكى بىرەر شائىرنىڭ شېئىرىنى ئوقۇغىنىڭىزدا، ئۇنىڭ بىرەر ئىلمىي نەزەرىيىنى ياكى بىرەر ئىشنىڭ يولىنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۇسلۇبىنىڭ ئەقىلنى مەركەز قىلغان ئۇسلۇب ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئەگەر ئۇنىڭ كىشىلەردىن بىرە ئىشتىن نەپرەتلەندۈرۈش ياكى سۆيدۈرۈش ئۈچۈن كۈشكۈرتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭ ئۇسلۇبىنىڭ ۋىجداننى مەركەز قىلغان ئۇسلۇب ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئەمما بىر ئۇسلۇب ۋە بىر يۆنۈلۈشتە كېتىپ بېرىپ ھەم ئەقلىي ھەم ۋىجدانىي ھەر ئىككى تەرەپنى ئوخشاشلا مەركەز قىلغان ۋە ھەر ئىككىسىگە ئوخشاشلا خىتاب قىلغان ئۇسلۇبنى «قۇرئان كەرىم»دىن باشقا ھېچبىر ئەسەردە تاپالمايسىز».

 «قۇرئان كەرىم» ئەنە شۇنداق بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئەقىلنى ھەم ۋىجداننى ھەرىكەتكە كەلتۈرەلەيدىغان كىتابتۇر. مىسال ئۈچۈن تۆۋەندە بىرلا ئايەتنى بىرگە ئوقۇپ چىقايلى:

ئاللاھ تائالا قىساس توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ﴿ﱹ ﱺ ﱻ ﱼ  ﱽ ﱾ ﱿ ﲀﲁ ﲂ ﲃ ﲄ ﲅ ﲆ  ﲇﲈ ﲉ ﲊ ﲋ ﲌ ﲍ ﲎ ﲏ ﲐ ﲑ  ﲒ ﲓﲔ ﲕ ﲖ ﲗ ﲘ ﲙﲚ ﲛ ﲜ  ﲝ ﲞ ﲟ ﲠ ﲡ ﲢ﴾ يەنى﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى، ئازاد ئادەم ئۈچۈن ئازاد ئادەمدىن، قۇل ئۈچۈن قۇلدىن، ئايال ئۈچۈن ئايالدىن(قىساس ئېلىنىدۇ). قاتىل ئۈچۈن قېرىندىشى(يەنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى) تەرىپىدىن بىر نەرسە كەچۈرۈم قىلىنسا، (كەچۈرۈم قىلغۇچى قاتىلدىن دىيەتنى) چىرايلىقچە تەلەپ قىلىشى، ( قاتىلنىڭمۇ دىيەتنى) ياخشىلىقچە بېرىشى لازىم. بۇ (ھۆكۈم) رەببىڭلار تەرىپىدىن كەلگەن يېنىكلىتىشتۇر ۋە رەھمەتتۇر. شۇنىڭدىن كېيىن (قاتىلغا) ھۇجۇم قىلغان ئادەمگە قاتتىق ئازاب بار﴾[3].

  ئايەتنى ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار!﴾ دېگەن خىتاب بىلەن باشلاش مۇسۇلمانلارنى ئىتائەتچانلىققا ئۈندەيدىغان ئۇسۇل بولۇپ، ئۆزىنىڭ مۆمىنلەردىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ياكى ئېسىگە ئالغان ئادەم مۆمىنلەرگە لايىق ئىشلارنى قىلىشنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ قانداقلا بىر ئەمر_پەرمانىنى جان پىدالىق بىلەن ئورۇنداش لازىملىقىنى ئەستىن چىقارمايدۇ.

ئايەتتىكى ﴿قېرىندىشى﴾ دېگەن سۆز مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا بىر_بىرىنى ئۆلتۈرۈشكىچە ئېلىپ بارغان زىددىيەتلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇلار دىنىي جەھەتتىن قېرىنداش ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئالدۇرۇش ئارقىلىق كەچۈرۈمچانلىققا ۋە بىر_بىرىنى ئەپۇ قىلىشقا ئۈندەيدۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى يۇمشىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

ئايەتتىكى ﴿چىرايلىقچە تەلەپ قىلىشى﴾ دېگەن جۈملە بىلەن ﴿ياخشىلىقچە بېرىشى﴾ دېگەن جۈملىلەر  ئۇدۇل ھېسسىياتقا خىتاب قىلغان جۈملىلەر بولۇپ، قىساس تەلەب قىلىنىدىغان مۇنداق قاتىللىق ۋەقەسىدە تەرەپلەرنى پەسكويىغا چۈشۈرۈش ۋە ئۇلارنى يۇمشاقلىققا ئۈندەش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئايەتنىڭ ﴿بۇ (ھۆكۈم) رەببىڭلار تەرىپىدىن كەلگەن يېنىكلىتىشتۇر ۋە رەھمەتتۇر﴾ دېگەن قىسمى ئاللاھ تائالاغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بۇرچىنى خارىتىلىتىش بىلەن بىرگە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسىنى قاتىلغا قارىتا رەھىم_شەپقەتلىك بولۇپ، ئىمكانقەدەر دىيەتنى يېنىكلىتىشكە تەشەببۇس قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالامۇ  بەندىلىرىگە ھەر ئىشتا يېنىكلىتىش ۋە رەھمەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان ئىكەن، بەندىلەرمۇ بىر_بىرىگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئايەتنىڭ ئاخىرى تەھدىد بىلەن ئاياقلاشقان. قاتىلدىن دىيەت ئېلىشقا رازى بولۇپ، ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىشتىن ۋاز كەچكەنلەر ناۋادا سۆزىدىن يېنىۋېلىپ قاتىلنى ئۆلتۈرىۋەتسە ياكى قاتىل قىساستىن قۇتۇۋېلىپ ئۆزى ۋەدە قىلغان دىيەتنى بېرىشتىن باش تارتسا، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىدە ھەددىدىن ئاشقانلىق بولۇپ، ئۇلار ئاخىرەتنىڭ قاتتىق ئازابىغا دۇچار بولىدۇ.

يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، بىرلا قىساس ئايىتىدە، كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىنى ئويغىتىش، ئەقلىنى ئىشقا سېلىش، كۆڭلىنى يۇمشىتىش، سىلىقلىققا چاقىرىش، شەپقەت قىلىشقا ئۈندەش ۋە ئاخىرىدا تەھدىد قاتارلىق ئۇسلۇبلار بىلەن قىساس مەسىلىسى ھەل قىلىنغان. بۇنداق ئېسىل ۋە تەسىرلىك باياننى ئىنسانلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن قايسىبىر ئەسەردىن تاپقىلى بولسۇن؟!

«قۇرئان كەرىم»نىڭ بىر ئاندا ئەقىل بىلەن ۋىجدان ھەر ئىككىسىگە خىتاب قىلغانلىقىنىڭ ئۆرنەكلىرى ئىنتايىن كۆپ. «قۇرئان كەرىم» ئار_خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت ئىنتايىن نازۇك بىر مەسىلىنى ئوقۇغان مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، ھېچكىمنىڭ غۇرۇرىنى زىدىلىمەيدىغان ۋە ھەركىم راھەت ئوقۇيدىغان ئۇسۇل بىلەن بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿ﲯ ﲰ ﲱ ﲲ ﲳ ﲴ ﲵﲶ ﲷ ﲸﲹ ﲺ ﲻ ﲼ ﲽ ﲾﲿ ﳀ ﳁﳂ﴾ يەنى ﴿ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن (خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر، ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار، ئالدى بىلەن ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە بىلىڭلاركى، سىلەر چوقۇم ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارىسىلەر. مۇئمىنلەرگە خۇش خەۋەر بەرگىن﴾[4].

 «قۇرئان كەرىم» بىزنىڭ قەد كۆتۈرۈشىمىزگە كاپالەت قىلىدىغان كىتابتۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئىسلام مىللىتى ھەممە جەھەتتىن قەد كۆتۈرۈشكە مۇھتاج. ئەمما ئۇلار مەنىۋى جەھەتتىن قەد كۆتۈرمەي تۇرۇپ باشقا جەھەتلەردىن ئىلگىرلىيەلمەيدۇ. ئىسلام مىللىتىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە كاپالەت قىلالايدىغان قۇۋۋەت مەنبىئى «قۇرئان كەرىم»دۇر.

قۇرئان ئىسلام  مىللىتىنى ئىسلاھ قىلىشقا، ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى يېڭىلاشقا قادىر ۋە ئۇلارنىڭ قەد كۆتۈرىشىگە كاپالەت قىلىدىغان بىر كىتاب تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن بۇ دېگەنلەر ئەمەلگە ئاشمايدۇ؟ نېمە ئۈچۇن مۇسۇلمانلار قۇرئاننى شۇنچە كۆپ ئوقۇپ تۇرۇپ، ھەتتا رامىزان ئايلىرىدا كېچىلىرى ئۇخلىماي قۇرئان ئوقۇپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئوڭشالمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن قۇرئان ئۇلارنى قەد كۆتۈرگۈزمەيدۇ؟

بۇ سوئاللارنىڭ ھەممىسىنىڭ جاۋابى بىردۇر. ئۇ بولسىمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئانغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئىبادەت قىلىشتىن ئۇنى ئوقۇش ئارقىلىق ئىبادەت قىلىشنى ئەۋزەل كۆرگەنلىكى، ئەمەل قىلىش ئۈچۇن چۈشۈرۈلگەن بۇ قۇرئاننى ئوقۇش ئۈچۇنلا خاس قىلىۋالغانلىقى، قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىشتىن غاپىل ھالدا، ئۇنىڭ لەۋزىنى تىلاۋەت قىلغىنىدىن پەخىرلىنىپ مەيدىسىگە ئۇرغانلىقىدۇر.

«قۇرئان كەرىم»دە ئاللاھ تائالاغا يېتىدىغان يول ئېنىقتۇر

ئاللاھ تائالاغا ئېلىپ بارىدىغان تۈپتۈز يولنى ئىزدىگە ئادەمنىڭ «قۇرئان كەرىم»گە چىڭ ئېسىلىشى شەرت. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقىقەتنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿ﲹ ﲺ ﲻ ﲼ ﲽ ﲾ ﲿ ﳀ ﳁ ﳂ  ﳃ ﳄ﴾ يەنى ﴿بۇ (قۇرئان) پۈتۈن ئالەملەر ئۈچۈن، بولۇپمۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى توغرا يولدا بولۇشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن پەقەتلا ئۈگۈتتۇر﴾[5]. «قۇرئان كەرىم» شۇنداق بىر نۇرلۇق مەشئەلكى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن  ماڭغانلارنىڭ يولىنى يۇرۇتىدۇ، قەلبلەردىكى شەك_شۈبھىلەرنى ۋە قاراڭغۇلۇقلارنى يوق قىلىپ تاشلايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿ ﱞ ﱟ ﱠ ﱡ ﱢ ﱣ ﱤ  ﱥ ﱦ ﱧ ﱨ ﱩ ﱪ ﱫﱬ ﱭ ﱮ ﱯ ﱰ ﱱ ﱲ  ﱳﱴ ﱵ ﱶ ﱷ ﱸ ﱹ ﱺ ﱻ ﱼ ﱽ ﱾ ﱿ ﲀ ﲁ ﲂ ﲃ ﲄ ﲅ ﲆﲇ﴾ يەنى ﴿سىلەرگە كىتابىڭلاردا سىلەر يوشۇرغان نەرسىلەرنىڭ نۇرغۇنىنى ئاشكارا بايان قىلىپ بېرىدىغان ۋە نۇرغۇننى(پايدىسى بولمىغانلىقتىن بايان قىلماي) ئۆتۈپ كېتىدىغان ئەلچىمىز كەلدى، ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر  ۋە روشەن كىتاب كەلدى. ئاللاھ شۇ كىتاب ئارقىلىق رازىلىقىنى ئىزدىگەنلەرنى نىجاتلىق يوللىرىغا يىتەكلەيدۇ، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقلىرىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ﴾[6].

«قۇرئان كەرىم» بىلەن ھەر كىم ئاللاھ تائالاغا بارىدىغان يولىنى تاپالايدۇ: ﴿ﲟ ﲠ ﲡ ﲢ  ﲣ ﲤ ﲥ ﲦﲧ﴾ يەنى ﴿بۇ (قۇرئان) رەببىڭلار تەرىپىدىن (كەلتۈرۈلگەن) دەلىللەردۇر، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر [7]

«قۇرئان كەرىم»نىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرگەن ئادەم سىراتۇل مۇستەقىمنىڭ ئۆزىدە ماڭغان بولىدۇ: ﴿ﲯ ﲰ ﲱ ﲲ ﲳ ﲴ ﲵ ﲶ ﲷ ﲸ ﲹ ﲺ﴾ يەنى ﴿ئى ئىنسانلار! سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن كەسكىن دەلىل كەلدى، سىلەرگە ئوپئوچۇق نۇر (قۇرئان) نى چۈشۈردۇق﴾ [8].

شۇنداق، «قۇرئان كەرىم» ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە ئەڭ ماھىر يولباشچى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ئەڭ ئاز تىرىشچانلىق بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئېلىپ بارىدۇ.

﴿ﲥ ﲦ ﲧ ﲨ ﲩ ﲪ  ﲫ ﲬﲭ ﲮ ﲯ ﲰ ﲱ ﲲ ﲳ  ﲴ ﲵ﴾ يەنى ﴿بىزنىڭ ساڭا ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىنىۋاتقان كىتابنى چۈشۈرگەنلىكىمىز يەتمەمدۇ؟ شەكسىزكى، ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇنىڭدا رەھمەت ۋە ئىبرەت بار﴾[9].

«قۇرئان كەرىم»نى قويۇپ باشقا يوللار بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىمىز دېگۈچىلەر ئەخمەقلەردۇر. چۈنكى ئۇلار ئىزدەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى تولىقى بىلەن «قۇرئان كەرىم»دە بار.

قۇرئان ئەمەل قىلىش ئۈچۈن چۈشكەن كىتاب

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نى ئۇنىڭ ئوقۇش قائىدىسىگە رىئايە قىلغان ھالدا توغرا ئوقۇپ، مەنىسىنى توغرا چۈشىنىپ، مەقسەت ۋە غايىلىرىنى بىلىپ، بىزدىن تەلەب قىلغىنى بويىچە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن چۈشۈرگەن. ﴿ﱢ ﱣ ﱤ ﱥ ﱦ ﱧ ﱨ ﱩ  ﱪ ﱫ﴾ يەنى ﴿ (مانا بۇ) ئۇلارنى ئايەتلىرىنى تەپەككۇر قىلسۇن ۋە ئەقىل ئىگىلىرى ئۆگۈت ئالسۇن دەپ، بىز چۈشۈرگەن مۇبارەك كىتابتۇر﴾ [10] .

مۇسۇلمانلار بۇ ئايەتكە ئەمەل قىلىۋاتامدۇ؟

ئەپسۇسكى، مۇسۇلمانلارنىڭ «قۇرئان كەرىم» بىلەن بولغان چوڭ ئالاقىسى ئۇنى تىلاۋەت قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ قالغان. ئۇلار «قۇرئان كەرىم»نى ئۇنىڭ مەنىسىنى تەپەككۇر قىلىپ، ئويلاپ، مەقسەتلىرىنى چۈشىنىپ ئەمەل قىلىشنىڭ ۋەسىلىسى قىلماستىن، بەلكى ئۇنىڭ تېكىستىنى تىلاۋەت قىلىشقىلا كۇپايە قىلىدىغان بولۇپ قالغان.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ قۇرئاننى ئۇنىڭ روھى بويىچە ئەمەل قىلىش ئۈچۇن چۈشۈرگەن تۇرسا، كىشىلەر ئۇنى تىلاۋەت قىلىشنى ئەمەل سانىۋالدى».

 فۇزەيل ئىبنى ئىياز مۇنداق دېگەن: «قۇرئان چوقۇم ئەمەل قىلىش ئۈچۈن چۈشكەن بولسىمۇ، كىشىلەر ئۇنى تىلاۋەت قىلىشنى ئەمەل دەۋالغان».

 مۇسۇلمانلار «قۇرئان كەرىم»نىڭ لەۋزىنى تىلاۋەت قىلىش بىلەنلا مەشغۇل بولۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ مەنىسىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىززەت_ئابرويىنىڭ، كۈچ_قۇۋۋىتىنىڭ ۋە قەد كۆتۈرىشىنىڭ مەنبىئىدىن مەھرۇم قالغان. ئۇلار شۇنداق قىلىپ يولىنى يۇرۇتىدىغان چىراقنى ئۆز قولى بىلەن ئۆچۈرۈپ قويغان. نەتىجىدە، باشقىلارنىڭ سايىسىدا، ئۇلارنىڭ رەھىم_شەپقىتىگە تايىنىپ ھايات كەچۈرىدىغان، قەدىر_قىممىتىنى ۋە ئېتىبارىنى يوقىتىپ قويغان بىر ئۇممەتكە ئايلىنىپ قالغان. ئۆتمۈشلەردە دۇنيانى سورىغان سەلتەنەتلىك مۇسۇلمانلار بۈگۇنكى كۈندە باشقىلارنىڭ سەلتەنىتىگە بېقىنىدىغان بولۇپ قالغان. ئۇلارنى ئەسلىدىكى سەلتەنىتىگە ۋە ئىززەت_ئابرويىغا ئېرىشتۈرىدىغان سېھىرلىك كۈچ ئۇلارنىڭ قولىدا بار. ئەمما ئۇلار ئۇنىڭ لەۋزىنى تىلاۋەت قىلىشقا كۇپايە قىلىپ، مەنىسىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنالماي كەلمەكتە.

مۇسۇلمانلارنىڭ شان –شەرىپى قۇرئان بىلەندۇر

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بەخت_سائادەتنىڭ مەنبىئى بولغىنىدەك، ئۇلارنىڭ  شان_شەرىپنىڭ ۋە ئىززىتىنىڭ مەنبىئى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿ﲯ ﲰ ﲱ ﲲ ﲳ ﲴﲵ ﲶ ﲷﲸﱠ يەنى ﴿ھەقىقەتەن سىلەرگە سىلەرنىڭ شان_ شەرىپىڭلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب ( قۇرئان) نى چۈشۈرۈپ بەردۇق. سىلەر تېخىچە ئەقىل ئىشلەتمەمسىلەر؟ﱠ[11].

  ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلار بارچە كۈچىنى «قۇرئان كەرىم»دىن ئالغان. ئۇلار «قۇرئان كەرىم»نىڭ نېمە مەقسەت بىلەن چۈشكەن كىتاب ئىكەنلىكىنى تونۇغان ۋە ئۇنىڭ روھى بويىچە ئەمەل قىلغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ سەلتىنىتى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ھالقىپ، ئۈچ قىتئەگە يۆتكەلگەن. ئۇلار دۇنيادا ئادالەت بىلەن ھەققانىيەتنى ئومۇملاشتۇرغان ئىدى.

ئەمما ئەپسۇسكى، ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدىن كېيىنكى ۋە ھازىرقى مۇسۇلمانلاردا «قۇرئان كەرىم» ھازىر ۋە غائىب ھالەتتە بولۇپ قالغان. ھازىر دېگىنىمىز «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا، قارىيلارنىڭ دىلىدا بار ئىكەنلىكىنى، غائىب دېگىنىمىز «قۇرئان كەرىم»گە ئەمەل قىلىشنىڭ يوقالغانلىقىدىن ئۇنىڭ روھىنىڭ، مۆجىزىسىنىڭ ۋە ھاياتتىكى باشلامچىلىق رولىنىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا يوقالغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىز مۇسۇلمانلار قۇرئان ئوقۇپ ساۋاب تېپىشقا كۇپايە قىلىپ، ئۆزىمىزنى چوڭ ساۋابلىق ئىش قىلغانلار قاتارىدا ساناپ كېلىۋاتىمىز.

ئەللامە مۇھەممەد غەززالى مۇنداق دېگەن: «بىز قۇرئاننى ھاياتىمىزدا ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرىشىمىز لازىم. ئەمما ئۇنى ئۆيلەردە، دۇكانلاردا ۋە ئىش ئورۇنلىرىدا ساقلاپ تەۋەرۈك قىلىش ياكى قۇرئاننى ئېچىپ بىر ياكى ئىككى ئايەت ئوقۇپلا يېپىپ قويۇشقا بولمايدۇ»[12].

   توغرا، قۇرئاننى ئوقۇپ قويغان بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ، مەسىلە ھەل بولمايدۇ ۋە مەقسەت ئادا بولمايدۇ. چۈنكى ئەرەب تىلىدىكى«تىلاۋەت» سۆزى «تلى، يتلوا» دېگەن سۆز يىلتىزىدىن بولۇپ، مەنىسى داۋام قىلىش، ئارقىسىدىن يۈرۈش دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئەرەب تىلىدا، بىراۋ يەنە بىرىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭغاننى «يتلۇ»دەيدۇ. دېمەك، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش دېگەن بىر قانچە ئايەت ياكى بىر قانچە سۈرىنى ئوقۇپ قويۇش ئەمەس، بەلكى ئوقۇغاننىڭ مەنىسىنى بىلىپ، روھىغا ئەمەل قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش، قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئىش كۆرۈشتىن توختاپ قالماسلىق دېگەننى ئىپادىلەيدۇ.

ئىمام ھەسەن بەننا مۇنداق دېگەن: «‹قۇرئان كەرىم› يۇقىرى ئۇپۇقتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە تۇمار قىلىپ ئېسىۋېلىش ياكى مازار بېشىدا ئوقۇش ياكى مۇسىبەتلەردە تىلاۋەت قىلىش ياكى قارىيلارنىڭ دىلىدا، ياكى كىتاب ھالىتىدە ساقلاش ياكى ئۆزىنى يادلاپ ئەھكاملىرىنى تاشلاپ قويۇش ئۈچۇن چۈشكەن كىتاب ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىنسانىيەتنى بەختلىك ياھاتقا باشلاش ئۈچۈن چۈشكەن كىتابتۇر. ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلار «قۇرئان كەرىم» نىڭ پەزىلىتىنى بىلگەن. شۇڭا ئۇلار ئۇنى ھاياتىنىڭ دەستۇرى ۋە قانۇن_تۈزۈملىرىنىڭ مەنبىئى، قەلبىنىڭ نۇرى، ئىبادەتنىڭ گۈلى قىلىۋالغان. ئۇلار «قۇرئان كەرىم»نى چۈشىنىپ ئوقۇش ۋە مەنىسىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۇن ئۇنىڭغا قەلبىنى ئاچقان، ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار ھەۋزى كەۋسىرىدىن قانغۇچە ئىچكەن. شۇنىڭ بىلەن روھىنى سۇغۇرغان. شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا دۇنيانىڭ سەلتەنىتىنى ئاتا قىلغان. ئاخىرەتتە بولسا ئۇلارغا يۇقىرى دەرىجىلىك جەننەتلەرنى ۋەدە قىلغان. ئەپسۇسكى،  بىز ئۇلارغا ئوخشاش بولالمىدۇق. بۇ سەۋەبتىن ھازىرقى ھالىمىزغا يېتىپ قالدۇق. دۇنيالىق ئىشلىرىدا ئاجىز، دىنىي ئىشلاردا زەئىپ بولۇپ قالدۇق».    

«قۇرئان كەرىم» تىلاۋەت قىلىنىدىغا  يېگانە كىتابتۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

«قۇرئان كەرىم» ساماۋى كىتابلار ئىچىدە چىرايلىق تىلاۋەت قىلىشقا بۇيرۇلغان يېگانە كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەۋرات، ئىنجىل ۋە زەبۇر قاتارلىق ساماۋى كىتابلارنىڭ ھېچقايسىسى تىلاۋەت قىلىنمايتتى ۋە تىلاۋەت قىلىشقىمۇ بۇيرۇلمىغان. شۇنداقلا «قۇرئان كەرىم»دىن باشقا بىرەر كىتابنى ئوقۇغانغا ساۋاب يېزىلمايدۇ. پەقەت «قۇرئان كەرىم»لا ئوقۇغانغىمۇ ساۋاب يېزىلىدىغان كىتابتۇر. مۇندىن باشقا يەنە بارچە ساماۋى كىتابلار بىر قېتىمدىلا چۈشكەن بولسا، «قۇرئان كەرىم» بىر قانچە باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا، ئاز_ئازدىن چۈشۈپ 23 يىلدا چۈشۈپ بولغان. بۇ ئۇنى قەلبلەردە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىدى. ﴿ﲾ ﲿ ﳀ ﳁ ﳂ ﳃ ﳄ ﳅ  ﳆﳇ ﳈ ﳉ ﳊ ﳋﳌ ﳍ ﳎ ﳏﱠ يەنى ﴿كاپىرلار: «قۇرئان نېمىشقا ئۇنىڭغا بىر قېتىمدىلا چۈشۈرۈلمىدى؟» دېدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن سېنىڭ دىلىڭنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق( يەنى پارچە _ پارچە چۈشۈردۇق) ۋە ئۇنى دانە _ دانە ئوقۇپ بەردۇقﱠ [13].

  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئان تىلاۋەت قىلىشى ئىنتايىن ئاستا بولۇپ، ئەڭ ئاستا ئوقۇغان ھەر قانداق ئادەمدىنمۇ ئاستا ئوقۇيتتى. تىلاۋەت ئەسناسىدا ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى ئويلاپ، تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇيتتى. بەزى بىر ئايەتنى بىر انچە قېتىم تەكرارلاپ ئوقۇيتتى.

قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتىن ئاساسلىق مەقسەت ئۇنىڭدىن تەسىرات ئېلىشتۇر

قۇرئانى تىلاۋەت قىلغاننىڭ ساۋابى ئىنتايىن كۆپ. ھەتتا بىر ھەرپ ئوقۇغانغا 10 ساۋاب يېزىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇغان كىشى بىر ساۋابقا ئېرىشىدۇ، بۇ بىر ساۋاب ئون ھەسسىگە كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ. «ئەلىف، لام، مىم» نى بىر ھەرپ دەپ ھېسابلىمايمەن، بەلكى «ئەلىف» بىر ھەرپ، «لام» بىر ھەرپ، «مىم» بىر ھەرپتۇر» دەپ كۆرسەتكەن([14]). ئەمما قۇرئان ئوقۇغاننىڭ پايدىسىنى مۇشۇ دۇنيادا كۆرەي دېگەن ئادەم چوقۇم ئۇنى ئۇنىڭدىن تەسىر ئالغۇدەك دەرىجىدە ۋايىغا يەتكۈزۈپ تىلاۋەت قىلىشى كېرەك. ھازىرقى مۇسۇلمانلار ھەممىدىن بەك قۇرئاننىڭ تەسىرىگە مۇھتاج. ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ ئەڭ سەرخىلى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىپ، ئۇنى ئۆزىگە قارىتىش مۆجىزىسىدۇر. شۇ سەۋەبتىن ئۆز ۋاقتىدىكى ئەرەب مۇشرىكلىرى تەۋەلىرىنى قۇرئاننى ئاڭلاپ قېلىشتىن توسقان. ﴿ﲞ ﲟ ﲠ ﲡ ﲢ ﲣ ﲤ  ﲥ ﲦ ﲧ ﲨ ﲩﱠ يەنى ﴿كاپىرلار: «سىلەر بۇ قۇرئانغا قۇلاق سالماڭلار، (قۇرئان ئوقۇلغاندا غەلۋە قىلىپ) ئۇنى ئېلىشتۇرۇۋېتىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار، قۇرئاننى توسۇشتا) غەلىبە قىلىشىڭلار مۇمكىن» دېدىﱠ[15].

 بىز «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھاياتىمىزنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋېتەلەيدىغان دەرىجىدىكى زور تەسىرىگە ئېرىشەلمەستىن، ئۇنى قانچىلىك كۆپ تىلاۋەت قىلساقمۇ ئۇنىڭدىن كۆزلىگەن پايدىنى ئالالمايمىز. چۈنكى ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلارنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن نەرسە «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەسىرى ئىدى. شۇڭا «قۇرئان كەرىم»نى تىلاۋەت قىلىشتىن بىرىنچى مەقسەت ئۇنىڭدىن تەسىرات ئېلىشتىن ئىبارەت بولىشى لازىم.

قۇرئاننىڭ تەسىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى  ئاز بولسىمۇ ھەر كۈنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرۇشنى ئادات قىلىش، تىلاۋەت قىلغاندا، تىنچ ئورۇننى تاللاپ، ئۆزىگە ئاڭلانغۇدەك مىقداردا ئاۋازنى چىقىرىپ، ئالدىرىماي، مەنىسىنى چۈشىنىپ ئوقۇش لازىم. ئىمكانقەدەر قۇرئاننى يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇش تولىمۇ ياخشىدۇر. چۈنكى مۇنداق قىلىش ھېسسىياتنى ئۆرلىتىش، دىلنى يۇمشىتىش رولىغا ئىگە. بىرەر ئايەتتىن تەسىرات ھاسىل قىلغان ۋاقتىمىزدا، شۇ ئايەتنى قايتا_قايتا ئوقۇشىمىز لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ﴿ﲾ ﲿ ﳀ ﳁﳂ  ﳃ ﳄ ﳅ ﳆ ﳇ ﳈ ﳉﳊ ﱠ يەنى ﴿ئەگەر ئۇلارنى ئازابلىساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر، ئەگەر ئۇلارنى ئەپۇ قىلساڭ، شەكسىزكى، سەن غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن[16] دېگەن ئايەتنى تەھەججۇد نامىزىدا بىر كېچە تەكرارلاپ چىققانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.

قۇرئانغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

قۇرئان ئوقۇشتا ۋە ئۇنى ئاڭلاشتا ساناپ بولغۇسىز ھۇزۇر_ھالاۋەت بار. ئۇنى پەقەت ئاللاھ تائالا ماڭا خىتاب قىلىۋاتىدۇ دېگەن ھېس_ تۇيغۇغا كېلەلىگەن ئادەملا بايقىيالايدۇ. مەسىلەن: ﴿ﳊ ﳋ ﳌ ﳍ  ﳎﳏ ﱠ يەنى ﴿ يەر يۈزىدە غادىيىپ ماڭمىغىن ﱠ [17]، ﴿ﳒ ﳓ ﳔ ﱠ يەنى ﴿نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىن ﱠ [18]، ﴿ﲷ ﲸ ﲹ ﱠ يەنى ﴿بۇيرۇلغىنىڭدەك (توغرا يولدا) مۇستەھكەم بولغىن [19] دېگەن ئايەتلەرنى ئوقۇغان ياكى ئاڭلىغان ئادەم بۇ سۆزلەرنى ئاللاھ تائالا ماڭا قارىتىپ سۆزلەۋاتىدۇ دېگەن ئېتىقاد بىلەن ئۆزىنى تەكشۈرۈپ كۆرسە، ئۆزىنىڭ ئەھۋالى بۇ ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا تەلەب قىلغان بويىچە بولىۋاتامدۇ ياكى ئەكسىچە كېتىپ بارامدۇ؟ بۇنى بىلىدۇ ۋە ئۆزىنى ھەم ئەھۋالىنى بۇ ئايەتلەردە بۇيرۇلغان بويىچە توغرىلايدۇ.

شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ﱒ ﱓ ﱔ ﱕ ﱖ ﱗ  ﱘﱠ يەنى ﴿رەببىڭنىڭ سايىنى قانداق سوزغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ﱠ[20]، ﴿ﲖ ﲗ ﲘ ﲙ ﲚﲛﱠيەنى﴿زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىنﱠ[21] دېگەن ئايەتلەرنى ئوقۇغاندا ياكى ئاڭلىغاندا، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە ماڭا سۆزلەۋاتىدۇ، دېگەن ئېتىقاد بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئەمرىنى ئورۇندىغان ئادەم «قۇرئان كەرىم»نىڭ پايدىسىنى مۇشۇ دۇنيادىلا كۆرگەن بولىدۇ.

ئەبۇلھەسەن نەدەۋى[22] ئىسلام شائىرى مۇھەممەد ئىقبال[23] ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئۇسلۇبى باشقىلارنىڭ ئۇسلۇبىغا ئوخشىمايتتى. ئۇ مۇشۇ ئۇسلۇبنىڭ بەرىكىتى بىلەن قۇرئاننىڭ ھالاۋىتىنى ئەڭ تولۇق تېتىيالىغان ۋە ئۇنىڭ سايىسىدا ھۇزۇرلۇق ھايات كەچۈرگەن شەخسلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئەللامە ئىقبال ئۆزى توغرۇلۇق مۇنداق دەپ يازغان ئىكەن: «مەن ھەر ئەتىگىنى بامدات نامىزىدىن كېيىن قۇرئان ئوقۇشنى ئادەت قىلىۋالغان ئىدىم. ھەر كۈنى دادام مەندىن نېمە قىلىۋاتىسەن؟ دەپ سورايتتى. مەن «قۇرئان ئوقۇۋاتىمەن»دەپ جاۋاب بېرەتتىم. دادام ھەر كۈنى شۇ بىر خىل سوئالنىلا سورايدۇ، مەنمۇ  شۇ بىر خىل جاۋابنىلا بېرىمەن. بىر كۈنى مەن دادامدىن «دادا ھەر كۈنى قۇرئان ئوقۇۋاتقىنىمنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە مەندىن نېمە قىلىۋاتقىنىمنى سوراشتىن زېرىكمىدىڭىزمۇ؟ »دەپ سورىۋىدىم. دادام ماڭا «بالام! مەن ساڭا قۇرئاننى خۇددى ساڭا چۈشكەندەك ئوقۇغىن دېكچى ئىدىم»دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن قۇرئاننى خۇددى ئاللاھ تائالا ماڭا چۈشۈرگەندەك ھېس_تۇيغۇ بىلەن ئۇنى چۈشىنىپ ئوقۇيدىغان بولدۇم. ئۇنىڭ پارلاق نۇرىدىن ۋە جەۋھەرلىرىدىن مېنىڭ شېئىرىي ئەسەرلىرىم بارلىققا كەلدى»[24].

«قۇرئان كەرىم»نىڭ تەسىر كۈچى

«قۇرئان كەرىم»نىڭ تەسىر كۈچى پەۋقۇلئاددە كۈچ بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدىكى ئەرەبلەرنىڭ تولىسى «قۇرئان كەرىم»نىڭ قەلبلەرگە چوڭقۇر تەسىر قىلىشتەك مۆجىزىسى بىلەن ئىمان ئېيتقان. ئىسلامغا ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىكى بىلەن تونۇلغان ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سىڭلىسى تىلاۋەت قىلغان ئايەتنى قولىغا ئېلىپ ئوقۇپ چىقىشى بىلەن بىردىنلا قەلبى ئېرىپ مۇسۇلمان بولغانلىقى ۋە مۇسۇلمان بولغىنىدىن كېيىن ئىسلامنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوغدىغۇلىرىدىن بىرى بولۇپ تارىخقا قەيت قىلىنغانلىقى، جۇبەير ئىبنى مۇتئىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلاۋىتىنى ئاڭلاش بىلەن بىردىنلا پىكرى ئۆزگىرىپ ئىمان ئېيتقانلىقى بۇنىڭ مىسالى.

ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە جۇبەير ئىبنى مۇتئىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ: «بىر كۈنى  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شام نامازنىڭ پەرزىگە تۇر سۈرىسىدىن قىلغان تىلاۋىتىنى ئاڭلاپ : ﴿ﱚ ﱛ ﱜ ﱝ ﱞ ﱟ ﱠ ﱡ ﱢ ﱣ ﱤ  ﱥ ﱦﱧ ﱨ ﱩ ﱪ ﱫ يەنى ﴿ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟ ياق، ئۇلار ( ئەسلىدە ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە) ئىشەنمەيدۇﱠ دېگەن ئايەتكە كەلگەندە، بىردىلا دىلىم ئىمانغا كېلىپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمۇمنى ھاياجان قاپلىۋالدى، قەلبىم خوشاللىقتىن ئۇچۇشقا ھازىر بولغاندەك بولۇپ قالغان ئىدى».

قۇرئاننىڭ تەسىرىدىن ئۇبادە ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا نامازدا تۇرغىنىدا مۇشرىكلەرنىڭ ئۈچ قېتىملىق ئوقياسى تېگىپ قانلىرى ئېقىپ تۇرسىمۇ، نامىزىنى بۇزمىغانلىقى ۋە قىرائىتىنى توختاتمىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.

ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇنازىرىلىشىش ئۈچۈن كەلگەن نەجىرانلىق خرىستىئانلار ئۆمىكىمۇ ئاڭلىغان قۇرئاننىڭ تەسىرىدىن يىغلاپ كەتكەن. بۇ ۋەقەلىكنى «قۇرئان كەرىم» مۇنداق قىسسە قىلىدۇ: ﴿ﲣ ﲤ ﲥ ﲦ ﲧ ﲨ ﲩ ﲪ ﲫ ﲬ ﲭ ﲮ ﲯ ﲰ ﲱﲲ ﲳ ﲴ ﲵ ﲶ ﲷ ﲸ ﲹ يەنى ﴿ ئۇلار پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن (ئايەتلەر) نى ئاڭلىغان چاغدا، ھەقىقەتنى تونۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئى رەببىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنى (ھەقىقەتكە) گۇۋاھ بولغۇچىلار قاتارىدا يازغىنﱠ[25]. 

«قۇرئان كەرىم»نىڭ تەسىرى ئىنسانلار ئۈچۇنلا ئەمەس، بەلكى جىنلارمۇ ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بامدات نامىزىغا ئوقۇغان قىرائىتىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئۇنىڭ تەسىرىدىن مۇسۇلمان بولغان. «قۇرئان كەرىم» جىنلارنىڭ تىلىدىن قىسسە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ﱊ ﱋ ﱌ  ﱍ ﱎ ﱏ ﱐ ﱑ ﱒ ﱓﱔ ﱠ يەنى ﴿بىز ھەقىقەتەن  توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ قۇرئاننى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇقﱠ [26]. 

«قۇرئان كەرىم»نىڭ تەسىر كۈچىنى ئىنسان ئەقلىنىڭ مۆلچەرلىيەلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ﱹ ﱺ ﱻ  ﱼ ﱽ ﱾ ﱿ ﲀ ﲁ ﲂ ﲃ  ﲄﲅ ﲆ ﲇ ﲈ ﲉ ﲊ ﲋﲌﱠ يەنى ﴿ئەگەر بىز بۇ قۇرئاننى بىرەر تاغقا چۈشۈرگەن بولساق، چوقۇم سەن ئۇنىڭ ئاللاھتىن قورققانلىقتىن باش ئەگكەنلىكىنى، يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىڭ، بىز بۇ مىساللارنى ئىنسانلارغا تەپەككۇر قىلسۇن دەپ بايان قىلىۋاتىمىزﱠ [27]. 

شۇنى كەسكىن ئېيتىمىزكى، قولىمىزدىكى قۇرئان ئىسلام مىللىتى مۇھتاج بولىۋاتقان مەنىۋى ئېنېرگىيىنىڭ ئۆزىدۇر. قاچانىكى، بىز قۇرئاننى مەنىۋى  كۈچ_قۇۋۋىتىمىزنىڭ مەنبىئى ۋە ئىچىمىزدىن ئېتىلىپ چىقىدىغان روھىيەت بۇلىقىغا ئايلاندۇرالىساق، ئۇنىڭ ھەۋزى كەۋسىرى بىلەن روھىمىزنى تىرىلدۈرەلەيمىز ۋە قاششاقلىقتىن چۆلدەپ كەتكەن مەنىۋى ھاياتىمىزنى چوقۇم ياشارتالايمىز. نەتىجىدە، تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز.

بەزىلەر مۇنداق دېيىشى مۇمكىن، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۆز ۋاقتىدا ساھابىلارنىڭ قەلبىگە شۇنداق زور تەسىر قىلغانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات بولغانلىقى سەۋەبىدىن بولالماسمۇ؟

سەييىد قۇتۇپ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىسلام دەۋىتىنىڭ غەلىبە قىلىشى ۋە ئۇنىڭ مېۋە بېرىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات بولىشىغا باغلىق بولىدىغان بولسا ئىدى، ئاللاھ تائالا بۇ دەۋەتنى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئومۇم قىلمىغان، ئۇنى ساماۋى دىنلارنىڭ ئاخىرقىسى قىلمىغان ۋە تاقىيامەتكىچە ئىنسانلارنىڭ تەقدىرىنى بۇ دىنغا باغلىمىغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نى قوغداشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، ئىسلام دەۋىتىنى پەيغەۋمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنمۇ تاقىيامەتكىچە داۋام قىلىدىغان ۋە مېۋىسىنى بېرىپ تۇرىدىغان قىلغان. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى 23 يىللىق دەۋەتتىن كېيىن ۋاپات قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئۇ باشلاپ بەرگەن ئىسلام دەۋىتى داۋام قىلماقتا.

ئىسلامنىڭ تۇنجى ئەۋلادلىرى بولغان ساھابىلارنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن مەنبە «قۇرئان كەرىم»دۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى بولسا، بۇ مەنبەنىڭ ئەسەرلىرىدىن بىر ئەسەردۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىدىن سورالغىنىدا، «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى»[28] دېگەن»[29].

ساھابىلەر «قۇرئان كەرىم»گە قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟

سەييىد قۇتۇب مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى مۇسۇلمانلار «قۇرئان كەرىم»نى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ياكى بىلىم ئاشۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئوقۇمايتتى. بەلكى ئوزۇقلىنىش، ئەمەل قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئوقۇيتتى.

توغرا، ئۇلار «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئايەتلىرىنى خۇددى جەڭ مەيدانىدىكى ئەسكەرلەر قومانداندىن بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالغاندەك تاپشۇرۇپ ئالاتتى. شۇڭا ئۇلار كۈندىلىك ئالىدىغان تەلىملىرىدە ىزيادىنى خالىمايتتى. چۈنكى ئۇلار كۈندىلىك ئۆگىنىپ، ئۆگەنگەنلىرىنى تۇرمۇش ئىشلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە ئىجرا قىلىپ ماڭغانلىقتىن، ئۈستىلىرىگە كۆپ تەكلىپلەرنى ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى يۈكلىۋېلىپ ئەمەل قىلالماي قېلىشلىرىنى ئەنسىرەيتتى. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلار_ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇنىڭ رىۋايەت قىلغىنىدەك[30]_ ئون ئايەتنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ياتلاپ، ئۇنىڭ روھى بويىچە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىنىپ بولۇپ، ئاندىن باشقىسىغا يۆتكىلەتتى.

ئۇلارنىڭ قۇرئان ئەمىرلىرىنى ئىجرا قىلىش مەقسىتى بىلەن قوبۇل قىلىشىنى ئۇلار ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ھالاۋەت ئىپۇقلىرىنى ئېچىپ بېرەتتى. ئۇلار قۇرئاننى ئىزدىنىش، مەلۇقامت ئىگىلەش نىيىتى بىلەن ئوقۇغان بولسا، بۇنداق ھالاۋەت ئۇپۇقلىرى ئۇلار ئۈچۈن ئېچىلمىغان بولاتتى. قۇرئان ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي دەستۇرىغا ئايلانغان ئىدى. قىسقىسى «قۇرئان كەرىم» خۇددى ئۇلارنىڭ تومۇرلىرىدا ئاققان قانغا ئوخشاش ئۇلارنىڭ ھايات ساھەلىرىدە ئۆز رولىنى كۆرسەتكەن ئىدى. «قۇرئان كەرىم»نىڭ خەزىنىسىگە پەقەت ئۇنىڭغا تولۇپ تاشقان جەڭگىۋارلىق روھى بىلەن يۈزلەنگەن ئادەمگىلا بېرىلىدۇ.

چۈنكى «قۇرئان كەرىم» ئوقۇپ كۆڭۈلنى خوش قىلىش ئۈچۈن چۈشكەن كىتاب ئەمەس ياكى ئەدەبىيات ياكى تارىخ كىتابى ئەمەس. بەلكى ئۇ ھاياتلىقنىڭ دەستۇرى بولۇش ئۈچۈن چۈشكەن كىتابتۇر»[31].

«قۇرئان كەرىم»نىڭ پايدىسىنى كۆرۈشنىڭ شەرتلىرى

«قۇرئان كەرىم» مۆجىزىلەرنى يارىتالايدىغان، قەلبلەرنى تىرىلدۈرىدىغان بىر كىتاب تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن بۇ مۆجىزىلەرنى بىزدە يارىتالمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ قەلبىمىزنى تىرىلدۈرەلمەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىزنى ساھابىلارغا ئوخشاش قىلىۋېتەلمەيدۇ؟

«قۇرئان كەرىم» بىزنىمۇ خۇددى ساھابىلارنى ئۆزگەرتكەندەك ئۆزگەرتىشكە ۋە بىزدىمۇ خارىقى ئادەتلەرنى يارىتىشقا ئەلۋەتتە قادىر. ئەمما ئۇنىڭ بىرلا شەرتى بار. ئۇ بولسىمۇ، بىزنىڭ «قۇرئان كەرىم»گە خۇددى ساھابىلەر مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىمىز ۋە ئۇنىڭ ئەمىرلىرىنى خۇددى جەڭ مەيدانىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالغىنىدەك قوبۇل قىلىپ ئىجرا قىلىدىغان ھالەتكە كېلىشىمىزدىن ئىبارەتتۇر.

بۇنداق ھالەتكە كېلىشنىڭ ئاساسلىق شەرتى قەلبىمىزنىڭ ئاللاھ تائالادىن قورقۇش تۇيغۇسى بىلەن تولىشىدۇر. بىزنىڭ قەلبىمىزدە ئاللاھ تائالادىن قورقۇش تۇيغۇسى ھەممىنى بېسىپ كېتىدىغان بىر تۇيغۇغا ئايلانغىنىدا، «قۇرئان كەرىم» چوقۇم بىزگە تەسىر قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ﴿ﲭ ﲮ ﲯ ﲰ ﲱﲲ﴾ يەنى ﴿سەن مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمدىن قورقىدىغانلارغا قۇرئان بىلەن ۋەز_ نەسىھەت قىلغىنﱠ [32] دەپ بۇيرىغان. بۇ مەنىنى كۈچلەندۈرىدىغان ئايەتلەر ئىنتايىن كۆپتۇر. بەقەرە سۈرىنىڭ بېشىدىكى ئايەتتىلا بۇ شەرت ناھايىتى روشەن يۇرۇتۇپ بېرىلگەن: ﱡﭐﱁ ﱂ ﱃ ﱄ ﱅ ﱆﱇ ﱈﱉ ﱊ  ﱋ ﱌﱠ  يەنى ﴿ئەلىف، لام، مىيم. بۇ كىتابتا ھېچ شەك يوق، (ئۇ) تەقۋادارلارغا[33] يېتەكچىدۇرﱠ [34]، ﱡﱧ ﱨ ﱩ ﱪ ﱫ ﱬ ﱭ ﱮ  ﱯ ﱰ ﱱﱠ يەنى ﴿ قۇرئاننى ساڭا سېنى جاپاغا قويۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت (ئاللاھتىن) قورقىدىغانلارغا ۋەز_ نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن چۈشۈردۇقﱠ[35].

قۇرئان شۇ قۇرئاندۇر. لېكىن ئۇنىڭ تەسىرى دىللارنىڭ سۈزۈكلىكىگە ۋە قوبۇل قىلىشتىكى ئەھۋالىغا قاراب بىر خىل بولمايدۇ. ﴿ﲰ ﲱ ﲲ ﲳ ﲴ ﲵﲶ ﲷ ﲸﲹ ﲺ ﲻ ﲼ ﲽ ﲾ ﲿﱠ يەنى ﴿ئېيتقىنكى، بۇ (قۇرئان) ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە شىپادۇر. ئىمان ئېيتمايدىغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىدا (قۇرئانغا قارىتا) بىر ئېغىرلىق بار، (ئۇلار ھىدايەت نۇرىنى كۆرمىگەنلىكتىن) ئۇ (قۇرئان) ئۇلارغا نىسبەتەن بىر قاراڭغۇلۇقتۇرﱠ [36].

«قۇرئان كەرىم»نى تىلاۋەت قىلىشتىن مەقسەت ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئۇنى قوبۇل قىلىدىغان قەلبنىڭ ئويغاق ۋە سەگەك بولىشى شەرت. ﴿ﲺ ﲻ ﲼ ﲽ ﲾ ﲿﳀ ﳁ ﳂ ﳃ ﳄ ﳅ ﳆ  ﳇﱠ يەنى ﴿بىز ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەدكە) شېئىر ئۆگەتمىدۇق، (بۇ) ئۇنىڭغا مۇناسىپمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، كاپىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى (بىلدۈرۈش ئۈچۈن چۈشكەن) ۋەز _ نەسىھەتتۇر ۋە روشەن قۇرئاندۇرﱠ[37].

«قۇرئان كەرىم» كىملەر ئۈچۈن  ۋەز_نەسىھەت؟

«قۇرئان كەرىم» ئاللاھ تائالانىڭ ھەيبىتىدىن ئەيمىنىدىغان، جازاسىغا يولۇقۇپ قېلىشتىن قورقىدىغان، غەزىبىگە دۇچار بولۇشتىن ھەزەر قىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋەز_نەسىھەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشكە قادىردۇر. ﴿ﲻ ﲼ ﲽ ﲾﱠ يەنى ﴿(ئاللاھتىن) قورققان ئادەملا ۋەز _ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدۇﱠ [38] دېمەك، «قۇرئان كەرىم»دىن مەنپەئەت ئالىدىغانلار پەقەت ئاللاھ تائالادىن قورقىدىغانلاردۇر.

«قۇرئان كەرىم» ئىماننىڭ مەركىزىي نوقتىسىدۇر

ئىسلام مىللىتىنىڭ ئەڭ چوڭ دەردى ئىماننىڭ ئاجىزلىق دەردىدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بەختسىزلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سەۋەبىنى ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدىن كۆرۈش مۇبالىغە قىلغانلىق بولمايدۇ. بىز ئىمانىمىزنى كۈچلەندۈرمەي تۇرۇپ، ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرەلمەيمىز، قەد كۆتىرەلمەيمىز ۋە بېشىمىزغا كەلگەن تەلەيسىزلىكلەردىن قۇتۇلالمايمىز. چۈنكى ئىسلام مىللىتى ئىماننىڭ كۈچى بىلەن بارلىققا كەلگەن ۋە شۇنىڭ بىلەن قەد كۆتۈرگەن مىللەت بولۇپ، بىزمۇ شۇنىڭ بىلەن قەد كۆتىرىمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بۇ ئۇممەتنىڭ ئاخىرىنىڭ ئەھۋالى پەقەت ئالدىنقىلىرىنىڭ ئەھۋالى تۈزۈلگەن نەرسە بىلەنلا تۈزىلىدۇ»[39].

ئىماننى كۈچەيتىشنىڭ چارىلىرى ۋە سەۋەبلىرىمۇ كۆپ. مەسىلەن: تائەت_ئىبادەتنى خالىس قىلىش، قۇرئاننى قائىدىسىگە ئويغۇن رەۋىشتە تىلاۋەت قىلىش ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش يولىدا ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش قاتارلىقلار ئىماننى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ. ئىماننى كۈچەيتىش چارىلىرى ئىچىدە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئالدىنقى ئورۇندا كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەقىقىي مۆمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿ﱗ ﱘ ﱙ ﱚ ﱛ ﱜ ﱝ  ﱞ ﱟ ﱠ ﱡ ﱢ ﱣ ﱤ ﱥ ﱦ  ﱧ ﱨﱠ يەنى ﴿ ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، (ھەر ئىشتا) رەببىگە تايىنىدىغان كىشىلەرلا ھەقىقىي مۇئمىنلەردۇرﱠ [40].

«قۇرئان كەرىم»نىڭ قەلبلەرگە بېرىدىغان تەسىر كۈچى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ھېچقانداق مەنبە ئۇنىڭ بىلەن رىقابەتكە چۈشەلمەيدۇ. دۇنيادا ئىنسانلارنى ئېتىقاد، ئەخلاق ۋە باشقا تەرەپلەردىن پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەن قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر كىتاب كۆرۈلگەن ئەمەس. «قۇرئان كەرىم» ئۆز ۋاقتىدا، پىكىر ۋە ئېتىقادتا خۇراپاتقا چۆكۈپ كەتكەن، ئىجتىمائىي تەرەپتىن ئىنتايىن تارقاق، سىياسىي جەھەتتىن ئۇرۇشقاق، قىساسخور، ھەتتا مىللەت قاتارىدىن سانالمايدىغان ئەرەبلەرنى تەربىيىلەپ، ئۆزگەرتىپ، دۇنياغا ئادالەت، رەھىم_شەپقەت ۋە ھەققانىيەتنىڭ ئۇرۇغىنى چاچىدىغان، گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كىشىلەرنى قايىل قىلىدىغان دەرىجىگە يەتكۈزگەن ئىدى

ئىسلام شائىرى مەرھۇم مۇھەممەد ئىقبال «قۇرئان كەرىم»نى تەرىپلەپ مۇنداق دېگەن ئىكەن: «قۇرئان كىتابلا ئەمەس، بەلكى ئۇ قەلبكە كىرسە، ئىنسان ئۆزگىرىدۇ، ئىنسان ئۆزگەرسە، دۇنيا ئۆزگىرىدۇ».

توغرا، «قۇرئان كەرىم» قەلبلەردىن چىن ئورۇن ئالغان ۋاقىتلاردا، ئىنسانلار ئۆزگەرگەن، ئاندىن ئۇلار دۇنيانى ئۆزگەرتكەن ئىدى.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ بۇ كارامىتى ھازىرمۇ بار. ئۇ تاقىيامەتكىچە شۇنداق داۋام قىلىدىغان مۆجىزە. قاچانىكى بىز «قۇرئان كەرىم»گە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش چىن قەلبىمىز ۋە پۈتۇن ۋۇجۇدىمىز بىلەن يۈزلىنىدىغان بولساق، ئۇ بىزنى چوقۇم ئۆزگەرتىشكە قادىر. ئۇ تەسىرىنى يوقىتىپ قويغان ئەمەس ياكى كونا سۆزلەرگە ئايلىنىپ قالغان ئەمەس. بەلكى ئۇ تېكىستى ۋە جىمى مۆجىزىسىدە خۇددى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشكەن ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش داۋام قىلىپ كەلمەكتە. ساھابىلار ئوقۇغان قۇرئان ۋە ھاياتىنى ئۆزگەرتكەن قۇرئان قولىمىزدىكى قۇرئاننىڭ ئەينەن ئۆزىدۇر. ئۇنداقتا، مۈشكىلە قۇرئاندا ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزدە.

ئىمام ھەسەن بەننا ئەتراپىدىكىلەرگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىكەن: « سىلەر ئىسلام مىللىتىنىڭ قەلبىنى تىرىلدۈرىدىغان يېڭى روھسىلەر. سىلەر بۇ مىللەتنى قۇرئان بىلەن تىرىلدۈرىسىلەر.»

پاكىستاندىكى ئىسلام جامائىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھۇم ئەبۇل ئەئلا مەۋدۇدى مۇنداق دېگەن ئىكەن: « ئى مۇسۇلمانلار! قۇرئاننى كۆتۈرۈڭلار! ئۇنىڭ بىلەن قەد كۆتىرىڭلار! يۇقىرى ئۇپۇقلارغا ئۆرلەڭلار! باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن تەلمۈرۈپ يۈرۈش بىزنىڭ شەنىمىزدىن ئەمەس، بەلكى بىز ئۆز پرىنسىپىمىزدا چىڭ تۇرۇشىمىز لازىم.»

 



[1] ئەنئام سۈرىسى122-ئايەت.

 
[2] مائىدە سۈرىسى15-16-ئايەتلەر.
[3] بەقەرە سۈرىسى178-ئايەت.

 
[4] بەقەرە سۈرىسى 223-ئايەت.

 
[5] تەكۋىر سۈرىسى27-28-ئايەتلەر.
[6] مائىدە سۈرىسى15-16-ئايەتلەر.
[7] ئەئراف سۈرىسى203-ئايەت.
[8] نىسا سۈرىسى174-ئايەت.
[9] ئەنكەبۇت سۈرىسى51-ئايەت.
[10] ساد سۈرىسى29-ئايەت.

 
[11] ئەنبىيا سۈرىسى10-ئايەت.

 
[12] «قۇرئانغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك؟» ناملىق ئەسەر59-بەت.

 
[13] فۇرقان سۈرىسى32-ئايەت.

 
([14])    تىرمىزى رىۋايىتى.
[15] فۇسسىلەت سۈرىسى26-ئايەت.
[16] مائىدە سۈرىسى118-ئايەت.

 
[17][17] لۇقمان سۈرىسى18-ئايەت.
[18] ساد سۈرىسى26-ئايەت.
[19] شۇرا سۈرىسى15-ئايەت.
[20] فۇرقان سۈرىسى45-ئايەت.
[21][21] قەسەس سۈرىسى40-ئايەت.
[22] ئەبۇلھەسەن نەدەۋى ھىندىستانلىق ئىسلام مۇتەپەككۇرى، كۆپلىگە ئىسلام ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورىدۇر. 1913-يىلى ھىندىستاننىڭ شىمالىدا دۇنياغا كېلىپ 1999-يىلى ئالەمدىن ئېتكەن.
[23] مۇھەممەد ئىقبال-ئىسلام مۇتەپەككۇرى، شائىر، پەيلاسۇپ ۋە ئەدىب بولۇش سۈپىتى بىلەن ھىدىستان تەۋەسىدە، سۇنداقلا دۇنيادا زور شۆھرەتكە ئېرىشكەن شەخس. ئۇ 1877-يىلى شۇ ۋاقىتتىكى ھىندىستاننىڭ پەنجاب ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن ۋە 1938-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. مۇھەممەد ئىقبال ھەقىقىي مۇسۇلمانلىق مەيدانى چىڭ تۇرغان شائىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئەخلاق-پەزىلەتلىرى ؛ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتكەن.
[24] ئەبۇل ھەسەن ننەدەۋىنىڭ« ئىقبال شېئىرلىرى»ناملىق ئەسىرى38-39-بەتلەر.
[25] مائىدە سۈرىسى83-ئايەت.           

 
[26] جىن سۈرىسى1-2-ئايەتلەر.

 
[27] ھەشر سۈرىسى21-ئايەت.
[28] ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
[29] يولدىكى ئىشارەتلەر(مەئالىم فىتتەرىق).11-12-نەتلەر.
[30] ئىبنى كەسىر تەپسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە نەقىل قىلغان.
[31] يولدىكى ئىشارەتلەر(مەئالىم فىتتەرىق).11-12-نەتلەر.

 
[32] قاف سۈرىسى45-ئايەت.
[33] تەقۋادار ياكى تەقۋا_ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ياشىغۇچى دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئاللاھتىن قورققۇچى، گۇناھتىن ساقلانغۇچى دېگەن مەنىلىرىمۇ مۇشۇ مەنىنى چۆرۈدەيدۇ.
[34] بەقەرە سۈرىسى2-ئايەت.
[35] تاھا سۈرىسى2-3-ئايەتلەر.
[36] فۇسسىلەت سۈرىسى44-ئاايەت.
[37] ياسىن سۈرىسى69-70-ئايەتلەر.
[38] ئەئلا سۈرىسى10-ئايەت.
[39] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
[40] ئەنفال سۈرىسى2-ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار