قىلغان ئىبادەتلىرى بىكار بولۇپ كېتىدىغانلار

 
قىلغان ئىبادەتلىرى بىكار بولۇپ كېتىدىغانلار
مۇھەممەد يۈسۈپ
ئەرەب تىلىدىكى «العبادة» (ئىبادەت) دېگەن سۆز لۇغەت ئېتىبارى بىلەن «بويسۇنۇش»، «ئىتائەت قىلىش» دېگەن مەنىنى ئىپادىلىسە([1])، ئىسلام ئاتالغۇسىدا ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ([2]).
 دىنىمىزدا ئىبادەت ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى ئەمەلىي ئىبادەت، يەنە بىرى سسىمۋوللۇق ئىبادەتتۇر.
ئەمەلىي ئىبادەت— دۇرۇسلۇق ۋە ھەققانىيلىق دېگەنلىك بولۇپ، مۇئامىلە بىلەن ئەخلاققا مەركەزلىشىدۇ، يەنى قۇرئان كەرىمنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىپ، ئاللاھ تائالاغا ۋە مەخلۇقاتقا دۇرۇس ۋە سەمىمىي بولۇشتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ «مەن جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپلا ياراتتىم»[3] دېگەن سۆزىدە كۆزدە تۇتۇلغان ئىبادەت مانا مۇشۇ ئەمەلىي ئىبادەتتۇر. ئىسلام دىنىمىزنىڭ غايىسى ئەمەلىي ئىبادەتلەردە ئەكس ئەتكەن. ھەبەشىستان (ھازىرقى ئېپوپىيە) پادىشاھى نەجاشى پاناھلىنىش ئۈچۈن ھەبەشىستانغا كەلگەن مۇسۇلمانلاردىن «دىنىڭلارنى ماڭا چۈشەندۈرۈڭلار» دېگەندە، جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئى پادىشاھ! بىز بۇتلارغا چوقۇنىدىغان، زىنا - پاھىشە قىلىدىغان، ئۇرۇق - تۇغقانچىلىققا رىئايە قىلمايدىغان، ھۆر كىشىلەرنى قۇل قىلىدىغان، ھارامنى يەيدىغان، كۈچلۈكلىرىمىز ئاجىزلىرىمىزنى بوزەك قىلىدىغان بىر قالاق قەۋم ئىدۇق. ئاللاھ بىزگە بىز نەسىبىنى، راستچىللىقىنى، ئىپپىتىنى ۋە ئەمىنلىكىنى ياخشى بىلىدىغان بىر كىشىنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. ئۇ پەيغەمبەر بىزنى بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن يۈز ئۆرۈپ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، راست سۆزلەشكە، ئامانەتكە ئىشەنچلىك بولۇشقا، ئۇرۇق - تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىشقا، قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈشكە، ھارامدىن يىراق تۇرۇشقا، كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرىدى. بىزنى زىنا - پاھىشىدىن، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن، يېتىملارنىڭ مال - مۈلكىنى يەۋىلىشتىن، ئىپپەتلىك ئاياللارغا قارا چاپلاشتىن ۋە بارلىق يامانلىقلاردىن مەنئى قىلدى»([4])

سىمۋوللۇق ئىبادەت—ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇتۇش، ھەج قىلىش، قۇئان ئوقۇش، زىكىر ۋە دۇئا قىلىش قاتارلىق پەرز، ۋاجىپ ئەمەللەرگە مەركەزلىشىدۇ. سىمۋوللۇق ئىبادەتلەر ئەمەلىي ئىبادەتلەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ۋاسىتىلىك رولىنى ئوينايدۇ. ئەمەلىي ئىبادەت سىزدىن راست گەپ قىلىشنى، ۋەدىگە ۋاپا قىلىشنى، ھەر ئىشتا دۇرۇس ۋە توغرا بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. سىمۋوللۇق ئىبادەت سىزدىن ناماز ئوقۇشنى، روزا تۇتۇشنى، زاكات بېرىش قاتارلىق پەرزلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمەلىي ئىبادەت غايە، سسىمۋوللۇق ئىبادەت ۋاسىتەدۇر. بۇنىڭ مەنىسى سىمۋوللۇق ئىبادەتلەر ئەمەلىي ئىبادەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مەسىلەن: ناماز يامان ئىشلاردىن توسۇلۇشقا تۈرتكە بولغانغا ئوخشاش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ناماز قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ»[5]. روزا تەقۋالىققا ئېرىشتۈرگەنگە ئوخشاش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: « ئى ئىمان ئېيتقانلار! تەقۋالىققا ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ روزا پەرز قىلىندى »[6]. زاكات گۇناھتىن پاكلىغانغا ئوخشاش. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەن: «(ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنىڭ پۇل _ ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە (زاكات) ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن»[7].
ئەمەلىي ئىبادەت جايىدا ئورۇندالمىسا، سسىمۋوللۇق ئىبادەتنىڭ پايدىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئاخىرەتتىمۇ سسىمۋوللۇق ئىبادەتلەر ئەمەلىي ئىبادەتلەردىكى نۇقسانلارنى تولدۇرالمايدۇ ۋە كىشىنى دوزاختىن ساقلاپ قالالمايدۇ.
ئەمەلىي ئىبادەت مۇئامىلىنىڭ دۇرۇس بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ساھابىلىرىدىن: «كىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ساھابىلەر: «ھېچقانداق مال – مۈلكى بولمىغان كىشىنى قۇرۇق قول قالغۇچى كىشى، دەيمىز» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت كۈنى بىراۋ ناماز، زاكات ۋە روزا بىلەن كېلىدۇ. ئەمما ئۇ بىرىنى تىللىغان، بىرىگە تۆھمەت چاپلىغان، بىرىنىڭ پۇل _ مېلىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن، بىرىنى ئۇرغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرى شۇلارغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ياخشى ئەمەلى تۈگىسە، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭغا ئارتىلىدۇ. ئاندىن ئۇ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. مانا بۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچىسىدۇر»([8]) دېگەن.
بۇ ھەدىستە ئىبادەت بىلەن مۇئامىلە ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئوچۇق كۆرسىتىلگەن. ھەدىستە كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك:

«ناماز»— ئىبادەتتۇر،

 «زاكات»— ئىبادەتتۇر،

 «روزا»— ئىبادەتتۇر.

ئەمما «بىرىنى تىللاش»— مۇئامىلىدۇر،

 «بىرىگە تۆھمەت چاپلاش»— مۇئامىلىدۇر،

«بىرىنىڭ پۇل _ مېلىنى يەۋېلىش»— مۇئامىلىدۇر،

«بىرىنىڭ قېنىنى تۆكۈش»— مۇئامىلىدۇر.

بۇ ھەدىستىن مۇئامىلىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبلىك ئىبادەتنىڭ ئۆز كۈچىنى يوقاتقانلىقىنى ۋە پايدىسى بولمىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

1.           پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «بىراۋ ئۈستى بېشىنى چاڭ توزان قاپلىغان، چاچلىرى چۇۋۇلغان قىياپەتتە ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ ‹ئى رەببىم! ئى ئىگەم!› دەپ دۇئا قىلىدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭ يېگەن ـ ئىچكەنلىرى ھارامدىن، كىيگەنلىرى ھارامدىن بولۇپ، ئۇ ھارامدىن ئوزۇقلانغان تۇرسا، قانداقمۇ ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولسۇن!؟»([9]). چۈنكى ھارامدىن يىراق تۇرۇش، ھالالدىن يېيىش، ھالالدىن ئىچىش ۋە ھالالدىن كىيىنىش ئەمەلىي ئىبادەتتۇر، دۇئا قىلىش سسىمۋوللۇق ئىبادەتتۇر. بۇ ھەدىستە ئەمەلىي ئىبادەت بولغان ھارامدىن يىراق تۇرۇش ئورۇندالمىغانلىقى ئۈچۈن سسىمۋوللۇق ئىبادەت بولغان دۇئا ئىجابەت قىلىنمىغان.

2.           پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «بەزى روزار تۇتقۇچىلار باركى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۇتقان روزىسىدىن ئاچلىق بىلەن ئۇسسۇزلۇقتىن باشقا ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ»[10]. بۇ ھەدىس غەيۋەت، يالغان گەپ، ئەزىيەت قاتارلىق گۇناھلارنى سادىر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۇتقان روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن كىشى توغرۇلۇق كەلگەن بولۇپ، گۇناھتىن ساقلىنىش ئەمەلىي ئىبادەتتۇر، روزا تۇتۇش سسىمۋوللۇق ئىبادەتتۇر. ئەمەلىي ئىبادەت ئورۇندالمىغانلىقى ئۈچۈن سسىمۋوللۇق ئىبادەتنىڭ ساۋابى بىكار بولۇپ كەتكەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىنسانلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ئىشلارنىڭ ئەڭ كۆپى تەقۋالىق بىلەن گۈزەل ئەخلاقتۇر»([11]) دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ گۈزەل ئەخلاققا تەشەببۇس قىلىپ: «مەن ئەخلاقى گۈزەل بولغانلارنىڭ جەننەتتىكى ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىك قەسىرگە كىرىشىگە كاپالەت قىلالايمەن»([12]) دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «قىيامەت كۈنى مۇئمىن كىشىنىڭ مىزانىدا گۈزەل ئەخلاقتىن سالماقراق كېلىدىغان ھېچ ئەمەل يوقتۇر» دېگەن([13]).

گۈزەل ئەخلاق دېگەن كۆپىنچە كىشىلەر چۈشەنگەندەك يالغاندىن تەبەسسۇم قىلىپ قويۇش ياكى بىراۋنىڭ كۆڭلىنى ياساپ قويۇش ئەمەس، بەلكى گۈزەل ئەخلاق — مۇئامىلىدە دۇرۇس بولۇش، گەپ-سۆزدە راستچىل بولۇش، ۋەدىگە ۋاپادار بولۇش، دىن ۋە دۇنيالىق ھەربىر ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىش ۋە سۆيگۈ - مۇھەببەتتە سەمىمىي بولۇشتۇر.

تەقۋالىق دېگەن نۇرغۇن كىشىلەر چۈشەنگەندەك كۆپ ئىبادەت قىلىش، مۇسۇلمانچە كىيىنىشلا ئەمەس، بەلكى تەقۋالىق —ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى قىلىش، توسقانلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە ياشاشتۇر. كىشىلەرنى دوزاختىن ساقلاپ، جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ئاساسلىق ئەمەللەر مانا مۇشۇلاردۇر. جانابى ئاللاھ تائالا ھەممىمىزگە بۇ ئەخلاقنى نېسىپ قىلغاي، ئامىن.

 

 

 



([1]) «لىسانۇل ئەرەب» 5-توم، 2776- بەت.
([2]) شەيخۇلئىسلام ئىبىن تەيمىيەنىڭ«ئەل ئۇبۇدىيە» ناملىق ئەسىرى1-بەت.
[3] زارىيات سۈرىسى: 56- ئايەت.
([4]) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
[5] ئەنكەبۇت سۈرىسى: 45- ئايەت.
[6] بەقەرە سۈرىسى: 183- ئايەت.
[7] تەۋبە سۈرىسى: 103- ئايەت.
([8]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى .
([9]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[10] ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
([11]) ئىمام تىرمىزى، ئىبن ماجە رىۋايىتى
([12]) ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.
([13]) ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار