قۇرئان كەرىمدىكى ئىلمىي مۆجىزىلەر

 

قۇرئان كەرىمدىكى ئىلمىي مۆجىزىلەر

تاغلارنىڭ قوزۇق ئىكەنلىكى

     مۇھەممەد يۈسۈپ

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن:« يەر يۈزىنى(سىلەر ئۈچۈن) بىسات قىلمىدۇقمۇ؟ تاغلارنى قوزۇق قىلمىدۇقمۇ؟»[1] دەيدۇ. بىزنىڭ بۇ ئايەتلەردىن توختالماقچى بولغىنىمىز (قوزۇق) دېگەن سۆز بولۇپ، ئاللاھ تائالا تاغلارنى قوزۇققا ئوخشاتقان. بۇ ئايەت تاغلارنىڭ بىز كۆرۈۋاتقاندەك ئەمەس، بەلكى يەرگە قېقىلغان قوزققا ئوخشاش بولۇپ، خۇددى قوزۇق چېدىرلارنى بوران-چاپقۇنلارنىڭ ئۆرۈۋېتىشىدىن ساقلاپ قالغىنىدەك، زېمىننى تەۋرەپ كېتىشتىن ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ.

ئىلمىي ھەقىقەت

ئىنسانلار  ئون توققۇزىنچى ئەسىرگە كەلگۈچىلىك تاغلار توغرۇلۇق ھېچ نەرسە بىلمەيتتى، پەقەت تاغلارنى  كۆپلىگەن تاشلاردىن تەركىپ تاپقان بىر ئىگىزلىك دەپلا بىلەتتى. ئۇلار تاغلارنىڭ ئاستىدا ئۆزىنىڭ سىرتتا كۆرۈنۈپ تۇرغان قىسمىدىنمۇ ئۇزۇن بولغان قىسمى بارلىقىنى بىلمەيتتى. ئىنسانلار گيولوگىيە ئىلمىنىڭ سايىسىدا تاغلارنىڭ يەر يۈزىدە كۆرۈنۈپ تۇرغان قىسمىدىن نەچچە ھەسسە ئۇزۇنلۇقتا، ھەتتا  ئۆزىدىن 15 ھەسسىگىچە ئۇزۇنلۇقتا يىلتىزى بارلىقىنى بايقاپ چىقتى. ھازىرقى ئىلىم- پەن يەنە  زېمىن  پوستىنىڭ بىر قانچە قەۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ۋە شۇ قەۋەتلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى بىلەن ھەرىكەتلىنىشى سەۋەبلىك يەر تەۋرەش ھادىسىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى، تاغلارنىڭ يەر تەۋرىگە چاغدا خۇددى قوزۇقلاردەك قادىلىپ تۇرۇپ زېمىن پوستىدىكى قەۋەتلەرنىڭ تەۋرەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى كەشىپ قىلغان.

قۇرئان كەرىم مۆجىزىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ھېچكىم تاغلارنىڭ يەر ئاستىدىكى يىلتىزى ياكى زېمىننىڭ پوستى ھەققىدە ھېچ نەرسە بىلمەيتتى. ئىنسانلار بۇ ھەقىقەتنى پەقەت 19-ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەنلا ئۆگەندى. ئۇنداقتا، قۇرئان كەرىمدىكى بۇ ئىلمىي ھەقىقەتنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كىم ئېيتىپ بەرگەن؟ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك خەت يېزىشنى ياكى ئوقۇشنى ئۆگەنمىگەن بىر پەيغەمبەر بۇ ئىلمى ھەقىقەتنى زادى نەدىن ئۆگەندى؟  بۇ ئەھۋال قۇرئان كەرىمنىڭ چوقۇم ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟!

يەرنىڭ يېرىلىدىغانلىقى

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «يېرىق زېمىن بىلەن قەسەمكى»[2] دەيدۇ. بۇ ئايەتتىن توختىلىدىغىنىمىز «يېرىق زېمىن » دېگەن سۆز بولۇپ، ئاللاھ تائالا يەرنىڭ ئۆسۈملۈكلەرنى چىقىرىش بىلەن، دەل –دەرەخلەرنى چىقىرىش بىلەن ۋە دېڭىز- ئوكيانلار بىلەن يېرىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئىلمىي ھەقىقەت

زېمىننىڭ تاش پوستى بولۇپ، ئۇ زېمىندا ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر ئەھۋالدۇر. ھازىرقى ئىلىم-پەن زېمىننىڭ ھەر تەرپىدىن يېرىق ھالىتىنى كەشپ قىلغان.

زېمىننىڭ يېرىق بولغانلىقىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پايدىسى

1.    زېمىندىكى بۇ يېرىقلار يەر ئاستىدىكى ھارارەتنىڭ ئۆتۈشى ئۈچۇن زور ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. ئەگەر زېمىندا مۇنداق يېرىق بولمىغان بولسا ئىدى، زېمىن ئىچىدىكى ھارارەت سەۋەبلىك پارتلاپ كەتكەن بولاتتى.

2.    زېمىندىكى بۇ يېرىقلار ئارقىلىق يەر ئاستىدىكى گاز ۋە ھور قاتارلىقلار چىقىپ، زېمىننىڭ گاز ۋە سۇ قاتلىمىنى ھاسىل قىلىدۇ. مەلۇمكى، ھاۋا بىلەن سۇ ھاياتلىق ئۈچۇن زۆرۈردۇر.

3.    زېمىندىكى بۇ يېرىقلار زېمىننىڭ تاش پوستىنى ۋە تاغ تىزمىلىرىنى  ھاسىل قىلىشىغا ياردەمچى بولىدۇ، شۇنداقلا يەر يۈزىدە دېڭىز ۋە دەريالارنى ھاسىل قىلىش ئارقىلىق سۇنى يىراق جايلارغا ئېلىپ بېرىشقا ياردەمچى بولىدۇ.

4.    زېمىندىكى بۇ يېرىقلار ئارقىلىق قىممەتلىك يەر ئاستى بايلىقلىرىنى چىقىرىشقا بولىدۇ.

قۇرئان كەرىم مۆجىزىسى

ئاللاھ تائالا (يېرىق زېمىن بىلەن قەسەمكى) دېگەن سۆزى ئارقىلىق زېمىننىڭ ھەر تەرىپىدە يېرىقلارنىڭ بارلىقىدىن ئىبارەت ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك كائىنات ھەقىقەتلىرىدىن بىرىگە ئىشارەت قىلغان. بۇ ھەقىقەتنى ئىنسانلار پەقەت  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن بېرى بىلىپ يەتكەن بولدى. ئەمما قۇرئان كەرىم بۇ ھەقىقەتكە مۇندىن 14 ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى ئىشارەت قىلغان. ئەگەر قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى بولمايدىغان بولسا،  ئىنسانلار ئىلىم-پەن سايىسىدا ئەمدىلا بىلىپ يەتكەن بۇ ھەقىقەتنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇندىن 14 ئەسىر ئىلگىرى نەدىن بىلدى؟

دېڭىزنىڭ ئىچكى دولقۇنلىرى

 

   ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە كاپىرلارنىڭ ھىدايەت نۇرىدىن يىراقلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى دېڭىزنىڭ ئىچىدىكى قاتمۇقات دولقۇنلارنىڭ قاراڭغۇلۇقىغا ئوخشىتىپ مۇنداق دېگەن: «ياكى (ئۇلارنىڭ  قىلغانلىرى) چوڭقۇر دېڭىزدىكى قاراڭغۇلۇققا ئوخشايدۇكى، ئۇنى قاتمۇقات دولقۇنلار ۋە دولقۇنلارنىڭ ئۈستىدىكى قارا بۇلۇتلار قاپلاپ تۇرىدۇ. بۇ شۇنداق قاتمۇقات قاراڭغۇلۇقلاركى، ئىنسان قولىنى ئۇزاتسا بارماقلىرىنى كۆرەلمەيدۇ، ئاللاھ بىراۋغا نۇر ئاتا قىلمىسا، ئۇنىڭ يورۇقلۇقتىن نېسىۋىسى يوقتۇر»([3]).

 ئىلمىي ھەقىقەت

كىشىلەر دېڭىزلارنىڭ سۇ ئۈستى دولقۇنلىرىدىن باشقا ئىچكى دولقۇنلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلمەيتتى، شۇنداقلا سۇ ئۈستى دولقونلىرىنىڭ يۇقىرىدىن چۈشكەن يورۇقلۇقنى توسۇۋېلىپ، سۇ تېگىدە قاراڭغۇلۇق پەيدا قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. پەقەت ئون سەككىزىنچى ئەسىرگە كەلگەندىلا ئىنسانلار پەن ـ تېخنىكىنىڭ سايىسىدا دېڭىزلارنىڭ ئەڭ ئاستىغا كىرىشنى ئۆگەندى، شۇنداق قىلىپ ئۇلار دېڭىزلارنىڭ ئىچكى دولقۇنلىرىنىڭ بارلىقىنى كەشپ قىلىپ چىقتى. يەنە ئۇلار دېڭىزلارنىڭ  سۇ ئۈستى قىسمى ۋە ئىچكى قىسمىدىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈنىدىغانلىقىنى ۋە دېڭىزنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىكەنلىكىنى كەشپ قىلىپ چىقتى. ئەمما قۇرئان بۇنى مۇندىن 14 ئەسىر ئىلگىرى سۆزلىگەن ئىدى.

قۇرئان كەرىم  مۆجىزىسى

ئۆتمۈشلەردە دېڭىزلار مەجھۇل ئالەملەردىن سانىلاتتى. چۈنكى كىشىلەر دېڭىزلارنىڭ ھەقىقىتى توغرۇلۇق ھېچ نەرسە بىلمەيتتى، دېڭىزلار ھەققىدە نۇرغۇنلىغان خۇراپىي ئېتىقادلار مەۋجۇت ئىدى. شۇنداق بىر زاماندا، كىشىلەرنىڭ دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە شۇڭغۇپ كىرىش ئىمكانىيىتى يوق بىر شارائىتلاردا، قۇرئان كەرىم دېڭىزلارنىڭ ئىچكى دولقۇنلىرىنىڭ بارلىقىدىن ۋە دېڭىزلارنىڭ ئىچىدىكى قاراڭغۇلۇقلاردىن خەۋەر بەرگەن ئىدى. ئەگەر ئاللاھ تائالا  بۇ ھەقىقەتتىن خەۋەر بەرمىگەن بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك خەت يېزىشنى ۋە ئوقۇشنى ئۆگەنمىگەن بىر كىشىنىڭ بۇ ھەقىقەتلەردىن سۆز ئېچىشى مۇمكىنمىدى؟  بۇ قۇرئان كەرىمنىڭ  ھەممىنى بىلىدىغان ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلمامدۇ؟


 

سۈتنىڭ تەركىبلىنىشى

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «شەكسىزكى، ھايۋانلاردىمۇ  سىلەر ئۈچۈن چوڭ بىر ئىبرەت بار. سىلەرنى ھايۋانلارنىڭ قارنىدىكى غىزادىن ئايرىلىپ چىققان پاكىز ۋە تەملىك سۈت بىلەن سۇغىرىمىز»[4] دېگەن. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەت ئارقىلىق ھايۋانلاردا ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەرنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى ئىنتايىن پايدىلىق ۋە تولىمۇ پاكىز سۈتنى چىقىرىش بۇ ئەقىلسىز ھايۋانلارنىڭ ئىشى بولماستىن، بەلكى ياراتقۇچىنىڭ كاتتا نېمەتلىرىدىن بىرىدۇر.

ئىلمىي ھەقىقەت

ئىلىم-پەن سۈتنىڭ تەركىبلىنىشىدىكى تۆت باسقۇچنى كەشپ قىلىپ چىققان. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1.      ھايۋانلارنىڭ قارنىدىكى ھەزىم قىلىنىش باسقۇچى بولۇپ، بۇنىڭدا ھايۋاننىڭ يېگەن ئوت-چۆپلىرى غىزاغا ئايلىنىدۇ.

2.      غىزادىن سۈتنىڭ ئايرىلىش باسقۇچى بولۇپ، بۇنىڭدا ھايۋانلارنىڭ ئۈچەيلىرى غىزالىق ماددىلارنى سۆمۈرۈپ ئالىدۇ، ئاندىن بۇ ماددىلار قان تومۇرلارغا بېرىپ يېتىدۇ، ئاندىن قانغا ئارىلىشىدۇ.

3.      قان ئۆزىگە كەلگەن غىزالىق ماددىلارنى جىسىمنىڭ ھەر تەرىپىگە ئەۋەتىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ھايۋاننىڭ ئەمچىكى قان ئارىسىدىن سۈت ماددىلىرىنى ئۆزىگە سۆزۈپ ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سۈت ھاسىل بولىدۇ.

4.      ئەمچەكتە سۈتنىڭ ياسىلىشى بولۇپ، ھايۋانلارنىڭ ئەمچىكى مىليونلارچە دوۋساقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دوۋساقلار خالتىلارغا ئوخشاش بولۇپ، ھەربىر دوۋساق مىڭلارچە ھۇجەيرىدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. ھەربىر ھۇجەيرە ئۆزىگە قاندىن كەلگەن ماددىلارنى سۈت خالتىلىرىغا ئەۋەتىدۇ. نەتىجىدە، بۇ مىليونلارچە دوۋساقلارغا ئەۋەتىلگەن سۈت ماددىلىرىدىن ساپ ۋە پاكىز سۈت مەيدانغا كېلىدۇ.

قۇرئان كەرىم  مۆجىزىسى

ئىنسانلار يېقىنقى زامانلارغىچە سۈتنىڭ قانداق ھاسىل بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئەمما قۇرئان كەرىم مۇندىن 14 ئەسىردىن كوپرەك ۋاقىت ئىلگىرى ئەڭ ئىخچام ۋە ئەڭ بەدىئىي سۆزلەر بىلەن سۈتنىڭ تەركىبلىنىشىدىكى سىرلارنى بايان قىلغان ئىدى. ئەگەر بۇ ھەقىقەتلەردىن  ئاللاھ تائالا  خەۋەر بەرمىگەن بولسا، مۇھەممەد  ئەلەيھىسسالام بۇلارنى نەدىن بىلەتتى؟

 


 

شامال ۋە بۇلۇتلارنىڭ قوزغىلىشى

  

بۇلۇتلارنىڭ يۆنىلىشى بۇلۇتلارنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ۋە ئۇلارنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان شاماللارنىڭ سەۋەبى بىلەن بولىدۇ. تەتقىقاتچى ئالىملار شاماللارنىڭ دېڭىز يۈزىگە كۆتۈرۈلگەن سۇ پارلىرىنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ بۇلۇت ھاسىل قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا شامالنىڭ چاڭ ـ توزانلارنى ۋە بىر قىسىم تۇپراق دانچىلىرىنىمۇ يۇقىرىغا كۆتىرىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇلار يەنە شاماللار كۆتىرىپ يۇقىرىغا ئېلىپ چىققان چاڭ ـ توزان، تۇپراق دانچىلىرى، ئۆسۈملۈك ئۇرۇقچىلىرى ۋە تۇمان قاتارلىقلارنى دېڭىزدىن كۆتۈرۈلگەن سۇ پارلىرىغا ئارىلاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ دانچىلارنىڭ ئەتراپىنى سۇ پارلىرى ئوراپ ئاستا ـ ئاستا چوڭىيىشى نەتىجىسىدە ئېغىر بۇلۇت پارچىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.

   قۇرئان كەرىم بۇلۇتنىڭ شاماللار ئارقىلىق قوزغىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھ شاماللانى ئەۋەتىپ بۇلۇتنى قوزغايدۇ، ئاندىن ئۇنى ئاسماندا خالىغىنىچە تارقىتىدۇ﴾([5]).

   قۇرئان يەنە، شاماللارنىڭ سۇپارلىرىنى ھەيدەيدىغانلىقىنى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئېغىر بۇلۇت ھاسىل بولۇپ، ئۇنىڭدىن يامغۇر تامچىلىرى چۈشىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ: ﴿بىز يامغۇرنى ھەيدەيدىغان شاماللارنى ئەۋەتتۇق. بىز بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ سىلەرنى سۇغاردۇق، سىلەر ھەرگىز ئۇنى ساقلاشقا قادىر ئەمەسسىلەر﴾([6]).

ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئەسلىدە تۇمان ئىكەنلىكى

   كىشىلەر ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئەسلىدە تۇمان ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. تەتقىقاتچىلار زامانىمىزدىكى ئىلىم ـ پەننىڭ سايىسىدا ئاسمان جىسىملىرىدىكى قالدۇق تۈتۈن ماددىلىرىنى ۋە ئۇلاردىن يېڭى پلانېتلارنىڭ تەركىب بولىۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئەسلىدە تۇمان ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئەمما قۇرئان كەرىم بۇھەقىقەتنى مۇندىن بۇرۇن قەيت قىلغان.﴿ئاللاھ ئاندىن ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلەندى، ھالبۇكى، ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى﴾([7]).

ئاي نۇرىنىڭ ئۈچۈرۈلگەنلىكى

   تەتقىقاتچىلار ئاينىڭ ئەسلىدە قۇياشقا ئوخشاش يانىدىغان نۇرلۇق ماددا بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭ نۇرى ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى ۋە كېچىدىكى ئاي نۇرىنىڭ پەقەت قارشى تەرەپتىكى قۇياشنىڭ نۇرىدىن ئەكس ئەتكەن (قايتۇرغان) يورۇقلۇق ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ھالبۇكى قۇرئان كەرىم بۇھەقىقەتنى ئاللىبۇرۇن ئېلان قىلغان: ﴿كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئىككى ئالامەت قىلدۇق، كېچىنىڭ ئالامىتىنى (يەنى نۇرىنى) كۆتىرىۋەتتۇق﴾([8]).

   قۇرئان كەرىم يەنە قۇياشنى يانغۇچى چىراق، ئاينى يورۇقلۇق بەرگۈچى دەپ تەرىپلىگەن: ﴿ئاسماندا بۇرۇجلەرنى، يېنىپ تۇرىدىغان چىراق(قۇياش)نى ۋە نۇرلۇق ئاينى ياراتقان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر﴾([9]).

   بۇ ئايەتلەرد، ئاينىڭ يورۇقلۇقنى قۇياشتىن قوبۇل قىلىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئاللاھ تائالانىڭ قۇياش بىلەن ئاينى "ئىككى چىراغ" دەپ تونۇشتۇرماستىن، قۇياشنى " چىراغ"، ئاينى "نۇرلۇق" دەپ سۈپەتلىگەنلىكى بۇنىڭ دەلىلىدۇر. شۇنى ئونۇتماسلىق كېرەككى، قۇرئان كەرىمدىكى ھەر بىر سۆزنىڭ ئۆز ئورنىغا شۇنداق كەم – زىيادە قىلىنماستىن، ئىنتايىن مۇكەممەل ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەرگىزمۇ مەقسەتسىز ئەمەس. ئەرەب تىلىنىڭ زەۋقىنى تېتىغانلار بۇنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ.

ھاۋا بوشلۇقىدا ئوكسېگىننىڭ كەملىكى

   كىشىلەر ھازىرقى ئىلىم ـ پەن بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن، بىز نەپەس ئېلىۋاتقان ئوكسېگىننى ھاۋانىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىدىمۇ بار، دەپ گۇمان قىلىشاتتى. ئايروپىلان ئىجاد قىلىنىپ كىشىلەر ئاسمانغا ئۆرلىگەندىن كېيىن، ھاۋانىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىدا ئوكسېگىننىڭ كەملىكىنى، بۇ سەۋەبتىن ئۇ جايلاردا نەپەسنىڭ سىقىلىدىغانلىقىنى بىلدى. ئەمما قۇرئان بۇ ھەقىقەتنى مۇندىن بۇرۇن ئېلان قىلغان: ﴿ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى شۇنچە تارايتىۋېتىدۇكى، (ئىمان ئېيتىش) ئۇنىڭغا گويا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ﴾([10]).

   بۇ ئايەتتە، ئىمان ئېيتىش قىيىن كەلگەنلىكتىن كۆكسى تارايغان كىشى ھاۋا بوشلۇقىغا چىققاندا ئوكسېگىننىڭ كەملىكىدىن نەپىسى سىقىلغان كىشىگە ئوخشىتىلغان. بۇ ئايەتتە، ھاۋا بوشلۇقىدا ئوكسېگىننىڭ كەملىكىدىن نەپەس ئېلىشنىڭ قىيىنلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان.

ھەر شەيئىنىڭ جۈپ ئىكەنلىكى

   تەتقىقاتچىلار ئۆسۈملۈكلەرنىڭمۇ خۇددى جانلىقلارغا ئوخشاش جۈپ ئىكەنلىكىنى، ھەتتا جاماداتلار(قاتتىق جىسىملار)نىڭمۇ جۈپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. قۇرئان كەرىم مۇنداق دېگەن: ﴿پۈتۈن شەيئىلەرنى جۈپ ياراتقان، زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى جۈپ ياراتقان ئاللاھ بارچە نوقسانلاردىن پاكتۇر﴾([11]).

سېزىمنىڭ تېرىدە ئىكەنلىكى

   تىببىي مۇتىخەسسىسلەر ئاغرىقنى ھېس قىلىش پەقەت تېرىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. بەدەنگە ئوكۇل سېلىنغاندىمۇ ئوكۇل تېرىدىن گۆشكە ئۆتۈپ بولغىچە ئاغرىق ھېس قىلىنىدۇ. ئەمما ئوكۇل گۆشكە ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئاغرىق ھېس قىلىنمايدۇ. كۆيۈكمۇ شۇنداق. قۇرئان كەرىم بۇ ئىلمىي ھەقىقەتنى ئۆز ۋاقتىدىلا ئېلان قىلغان: ﴿شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازاپنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەيمىز﴾([12]). چۈنكى تېرە كۈيۈپ بولسا، ئازاب ھېس قىلىنمايدۇ، شۇڭا تېرە يېڭىلىنىپ تۇرغاندىلا ئازاب داۋام قىلالايدۇ.

يەرشارىنىڭ ئايلىنىش قانۇنىيىتى

   قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿كۈن بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ. بۇ غالىپ ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر. ئايغا سەير قىلىدىغان مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق. ھەر بىرى پەلەكتە ئۈزۈپ يۈرىدۇ﴾([13]).

   بىز ياشاۋاتقان يەر شارىنىڭ ئورنى قۇياشتىن 93 مىليون مىل يىراقلىقتا بولۇپ، ئۇ ئۆز ئوقىدا 24 سائەتتە بىر قېتىم ئايلىنىدۇ ۋە قۇياشنىڭ ئەتراپىنى 365 كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىپ بولىدۇ. زېمىن شار شەكىللىك بولۇپ، ئۇنىڭ بىر سائەتلىك ئايلىنىشى مىڭ مىل (1500 كىلومېتر) دۇر. ئۇنىڭ قۇياش ئەتراپىدىكى بىر سائەتلىك ئايلىنىشى 65 مىڭ مىلدۇر. ئەگەر يەر شارى ئۆزىنىڭ ھازىرقى شەكلى ۋە ھەجمىدىن چوڭ ياكى كىچىك بولغان بولسا، زېمىندىكى ھاياتلىق باشقىچە بولغان بولاتتى. چۈنكى يەر شارىنىڭ شەكلى بىلەن ھەجمى ئۇنىڭ تېزلىكى ۋە ئايلىنىشىغا مۇناسىپتۇر. ئەگەر ئۇنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى بىر سائەتتە مىڭ مىل بولماستىن، ئۇنىڭدىن كەم ياكى زىيادە بولغان بولسا يەنە ھاياتلىق باشقىچە بولغان بولاتتى. مەسىلەن: ئۇنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى ھازىرقىدىن زىيادە بولۇپ يۈز مىڭ مىل بولغان بولسا، كۈندۈزنىڭ ئۇزۇنلىقى 120 سائەتكە سوزۇلۇپ كېتىپ، زىرائەتلەر كۆيۈپ كەتكەن ۋە جانلىقلارمۇ ھالاك بولغان بولاتتى. ئەگەر كەم بولۇپ يۈز مىل بولغان بولسا، كۈندۈزنىڭ ۋاقتى ئاران 1سائەت 20 مىنۇتقا قىسقىراپ كېتىپ، زىرائەتلەر پىشمىغان بولاتتى. شۇنىڭدەك، ئەگەر يەرشارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدىكى يىللىق ئايلىنىشى ھازىرقىدىن كەم ياكى زىيادە بولغان بولسا، دۇنيادىكى 4 پەسىلدە جىددىي ئۆزگىرىش بولۇپ، يامغۇرنىڭ يېغىش نىزامى بۇزۇلغان بولاتتى. شۇنداقلا، ئەگەر يەرشارىنىڭ قۇياش بىلەن بولغان مۇساپىسى ھازىرقى مىقدارىدىن يېقىن بولغان بولسا، يەرشارىدىكى ئىنسان، ھايۋان، دەل – دەرەخ، ئۆسۈملۈك ۋ زىرائەت ھەممىسى كۆيۈپ كۈل بولغان بولاتتى، ئەگەر بۇ ئىككىسىنىڭ مۇساپىسى ھازىرقى مىقدارىدىن يىراق بولغان بولسا، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى توڭلاپ نابۇت بولغان بولاتتى. دېمەك، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز ئىلمى ۋە پۇختا پىلانى بىلەن ئەزەلدە شۇنداق بېكىتىلگەن قانۇنىيەتلەردۇر.

زەررىدىن كىچىك نەرسىلەرنىڭ بارلىقى

   قۇرئان كەرىم مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاسمان- زېمىندىكى زەررە (ئاتوم) چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچ قايسىسى ئاللاھ تائالانىڭ بىلىشىدىن چەتنەپ قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدا خاتىرلەنگەن﴾([14]). بۇ ئايەت ئەڭ كىچىك نەرسە - ئاتوملا ئەمەس، بەلكى ئاتومدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر بەرگەن. ماتېرىيالىزمچىلار 19- ئەسىرگە كەلگۈچىلىك ئەڭ كىچىك نەرسە ئاتوم دېگەن سۆزىدە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. ھازىرقى زامان ئىلمىي تەتقىقاتچىلىرى ئاتومدىن كىچىك نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. ئاتومنىڭ كىچىك پارچىلىرى پروتون، نېىترون ۋە ئېلېكتروندىن ئىبارەت.

ھەر نەرسىنىڭ ئۆلچەملىك يارىتىلغانلىقى

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يەر يۈزىنى يېيىپ كەڭ قىلدۇق. ئۇنىڭغا تاغلارنى ئورناتتۇق. يەر يۈزىدە ھەر خىل تەكشى ئۆلچەملىك ئۆسۈملۈكلەرنى ياراتتۇق﴾([15]). دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ھەر نەرسە مەلۇم مىقداردا ئۆلچەملىك بولۇشى كېرەك. مەسىلەن: ئوكسىگېننىڭ مىقدارى %21 بولماي % 50 بولغان بولسا، دۇنيادىكى مەۋجۇداتلار ئەڭ كىچىك بىر شامال بىلەن ھالاك بولغان بولاتتى. دۇنيادىكى جانلىقلار ئوكسىگېندىن نەپەس ئېلىش ئارقىلىق ھايات كەچۈرىدۇ. ئۇلار ئوكسىگېندىن نەپەس ئېلىپ، كاربۇن4 ئوكسىدىنى سىرتقا چىقىرىدۇ. زىرائەتلەر، ئۆسۈملۈكلەر ۋە دەل- دەرەخلەر كاربون 4ئوكسىدىنى سۈمۈرۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىدىكى ساپ ئوكسىگېننى سىرتقا چىقىرىدۇ. ئەگەر بۇ قانۇنىيەت ئەزەلدىن مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان بولسا ئېدى، جانلىقلار ۋە جانسىز ئۆسۈملۈكلەر ياشىمىغان بولاتتى. بۇ ئايەتتىكى ﴿ئۆلچەملىك﴾دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «نىسبەتنىڭ باراۋەرلىكى» دېگەنلىكتۇر. ھازىرقى زامان خېمىيە ئالىملىرى زىرائەتلەردىكى بارلىق ماددىلارنىڭ ئەڭ نازۇك ئۆلچەمدە تەڭپۇڭلاشقان نەرسىلەردىن مۇرەككەپ بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.

بارماق ئىزلىرىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكى

   ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿بىز ئۇلارنىڭ بارماقلىرىنىمۇ ئوخشاش قىلىشقا قادىرمىز﴾([16]) دېگەن. بىر ئىنساندىكى ئورگان يەنە بىر ئىنساندىكىسىگە ئوخشايدۇ. مەسىلەن: كۆز كۆزگە، قۇلاق قۇلاققا، قول قولغا، بۇرۇن بۇرۇنغا ئوخشايدۇ. بىراق، بارماقلارنىڭ سىزىقلىرى ھەرگىزمۇ بىر- بىرىگە ئوخشاش چىقمايدۇ. بەلكى ھېچبىر ئادەمنىڭ بارماق ئىزى يەنە بىرسىنىڭ بارماق ئىزىغا ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتىكى ﴿بارماقلىرىنىمۇ ئوخشاش قىلىشقا قادىرمىز﴾ دېگەن سۆزى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ بارماق ئىزلىرىنىڭ بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن. بۇ ھەقىقەت 1884- يىلى كەشپ قىلىنىپ، شۇندىن بېرى بارماق ئىزلىرى ئىنسانلارنى بىر- بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلماقتا.

   مۇندىن باشقا قۇرئان كەرىم ئالدىن خەۋەر بەرگەن نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر زامانىمىزدا، ئىلىم ـ پەن سايىسىدا ئىسپاتلاندى ۋە نۇرغۇنلىرىنىڭ يېقىن كېلەچەكتە ئىسپاتلىنىشىغا ئىشىنىمىز.

 



[1] نەبەئ سۈرىسى6-7-ئايەتلەر.
[2] تارىق سۈرىسى: 12- ئايەت.
([3])  نۇر سۈرىسى 40 ـ ئايەت.
[4] نەھل سۈرىسى66-ئايەت.
([5])  رۇم سۈرىسى 47 ـ ئايەت.
([6])  ھىجر سۈرىسى 22 ـ ئايەت.
([7])  فۇسسىلەت سۈرىسى 11 ـ ئايەت.
([8])  ئىسرا سۈرىسى 12 ـ ئايەت.
([9])  فۇرقان سۈرىسى 61ـ ئايەت.
([10])    ئەنئام سۈرىسى 125ـ ئايەت.
([11])    ياسىن سۈرىسى 36 ـ ئايەت.
([12])    نىسا سۈرىسى 56ـ ئايەت.
([13])    سۈرە ياسىن 39- 40- ئايەتلەر.
([14])    سۈرە يۇنۇس 16- ئايەت.
([15])    ھىجىر سۈرىسى 19- ئايەت.
([16])    قىيامەت سۈرىسى 4 - ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار