بىزگە قانداق تىجارەتچىلەر كېرەك؟

بىزگە قانداق تىجارەتچىلەر كېرەك؟

مۇھەممەد يۈسۈپ

تىرىكچىلىك يولىدا ئىشلەش، ھالال رىزىق ئۈچۈن تەر تۆكۈش دىنىمىز تەشەببۇس قىلغان ئەڭ شەرەپلىك ئەمەللەرنىڭ بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە بۇنى بايان قىلىپ: «كۈندۈزنى تىرىكچىلىك قىلىدىغان ۋاقىت قىلدۇق»[1] دەپ كۆرسەتكەن. تىجارەت قىلىش قەدىمقى زامانلاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن تىرىكچىلىك يوللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا كىشىلەرنىڭ پۇل _ مېلىنى يولسىزلىق بىلەن يەۋېلىشتىن توسقان ئايەتتە تىجارەتنى يوللۇق تىرىكچىلىك ئەمەللىرىدىن ساناپ مۇنداق دېگەن: «ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىر – بىرىڭلارنىڭ مال _ مۈلكىنى ھارام يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا _ سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا»[2].

ئىسلام ئۆلىمالىرى تىجارەت قىلىشنىڭ ئەدەپ _ ئەخلاقلىرىنى ۋە پەزىلىتىنى بايان قىلىپ تۆۋەندىكىلەرنى ئېيتقان:

1.         تىجارەتچى ئۆزى قىلىۋاتقان ھەرقانداق بىر تىجارەتنى ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تىرىكچىلىك قىلىپ، ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولۇپ قالمايدىغان، شەرەپلىك، ئىپپەتلىك بىر تۇرمۇشتا ياشىتىشنى مەقسەت ۋە غايە قىلىشى لازىم. نىيەتنىڭ دۇرۇس بولۇشى شەرتى بىلەن تىرىكچىلىك يولىدا ئىشلەش ئىبادەت قاتارىغا كىرىدۇ. چۈنكى نىيەت ئادەتتىكى تىرىكچىلىك ئىشلىرىنى ئىبادەتكە ئۆرۈيدىغان سېھىرلىك نەرسىدۇر. نىيەتنىڭ دۇرۇس بولۇشىدىن مەقسەت ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغان ھالدا قىلىۋاتقان ھەربىر ئىشىنى ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە قىلىش ۋە ئۇنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەشتىن ئىارەتتۇر.

2.         تىجارەتچى ئېلىم _ سېتىم ئىشلىرىدا راستچىل، سەمىمىي بولۇشى، يالغانچىلىقتىن، ئالدامچىلىقتىن ۋە ساختىپەزلىكتىن يىراق تۇرۇشى لازىم. چۈنكى يالغانچىلىق ۋە ئالدامچىلىق قاتارلىقلار مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن بولۇپ، مۈئمىنلەرگە قەتئىي ياراشمايدۇ. راستچىللىق بولسا پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ئۈلگىلىك كىشىلەرنىڭ سۈپىتى بولۇپ، ئاللاھ تائالا راستچىل بولغانلارنى دوست تۇتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «راستچىل تىجارەتچى قىيامەت كۈنى پەيغەمبەرلەر، راستچىللار ۋە شېھىتلار بىلەن بىللە بولىدۇ»[3] دەپ كۆرسەتكەن.

    بىر تىجارەتچى ئۈچۈن راست گەپ قىلىش قىيىن بولغان بىلەن بۇ راستچىللىقنىڭ بەرىكىتى ۋە مۇكاپاتى ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە كاتتا بولىدۇ. ئەپسۇسكى، نۇرغۇن تىجارەتچىلەر «بۈگۈنكى ئۆپكە، ئەتىكى دۈمبىدىن ياخشى» دېگەندەك، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ، كېيىنكى يامان ئاقىۋەتلەرگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ _ دە، ئازراق پايدىنى كۆزلەپ يالغان سۆزلەيدۇ، كىشىلەرنى ئالدايدۇ. ناچارا ۋە ئەرزان ماللارنى ئېسىل ۋە قىممەتلىك باللار قاتارىدا ساتىدۇ، بەزىلەر خىتاينىڭ ناچار ماللىرىغا ياۋروپانىڭ داڭلىق ماركىلىرىنى چاپلاپ ساتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھالالنى ھارام قىلىپ يەيدۇ.  سودا _ سېتىقتىكى ۋە ھەرقانداق بىر ئىقتىسادىي مۇئامىلىدىكى ئالدامچىلىق، سەمىمىيەتسىزلىك بۈگۈنكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە شۇنچىلىك بەك ئومۇملاشقانكى، كىمنىڭ راستچىل، كىمنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ نە تىجارىتىدە، ياكى كەسپىدە بەرىكەت يوق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى ئايرىلمىغانلار بولسا سودىدىن يېنىۋېلىش ئىختىيارىغا ئىگىدۇر، ئەگەر ئۇلار راستچىل بولسا، قىلغان سودىسىدا بەرىكەت تاپىدۇ، ئەگەر يالغان ئېيتسا ۋە مالنىڭ ئەيبىنى يوشۇرسا، ئۇلارنىڭ سودىسىنىڭ بەرىكىتى كېتىپ قالىدۇ»[4].

3.         ساتقۇچىنىڭ قەسەم ئىچىشتىن ساقلىنىشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «كۆپ قەسەم ئىچىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى  كۆپ قەسەم ئىچىش مالنىڭ بەرىكىتىنى كەتكۈزىدۇ ۋە پايدىسىنى يوق قىلىۋېتىدۇ»[5] دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە كۆپ قەسەم ئىچكۈچىنى قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىمايدىغان كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن ساناپ: « ... ئالسىمۇ قەسەم ئىچىدىغان، ساتسىمۇ قەسەم ئىچىدىغان ئادەم»[6] دېگەن.

زامانىمىزدا خۇسۇسەن مۇسۇلمان تىجارەتچىلەرنىڭ ئارىسىدا يالغاندىن قەسەم ئىچىپ خېرىدارلارنى ئالداش قىلمىشى ناھايىتى ئېغىردۇر. ھەتتا خېرىدار سورىمىسىمۇ، ئەزان ئالغان مالنى قىممەت ئالغانلىقىغا قەسەم ئىچىپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھالالنى ھارام قىلىپ يەيدۇ.

4.           ساتقۇچىنىڭ تارزىدا ياكى ئۆلچەمدە كەم بېرىشتىن ساقلىنىشى لازىم. بۇ سودا_ سېتىق ئىشلىرىدا ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان ھارام قىلمىشلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ كەچۈرۈلمەس  قىلمىشتۇر. ئاللاھ تائالا تارازىدا ياكى ئۆلچەمدە كەم بەرگۈچىلەرنى ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان كاپىرلارنىڭ قاتارىدا ساناپ، ئۇلارنى مۇنداق ئاگاھلاندۇرغان: «(ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا) كەم بەرگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا، تولۇق ئالىدۇ، كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا كەم بېرىدۇ. ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ؟»[7]. شەكسىىزكى، كىشىلەرنىڭ ھەققىنى يەۋالىدىغان، ھارامدىن قورقمايدىغان ئادەملەر قىيامەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەردۇر. چۈنكى ئاخىرەتتىكى ھېساب بېرىشكە ئىشەنگەن ئادەم شۇنداق قىلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ. ھەقىقەت شۇكى، زامانىمىزدا نۇرغۇن مۇسۇلمانلار  ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرەتكە ئىشىنىدىغانلىقىنى سۆزلەيدۇ، مۇسۇلمانچە يۈرىدۇ، مۇسۇلمانچە ناماز ئوقۇيدۇ، ئەمما مۇسۇلمانچە ياشىمايدۇ. توغرا، ئۇلار مۇسۇلمانچە ياشىمايدۇ، ئاخىرەتكە ئىشىنىمەن دەيدۇ، ئەمما ئاخىرەتكە ئىشەنگەن مۇئمىندەك ياشىمايدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورقىمەن دەيدۇ، ئەمما ئاللاھ تائالادىن قورقىدىغان مۇئمىندەك ياشىمايدۇ. بۇ ئايەتلەردە، كىشىلەرنى قاقتى_سوقتى قىلىدىغان، تارازىنى دۇرۇس تۇتمايدىغان، سودىدا ئادالەتلىك بولمايدىغان، ھارام يېيىشتىن قورقمايدىغان قارا كۆڭۈل ئىنسانلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان كاپىرلار بىلەن بىر ئورۇندا قويۇلغان. چۈنكى كاپىرلار ئاخىرەتكە ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ھېساب بېرىشتىن قورقمايدۇ، ئۆلچەمدە ئادالەتلىك بولمىغان ئادەمنىڭ بۇ قىلىقىمۇ ئاخىرەتكە ئىشەنمىگەنلىكتىن ياكى ئۇنىڭغا شەك قىلغانلىقتىن ۋە ياكى ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىگە ئىشەنچ قىلىپ كەتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك. شۇ ئېنىقكى، ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش، تەۋبە_ ئىستىغپارنى كۆپ ئېيتىش ئارقىلىق گۇناھ_ مەسىيەتلەرنى يۇيۇۋەتكىلى بولغىنى بىلەن، كىشىلەرنىڭ ھەققىنى يۇيۇۋەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ «قىل» ۋە «قىلما» دېگەن ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھىنى خالىسا تەۋبە قىلەن، خالىسا تەۋبىسىزمۇ كەچۈرۈۋېتىدۇ، ئەمما باشقىلارنىڭ ھەققىنى قەتئىي كەچۈرمەيدۇ.

5.         ساتقۇچىنىڭ ساختىپەزلىكتىن ۋە كىشىلەرنى ئالداشتىن ساقلىنىشى، مالنىڭ ئەيبىنى ئوچۇق ئېيتىشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى بىزنى ئالدايدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس»[8] دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى شۇكى، كىمكى ئىنسانلارغا ساختىلىق قىلىپ ئۇلارنى ئالدايدىكەن، يولسىزلىق قىلىپ ئۇلارنى ھەققىنى يەۋالىدىكەن، ئۇلارنىڭ كۆزىنى بوياپ ناچار مالنى ياخشى دەپ ساتىدىكەن، مۇنداق ئادەم ئىسلام ئۈممىتىدىن ئەمەس دېگەنلىكتۇر. يەنى ساتقۇچى مەيلى قانچىلىك تەقۋا سۈپەتلىك كىشى بولۇپ كەتسۇن، مەيلى ئاغزىدىن مىسۋاك چۈشمەيدىغان، ساقىلى ئىككى مېتىر كېلىدىغان بولۇپ كەتسۇن، مەيلى بەش نامازنى مەسجىدى ھەرەمدە ئوقۇيدىغان بولۇپ كەتسۇن، كىشىلەرنى ئالدايدىكەن، ساختىپەزلىك قىلىدىكەن، ئۇنداق كىشى مۇسۇلمانلارنىڭ قاتارىدىن سانالمايدۇ.

6.         ساتقۇچىنىڭ كەڭ قورساق، سېخىي، قانائەتلىك بولۇشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېپ كۆرسەتكەن: «ساتقاندىمۇ، سېتىۋالغاندىمۇ، ئۆز ھەققىنى تەپە قىلغاندىمۇ كەڭ قورساق بولغان ئادەمگە ئاللاھ رەھىم قىلسۇن!»[9]. مۇسۇلمان ئادەم باشقىلاردىن قانداق مۇئامىلىنى كۈتسە، ئۆزىمۇ باشقىلارغا ئۆزىنىڭ كۈتكىنىدىنمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. بىر نەرسە سېتىۋالغاندا ئالدانماي، مۇۋاپىق باھادا سېتىۋېلىشنى خالىغان ئادەم باشقىلارغا ساتقاندىمۇ ئۇلارنى ئالدىماي، مۇۋاپىق باھادا سېتىشى لازىم. ئەگەر مۇنداق قىلمىغاندا، ئۇ كىشى بۈگۈن باشقىلارنى ئالدىغان ۋە ئۇلارغا ئۆز باھاسىدىن قىممەت ساتقان بولسا، ئەتە ئۇ باشقىلاردىن ئالغاندا، ئۇمۇ ئالدىنىپ كېتىدۇ ۋە زىيان تارتىدۇ.  «بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم» دېگەن بىكار گەپ ئەمەس. ھەقىقىي مۇئمىنلىكنىڭ ئالدىنقى سۈپىتى كۆڭۈلنىڭ يۇمشاقلىقىدۇر. شۇڭا مۇئمىن ئادەم ھەرقانداق ئىشتا كۆڭلى يۇمشاق، كەڭ قورساق، كەچۈرۈمچان كېلىدۇ. ئەپسۇسكى،  يۈرىكى قاتتىق، كۆڭلى قارا ئادەملەرنى مۇئمىن دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى مۇنداقلارنىڭ قەلبى ئىمان تەسىر قىلمىغان قەلبتۇر.[1] نەبەئ سۈرىسى:11_ ئايەت.
[2] نىسا سۈرىسى:29_ ئايەت.
[3] ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
[4] ئىمام بۇخار ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[5] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[6] ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[7] مۇتەففىفىين سۈرىسى: 1-5 – ئايەتلەر.
[8] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[9] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار