نەسىھەتنى سۇيئىستېمال قىلغۇلاردىن ھەزەر ئەيلەڭ

 

نەسىھەتنى سۇيئىستېمال قىلغۇلاردىن ھەزەر ئەيلەڭ

مۇھەممەد يۈسۈپ

زامانىمىزدا ئۆزىنىڭ ئەركەك ياكى چىشى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان، دادىسى قويغان ئۆز ئىسمى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشقا جۈرئىتى بولمىغان، نامسىز تور قەھرىمانلىرى كۆپىيىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق دەردى دىنغا ۋە مىللەتكە ئاز – تولا خىزمەت قىلىپ كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەرنى بىر تەرەپتىن سۆكۈش ئارقىلىق خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈرۈش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى رەددىيەلىرى بىلەن مەشغۇل قىلىش ئارقىلىق قىلىۋاتقان ئىشىدىن توسۇپ قويۇش ياكى ھېچبولمىغاندا ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنى بۇزۇپ روھىدىكى سۈزۈكلۈكنى بۇزۇشتۇر. ئۇلار يەنە خەلقى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتقان تەشكىلاتلارنى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇشقا تىرىشىش، كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا ئىناقسىزلىقنىڭ ۋە جېدەل-ماجىرانىڭ ئۇرۇقلىرىنى سېلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئەپسۇسكى، بۇنداق بۇزغۇنچىلارنى تۇتاي دېسىڭىز سېپى يوق، چاقىراي دېسىڭىز ئىسمى يوق. مۇنداقلار ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان خىتايلارمۇ ياكى غەرەزلىك ئىش قىلىۋاتقان ھەسەتخورلارمۇ ۋە ياكى پىسخىكا كېسەللىرىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ. ئىشقىلىپ، ئۇلاردا ياخشى نىيەتنىڭ يوقلىقى ئېنىق. چۈنكى قانداقلا بىر خاتالىقنى تۈزەتكۈسى كەلگەن ئادەم شۇ شەخسنىڭ ئۆزى بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىنى ئۆزىگە يەتكۈزىدۇ. مانا بۇ ئىسلام ئەخلاقى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەل ئۇسلۇبىدۇر. بۇنداق قىلىشنىڭ قارشى تەرەپنى قايىل قىلىش ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش نىسبىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ. مەن نۇرغۇن قېرىنداشلار بىلەن شۇنداق قىلىمەن. بەزىدە ئۇلار ماڭا نەسىھەت قىلىدۇ ياكى خاتالىقلىرىمنى ئۆزۈمگە كۆرسىتىپ قويىدۇ، دەرھال تۈزىتىمەن ۋە ئۇنىڭغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. بەزىدە مەن ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى ئۆزىگىلا كۆرسىتىپ قويىمەن، تۈزىتىۋالىدۇ ۋە رەھمەت ئېيتىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قېرىنداشلىقىمىز، دوستلۇقىمىز ۋە ھەمكارلىقىمىز بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

زامانىمىزدا ئىسلام ئەخلاقىدىن نېسىۋى بولمىغان بەزى نامسىز ياكى ناملىق تور قەھرىمانلىرى ئۆزلىرىدە ئازراق بولسىمۇ ئاللاھ تائالادىن قورقۇش تۇيغۇسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلەيدۇ ۋە يازىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىن چىققان ئۆلىمالارنىڭ، زىيالىيلارنىڭ ۋە سىياسىيونلارنىڭ سۆزلىرىگە ياكى يازمىلىرىغا ئەدەپسىزلەرچە قوشۇق سېلىشتىن ۋە ئۇلارنى سۆكۈشتىن تەپ تارتمايدۇ. ئۇلار بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى شۇلارغا تەڭ قىلىپ كۆرسەتكۈسى كېلەمدۇ ياكى باشقا غەرىزى بارمۇ ۋە شۇنداق قىلىشقا مائاشلىق ئىشلەمدۇ؟ بۇ تەرىپى تازا ئېنىق ئەمەس، يەنە بەزىسى ئۆزىدە قارشى تەرەپنىڭ سۆزلىرىنى ياكى يازمىسىنى چۈشىنىدىغان ئەقىل – ئىدراك يوق تۇرۇپ، ئۇلارغا چەندەك ئاتىدۇ. ئەپسۇسكى، ئۇلار ئۆزىنى مۇسۇلمانلارنىڭ قاتارىدىن ساناپ تۇرۇقلۇق، ئاللاھ تائالانىڭ «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە توغرا سۆزنى قىلىڭلار»[1]، «(ئىنسان) قانداقلا بىر سۆزنى قىلسۇن، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ يېنىدا كۆزىتىپ يازىدىغان پەرىشتە بولىدۇ»[2] دېگەن سۆزلىرىگە قۇلاق سالمايدۇ، بۇ ئايەتلەر ئۈستىدە بىرەر قېتىم بولسىمۇ تەپەككۇر قىلىپ كۆرمەيدۇ. ئىنساندىن سادىر بولغان ھەربىر سۆزنىڭ ۋە ھەربىر يازمىنىڭ ئەلۋەتتە مەسئۇلىيىتى بار. شۇڭا، ھەربىر سۆزنى ئېغىزدىن چىقىرىشتىن، ھەربىر يازمىنى يېزىپ تارقىتىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ توغرا-خاتالىقىنى، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئويلاشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى نۇرغۇنلىغان يازمىلار ۋە سۆزلەر ئۇنى يازغان ياكى ئېيتقان كىشىگە بىر ئۆمۈر پۇشايمانلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ھېسابىنى بېرىش ئوڭاي ئەمەس. خۇيمۇ تىللىۋالدىم، ئوبدان بىر ئەدىپىنى بېرىۋالدىم، ئۆزۈمنى تازا بىر كۆرسىتىۋالدىم، دەپ ئېغىزىنى ۋە قەلىمىنى قويۇۋەتكەن بىلەن، ئۇنىڭ ھېسابى ۋە سورىقى بار. بۇنداقلارنىڭ قانچىلىك كۆپ ساۋابلىق ئەمەللىرى بولغان بولسىمۇ، ئۇ ئەمەللىرى ئۇلارنىڭ ئىنسانلارغا قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىنى ھەرگىز يېنىكلىتەلمەيدۇ، ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ياخشى ئەمەللىرىنى يەپ كېتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ساھابىلىرىدىن: «كىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ساھابىلەر: «ھېچقانداق مال – مۈلكى بولمىغان كىشىنى قۇرۇق قول قالغۇچى دەيمىز» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت كۈنى بىراۋ ناماز، زاكات ۋە روزا بىلەن كېلىدۇ. ئەمما ئۇ بىرىنى تىللىغان، بىرىگە تۆھمەت چاپلىغان، بىرىنىڭ مېلىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن، بىرىنى ئۇرغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ساۋابلىق ئەمەللىرى شۇلارغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ساۋابلىرى تۈگەپ قالسا، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭغا ئارتىلىدۇ. ئاندىن ئۇ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. مانا بۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچىسىدۇر»([3]) دېگەن.

نەسىھەتنى قانداق قىلىش كېرەك؟

1.   نەسىھەتنى شەخسنىڭ ئۆزىگە قىلىش

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئومۇمغا قارىتىلغان نەسىھەتنى ئومۇمغا قىلاتتى، بىرەر شەخسكە نەسىھەت قىلماقچى بولسا، ئاشۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە ئايرىم قىلاتتى. بىرەر كىشىنىڭ خاتا قىلمىشىغا ئومۇمنىڭ ئالدىدا تۈزىتىش بەرمەكچى بولسا، ھەرگىز «پالانى مۇنداق قىلدى» دېمەيتتى، بەلكى «بۇ قەۋمگە نېمە بولغاندۇ؟ مۇنداق، مۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ» دەپ تۈزىتىش بېرەتتى. مانا بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ۋە ياخشى ئادىتىدۇر.

 ئىمام شافىئىي مۇنداق دېگەن: «بىراۋغا مەخپىي ھالدا نەسىھەت قىلغان ئادەم ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلغان بولىدۇ، ئۇنىڭغا كىشىلەرنىڭ ئالدىدا نەسىھەت قىلغان ئادەم ئۇنى سۆككەن ۋە ئۇنى چۈشۈرگەن بولىدۇ». ئەللامە فۇزەيل ئىبنى ئىياز مۇنداق دېگەن: «مۇئمىن ئادەم كىشىلەرنىڭ ئەيبىنى يۆگەيدۇ ۋە نەسىھەت قىلىدۇ، گۇناھكار ئادەم كىشىلەرنىڭ ئەيبىنى ئاچىدۇ ۋە ئەيىب ئىزدەيدۇ». ئەللامە ئىبنى ھەزم مۇنداق دېگەن: «سەن بىراۋغا نەسىھەت قىلماقچى بولساڭ، چوقۇم ئۇنى مەخپىي قىلغىن. نەسىھەت قىلغاندىمۇ، گەپنى ئۇنىڭغا نەق قاراتماي، ئەگىتىپ قىلغىن. ئەگەر سەن مۇشۇنداق قىلمىساڭ، نەسىھەت قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى زۇلۇم قىلغۇچى بولۇپ قالىسەن». دېمەك، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا بىراۋلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ رەددىيە بېرىش نەسىھەت ئەمەس، بەلكى بۇزغۇنچىلىق ۋە دۈشمەنلىكتۇر.

2.       نەسىھەتنى تولۇپ تاشقان كۆيۈمچانلىق بىلەن قىلىش

كىشىلەرگە مېھىر _ شەپقەتلىك بولۇش ۋە ئۇلارغا تولۇپ تاشقان مېھرىبانلىقنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ۋەز _ نەسىھەت قىلىش پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەخلاقى ۋە ياخشىلارنىڭ ئادىتىدۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۆزلىرىگە تۈرلۈك ئەزىيەتلەرنى يەتكۈزگەن كاپىر قەۋمگىمۇ «ئى قەۋمىم!» دەپ ناھايىتى مېھرىبانلىق بىلەن خىتاب قىلغانلىقى بۇنىڭ مىسالى. ئاللاھ تائالا بىزگە تەلىم بېرىپ: )رەببىڭنىڭ يولىغا ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز _ نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن [4](دەپ بۇيرۇغان. بىراۋنى تەنقىدلەپ تۇرۇپ ئۇنى ياخشى ئىشقا دەۋەت قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ ھېچقانداق پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننىتىدە يوق ئىشتۇر. 

3. نەسىھەتنى مۇناسىپ پەيتتە قىلىش

نەسىھەت قىلغۇچى نەسىھەت قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ مۇناسىپ پەيتنى تاللىشى لازىم. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، نەسىھەت پايدىسىز قالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىشنىڭ ياخشى پەيتىنى تاللايتتى ۋە شۇنداق ۋاقىتتا نەسىھەت قىلاتتى.

 

نامسىز تور قەھرىمانلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

ئىسلام دۇنياسىدىكى ھەر مىللەت ئۆلىمالىرىنىڭ ۋە دانالىرىنىڭ نامسىز تور قەھرىمانلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەققىدىكى چارە- تەدبىرلىرى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. ئۇلارنىڭمۇ مۇنداقلاردىن تارتقان ئەزىيەتلىرى ئاز ئەمەس ئىكەن. چۈنكى بىزنىڭ مىللەتتىكى ئىللەتلەر ئۇلاردىمۇ بار ئىكەن. تۈرك ۋە ئەرەب ئۆلىمالىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەۋسىيەلىرىنى ئوقۇپ چىقتىم. ئۇلارنىڭ بىردەك تەۋسىيەسى تۆۋەندىكىلەرگە مەركەزلىشىدىكەن:

1.   نامسىز تور قەھرىمانلىرىنى ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى دوستلار تىزىملىكىگە قوشماسلىق.

2.   نامسىز تور قەھرىمانلىرىنىڭ سوئاللىرىنى جاۋابسىز قالدۇرۇش.

3.   نامسىز تور قەھرىمانلىرىغا رەددىيە بېرىمەن دەپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق.

4.   نامسىز تور قەھرىمانلىرىنىڭ يازمىلىرىغا ۋە سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماسلىق.

5.   نامسىز تور قەھرىمانلىرىنىڭ ئەزىيەتلىرى سەۋەبلىك كۆڭۈلنى يېرىم قىلماسلىق.



[1] ئەھزاب سۈرىسى:70- ئايەت.
[2] قاف سۈرىسى: 18- ئايەت.
([3]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى
[4] نەھل سۈرىسى: 125 _ ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار