زىكىر ۋە ئۇنىڭ ھاياتىمىزدىكى تەسىرى

زىكىر ۋە ئۇنىڭ ھاياتىمىزدىكى تەسىرى

مۇھەممەد يۈسۈپ

 زىكىر — ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش، ئۇنى ئېسىدىن چىقارماسلىق، ئۇنىڭ بىزنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاش، مەدھىيەلەش، ئۇنىڭ ئىلىمى، قۇدرىتى ۋە گۈزەل سەنئەتلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش، نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش دېگەنلىكتۇر. ِانَّ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ لَآَيَاتٍ لِأُولِي الْأَلْبَابِ. الَّذِينَ يَذْكُرُونَ اللَّهَ قِيَامًا وَقُعُودًا وَعَلَى جُنُوبِهِمْ وَيَتَفَكَّرُونَ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ رَبَّنَا مَا خَلَقْتَ هَذَا بَاطِلًا سُبْحَانَكَ فَقِنَا عَذَابَ النَّارِ «شەكسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقلى ساغلام كىشىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئوپئوچۇق دەلىللەر بار. ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ (ۋە مۇنداق دەيدۇ:) «ئى رەببىمىز! سەن بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ. (ھېكمەتسىز ئىش قىلىشتىن) ئەلۋەتتە پاكتۇرسەن! بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» . بۇ ئايەت ئاللاھ تائالانى ئەقلى ۋە پىكىر – خىيالى ۋە بارچە ھېس- تۇيغۇسى بىلەن ياد ئېتىدىغان كىشىلەرنى سۈپەتلىگەن بولۇپ، بۇ ئەقىل ئىگىلىرىگە خاس خىسلەتتۇر.

زىكىر «قۇرئان كەرىم»دە ۋە ھەدىسلەردە مۇنداق ئىككى خىل مەنىدە كېلىدۇ: بىرى، ئومۇمىي زىكىر، يەنە بىرى، خاس زىكىردۇر. ئومۇمىي زىكىر— ناماز روزا، زاكات، ھەج، قۇرئان ئوقۇش قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئورۇنداش. خاس زىكىر— «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەردە كەلگەن زىكىر ۋە دۇئالا بىلەن ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش، ئۇنىڭغا تەسبىھ، تەھلىل ۋە ھەمدۇسانالارنى ئېيتىشتۇر.

 

ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش ئىماننىڭ تەلىپىدۇر

 

ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش بەندىنىڭ ئىمانىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، ئاللاھ تائالاغا بولغان باغلىنىشىنى كۈچەيتىدۇ، سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئاشۇرىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە يېقىن ئىكەنلىكىنى ۋە بارلىق ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى دىندا مۇستەھكەملىكنى، ئىماننى، ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىشەنچنى ۋە ئىستىقامەتنى كۈچەيتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنى ياد ئېتىپ تۇرىدىغان ئادەم بىلەن ئاللاھنى ياد ئەتمەيدىغان ئادەمنىڭ پەرقى تىرىك بىلەن ئۆلۈككە ئوخشاشتۇر» .

 

ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىشنىڭ تۈرلىرى

 

ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش تىل، دىل ۋە ئەمەل بىلەن بولىدۇ.

1. ئاللاھ تائالانى تىل بىلەن ياد ئېتىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَأَمَّا بِنِعْمَةِ رَبِّكَ فَحَدِّثْ «رەببىڭنىڭ نېمىتىنى ئاغزىڭدىن چۈشۈرمە». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:  «تىلىڭ ئاللاھقا زىكىر ئېيتىش بىلەن ھۆل بولۇپ تۇرسۇن» .

2. ئاللاھ تائالانى دىل بىلەن ياد ئېتىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: وَاذْكُرْ رَبَّكَ فِي نَفْسِكَ تَضَرُّعًا وَخِيفَةً وَدُونَ الْجَهْرِ مِنَ الْقَوْلِ بِالْغُدُوِّ وَالْآَصَالِ وَلَا تَكُنْ مِنَ الْغَافِلِينَ «رەببىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە _ ئاخشامدا پەس ئاۋازدا ئۇنىڭغا زىكىر ئېيتقىن، ھەرگىز غاپىللاردىن بولمىغىن» .

3. ئاللاھ تائالانى ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن ياد ئېتىش

مەيلى دۇنيالىق ياكى ئاخىرەتلىك ھەممە ئىشلىرىمىزدا، گەپ-سۆزلىرىمىزدە، مۇئامىلىمىزدە ۋە بارلىق يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز ئاللاھ تائالانى ياد ئەتكەنلىكتۇر.

 

ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش پەرزدۇر

 

ئاللاھ تائالانى كۆپ ياد ئېتىش، ئۇنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە تۇتۇش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اذْكُرُوا اللَّهَ ذِكْرًا كَثِيرًا «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئالاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار» ، « يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا تُلْهِكُمْ أَمْوَالُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ» يەنى «ئى ئىمان ئېيتقانلار! پۇل _ ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن»   دېگەن ئايەتلەر بۇنى ئىپادىلەيدۇ.

 

ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىشنىڭ يوللىرى

 

ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىشنىڭ يوللىرى ناھايىتى كۆپتۇر. مەسىلەن: قۇرئان ئوقۇش، پەرزلەرنى ئادا قىلىش، ئىلىم سورۇنلىرىغا قاتنىشىش، ئەتىگەن – ئاخشىمى ۋە ھەر نامازدىن كېيىن ئۇنىڭغا زىكىر ئېتىش، ھەر ۋاقىت ئۇنىڭغا دۇئا قىلىش ۋە مۇناجات قىلىش قاتارلىقلار.

1. قۇرئان ئوقۇش

قۇرئان كەرىم ئۆزى زىكىردۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا الذِّكْرَ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ «قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە ئۇنى ئەلۋەتتە ئۆزىمىز قوغدايمىز»  دېگەن سۆزىدە «قۇرئان كەىم»نى «زىكىر» دەپ ئاتىغان. شەكسىزكى، قۇرئان ئوقۇغان، ئۇنى يادلىغان ۋە ئاڭلىغان كىشى ئاللاھ تائالانى ياد ئەتكەن بولىدۇ.

2. پەرز ئەمەللەر

پەرز ئەمەللەرنى ئادا قىلىش ئاللاھ تائالانى ياد ئەتكەنلىكتۇر. مەسىلەن: ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش، ھەج قىلىش قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئورۇنداش ئاللاھ تائالانى ياد ئەتكەنلىكتۇر. إِنَّنِي أَنَا اللَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا أَنَا فَاعْبُدْنِي وَأَقِمِ الصَّلَاةَ لِذِكْرِي «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. شۇڭا، سەن ماڭىلا ئىبادەت قىلغىن، مېنى ياد قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن» .

3. ئىلىم سورۇنى

ئوقۇش، ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش، ۋەز-نەسىھەتلەرنى ئاڭلاش، ئۆلىمالارنىڭ مەجلىسلىرىگە ھازىر بولۇش قاتارلىق ئىشلارنى ھەممىسى ئاللاھ تائالانى ياد ئەتكەنلىكتۇر. چۈنكى يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداش ئۇنى ياد ئەتكەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا ئىلىم ئەھلىنى زىكىر ئەھلى دەپ سۈپەتلىگەن. فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِنْ كُنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ «بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوراڭلار» . بۇ ئايەتتە ئىلىم ئەھلى زىكىر ئەھلى دەپ ئاتالغان.

4. ئاللاھ تائالانى ھەر ۋاقىت ياد ئېتىش

ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرىنى ئوقۇش، ئۆگىنىش، ئەتىگەن- ئاخشىمى، ھەر نامازدىن، ئۇيقۇغا بارغان ۋە تۇرغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالاغا زىكىر ئېيتىش، دۇئا قىلىش، ئىستىغفار ئېيتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانى ياد ئەتكەنلىكتۇر.

5. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىش

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىش ئاللاھ تائالانى ياد ئەتكەنلىككە كىرىدۇ. چۈنكى دۇرۇد ئېيتىشقا ئەمر قىلغۇچى زات ئاللاھ تائالادۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئورۇنداش ئۇنى ياد ئەتكەنلىكتۇر. إِنَّ اللَّهَ وَمَلَائِكَتَهُ يُصَلُّونَ عَلَى النَّبِيِّ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا صَلُّوا عَلَيْهِ وَسَلِّمُوا تَسْلِيمًا «شەكسىزكى، ئاللاھ پەيغەمبەرگە رەھمەت قىلىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ (ئۇنىڭ ئۈچۈن) مەغپىرەت تىلەيدۇ، ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەرمۇ ئۇنىڭغا دۇرۇد ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار» . ئەللامە ئىززۇددىن ئىبنى ئابدۇسسالام مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھقا دۇرۇد ئېيتىشىمىز بىزنىڭ ئۇنىڭغا شاپائەت قىلغانلىقىمىز ئەمەس، چۈنكى بىز رەسۇلۇللاھقا شاپائەت قىلالمايمىز. لېكىن ئاللاھ بىزنى بىزگە ياخشىلىق قىلغان كىشىگە ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرۇشقا، ئەگەر قايتۇرالمىساق، ئاللاھنىڭ قايتۇرۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلىشقا بۇيرۇغان. بىز رەسۇلۇللاھنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئاللاھ بىزنى ئۇنىڭغا دۇرۇد ئېتىشقا بۇيرۇغان» . ئىسلام ئۆلىمالىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىشنىڭ ئىبادەت ۋە ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرز ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن.

 

 ھاياتىمىزدا زىكىرنىڭ تەسىرى

 

رېئاللىقتا كۆرۈۋاتىمىزكى، ئىنسان ئۆزى ياخشى كۆرگەن ۋە قىزىققان نەرسىسىنىڭ گېپىنى كۆپ قىلىدۇ، زېھنىنى ئۇنىڭ بىلەن كۆپرەك مەشغۇل قىلىدۇ. مەسىلەن: سودا-تىجارەتكە قىزىقىدىغان ئادەم شۇ توغرىدىكى گەپلەرنى كۆپ قىلىدۇ، كۆپ ئاڭلايدۇ ۋە شۇنىڭدىن كەلگەن تاپاۋىتى بىلەن كۆڭلىنى خۇش قىلىدۇ.  توپقا قىزىقىدىغان كىشىلەر ھەمىشە توپ ئويناشقا ۋە توپ مۇسابىقىلىرىگە قىزىقىدۇ، شۇنىڭ خەۋەرلىرىنى كۆپ ئاڭلايدۇ، ئۇلار ئاشۇنىڭ بىلەن ھاياتىغا ھۇزۇر قاتىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالانى چىن قەلۋبىدىن سۆيىدىغان، ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلىدىغان مۇئمىنلەر ئاللاھ تائالانى كۆپ ياد ئېتىدۇ، ئېسىدىن چىقارمايدۇ ۋە ئۇنى ياد ئېتىشتىن ھۇزۇر-ھالاۋەت تاپىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش دىللارنى ياشارتىدۇ، ۋىجداننى ئويغىتىدۇ، كۆڭۈلنى ئارام تاپقۇزىدۇ. الَّذِينَ آَمَنُوا وَتَطْمَئِنُّ قُلُوبُهُمْ بِذِكْرِ اللَّهِ أَلَا بِذِكْرِ اللَّهِ تَطْمَئِنُّ الْقُلُوبُ « ئۇلار (يەنى ئاللاھ ھىدايەت قىلىدىغان كىشىلەر) ئىمان ئېيتقان، دىللىرى ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدىغان كىشىلەردۇر. بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ» .

 

زىكىرنىڭ پەزىلىتى

 

ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ كېزىپ يۈرىدىغان مەخسۇس پەرىشتىلىرى بار. ئۇلار ئاللاھ زىكىر قىلىنغان ئورۇنلارنى ئىزدەپ يۈرىدۇ. ئۇلار زىكىر مەجلىسىنى تاپقىنىدا، مەجلىس ئەھلى بىلەن ئولتۇرىدۇ. ئۇ چاغدا مەزكۇر پەرىشتىلەر قانىتى بىلەن بىرىنچى ئاسماننى قاپلىغان بولىدۇ، مەجلىس ئەھلى تارقالغاندا، پەرىشتىلەر ئاسمانغا ئۆرلەيدۇ. ئاللاھ — گەرچە ھەممىنى بىلىپ تۇرسىمۇ،— ئۇلاردىن ‹سىەلر نەدىن كېلىۋاتىسىلەر؟› دەپ سورايدۇ. ئۇلار: ‹ئى رەببىمىز؟ بىز سېنىڭ يەر يۈزىدىكى بەندىلىرىڭ تەرىپىدىن كېلىۋاتىمىز، ئۇلار ساڭا تەسبىھ ئېيتىدۇ، تەكبىر ئېيتىدۇ، سېنى ئۇلۇغلايدۇ، ساڭا ھەمدۇسانا ئېيتىدۇ. ئۇلار سەندىن تىلەيدۇ› دەيدۇ. ئاللاھ: ‹ئۇلار مەندىن نېمىنى تىلەيدۇ؟› دەپ سورايدۇ. پەرىشتىلەر: ‹ئۇلار سەندىن جەننىتىڭنى تىلەيدۇ› دەيدۇ. ئاللاھ: ‹ئۇلار مېنىڭ جەننىتىمنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟› دەپ سورايدۇ. پەرىشتىلەر: ‹ئى رەببىمىز! ئۇلار كۆرمىگەن› دەيدۇ. ئاللاھ: ‹ئۇلار مېنىڭ جەننىتىمنى كۆرگەن بولسا قانچىلىك بەك تەلەپ قىلغان بولار ئىدى› دەيدۇ. ئاندىن پەرىشتىلەر: ‹ئۇلار ساڭا سىغىنىپ پاناھ تىلەيدۇ› دەيدۇ. ئاللاھ: ‹ئۇلار نېمىدىن پاناھ تىلەيدىكەن؟› دەپ سورايدۇ. پەرىشتىلەر: ‹ئى رەببىمىز! ئۇلار سېنىڭ دوزىخىڭدىن پاناي تىلەيدۇ› دەيدۇ. ئاللاھ: ‹ئۇلار مېنىڭ دوزىخىمنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟› دەپ سورايدۇ. پەرىشتىلەر: ‹ئى رەببىمىز! ئۇلار كۆرمىگەن› دەيدۇ. ‹ئۇلار مېنىڭ دوزىخىمنى كۆرگەن بولسا قانچىلىك پاناھ تىلىگەن بولار ئىدى› دەيدۇ. پەرىشتىلەر: ‹ئۇلار سەندىن مەغپىرەت تىلەيدۇ› دەيدۇ. ئاللاھ: ‹مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلدىم، ئۇلارغا تىلىگىنىنى بەردىم، ئۇلار پاناھ تىلىگەن نەرسىدىن ئۇلارغا پاناھ بەردىم› دەيدۇ. پەرىشتىلەر: ‹ئى رەببىمىز! پالانى بەندەڭ گۇناھ قىلدى، ئەمما زىكىر مەجلىسىدىن ئۆتۈۋىدى، زىكىر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە ئولتۇردى› دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: ‹ئۇنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلدىم، ئۇلار شۇنداق قەۋمكى، ئۇلار بىلەن ئولتۇرغان ئادەم بەختسىز بولمايدۇ› دەيدۇ» .

«قۇرئان كەرىم» ئاشۇ كىشىلەرنى مۇنداق سۈپەتلىگەن: رِجَالٌ لَا تُلْهِيهِمْ تِجَارَةٌ وَلَا بَيْعٌ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ وَإِقَامِ الصَّلَاةِ وَإِيتَاءِ الزَّكَاةِ يَخَافُونَ يَوْمًا تَتَقَلَّبُ فِيهِ الْقُلُوبُ وَالْأَبْصَارُ «ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، نە تىجارەت، نە سودا _ سېتىق ئۇلارنى ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن، ناماز ئوقۇشتىن ۋە زاكات بېرىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ. ئۇلار (قورقۇنچتىن) دىللار پاراكەندە ۋە كۆزلەر ئالاقزادە بولۇپ كېتىدىغان (قىيامەت) كۈنىدىن قورقىدۇ» . چۈنكى ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا تُلْهِكُمْ أَمْوَالُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ وَمَنْ يَفْعَلْ ذَلِكَ فَأُولَئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ «ئى ئىمان ئېيتقانلار! پۇل _ ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئەنە شۇنداقلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر»  دېگەن ئەمرىگە ئىتائەت قىلغان كىشىلەردۇر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار