ئەقىل ۋە ئۇنى ئىشلىتىش

ئەقىل ۋە ئۇنى ئىشلىتىش

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئەقىل — ئىنساننىڭ ئويلاش، بىلىش، قارار قىلىش قۇدرىتى ۋە ئىقتىدارى دېگەنلىك بولۇپ، ئىنسانلارغا ئاتا قىلىنغان نېمەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. ئىنسان ئەقلى بىلەن نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى، نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ پايدا-زىيىنىنى بىلىدۇ. شەيئىلەرنى ئۆز ھەقىقىتى بويىچە بىلىش ئەقىل بىلەن بولىدۇ.

ئەقىل سەۋەبىدىن ئىنسان باشقا جانلىقلاردىن ئالاھىدە ھۆرمەتلىك ۋە قىممەتلىك بولۇپ پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئەقىل دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنىڭ يۈكلىنىشى ئۈچۈن شەرتتۇر. چۈنكى ئەقلى بولمىغان (ساراڭ) كىشىلەرگە دىنىي مەجبۇرىيەتلەر بۇيرۇلمايدۇ. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ ياخشى-يامان ئەمەللىرىگە ساۋاب ياكى جازا يېزىلمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئەقلى پەرقلىق بولىدۇ، بەزى ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىنى ۋە ھاۋايى – ھەۋىسىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشتىن باشقىسىغا يارىمايدۇ. پەقەت ئەقلى ساغلام كىشىلەرلا ئەقلىنى جايىدا ئىشلىتەلەيدۇ، ئۇنى ئۆزىگە ۋە ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئىشلارغا قوللىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا بىزگە ئاتا قىلغان بۇ ئەقىل دىننىڭ كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق كەلگەندىلا ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرغان بولىدۇ. چۈنكى دىن ئاللاھ تائالادىن كەلگەن، ئەقىل ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان بولۇپ، ئىككىلىسى بىر مەنبەدىن كەلگەن. شۇڭا، ساغلام ئەقىل بىلەن ھەق دىن چوقۇم بىر-بىرىگە مۇۋاپىقلىشىدۇ. گەرچە ئىنسان چەكلىك بىر ھايات ئۈچۈن يارىتىلغان بولسىمۇ، ئۇ مەڭگۈلۈك ھايات ئۈچۈن تەييارلانغان مەخلۇقتۇر. ئىنسان تەبىئىتى ئۇنى بۇ دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن قانغۇچە مەنپەئەتلىنىشكە قىزىقتۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئەقلى بولسا ئۇنى ئاخىرەتنىڭ مەڭگۈلۈك نېمەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلەشكە ئۈندەيدۇ. شۇڭا، بەزى ئۆلىمالار «ئاخىرەتلىكىنى ئۇنتۇپ، بۇ دۇنيالىق ئۈچۈنلا ئىشلەيدىغان ئادەم ساراڭدۇر. ئەگەر ئۇ ئىنسان ئەڭ يۇقىرىقى دەرىجىلىك دىپلومغا ئېرىشكەن بىرى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىلمىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى زاكاۋەت دېيىلىدۇ، ئەقىل دېيىلمەيدۇ. چۈنكى كائىناتتىكى ئەڭ چوڭ ھەقىقەتتىن، يارىتىلىشنىڭ غايىسىدىن ۋە ئاخىرەتتىن غەپلەتتە ھايات كەچۈرگەن ئىنسان ئەقىلسىز ئىنساندۇر» دېگەن.

ئىنساندىكى ھەربىر ئەزانىڭ مەلۇم ۋەزىپىسى بولغىنىدەك، ئىنساننىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋە ئەڭ قىممەتلىك ئەزاسى بولغان ئەقىلنىڭمۇ ئەلۋەتتە ۋەزىپىسى بار. ئەقىلنىڭ ۋەزىپىسى تەپەككۇر قىلىش ۋە ئويلاشتۇر. ھەقىقىي مېيىپ بىرەر ئەزاسى كاردىن چىققان ئىنسان ئەمەس، بەلكى ئەقلى كاردىن چىققان، يەنى ئەقلىنى ئىشلەتمىگەن ئىنساندۇر. ئەقىللىق ئادەملەر ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى بەختلىك قىلالايدۇ، چۈنكى ئەقىللىق ئادەملەر ھەربىر ئىشنى ئويلاپ قىلىدۇ ۋە توغرا بولغاننى قىلىدۇ. ئەقىلسىز ئادەملەر ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى بەختىسىز قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ ھاماقەتلىكىدىن نۇرغۇن ئىشلارنى بۇزۇپ قويىدۇ. ئەقىل ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش كۆرىدىغان ئادەم ئاددىي تۇرمۇش ۋە چەكلىك كىرىم بىلەنمۇ ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى بەختلىك ياشىتالايدۇ. ئەقىل ۋە ھېكمەتتىن مەھرۇم قالغانلار باياشاتلىق تۇرمۇش ۋە ھېسابىنى ئالغىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى كۆپ مال- دۇنيا بىلەنمۇ بەختلىك بولالمايدۇ.

ئىسلام دىنىمىز ئەقىلنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا كۈچلۈك تەشەببۇس قىلغان دىن بولۇپ، ئەقلىنى ئىشلىتەلىگەن ئىنسان دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھۇزۇر- ھالاۋەتلىك ھاياتقا ئېرىشىدۇ. چۈنكى ئەقىللىق ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ۋە قىلماسلىققا تېگىشلىكلىرىنى بىلىدۇ ۋە شۇ بويىچە ئىش كۆرىدۇ. قۇرئان كەرىمدە ئەقىل ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرۇلۇق كەلگەن ئايەتلەرنىڭ سانى مىڭدىن ئاشىدۇ.)أَفَلَا تَعْقِلُونَ( «ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دېگەن ئايەت 13 ئورۇندا بايان قىلىنغان، بۇنىڭدىن باشقا، ئەقىل ئىشلىتىشكە چاقىرغان ئايەتلەر ئونلارچە ئورۇندا كەلگەن. ئەقىل ئىشلىتىش ئۈچۈن بېرىلگەن نېمەت بولۇپ، ئۇنى ئىشلەتكەنلەر ئۆزىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى توغرا شەكىلدە يولغا قويالايدۇ. ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلەر دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ. قۇرئان كەرىمدە ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغانلار ھايۋانلار قاتارىدىن سانالغان. )إِنَّ شَرَّ الدَّوَابِّ عِنْدَ اللَّهِ الصُّمُّ الْبُكْمُ الَّذِينَ لَا يَعْقِلُونَ( يەنى «شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە جانلىقلارنىڭ ئەڭ يامىنى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان گاس – گاچىلاردۇر»[1].

ئەقلىنى ئىشلەتمىگەن ئەبۇ لەھەبنىڭ قىسسىسى

ئەبۇ لەھەب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ راستچىللىقىنى ۋە گۈزەل ئەخلاقىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلەتتى، ئۇنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىمۇ ئوبدان بىلەتتى. ئەمما ئۇ دۇنيالىقىنى دەپ ئاخىرەرلىكىنى سېتىۋەتكەن ئەخمەق ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە، ئەگەر قۇرەيش ئەرەبلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋەت قىلىۋاتقان بۇ يېڭى دىننى قوبۇل قىلىپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ دىنىنى ئىنكار قىلسا، ئەتراپتىكى ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ كېتىش سەۋەبلىك سودا-كارۋانلىرى مەككىگە كەلمەيدىغان بولۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ جان بېقىشى تەسلىشىپ قالاتتى. شۇڭا ئەبۇ لەھەب قاتارلىق قۇرەيش كاتتىلىرى بۇ يېڭى دىنغا جېنى بىلەن قارشى تۇرغان. بۇ ئۇچىغا چىققان ئەقىسىزلىك ئىدى. چۈنكى ئۇ تېخى يېتىپ كەلمىگەن كېلەچەكنىڭ ۋەھىمىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاخىرەتلىكىنى نابۇت قىلىۋەتكەن ئىدى. ئەبۇ لەھەبنىڭ ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلىكىنىڭ يەنە بىر مىسالى شۇكى، ئاللاھ تائالا ئەبۇ لەھەبنىڭ كاپىر پېتى ئۆلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ: ﴿تَبَّتْ يَدَا أَبِي لَهَبٍ وَتَبَّ. مَا أَغْنَى عَنْهُ مَالُهُ وَمَا كَسَبَ. سَيَصْلَى نَارًا ذَاتَ لَهَبٍ. وَامْرَأَتُهُ حَمَّالَةَ الْحَطَبِ. فِي جِيدِهَا حَبْلٌ مِنْ مَسَدٍ﴾ يەنى «ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! (ئەمەلىيەتتە) قۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭغا مال - مۈلۈكى ۋە ئېرىشكەن نەرسىلىرى ئەسقاتمىدى. ئۇ ئۇزاققا قالماي لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئايالىمۇ مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بىلەن ئوتۇننى بوينىغا باغلاپ يۈدۈگەن ھالدا (لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا) كىرىدۇ»[2] دەيدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى يەۋەتسىمۇ دەردى چىقمايدىغان ئەشەددىي دۈشمىنىگە ئايلانغان ئەبۇ لەھەب مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىنى توسۇش ئۈچۈن تۈرلۈك چارە – تەدبىر ۋە ھىيلە – مىكىرلەرنى ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا، خالايىقنىڭ ئالدىغا چىقىپ: «مۇھەممەد مېنى مۇسۇلمان بولماي كاپىر پېتى ئۆلىدۇ ۋە دوزاخقا كىرىدۇ، دېدى. گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن مۇسۇلمان بولدۇم، نەتىجىدە دوزاخقا كىرمەيدىغان بولدۇم» دەپ يالغاندىن بولسىمۇ، ئېلان قىلغان بولسا ئىدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «يالغانچى» دەپ تۆھمەت قىلىشقا ۋە ئىسلام دىنىغا زىيانكەشلىك قىلىشقا قادىر ئىدى. لېكىن ئۇئەقلىنى ئىشلەتمىدى، شۇنى پىلانلىيالمىدى. نەتىجىدە خۇددى «قۇرئان كەرىم» خەۋەر بەرگەندەك كاپىر پېتى ئۆلدى ۋە ئىسلامغىمۇ زىيان يەتكۈزەلمىدى.

ئەقلىنى ئىشلەتكەن نۇئەيم ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىسسىسى

نۇئەيم ئىبنى مەسئۇد رزىيەللاھۇ ئەنھۇ كاتتا ساھابىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئەسلىدە غەتەفان قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى بولۇپ، مەدىنە ئىسلام دۆلىتىنى يىقىتىپ تاشلاش ئۈچۈن، قۇرەيش قەبىلىسى بىلەن بىرلىشىپ مەدىنىگە قاراپ ئاتلانغان. ئۇلار ئىچىدىن يەھۇدىيلار سىرتتىن قۇرەيش بىلەن غەتەفان قەبىلىلىرى بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىشقا كېلىشكەن. ئەمما مەدىنىنىڭ ئەتراپىغا خەندەك كولانغانلىقتىن، ئۇلار مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرەلمەي، مەدىنىنى مۇھاسىرە قىلىپ ياتقان ئىدى. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە نۇئەيم ئىبنى مەسئۇد چېدىرىدا يېتىپ ئويغا چۆكىدۇ، ئۇ ئەقلىنى رەسمىي ئىشلىتىپ، ئۆز- ئۆزىگە پىچىرلاپ مۇنۇلارنى دەيدۇ:

ئەي نۇئەيم! ئەپسۇس ساڭا، سېنى بۇ يەرگە نېمە ئېلىپ كەلدى؟ سەن نېمىشقا نەجد دېگەن ئاشۇ يىراق جايدىن مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭساھابىلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا كەلدىڭ؟ سەن تارتىۋېلىنغان بىرەر ھەقنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا كەلدىڭمۇ؟ ياق. سەن دەپسەندە قىلىنغان ئار- نومۇسنى قوغداش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ ياق. سەن پەقەتلا سەۋەبسىز ھالدا، باشقىلارغا ئەگىشىپ بۇ يەرگە كەلدىڭ.

ئەي نۇئەيم! سەن قانداقلارچە بۇ ياخشى ئادەمگە قىلىچ تەڭلىگىلى كەلدىڭ؟ ئۇنىڭ بىرەر يامانلىقىنى كۆردۈڭمۇ ياكى ئاڭلىدىڭمۇ؟ ئۇ كىشىلەرنى راستچىللىققا، ئادالەتكە، كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلاشقا، تۇغقانلارغا ياردەم قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغان، پەزىلەتلىك زات تۇرسا، سەن نېمە سەۋەب بىلەن ئۇنىڭغا قارشى چىقىسەن؟ سەندەك ئەقىللىق بىر ئىنسان قانداقمۇ بۇ ئەقىلسىزلىقنى قىلىدۇ؟ قانداقمۇ بىگۇناھ كىشىلەرگە قارشى قىلىچ كۆتۈرىدۇ؟

نۇئەيم ئىبنى مەسئۇدنىڭ ئۆزى بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ ئەقلىي مۇنازىرىسى ئۇنى ئىككى ئالەملىك سائادەت يولىغا ئېلىپ باردى. مەلۇمكى، نۇرغۇن كىشىلەر گەرچە ئۆزلىرى ھەق دىنغا قارشى تۇرىدىغان مۇشرىك ياكى كاپىر بولمىسىمۇ، ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلىكى، ئۆزى مەنسۇپ بولغان توپقا ۋە ھەقىقەتكە قارشى ئېقىمغا ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈنلا كاپىرلىق ئۆلۈمىدە ئۆلىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئەقلىنى ئىشلىتىپ پايدا- زىياننى ئوبدان مۆلچەرلىگەن ۋە تەقلىدچىلىكتىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلغان بولسا، نەتىجە باشقىچە بولۇشى مۇمكىن.

نۇئەيم يۇقىرىقىلارنى ئويلاپ چىققاندىن كېيىن، كەسكىن بىر قارارغا كېلىدۇ ۋە ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ ئارىسىدىن تۈن قاراڭغۇسىدا ئايرىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئالدىدا كۆرۈپ، «سەن نۇئەيم ئىبنى مەسئۇدقۇ؟ بۇ كېچىدە نېمىگە كەلدىڭ؟» دەيدۇ. نۇئەيم: «ھەئە، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن نۇئەيم ئىبنى مەسئۇد بولىمەن، شاھادەت ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغىلى كەلدىم» دەيدۇ ۋە شاھادەت ئېيتىدۇ. ئاندىن: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن ئىمان ئېيتتىم، بۇنى قەۋمىم بىلمەيدۇ، مېنى خالىغان ئىشقا بۇيرۇغايلا» دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «سەن ئارىمىزدا بىرلا ئادەم. قەۋمىڭنىڭ يېنىغا قايتقىن ۋە قولۇڭدىن كەلسە بىرەر ئىش قىلغىن، چۈنكى ئۇرۇش دېگەن ھىيلىدۇر» دەيدۇ. شۇ ئاندا نۇئەيم ئەقلىنى شۇنداق بىر ئىشقا سالىدۇكى، بارچە ئەقىل-پاراسىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا بەل باغلايدۇ. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «بولىدۇ، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاللاھ خالىسا ئۆزلىرىنى خۇشال قىلىدىغان ئەھۋالنى كۆرىلا» دەپ كېتىپ قالىدۇ.

نۇئەيم ئىبنى مەسئۇد ئەقلىنى ئىشلىتىش، تەپەككۇر قىلىش، ئۆزىدىن ئۆزى ھېساب ئېلىش ۋە كەسكىن قارار قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش نىيىتىدىن يېنىپ، ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم قىلىدىغان ۋە ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتكەن بىر مۇئمىن بولۇپ تارىخقا قەيت قىلىنىدى.

نۇئەيم ئىبنى مەسئۇد غەتەفان قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى بولغانلىقى ئۈچۈن، مەدىنىدىكى يەھۇدىي قەبىلىلىرى بىلەنمۇ، مەككىدىكى قۇرەيش قەبىلىسى بىلەنمۇ ياخشى مۇناسىۋەتتە ئۆتكەن ۋە ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئېتىبارلىق بىرى ئىدى. نۇئەيم ئالدى بىلەن قۇرەيش قوشۇنىنىڭ چېدىرىغا بېرىپ ئۇلارغا: «يەھۇدىيلار مۇسۇلمانلار بىلەن بۇرۇن تۈزۈشكەن ئەھدىسىنى بۇزغانلىقىغا پۇشايمان قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ سېپىدا تۇرۇپ سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قۇرەيشنىڭ كاتتىلىرىدىن 70كىشىنى مۇھەممەدكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ۋەدە قىلدى. شۇڭا ئۇلار بىرئازدىن كېيىن، سىلەردىن گۆرۈ تەلەپ قىلىشقا ئادەم ئەۋەتىدۇ. ئۇلارغا تەلەپ قىلغان كىشىلىرىنى بەرمەڭلار. چۈنكى ئۇلارنى بەرسەڭلار، مۇسۇلمانلار دەرھال ئۆلتۈرىدۇ» دەيدۇ. قۇرەيش بۇ پىكىرنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە شۇنداق قىلىشقا كېلىشىدۇ. ئاندىن نۇئەيم يەھۇدىيلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: «قۇرەيش قوشۇنى ئۇرۇشتىن ۋاز كېچىدىغاندەك تۇرىدۇ، چۈنكى مۇھاسىرە ئۇزىراپ كەتتى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قىيىنلاشتى. ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشتىن ۋاز كەچسە ياكى يېڭىلسە، ئۇلار ئۆز ۋەتىنىگە قاراپ تىكىۋېتىدۇ، ئەمما سىلەر مەدىنىدە قالىسىلەر، ئۇ چاغدا مۇھەممەد سىلەردىن قاتتىق ئىنتىقام ئالىدۇ. شۇڭا قۇرەيش قوشۇنلىرىنىڭ ئۇرۇشتىن قاچماسلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كاتتىلىرىدىن 70 كىشىنى سىلەردە گۆرۈ قويۇشىنى تەلەپ قىلىڭلار» دەيدۇ. يەھۇدىيلار «ھەي نۇئەيم! راستتىنلا ئاقىلانە مەسلىھەت بەردىڭ بىزگە، بىز چوقۇم شۇنداق قىلايلى» دېيىشىپ، ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىدۇ. نەتىجىدە، يەھۇدىيلار قۇرەيش قوشۇنلىرىنىڭ چېدىرىغا ئەلچى ئەۋەتىپ قۇرەيش كاتتىلىرىدىن 70 كىشىنى گۆرۈ قويۇشىنى، ئەگەر بۇنىڭغا ئۇنىمىسا، كېلىشىمنى بۇزۇپ، مۇسۇلمانلار تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان مۇشرىكلار قاتتىق غەزەپلىنىپ، «بىز بۇ ۋاپاسىز يەھۇدىيلارغا بىر تال ئارغامچىمۇ بەرمەيمىز» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسى بۇزۇلىدۇ. شۇ ئارىدا قاتتىق بوران چىقىپ، قۇرەيش قوشۇنلىرىنىڭ چېدىرلىرىنى ئۆرۈپ تاشلايدۇ، ئوتلىرى ئۆچىدۇ، قازان-قوشۇقلىرى چېچىلىدۇ، ئاتلىرى قېچىشقا باشلايدۇ. ئاندىن قۇرەيش قوشۇنلىرىنى مۇھاسىرىنى بىكار قىلىپ مەككىگە قايتىدۇ.

ئەقىلغا ئىشارەت

ئەقىللىق ئىنسانلارغا نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامان، نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش يېتەرلىكتۇر. ئەمما ئەقىلسىزلەر ئۈچۈن بۇ كۇپايە قىلمايدۇ. مەسىلەن: سىز قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە مەلۇم بىر شەھەرگە سەپەر قىلماقچى بولۇپ يولغا چىققاندا، يولنىڭ بېشىدا «قار سەۋەبلىك بۇ يولنىڭ ئاخىرى يېپىقتۇر» دەپ يېزىلغان تاختىنى كۆرۈپ بۇ يولدىن قايتىسىز، ئەمما سىزنىڭ ئورنىڭىزدا بىرەر جانىۋار بولسا، ئۇ يولنى توسۇۋالغان قارنى كۆرمىگىچە توختىمايدۇ. ئەقىلسىز بەڭگى ئۆپكىسى كاردىن چىقمىغۇچە تاماكىنى تاشلىمايدۇ، ئەمما ئەقىللىق بەڭگى دوختۇرلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئاڭلاپ تاماكىنى دەرھال تاشلايدۇ. چۈنكى ئۇ ئەقلىنى ئىشلىتىدۇ.

ئەقىل ۋە نەقىل

قۇرئان كەرىمدە ياكى سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان مەسلىلەردىن بىرەرسىنى ئەقلىمدىن ئۆتمىدى، دەپ ئىنكار قىلغان ئادەم كاپىر بولىدۇ، شۇنىڭدەك، ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغان ئادەممۇ كاپىر بولىدۇ. چۈنكى ئىبلىس ئاللاھ تائالا خەۋەر بەرگەن ھەقىقەتلەردىن بىرەرسىنى ئىنكار قىلغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقانلىقتىن كاپىر بولۇپ كەتكەن. بەزى كىشىلەر ھېچ ئويلىماستىنلا، بىرەر ئايەت توغرۇلۇق «بۇ مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمىدى» دەيدۇ، بەزىلەر «بۇ ئايەتتىكى ھۆكۈم ھازىرقى ئەسىرگە يارىمايدۇ» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئەقلى دىننى مۇھاكىمە قىلىشقا يېتەمدۇ؟ ياق، ھەرگىز يەتمەيدۇ. چۈنكى ئەقىل چەكلىكتۇر.

ئەقىلنىڭ چەك-چېگراسى

دىنىي مەسىلىلەردە ئەقىل ئۆزى يالغۇز مەنبە بولالمايدۇ. چۈنكى دىننىڭ مەنبەسى ئەقىل ئەمەس، نەقىلدۇر. خۇددىكۆز كۆرۈش ئۈچۈن يورۇقلۇققا موھتاج بولغاندەك، ئەقىل دىنىي مەسىلىلەرنىڭ ھەقىقىتىگە يېتىش ئۈچۈن نەقىلگە موھتاجدۇر. ئەڭ ئىشەنچلىك نەقىل قۇرئان كەرىم بىلەن سەھىھ ھەدىستۇر.

ئەقىل نەقىلنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ، چۈنكى نەقىل ئاساس، ئەقىل ياردەمچىدۇر. شۇڭا ئەقىلنىڭ ۋەزىپىسى ئالدى بىلەن نەقىلنىڭ راستلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا جەزم قىلىش، ئاندىن نەقىلنى چۈشىنىشتۇر.

ئەقىللىقلار بىلەن ئەقىلسىزلەرنىڭ پەرقى

ئەقىللىق— ئەقلى بار، كاللىسى ئىشلەيدىغان، زېرەك، ھوشيار ۋە ئۆتكۈر ئىنسان دېگەنلىكتۇر. «ئەقىللىق ئۆزىنى ئەيىبلەر، نادان دوستىنى ئەيىبلەر» (ماقال).

ئەقىلسىز— ئەقلى يوق، نادان ۋە ئەخمەق دېگەنلىك بولۇپ، ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلەر ئومۇمەن ئەقىلسىزلەر دېيىلىدۇ. «ئەقىلسىز دوستتىن ئەقىللىق دۈشمەن ياخشى» (ماقال).

 ئەقىللىقلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى شۇكى، ئۇلار ئۆز خاتالىقلىرىنى تەكرارلىمايدۇ، ئەينى خاتالىقنى قايتا سادىر قىلمايدۇ، ئۆز پىكرىنىڭ خاتالىقىنى بايقىغان ھامان ئۇنى ئۆزگەرتىشتىن ھېچ ئىككىلەنمەيدۇ. ئەمما ئەقىلسىزلەر ئۆز خاتالىقلىرىدىن دەرس ئالمايدۇ، خاتا پىكىرلىرىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، باشقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىشنى خالىمايدۇ.

بەزى ئالىملار ئەقىللىقلار بىلەن ئەقىلسىزلەر ھەققىدىكى پەرقلەرنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلغان:

—            ئەقىللىقلار بېشىغا كېلىشى مۇمكىن بولغان ئىشلار ھەققىدە ئالدىن ھازىرلىق كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ھېچقانداق ئىشتا گاڭگىراپ قالمايدۇ. ئەمما ئەقىلسىزلەر بىپەرۋالىق بىلەن ياشىغانلىقتىن، بېشىغا كەلگەن ئاددىي بىر مۈشكىلىنى يېڭىشتىمۇ گاڭگىراپ قالىدۇ. سىز ئەقىللىق بولۇڭ، باشقىلاردىن بىر قەدەم ئالدىدا تۇرۇڭ.

—            ئەقىللىقلار ئۆتمۈشىدىن ئىبرەت ئالىدۇ، بىر خاتالىقنى قايتا تەكرارلىمايدۇ. ئەمما ئەقىلسىزلەر خاتالىقلىرىدىن ئىبرەت ياكى دەرس ئالمايدۇ، ئەينى خاتالىقنى نەچچە قېتىم تەكرارلايدۇ. سىز ئەقىللىق بولۇڭ، بىر خاتالىقنى قايتا قىلماسلىق ئۈچۈن تىرىشىڭ.

—            ئەقىللىقلار ھەرقانداق بىر مۈشكىلىنى يېڭىش ئۈچۈن كۆپلىگەن چارە- تەدبىرلەرنى تەييارلايدۇ، بۇ يولدا كۆپ خاتالاشسىمۇ، كۆپ تەجرىبىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ ۋە ئاخىرىدا مۈشكىلىنى ئەڭ ياخشى تەرىقىدە ھەل قىلىدۇ. ئەمما ئەقىلسىزلەر بىر يولدىن باشقىسىنى بىلمەيدۇ، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا چارىسىز قالىدۇ. سىز ئەقىللىق بولۇڭ، ھەممە مۈشكىلىنى بىر خىل تەرىقىدە ھەل قىلالايمەن دەپ ئويلىماڭ.

—            ئەقىللىقلار پەرقلىق ئويلايدۇ، ئۇلار مۈشكىلىنى ھەل قىلىشتا تەقلىدچىلىك ئادىتىدىن چىقىپ مۇناسىپ ئۇسۇل بىلەن ئىش كۆرىدۇ. ئەمما ئەقىلسىزلەر تەقلىدچىلىكتىن قۇتۇلالمايدۇ ۋە مۈشكىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. سىز ئەقىللىق بولۇڭ، تەقلىدچىلىكتىن قۇتۇلۇڭ.

—            ئەقىللىقلار ئۆزلىرىنىڭ كونا پىكىر، قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىشكە جۈرئەت قىلالايدىغان كىشىلەردۇر. مەسىلەن: ئەنەس ئىبنى مالىك قاتارلىق ساھابىلەرنىڭ ۋە ئىمام شافىئىيدەك ئىماملارنىڭ بۇرۇن بەرگەن پەتىۋالىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بايقىغان ھامان مەزكۇر پەتىۋالىرىدىن يانغانلىقى بۇنىڭ مىسالى. ئەمما ئەقىلسىزلەر ئۆزلىرىنىڭ كونا پىكىر، قاراشلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭدا چىڭ تۇرىۋالىدۇ، ئۆز پىكرىدىن قايتىشنى ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرگەنلىك دەپ قارايدۇ. سىز ئەقىللىق بولۇڭ، قاتمال بولۇۋالماڭ.

—            ئەقىللىق كىشىلەر تەلەيگە ئىشەنمەيدۇ، بەلكى تەلەينى ئۆزلىرى يارىتىدۇ، مۇناسىپ شارائىت تېپىلغان ھامان ئاتلىنىدۇ، پۇرسەت كۈتۈپ ياتمايدۇ. ئەمما ئەقىلسىزلەر ئۆزلىرىنىڭ تەلىيىنى كۈتۈشكە ئامراق كېلىدۇ. سىز ئەقىللىق بولۇڭ، تەلىيىڭىزنى ئۆزىڭىز يارىتىڭ.

—            ئەقىللىقلارغىمۇ خۇددى باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاشلا نادىر پۇرسەتلەر كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ باشقىلاردىن پەرقى شۇكى، ئۇلار شۇنداق نادىر پۇرسەتلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ ۋە ئېدىيە جەھەتتىن ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلىپ قويىدۇ. ئەمما ئەقىلسىزلەر ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە بولغانلىقتىن، بۇنداق نادىر پۇرسەتلەر ئۈچۈن تەييارلىق قىلمايدۇ. سىز ئەقىللىق بولۇڭ، تەييارلىقتا بولۇڭ، كەلگەن پۇرسەتنى قاچۇرماڭ.

—             ئەقىللىقلار ئىنسانلارنىڭ پىكىر، قاراشلىرىنى، ھەتتا ئېتىقادىنى ئۆزلىرى ياشىغان جەمئىيەت ئاساسىغا قۇرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار جەمئىيەت ۋە ئادەتلەر قويغان چەكلىمىلەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىدۇ. ئەمما ئەقىلسىزلەر تەقلىدچىلىكنىڭ كىشەنلىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ. سىز ئەقىللىق بولۇڭ، مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغان بولۇڭ.

—            ئەقىللىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، باشقىلارغا ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلەنمەيدۇ، ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە دۈشمەن قىلىۋالمايدۇ. ئەمما ئەقىلسىزلەر ئۆزلىرىنى ئەقىللىق سانايدۇ، ئەقىللىقلارنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلمايدۇ، نەتىجىدە زىيان تارتىدۇ. سىز ئەقىللىق بولۇڭ، ئۆزىڭزنىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىڭىزنى چاندۇرماڭ.

—            ئەقىللىقلار ھېسسىياتقا تايىنىپ قارار چىقارمايدۇ، ئۇلار غەزەپلەنگەن ياكى ئىنتىقام تۇيغۇسىدا بولغان ۋە ياكى بېسىم ھېس قىلغان چاغدا بىرەر ئىشقا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ياكى قارار ئېلىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇنداق ۋاقىتلاردا قارار چىقىرىشنى ۋە ھۆكۈم قىلىشنى كېچىكتۈرىدۇ. ئەمما ئەقىلسىزلەر بىر لەھزىلىك ئاچچىق ۋە نەپرەت سەۋەبلىك ئۆمۈر بويى پۇشايمانغا قالىدىغان ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ. سىز ئەقىللىق بولۇڭ، ئىشلارغا ۋە كىشىلەرگە ئالدىراپ ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنىڭ.

—            ئەقىللىقلار ئوقۇش، ئۆگىنىشتىن توختاپ قالمايدۇ، ئۇلار كۆپ بىلىش كۆپ پۇرسەتلەرگە ۋە كۆپ ئەۋزەللىكلەرگە ئېرىشىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇلار ھەر كۈنى بىرەر يېڭى نەرسە ئۆگىنىشنى قولدىن بەرمەيدۇ. ئەمما ئەقىلسىزلەر ئۆزلىرىنى ھەممىنى بىلىدىغان كىشىلەر دەپ ئويلايدۇ ۋە ئۆگەنمەيدۇ. سىز ئەقىللىق بولۇڭ، ئۆگىنىشنى كۈندىلىك ئادىتىڭىزگە ئايلاندۇرۇڭ.

—            ئەقىللىقلارمۇ خۇددى باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاشلا راھەتنى ياخشى كۆرىدۇ، كۆڭۈل ئېچىشنى سۆيىدۇ. لېكىن ئۇلار قاچان ۋە قانداق چاغدا راھەتلىنىشنى بىلىدۇ، ئۆزىنىڭ شەخسىي راھىتىنى قىلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىغا توسقۇن قىلىۋالمايدۇ، نۆۋەتتىكى ئىشلىرىنى مۇكەممەل ئادا قىلماي تۇرۇپ ئارام ئالمايدۇ. ئەمما ئەقىلسىزلەر قايسى ئىشنى قاچان قىلىش كېرەكلىكىنى ۋە قايسى ئىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. سىز ئەقىللىق بولۇڭ، ھاياتتىكى مۇھىم ئىشلىرىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ راھىتىڭىز ئۈچۈن قۇربان قىلماڭ.



[1] ئەنفال سۈرىسى:22- ئايەت.
[2]لەھەب سۈرىسى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار