ئەقىلىقلار ۋە ئەقىلسىزلار

 

ئەقىلىقلار ۋە ئەقىلسىزلار

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئەقىل — ئىنساننىڭ بىلىش، تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتى دېگەنلىك بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ بەزى ھەقىقەتلەرنى بىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان نېمەتتۇر. ئىنسان ئەقىلدىن ئىبارەت بۇ نېمەت بىلەن بارچە مەخلۇقاتتىن ئۈستۈن ۋە پەرقلىقتۇر. ئىنسان ئەقلى بىلەن نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى، نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ پايدا-زىيىنىنى بىلىدۇ. شەيئىلەرنى ئۆز ھەقىقىتى بويىچە بىلىش ئەقىلنىڭ كۈچى بىلەن بولىدۇ.

«قۇرئان كەرىم» كىشىلەرنى ئالدى بىلەن ئەقىل ئىشلىتىشكە ۋە تەپەككۇر قىلىشقا چاقىرغان كىتاب بولۇپ، دىنىمىز ئەقىلنىڭ قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ئالاھىدە ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسىنى تونۇشى ۋە ئۇنىڭ دىنىنى بىلىشىدە ئەقىل ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. )كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ آَيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ( يەنى «سىلەرنى ئەقلىنى ئىشلەتسۇن دەپ، ئاللاھ ئايەتلىرىنى مۇشۇنداق بايان قىلىپ بېرىدۇ»[1]. قۇرئان كەرىم ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلەرنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى پۇشايمانلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: )وَقَالُوا لَوْ كُنَّا نَسْمَعُ أَوْ نَعْقِلُ مَا كُنَّا فِي أَصْحَابِ السَّعِيرِ ( يەنى «ئۇلار: «ئەگەر بىز (ھەقىقەتنىڭ ساداسىغا) قۇلاق سالغان ياكى ئەقلىمىزنى ئىشلەتكەن بولساق، دوزاخ ئەھلى قاتارىدىن بولماس ئىدۇق» دەيدۇ»[2].

«قۇرئان كەرىم» دە «العَقْلُ» يەنى«ئەقىل» دېگەن سۆز 49 قېتىم تەكرارلانغان بولسا، )أَفَلَا تَعْقِلُونَ ( يەنى «ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ » دېگەن سۆز 7 قېتىم تەكرارلانغان. ئىسلام دىنىمىزدا دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشقا سالاھىيەتلىك بولۇشنىڭ ئاساسلىق شەرتى ئەقىلدۇر. شۇڭا، ئەقىلنىڭ يوقىلىشىغا ياكى ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر. ئەقلى يوق كىشىلەرگە دىنىي مەجبۇرىيەتلەر يۈكلەنمەيدۇ، ئۇلار قىلمىشلىرى سەۋەبلىك جازاغا تارتىلمايدۇ.

ئەقىللىق— ئەقلى بار، كاللىسى ئىشلەيدىغان، زېرەك، ھوشيار ۋە ئۆتكۈر ئىنسان دېگەنلىكتۇر. «ئەقىللىق ئۆزىنى ئەيىبلەر، نادان دوستىنى ئەيىبلەر» (ماقال).

ئەقىلسىز— ئەقلى يوق، نادان ۋە ئەخمەق دېگەنلىك بولۇپ، ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلەر ئومۇمەن ئەقىلسىزلار دېيىلىدۇ. «ئەقىلسىز دوستتىن ئەقىللىق دۈشمەن ياخشى» (ماقال).

 ئەقىللىقلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى شۇكى، ئۇلار ئۆز خاتالىقلىرىنى تەكرارلىمايدۇ، ئەينى خاتالىقنى قايتا سادىر قىلمايدۇ، ئۆز پىكرىنىڭ خاتالىقىنى بايقىغان ھامان ئۇنى ئۆزگەرتىشتىن ھېچ ئىككىلەنمەيدۇ. ئەمما ئەقىلسىزلار ئۆز خاتالىقلىرىدىن دەرس ئالمايدۇ، خاتا پىكىرلىرىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، باشقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىشنى خالىمايدۇ.

بەزى ئالىملار ئەقىللىقلار بىلەن ئەقىلسىزلار ھەققىدىكى پەرقلەرنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلغان:

—          ئەقىللىقلار بېشىغا كېلىشى مۇمكىن بولغان ئىشلار ھەققىدە ئالدىن ھازىرلىق كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ھېچقانداق ئىشتا گاڭگىراپ قالمايدۇ. ئەمما ئەقىلسىزلار بىپەرۋالىق بىلەن ياشىغانلىقتىن، بېشىغا كەلگەن ئاددىي بىر مۈشكىلىنى يېڭىشتىمۇ گاڭگىراپ قالىدۇ. سىز ئەقىللىق بولۇڭ، باشقىلاردىن بىر قەدەم ئالدىدا تۇرۇڭ.

—          ئەقىللىقلار ئۆتمۈشىدىن ئىبرەت ئالىدۇ، بىر خاتالىقنى قايتا تەكرارلىمايدۇ. ئەمما ئەقىلسىزلار خاتالىقلىرىدىن ئىبرەت ياكى دەرس ئالمايدۇ، ئەينى خاتالىقنى نەچچە قېتىم تەكرارلايدۇ. سىز ئەقىللىق بولۇڭ، خاتالاشماسلىق ئۈچۈن تىرىشىڭ.

—          ئەقىللىقلار ھەرقانداق بىر مۈشكىلىنى يېڭىش ئۈچۈن كۆپلىگەن چارە- تەدبىرلەرنى تەييارلايدۇ، بۇ يولدا كۆپ خاتالاشسىمۇ، كۆپ تەجرىبىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ ۋە ئاخىرىدا مۈشكىلىنى ئەڭ ياخشى تەرىقىدە ھەل قىلىدۇ. ئەمما ئەقىلسىزلار بىر يولدىن باشقىسىنى بىلمەيدۇ، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا چارىسىز قالىدۇ. سىز ئەقىللىق بولۇڭ، ھەممە مۈشكىلىنى بىر خىل تەرىقىدە ھەل قىلالايمەن دەپ ئويلىماڭ.

—          ئەقىللىقلار پەرقلىق ئويلايدۇ، ئۇلار مۈشكىلىنى ھەل قىلىشتا تەقلىدچىلىك ئادىتىدىن چىقىپ مۇناسىپ ئۇسۇل بىلەن ئىش كۆرىدۇ. ئەمما ئەقىلسىزلار تەقلىدچىلىكتىن قۇتۇلالمايدۇ ۋە مۈشكىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. سىز ئەقىللىق بولۇڭ، تەقلىدچىلىكتىن قۇتۇلۇڭ.

—          ئەقىللىقلار ئۆزلىرىنىڭ كونا پىكىر، قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىشكە جۈرئەت قىلالايدىغان كىشىلەردۇر. مەسىلەن: مالىك ئىبنى ئەنەس قاتارلىق ساھابىلەرنىڭ ۋە ئىمام شافىئىيدەك ئىماملارنىڭ بۇرۇن بەرگەن پەتىۋالىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بايقىغان ھامان مەزكۇر پەتىۋالىرىدىن يانغانلىقى بۇنىڭ مىسالى. ئەمما ئەقىلسىزلار ئۆزلىرىنىڭ كونا پىكىر، قاراشلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭدا چىڭ تۇرىۋالىدۇ، ئۆز پىكرىدىن قايتىشنى ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرگەنلىك دەپ قارايدۇ. سىز ئەقىللىق بولۇڭ، قاتمال بولۇۋالماڭ.

—          ئەقىللىق كىشىلەر تەلەيگە ئىشەنمەيدۇ، بەلكى تەلەينى ئۆزلىرى يارىتىدۇ، مۇناسىپ شارئىت تېپىلغان ھامان ئاتلىنىدۇ، پۇرسەت كۈتۈپ ياتمايدۇ. ئەمما ئەقىلسىزلار ئۆزلىرىنىڭ تەلىيىنى كۈتۈشكە ئامراق كېلىدۇ. سىز ئەقىللىق بولۇڭ، تەلىيىڭىزنى ئۆزىڭىز يارىتىڭ.

—          ئەقىللىقلارغىمۇ خۇددى باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاشلا نادىر پۇرسەتلەر كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ باشقىلاردىن پەرقى شۇكى، ئۇلار شۇنداق نادىر پۇرسەتلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ ۋە ئېدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قويىدۇ. ئەمما ئەقىلسىزلار ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە بولغانلىقتىن، بۇنداق نادىر پۇرسەتلەر ئۈچۈن تەييارلىق قىلمايدۇ. سىز ئەقىللىق بولۇڭ، تەييارلىقتا بولۇڭ، كەلگەن پۇرسەتنى قايتۇرماڭ.

—           ئەقىللىقلار ئىنسانلارنىڭ پىكىر، قاراشلىرىنى، ھەتتا ئېتىقادىنى ئۆزلىرى ياشىغان جەمئىيەت ئاساسىغا قۇرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار جەمئىيەت ۋە ئادەتلەر قويغان چەكلىمىلەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىدۇ. ئەمما ئەقىلسىزلار تەقلىدچىلىكنىڭ مىراسلىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ. سىز ئەقىللىق بولۇڭ، مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغان بولۇڭ.

—          ئەقىللىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، باشقىلارغا ئۇنىڭ بىلەن پەخىر قىلمايدۇ، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئۆزلىرىگە دۈشمەن قىلىۋالمايدۇ. ئەمما ئەقىلسىزلار ئۆزلىرىنى ئەقىللىق دەپ ئويلايدۇ، ئەقىللىقلارنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلمايدۇ، نەتىجىدە زىيان تارتىدۇ. سىز ئەقىللىق بولۇڭ، ئۆزىڭزنىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەڭ.

—          ئەقىللىقلار ھېسسىياتقا تايىنىپ قارار چىقارمايدۇ، ئۇلار غەزەپلەنگەن ياكى ئىنتىقام تۇيغۇسىدا بولغان ۋە ياكى بېسىم ھېس قىلغان چاغدا بىرەر ئىشقا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ياكى قارار ئېلىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇنداق ۋاقىتلاردا قارار چىقىرىشنى ۋە ھۆكۈم قىلىشنى كېچىكتۈرىدۇ. ئەمما ئەقىلسىزلار بىر لەھزىلىك ئاچچىق ۋە نەپرەت سەۋەبلىك ئۆمۈر بويى پۇشايمانغا قالىدىغان ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىپ قويىدى. سىز ئەقىللىق بولۇڭ، ئىشلارغا ۋە كىشىلەرگە ئالدىراپ ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنىڭ.

—          ئەقىللىقلار ئوقۇش، ئۆگىنىشتىن توختاپ قالمايدۇ، ئۇلار كۆپ بىلىش كۆپ پۇرسەتلەرگە ۋە كۆپ ئەۋزەللىكلەرگە ئېرىشىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇلار ھەر كۈنى بىرەر يېڭى نەرسە ئۆگىنىشنى قولدىن بەرمەيدۇ. ئەمما ئەقىلسىزلار ئۆزلىرىنى ھەممىنى بىلىدىغان كىشىلەر دەپ ئويلايدۇ ۋە ئۆگەنمەيدۇ. سىز ئەقىللىق بولۇڭ، ئۆگىنىشنى كۈندىلىك ئادىتىڭىزگە ئايلاندۇرۇڭ.

—          ئەقىللىقلارمۇ خۇددى باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاشلا راھەتنى ياخشى كۆرىدۇ، كۆڭۈل ئېچىشنى سۆيىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلار قاچان ۋە قانداق چاغدا راھەتلىنىشنى بىلىدۇ، ئۆزىنىڭ شەخسىي راھىتىنى قىلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىغا توسقۇن قىلىۋالمايدۇ، نۆۋەتتىكى ئىشلىرىنى مۇكەممەل ئادا قىلماي تۇرۇپ ئارام ئالمايدۇ. ئەمما ئەقىلسىزلار قايسى ئىشنى قاچان قىلىش كېرەكلىكىنى ۋە قايسى ئىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. سىز ئەقىللىق بولۇڭ، ئۆزىڭىزنىڭ راھىتىڭىز ئۈچۈن مۇھىم ئىشلىرىڭىزنى قۇربان قىلماڭ.

 



[1] بەقەرە سۈرىسى: 242- ئايەت.
[2] مۇلك سۈرىسى: 10- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار