ئانا تىلنى قوغداش ئۆزىمىزنى قوغدىغانلىقتۇر

ئانا تىلنى قوغداش ئۆزىمىزنى قوغدىغانلىقتۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

شەكسىزكى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئىماندىن قالسا، ئۆگىتىش ئەڭ زۆرۈر بولغان نەرسە ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەتتۇر. بالىلارغا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىش خۇددى ئۇلارغا قۇرئان ئۆگىتىش زۆرۈر بولغاندەك زۆرۈردۇر.

ئىسلامدا مىللەتچىلىك يوق. ئەمما ئىسلامدا مىللەتلەرنىڭ تىلىنى، ئۆزگىچىلىكىنى ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش بار. ئەمما بىر مۇسۇلمان مىللەتنىڭ تىلى مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنىڭ تىلى ئاستىدا ئاستا-ئاستا ئىستېمالدىن قېلىش، ھەتتا يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە ئۇچرىغان ۋاقىتتا بۇ تىلنى قوغداپ قېلىشنى پەرز دەرىجىسىدىكى زۆرۈرىيەت دېسەك ھەرگىز ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز.

چۈنكى مەزكۇر مۇسۇلمان مىللەت ئەگەر ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى قوللىنىش ئورنىغا، مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنىڭ تىلىنى قوللىنىشقا ئۆتكەن ۋاقتىدا، ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ۋە ئىسلامىي ئەخلاقىنىمۇ ئاستا-ئاستا قولدىن بېرىپ قويۇشقا قاراپ يول ئالغان بولىدۇ. مۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بىر مىللەتنى ۋە ئۇنىڭ تىلىنى ساقلاپ قېلىش شۇ مىللەت خەلقى ئۈچۈن دىنىي ۋە مىللىي مەجبۇرىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

دىنىنى ۋە ئانا تىلىنى جان تىكىپ قوغداش مەسىلىدە چەتئەللەردە، خۇسۇسەن ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا ئوخشىغان خەلقى مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسى ھەقىقەتەن ئېغىردۇر. ئۇيغۇرلار نەدە بولسا بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ ياشىشى ۋە ئەجدادلىرىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىشى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى بىلەن ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر.

دۈشمىنىمىز بىزدىن بۇرۇن بىلىپ يەتكەن ھەقىقەت

بىزنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش ئارقىلىق  ئۇيغۇر مىللىتىنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن رەزىل چارە – تەدبىرلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان قىزىل خىتاي ھاكىمىيىتى بىر مىللەتنى مىللەت سۈپىتىدە ساقلاپ قالىدىغان ئاساسلىق ئەنگۈشتەرنىڭ تىل بىلەن دىن ئىكەنلىكىنى ۋە بىزنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن دىنىمىز بىلەن تىلىمىزنى يوق قىلىش شەرت ئىكەنلىكىنى ئاللىبۇرۇن بىلىپ يەتكەن. شۇڭا، ئۇلار بىزنىڭ بۇ ئىككى ئەنگۈشتەرىمىزگە جېنىنىڭ بارىچە ھۇجۇم قىلدى. ئانا ۋەتەندە دىنىمىز بىلەن تىلىمىز بۇ شەكىلدە چەكلەندى. ئەپسۇسكى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار  ئۆز ئانا تىلىمىزنى ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن يوق قىلىپ كېتىۋاتىمىز. چۈنكى بىز دىنىمىزغا ئەھمىيەت بەرگەن بولساقمۇ تىلىمىزغا ئەھمىيەت بەرمىدۇق. پەرزەنتلىرىمىز ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا بىزگە چەتئەل تىلىدا سۆزلەپ بەرسە، بىز ئۇلار بىلەن پەخىرلىنىپ كەتتۇق.

تىلىمىز بىزنى قوغدايدۇ

بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ يەرشارىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ كاپالىتىدۇر. بىز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن، ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قالغانلىق ھەم مىللىتىمىزنى، ھەم دىنىمىزنى قوغداپ قالغانلىقتۇر. ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن تونۇلىدۇ ۋە ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ. شۇنىڭدەك تىل ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ روناق تېپىشىغا، ياكى ئەكسىچە دۇنيا يۈزىدىن غايىب بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىلدۇر.

تىل—مىللەت دېمەكتۇر. مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىمۇ تىل ۋاسىتىسىگە مۇناسىۋەتلىك. ئۆز ئانا تىلىنى بىلمەيدىغان بالىنىڭ مىجەز-خۇلقىمۇ ئۆزى سۆزلىشىپ يۈرگەن تىلدىكى غەيرى مىللەتنىڭ ئۆزگىچىلىكىگە ماس شەكىللىنىدۇ. دېمەك، ئۆز ئانا تىلىنى بىلمىگەن بالا ئۆز خەلقىنىڭ دىنىنى، مىللىي ئەنئەنىسىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە بارچە ئۆزگىچىلىكلىرىنى تونۇمايدىغان بولۇپ ئۆسىدۇ. كىچىك بىر مىسال: مۇنداق بالا كىچىكنى ئاسراش، چوڭغا ھۆرمەت قىلىش دېگەندەك مىللىي ۋە دىنىي قائىدە-يوسۇنلاردىنمۇ پەرۋاسىز ئۆسىدۇ. بۇ ئىشتىكى چوڭ مەسئۇلىيەت ۋە جاۋابكارلىق يەنىلا ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ.

كۆپ تىل بىلىش كىشىنىڭ بىلىم- سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىدا شەك يوق. ئەلۋەتتە، ئۇنى ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ. لېكىن باشقا تىلنىڭ ھورىغا جىمىقىپ، ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كېتىش، ياكى ئۇنى ئۆگەنمەسلىك ئۆز مىللىتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن كەچۈرگۈسىز جىنايەتتۇر.

ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ مۇقەددەەس بۇرچى

شەكسىز ھەقىقەت شۇكى، ھازىرقى زاماندا ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتالمايدىغان مەجبۇيىتى پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىشنى ۋە يېزىشنى ئۆگىتىشتۇر. بۇنى ھەرقانداق ئۇيغۇر قىلالايدۇ. مەلۇمكى، تىل – يېزىق  ئىنسانلارنىڭ ئالاقىلىشىش قورالىدۇر. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ناۋادا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشنى ياكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىش ۋە ئوقۇشنى بىلمىسە، ئۇلار نېمە بىلەن ئۆزىنى ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ قىلالايدۇ؟ نېمە بىلەن ئۇيغۇر دەۋاسىنى ياڭرىتالايدۇ؟ دۇنيانىڭ ھەرقايسىو جايلىرىغا تارقىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ۋە مىللىي ئۆزگىچىلىكىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان زۆرۈر نەرسە ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىدۇر.

بالىلار ئالىي مەكتەپلەرگە كېتىشتىن بۇرۇن ھەربىر ئاتا-ئانا ئۇلارغا ئۆزلىرى خالىغان نەرسىلەرنى ئۆگىتىۋالالايدۇ. ئەمما بالىلار ئالىي مەكتەپلەرگە كەتكەندىن كېيىن، ئۇلارغا ئاتا-ئانىنىڭ چىشى پاتمايدۇ، ھەم ئۇلارنى كۆزىتىپ بولالمايدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشى ۋە ئەپلىك پۇرسەت بالىلارغا كىچىك يېشىدىنلا ئىمان، ئىسلام ئۆگىتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تىلىنى ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگىتىشتۇر.

مۇقەددەس ئامانەت

تۈركىيەدىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە، مەدرىسىلىرىدە ۋە قۇرئان كۇرسىلىرىدا كۈنلۈك دەرسلىك ئىچىگە ئۇيغۇر تىل – يېزىقى، ئۇيغۇر تارىخى، شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسى، ئۇيغۇر ئۆرپ- ئادەتلىرى قاتارلىق دەرسلىكلەرنى كىرگۈزۈش ئىنتايىن زۆرۈر مەسئۇلىيەت ۋە ئامانەتتۇر. بىز بۇ مەسىلىنى كۆپ قېتىم تەۋسىيە قىلغان بولدۇق. ئەمما ئەپسۇسكى،  ۋەزىيەت يەنە بۇرۇنقىسىدىن كۆپ ئۆزگەرمەي كېتىپ بارماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەربىر ئاتا-ئانا ئۈچۈن، ھەربىر مۇئەللىم ئۇستاز ۋە ھەربىر تەربىيەچى ئۈچۈن باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيەت ۋە مۇقەددەس ئامانەت بالىلارغا ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى ئۆگىتىشتۇر. بۇ ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ بىزنىڭ تىلىمىزنى ۋە يېزىقىمىزنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىش سىياسىتىگە قولىمىزدىن كېلىشىچە تاقابىل تۇرغانلىق بولىدۇ. ئۇيغۇر ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس  ۋەزىپىنى ئورۇندىماي تۇرۇپ، بالىلىرىنى قانچىلىك ياخشى بېقىپ كەتسۇن، قانچىلىك ياخشى ئوقۇتۇپ كەتسۇن، ئۇيغۇر ئۇستازلار ئوقۇغۇچىلارنى قانچىلىك ياخشى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن بولۇپ كەتسۇن، ئۇلار نۆۋەتتىكى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان ۋە بوينىدىكى ئامانەتنى ئادا قىلمىغان بولىدۇ. بۇ ھەربىر ئۇيغۇر باش قاتۇرۇشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىدۇر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار