بىر ئەزھەرىي ئالىمنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمىتى

بىر ئەزھەرىي ئالىمنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمىتى

مۇھەممەد يۈسۈپ

بۇ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئىلىم-مەرىپەت ئېلىپ، خەلقىنى جاھالەت پاتقىقىدىن قۇتقۇزۇش مەقسىتى بىلەن ئانا ۋەتىنىدىن  ئايرىلىپ چەتئەلگە چىقىپ، مىسىرغا بېرىپ، ئۇ جايدا دۇنياغا داڭلىق بىلىمگاھى ئەزھەر ئۇنىۋېرسـتېتىدا ئون نەچچە يىل ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئانا ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ جايدىكى زالىم ھاكىمىيەت بىلەن جاھالەت نەمۇنىلىرى بولغان بەزى ئۇيغۇر مۇتەئەسسىپلىرىنىڭ يەكلىشى ۋە ئۆز يۇرتىغا پاتۇرماسلىقى سەۋەبلىك سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىپ، ھازىرقى قىرغىزىستاندا ئالەمدىن ئۆتكەن بىر ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ قىسسىسى بولۇپ، بۇ قىسسە ئوقۇرمەنلەرگە تۇنجى قېتىم تونۇشتۇرۇلىۋاتىدۇ.

مەزكۇر ئالىمنىڭ ئىسمى ناسۇھا ئەمىن بولۇپ، ئۇ 1888-يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ دەسلەپ غۇلجىدا دىنىي مەدرىسىدە ئوقۇغان. ئۇ ئۆز يۇرتىدا بىر قاتار ئىلىم ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن، چوڭ دادىسى ۋە يۇرت چوڭلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىغا ئاتلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ ناسۇھا ئەمىن 1906-يىلى كۆپ جاپالار بىلەن مىسىرغا يېتىپ بېرىپ، ئۇ جايدىكى قەدىمىي بىلىم يۇرتى ئەزھەر بىلىمگاھىدا ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ ۋە ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە قازىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە يۇقىرى بىلىمىگە قايىل بولغان ئەزھەر ئۆلىمالىرى ئۇنى ئەزھەر بىلىمگاھىدا مۇدەررىسلىككە تەكلىپ قىلىدۇ، ئەمما ناسۇھا ئەمىن ئەزھەر بىلىمگاھىغا ئۆز خەلقىنى جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنى مەرىپەتلىك قىلىش نىيىتى بىلەن كەلگەنلىكى ئۈچۈن، يۇرتىغا قايتىپ بېرىپ خەلقىنى جاھالەتتىن قۇتقۇزۇش قارارىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدۇ. ئۇستازلىرىغا:« مەن خەلقىمنى ئاقارتىشىم كېرەك، مېنىڭ يۈكۈم ئېغىردۇر، شۇڭا مەن يۇرتۇمغا قايتمىسام بولمايدۇ»دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، نەسۇھا ئەمىن داموللام 1915-يىلى ئۆز يۇرتى غۇلجىغا قايتىپ بارىدۇ ۋە غۇلجىدىكى ئەلاباي مەسجىدىدە ئىمام ۋە خاتىپلىققا تەيىنلىنىدۇ. ئۇ جايدا ئىلىم- مەرىپەتكە ۋە يېڭىلىققا قىزىقىدىغان مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن مەسجىدنىڭ يېنىدا كىچىككىنە يېڭىچە مەكتەپ ئېچىپ، بالىلارغا دىنىي ۋە پەننىي بىلىملەرنى ئۆگىتىدۇ. بىراق خەلقنى جاھىل قالدۇرۇش ئارقىلىق ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان زالىم ھاكىمىيەت بىلەن مۇتەئەسسىپ، جانباقار موللىلارنىڭ، ھارامخور قازىلارنىڭ «نەسۇھا خەلقنى خەتەرلىك يولغا باشلىماقچى بولىۋاتىدۇ، ئۇ جەدىدچى ئادەم ئىكەن، ئۇ دىنىمىزنى بۇزۇۋاتىدۇ» دېگەندەك بەتناملارنى چاپلاپ چېقىمچىلىق قىلىشى سەۋەبلىك، شۇ ۋاقىتتىكى زالىم ھاكىمىيەتنىڭ چاڭگىلىدىكى ئاتالمىش مەھكىمە شەرئى نەسۇھا داموللامنىڭ بۇ ئىلغار پائالىيەتلىرىنى چەكلەپ، ئاچقان مەكتىپىنى تاقايدۇ. نەسۇھا داموللام بۇ ھەسرەت بىلەن كېسەل بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالىدۇ. ئۇنىڭغا كەلگەن ماددىي ۋە مەنىۋى زىيانكەشلىكلەر ھېچ توختىمايدۇ. ھەتتا بىر كۈنى نەسۇھا دوللام جۈمە نامىزىدا خۇتبە ئوقۇۋېتىپ، جامائەتكە «بالىلارنى ئوقۇتايلايلى، قىزلارنىمۇ مەكتەپكە بېرەيلى ئۇلارمۇ بىلىملىك بولسۇن، چۈنكى قىزلار كېلەچەك ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئانىلىرىدۇر. ئۇلار مىللەتنىڭ تۇنجى تەربىيەچىسىدۇر. شۇڭا ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىشى لازىم» دېگەن ئاساستا سۆزلىگەندىن كېيىن، شۇ مەسجىدتىكى جامائەتلەر ئارىسىدىكى ھاكاۋۇر بايلاردىن بىرى ئورنىدىن قوپۇپ، قوللىرىنى شىلتىپ تۇرۇپ: «ھەي نەسۇھا! ھەددىڭنى بىل، بىزنىڭ مەكتەپكە بېرىدىغان قىزلىرىمىز يوق. سېنىڭ كوچىغا چىقىرىپ قويىدىغان قىزلىرىڭ بولسا، ئۆزۈڭ شۇ قىزلىرىڭنى مەكتەپكە بېرىۋالغىن. بولدى مۇنبەردىن چۈش! سېنىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلىمايمىز» دەپ نەسۇھا داموللامغا قاتتىق ئەزىيەت بېرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، جەمئىيەتتىكى ئىشرەتخور بايلار نەسۇھا داموللامنىڭ دىننى ياخشى چۈشەنگەن، كىشىلەرنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىشقا تىرىشىۋاتقان، ئۆتكۈر پىكىرلىك بىر كىشى ئىكەنلىكىنى بايقاپ قېلىپ، ئەگەر خەلق بۇ ئادەمگە ئەگىشىپ كەتسە، ئۇلار ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، ئۇنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىپ ھۆرمەتلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، بۇ چاغدا بىزنىڭ خەلقنىڭ ئۈستىدىكى نوپۇزىمىز ئازىيىپ قالىدۇ ھەمدە خەلقنى خالىغانچە بوزەك قىلالمايمىز، دېگەن چۈشەنچە بىلەن داموللامغا قاتتىق قارشى چىقىدۇ، ئاخىرى ئۇنى ئۆز يۇرتىدا تۇرالمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. نەسۇھا داموللام بۇ سەۋەبتىن 1918-يىلى ئۆز يۇرتىدىكى مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ كۆزىدىن يىراقراق تۇرۇپ ئىجادىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە مۇسا ھاجىم دېگەن كىشىنىڭ ياردىمى بىلەن غولجىنىڭ جاغىستاي يېزىسىغا كۆچۈپ كېتىدۇ. نەسۇھا داموللام جاغىستايغا بارغان ھامان شۇ جايدىكى «ئوردۇ مەدرىسىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەدرىسىگە مۇئەللىملىككە تەيىنلىنىدۇ. ئۇ جايدا نەسۇھا داموللام 1920-يىلىغىچە دىنىي ئوقۇتۇش ۋە ئۆزىنىڭ بەزى ئىجادىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

نەسۇھا داموللام يېڭىلىقپەرۋەر، ئىلغار پىكىرلىك كىشى بولغانلىقتىن، ئۇ ئۆزىنىڭ جاھالەتتىكى خەلقىنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتۇش ۋە ئۇلارنى ئىلىم-مەرىپەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىدۇ.

نەسۇھا داموللامنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، ئۆتكۈر پىكرى ۋە توغرا قاراشلىرى خەلقنى قايىل قىلىدۇ. خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان، ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن شېئىرلىرى خەلق ئارىسىدا تارقىلىشقا باشلايدۇ. ئۆزى خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ. بۇنى كۆرەلمىگەن زالىم ھاكىمىيەت بىلەن ئۇلارنىڭ قول چوماقلىرى بولغان مۇتەئەسسىپ جانباقار موللىلار بىلەن ھارامخور قازىلار نەسۇھا داموللامنى يەنە ئارامىدا قويمايدۇ. داموللام شۇنداق قىلىپ جاغىستاي يېزىسىدىنمۇ ئايرىلىدۇ. نەسۇھا داموللام بۇ يېزىدا ئاز تۇرغان بولسىمۇ، شۇ ئاز ۋاقىتنىڭ ئىچىدە خەلقنىڭ كۆزىنى ئاچقان،  يېڭىچە مائارىپقا ئاساس سالغان ۋە نۇرغۇن بالىلارنى يېتىشتۈرگەن ئىدى. نەسۇھا داموللام 1920-يىلى خۇنخاي مازىرى دەيدىغان جايغا كۆچۈپ بېرىپ، ئۇ جايدىمۇ دىنىي ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەمما ئۇ يەردىمۇ تۇرالمىغانلىقتىن، ئۇزۇن ئۆتمەي سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتۈپ كېتىپ، قىزغىزىستاندا ماكانلىشىپ قالىدۇ. ئۇ جايدىمۇ ئىلىم-مەرىپەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەپسۇسكى، ئۇ جايدىمۇ ئارامىدا تۇرالمايدۇ. شۇ ۋاقتتىكى سوۋېت ھۆكۈمىتى ئۇنى خەلقنىڭ مېڭىسىنى دىن بىلەن زەھەرلىمەكچى بولغان، دېگەن تۆھمەت بىلەن ئۇنى قولغا ئالىدۇ. نەسۇھا داموللام  ئون نەچچە يىل تۈرمىدە يېتىش جەريانىدىمۇ جىم تۇرماي، پۇرسەت تاپسىلا ئىزدىنىش ۋە يېزىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. بۇ جەرياندا ئىسلام توغرۇلۇق بىر ئىككى پارچە كىتاب يازغان بولۇپ، ئۇ كېيىن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندە، قىرغىزىستاندىكى ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن پويىزدا ئولتۇرۇپ كېتىۋاتقاندا، بۇ كىتابلىرىنى نان سالغان خۇرجۇنى بىلەن بىرلىكتە يوقىتىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن داموللامىنىڭ ئون يىل ئەمگەك سىڭدۈرۈپ يازغان ئەسەرلىرى قولىدىن چىقىپ كېتىپ نابۇت بولىدۇ.

نەسۇھا داموللام تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، قىرغىزىستاننىڭ قاراقۇل دېگەن يېرىدە ياشاپ، شۇ يەردە 1955-يىلى ئالەمدىن ئۆتىدۇ.

مەرھۇم ئابدۇلقادىر داموللام، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە نەسۇھا داموللام قاتارلىق مەرىپەت يۇلتۈزلىرىمىزنى زالىم ھاكىمىيەت بىلەن بىرلىشىپ نابۇت قىلىۋەتكەن جانباقارلار ھازىرمۇ ئۆزلىرىنىڭ شۇ رەزىل كەسپىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ھازىرمۇ شۇ جانباقارلارنىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن نابۇت بولۇۋاتقان ناسۇھا داموللاملارمۇ ئاز ئەمەس. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ» دېگەن.

بۇ قىسسىنى يېزىشتا قازاقىستان جۇمھۇرىيى ئالمۇتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق قىزىل غەيرەت رايونىدىن مەرھۇم مۇھەممەد يولداش ئاكا بىزنى يېتەرلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن ۋە بەزىسىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. مەرھۇم مۇھەممەد يولداش ئاكامغا ئاللاھتىن رەھمەت، مەغپىرەت ۋە فىردەۋس جەننىتى تىلەيمەن.

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار