ئىلىم-پەننىڭ ياراتقۇچىنى ئىسپاتلاشتىكى رولى

ئىلىم-پەننىڭ ياراتقۇچىنى ئىسپاتلاشتىكى رولى

مۇھەممەد يۈسۈپ

      ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن كىم؟ ئۇ باغلارنىڭ دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈش سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ. ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟» دېگەن.

  ئىلىم ـ پەن بىزگە بىر دەرەخنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ تۇپراقتىكى ئوزۇقلىرىنى قانداق ئالىدىغانلىقىنى، بۇ ئوزۇقلارنى يوپۇرماقلىرىغىچە قانداق يەتكۈزىدىغانلىقىنى، مېۋىلەرنىڭ قانداق مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىكى تەم، رەڭ، شەكىلنىڭ قانداق يوسۇندا پەيدا بولىدىغانلىقىنى شەرھلىمەكتە ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇكەممەل قانۇنىيەت ۋە نىزام ـ سىستېما ئاستىدا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلماقتا.  ئىلىم ــ پەن يەنە بىزگە بىر جانلىقنىڭ ئىچ قۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئەقلىمىزنى ئاچماقتا. بىئولوگىيە ئالىملىرى "ھەربىر جانلىقنىڭ ئۆز ئالدىغا ئاجايىپ مۇكەممەل فابرىكا ئىكەنلىكىنى كۆردۇق" دەيدۇ. ئادەمنى چاقىدىغان زەھەرلىك ھەرە شېرىن ۋە شىپالىق ھەسەل بېرىدۇ. يىپەك قۇرۇتى رەخت توقۇيدۇ. قولسىز ئۆمۈچۈك تور توقۇيدۇ. تىلسىز قوي سۈت بېرىدۇ. مۇندىن باشقا يەنە ئىلىم ــ پەن بىزگە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاددى بىر سامان بىلەن سۇدىن تەركىپ تاپقان ھەلەپتىن سۈت ئىشلەپ چىقىرىش ئەقىل ــ ئىدراكسىز قوينىڭ ياكى كالىنىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى قوي ـ كالا، ھەرە، ئۆمۈچۈك، يىپەك قۇرۇتى ۋە باشقا جانلىقلار رەسسامنىڭ پۇرشىسىغا، ئاپتورنىڭ قەلىمىگە، ياغاچچىنىڭ رەندىسى بىلەن ھەرىسىگە ۋە دېھقاننىڭ كەتمىنىگە ئوخشاش بىرەردىن سايمانلاردۇر. ئەمما ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئىشىنىڭ ئىگىسى شۈبھىسىزكى، پۈتۈن كائىناتنىڭ ئىجادكارى بولغان ئاللاھتۇر!

  ئاسترونومىيە ئىلىمىنىڭ ۋاستىسى بىلەن دۇنيانىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئەھۋالى بىلىندى. بىز ياشاۋاتقان بۇ يەرشارى قۇياشنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ ناھايىتى تېزلىكتە ئۇچىۋاتقان بىر سەييارە يۇلتۇزى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. قاناتسىز، موتورسىز، پلوتسىز ۋە ئاۋازسىز ئۇچىۋاتقان بۇ يەرشارى سەييارىسىنىڭ ئۈستىدىكى يولۇچىلار راھەت ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ساياھەت قىلىۋاتماقتا. يەرشارى بىر تەرەپتىن ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشقا داۋام قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن قۇياشنىڭ ئەتراپىدا تېزلىكتە ئۇچۇشىنى داۋام قىلدۇرماقتا. ئەمما ئىچىدىكى يولۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇچىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ. كېچىلەر، كۈندۈزلەر ۋە مەۋسۇملار بۇ ئىككى ئايلىنىشنىڭ نەتىجىسىدۇر. يەرشارى قۇياشقا ــ ھازىرقى مۇساپىسىدىن ــ ئازراق يېقىنلاشسا كۆيۈپ ھالاك بولىمىز، ئۇزاقلاشسىمۇ مۇزلاپ ھالاك بولىمىز. قۇياشنىڭ ئەتراپىدا ئۈزىۋاتقان يەر شارىلا ئەمەس، بەلكى باشقا سەييارىلەرمۇ باردۇر. بۇ سەييارىلەرنىڭ بىر ــ بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس، بەلكى ھەر بىر سەييارە ئۆزىنىڭ بەلگىلەنگەن مەخسۇس ئوقىدا سەير قىلىدۇ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن كېچىكىپمۇ قالمايدۇ. بۇ سىستېما قانچىلىغان مىليون يىللاردىن بېرى ھېچبىر بۇزۇلماستىن، بىر خىل داۋام قىلىپ كەلمەكتە. بۇنداق ئىنچىكە نىزامنى ۋە قانۇنىيەتنى كىم بېكىتتى؟  بۇزۇلمىغان ۋىجدان ۋە ساپ ئەقىل ئىگىسى بولغان ھەر قانداق ئادەم شۇنداق جاكارلايدۇكى، بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى «ئاللاھ» تۇر!.

ساغلام يارىتىلىش تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى ئەمەس

كائىناتتىكى ھەر بىر مەۋجۇدات ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ گۈزەل شەكىلدە يارىتىلغان. ئەمما بۇ گۈزەللىك بىلەن مۇكەممەللىكنى ھەركىم ئوخشاش دەرىجىدە كۆرەلمەيدۇ.

 بىز ئىنسانلار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇلارغا دىققەت قىلىپ قويمايمىز ۋە ھەر نەرسىنىڭ بۇنداق مۇكەممەل شەكىلدە يارىتىلىشى ھېچقانچىلىك ئاجايىپلىق ئەمەس، بەلكى بۇ شۇنداق تەبىئىي قانۇنىيەت، دەپ ئويلايمىز. ئەمما بەزى ۋاقىتلاردا، ئەھۋال بىز كۈتكەندەك بولماي قالسا، بىز ئۇنى ئاجايىپ ئەھۋال دەپ سانىغانلىقتىن ئەجەبلىنىپ كېتىمىز. مەسىلەن: ئىككى باشلىق بىر بوۋاق دۇنياغا كەلسە، تېلېۋىزىيە، گېزىت ـ ژۇرناللار ۋە بارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بارچە دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە بېغىشلايدۇ. تىببىي مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھادىسە ھەققىدە پىكىرـ مۇلاھىزىلىرىنى بايان قىلىشىدۇ، ئادەملەر بۇ كەمتۈك تۇغۇلغان بوۋاققا ھەيرانلىق بىلەن قارايدۇ. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئانىلىرىنىڭ قورسىقىدا قانچىلىغان كۆپ ۋە مۇرەككەپ ئىشلەملەرنىڭ، باسقۇچلارنىڭ، ئۆزگىرىشلەرنىڭ نەتىجىسىدە بۇنداق ساغلام ۋە بېجىرىم تۇغۇلغانلىقلىرىنى كۆرمەيدۇ ۋە ئويلىمايدۇ. ئەجەبلىنىشكە تېگىشلىك بىرەر ئىش بولىدىغان بولسا، ئۇ دەل مىليونلىغان يىللار مابەينىدە بۇ مۇكەممەل قانۇنىيەتنىڭ قانداق داۋام قىلىپ كەلگەنلىكىدۇر.

ئىلاھىي قانۇنىيەتنىڭ تەجەللى قىلىشى 

بىر بىئولوگىيە ئالىمى مۇنداق دېگەن ئىكەن: «بىر بوۋاقنىڭ كەمتۈك تۇغۇلۇش ئېھتىمالى ئۇنىڭ بېجىرىم تۇغۇلۇش ئېھتىمالىدىن ئەلۋەتتە چوڭدۇر. چۈنكى، بوۋاقنىڭ شەكىللىنىشى جەريانىدا ھەركۈنى مەلۇم مىقداردىكى ھۈجەيرىلەر مەلۇم جايلارغا يۆتكىلىپ، ئۆزگىرىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاش ئىقتىدارىغا كېلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ھۈجەيرىلەر ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقلىرىنىمۇ بىلمەيدۇ». چۈنكى، ــ بىئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئىسپاتلىغاندەك ــ بىزنى مەيدانغا كەلتۈرگەن نەرسە ھۈجەيرىلەردۇر. ھەر بىر ھۈجەيرىدە بولغان ماددىلار بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزنىڭ شەكلى، كۆزىمىزنىڭ ۋە چېچىمىزنىڭ رەڭگى، ئېگىز ياكى پاكار بولۇشىمىز، چىرايلىق ياكى كۆرۈمسىز بولۇشىمىز قاتارلىق ئايرىمچىلىقلىرىمىزنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھۈجەيرلەردىكى ئەڭ ئاددى بۇزۇقلۇق بوۋاقنىڭ كەمتۈك تۇغۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. ھۈجەيرىلەر كۆپ ھاللاردا ئىشلەم خاتالىقلىرىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ ۋە ئارقىدىنلا تۈزىتىلىدۇ. بۇنداق كۆپ تەكرارلىنىدىغان خاتالىقلار تۈپەيلى بوۋاقلارنىڭ كەمتۈك تۇغۇلۇش ئېھتىمالى بېجىرىم تۇغۇلۇش ئېھتىمالىدىن ناھايىتى چوڭدۇر. مىليونلارچە قېتىم بۇنداق خاتالىقلار يۈز بېرىپ تۇرسىمۇ، ئىلاھىي ھېكمەتنىڭ شەپقىتى بىلەن ئىشلەملەر قايتا تۈزىتىلىپ، ھەر ئىش ئۆز يولىغا كىرىپ تۇرىدۇ. ئاقساقلىق، چولاقلىق، كورلۇق، پاڭلىق ۋە باشقا ھەرخىل كەمتۈكلۈكلەرگە مۇپتىلا بولغان ئىنسانلارنى كۆرىمىز. ئىنسانلار ئارىسىدىن مىڭدىن بىرىدە كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان شۇ جىسمانىي كەمتۈكلۈككە مۇپتىلا بولغان ئىنسانلار بولمايدىغان بولسا، بىز كەمتۈكسىز، ساق ـ ساغلام تۇغۇلۇش تەبىئەتنىڭ شۇنداق قانۇنىيىتى، ئۇ ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ، دەپ گۇمان قىلغان بولاتتۇق. ئەمما ئۇنداق ئەمەس! ئەگەر بۇ ئىشلار تەبىئەتنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتى بولىدىغان بولسا، نېمە ئۈچۈن بەزى بوۋاقلار كەمتۈك تۇغۇلىدۇ؟

ئاللاھ تائالا جىسمانىي تەرەپتىن كەمتۈك ئىنسانلارنىمۇ يارىتىشى ئارقىلىق ساغلام تۇغۇلۇش تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى دېگۈچىلەرگە ئەجەللىك رەددىيە بەرمەكتە ۋە «سېنىڭمۇ شۇنداق كەمتۈك تۇغۇلىشىڭ مۇمكىن ئېدى، ئەمما كەمتۈك بولمىدىڭ، ساغلام تۇغۇلدۇڭ. ئۇنۇتمىغىنكى ئۈستۈڭدىكى نېمەتلىرىم كۆپتۇر» دېمەكتە.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار