ۋەزىپە ئۈستىدىكى قىز(ئىمانى بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ زور قىيىنچىلىقلىرىنى يەڭگەن دەۋەتچى قىزنىڭ ئىبرەتلىك قىسسىسى)

 

ۋەزىپە ئۈستىدىكى قىز

ئىمانى بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ زور قىيىنچىلىقلىرىنى يەڭگەن دەۋەتچى قىزنىڭ ئىبرەتلىك قىسسىسى

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئامېرىكىلىق ژۇرنالىست ۋە رادىكال خىرىستىئان دىن تارقاتقۇچىسى جېنىس ھۇف Janice Huff) ) 1945- يىلى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان، 1877- يىلى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، ئىسمىنى ئامىنە ئەسىلمىي دەپ ئۆزگەرتكەن ۋە كېيىنچە مۇشۇ ئىسىم بىلەن تونۇلغان.

ئامىنە ئەسىلمىي مەكتەپتىكى دەرسلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئالاھىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ئەلاچىلىقنى قولدىن بەرمەي كەلگەنلىكى سەۋەبلىك ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇش پۇلىغا ئېرىشكەن ۋە ئۇنىۋېرسىتېتكە كىرىشنىڭ ئالدى ۋە كەينىدە كۆپ قېتىم ئەلاچىلىق مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغان بىر قىز بولۇپ، ئۇنىڭ قىسسىسى كومپيوتېر ئىشلىگەن بىر  خاتالىقتىن باشلىنىدۇ.

ئامىنە ئەسىلمىي قەغەزلىرىنى  1957- يىلى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ شەھەرلەرنىڭ ئىستىراتېگىيەسىنى پىلانلاش فاكۇلتېتىغا تاپشۇرىدۇ. شۇ يىللار  ئامېرىكىدا ئۇنىۋېرسىتېتلارغا تۇنجى قېتىم كومپيوتېر كىرگۈزۈلگەن زامانلار بولۇپ، ئامىنە ئەسىلمىي قەغەزلىرىنى تاپشۇرۇپ قويۇپ، ئوكلاھوماغا ئىككى ھەپتىلىك كېتىپ قالىدۇ. ئەمما ئۇ قايتىشتا كېچىكىپ قالغانلىقتىن، دەرس باشلىنىپ بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ ھەممە پەنلەردە ئەلاچى بولغانلىقى ئۈچۈن دەرسلىرىگە يېتىشىپ كېتىشىدىن خاتىرجەم ئىدى. لېكىن كومپيوتېر  ئۇنىڭ ئىسمىنى كونسېرت پەنلىرىنى ئۆگىنىش فاكۇلتېتىغا تاللاپ قويۇشتا خاتالاشقان ئىدى. ئامىنە ئەسىلمىي ئۆزى خىجالەتچان ۋە خىرىستىيان دىنىغا مەھكەم بولغىنىنىڭ ئۈستىگە، دىندا رادىكال بىر قىز بولغانلىقتىن، بۇ فاكۇلتېتتا ئوقۇپ نەتىجە قازىنالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. پۈتۈن دەرسلىرىدە ئەلاچى بولۇپ كەلگەن بىر قىزنىڭ ئۆزى خالىمىغان بىر فاكۇلتېتقا كىرىپ ئۇنىڭدا سىنىپ ئاتلىيالماستىن قېلىشى ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئېغىر كېلەتتى. ئۇ سىنىپ كۆچەلمىسە، مۇندىن بۇرۇن ئېرىشكەن ئوقۇش پۇلىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدىغانلىقى تۇرغانلا گەپ ئىدى.

ئۇ يولدىشىنىڭ مەسلىھەتى بويىچە، ئۇستازىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن كونسېرتنىڭ سەھنىگە چىقماستىن قىلىدىغان ئىشلىرى ۋە ئارتىسلارنىڭ كىيىملىرىنى لايىھەلەشكە ئوخشىغان پەنلەرنى ئوقۇشنى سورايدۇ. ئۇستازى ئۇنىڭغا مۇۋاپىق كەلگەندىن كېيىن، ئەتىسى كۈنى ئۇنىۋېرسىتېتقا بارغىنىدا، سىنىپتا كۆرگەنلىرىدىن نەپرەتكە تولۇپ، روھىي چۈشكۈنلۈككە ئۇچرايدۇ ۋە بۇ سىنىپقا قەتئىي كەلمەسلىك قارارىغا كېلىپ قايتىدۇ. ئۇنىڭ سىنىپتا كۆرگەنلىرى ئەرەب ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى. ئۇ ئەرەبلەردىن بەكمۇ نەپرەتلىنەتتى. شۇ جەمئىيەتتىكى كىشىلەر ئەرەبلەرنى تۆگە باقىدىغان قالاق ئادەملەر دەپ قارايتتى. ئۇ ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن، يولدىشىغا  ئۆزىنىڭ «پاسكىنا كاپىرلار»بىلەن بىر  سىنىپتا ئوقۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما  يولدىشى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ، ياخشى ئويلىنىشى كېرەكلىكىنى، ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان ئىشلىرىدا چوقۇم بېرەر ھېكمەت بارلىقىنى ئېيتىدۇ.

 شۇنىڭ بىلەن ئامىنە ئەسىلمىي ئىككى كۈنلۈك قاتتىق ئويلىنىشتىن كېيىن، مەكتەپكە بېرىشنى ۋە سىنىپتىكى پۈتۈن ئەرەبلەرنى خىرىستىيان قىلىۋېتىشنى كۆڭلىگە پۈتىدۇ. ھەمدە بۇ ئىشقا رەسمى بېلىنى باغلايدۇ.

بۇنىڭ بىلەن ئامىنە مەزكۇر مەكتەپكە ئوقۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسىنى خىرىستىيان دىنىغا كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپە ئۈچۈن بارىدۇ.

ئامىنە ئەسىلمىي ئۆزىنىڭ دىن تارقىتىش يولىدىكى مىھنەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « سىنىپتىكى ئەرەبلەر بىلەن ھەر كۈنى ۋە ھەر سائەت مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدىم. ئۇلارغا « ئىيسانىڭ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلغان پىداكار ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ قىيامەت كۈنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈلىدىغانلىقىنى كۈچۈمنىڭ بېرىچە چۈشەندۈردۈم، شەرھلىدىم. ئەمما ئۇلار ماڭا قارشى بەكمۇ ئەخلاقلىق ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ خىرىستىيان بولالمىدى. ئاخىرىدا، ئۇلار ئوقۇۋاتقان قۇرئاننى ئوقۇپ چىقىپ، ئۇنىڭدىن مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنى كۈچلەندۈرىدىغان ئايەتلەرنى توپلاپ ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەق دىندا ئەمەسلىكىنى مۇشۇ يول بىلەن چۈشەندۈرۈش قارارىغا كەلدىم.  تەلىپىمگە ئاساسەن، سىنىپداشلىرىم ماڭا قۇرئان كەرىم ۋە يەنە بەزى ئىسلامىي كىتابلارنى بەردى. قۇ قۇرئان كەرىمنى  تولۇق بىر يېرىم يىل ئوقۇپ چىقتىم. بۇ ئەسنادا 15 پارچە ئىسلامىي كىتاب ئوقۇدۇم. قۇرئاندىكى بەزى ئايەتلەرنى مېنىڭ ئەرەبلەرنى قايىل قىلىشىم ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا مۇلاھىزىلىرىمنىمۇ يازدىم. بۇ جەرياندا مەندە خېلى كۆپ ئۆزگىرىش پەيدا بولدى. ئاستا – ئاستا يولدىشىمنى راھەتسىزلەندۈرىدىغان بولۇپ قالدىم. چۈنكى بىز ھەر ھەپتىنىڭ جۈمە ۋە شەنبە كۈنلىرى چېركاۋغا باراتتۇق. بۇ ئىشنىمۇ توختاتتىم. چوشقا گۆشىنى يېمەيدىغان بولدۇم. ھاراق سورۇنلىرىغا بارمايدىغان بولدۇم. كۆپ ئويلايدىغان ۋە يالغۇز قېلىشنى خالايدىغان بولۇپ قالدىم. يولدىشىم بۇ ھالىمغا قاراپ مېنى بىرەر ئەر بىلەن يولسىز ئالاقىسى بار ئوخشايدۇ، دەپ يامان گۇمان قىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئاخىرى بولالماي يولدىشىمدىن بالىلىرىم بىلەن ئايرىم ئۆيگە چىقىپ تۇرۇشنى سورىدىم. يولدىشىم بۇنىڭغىمۇ مۇۋاپىق كەلدى. شۇنداق قىلىپ بالىلىرىم بىلەن يالغۇز تۇرۇشقا باشلىدىم. ئەمما خىرىستىيان دىنىدىن ۋاز كەچمىدىم. پۈتۈن خىيالىم شۇ ئەرەبلەرنى قانداق قىلىپ خىرىستىيان دىنىغا ھىدايەت قىلىش ئىدى».

ئامىنە ئەسىلمىي مۇسۇلمان بولۇش يولىدا

ئامىنە ئەسىلمىي سۆزىگە داۋام قىلىپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بىر كۈنى بىرلىرى ئىشىكىمنى قېقىۋىدى. چىقسام ئۇلارنىڭ كىيىۋالغان كىيىملىرى نەپرىتىمنى تېخىمۇ قوزغىۋەتتى. ئۇزۇن ئاق كۆڭلەك كىيىۋاپتىكەن. خۇددى كېچىلىك كىيىمگىلا ئوخشاپ كېتىدىغان. بېشىغا بىر نەرسىلەرنى يۆگىۋالغان. كېيىن بىلسەم ئۇ ئەرەبلەرنىڭ مىللىي كىيىمى ئىكەن. غەزىپىم قاتتىق ئۆرلەپ كەتتى. بۇلار قانداقلارچە كېچىلىك كىيىملىرىنى كىيىپ مېنىڭ ئىشىكىمنى قاقىدۇ. ئۇلار مېنى  قانداق ئايال دەپ ئويلاپ قالدى. ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى شەيخ ئابدۇلئەزىز  دېگەن كىشى ئىدى. ئۇ ماڭا ئىنتايىن ئەدەپ بىلەن سۆز قىلىپ، مېنىڭ مۇسۇلمان بولۇشقا رىغبىتىم بارلىقىنى، ئەمما جاكارلاشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقىمنى ئېيتىۋىدى. دەرھاللا جاۋاب بېرىپ:«مەن بىر خىرىستىيان . مۇسۇلمان بولمايمەن»دېدىم. ئاندىن ئەگەر ئۇلارنىڭ ۋاقتى بولسا مۇنازىرىلىشىشنى سورىدىم ۋە ئۆيۈمگە باشلىدىم. ئۇلارغا پۈتۈن سوئاللىرىمنى تاشلىدىم. لېكىن شەيىخ ئابدۇلئەزىز بەكمۇ سەۋرلىك ۋە تولىمۇ ئەخلاقلىق كىشى ئىكەن. سورىغان پۈتۈن سوئاللىرىم ۋە ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلىرىمنىڭ ھېچبىرىنى سەپسەتە ياكى خۇراپات دېمەستىن، سىلىقلىق بىلەن مۇنازىرىلەشتى. قوپال سوئاللىرىمغا سىلىق ۋە قانائەتلىك جاۋابلارنى بەردى. ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا قايىل بولمىغىنىمدا ماڭا « بۇ مېنىڭ بىلگىنىم. سىز باشقا  تەرەپتىن بۇ مەسىلىنى ئىزدىنىپ كۆرۈڭ. بىزنىڭ دىنىمىز تەپەككۇر قىلىشقا ۋە ئەقىل ئىشلىتىشكە چاقىرىدۇ» دەيتتى. ئۇزۇن ۋاقىت  ئۆتمەستىن مەن ئىچىمدىن كەلگەن چاقىرىققا قۇلاق سېلىشىم كېرەكلىكىنى بىلدىم. شۇنداق قىلىپ 1977- يىلى 22- ماي كۈنى  ناماز ئەسىردىن كېيىن ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىمنى ئېلان قىلدىم».

   ئامىنە ئەسىلمىينىڭ ئىمان بەدىلىگە تۆلىگەنلىرى

ئامىنە ئەسىلمى مۇنداق دەيدۇ: « خىرىستىيان دىنىدىن ئىسلام دىنىغا ئۆزگىرىش ياكى باشقا بىردىنغا ئۆزگىرىش شۇ زامانلاردا ئوڭاي ئىش ئەمەس ئىدى. خىرىستىيانلىقتىن مۇسۇلمانلىققا ئۆتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى زور قىيىنچىلىقلارغا يولۇقاتتى. ئاتا – ئانىسىدىن، قېرىنداشلىرىدىن ۋە دوستلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقى تەبىئىي ئىدى. ئىش ئۇلاردىن ئايرىلىپ قېلىش بىلەنلا تۆگەپ قالمايتتى. ئۇلار  ئاتا – ئانىسىنىڭ دىنىغا قايتىشقا زورلىناتتى. بەزىلىرى ئۆيلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلسا، بەزىلىرى ئىش ئورنىدىن قوغلىناتتى. بەزىلىرى خۇددى مەندەك بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالاتتى»

ئامىنە ئەسىلمىينىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى سەۋەبى بىلەن تارتقانلىرى ئىنسان تاقىتىدىن ئاشىدىغان زور قىيىنچىلىقلار بولدى. ئۇنىڭ تارتقانلىرىغا چىداپ سەۋر قىلالايدىغانلار ئىنتايىن ئاز بولۇشى مۇمكىن. ئۇ پۈتۈن دوستلىرىدىن ۋە يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئۇنىڭ ئانىسى بولسا، قىزىغا كەلگەن بۇ پىسخىكا كېسەللىكنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يوقۇلۇپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئامىنە ئەسىلمىينىڭ پىسخىكا كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان ھەدىسى ئۇنى داۋالاش ئۈچۈن تىرىشاتتى. ئۇنىڭ ئاتىسى ئوقۇمۇشلۇق كىشى بولۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنىڭدىن مەسلىھەت ۋە پىكىر ئېلىش ئۈچۈن كېلىپ تۇرىدىغان تۇرۇقلۇق، ئۇ قىزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ بۇ نومۇستىن قۇتۇلۇشقا بەل باغلىغان ئىدى. ئۇ «قىزىم  مۇسۇلمان بولۇپ ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا قالغاندىن كۆرە، مېنىڭ مىلتىقىم بىلەن ئۆلگىنى يېنىكرەك بولىدۇ» دەپ  يۈرەتتى.

شۇنداق قىلىپ ئامىنە ئەسىلمىي ئائىلىسىز ۋە دوستلىرىسىز يالغۇز قالدى. ئىسلامىي كىيىنگەنلىك جىنايىتى بىلەن ئىش ئورنىدىنمۇ قوغلاندى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « بىز يولدىشىم بىلەن ئىككىمىز بىر – بىرىمىزنى قاتتىق ياخشى كۆرەتتۇق. مەن مۇسۇلمان بولۇشتىن ئاۋۋال قۇرئاننى تەتقىق قىلىش بىلەن مەشغۇل بولغان ۋاقىتلىرىمدا، خاراكتېرىم باشقىچە بولۇپ قالغان ۋە يولدىشىمغا چېركاۋغا، تانسىلارغا ۋە سورۇنلارغا بېرىشتا ھەمراھ بولالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئۇ مېنى باشقا بىرى بىلەن يولسىز ئالاقىدا بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلاتتى. مەن سەۋەبنى ئۇنىڭغا چۈشەندۈرەلمەيتتىم. مەن مۇسۇلمان بولغىنىمدىن كېيىن بىزنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشىمىز  ئۇنىڭدىن قاچقىلى بولمايدىغان بىر زۆرۈرىيەت بولۇپ قالغان ئىدى. ئىككى بالىمىز بار ئىدى. مەن ئۇلارنى جېنىمدىنمۇ بەك ياخشى كۆرەتتىم. قانۇن بويىچە بالىلار ئانىغا بۇيرۇپ بېرىلەتتى. ئەمما مېنىڭ مۇسۇلمانلىقنى قوبۇل قىلىپ خىرىستىيان دىنىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىم  سەۋەبلىك قانۇن بالىلىرىمنى ماڭا ئەمەس، يولدىشىمغا بۇيرۇپ بەردى. سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىشتىن ئاۋۋال ماڭا سوتچى تەرىپىدىن 20 مىنۇتلۇق پۇرسەت بېرىلدى. مېنى بۇ 20 مىنۇت ئىچىدە ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى تاللاشقا – يا مۇسۇلمانلىقتىن يېنىپ بالىلىرىمغا ئىگە بولۇشۇم ياكى مۇسۇلمانلىقىمدا چىڭ تۇرۇپ بالىلىرىمدىن ۋاز كېچىشىم ئوتتۇرىسىدا قارار بېرىشكە – بۇيرىدى. ئەمما مەن مۇسۇلمانلىقنى تاللىدىم. ھاياتىمدىكى ئەڭ قىيىن سىناقنى مەھكىمىدە ئۆتكۈزگەن بولدۇم. بالىلىرىمنى يولدىشىم ئېلىپ كەتتى. بىر كۈنگە ئەمەس، بىر ئايغا ئەمەس، بىر يىلغا ئەمەس، بەلكى مەڭگۈگە ئېلىپ كەتتى. بالىلىرىمسىز ھاياتىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم. ئەمما ئىماننىڭ كۈچى بىلەن ئۇنىڭغىمۇ بەرداشلىق بەردىم.»

ئامىنە ئەسىلىمىينىڭ كېتىۋاتقان يەنە بىر كۆڭۈلسىزلىك بار ئىدى. ئۇ  ئۇنىڭدىكى بىر كېسەللىك سەۋەبلىك دوختۇرلارنىڭ ئۇنىڭ مۇندىن كېيىن بالا ساھىبى بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتىشى ئىدى. ئامىنە ئەسىلمىي بۇنىڭغىمۇ سەۋر قىلدى. ئەمما يۈرەك پارىلىرى بولغان ئىككى پەرزەنتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشتى. ئامېرىكىنىڭ كولورادو ۋىلايىتىدە بالىلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن سوت ئاچقۇزدى. ئۇ بۇ قېتىمقى سوتتىمۇ بالىلىرىنى قايتۇرۇپ ئالالمىغان بولسىمۇ، كولورادو ۋىلايىتىنىڭ يەرلىك قانۇنىغا «دىنى سەۋەبلەر تۈپەيلى بالىنى ئانىسىدىن ئايرىشقا بولمايدۇ»دەيدىغان قانۇننىڭ ماقۇللىنىشىغا سەۋەب بولدى.

ئامىنە ئەسىلمىي مۇسۇلمان بولغىنىدىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان ۋە ئەتراپىدىكى ھەممە ئۇنىڭ ئەخلاقىنى ماختايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇ مۇسۇلمان بولغىنىدىن كېيىن، كىشىلەرگە ھاياتنىڭ پۈتۈن ساھەلىرىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، باشقىچە بىر ئىنسان بولۇپ قالغان ئىدى. كېيىنچە، ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى، دوستلىرى ۋە ېېقىنلىرى ئۇنى شۇنداق ئۈلگىلىك بىر ئىنسانغا ئايلاندۇرغان ئىسلامنى ماختايدىغان بولدى.  چۈنكى ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىغا نارازى بولۇپ، پۈتۈن ئالاقىسىنى ۋە بېرىپ  - كېلىشىنى ئۇنىڭدىن ئۈزگەن بولسىمۇ، ئۇ ھېيت - ئايەملەردە، بايراملاردا ئاتا – ئانىسىدىن باشلاپ پۈتۈن تۇغقانلىرىغا ھەدىيەلەرنى ۋە تەبرىك كارتىشكىلىرىنى ئەۋەتىپ تۇراتتى. ئەۋەتكەن كارتىشكىلارغا  مەنبەسىنى يازماستىن ئايەت ۋە ھەدىسلارنى يېزىپ ئەۋەتەتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتەلىدى. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن تۇنجى بولۇپ مۇسۇلمان بولغان كىشى ئۇنىڭ  100ياشتىن ئاشقان  مومىسى بولدى. ئىككىنچى بولۇپ مۇسۇلمان بولغان كىشى ئۇنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆلتۈرىۋېتىمەن، دەپ ئىزدەپ يۈرگەن دادىسى ئىدى.  ئامىنە ئەسىلمى مۇسۇلمان بولۇپ ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئانىسى تېلېفوندا قىزىغا « قىزىم مەن سىزنى شۇنداق ئېسىل ئەخلاققا ئېرىشتۈرگەن ئىسلام دىنىنى ھۆرمەتلەيمەن.»دېگەن ئىدى. ئانىسى  بىر قانچە يىلدىن كېيىن ئۇرغان تېلېفونىدا قىزىدىن قانداق قىلغاندا مۇسۇلمان بولغىلى بولىدىغانلىقىنى سوراپ ئۆگىنىدۇ ۋە شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىپ مۇسۇلمان بولىدۇ. بىراق ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئاتىسىغا ئېيتماسلىقىنى ئۆتۈنىدۇ. چۈنكى ئۇ  بۇ دىئالېكتنىڭ بىر قانچە  ھەپتە ئىلگىرى ئاتىسى بىلەن بولغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئەر – ئايال بىر ئۆيدە ياشاپ تۇرۇپ بىر – بىرىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلمەيتتى.

ئاتا – ئانىسىدىن كېيىن ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى ساراڭلار دوختۇرخانىسىدا داۋالىماقچى بولغان ھەدىسى مۇسۇلمان بولىدۇ. 5 يېشىدا ئاتىسىغا بۇيرۇپ بېرىلگەن 21 ياشلىق چوڭ ئوغلى 16 يىللىق ئايرىلىشتىن كېيىن، ئانىسىغا  بىر كۈنى تېلېفون ئۇرۇپ  ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بالىسىدىن كېيىن يولدىشى مۇسۇلمان بولۇپ كېلىدۇ ۋە ئايالىدىن كەچۈرۈم سورايدۇ.

ئامىنە ئەسىلمىينىڭ ئىمان بىلەن قازانغانلىرى

ئامىنە ئەسىلمىي  بىرىنچى يولدىشىدىن ئايرىلىپ قايتا تۇرمۇشقا چىققاندىن كېيىن، دوختۇرلار بالا ساھىبى بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بالا يۈزى كۆردى. ئۇنى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى دەپ ھېسابلاپ، ئۇنىڭ ئېتىنى «بەرەكە» قويدى. ئۇ كونا دوستلىرىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، يېڭى دوستلىرى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىپ، دوستلار ئارا تېگىشمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئۆز ۋاقتىدا مۇسۇلمان  بولغانلىقى سەۋەبلىك ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسا، ئەمدى  ئامېرىكىدا «مۇسۇلمان ئاياللار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسەسى » بولدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ  چوڭ يىغىنلاردا، قۇرۇلتايلاردا  لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغان تەكلىپلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان بولدى. بەزى يىغىنلارغا  بېرىش ئۈچۈن ۋاقتى يەتمىگەنلىكتىن ئۆزرە ئېيتىش مەجبۇرىيتىدىمۇ قالدى. بىر قانچە يىل بۇرۇن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن دوختۇرلار ئۇنىڭ بىر يىلدىن ئارتۇق ياشىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن ئۇزۇن يىل ياشىدى. بىر زامانلاردا ئۇنىڭدىن ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزگەن ئائىلىسى ۋە تۇغقانلىرى ئەمدى قايتىدىن بىرلىشىپ، بۇرۇنقىدىنمۇ بەك مېھرى – مۇھەببەتلىك ھالدا بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدى.

ئامېرىكىلىق ژۇرنالىست ۋە ئىسلام دەۋتچىسى ئامىنە ئەسىلمىي 2010- يىلى 5- مارت كۈنى دەۋەت مەركىزىدە لېكسىيە سۆزلەپ بولۇپ، ئۆيىگە قايتىشىدا ئاپتوموبىل ۋەقەسىگە ئۇچراپ ۋاپات بولغان. ئاللاھ مەرھۇمەنىڭ ياتقان يېرىنى ئالىي جەننەتلەردىن قىلغاي ، ئامىن.

ئامىنە ئەسىلمىينىڭ قىسسىسىدىن ئېلىنىدىغان ئىبرەتلەر

—   ئامىنە ئەسىلمىي ئۆزى  تاللىغان ھەق دىننىڭ ئۇنىڭ بەختسىزلىكىگە ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئىككى ئالەملىك بەخت – سائادەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا چىن ئىشەندى.  ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىمانىنى ۋە ئىشەنچىسىنى بىر كۈنمۇ  بوشاشتۇرمىدى. ئىماننىڭ پۈتۈن توسقۇنلارنى يېڭىدىغانلىقىغا چىن ئىشەندى.

—   ئامىنە ئەسىلمىينىڭ بۇ قىسسىسى ھەقىقىي ئىماننىڭ ۋە ئاللاھ تائالاغا بولغان ھەقىقىي ئىشەنچنىڭ بۇ دۇنيانىڭ بارلىق قىيىنچىلىقلىرىنى ۋە توسقۇنلىرىنى چوقۇم يېڭىپ چىقىدىغانلىقىنىڭ بىر نەمۇنىسىدۇر.

—   ئامىنە ئەسىلمىينىڭ بۇ قىسسىسى چىن ئىمان ۋە ئېگىلمەس ئىرادىنىڭ جانلىق بىر ئۈلگىسى بولۇپ مەڭگۈ قالىدۇ.

—   بىز تۇغۇلغان كۈنىمىزدىن بېرى مۇسۇلمان دەپ ئاتىلىپ كەلگەنلىكىمىز ۋە  بۇ ھەقىقەتكە ئېرىشىش يولىدا ھېچقانداق بەدەل تۆلىمىگىنىمىز ئۈچۈن بۇ دىننىڭ قىممىتىنى ۋە قەدرىنى بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن. شۇڭا ئۆزىمىز ئىشەنگەن ۋە يولىدا ماڭغان ھەقىقەت ئۈچۈن بەدەل تۆلەش بىزگە ئېغىر تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالغان. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقىقەتنى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش يولىدا چەككەن جاپالىرى، ئۇچرىغان ئازاب – ئوقۇبەتلىرى، ساھابىلەرنىڭ بۇ ئامانەتنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈش يولىدا تارتقان ئەزىيەتلىرى، مۇشەققەتلىرى ۋە پىداكارلىقلىرى تارىخ كىتابلىرىدىلا قالغان. بۇ تارىخلارنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا ئۇنىڭ تەسىرى بىزدە  بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىنلا يوقاپ كېتىدىغان ۋە بىزنىڭ ھايات يولىمىزدا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتەلمەيدىغان بولۇپ قالغان.

—   بىز مۇسۇلمانلار رەببىمىز تەرەپتىن ئۆزىمىزگە ئىنئام قىلىنغان جەۋھەرنىڭ قەدرىنى بىلمەي، خۇددى ئالتۇن تاۋاۋىقى بار گادايلارغا ئوخشاپ قالدۇق. بىز ئىززەتنى ۋە كۈچ-قۇۋۋەتنى دىنىمىزدىن ئىزدىمەي، باشقا جايلاردىن ئىزدىدۇق. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا بىزگە «ئىززەت ۋە ئەزىزلىق ئاللاھقا، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە مەنسۇپتۇر» دەپ تەلىم بەرگەن.

—   چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەنلىكى راست. ئەمما بۇلارنى ئانا ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەنلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ھېچ نەرسە سانالمايدۇ.

—   چەتئەللەرگە ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن چىققانلار ئۆزىمىزدىن سوراپ كۆرەيلىچۇ؟  ئاللاھ تائالا بىزگە ئىلىم تەھسىل قىلىش پۇرسىتىنى بېرىپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىلىمنى ئامانەت سۈپىتىدە مۇسۇلمان ئەۋلادلىرىغا يەتكۈزۈش پۇرسىتىنىمۇ بېرىپتۇ. ئەمما قانچىلىك ئىش قىلدۇق؟ بىزنىڭ شارائىتىمىز ساھابىلەرنىڭ دەۋرىدىكىدەك قىيىن شارائىتلاردىنمۇ يامانمۇ؟  بىز ئامىنە ئەسىلمىينىڭ تارتقان جاپالىرىدىن بىرەرسىنى تارتىپ باقتۇقمۇ؟ بىز ئاللاھ يولىدا قانچىلىك بەدەل تۆلىيەلدۇق؟ ئەسلىدە بىز نېمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق؟ ئۇقۇغانغا چاغلىق نېمە ئىشلارنى قىلالىدۇق؟

بۇ سوئاللار چەتئەللەردە بىلىم تەھسىل قىلغان ۋە قىلىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرنىڭ ئويلاپ كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ.

 

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار