ئۈممەتچىلىك، مىللەتچىلىك ۋە ھەمكارلىق

 

ئۈممەتچىلىك، مىللەتچىلىك ۋە ھەمكارلىق

مۇھەممەد يۈسۈپ

كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار ئۈممەتچىلىك بىلەن مىللەتچىلىك ئۇقۇملىرىنى تار مەنىدە چۈشىنىۋالغانلىقتىن، بۇ ئىككى مەسىلىنى بىر-بىرىگە قارشى قىلىپ قويۇش، ئىككىسىنى مۇناسىپ دەرىجىدە ئېلىپ بارالماسلىق كىرىزىسىغا  دۇچ كەلمەكتە.

ئۈممەتچىلىك دېگىنىمىز: ئۆزىمىزنىڭ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىمىزنى بىلىپ، ئۈستىمىزدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى مۇكەممەل ئورۇنداپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە  مەنسۇپ ئىكەنلىكىمىزنى ئەمەلىي رەۋىشتە روياپقا چىقىرىشتۇر. مىللەتچىلىك دېگىنىمىز: ئۆزىمىز مەنسۇپ بولغان قەمگە قارىتا ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچىمىزنى تولۇق ئۆتەش  ۋە مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىش دېگەنلىكتۇر.

ئىسلام ئۈممىتى

ئىسلام ئۈممىتى — ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان، ھايات ساھەلىرىدە ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىدىغان، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئىسلام دەۋىتىنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بىر ئۈممەتتۇر. )وَمِمَّنْ خَلَقْنَا أُمَّةٌ يَهْدُونَ بِالْحَقِّ وَبِهِ يَعْدِلُونَ بىز ياراتقان( يەنى «ئۈممەتلەر ئىچىدە ھەق يولغا دەۋەت قىلىدىغان ۋە ھەقىقەتتە چىڭ تۇرىدىغان بىر ئۈممەت بار»[1].

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ گەۋدىسى ئۇنىڭ ئەقىدىسىنىڭ بىرلىكى، دەۋىتىنىڭ بىرلىكى ۋە شەرىئىتىنىڭ بىرلىكى بىلەن پۈتۈنلىنىدۇ. دېمەك، ئىسلام ئەقىدىسىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغان ۋە ئىسلام دەۋىتىگە ھەسسە قوشقان ھەربىر مۇسۇلمان ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر ئەزاسىدۇر.

ئىسلام ئۈممىتى چوڭ بىر ئائىلە بولۇپ، ئۇ كىچىك ئائىلىلەردىن تەركىپ تاپىدۇ. كىچىك ئائىلىلەرنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى، كۈچلىنىشى ۋە روناق تېپىشى چوڭ ئائىلە بولغان ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشىغا، كۈچلىنىشىگە ۋە روناق تېپىشغا تۈرتكە بولىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىسلام ئۈممىتى نۇرغۇنلىغان مىللەت ۋە ئىرقلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىر ئارغامچىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئۈچۈن، ئاشۇ ئارغامچىنى تەشكىل قىلغان يىپلارنىڭ چىداملىق ۋە كۈچلۈك بولۇشى شەرت بولغاندەك، بۇ ئۈممەتنىڭ كۈچلۈك بولۇشىمۇ ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغان مىللەت ۋە  ئىرقلارنىڭ كۈچلۈك بولۇشى شەرتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسلام دىنىغا مەنسۇپ بولغان ھەربىر مىللەتنىڭ ئاۋۋال ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشى، ئۆزىنى يېتىشتۈرۈشى ۋە ئۆزىنى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشقا سالاھىيەتلىك قىلىشى لازىم. بۇنىڭغا ئاساسەن، ھەربىر مىللەتنىڭ ئاۋۋال ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىشى، ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشى ۋە ئۆزىنىڭ كۈچلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشى مۇھىم.

ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئەھلى ۋە ئۆز مىللىتىنى باشقىلاردىن بەكرەك سۆيۈشىنى، ياردەمنى ئەڭ ئاۋۋال شۇلارغا قىلىشىنى ۋە ھەممىدىن ئاۋۋال شۇلارنىڭ غېمىنى يېيىشىنى توسمايدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنى ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە ۋە مەنپەئىتىگە تامامەن ئۇيغۇن بىر دىندۇر. ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىدىكى ئۆز مىللىتىگە بولغان سۆيگۈ __ مۇھەببەتنى ئۇلارنىڭ قەلبىگە سالغان زاتمۇ ئاللاھ تائالادۇر. بۇنداق بولغان ئىكەن، ھەقلىق رەۋىشتە ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش، ئۆز مىللىتىنىڭ غېمىنى يېيىش ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تامامەن يوللۇقتۇر، ھەتتا بەزى شارائىتلاردا زۆرۈردۇر. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:) وَأْمُرْ أَهْلَكَ بِالصَّلَاةِ وَاصْطَبِرْ عَلَيْهَا (يەنى) ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرۇغىن ۋە ئۆزۈڭمۇ ئۇنىڭغا چىداملىق بولغىن(()[2] ۋە  )وَأَنْذِرْ عَشِيرَتَكَ الْأَقْرَبِينَ( يەنى )يېقىن تۇغقانلىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن( ()[3] دېگەن ئەمرلىرىدە ياخشىلىقنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆز يېقىنلىرىدىن باشلاشقا بۇيرۇغان. بىر مىللەتنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرى ئۇنىڭ ئۆز ئەھلى ۋە ئۆز مىللىتىدۇر. بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.

 ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى بىر ئاتا ۋە بىر ئانىدىن ياراتقاندىن كېيىن ئۆز ھېكمىتى بىلەن ئۇلارنى ھەرخىل قەبىلە، ھەرخىل مىللەت قىلىپ يەر شارىغا تارقاتتى.﴿ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُمْ مِنْ ذَكَرٍ وَأُنْثَى وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوبًا وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا﴾ يەنى )ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن (ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە قەبىلە قىلدۇق(()[4] شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە ئۆز قەۋمىنى ـ ئۆز مىللىتىنى سۆيىدىغان ھېس – تۇيغۇنى سالدى. شۇ سەۋەبتىن ھەر مىللەت ۋە ھەر قەۋم ئۆز مىللىتىنى سۆيىدۇ ۋە باشقىلاردىن كۆرە ئۆز قەۋمىنى ئۆزىگە يېقىن ھېس قىلىدۇ. مىللىتىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلىنىشىگە، كەمسىتىلىشىگە ۋە بوزەك قىلىنىشىغا چىداپ تۇرالمايدۇ. بۇ ھېس ـ تۇيغۇ پۈتكۈل ئىنسانلاردا مەۋجۇت بولغان ئورتاق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تائىپقا چىققاندا مۇشرىكلاردىن شۇنداق چىدىغۇسىز ئەزىيەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاللاھ تائالاغا دەردىنى ئېيتىپ دۇئا قىلغاندا، ئاللاھ تائالا تاغقا مۇئەككەل پەرىشتىنى ئەۋەتكەن. پەرىشتە كېلىپ ئىككى تاغنى مۇشرىكلارنىڭ ئۈستىگە تاشلايمۇ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  «ياق، چۈنكى مېنىڭ قەۋمىم بىلمەيدۇ» دېگەن. مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز قەۋمىنى نەقەدەر سۆيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

  يەنە ساھابە كىراملاردىن تۇفەيل ئەددەۋسى دېگەن كىشى مۇسۇلمان بولغاندا قەۋمى ئۇنى ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇپ قېينىغان، بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  دۇئاغا قول كۆتۈرگەندە، ساھابىلەر دەۋس قەبىلىسى ھالاك بولدى، دېيىشكەن. تۇفەيل مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇ ۋاقىتتا قەۋمىمنىڭ ھالاك بولىشىدىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەن ئىدىم. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەۋمىمنىڭ ھىدايىتى ئۈچۈن دۇئا قىلغان ئىكەن». بۇمۇ تۇفەيلنىڭ ئۆز قەۋمىنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن ھەر قانداق نەرسىنىڭ چەك ـ چېگرىسى بولغاندەك، مىللەت ۋە قەۋم سۆيگۈسىنىڭمۇ چەك ـ چېگراسى بولىدۇ. ئەمما ئىنسانلار بۇ چەك چېگرىنى ئايرىيالمىسا، ئۆز مىللىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ دەۋا قىلىپ، باشقا مىللەتلەرنى كۆزگە ئىلماستەك، كەمسىتىشتەك يامان ئادەت مەيدانغا كېلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئىنسانلار قەبىلىۋازلىق قىلىپ بىر- بىرى بىلەن ئۇرۇشىدىغان، ھەق- ناھەق بولۇشىغا قارىماستىن قارغۇلارچە ئۆز مىللىتىنىڭ تەرىپىنى تۇتۇپ، بىر- بىرىنى ئۆلتۈرىدىغان ئىشلار كېلىپ چىقىدۇ. ئىسلام دىنى پۈتكۈل ئىشلارنى ئىنسان تەبىئىتىگە ئەڭ ئۇيغۇن شەكىلدە رەتكە سالغىنىدەك، بۇ مىللەتچىلىك مەسىلىسىنىمۇ ئىنساننىڭ يارىتىلىش تەبىئىتىدە بار بولغان مىللەت سۆيگۈسىنىمۇ يوققا چىقارماستىن، مىللەتچىلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان يۇقىرىقىدەك زىيان- زەخمەتلەرگىمۇ يول قويماستىن ناھايىتى مۇۋاپىق شەكىلدە ھەل قىلغان.  ئىسلام دىنى دۇنيادا مەۋجۇت بولغان بارلىق مىللەت ۋە قەبىلىلەرگە كەلگەن ئالەمشۇمۇل بىر دىن. بۇ دىن ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋە ئۆزگىچىلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە بارلىق ئىنسانلارنىڭ ھۆرمەتتە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسلىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەممىڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن ۋە ئادەم ئەلەيھىسسالام بولسا تۇپراقتىن يارىتىلغان»()[5] دېگەن. ئىسلام يەنە كىشىنىڭ قايسىبىر مىللەتتىن بولۇشى ئۇنىڭغا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك بەرمەيدىغانلىقىنى، پەزىلەت ۋە ئالاھىدىلىكنىڭ پەقەت ياراتقۇچىسىنى تونۇپ، ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلىشتا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:﴿ إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِنْدَ اللَّهِ أَتْقَاكُمْ﴾يەنى)ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك سانىلىدىغىنىڭلار ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلاردۇر(  ()[6] 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەڭ ئاخىرقى ھەجنى قىلغان ۋاقتىدا، ئەرەپاتتا تۇرۇپ، ئوقۇغان ۋىدا خۇتبىسىدە مۇنداق دېگەن: «ئى ئىنسانلار! ئۇنتۇماڭلاركى، سىلەرنىڭ رەببىڭلار بىر، ئاتاڭلار بىردۇر. ئەرەبنىڭ ئەجەمدىن، ئەجەمنىڭ ئەرەبتىن ئارتۇقچىلىقى يوق، قىزىل تەنلىكنىڭ قارا تەنلىكتىن، قارا تەنلىكنىڭ قىزىل تەنلىكتىن ئارتۇقچىلىقى يوق. ئارتۇقچىلىق پەقەت تەقۋالىقتىدۇر» ()[7]

   ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى قەبىلىۋازلىق، يۇرتۋازلىق ۋە تار مىللەتچىلىك ئىللىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئەڭ ئالىي تۇيغۇ ۋە يۈكسەك غايىدە بىرلەشتۈرگەن. ئۇ بولسىمۇ، ئىسلامىي قېرىنداشلىق تۇيغۇسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى «بىر ئۈممەت» دەپ ئاتىغان. بۇ ئۈممەتنىڭ ئەزالىرىنىڭ تىللىرى باشقا، رەڭگى باشقا، مىللىتى باشقا، ياشايدىغان يەرلىرى باشقا، ئەمما ئەڭ ئالىي غايىسى بىر، يۈزلىنىدىغان قىبلىسى بىر، يولباشچى پەيغەمبىرى بىردۇر.﴿ إِنَّ هَذِهِ أُمَّتُكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَأَنَا رَبُّكُمْ فَاعْبُدُونِ﴾ يەنى)سىلەرنىڭ بۇ ئۈممىتىڭلار بىرلا ئۈممەتتۇر. مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلارمەن، ماڭىلا قولچىلىق قىلىڭلار(()[8] ئاللاھ تائالا يەنە مۇسۇلمانلارنى ھەممە بىردەك ئاللاھنىڭ دىنىغا مەھكەم ئېسىلىپ ئايرىلماسلىققا چاقرىپ مۇنداق دېگەن: ﴿ وَاعْتَصِمُوا بِحَبْلِ اللَّهِ جَمِيعًا وَلَا تَفَرَّقُوا ﴾ يەنى﴿ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم ئېسىلىڭلار، ھېچ ئايرىلماڭلار(()[9]،﴿ إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ إِخْوَةٌ﴾يەنى ) مۆمىنلەر ھەقىقەتەن ئۆز ئارا قېرىنداشلاردۇر(  ()[10]

   مۇسۇلمانلار ھەممىسى ئۆز ئارا قېرىنداش بولغان ئىكەن، ھېچبىر مىللەتنى، ھېچبىر قەۋمنى ياكى ھېچبىر جامائەتنى كەمسىتىشكە، مەسخىرە قىلىشقا بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا بىزگە بۇ ھەقتە تەلىم بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:﴿ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا يَسْخَرْ قَومٌ مِنْ قَوْمٍ عَسَى أَنْ يَكُونُوا خَيْرًا مِنْهُمْ وَلَا نِسَاءٌ مِنْ نِسَاءٍ عَسَى أَنْ يَكُنَّ خَيْرًا مِنْهُنَّ وَلَا تَلْمِزُوا أَنْفُسَكُمْ وَلَا تَنَابَزُوا بِالْأَلْقَابِ بِئْسَ الِاسْمُ الْفُسُوقُ بَعْدَ الْإِيمَانِ وَمَنْ لَمْ يَتُبْ فَأُولَئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ﴾يەنى ) ئى ئىمان ئېيتقانلار!  بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى مەسخىرە قىلمىسۇن. بەلكى ئۇلار مەسخىرە قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. ئاياللارمۇ  ئاياللارنى مەسخىرە قىلمىسۇن. بەلكى ئۇلار مەسخىرە قىلىنغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ياخشىراق بولۇشى مۈمكىن. بىر ـ بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر ـ بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرماڭلار، ئىماندىن كېيىن پاسىقلىق نېمىدېگەن يامان! كىمكى تەۋبە قىلمايدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر (()[11]

   يۇقىرىقىلاردىن مۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇ، مىللەتچىلىكنى ئىككى قىسىمغا ئايرىپ چۈشىنىش كېرەك: بىرى ئىجابى يەنى ئىسلامغا ئۇيغۇن بولغان مىللەتچىلىك، يەنە بىرى سەلبى يەنى ئىسلام مەنئى قىلغان مىللەتچىلىك.

ئىجابىي مىللەتچىلىك

 ئىجابى مىللەتچىلىكنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلاشقا بولىدۇ:

 1.ئەڭ ئاۋۋال ئۆز مىللىتىنىڭ غېمىنى يېيىش، ياخشىلىقنى، ياردەمنى ئاۋۋال ئۆز مىللىتىدىن بولغان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا قىلىش. بۇنىڭ شەرتى باشقا مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەققىنى ئېلىۋالماسلىق.

2. ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى ئۆز مىللىتىدىن بولغان مۇسۇلمانلارنى باشقا مۇسۇلمانلاردىن بەكرەك سۆيۈشى. بۇنىڭ شەرتى باشقا  مۇسۇلمان مىللەتلەرنى يامان كۆرمەسلىكتۇر.

3.ئۆز مىللىتىدىن بولغان مۇسۇلمانلارغا خىزمەت ۋە ياردەم قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇشى. بۇنىڭ شەرتى باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا ھەقسىزلىق قىلماسلىقتۇر.

4. ئۆز مىللىتىنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىدىن، قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىدىن پەخىرلىنىشى، كىشىلەرنى ئىشلەشكە، تىرىشىشقا، ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە تەرغىب قىلىش ئۈچۈن مىللىتىنىڭ ئۆتمۈشتىكى غەلىبىلىرىنى ئەسلىتىشى ۋە تارىخىي شەخسلىرىنى مەدھىيىلىشى.

سەلبىي مىللەتچىلىك

ئىرقچىلىق، باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىش بولۇپ بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئەسەبىيەت» دەپ ئاتىغان ۋە ئۇنىڭ ئىسلامغا پۈتۈنلەي زىت كېلىدىغان  جاھىلىيەتنىڭ قىلىقى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى ئۇنىڭدىن مەنئى قىلغان.

سەلبى مىللەتچىلىكنىڭ بەزى كۆرۈنۈشلىرى ۋە زىيانلىرى

1. مەن پالانى مىللەتتىن، دەپ ئۆز مىللىتىنى ماختاپ، باشقا مىللەتلەرنى سۆكۈش. بۇ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان، بۇزغۇنچىلىق خارېكتىرلىق قىلىقتۇر. چۈنكى بىراۋنىڭ ئۆز مىللىتىنى ئۈستۈن كۆتۈرۈپ، باشقا مىللەتلەرنى يەرگە ئۇرۇشى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا دۈشمەنلىكنى پەيدا قىلىدۇ.     

2. ئۆز مىللىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ قاراپ، باشقا مىللەتلەرگە تەكەببۇرلۇق قىلىش. چۈنكى كىبىرلەنگەن كىشى باشقىلارنى كۆزىگە ئىلمايدۇ، باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىدۇ. بۇنداق قىلىش مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا چوڭ توقۇنۇشلارغا يول ئاچىدۇ.

3.  ئۆز مىللىتىدىن بولغان مۇسۇلمان ئەمەسلەرنى باشقا مىللەتتىن بولغان مۇسۇلمانلاردىن ئۈستۈن كۆرۈش. بىر كاپىرنى قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىنەزەر بىر مۇسۇلماندىن ئۈستۈن كۆرۈش قەتئىي جائىز ئەمەس.

4. ھەقسىز ھالدا ئۆز مىللىتىنىڭ تەرىپىنى تۇتۇش. بۇنداق قىلىش ھەقسىزلىك ۋە زۇلۇمدۇر. ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئى بەندىلىرىم! مەن زۇلۇمنى ئۆزۈمگە ھارام قىلدىم، سىلەرمۇ بىر ـ بىرىڭلارغا زۇلۇم قىلماڭلار»()[12] پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئادەم گەرچە كاپىر بولسىمۇ، ئۇنىڭ دۇئاسىدىن ھەزەر قىلىڭلار، چۈنكى زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئادەم بىلەن ئاللاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەردە يوقتۇر»()[13] پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  يەنە مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى بىراۋنىڭ ھەقسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، شۇ زالىمغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ماڭسا، ئۇ ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدۇ.»()[14] يەنە مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى بىر زالىمغا ھەقنى يوقىتىش ئۈچۈن ياردەم قىلسا، ئۇ ئاللاھتىن ۋە پەيغەمبەردىن ئادا جۇدا بولغان بولىدۇ»()[15]

5. ئەسەبىيەتكە ئېسىلىۋېلىش ۋە ئۇنىڭغا چاقىرىش. بۇ دىنىمىزدا قاتتىق مەنئى قىلىنغان، ئىنسانىيەتچىلىككىمۇ ياتمايدىغان يامان ئىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«كىمكى ئەسەبىيەتكە چاقىرىدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس، كىمكى ئەسەبىيەت ئۈچۈن ئۇرۇشىدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس، كىمكى ئەسەبىيەت ئۈستىدە ئۆلىدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس»()[16] دېگەن.

 

ھەمكارلىق دېگەن نېمە؟

ھەمكارلىق— ئىنسانلار مەلۇم بىر مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىشىپ قىلىدىغان ئوپچى ئەمگەك بولۇپ،  ئۆزئارا ياردەملىشىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھەمكارلىقنىڭ باشقا ياردەم تۈرلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان يېرى شۇكى، ھەمكارلىق بىرەر شەخسكە ئەمەس، بەلكى ئومۇمغا قارىتىلغان ۋە  بىرەر شەخسىي مەنپەئەت كۈتۈلمەيدىغان ياردەم تۈرىدۇر. ھەمكارلىق ئاددىيسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەشتە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشىدىن باشلاپ چوڭى دۆلەت قۇرۇشقىچە بولغان ھەممە ئىشتا تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىنسانلار ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە، قوشنىلار ئارىسىدا، خىزمەتداشلار ئارىسىدا ۋە جەمئىيەتتىكى ھەممە ساھەدە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا موھتاجدۇر.

 

ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟

ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە بىر- بىرىگە ياردەملىشىش ئىنسانىي ئېھتىياج ۋە ئىجتىمائىي زۆرۈرىيەت بولۇپ، ئىنسانلار جەمئىيىتى ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ياشاشقا موھتاج. چۈنكى ئىنسان ھاياتىدا نۇرغۇن ئىشلار ئۆزئارا ھەمكارلىشىش بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەربىر ئىنسانغا باشقىسىدا بولمىغان ئالاھىدىلىك ۋە قابىلىيەت ئاتا قىلغان بولۇپ، ئىنسانلار  بىر ئارىغا كېلىپ كۈچىنى ۋە ئەقلىنى بىرلەشتۈرگەندە ئۇلار چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايدۇ. دۇنيادا نۇرغۇن ئىشلار ئۆزئارا ھەمكارلىشىش بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. بىر تال ناننىڭ بىزنىڭ داستىخىنىمىزغا كېلىش جەريانىنى ئويلاپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇنىڭ يەرنى ئۆرۈش، ئۇنىڭغا ئۇرۇق سېلىش، ئۇنى سوغۇرۇش، ئۇغۇتلاش، پەرۋىش قىلىش، پىشقان چېغىدا ئوراش، تارتىش، خېمىر قىلىش، پىشۇرۇش قاتارلىق باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن نان بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى كۆرىمىز. چۈنكى ھەمكارلىق ھاياتلىقنىڭ قانۇنىيىتى ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسىدۇر. جامائەتنىڭ كۈچى شەخسنىڭ كۈچىدىن كۈچلۈك، جامائەتنىڭ پىكرى يالغۇز كىشىنىڭ پىكرىدىن ئەۋزەل، جامائەتنىڭ ئىشى شەخسنىڭ ئىشىدىن مۇكەممەل بولىدىغانلىقىدا شەك يوق.

خەلقىمىزدىمۇ ھەمكارلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئومۇمغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىشنى كۈچ بىرلىكى بىلەن قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەيدىغان ماقال تەمسىللەر كەڭ تارقالغان. مەسىلەن:

بىرلەشكەن ئۇزار، ئايرىلغان تۇزار

يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس.

ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە.

پادىدىن ئايرىلغان قوينى بۆرە يەيدۇ.

 

دىنىمىز ھەمكارلىققا تەشەببۇس قىلىدۇ

دىنىمىز مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشى ئىشلاردا ئۆزئارا ھەمكارلىشىشىنى پەرز قىلىپ بەلگىلىگەن. قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، ھەمكارلىقنىڭ ۋە ئۆزئارا ياردەملىشىشنىڭ بىر نەچچە خىل تەسۋىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى كۆرىمىز.

  ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلمانلارنى ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا بۇيرۇپ ۋە ھەمكارلىشىشنىڭ چەك- چېگراسىنى بايان قىلىپ ) وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ( يەنى «ياخشى ئىشقا، تەقۋالىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار»[17] دەپ كۆرسەتكەن. ئايەتتىكى «ياخشى ئىش» ئىنسانىيەتكە مەنپەئەتلىك بولغان، زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىككە قارشى تۇرىدىغان، ئادالەتنى ۋە ھەققانىيلىقنى قوللايدىغان ھەرقانداق ئىجابىي ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ. «تەقۋالىق» ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئاللاھ تائالاغا قارىتا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە قارىتا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان بىر سۆزدۇر. ئايەتتىكى «تەقۋالىققا» ياردەملىشىشتىن مەقسەت ھەربىر مۇسۇلماننىڭ، ھەربىر ئىنساننىڭ ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا ياردەملىشىش، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلماسلىق ۋە ئورتاق مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆزئارا ھەمكارلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىش دېگەنلىكتۇر. «گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار» دېگەنلىك زالىملارغا يانتاياق بولماڭلار، گۇناھكارلارغا يان بېسىپ ھەقىقەتنى يوشۇرماڭلار، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئاۋازى بولۇڭلار، ناھەقچىلىككە ۋە زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىپ تۇرماڭلار دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. قۇرئان كەرىم بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتلىق دەستۇرىمىز ۋە ئەڭ ئاساسلىق قانۇن كىتابىمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇسۇلمانلارنى ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا بۇيرۇپ مۇنۇلارنى ئېيتقان: «بىر مۇئمىن يەنە بىر مۇئمىن ئۈچۈن بىر-بىرىنى تۇتۇپ تۇرغان مۇستەھكەم بىناغا ئوخشاشتۇر»[18] ، «مۇئمىنلەر بىر-بىرىگە ھېسداشلىق قىلىشتا ۋە بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشتە بىر پۈتۈن بەدەنگە ئوخشايدۇ. بەدەننىڭ قايسىبىر يېرى ئاغرىسا، باشقا ئەزالارمۇ ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئىسمىداش بىلەن بىئارام بولغاندەك(مۇئمىن ئادەممۇ بىرەر مۇئمىننىڭ بېشىغا كېلىشمەسلىك كەلسە شۇنداق بىئارام بولىدۇ)»[19].

قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردە كەلگەن ئەمر-پەرمانلارنىڭ ھەممىسى پەرزلىكنى ئىپادىلەيدۇ. يۇقىرىقى ئايەتتىكى  ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋالىققا ھەمكارلىشىش، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەسلىك ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرز ئەيندۇر.

 

  ھەمكارلىقنى تەرك ئېتىشنىڭ زىيىنى نېمە؟

ئاللاھ تائالا بىزگە ) وَالَّذِينَ كَفَرُوا بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ إِلَّا تَفْعَلُوهُ تَكُنْ فِتْنَةٌ فِي الْأَرْضِ وَفَسَادٌ كَبِيرٌ ( يەنى «كاپىرلارمۇ بىر _ بىرى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدىدۇر. ئەگەر سىلەر بۇنى (ئۆزئارا ھەمكارلىقنى) قىلمىساڭلار، يەر يۈزىدە پىتنە ۋە چوڭ قالايمىقانچىلىق تۇغۇلىدۇ»[20] دېيىش ئارقىلىق كاپىرلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەمىشە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر مۇسۇلمانلار ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ۋە ساختىلىقنى بەربات قىلىش ئۈچۈن، ئۆزئارا ھەمكارلاشمىسا، بىر  _ بىرىگە ئىگە بولمىسا، بىر-بىرىنى قۇتقۇزمىسا يەر يۈزىدە كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىدىغان، باشقىلارنىڭ زېمىنىغا ۋە بايلىقىغا زورلۇق – زومبۇللۇق قىلىپ ئىگە بولۇۋالىدىغان بۇزغۇنچىلىق ۋە مۇستەملىكىدىن ئىبارەت چوڭ يولسىزلىق يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. مەشھۇر مۇپەسسىرلەردىن ئەللامە بەغەۋى ) فِتْنَةٌ فِي الْأَرْضِ وَفَسَادٌ كَبِيرٌ( دېگەن ئايەتنى «يەر يۈزىدە كۇفرىنىڭ كۈچلىنىپ كېتىشى ۋە ئىسلامنىڭ ئاجىزلىشىشى» دەپ تەپسىر قىلغان. بۇ ئايەتتىن مەلۇمكى،  مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقلارنىڭ سەۋەبى كۇفرى كۈچلىنىپ كاپىرلارنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقى، ئىسلام ئاجىزلىشىپ مۇسۇلمانلارنىڭ زەئىپلەشكەنلىكىدۇر.



[1] ئەئراف سۈرىسى: 181- ئايەت.
([2]) تاھا سۈرىسى132-ئايەت.
([3]) شۇئەرا سۈرىسى214-ئايەت.
([4]) ھۇجۇرات سۈرىسى 13- ئايەت
([5]) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
([6]) ھۇجۇرات سۈرىسى 13- ئايەت.
([7]) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
([8]) ئەنبىيا سۈرىسى 92- ئايەت
([9]) ئال ئىمران سۈرىسى 102- ئايەت
([10]) ھۇجۇرات سۈرىسى 10- ئايەت
([11]) ھۇجۇرات: 11- ئايەت
([12]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى
([13]) ئىمام بەززار رىۋايىتى
([14]) ئىمام تەبەرانى رىۋايىتى
([15]) ئىمام تەبەرانى ۋە ھاكىم رىۋايىتى
([16]) ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى
[17] مائىدە سۈرىسى: 2- ئايەت.
[18] ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[19] ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[20] ئەنفال سۈرىسى:73_ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار