بىزنىڭ ئۆيدىكى 20 قائىدە مۇھەممەد يۈسۈپ

بىزنىڭ ئۆيدىكى 20 قائىدە

مۇھەممەد يۈسۈپ

   بىز 1991- يىلى بىر قانچە ساۋاقداش بىرلىكتە تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولغان چېغىمىزدا، زىيارەت قىلغان مەكتەپ ۋە ياتاقخانىلاردا يېزىپ چاپلاپ قويۇلغان قائىدە-تەرتىپلەرنى كۆرۈپ ھاياجانلانغان ئىدۇق. چۈنكى بىز ۋەتەندە بۇنداق قائىدە-يوسۇنلارنى يېزىلغان ھالدا كۆرمەيتتۇق، پەقەت يېزىلمىغان قائىدە-يوسۇنلار بويىچە ئاغزاكى ئاڭلاپ بىلگەنچە ئەمەل قىلاتتۇق. ئەمما تۈركىيەدە كۆرگەنلىرىمىز ناھايىتى ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ يېزىلغان قائىدە-يوسۇنلار بولۇپ، دەرسخانىنىڭ ئىشىكىگە دەرسخانىغا مۇناسىۋەتلىك قائىدە- يوسۇنلار، كۇتۇپخانىنىڭ ئىشىكىگە كۇتۇبخانىغا مۇناسىۋەتلىك قائىدە-يوسۇنلار، ياتاقخانىنىڭ ئىشىكىگە ياتاقخانىغا مۇناسىۋەتلىك قائىدە -يوسۇنلار، تاماقخانىنىڭ ئىشىكىگە تاماقخانىغا مۇناسىۋەتلىك قائىدە-يوسۇنلار، ھاجەتخانىنىڭ ئىشىكىگە  ھاجەتخانىغا مۇناسىۋەتلىك قائىدە- يوسۇنلار يېزىلغان. ئوقۇغۇچىلار بۇ قائىدە-يوسۇنلارنىڭ ئەمەل قىلىش ئۈچۈن يېزىپ ئېسىپ قويۇلغانلىقىنى ئوبدان بىلگەچكە، ئۇنىڭغا تولۇق ئەمەل قىلىدىكەن. شۇڭا، ئۇلار ئىنتايىن ئىنتىزامچان، تەرتىپلىك، پاكىز يۈرىدىكەن، ئۇلارنىڭ سىنىپلىرى، ياتاقخانىلىرى ۋە ھەممە جايلىرىمۇ شۇنچىلىك بەك رەتلىك ۋە پاكىز تۇرىدىكەن. مەن بۇ ئىشلاردىن بەك تەسىرلەنگەن ئىدىم. بىز شۇ قېتىمقى تۈركىيە زىيارىتىدىن كېيىن، مىسىرغا قايتىپ كەلگىنىمىزدە، مەنمۇ ئۆزۈمگە خاس قائىدە-تەرتىپلەرنى يېزىپ، ياتىقىمنىڭ بېشىغا چاپلاپ قويغان ئىدىم. بۇ ئۆزۈمگە ئۆزۈم ھەيدەكچى بولۇشۇم ئۈچۈن ئىدى. كېيىنچە تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىشنى قىسمەن داۋاملاشتۇرالىغان بولدۇم. پەرزەنتلىرىم بولغاندىن كېيىن، بۇنداق قائىدە-يوسۇنلارنى ئەھۋالىمىزغا ۋە شارائىتىمىزغا قاراپ كۆپەيتىپ يېزىپ چاپلايدىغان بولدۇم. بىز ئائىلىمىزدە بۇنداق قىلىشنىڭ پايدىسىنى خېلى كۆردۇق.

بالىلارنى تەربىيەلەش ئائىلىدىكى ئەڭ ئاساسلىق مەجبۇرىيەت بولۇپ، بۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشتا ئارقا-ئارقىدىن بۇيرۇقلارنى چۈشۈرۈش ياكى بالىلارنى ئۇرۇپ، تىللاش، قورقۇتۇش ئىشقا يارىمايدۇ. پەقەت بالىلار قايىل بولىدىغان ۋە ھەر زامان ئېسىدە تۇتىدىغان قائىدە- تەرتىپلەر بولۇشى لازىم.

بىز بىر قانچە يىلدىن بېرى ئۆيدە بەزى قائىدە-تەرتىپلەرنى يولغا قويغان بولۇپ، ئائىلىمىزدە كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئىدۇق. بۈگۈن ئولتۇرۇپ بۇ قائىدە- تەرتىپلەرنى ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1. ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرغان ھامان  اَلْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أَحْيَانَا بَعْدَ مَا أَمَاتَنَا وَإِلَيْهِ النُّشُورُ «بىزنى ئۇيقۇ بىلەن ئۆلتۈرگەندىن تىرىلدۈرگەن ئاللاھقا  شۈكرى، ھەممىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز»( ) دەپ ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىمىز.

2. ناماز بامداتنى ۋاقتىدا ئوقۇيمىز، نامازدىن كېيىنكى تەسبىھلەرنى ۋە ئەتىگەنلىك زىكىر ۋە دۇئالارنى تولۇق ئوقۇيمىز.

3. ئەتىگەنلىك ناشتىنى ۋاقتىدا قىلىمىز، ناشتا قىلماي ئۆيدىن قەتئىي ئايرىلمايمىز.

4. ئۆيدە بىر-بىرىمىزگە ئاۋازىمىزنى كۆتۈرۈپ، ۋارقىراپ ۋە ئاچچىقلىنىپ گەپ قىلمايمىز. خۇسۇسەن، ئەر-ئاياللار بالىلارنىڭ ئالدىدا جېدەل قىلىشمايمىز.

5. ئاتا-ئانىمىز بىلەن گەپ تالاشمايمىز، بۇيرۇقىنى باش ئۈستىگە دەپ قوبۇل قىلىمىز. خاتالاشقان يەرلىرى بولسا ئايرىم سۆھبەتلىشىپ قايىل قىلىشقا تىرىشىمىز.

6. سىزنىڭ مەكتەپتىكى ئەلاچىلىقىڭىز  بىۋاسىتە ئۆزىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك ئىش بولۇپ، سىز ئاتا-ئانىڭىز ياكى قېرىنداشلىرىڭىز ئۈچۈن ئوقۇپ بەرمەيسىز. بۇنى ئېنىق بىلىشىڭىز كېرەك.

7. ئالىي مەكتەپلەردىن ئالغان دىپلوملار سىزنىڭ ھاياتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزغا كېپىللىك قىلالمايدۇ.

شۇڭا تۇرماستىن ئۆزىڭىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋە كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە موھتاجسىز.

8. ھايات تولىمۇ گۈزەل ۋە تولىمۇ ياخشى نەرسىلەر بىلەن تولغان بولۇپ، گۈزەل بىر ھاياتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ۋە جاپادىن قەتئىي قورقماسلىق كېرەك.

9. ئائىلىدە ھەربىر شەخس ئۆز مەسئۇلىيىتىنى، مەجبۇرىيىتىنى تونۇشى ۋە تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. ھەر بىر شەخس ئۆز ياتىقىنى رەتلىك ۋە پاكىز تۇتۇشقا مەسئۇل. تاماق ئېتىش، داستىخان راستلاش، ئۇنى يىغىش، قاچا - قۇچىلارنى يۇيۇش، كىر يۇيۇش، كىيىملەرگە دەزمال سېلىش، ئۆي سۈپۈرۈش دېگەندەك ئىشلاردا ھەممەيلەن ھەمكارلىشىمىز. بۇ ئىشلاردا ئەر-ئايال، ئوغۇل-قىزنىڭ پەرقى يوق.

10. چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقلار دەل سائىتىدە داستىخانغا قويۇلىدۇ، كېچىكىپ قالغانلار جازالىنىدۇ.

11. بالىلارنىڭ ياتاق ئۆيىگە كومپىيۇتېر، يانفون قاتارلىق جىھازلارنى ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ، ئۆگىنىش قىلىش ئەسناسىدا تېلېۋىزور كۆرۈشكە بولمايدۇ.

12. ئائىلە ئەزالىرى ئاخشام سائەت ئوندىن ئون بىرگىچە ئۇخلاپ بولۇش. كەچ قالغانلار جازالىنىدۇ.

13. چىپس قاتارلىق زىيانلىق نەرسىلەرنى يېيىشكە ۋە ھەر تۈرلۈك گازلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكە بولمايدۇ.

14. بىر ھەپتىدە بىرەر قېتىمدىن ئارتۇق سىرتتىن تاماق يېمەسلىك.

15. ئائىلىدە خاتالىق سادىر قىلغانلار ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىپ كەچۈرۈم سورسا، ئۇلارغا كايىشقا ۋە خاتالىقىنى يۈزىگە سېلىشقا بولمايدۇ. ھەپتىدە ياكى ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئائىلە مەجلىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئائىلىدە ساقلىنىپ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمىز، بەزى ئىشلار ھەققىدە مەسلىھەتلىشىمىز. مەجلىستە چوڭ-كىچىك ھەممە ئۆز پىكىرىنى بايان قىلىدۇ.

16. ئەقىللىق تېلېفون ئىشلىتىشكە چەك قويۇلىدۇ، كۈنىگە بەش سائەتتىن ئارتۇق ئىشلەتكەنلەر جازالىنىدۇ.

17. ئازراق بولسىمۇ قۇرئان ئوقۇش ۋە تۈرلۈك كىتابلارنى ئوقۇشنى كۈندىلىك ھاياتىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرىمىز، نامازلارنى ۋاقتىدا ئوقۇيمىز.

18. ھەر ھەپتە جۈمە كۈنلۈكتە ئائىلە ئەزالىرى توپلىشىپ ئولتۇرۇپ، ئاۋۋال كەھف سۈرىسىنى، ئاندىن بىرەر كىتابنى نۆۋەت بىلەن ئوقۇشنى چوقۇم داۋاملاشتۇرىمىز، ھەتتا سەپەر ئۈستىدە بولساقمۇ تەرك ئەتمەيمىز.

19. ئىسراپچىلىققا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، ئېشىپ قالغان تاماقنى توڭلاتقۇدا ساقلاپ يەيمىز، قاچىدا ئېشىپ قالغان بىرەر قوشۇق تاماق بولسىمۇ، قېتىپ كەتكەن پارچە نان بولسىمۇ ھەرگىز تاشلىۋەتمەيمىز.

20. ئاخشىمى يېتىشتىن بۇرۇن بِاسْمِكَ رَبِّي وَضَعْتُ جَنْبِي، وَبِكَ أرفَعُهُ، إِنْ أمْسَكْتَ نَفْسِي فَارْحَمْهَا، وَإِنْ أَرْسَلْتَهَا فَاحْفَظْهَا بِمَا تَحْفَظُ بِهِ عِبَادَكَ الصَّالِحِيْنَ «ئى رەببىم ! سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئۆزۈمنى يەرگە قويدۇم ۋە نامىڭ بىلەن ئورنۇمدىن تۇرىمەن، ئەگەر جېنىمنى ئالماقچى بولساڭ ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن، ئەگەر ئۇنى  ماڭا قايتا ئاتا قىلماقچى بولساڭ، ئۇنى ئۈلگىلىك بەندىلىرىڭنى ساقلايدىغان ئىنايىتىڭ بىلەن ساقلىغىن»( ) دېگەن دۇئانى ئوقۇيمىز.

 يۇقىرىقى قائىدە –يوسۇنلارنىڭ بىرەرسىگە ئەمەل قىلمىغانلار تۆۋەندىكى جازالارنىڭ بىرەرسى بىلەن جازالىنىدۇ:

1. ئەقىللىق تېلېفون، ئايپېد، كومبىيۇتېر قاتارلىق جىھازلىرىدىن تولۇق بىر كۈن مەھرۇم قىلىنىدۇ.

2. بىر قانچە كۈن ئۆيدىن سىرتقا چىقمايدۇ (مەكتەپكە بېرىش بۇنىڭدىن مۇستەسنا).

3. خىراجىتىدىن كېسىلىدۇ (مىقدارىنى ئاتا-ئانا بەلگىلەيدۇ).

4. يالغۇز خانىغا بىر قانچە سائەت سولاپ قويۇلىدۇ (يېنىدا كىتاب، تېلېفون، كومپىيۇتېر، ئايپېد قاتارلىقلار بولمايدۇ).


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار