«قۇرئان كەرىم» رىسالە بىلەن مۆجىزىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان كىتابتۇر

«قۇرئان كەرىم» رىسالە بىلەن مۆجىزىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان كىتابتۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

«قۇرئان كەرىم»نىڭ ئىلگىرىكى «تەۋرات»، «ئىنجىل» ۋە باشقا ساماۋى كىتابلارغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ رىسا بىلەن مۆجىزىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغانلىقى ئىدى. چۈنكى «قۇرئان كەرىم»مۇ باشقا ساماۋى كىتابلارغا ئوخشاش كىشىلەرنى ئاللاھ تائالاغا باشلايدۇ، ئۇلارغا ھىدايەتنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ۋە قىيىنچىلىقلارنى قانداق يېڭىشنى ئۆگىتىدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ رىسالە تەرىپى، ئەمما ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلاردىن ھېچقايسىسىغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى ئۇنىڭ مۆجىزىسى بولۇپ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۆجىزىسى ئۇنىڭ بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىكى ئۈستۈنلىكى، ئەسىرلەردىن بېرى بۇرمىلىنىشتىن ۋە ئۆزگەرتىلىشتىن ساقلىنىپ قالغانلىقى، كۆرسەتمىلىرىنىڭ ھەر زامان ۋە ھەر ماكانغا مۇناسىپ ئىكەنلىكى ۋە دىللارنى مايىل قىلىشتىكى سېھرىي كۈچى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش، روھىيىتىنى يېڭىلاش ۋە مەنىۋى قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، ۋىجدانىنى ئويغىتىشقا ئوخشىغان كاتتا مۆجىزىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «قۇرئان كەرىم»نىڭ بۇ مۆجىزىسى دىللارنى ياشارتىدىغان، ئۆلگەن قەلبلەرنى تىرىلدۈرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئابى ھايات بېغىشلايدىغان مۆجىزىدۇر. ﴿(ئەسلىدە مەنىۋى جەھەتتىن) ئۆلۈك بولۇپ، بىز ئۇنى (ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا يۈرەلەيدىغان نۇر بەرگەن ئادەم بىلەن زۇلمەتلەر ئىچىدە قېلىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان ئادەم ئوخشاشمۇ؟﴾[1]

 «قۇرئان كەرىم»نىڭ رىسالىسى كىشىلەرگە ئۇلارنى ئاللاھ تائالاغا ئېلىپ بارىدىغان توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولسا، ئۇنىڭ مۆجىزىسى كىشىلەرنىڭ قولىدىن تۇتۇپ توغرا يولغا كىرگۈزۈش، ئۇلارنى جاھالەتنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن چىقىرىپ، ئىماننىڭ نۇرىغا ئېلىپ چىقىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگىدۇر.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ بۇ ئىككى چوڭ ۋەزىپىسىنى بايان قىلغان ئايەتلەرمۇ كۆپتۇر. مەسىلەن: مائىدە سۈرىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: ﴿ئى ئەھلى كىتاب!  سىلەرگە كىتابىڭلاردا سىلەر يوشۇرغان نەرسىلەرنىڭ نۇرغۇنىنى ئاشكارا بايان قىلىپ بېرىدىغان ۋە نۇرغۇننى(پايدىسى بولمىغانلىقتىن بايان قىلماي) ئۆتۈپ كېتىدىغان ئەلچىمىز كەلدى، ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر  ۋە روشەن كىتاب كەلدى. ئاللاھ شۇ كىتاب ئارقىلىق رازىلىقىنى ئىزدىگەنلەرنى نىجاتلىق يوللىرىغا يىتەكلەيدۇ، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقلىرىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ﴾[2]. بۇ ئايەتلەردە «قۇرئان كەرىم»نىڭ رىسالىسىدىن ئىبارەت كىشىلەرنى ھىدايەتكە باشلاش ۋەزىپىسى بىلەن ئۇنىڭ مۆجىزىسىدىن كىشىلەرنى قاراڭغۇلۇقلاردىن چىقىرىش ۋەزىپىسى ئېنىق بايان قىلىنغان.

چۈنكى، ھىدايەتكە باشلاش، ئۇنىڭغا چاقىرىش ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىش ئىشلىرى نورمالدا، ئۇلارغا ھەقىقەتنى ئوچۇق بايان قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمما كىشىلەرنى كۇفرى ۋە زالالەتنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن ئىمان ۋە ھەقىقەتنىڭ نۇرىغا ئېلىپ چىقىش ئىشى كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا ئۇلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان ئېنېرگىيەنى يارىتىش ۋە ئۇنى قوزغىتىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ ۋەزىپىنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۆجىزىسىدىن باشقىسى ئورۇندىيالمايدۇ.

 

 



[1] ئەنئام سۈرىسى122-ئايەت.

 
[2] مائىدە سۈرىسى15-16-ئايەتلەر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار