دىن_ سەمىمىيلىكتۇر

 
دىن_ سەمىمىيلىكتۇر
مۇھەممەد يۈسۈپ 


 ئىمام مۇسلىم تەمىم ئەددارىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« الدين النصيحة» يەنى «دىن – سەمىمىيلىكتۇر» دېۋىدى، بىز «يارەسۇلۇللاھ! بۇ سەمىمىيلىك كىمگە؟» دەپ سورىدوق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لله ، ولكتابه ، ولرسوله ، ولأئمة المسلمين وعامتهم» يەنى ئاللاھقا، ئۇنىڭ كىتابىغا، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە، موسۇلمانلارنىڭ يولباشچىلىرىغا ۋە ئۇمۇمىي مۇسۇلمانلارغا سەمىمىي بولۇشتۇر»[1] دەپ جاۋاپ بەردى.  
ئۆلىمالار بۇ ھەدىسنى مۇنداق شەرھلىگەن: 
 ئەرەب تىلىدىكى« النصيحة» دېگەن سۆز چىن ئىخلاسنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى « نصح» دېگەن «خلص» دېگەنلىك بولۇپ، ساپلقنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا ئەرەبلەر ھەسەلنىڭ ساپ ھالىتىنى « نصح العسل» يەنى ( ھەسەل ساپ بولدى) دەيدۇ. بىراۋنىڭ خاىس تەۋبە قىلغانلىقىنى« نصحت توبته» دەيدۇ. تەھرىم سۈرىسىدىكى )ياأَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا تُوبُوا إِلَى اللَّهِ تَوْبَةً نَصُوحًا( دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسىمۇ:) ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار( دېگەنلىك بولىدۇ. شۇنىڭدەك، خالىس نىيەت  ۋە تولۇق سەمىمىيەت بىلەن ئورۇندالغان ئەمەلمۇ ئىخلاسلىق ئەمەل ئەمەل دېيىلىدۇ. ئەمەل_ ئىبادەتلەردە ئىخلاس شۇ ئەمەل_ئىبادەتلەرنىڭ جان تومۇرى بولۇپ، ئىخلاسسىز ئەمەل_ئىبادەت قوبۇل بولمايدۇ. بۇ ئىخلاس چىن سەمىمىيەت بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئىسلامدا ھەربىر ئىبادەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئىخلاسى ۋە سەمىمىيىتى بولىدۇ. مەسىلەن: قۇرئان ئوقۇشنىڭ سەممىيىتى ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوقۇغاندەك ئوقۇش، ئوقۇغىنىغا ۋە بىلگىنىگە ئەمەل قىلىش بولسا، نامازنىڭ سەمىمىيىتى ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن ئوقۇشتۇر، زاكات ۋە سەدىقىنىڭ سەمىمىيىتى ئۇنى چىن كۆڭلىدىن راز بولغان ھالدا، مەمنۇنىيەت بىلەن ئادا قىلىشتۇر، شنىڭدەك، دىن ۋە دۇنيالىق ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ سەمىمىيىتى ئۇنى قېتىرقىنىپ قىلىشتۇر. 
ئاللاھ تائالاغا سەمىمىي بولۇش: ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىگە بولغان ئىتقادتا راستچىل ۋە ئىخلاسلىق بولۇش، ئۇنى چىن قەلبتىن سۆيۈش، ئۇنى پۈتۈن كامالىي سۈپەتلىرى بىلەن سۈپەتلەش، ئۇنى ھەرقانداق نوقساندىن پاك دەپ بىلىش، ئۇنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنداپ، توسقانلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان ھالدا، ئۇ تەلەپ قىلغاندەك ياشاشتىن ئىبارەتتۇر.  
ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىگە سەمىمىي بولۇش: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە بولغان ئىماندا چىڭ تۇرۇش، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش، ئۇنىڭ يولىغا ئەگىشىش، ئۇنى پۈتۈن ھاياتلىق ساھەلىرىدە ئۈلگە قىلىش، ئۇنىڭ ئائىلە_تاۋابىئاتلىرىنى سۆيۈش، ئۇنىڭ سۈننەتلىرىنى جارىي قىلدۇرۇش، ئۇنىڭ ئۇلۇغ ماقامىنى قوغداش، كاپىرلارنىڭ تۆھمەتلىرىگە رەددىيە بېرىپ، ئۇنىڭ شەنىنى مۇداپىئە قىلىش قاتارلىقلاردۇر.  
ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمگە سەمىمىي بولۇش: قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرۇش، ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىش، ئۇنىڭ بىلەن ئەخلاقلىنىش، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى جان تىكىپ قوغداش قاتارلىقلاردۇر.  
مۇسۇلمانلارنىڭ يولباشچىلىرىغا سەمىمىي بولۇش: مۇسۇلمان يولباشچىلىرىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇش، ئۇلارنى قوغداش، ئۇلارغا توغرا يولدا بولغان مۇددەتچە، ئۇلارغا قارشى چىقماسلىق، ئۇلارغا ياردەم قىلىش، خاتالىقى بولسا، تۈزىتىش بېرىش، نەسىھەت قىلىش، ئەگەر ئۇلار ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتسە، ئۇلار ئۆز خاتالىقىنى بىلىپ تۈزىتىۋالغىچىلىك ئۇلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلاردۇر.  
ئەمما ئومۇمىي مۇسۇلمانلارغا سەمىمىي بولۇش:  ئۇلارنى قوغداش، ھېسداشلىق قىلىش، ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش، يامانلىقتىن توسۇپ، ياخشىلىققا بۇيرۇش، ھەر بىر مۇسۇلمانغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە، شارائىتىنىڭ يار بېرىشىچە ۋە قولىدىن كېلىشىچە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەنچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش قاتارلىقلاردۇر.  
  
 
 
 
[1] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى. 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار