توپان ۋەقەسى  توغرۇلۇق ھەقىقەت

توپان ۋەقەسى  توغرۇلۇق ھەقىقەت

مۇھەممەد يۈسۈپ

قۇرئاندا ۋە باشقا ساماۋىي كىتابلاردا نۇھ (Noah) ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرگەنلەر ئۈچۈن ياسالغان كېمە ھەققىدىكى قىسسە بايان قىلىنغان. نۇھ ئەلەيھىسسالام  950 يىل ئۆمۈر سۈرگەن بولۇپ، ئۇ ئۆمۈر بويى قەۋمىنى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ سانى ناھايىتى ئاز ئېدى. ئاللاھ ئۇنى كېمە ياساشقا بۇيرۇيدۇ. نۇھ ئەلەيھىسسالام كېمىنى ئاللاھ بۇيرىغان شەكىلدە ياساپ بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنى ۋە ھەر جانلىقتىن بىر جۇپتىن كېمىسىگە ئالىدۇ. بىر مۇددەتتىن كېيىن شىددەتلىك بىر يامغۇر يېغىپ « ئاللاھنىڭ ئازابى نەدە؟ ئۇنى كۆرسەتمەمسەن؟» دەپ نۇھ ئەلەيھىسسالامنى مەسخىرە قىلغانلارنىڭ ھەممىسى سۇدا غەرق بولۇپ تۈگىشىدۇ.

بۇ ۋەقە ھەققىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 68 پارچىدىن كۆپرەك داستان يېزىلغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەينى ۋەقەلىكنى سۆزلىگەن. زامانىمىزدىكى ئارخىئولوگىيە ئىلمى سايىسىدا بۇ ۋەقەلىكنىڭ بولغانلىقى شەك قوبۇل قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىسپاتلانغان.  يەھۇدىي، خرىستىئان ۋە ئىسلام دىنلىرىنىڭ مەنبەلىرى بۇ ۋەقەلىكنىڭ پۈتۈن يەرشارىغا ئومۇم بولغانلىقىنى سۆزلەيدۇ. شۇپا نۇھ ئەلەيھىسسالام بۇ ئۈچ دىندا «ئىنسانلارنىڭ ئىككىنچى ئاتىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما گىيولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەقەلىك ئوتتۇرا شەرق رايونىدا قەدىمقى زامانلاردا بولغان. ئامېرىكىدىكى كولومبىيە تەرىپىدىن ېئلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدە: «قارا دېڭىز ئەسلىدە مۇزلۇق دەريا بولۇپ، مۇندىن تەخمىنەن 12000 يىل ئىلگىرى يەر يۈزىنىڭ ئىسسىقلىق دەرىجىسى كۆتىرىلىشى نەتىجىسىدە مۇز قاتلاملىرى تەبىئىي ھالدا ئېرىپ سۇغا ئايلىنىشى بىلەن مۇندىن تەخمىنەن 7000يىل بۇرۇن ئوتتۇرا دېڭىز سۈيىگە يېتىپ بارغان. توپان ۋەقەسى تۈركىيە تەرىپىدە يۈز بەرگەن توپان سۈيىنىڭ يوقىرىلىقى 200 مېتىردىن كەم بولمىغان.

تەتقىقاتلار مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2000- يىللار بىلەن 4000- يىللار ئارىسىدا  دىجلە بىلەن فۇرات دەريالىرى ئوتتۇرىسىدىكى بۇرۇن «ئىككى دەريا ئوتتۇرىسىدىكى شەھەرلەر» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن سۈرىيە، تۈركىيە ۋە ئىراق قاتارلىق جايلاردا توپان سۈيى دەپ ئاتالغان چوڭ سۇ ئاپىتىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سۆزلىمەكتە.

نۇھ – ئىبرانىي تىلىدا ئىستىراھەت دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەرەب تىلىدا كۆپ يىغلىغۇچى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنى ھىدايەتكە باشلاش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا دۇئا قىلىپ شۇنداق كۆپ يىغلىقانلىقىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى ئېھتىمال.

تارىخچىلار ۋە ئاكادېمىكلارنىڭ نەزەرىدە تەۋرات نۇھ ئەلەيھىسسالام، ئۇنىڭ كېمىسى ۋە توپان ۋەقەسى توغرىسىدا تۇنجى بولۇپ سۆز ئاچقان تارىخى مەنبە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تەۋراتنىڭ «يارىتىلىش» بابىدا نۇھ ئەلەيھىسسالام لامىخ دېگەن كىشىنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى 10- نەسىل ھېسابلىنىدىكەن. ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامغا كېمە ياساش ئەمرىنى بەرگەندە ئۇ 600 ياشتا بولۇپ، توپان ۋەقەسىدىن كېيىن 350 يىل ئۆمۈر كۆرگەن. ۋاپات بولغاندا 950 ياشتا ئىكەن. تەۋراتنىڭ يوقىرىقى مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، توپان ۋەقەسىدە دۇنيانى سۇ بېسىپ نۇھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ دىنىغا ئەگەشكەن ئاز ساندىكى كىشىلەردىن باشقا پۈتۈن ئىنسانىيەت سۇدا غەرق بولۇپ تۈگەشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانلار نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ  سام،  ھام ۋە يافەس لەردىن ئىبارەت ئۈچ ئوغلىنىڭ نەسلىدىن تارقالغان.

سام نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، توپان ۋەقەسى يۈزگەندە 98 ياشتا ئىكەنلىكى ۋە توپان ۋەقەسىدىن كېيىن 500يىل ئۆمۈر سۈرگەنلىكى سۆزلىنىدۇ. ئۇنىڭ بەش ئوغلى بولۇپ، ئىلام، ئاشۇر، ئارام، ئەربەدشاد ۋە لود قاتارلىقلاردۇر. بەزى رىۋايەتلەر، ئەرەبلەر، تۈركلەر، ئاشۇرىيلار، ئىبرىلار، ئاراملارنىڭ سام سۇلالىسىدىن كېلىپ چىققان دېيىلىدۇ.

يافەس نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ نەسلىدىن ياۋروپالىقلارنىڭ كېلىپ چىققانلىقى سۆزلىنىدۇ. يافەسنىڭ 7 ئوغلى بولۇپ، ئۇلار جومەر، مەجۇج، تىېراس، جافان، مېشىيخ، توبال ۋە مادايلار ئىكەن. رىۋايەتلەر يۇنانلىقلار، ئېرلاندىيىلىكلەر، ھۇنگارىيەلىكلەر، سۇلۇۋاكلار، ئىتالىيىلىكلەر ۋە گېرمانىيىلىكلەرنىڭ يافەس نەسلىدىن كەلگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ.

ھام ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ، قەدىمىي مىسىرلىقلار ۋە پەلەستىندە ياشىغان كەنئانلىقلارنىڭ ئاتىسى ھېسابلىنىكەن. تەۋراتنىڭ «يارىتىلىش»بابىدا ھام نۇھنى ەسلىك ھالىتىدە يالىڭاچ بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ ۋەقەنى ئىككى قېرىنشىغا ئېيتىدۇ. نۇھ بۇنى ئاڭلاپ، ھامغا ئاللاھنىڭ لەنەت قىلشىنى تىلىگەن»دەپ قەيت قىلىنغان. بەزى تەھلىلچىلەر يەھۇديلارنىڭ ھام نەسلىدىن بولغان كەنئانلىقلارنىڭ زېمىنى پەلەستىننى بېسىۋالغانلىقىنى بۇخۇراپى قىسسىگە باغلاپ دىنىي جەھەتتىن ئۆزلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى قانۇنلۇق كۆرسىتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى سۆزلەيدۇ.

يەھۇدىي دىنىدىكى نۇھ ئەلەيھىسسالام

تەۋراتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ گۇناھ – مەسىيەتلىرىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكى سەۋەبتىن ياخشى كىشىلەردىن باشقىلارنىڭ ھەممىسىنى زېمىن يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىش قارارىغا كېلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىن 40 كېچە - كۈن داۋام قىلغان قاتتىق يامغۇر ياغدۇرۇشى بىلەن زېمىن يۈزى 150 كۈن سۇنىڭ ئاستىدا قالغان. كېمە ئارارات تېغىدا ئورۇن ئالغان.

تەۋرات نۇھ ئەلەيھىسسالامنى ئىككى خىل شەخسىيەت بىلەن تەرىپلەيدۇ. ئۇنىڭ بىرى ئاللاھقا ئىتائەتچان مۆمىن بەندە، يەنە بىرى ھاراقنى دەسلەپ پەيدا قىلغان ئادەم. تارىخچىلار ۋە ئاكادېمىكلار بۇ زىتلىقلارنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، تەۋراتنىڭ بەزى جايلىرىدا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى ئۇنىڭ ئاتىسى ئەينۇخ دېگەن كىشىنىڭ ئىسمىغا ئالماشتۇرىۋېتىلگەنلىكتىن بۇنداق زىتلىقلارنىڭ چىققانلىقىنى سۆزلەيدۇ. ئەمما بۇ  زىتلىقنى تولۇق ھەل قىلىشقا يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى تەۋراتنىڭ كۆپ جايلىرىدا نۇھ ئەلەيھىسسالام ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغان ئادەم دەپ سۈپەتلىنىدۇ.

ئىنجىللادىكى نۇھ ئەلەيھىسسالام

 خرىستىئانلارنىڭ «يېڭى ئەھد»دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئىنجىللىرى نۇھ ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھقا يېقىن شەخس سۈپىتىدە تىلغا ئالىدۇ. ماركوس ئىنجىلىدا، نۇھ ئەلەيھىسسالامنى ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئەلەيھىسسالاملارغا ئوخشاش مەشھۇر پەيغەمبەرلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىنغان. يېڭى ئەھد كىتابلىرىدا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىنى 120 كۈندە ياساپ بولغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىشقا دەۋەت قىلىشتىن ۋاز كەچمىگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. مىلادىيەنىڭ 3- ئەسىرىدە ئورىلىس ئوغوستىن دېگەن كىشى تەرىپىدىن يېزىلغان خرىستىئان دىنىنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرىدە، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسى ئۈچۈن ناھايىتى زور دىنىي ئەھمىيەت بېرىلىپ، بىردىن – بىر نىجاتلىق رەمزى قىلىنغان. ئوتتۇرا ئەسىر چاغلىرىدا خرىستىئان دىن ئادەملىرى تەۋراتنىڭ «يارىتىلىش» بابىدا كەلگەن تەقسىملەشكە ئاساسلىنىپ، ئىنسانلارنى تۈرلەرگە تەقسىملەشكە باشلىغان. ئۇلار خرىستىئان دىن ئادەملىرى سامنىڭ نەسلىدىن كەلگەن، ئىرانلىقلار يافەسنىڭ نەسلىدىن كەلگەن، پېقىرلار ھامنىڭ نەسلىدىن كەلگەن دەيدىغان خاتا ئېتىقاد دىنىي تۈستە دەۋر سۈرۈشكە باشلىغان.

روبېرت بىرد Robert Byrd نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىنى قالقان قىلىپ ئامېرىكا كونگرىسىدا ئىرق ئايرىش سىياسىتىنى قانۇنلۇق قىلىشقا ئورۇنغان شەخس.

تەھىلچىلەرنىڭ نەزەرىدە، بەزى خرىستىئانلارنىڭ دىننى قورال قىلىپ تۇرۇپ ئىنسانلارنى تۈرلەرگە ئايرىشى نەتىجىسىدە، ئىرق ئايرىش مەسىلىسى دەۋر سۈرگەن بولۇپ، ئافرىقىلىقلارغا  نىسبەتەن ئايرىم مۇئامىلىدە بولۇش ئېقىمى ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلگەن. شۇ سەۋەبتىن 1964- يىلى ئامېرىكىلىق سىناتور بىرد روبېرت نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىنى ئامېرىكىدا ئىرقىي ئايرىمچىلىق سىياسىتىنىڭ داۋام قىلىشى كېرەكلىكىگە ھۆججەت قىلىپ كۆرسەتكەن. روبېرت 1959- يىلىدىن بېرى ئامېرىكا كونگىرىسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەردىن بىرىدۇر. ئۇ شۇ سەۋەبتىن 1991- يىلى ئامېرىكىلىق ئىككى نەپەر قارا تەنلىكنىڭ ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىدە سوتچىلىققا تەيىنلىنىشىگە قارشى چىققان بولسا، 2004- يىلى كوندىلىزا رايسنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مېنىستىرلىكىگە تەيىنلىنىشىگىمۇ قاتتىق قارشىلىق بىلدۈرگەن. روبېرت بىرد نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ھامغا ئاللاھنىڭ لەنەت قىلىشىنى تىلگەنلىكتىن ئىبارەت خۇراپى قىسسىنى ئىرق ئايرىشنىڭ دەسلەپكى دىنىي جەھەتتىكى دەلىلى قىلىۋالغانلىقتىن شۇنداق قىلغان ئىكەن.

ئىسلام دىنى نەزەرىدىكى نۇھ ئەلەيھىسسالام

نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى قۇرئان كەرىمنىڭ ئال ئىمران، نىسا، مائىدە، ئەنئام ۋە نۇھ سۈرىلىرىدە بايان قىلىنغان.

ئىسلام دىنى نەزەرىدە، ئاللاھ  تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامنى بۇتقا چوقۇنىدىغان بىر قەۋمنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتەك توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن ئەۋەتكەن پەيغەمبەردۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ بايانىغا كۆرە، نۇھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى ئاللاھنىڭ ھەق دىنىغا باشلاش يولىدا 950 يىل دەۋەت بىلەن شۇغۇللانغان. (ئەنكەبۇت سۈرىسى). لېكىن نۇھ قەۋمى ھىدايەتنى خالىمىغان ۋە نۇھ ئەلەيھىسسالامغا دۈشمەن بولۇپ قولىدىن كېلىدىغان يامانلىقلارنىڭ ھەممىنى قىلغان. شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامنى بىر كېمە ياساشقا ئەمر قىلغان. نۇھ ئەلەيھىسسالام كېمە ياسىۋاتقاندا قەۋمى ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈشتە ھەمىشە مەسخىرە قىلاتتى (ھۇد سۈرىسى). كېمە پۈتكەندىن كېيىن قاتتىق يامغۇر ياغدى ۋە زېمىن يېرىلىپ بولاقلار چىقىپ دۇنيانى سۇ باستى. بۇ تۇفان دەپ ئاتالدى.(قەمەر سۈرىسى). ھۇد سۈرىسىدە بايان قىلىنىشىچە، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى كاپىر ئىدى. ئاتىسى ئۇنى كېمىگە چاقىرغاندا، «تاغقا بارىمەن مېنى ساقلاپ قالىدۇ» دەپ كېمىگە چىقمىغان ۋە غەرق بولۇپ تۈگەشكەن.

ئىسلام دىنى ئىرق ئايرىشنى قەتئىي چەكلەيدۇ. چۈنكى ئىسلام نەزەرىدە، ئىنسانلار ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تۆرەلگەن . ئادەم ئەلەيھىسسالام تۇپراقتىن يارىتىلغان. ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا تىل، رەڭ، ئىرق ۋە دىن پەرقلىرى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان بىردىن ئالامەتلەردۇر. ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ ۋە خەلق نەزەرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىك بولىدىغانلىرى ئۇلارنىڭ ئەڭ تەقۋا بولغىنى يەنى ئاللاھنىڭ ۋە مەخلۇقاتنىڭ ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلمايدىغان، ھەممىنىڭ ھەققىنى جايىدا ئادا قىلىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ غەزىبىگە يولۇقۇشتىن ھەزەر قىلىدىغان كىشىدۇر. مۇسۇلمانلار پۈتۈن ئىنسانلار بىلەن ئىنسانلىق تەرەپتىن ئۆزئارا قېرىنداشلاردۇر.

كېمىنىڭ ياسىلىشى

تەۋراتنىڭ «يارىتىلىش» بابىدا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىنى Gopher wood گوفەر دەپ ئاتىلىدىغان ياغاچتىن ياسالغانلىقى قەيت قىلىنغان. ئەمما بۇ ياغاچنىڭ قانداق دەرەخنىڭ ياغىچى ئىكەنلىكى ھازىرغىچە نامەلۇم. شۇ مەنبەنىڭ ئۆزىدە كېمىنىڭ ئومۇمى ئايلانمىسى 300گەز(160 مېتىر) كېلەتتى دەپ قەيت قىلىغان. ئەرەب جۇغراپىيە ئالىمى مەشھۇر سۇيياھ ياقۇت ھەمەۋى «مۇئجەمۇل بۇلدان» ناملىق ئەسىرىدە، نېھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسى توختىغان جايغا مەسجىد سېلىنغانلىقىنى سۆزلەيدۇ. سۇيياھ ئىبنى بەتتۇتەمۇ بۇ سۆزنىڭ ئەينىسىنى قىلغان.

     كېمىنىڭ توختىغان يېرى

 كېمە جۇدى تېغىدا ئورۇن ئالغان. (ئارارات تېغى ئەمەس). جۇدى تېغى تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراق چىگراسى ئەتراپىدا بولۇپ ئارارات تېغىدىن 200مىل يىراقلىققا جايلاشقان. بەزى رىۋايەتلەر، كېمە چۈشكەن جاي ئىراقتىكى «نى»دىگەن جاي بولۇپ، ئەسلىدە چوڭ تاغ ئىدى. كېيىنچە تۈزلەڭلىككە ئايلانغان. ئۇ سۇدىن قۇرۇغاندىن كېيىن «جەف - قۇرۇق» قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ «نەجەف» دەپ ئاتالغان. ئەمما كۆپىنچە تارىخچىلار بۇ رىۋايەتنىڭ راستلىقىدىن شەكلىنىدۇ. بۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا شىئەلەرگە قارشى ھالدا ئويدۇرۇلغان سەپسەتە بولۇشى ئېھتىمال.

21- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، خۇسۇسەن سۈنئى ھەمراھ ئىجاد قىلىنغاندىن كېيىن، كىشىلەر نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسى چۈشكە جاينى ئىزدەشكە كىرىشىدۇ. دانيال مېك گىۋەرن ئىسىملىك بىر باينىڭ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسى چۈشكەن جاينى ئىزدەپ تېپىش گۇرۇپپىسىنىڭ تەييارلىق ئىشىلىرى ئۈچۈن 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغىنىدىن كېيىن ھەرىكەتكە باشلىغان ئىزدەش گۇرۇپپىسى  قۇرئان كەرىمدە دېيىلگەن جۇدى تېغىدا ئەمەس، تەۋرات ۋە ئىنجىللاردا تىلغا ئېلىنغان ئارارات تېغىدا ئىزدەش ئېلىپ بېرىپ  سۈنئى ھەمراھ ئارقىلىق ئورنىنى رەسىمگە ئالغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. ئەمما «national geographic» ژۇرنىلى ئۇلار تارتقان سۈرەتنىڭ ھەرگىز نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىنىڭ سۈرىتى ئەمەسلىكىنى جاكارلايدۇ. 2004- يىلى 17- ئىيول كۈنى مەخسۇس گۇرۇپپا  ئۆزلىرىنىڭ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىنىڭ سۈرىتىنى ئارارت تېغىدىن تارتقانلىقىنى ئېلان قىلغاندا، ئامېرىكىلىق ئاكادېمىكلەر بۇ سۈرەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەسلىكىنى ئېنىق جاكارلىغان.

1829- يىلى دورپات ئۇنىۋېرسىتېتى University of Dorpat نىڭ پەلسەپە ئۇستازى فرىدرىك بپارۇت Freidrich Parrott ئارارات تېغىغا يامىشىپ چىقىپ كېمىنىڭ ئورنىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ ھېچ نەرسە تاپالمىغان ۋە «بەلكى مۇزلارنىڭ ئاستىدا كامۈلۈپ قالغان بولىشى مۇمكىن» دېگەن قانائەتكە كەلگەن. 1876- يىلى ئوكسفورد ئۇىۋېرسىتېتىدىن جېمىس برايس James Bryce دىگەن كىشى ئارارات تېغىدا ئىزدەش ئېلىپ بېرىپ بىر پارچە ياغاچ پارچىسىنى تاپقان ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ ياغاچنىڭ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىنىڭ پارچىسى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ ئۆتكەن بولسىمۇ ھېچكىم قايىل بولمىغان. 20- ئەسىرنىڭ 80 –يىللىرىدا مەشھۇر ھاۋا بوشلۇغى ئۇچقۇچىسى جېمىس ئىرۋىن James Irwin ئارارات تېغىدا ئىزدەش ئېلىپ بېرىپ ھېچ نەرسە تاپالمىغان.

خۇلاسە كالام:

يوقىرىقىلاردىن مەلۇمكى، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىنى ئىزدىگەن ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەممىسى تەۋرات ۋە ئىنجىللارغىلا ئاسلىنىپ قۇرئان كەرىمنىڭ خەۋىرىگىمۇ نەزەر سېلىپ قويمىغان. تەۋرات ئىنجىللاردا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسى توختىغان جاينى «ئارارات»تېغى دەپ قەيت قىلىغان. ئەمما قۇرئان كەرىمدە كېمىنىڭ «جۇدى تېغى»دا توختىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ ئىككى تاغ تۈركىيەدە بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ئارىلىق 200مىل كېلىدۇ. تەتقىق قىلغۇچىلار قۇرئان كەرىمگە ئىشەنمەيدىغان خەلقلەردىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار قۇرئان كەرىم سۆزلىگەن ھەقىقەتلەرگە نەزەرلىرىنى ئاغدۇرۇپ باقمىغان.

 ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلار دىنىي ئىختىلاپنى قايرىپ قويۇپ قۇرئان كەرىمدە قەيت قىلىنغان جاينىمۇ ئىزدەپ كۆرسە بەلكى ئىزدىنىشلىرىدە نەتىجە قازىنالىشى مۇمكىن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار