قايتا كەلمەيدىغان نەسىل

قايتا كەلمەيدىغان نەسىل

مۇھەممەد يۈسۈپ

بىر كۈنى ئىككىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر مەجلىستە ئىدى. ئىككى ياش يىگىت بىر ئادەمنى تۇتۇپ كەلگىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىدۇ.

ئۆمەر ئۇلاردىن سورايدۇ:  بۇ نېمە ئىش؟

ئۇلار جاۋاب بېرىپ: بۇ ئادەم ئاتىمىزنىڭ قاتىلىدۇر، دەيدۇ.

ئۆمەر ئادەمدىن سورايدۇ: بۇ راستمۇ؟

ئادەم جاۋاب بېرىدۇ : ھەئە شۇنداق.

_ قانداق ئۆلتۈردۈڭ؟

_ تۆگىسى بىلەن مېنىڭ ئېتىزلىقىمغا كىرىۋىدى، توسسام قايتمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر تاشنى ئېتىۋىدىم، بېشىغا تىگىپ ئۆلدى.

_ ئۇنداقتا، ساڭا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

_ ھەزرىتى ئۆمەر ئادەمنىڭ ئېتىراپىنى ئاڭلاش بىلەنلا ئۇنىڭ كىم ۋە قايسى قەبىلىدىن ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئىسمىنىمۇ سورىمايلا ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ قىساس ئېلىشتىن ئىبارەت ھۆكۈمىنى بىلدۈردى.

_ ئادەم ھەزرىتى ئۆمەرگە يېلىنىپ تۇرۇپ دەيدۇ: ئى ئەمىرۇل مۇئمىنىن! ئاسمان_زېمىننى تۇرغۇزغان ئۇلۇغ زاتنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ماڭا بىر كۈن مۆھلەت بەرسىڭىزكەن، مەن يېزامغا بېرىپ ئايالىم ۋە بالىلىرىم بىلەن رازىلىشىۋالسام. ئائىلەمنى ئاللاھ ئاندىن مەندىن باشقا باقىدىغان ھېچكىم يوق.

_ سېنىڭ ھازىر كېتىپ قايتا كېلىشىڭگە كىم كېپىللىق قىلالايدۇ؟ _ دەپ سورايدۇ ھەزرىتى ئۆمەر.

ئادەملەرنىڭ ھەممىسى سۈكۈتكە چۆككە بولۇپ، ھېچكىم بىر نەرسە دېمەيتتى. چۈنكى ھېچكىم بۇ ئادەمنى تونۇمايتتى، ئۇنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ 10 ياكى 20 دىرھەم پۇلنىڭ ئىشى ئەمەس، بۇ جان مەسىلىسى ئىدى. جان كېتىدىغان بىر ئىشقا ھېچكىم ئۆزى تونۇمايدىغان بىر ئادەم ئۈچۈن كېپىل بولۇشنى خالىمايتتى.

مەزكۇر ئادەمنىڭ ھالى ھەقىقەتەن ئىچ ئاغرىتىشقا تېگىشلىك ئىدى. چۈنكى ئۇ ئادەمنىڭ ئۇششاق نارىسىدىلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ھەر ئىشى بۇ ئادەمنىڭ زىممىسىدە ئىدى. بۇ ئادەم ئۆلۈپ كەتسە ئۆيىدە قالغان چارىسىز نارىسىدىلىرىنىڭ ھاياتىمۇ خەۋپتە قالاتتى، ھەتتا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. ئەھۋال ھەقىقەتەن ئىچ ئاغرىتىشقا ۋە ھېسداشلىق قىلىشقا تېگىشلىك ئىدى. ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىمىسىگە كىم ئارىلاشىلىسۇن؟ كىممۇ ئۇنى ئۆلۈمدىن سوراپ قالالىسۇن؟ كىممۇ بۇ توغرىدا  ئۆمەرگە ئېغىز ئاچالىسۇن؟ چۈنكى ھەممە بىلىدۇكى، ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىمىسى، خۇسۇسەن قىساس قانۇنى باي _ كەمبەغەل، رەئىس _ پۇقرا، ئابرويلۇق _ ئابرويسىز دەپ ئايرىمايدۇ. قىساستا شاپائەتمۇ قىلىنمايدۇ. چۈنكى مۇنداق قىلىش قىساس ئالغۇچىلارنىڭ ھەققىگە ئىشلەنگەن خىيانەتتۇر. ساھابىلەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوبان بىلگەنلىكتىن قاتتىق باش قاتۇرىدۇ ۋە سۈكۈت قىلىدۇ. ھەزرىتى ئۆمەرمۇ گاڭگىراپ قالىدۇ.

ئاندىن ئۆمەر ھېلىقى ئىككى ياشقا يۈزلىنىپ سورايدۇ: بۇ ئادەمنى كەچۈرەمسىلەر؟

_ ياق، چۈنكى ئاتىمىزنى ئۆلتۈرگەن قاتىل، ئۇنى بىز كەچۈرمەيمىز، ئاتىمىزنىڭ قىساسىنى تەلەب قىلىمىز_دەيدۇ ياشلار.

ئۆمەر كۆپچىلىككە قاراپ شۇنداق سورايدۇ: بۇ ئادەمنىڭ ئائىلىسى بىلەن رازىلىشىپ كېلىۋېلىشى ئۈچۈن كىم كېپىل بولىدۇ؟

ساھابىلەرنىڭ كاتتىلىرىدىن ئەبۇزەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئورنىدىن تۇرىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ئادەم ئۈچۈن كېپىل بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مەلۇمكى، ئەبۇ زەر ساھابىلەرنىڭ ياشتا چوڭلىرىدىن بولۇپ، تەقۋالىقى ۋە راستچىللىقى بىلەن تونۇلغان ساھابە ئىدى. ئۇنىڭ «مەن كېپىل بولىمەن» دەپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ھەزرىتى ئۆمەرنى ھەيرانلىقتا قالدۇرىدۇ.

_ بۇ ئۆلۈم ئىشى _ دەيدۇ ئۆمەر ئەبۇزەرگە قاراپ.

_ مەيلى قاتىل بولسىمۇ مەن ئۇنىڭغا كېپىل بولىمەن _ دەيدۇ— ئەبۇزەر.

_ سەن ئۇنى تونۇمسەن؟_ دەپ سورايدۇ ئۆمەر ئەبۇزەردىن.

_ تونۇمايمەن.

_ ئۇنداقتا، قانداق كېپىل بولىسەن تونۇمىغان بىر ئادەمگە؟

بۇ ئادەمدە ھەقىقىي مۇسۇلمانغا خاس بىر يۈزنى كۆردۈم _دە، ئۇنىڭ يالغان ئېيتمايدىغانلىقىغا ئىشەندىم. ئۇ ئاللاھ خالىسا چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ.

_ ئى ئەبۇزەر شۇنى بىلگىنكى، بۇ ئادەمنى سېنىڭ كاپالىتىڭدە قويۇپ بېرىمەن. ئۈچ كۈن ئىچىدە كەلمىسە، سەن بېشىم بىلەن جاۋاب بېرىسەن.

_ ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن! بۇ ئىشقا ئاللاھتىن ياردەم سورايمەن.

ئادەم كېتىپ قالىدۇ. چۈنكى ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭغا ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت بەرگەن بولۇپ، ئادەم ئائىلىسى بىلەن خوشلىشىپ ئۆزىدىن قىساس ئېلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلىنىپ كەلمەكچى ئىدى.

ئۈچىنچى كۈنى ھەزرىتى ئۆمەر مەدىنە شەھىرىدە، جامائەتنى يىغىپ تەييارلىنىدۇ. ئاتىسىنىڭ قىساسىنى تەلەب قىلىۋاتقان ھېلىقى ئىككى ياشمۇ كېلىپ بولىدۇ. ۋاقىت ئەبۇزەر ئۈچۈن ناھايىتى تىز ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، ھەدېگۈچە ئۈچىنچى كۈننىڭ ناماز ئەسىر ۋاقتى كىرىپ قالغان ئىدى. ئۆمەر ئەبۇزەرگە قاراپ پات_پات سوراپ قوياتتى: قېنى ئۇ ئادەم كەلمەيۋاتىدىغۇ؟

— ئاللاھ خالىسا چوقۇم كېلىدۇ، ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن!

ئەبۇزەر ئاسمانغا كۆپرەك قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ، كۈن ناھايىتى تىزلىكتە پېتىش تەرەپكە ئىلگىرلىۋاتاتتى. ساھابىلەر سۇكۇت ئىچىدە كۈتەتتى. چۈنكى ئاقىۋەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى بىر ئاللاھقىلا ئايان ئىدى.

 توغرا، ئەبۇزەرنىڭ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ قەلبىدىكى ئورنى چوڭ ئىدى، ئۇنى ياخشى كۆرەتتى، ھۆرمەتلەيتتى، ئۇنى ئۆزىدىن بىر پارچە دەپ بىلەتتى. ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىنى ئىجرا قىلىشتا جازالانغۇچى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يۈز- خاتىرە قىلىشقا بولمايتتى.

كۈن پاتقىلى ئاز قالغاندا، ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغان ھېلىقى ئادەم يېتىپ كېلىدۇ. بۇنى كۆرگەن ساھابىلەر «ئاللاھۇ ئەكبەر!» دەپ تەكبىر ئېيتىشىدۇ. ھەزرىتى ئۆمەرمۇ  تەكبىر ئېيتىدۇ ۋە خوشاللىقىنى باسالماي ئادەمگە دەيدۇ: سەن يېزاڭدىن قايتمىغان بولساڭ، سېنىڭ بار يېرىڭنى بىز بىلمىسەك سېنى نەدىن تاپار ئىدۇق؟

—ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن! دەپ سۆزگە باشلايدۇ ھېلىقى ئادەم _ مانا مەن پەرزەنتلىرىمنى سۇسىز، دەل-دەرەخسىز چۆلدە خۇددى قۇشنىڭ بالىلىرىدەك تاشلاپ قويۇپ، ئۆلۈمگە ھارىز بولۇپ كەلدىم. ئىنسانلاردا ۋەدىگە ۋاپا قىلىش تۈگەپ كېتىپتۇ دېيىلىشتىن قورقتۇم.

ھەزرىتى ئۆمەر ئەبۇزەردىن سورايدۇ: سەن نېمىشقا ئۆزەڭ تونۇمايدىغان بىر ئادەمگە كېپىل بولدۇڭ؟

— ئىنسانلاردا ياخشىلىق تۈگەپ كېتىپتۇ دېيىلىشتىن قورقتۇم ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن!-دەيدۇ ئەبۇزەر.

ھەزرىتى ئۆمەر قىساس تەلەب قىلىۋاتقان ئىككى ياشقا قاراپ سورايدۇ: نېمە دەيسىلەر؟

—ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن! بىز بۇ ئادەمنى كەچۈرۈۋەتتۇق. ئىنسانلاردا كەچۈرۈم قىلىش تۈگەپ كېتىپتۇ دېيىلىشتىن قورقتۇق— دەيدۇ ئىككى ياش كۆز يېشى قىلغان ھالدا.

بۇ مەنزىرىگە شاھىد بولغان ھەزرىتى ئۆمەر ھاياجاندىن يىغلاپ كېتىدۇ،  كۆزياشلىرى ئۇنىڭ ساقىلىنى ھۆل قىلىۋاتىدۇ.

قاتىل بولسىمۇ  ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغان ئادەمگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلسۇن!

ئاتىسىنىڭ قاتىلىنى كەچۈرۈۋەتكەن ئىككى ياشقا ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلسۇن!

ئۆزى تونىمايدىغان بىر مۇسۇلماننىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغان ئەبۇزەرگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلسۇن!

ئادالىتى بىلەن تونۇلغان ھەزرىتى ئۆمەرگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلسۇن!

                                          ئامىين...


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار