ئايالنىڭ يۈزى ئەۋرەتمۇ؟

ئايالنىڭ يۈزى ئەۋرەتمۇ؟

مۇھەممەد يۈسۈپ

مۇسۇلمان خانىم — قىزلىرىنىڭ يۈزىنى يۆگىشى چۈمبەل تارتىش (نىقابلىنىش) دەپ ئاتىلىدۇ، ئازادە ۋە قېلىنراق كىيىم كىيىپ، بەدىنىنى، زىننەتلىرىنى ۋە چېچىنى يۆگەپ يۈرۈشى ھىجابلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ، يات ئەرلەرگە كۆرسەتمەيدىغان جايلىرى ئەۋرەت دەپ ئاتىلىدۇ.

ئەۋرەت — ئىنساننىڭ ئېچىلىپ قالسا ئەيىب سانىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا قاراشتىن ھايا قىلىنىدىغان ئەزالىرى دېمەكتۇر. ئەۋرەت ئىسلام ئاتالغۇسىدا: قۇرئان ۋە ھەدىستە يۆگەپ يۈرۈشكە بۇيرۇلغان جايلاردۇر.

«الحجاب» (ھىجاب) دېگەن سۆزنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى «يۆگەش» دېگەنلىك بولۇپ، باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن يوشۇرۇلغان ۋە يۆگەلگەن ھەرقانداق نەرسە ھىجاب دەپ ئاتىلىدۇ. ئىسلام ئاتالغۇسىدا بولسا ئايالنىڭ بەدىنىنى پۈتۈنلەي يۆگەپ تۇرىدىغان نەرسە ھىجاب دەپ ئاتىلىدۇ. دېمەك، ھىجاب —ئايالنىڭ بەدىنىنى يات ئەرلەرگە كۆرسەتمەسلىك نىيىتى بىلەن كەڭ، ئازادە ۋە قېلىن كىيىم بىلەن يۆگەپ يۈرۈشى دېگەنلىكتۇر. ئۆلىمالار ھىجاب ئايالنىڭ يۈزى بىلەن قوللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ ياكى ئالمامدۇ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، ئىمام ئەھمەد ۋە شافىئىي مەزھىپىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئايال يات ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يۈزى ۋە قوللىرى بىلەن قوشۇپ پۈتۈن بەدىنىنى يۆگىشى لازىم دەپ قارايدۇ. ئەمما مالىكىي ۋە ھەنەفىي مەزھەپلىرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئايالنىڭ يۈزى بىلەن ئىككى قولىنى يۆگىشى پەرز ئەمەس دەپ قارايدۇ. بۇ ئىككى مەزھەپ ئۆلىمالىرىدىن ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ بۇرۇنقى پەتىۋالىرىدا ئايال ئەگەر بەك چىرايلىق بولسا — پىتنىگە سەۋەب بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن— يۈزى بىلەن ئىككى قولىنىمۇ يۆگىشى لازىم دەپ قارايدۇ.

ھىجاب — ئايالنىڭ (اِلًاَ مَا ظَهَرَ مِنْهَا) «كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىم» دېگەن ئايەتتە يۆگەشتىن ئىستىسنا قىلىنغاندىن باشقا پۈتۈن بەدىنىنى، زىننەتلىرىنى ۋە چېچىنى يات ئەرلەردىن يۆگەپ تۇرىدىغان، گەۋدىسىنى سۈپەتلەپ بەرمەيدىغان دەرىجىدە ئازادە ۋە قېلىنراق كىيىم كىيىشى دېگەنلىكتۇر. بۇنىڭدا بارلىق ئۆلىمالار بىردەك ئىتتىپاقتۇر. ئىختىلاپ ئىستىسنادا بولۇپ، ئايالنىڭ يۈزى ۋە قولى ئەۋرەت ئەمەس دەيدىغان ئۆلىملار ئايەتتە ئىستىسنا قىلىنغان ئەزانىڭ يۈز ۋە ئىككى قول ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئايالنىڭ يۈزى ۋە قوللىرى بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن بەدىنى ئەۋرەتتۇر دەيدىغان ئۆلىمالار ئىستىنا قىلىنغان نەرسىنىڭ تاشقى كىيىم، يەنى ئابايە ياكى جىلباب ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

چۈمبەل  —  ئايالنىڭ يۈزىنى پۈتۈنلەي يۆگەپ تۇرىدىغان نەرسىنى كۆرسىتىدۇ.

ھىجابنىڭ پەرز ئىكەنلىكىدە بارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرى بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا قىلچە ئىختىلاپ يوقتۇر. ئەمما چۈمبەل مەسىلىسىدە ئۆلىمالار ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، بەزى ئۆلىمالار ئايالنىڭ سىرتقا چىققاندا ياكى يات ئەرلەر بار جايدا چۈمبەل تارتىشىنى پەرز دېسە، بەزى ئۆلىمالار پەرز ئەمەس، مۇباھ دەيدۇ. ئىختىلاپنىڭ سەۋەبى قۇرئان كەرىمدە ياكى ھەدىسلەردە ئايال يۈزىنى يۆگىسۇن دەيدىغان ئوچۇق ۋە ئېنىق دەلىل كەلمىگەنلىكى ئىدى. چۈمبەلنى پەرز دېگەنلەرمۇ، ئۇنى پەرز ئەمەس دېگەنلەرمۇ مۇسۇلمان ئايالنىڭ ھىجابلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندە، ئۇلارنىڭ ئىختىلاپى ھەققىدە توختىلىمىز:

ئايالنىڭ چۈمبەل تارتىشى (نىقابلىنىشى) پەرز دېگۈچىلەرنىڭ دەلىللىرى

1.       ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن:(وَقُلْ لِلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آَبَائِهِنَّ أَوْ آَبَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ أَبْنَائِهِنَّ أَوْ أَبْنَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي أَخَوَاتِهِنَّ أَوْ نِسَائِهِنَّ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُنَّ أَوِ التَّابِعِينَ غَيْرِ أُولِي الْإِرْبَةِ مِنَ الرِّجَالِ أَوِ الطِّفْلِ الَّذِينَ لَمْ يَظْهَرُوا عَلَى عَوْرَاتِ النِّسَاءِ وَلَا يَضْرِبْنَ بِأَرْجُلِهِنَّ لِيُعْلَمَ مَا يُخْفِينَ مِنْ زِينَتِهِنَّ وَتُوبُوا إِلَى اللَّهِ جَمِيعًا أَيُّهَا الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ) يەنى (مۇئمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، جىنسىي ئەزالىرىنى(ھارامدىن) ساقلىسۇن، كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىمدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارا قىلمىسۇن، ياغلىقلىرىنى ياقىلىرى بىلەن قوشۇپ تاڭسۇن، زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىنئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتكارلاردىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (نارەسىدە) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، يوشۇرۇن زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۇئمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار) ([1]).

   ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئايەتنىڭ (كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىم)دېگەن قىسمىنى تاشقى كىيىم ياكى جىلباب (يەنى كىيىمنىڭ ئۈستىگە كىيىۋالىدىغان كىيىم) دەپ تەپسىر قىلغان. ئاللاھ تائالا ئېچىشقا رۇخسەت قىلغان نەرسە پەقەتلا تاشقى كىيىم بولغان ئىكەن، ئايال سىرتقا چىققاندا،  پۈتۈن گەۋدىسىنى يۈزى بىلەن قوشۇپ يۆگەپ تۇرىدىغان كىيىم كىيىشى پەرزۇدر.

2.       مەزكۇر ئايەتنىڭ (وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ) يەنى (ياغلىقلىرىنى ياقىلىرى بىلەن قوشۇپ تاڭسۇن) دېگەن قىسمى ئايال سىرتقا چىققاندا بېشى بىلەن يۈزىنى يۆگەپ تۇرىدىغان ياغلىق تاقاپ چىقىشى پەرز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئائىشە رەزىيەلاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تۇنجى مۇھاجىر ئاياللارھقا ئاللاھ رەھمەت قىلغاي، ئاللاھ (ياغلىقلىرىنى ياقىلىرى بىلەن قوشۇپ تاڭسۇن) دېگەن ئايەتنى چۈشۈگەندىن كېيىن، ئۇلار كىيىملىرىنى يىرتىپ ياغلىق قىلىپ يۆگىنىۋالغان ئىدى»[2]. ئەللامە شىنقىتى بۇ ھەدىس ئايال ساھابىلەرنىڭ يۇقىرىقى ئايەتنى يۈزىنى يۆگەش دەپ چۈشەنگەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ، دېگەن.

3.       ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُلْ لِأَزْوَاجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَاءِ الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبِهِنَّ ذَلِكَ أَدْنَى أَنْ يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا﴾ يەنى﴿ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، (سىرتقا چىققاندا) پۈركەنچى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ (ئىپپەتلىك ئاياللار ئىكەنلىكى) ئوڭايلا تونۇلىدۇ _ دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾[3].

    ئەللامە ئىبنى جەرىر تەبەرىي بۇ ئايەتنىڭ ﴿پۈركەنچى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن﴾ دېگەن قىسمىنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ : «ئاللاھ مۇئمىن ئاياللارنى سىرتقا چىققاندا جىلباب بىلەن بېشىدىن باشلاپ پۈتۈن گەۋدىسىنى يۈزى بىلەن قوپشۇپ يۆگەپ، سول كۆزىنىلا ئوچۇق قويغان ھالدا چىقىشقا بۇيرۇغان دەپ تەپسىر قىلغانلىقىنى نەقىل قىلغان. تابىئىن ئۆلىمالىرى ئۇبەيدە سەلمانىي ئايەتنى: ئايال سىرتقا چىققاندا يۈزىنى ۋە بېشىنى يۆگەپ، سول كۆزىنىلا ئوچۇق قويۇپ چىقىدۇ، دەپ تەپسىر قىلغان. كۆپىنچە مۇپەسسىرلەر ئىبنى ئابباس ۋ ئۇبەيدە سەلمانىينىڭ تەپسىرىگە ئاساسلىنىپ ئايەتنى مۇشۇنداق تەپسىر قىلغان. ئەمما بۇ رىۋايەت ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئالدىنقى ئايەتتىكى (كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىم)نى ئايالنىڭ يۈزى، قولى، ئۈزۈكى، دەپ قىلغان تەپسىرىگە زىت كېلىدۇ.

4.       ﴿وَإِذَا سَأَلْتُمُوهُنَّ مَتَاعًا فَاسْأَلُوهُنَّ مِنْ وَرَاءِ حِجَابٍ ذَلِكُمْ أَطْهَرُ لِقُلُوبِكُمْ وَقُلُوبِهِنَّ﴾ يەنى﴿ سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراپ ئالماقچى بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ سوراپ ئېلىڭلار، بۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ دىللىرىڭلارنىمۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىنىمۇ ئەڭ پاك تۇتىدۇ ﴾[4].  بۇ ئايەت ئاياللار يات ئەرلەر بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئالدىدا پۈتۈنلەي يۆگىنىش پەرزلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ يۆگىنىش يۈزنى يۆگەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

5.       ئىبنى ئابباس رەزىيەرللاھۇ ئەنھۇما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئىھرام باغلىغان ئايال چۈمبەل تارتمايدۇ ۋە پەلەي كىيمەيدۇ»[5] دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. بۇ ھەدىس شۇ زامانلاردا چۈمبەل تارتىشنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ.

6.       ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن ئىھرامدىكى ۋاقتىمىزدا يېنىمىزدىن يات ئەرلەر ئۆتسە، كىيىمىزمىز بىلەن يۈزىمىزنى يۆگىۋالاتتۇق، ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئاچاتتۇق» دېگەن. بۇ ھەدىس يات ئەرلەر بار يەردە يۈزنى يېپىشنىڭ پەرزلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

7.       ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: « ئايال ئەۋرەتتۇق، ئەگەر ئۇ سىرتقا چىقسا، شەيتان ئۇنى ئەرلەرنىڭ كۆزىگە چىرايلىق كۆرسىتىدۇ» دەپ كەلگەن. بۇ ھەدىس ئايالنىڭ يۈزى بىلەن پۈتۈن گەۋدىسى ئەۋەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

چۈمبەل پەرز ئەمەس دېگۈچىلەرنىڭ دەلىللىرى

1.       يۇقىرىقى (كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىمدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارا قىلمىسۇن)[6] دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرىدە ئەللامە ئىبنى كەسىر مۇنداق دېگەن: «ئەئمەش سەئىد ئىبنى جۇبەيردىن، سەئىد ئىبنى جۇبەير ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئايەتتىكى (كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىم) نى ئايالنىڭ يۈزى، قولى، ئۈزۈكى، دەپ تەپسىر قىلغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان. ئىبنى ئۆمەر، ئاتائ، ئىكرىمە، سەئىد ئىبنى جۇبەير، ئەبۇ شەئسا، زەھھاك، ئىبراھىم نەخەئىي قاتارلىق ئۆلىملارمۇ شۇنداق تەپسىر قىلغان[7]. ئەللامە ئىبنى جەرىر تەبەرىي مۇنداق دېگەن: «(كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىم) دېگەن ئايەت ھەققىدىكى ئەڭ توغرا سۆز: ئايالنىڭ يۈزى ۋە قولىدۇر. ئۇنىڭغا يەنە ئايالنىڭ سۈرمىسى، ئۈزۈكى، بىلەيزۈكلىرى ۋە  خىناسى قاتارلىق نەرسىلىرىمۇ كىرىدۇ».

2.       (وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ) يەنى (ياغلىقلىرىنى ياقىلىرى بىلەن قوشۇپ تاڭسۇن) دېگەن ئايەتنى ئەللامە تەبەرىي ۋە قۇرتۇبى قاتارلىق مۇپەسسىرلەر: ئاياللار چېچىنى، بوينىنى، مەيدىسىنى يۆگەپ تۇرىدىغان ياغلىق تاڭسۇن، دەپ تەپسىر قىلغان. چۈنكى ياغلىق دېگەن باشنى يۆگەيدىغان نەرسە بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايەتتە (ياغلىقلىرىنى ياقىلىرى بىلەن قوشۇپ تاڭسۇن) دېگەنلىكى، يۈزىنى يۆگىسۇن دېمىگەنلىكى ناھايىتى ئوچۇقتۇر. چۈنكى ياغلىق دېگەن باشنى يۆگەيدىغان نەرسىدۇر. ھەرقانداق بىر سۆز ئالدى بىلەن ئەسلى مەنىگە دالالەت قىلىدۇ، ئەسلى مەنىدىن باشقىسى مەقسەت قىلىنغان بىرەر قەرىنە (دەلىل) تېپىلغاندىلا، ئۇنى باشقا مەنىدە قوللىنىشقا بولىدۇ. ئادەتتە ياغلىق دېيىلسە، باشنى يۆگەيدىغان نەرسە دەپ چۈشىنىلىدۇ. ئەرەب تىلىنىڭ «المعجم الوسيط» دە «خمار المرأة : ثوب تغطّي به رأْسَها» يەنى ئايالنىڭ ياغلىقى _ ئايالنىڭ بېشىنى يۆگەيدىغان نەرسىسىدۇر، دەپ كەلگەن.

3.       ﴿يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُلْ لِأَزْوَاجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَاءِ الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبِهِنَّ ذَلِكَ أَدْنَى أَنْ يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا﴾ يەنى﴿ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، (سىرتقا چىققاندا) پۈركەنچى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ (ئىپپەتلىك ئاياللار ئىكەنلىكى) ئوڭايلا تونۇلىدۇ _ دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾[8] دېگەن ئايەتنىڭ ﴿پۈركەنچى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن﴾ دېگەن قىسمىنى ئەللامە مۇھەممەد تاھىر ئاشۇر ﴿يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبِهِنَّ﴾ يەنى  ﴿پۈركەنچى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن﴾ دېگەن ئايەتنى مۇنداق تەپسىر قىلغان: «ئايەتتىكى «جَلَابِيبِ» دېگەن سۆز «جىلباب» دېگەن سۆزنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، ئادەتتىكى ياغلىقتىن چوڭراق،  پەلتودىن كىچىكرەك نەرسە بولۇپ، ئايال ئۇنى ئوڭ ۋە سول ئىككى تەرىپىگە قويۇپ بېرىپ بېشىغا ئارتىۋالىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئايالنىڭ ئىككى مۈرىسى، دۇلىسى يۆگىلىپ تۇرىدۇ، ئايال بۇنى سىرتقا چىققاندا كىيىدۇ»[9]. بۇ بىزدىكى پۈركەنجىنىڭ ئۆزىدۇر (پۈركەنجىنى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە كەڭ ياغلىق، رومال دەپ ئىزاھلىغان). بۇ ئايەتنىڭ لەۋزىدە  يۈزنى يۆگەشكە ئالاقىدار ھېچبىر ئىشارەت يوق.

ئەللامە مۇھەممەد تاھىر ئاشۇر سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «ئاياللارنىڭ پۈركەنىسى ئۇلار ياشىغان رايونلارنىڭ ئادىتىگە قاراپ ھەر خىل بولىدۇ» دېگەن. بۇنىڭدا ئابايەگە ئوخشىغان مەلۇم بىر كىيىمنى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمان ئايالىرىغا ئومۇملاشتۇرۇشقا ھېچبىر ھاجەت يوق ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان.

4.       ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «بىر كۈنى ئەسما (ئائىشەنىڭ ھەدىسى) رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆيىگە نېپىز كىيىم كىيگەن ھالدا كىرىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن يۈزىنى چۆرۈپ تۇرۇپ: ‹ئى ئەسما! قىزلار بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن،  بۇ ئىككىسىدىن باشقا ئەزالىرىنى ئوچۇق قويماسلىقى كېرەك› دەپ يۈزى بىلەن ئىككى قولىنى كۆرسەتتى» ([10]) دېگەن. بۇ ھەدىس ئايالنىڭ يۈزى بىلەن قولىنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

5.       جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارغا سەدىقە قىلىشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە ۋەز- نەسىھەت قىلىۋېتىپ ‹ئى ئاياللار! سىلەرنىڭ كۆپ سانلىقىڭلار دوزاخقا ئوتۇن بولىدۇ› دېگەندە، ئاياللارنىڭ ياخشىلىرىدىن بولغان، ئىككى مەڭزى قارا بىلەن قىزىلغا مايىل كەلگەن بىر ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ، ‹يارەسۇلۇللاھ! بۇ نېمە ئۈچۈن شۇنداق؟› دېدى...»[11]. بۇ ھەدىس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى ئاياللارنىڭ يۈزى ئوچۇق ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. چۈنكى ئايالنىڭ يۈز ئوچۇق بولمىسا ئىدى، بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچى جابىر ئۇنىڭ يۈزىنىڭ قارىغا مايىل ئىكەنلىكىنى كۆرمىگەن بولاتتى.

ئايالنىڭ ئەۋرىتى ھەققىدە بۇرۇنقى ئۆلىمالارنىڭ ئېيتقانلىرى

ئىسلام دۇنياسىدا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان تۆت فىقھىي مەزھەبنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئايالنىڭ ئەۋرىتى ھەققىدە ئىختىلاپ بار. ھەنبەلىي ۋە شافىئىي مەزھەپلىرىدىكى كۆپ سانلىق ئۆلىمالارنىڭ قارىشىچە، يات ئەرنىڭ ئالدىدا ئايالنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئەۋرەتتۇر. ئەمما ھەنەفىي ۋە مالىكى مەزھەپلىرىدە يات ئەرنىڭ ئالدىدا ئايالنىڭ يۈزى ۋە ئىككى قولىدىن باشقا بارلىق بەدىنى ئەۋرەتتۇر[12]. ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە ئايالنىڭ ئىككى پۇتنىمۇ قوشۇپ، ئۇنى ئەۋرەت ئەمەس ئەزالار قاتارىدىن سانىغان. چۈنكى ئىمام ئەزەمنىڭ نەزىرىدە، مەزكۇر ئايەتتىكى «كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىم» يۈز ۋە قولنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندەك پۇتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى بۇتمۇ ئادەتتە ئوچۇق تۇرىدىغان ئەزادۇر. دېمەك، ھەنەفىي ھەزھىپىدە، ئايال يات ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يۈزىنى، قولىنى ۋە پۇتىنى ئوچۇق قويۇپ يۈرسە گۇناھ بولمايدۇ.

ئىمام شافىئىي مۇنداق دېگەن: «ئەرنىڭ ئەۋرىتى كىندىكى بىلەن ئىككى تىزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جايلاردۇر، ئۇنىڭ كىندىكى بىلەن ئىككى تىزى ئەۋرەت سانالمايدۇ. ئايالنىڭ نامازدا يۈزى بىلەن قولىدىن باشقا پۈتۈن بەدىنىنى يۆگىشى پەرزدۇر»[13]. ئىمام شافىئىنىڭ بۇ سۆزىنى شەھلىگەن ئۆلىمالار بۇ ھۆكۈم نامازغىلا خاس ئەمەس (يەنى ئايالنىڭ يۈزى بىلەن قولى نامازدىلا ئەمەس، بەلكى ناماز سىرتىدىمۇ ئەۋرەت ئەمەستۇر) دەپ شەرھلىگەن.

 ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئايالنىڭ ھەممە ئەزاسى ئەۋرەتتۇر، ھەتتا تىرناقلىرىمۇ شۇنداق دەپ قارايدۇ. ئەمما ھەنبەلىي مەزھىپىنىڭ ئۆلىمالىرىدىن قازى ئەبۇ يەئلا: «يات ئايالنىڭ يۈزى بىلەن قولىدىن باشقا ئەزاسىغا قاراش ھارامدۇر» دېگەن.

ھەنەفى فىقھىدىكى «ھىدايە» ناملىق شانلىق ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى بۇرھانۇددىن مەرغىنانى: «ھۆر ئايالنىڭ يۈزى ۋە قولىدىن باشقا پۈتۈن بەدىنى ئەۋرەتتۇر»[14] دېگەن.

ئەللامە يەھيا ئىبنى ئابدۇللاھ بەكىر ئىمام مالىكنىڭ «مۇۋەتتەئ» ناملىق كىتابىنىڭ شەرھىدە، ئىمام مالىكنىڭ: «ئايالنىڭ يۈزى بىلەن قولى ئەۋرەت ئەمەس» دېگەن سۆزىنى نەقىل قىلغان. مالىكىي مەزھىپىنىڭ ئۆلىمالىرىدىن ئەللامە ئىبنى خەلەف باجى «ئايالنىڭ يۈزى بىلەن قولىدىن باشقا ھەممە ئەزاسى ئەۋرەتتۇر»[15] دېگەن.

ئەللامە ئىبنى ھەجەر ھەيتەمى قازى ئىيازنىڭ «ئايالنىڭ يۈزىنى يۆگەشكە مەجبۇر ئەمەسلىكىدە ۋە ئەرلەرنىڭ ئۇلارغا تىكىلىپ قارىشىنىڭ ھاراملىقىدا ئۆلىمالار بىرلىككە كەلگەن»[16] دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان. ئەللامە شەۋكانىيمۇ قازى ئىيازنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلغان»[17].

ئايالنىڭ ئەۋرىتى ھەققىدە ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرىنىڭ كۆزقاراشلىرى

ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرىدىن ئەللامە مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانىي، ئەللامە مۇھەممەد غەززالىي، ئەللامە يۈسۈپ قەرداۋى، ئەزھەر بىلىمگاھىنىڭ كۆپ سانلىق ئۆلىمالىرى، تۇنىستىكى زەيتۇنە، ماراكەشتىكى قەرۋىن جامەسىنىڭ ئۆلىمالىرى، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى كۆپ سانلىق ئولىمالار ئايالنىڭ يۈزى بىلەن قولىنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكىدە بىرلىككە كەلگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئولىمالىرى، ئەرەب قولتۇقىغا جايلاشقان دۆلەتلەردىكى ئۆلىمالار، پاكىستان ۋە ھىندىستاندىكى ئاز سانلىق ئۆلىمالار ئايالنىڭ يۈزىنى يۆگىشى پەرز دەپ قارايدۇ. ئىسلام دۇنياسىدا بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرىدىغان ئۆلىمالار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سابىق مۇپتىسى ئىبنى باز، پاكىستان ئىسلام جامائىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەبۇلئەئلا مەۋدۇدى قاتارلىقلاردۇر.

چۈمبەل پەرز ئەمەس دېگۈچىلەرنىڭ پەرز دېگۈچىلەرگە بەرگەن جاۋابى

1.       (كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىم)دېگەن ئايەتنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ «ئايالنىڭ يۈزى، قولى، ئۈزۈكى» دەپ تەپسىر قىلغانلىقى يۇقىرىدا ئۆتتى.

2.       (ياغلىقلىرىنى ياقىلىرى بىلەن قوشۇپ تاڭسۇن) دېگەن ئايەتنى ئەللامە تەبەرىي، قۇرتۇبى قاتارلىق مۇپەسسىرلەر: ئاياللار چېچىنى، بوينىنى، مەيدىسىنى يۆگەپ تۇرىدىغان ياغلىق تاڭسۇن، دەپ تەپسىر قىلغانلىقى يۇقىرىدا ئۆتتى.

3.       ﴿ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، (سىرتقا چىققاندا) پۈركەنچى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن( دېگەن ئايەتنى «ئايەتتىكى «جَلَابِيبِ» دېگەن سۆز «جىلباب» دېگەن سۆزنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، ئادەتتىكى ياغلىقتىن چوڭراق،  پەلتودىن كىچىكرەك نەرسە بولۇپ، ئايال ئۇنى ئوڭ ۋە سول ئىككى تەرىپىگە قويۇپ بېرىپ بېشىغا ئارتىۋالىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئايالنىڭ ئىككى مۈرىسى يۆگىلىپ تۇرىدۇ، ئايال بۇنى سىرتقا چىققاندا كىيىدۇ» دېگەن تەپسىرى يۇقىرىدا ئۆتتى.

4.       ( سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراپ ئالماقچى بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ سوراپ ئېلىڭلار، بۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ دىللىرىڭلارنىمۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىنىمۇ ئەڭ پاك تۇتىدۇ)  دېگەن ئايەت چۈمبەلنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە دەلىل بولالمايدۇ. چۈنكى ئاياللار ئادەتتە ئۆي ئىچىدە بولغىنىدا تولۇق يۆگىنىپ يۈرمەيدۇ، ھەتتا بەزىلىرى بېشىغا ياغلىق ياكى رومالمۇ ئارتمايدۇ، شۇڭا ئايەت ئۇلار يات ئەرلەرگە بىر نەرسە بەرمەكچى ياكى ئۇلاردىن ئالماقچى بولسا بېشىغا ياغلىق ياكى رومال ئارتماي ئۇلارغا كۆرۈنمىسۇن، دەپ تەلىم بەرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى ئۆلىمالار بۇ ئايەتنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا خاس ھۆكۈم بولۇپ، باشقا ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، دەپ قارايدۇ[18].

5.       پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئىھرام باغلىغان ئايال چۈمبەل تارتمايدۇ ۋە پەلەي كىيمەيدۇ»[19] دېگەنلىكى چۈمبەل تارتىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى دەلىللىيەلمەيدۇ. ئەسلىدە بۇ ھەدىس يۈز بىلەن قول ئەۋرەت ئەمەس دېگەنلەرنىڭ رەيىنى كۈچلەندۈرۈشكە دەلىل بولالايدۇ. چۈنكى تىكىلگەن نەرسىلەرنى كىيىش، خۇش بۇي قوللىنىش، ئوۋ ئوۋلاش دېگەندەك ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا چەكلەنمەيدىغان مۇباھ ئىشلار ھەج ياكى ئۆمرىگە ئىھرام باغلىغان كىشىلەر ئۈچۈن چەكلىنىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھېچىبىرى پەرز ياكى ۋاجىب ئىشلار ئەمەس، پەقەت ئىھرام سەۋەبى بىلەنلا چەكلەنگەن ئىشلارغا ئايلىنىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك يۈزىنى ۋە قولىنى ئوچۇق قويۇپ يۈرۈش ئادەتتە مۇباھ ئىشلار قاتارىدىن بولغانلىقتىن، ئىھرام سەۋبى بىلەن ئۇ مەنئى قىلىنغان ئىشلار قاتارىغا ئۆتۈپ قالغان.

6.       ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ «بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن ئىھرامدىكى ۋاقتىمىزدا يېنىمىزدىن يات ئەرلەر ئۆتسە، كىيىمىزمىز بىلەن يۈزىمىزنى يۆگىۋالاتتۇق، ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئاچاتتۇق» دېگەنلىكى شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى دەلىللەشكە يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى مۇھەددىسلەر بۇ ھەدىسنىڭ ۋارىلىرى ئىچىدە يەزىد ئىبنى ئەبۇ يەئلا ئىشەنچلىك ئادەم ئەمەس. ھەدىسنى سەھىھ دېگەن تەقدىردىمۇ بۇ ئائىشەنىڭ قىلغان ئىشى بولۇپ، پەرزلىك ئىپادىلىمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىلا پەرزلىكنى ئىپادىلىمىگەن يەردە، ئائىشەنىڭ قىلغان ئىشى پەرز بولۇپ قالامدۇ؟

7.             « ئايال ئەۋرەتتۇق، ئەگەر ئۇ سىرتقا چىقسا، شەيتان ئۇنى ئەرلەرنىڭ كۆزىگە چىرايلىق كۆرسىتىدۇ» دېگەن ھەدىس ئايالنىڭ پۈتۈن ئەزاسى ئەۋرەت ئىكەنلىكىنى ئەمەس، بەلكى  ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئەۋرەت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ھەدىستىن ئايالنىڭ يۈزىنى ۋە قولى ئەۋرەت دېگۈچىلەرگە دەلىل چىقمايدۇ.

8.       ئەللامە يۈسۈپ قەرداۋى مۇنداق دەپ يازغان: « چۈمبەلنىڭ پەرز ئەمەسلىكى ۋە مۇسۇلمان ئايالنىڭ يات ئەرنىڭ ئالدىدا يۈزىنى ۋە قولىنى ئېچىشىنىڭ جائىز ئىكەنلىكى ساھابىلارنىڭ زامانىدىن باشلاپ كۆپلىگەن ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئېنىق بىر مەسىلىدۇر»[20].

ئەللامە مۇھەممەد غەززالىي ۋە ئەللامە يۈسۈپ قەرداۋى قاتارلىق ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرى چۈمبەلنىڭ پەرز ئەمەسلىكى ھەققىدە مۇنداق دېگەن:

1.       (كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىمدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارا قىلمىسۇن)[21] دېگەن ئايەتتىكى )كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىم( دىن مەقسەت مۇتلەق كۆپ سانلىق ئۆلىمالارنىڭ قارىشىچە، يۈز، قول، سۈرمە، ئۈزۈك ۋە باشقا زىننەت بۇيۇملىرىدۇر.

2.       ئاللاھ تائالا ئەرلەرنى يات ئاياللارغا تىكىلىپ قارىماسلىققا بۇيرۇپ: ﴿(ئى پەيغەمبەر! مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، جىنسىي ئەزالىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ پاكلىقتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر)[22] دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قاراشتىن مەنئى قىلغان سۆزىدە: «قاراۋەرمە! بىرىنچى قېتىملىق قاراشقا ھەققىڭ بولسىمۇ، ئىككىنچى قېتىم يەنە قاراشقا ھەققىڭ يوق»[23]دېگەن. يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر ماڭا ئالتە ئىشتا كاپالەت بېرىڭلار، مەن سىلەرگە جەننەتكە كىرىشىڭلارغا كاپالەت قىلىمەن: سۆزلىگەندە راست سۆزلەڭلار، ۋەدە قىلساڭلار ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىڭلار، ئامانەت تۇتساڭلار ئۇنى ۋاقتىدا ئادا قىلىڭلار، ئەۋرىتىڭلارنى زىنادىن ساقلاڭلار، كۆزۈڭلارنى ھارامدىن ساقلاڭلار، قولۇڭلارنى يامان ئىشلاردىن ۋە ھارامدىن يىغىڭلار»([24]). ئەگەر ئاياللارنىڭ يۈزى يېپىقلىق بولسا، بۇ ئەرلەر نەگە قارايدۇ؟ مەلۇمكى، ئاياللارنىڭ يۈزى ئوچۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەرلەرنى ئۇلارغا تىكىلىپ قاراشتىن توسقان.

3.       ﴿(ئى پەيغەمبەر!) بۇنىڭدىن كېيىن يەنە خوتۇن ئېلىشىڭ، باشقا ئاياللارنىڭ ھۆسنى _ جامالى سېنى قىزىقتۇرغان تەقدىردىمۇ، بۇلارنى يەڭگۈشلىشىڭ ساڭا ھالال بولمايدۇ. پەقەت قول ئاستىڭدىكى چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر)[25] دېگەن ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا )باشقا ئاياللارنىڭ ھۆسنى _ جامالى سېنى قىزىقتۇرغان تەقدىردىمۇ...( دېگەنلىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يات ئاياللارنى كۆرۈشىنىڭ مۇمكىنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. ئەگەر ئاياللار چۈمبەللىك بولسا، ئۇلارنىڭ جامالىنى قانداق كۆرىدۇ؟

4.       پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەردىن كىمكى بىرەر ئايالنى كۆرۈپ قالسا، دەرھال ئۆزىنىڭ ئايالىغا كەلسۇن. شۇنداق قىلسا كۆڭلىدىكى شەھۋەتنى قايتۇرىدۇ»[26] دەپ كۆرسەتكەن. ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى ئاياللارنىڭ يۈزى يېپىقلىق بولسا، ئەرلەر ئۇلارنى قانداق كۆرەلەيدۇ؟ ئۇلارنىڭ چىرايىنى كۆرەلمىسە قانداق شەھۋىتى قوزغىلىپ قالىدۇ؟

5.       سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ‹يارەسۇلۇللاھ! مەن ئۆزۈمنى سىلىگە خوتۇنلۇققا ئاتاپ كەلدىم› دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا باشتىن ئاخىر قاراپ چىقىپ بېشىنى چايقىدى...»[27]. ئەگەر ئۇ ئايالنىڭ يۈزى ئوچۇق بولمىسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قانداقمۇ ئۇنىڭغا سەپ سېلىپ قارىيالىدى؟

6.       ئەللامە مۇھەممەد غەززالىي مۇنداق دېگەن: «چۈمبەل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا بار ئىدى، ئۇ چاغلاردا ئاياللارنىڭ ھېچقانداق ئەزاسى ئوچۇق تۇرمايتتى، دەپ گۇمان قىلغۇچىلارنىڭ ھېچقانداق دەلىلى يوقتۇر. چۈنكى مەن ئەڭ سەھىھ ھەدىس كىتابلىرىدىن 12 ھەدىسنى ئوقۇپ چىقتىم. بۇ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى شۇ زامانلاردا ئاياللارنىڭ يۈزى ئوچۇق ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ».

7.       چۈمبەلنى پەرز دېگۈچىلەرنىڭ كەلتۈرگەن دەلىللىرى پۇت تىرەپ تۇرالمىغاندىن كېيىن، ئۇلار «يامان نەتىجىلەردىن ساقلىنىش ئۇچۈن شۇ يامانلىققا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارنى ھارام قىلىش» دەيدىغان قائىدىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئايالنىڭ يۈزى ئەۋرەت بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ يۈزى ئوچۇق ھالەتتە سىرتقا چىقىشى ھارام – زىنا دېگەندەك يامان ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولىدۇ، دەيدۇ.

بۇنىڭغا جاۋاب بېرىمىزكى، بىر ئىشنى پەرز ياكى ۋاجىب دېيىش ئۈچۈن چوقۇم دەلىل كېرەك. يامانلىققا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دېگەن پەرەز بىلەن بىرەر نەرسىنى ھارام دېگىلى بولمايدۇ. ئىسلام قانۇنشۇناسلىق پىرىنسىپىدا «يامان نەتىجىلەرگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنى چەكلەشتە ھەددىدىن ئېشىپ كېتىش يامانلىقنى تەرغىب قىلغانغا ئوخشاشتۇر» دەيدىغان پىرىنسىپ بار»[28].

چۈمبەل پەرز ئەمەس دېگەنلىك چۈمبەل تارتىش خاتا دېگەنلىك بولمايدۇ

مۇسۇلمان ئايالنىڭ يۈزىنى ۋە قولىنى يۆگىشى پەرز ئەمەس دېگەنلىك يۆگىسە بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئاياللار قانداقلا بىر ئەھۋال ئاستىدا پىتنىدىن (يەنى يامان نىيەتلىك ئەرلەرنىڭ شەھۋىتىنى قوزغاپ قويۇشتىن) قورقسا، ئۆزىنىڭ ئىپپىتىدىن ئەنسىرىسە، ئۇلارنىڭ يۈزىنى يۆگىۋالغىنى ئەۋزەلدۇر. خۇسۇسەن، ياش قىزلارنىڭ پىتنىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يۈزىنى يۆگىۋېلىشى ئۇلار ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەللامە مۇھەممەد ئەلى سابۇنىي «ئەھكام ئايەتلىرى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئايالنىڭ يۈزى ۋە قولى ئەۋرەت ئەمەس دېگەن ئۆلىمالار يۈز بىلەن قوللاردا زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ بولماسلىقىنى ۋە پىتنىگە سەۋەب بولماسلىقىنى شەرت قىلىدۇ. ئەمما بىزنىڭ زامانىمىزغا ئوخشاش ئاياللار ياسىنىش مەقسىتىدە يۈزلىرىنى ۋە قوللىرىنى ئۇپا- ئەڭلىك بىلەن يوياپ، كوچىلاردا ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئۇنى ئاشكارا قىلىپ يۈرسە، بۇنى بارلىق ئۆلىمالارنىڭ ھارام دەيدىغانلىقىدا شەك يوق»[29]. ئاللاھ تائالادىن قورقىدىغان، ھايالىق ۋە ۋىجدانلىق خانىم-قىزلار پىتنەر بار يەردە يات ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يۈزىنى كۆرسىتىپ يۈرۈشنى ئۆزىگە راۋا كۆرمەيدۇ، ئەلۋەتتە ئۇلاردىن يۈزىنى يوشۇرۇشقا ۋە باشقا تەرەپكە قارىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. بولۇپمۇ ياش ۋە چىرايلىق ئاياللار يات ئەرلەر بار يەردە ئۇلاردىن يۈزىنى قاچۇرۇشقا تېخىمۇ بەك تىرىشىشى لازىم.

مۇسۇلمان ئايالنىڭ كىيىنىشى

بەزى ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: «كىيىم مەسىلىسى ھەربىر مىللەتنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىشتۇر. شۇڭا، مۇسۇلمان ئايال قانداقلا يەرگە بارسا، دىنىمىزدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن چەتنەپ كەتمىەسلىك شەرتى بىلەن شۇ يەردىكى كىيىنىش شەكلى بويىچە كىيىنسە ياخشى بولىدۇ. مەسىلەن: سەئۇدى ئەرەبىستاندەك ئاياللار يۈزىنى يۆگەپ يۈرىدىغان مەملىكەتلەردە ياشايدىغان ئاياللارنىڭ شۇ ئاياللارغا ئوخشاش يۈزىنى يۆگەپ يۈرۈشى، تۈركىيە ۋە مىسىردەك كۆپ سانلىق مۇسۇلمان ئاياللار ھىجابلىنىپ يۈرىدىغان مەملىكەتلەردە ياشايدىغان ئاياللارنىڭ ھىجابلىنىپ يۈرۈشى لازىم. ئەكسىچە بولغاندا ئاياللار ئەرلەرنىڭ كۆزىگە بەكرەك خېلىقىدىغان ۋە  ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئىسلام دىنىنىڭ مەقسىتىگە زىتتۇر. چۈنكى  ھىجابنىڭ پەرز بولۇشىدىكى سەۋەب مۇسۇلمان ئايالنىڭ يات ئەلەرنىڭ كۆزىگە باشقىچە كۆرۈنۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتماسلىقى ئۈچۈندۇر. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئەرلەرنىڭ شەھۋىتىنى ئۆرلىتىدىغان،  يامان ئاقىۋەتكە سەۋەب بولىدىغان ئەھۋالدىن ساقلىنىشتۇر».

([1])     نۇر سۈرىسى 31 _ ئايەت.
[2] ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى.
[3] ئەھزاب سۈرىسى: 59- ئايەت.
[4] ئەھزاب سۈرىسى:53 ئايەت.
[5] ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى.
[6] نۇر سۈرىسى: 30- ئايەت.
[7] تەپسىرى ئىبنى كەسىر، 3- توم، 284- بەت.
[8] ئەھزاب سۈرىسى: 59- ئايەت.
[9] ئەللامە مۇھەممەد تاھىر ئاشۇرنىڭ «التحرير والتنوير» ناملىق تەپسىرىدىن.
([10]) ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.
[11] ئىمام مۇسلىم، ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
[12] ئەللامە مۇھەممەد ئەلى سابۇنىينىڭ «ئەھكام ئايەتلىرى» ناملىق ئسىرى 2- توم،160- بەت.
[13] ئىمام شافىئىينىڭ «ئەل ئۇم» ناملىق ئەسىرى، 1- توم، 109- بەت.
[14] «ھىدايە» 1- توم، 258- بەت.
[15] «مۇۋەتتەئنىڭ شەرھى مۇنتەقا» 4- توم، 105- بەت.
[16] «مىنھاجنىڭ شەرھى تۇھفەتۇل مۇھتاج» 7- توم، 193- بەت.
[17] «ھازىرقى زامان پەتىۋالىرى» 2- توم، 313 – 325 بەتلەر.
[18] ئەللامە يۈسۈپ قەرداۋىنىڭ «ھازىرقى زامان پەتىۋالىرى» 2- توم، 328- بەت.
[19] ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى.
[20] «ھازىرقى زامان پەتىۋالىرى» 2- توم،313 –بەت.
[21] نۇر سۈرىسى: 30- ئايەت.
[22] نۇر سۈرىسى: 30- ئايەت.
[23] ئىمام ئەھمەد، ئىبنى ھىببان، بەيھەقى ۋە ھاكىم رىۋايىتى.
([24]) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى
[25] ئەھزاب سۈرىسى: 52- ئايەت.
[26] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[27] ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[28] «ھازىرقى زامان پەتىۋالىرى» 2- توم، 326 –331- بەتلەر.
[29] ئەللامە مۇھەممەد ئەلى سابۇنىينىڭ «ئەھكام ئايەتلىرى» ناملىق ئسىرى 2- توم،163 - بەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار