بىزدىكى ئاخىرەت ئىشەنچىسى

بىزدىكى ئاخىرەت ئىشەنچىسى

مۇھەممەد يۈسۈپ

دۇنيادا ھەركىم ئۆزىگە پايدىلىق ئىشقا قىزىقىدۇ، ئۆزىگە زىيان بولىدىغان ئىشتىن قاچىدۇ. مەسىلەن: بىرەر تىجارەتكە ئاتلانغان ئادەم ئالدى بىلەن ئۇنىڭدىن چىقىدىغان پايدىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇنى مۆلچەرلەپ كۆرىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا كىرىشىدۇ. شۇ پايدىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا جاپاغا، قىيىنچىلىققا سەۋر قىلىدۇ، چىدايدۇ. شۇڭا بۇ ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىدۇ. چۈنكى شۇنداق تىرىشمىسا كۆزلەنگەن پايدىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئېگىز بىر جايدىن سەكرىمەكچى بولغان ئادەممۇ سەكرىگەندىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ، پۇت- قولى سۇنىدىغانلىقىنى ياكى ئۆلىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ_دە، سەكرەشتىن ۋاز كېچىدۇ. 

مۇسۇلمان ئادەم ئەلۋەتتە ئەقىللىك بولىدۇ. چۈنكى ئۇ رەببىنى تونۇغان ۋە ئۆزىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك پايدا- زىيىنىنى بىلگەن ئادەمدۇر. مۇسۇلمان قىممەتلىك ئادەمدۇر. شۇڭا ئۇ دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىش، يەر يۈزىنى گۈللەندۈرۈش، ئىنسانىيەتكە ئەدلى- ئادالەتتە، گۈزەل ئەخلاقتا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئۈلگە بولۇش سالاھىيىتىگە نائىل بولغان. كاپىرلار بۇ سالاھىيەتكە نائىل بولالمىغان. مۇسۇلمان ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدىمۇ ئۇلۇغدۇر. بۇ ئورۇندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەئبىگە قاراپ تۇرۇپ: «ئى كەئبە! سەن نېمىدېگەن ئۇلۇغ، جېنىم ئىلكىدە بولغان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، مۇئمىن ئادمنىڭ جېنى ئەلۋەتتە سەندىن ئۇلۇغدۇر!» دېگەن[1].

ئەمدى، ئەنە شۇنداق ئەقىللىك ۋە ئۇلۇغ بولغان مۇسۇلماننىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى ئەلۋەتتە باشقىلاردىن پەرقلىق بولۇشى تەقەززا قىلىنىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا بىز مۇسۇلمانلاردىن ھەربىر ئىشنى قىلىشتا، ئۇنى توغرا نىيەت بىلەن قىلىشىمىزنى، ساۋابلىق ئىش قىلماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ ساۋابىنى، گۇناھقا كىرىپ قالغىلى قوپقاندا، ئۇنىڭ جازاسىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈشىمىزنى خالايدۇ. چۈنكى قىلماقچى بولغان ياخشى ئىشىنىڭ ساۋابىنى ۋە سادىر قىلماقچى بولغان ئادەم بۇ ئىشنى قېتىرقىنىپ، مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشىدۇ. شۇنىڭدەك، گۇناھنىڭ جازاسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەن ئادەم گۇناھتىن يانىدۇ. چۈنكى ئاخىرەتلىك ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلغان مۇئمىن ئادەم بۇ ئىشنى ئۆزىنىڭ ئاخىرەتتە چوقۇم ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىغا چىن قەلبىدىن ئىشەنگەنلىكتىن، خۇددى شۇ ساۋابنىڭ نەتىجىسى بولغان جەننەتنى كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ھېسسىيات بىلەن قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ساھابىدىن «بۈگۈن قانداق قوپتۇڭ؟» دەپ سورىغاندا، ساھابە: «ھەقىقىي مۇئمىنلىك ھالىتىمدە قوپتۇم» دېگەن. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئۇنىڭدىن: «ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ ھەقىقىتى بار، سېنىڭ ئىمانىڭنىڭ ھەقىقىتى نېمە؟» دەپ سورىغاندا، ساھابە: «دۇنيالىقتىن ۋاز كەچتىم، ئۇنىڭ ئالتۇنى بىلەن توپرىقى مېنىڭ نەزىرىمدە ئوخشاش بولۇپ قالدى، خۇددى مەن جەننەت ئەھلىنىڭ جەننەتتە نېمەتلىنىۋاتقانلىقىنى، دوزاخ ئەھلىنىڭ دوزاختا ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى  ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك ھالەتتىمەن»[2] دېگەن. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئۇنداقتا بۇ ھالىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن» دېگەن.  ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن جەننەت بىلەن دوزاخنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرسەممۇ ھازىرقى ئىمانىمغا ھېچ نەرسە قوشۇلمايتتى» دېگەن. چۈنكى ئۇ ئىمان دەرىجىسىدە شۇنداق كامالەتكە يەتكەنكى، بىلىش ۋە ئىشىنىش نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ نەزىرىدە ئاخىرەت بىلەن بۇ دۇنيانىڭ ھېچبىر پەرقى قالمىغان.

گۇناھ قىلغان ئادەم گۇناھنى پەقەت غەپلەتتە قالغانلىقتىنلا قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ ئادەم شۇ گۇناھنى قىلىدىغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسىغا خۇددى بۇ دۇنيادا جىنايەت سادىر قىلغان ئادەم قانۇن بويىچە جازالىنىدىغانلىقىغا ئىشەنگەندەك ئىشەنسە ئىدى، بۇ گۇناھتىن ئەلۋەتتە ۋاز كېچەتتى. تاغدىن سەكرىمەكچى بولغان ئادەم قول-پۇتى سۇنىدىغانلىقىنى ياكى ئۆلىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈرگەندەك، ئاخىرەتنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەن ئادەم گۇناھ قىلمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «زىنا قىلغۇچى مۇئمىنلىك ھالىتىدە زىنا قىلمايدۇ، ھاراقكەش مۇئمىنلىك ھالىتىدە ھاراق ئىچمەيدۇ» دېگەن[3]. بۇ ھەدىستىن شۇ مەنە چىقىدۇكى، ئىنسان بۇ گۇناھلارنى پەقەت ئىمانسىز ھالدىلا قىلىدۇ. بۇ يەردىكى ئىمانسىزلىق ئاللاھ تائالاغا ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنمىگەنلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان ئىمانسىزلىق ئەمەس، بەلكى ئاخىرەت ھاياتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشتىن غەپلەتتە قالغانلىقتىن كېلىپ چىققان ئىمانسىزلىقتۇر. گويا ئۇ ئاخىرەتنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمىغان. شۇڭا ئۇ ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ قىلىقىنى قىلغان.

مەن ئويلايمەنكى، باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشتىن، ئۇلارنىڭ ھەققىنى يېيىشتىن قورقمايدىغان ئادەممۇ ئىمانسىز ئادەمدۇر. چۈنكى گەرچە ئۇ ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىپ شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتقان، بارچە ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىۋاتقان، تەقۋا سۈپەتلىك بىرى بولسىمۇ، ئۇ ئاخىرەتتە ھېساب بېرىشتىن قورقماستىن باشقىلارغا زۇلۇم قىلغان ۋە ئۇنىڭ ھەققىنى يېگەن ئىكەن، ئۇنىڭدا ئاخىرەتكە قارىتا چىن ئىمان يوق. ئەگەر ئۇ  ئاخىرەتكە چىن ئىشەنسە، مال-دۇنيا ئېلىپ بارغىلى بولمايدىغان، پەقەتلا قۇرۇق قول بارىدىغان شۇ ئاخىرەتتە قانداق قىلارمەن دەپ ئويلىمامدۇ؟

توغرا، ئاللاھ تائالا  تەۋبە قىلغان بەندىسىنىڭ جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :«(ئى پەيغەمبەر! گۇناھ قىلىۋېرىپ) ئۆزىگە ئۇۋال قىلغان بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. چۈنكى ئاللاھ (تەۋبە قىلغان كىشى ئۈچۈن) جىمى گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»[4].

يەنە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇۋەتكىلى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا يەنە :«شەكسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ»[5] دەيدۇ.  

ئاللاھ تائالا بىراۋنىڭ ھەققىدىن ئۆتۈپ بەرمەيدۇ. ئاللاھ تائالا تەۋبە قىلسا جىمى گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىشقا ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ ھەققىدىن ئۆتۈپ بېرىشنى ۋەدە قىلمىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ مۇنداق دېمىگەن. ھەرقانداق بىر ھەقتىن ھەق ئىگىسى ئۆتمىگۈچە ئاللاھ تائالا ئۆتمەيدۇ. چۈنكى  گۇناھ – مەئسىيەتلەر ۋە جىنايەتلەر ئاللاھنىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن گۇناھ - مەئسىيەتلەر ۋە مەخلۇقاتقا قارشى ئىشلەنگەن قىلمىشلار دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئاللاھنىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن گۇناھ – مەئسىيەتلەر ئاللاھنىڭ قۇرئان كەرىم ياكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق ئىنسانلارغا بىلدۈرگەن «قىل» ۋە «قىلما» دېگەن ئەمر ـ پەرمانلىرىغا خىلاپ كېلىدىغان ھەرقانداق گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ ئىنساننى شۇنچە گۈزەل شەكىلدە يارىتىپ، ئۇنىڭغا يەر يۈزىنىڭ خوجايىنلىقىنى بەرگەننىڭ سىرتىدا، ئۇنى ھۆرمەتلەپ مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىكى قىلدى، ئۇنى تۈرلۈك ئېسىل نېمەتلەر بىلەن رىزىقلاندۇردى. بۇ سەۋەبتىنمۇ، ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەققى ئەلۋەتتە چوڭدۇر. ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەققى ئىنسانلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرـ پەرمانلىرىنى ئورۇنداپ، چەكلىگەنلىرىنى تەرك ئېتىپ، ئاللاھ ئىستىگەن رەۋىشتە ھايات كەچۈرۈشىدىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھنىڭ ئەمر- پەرمانلىرىغا قارشى ھەرقانداق بىر ئىتائەتسىزلىك ئۇنىڭ ھەققىگە قارشى گۇناھ – مەئسىيەت سادىر قىلغانلىقتۇر.

مەخلۇقاتقا قارشى ئىشلەنگەن قىلمىشلار دېگىنىمىز: ئىنسانلارنى زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچرىتىش، زۇلۇم قىلىش، ھەقلىرىنى يەۋېلىش، ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش، ئابرۇيلىرىنى تۆكۈش، ھايۋانلارنى ئازابلاش، قىيناش قاتارلىق يامانلىقلارنى ۋە جىنايەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى مۇنداق قىلىش ئىنسانلارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچرىتىلماستىن ھۇزۇر ئىچىدە ياشاشتىن ئىبارەت تەبىئىي ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغانلىق بولىدۇ. شۇنداقلا، ھايۋانلارنى ئازابلاش، قىيناش ۋە ئۇلارغا قارشى ئىشلەنگەن قانداقلا بىر يولسىزلىق ئۇلارغا زۇلۇم قىلغانلىق ۋە ھايۋانلاردىن يوللۇق پايدىلىنىش، ئۇلارغا شەپقەتلىك مۇئامىلە قىلىشتىن ئىبارەت ئىسلام پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە قارشى سادىر قىلىنغان گۇناھ ـ مەئسىيەتلەرنىڭ تەۋبىسى تۆۋەندىكى ئۈچ شەرت بىلەن قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇلار:

1. بۇرۇن قىلغان گۇناھ، يامان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلىش،

2. گۇناھ، يامان ئىشلاردىن قەتئىي قول ئۈزۈش،

3. بۇرۇن قىلغان گۇناھ، يامان ئىشلارنى قايتا قىلماسلىققا چىن ئىرادە باغلاش.

ئىنسانلارنىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن قىلمىشلار ۋە يامانلىقلارنىڭ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن يۇقىرىقى ئۈچ شەرت بىلەن بىرگە، ھەق ئىگىسىنى رازى قىلىش شەرت قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ خىلدىكى ھەق ئاللاھ تائالانىڭ ھەققى بولماستىن، ئىنسانلارنىڭ ئۆز ھەقلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار قىلمىشكارلىرىنى ئۆزلىرى كەچۈرمىگىچە ئاللاھ تائالا كەچۈرمەيدۇ ۋە تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ. مانا بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئادالىتىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ساھابىلىرىدىن: «كىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ساھابىلەر: «ھېچقانداق مال – مۈلكى بولمىغان كىشىنى قۇرۇق قول قالغۇچى كىشى، دەيمىز» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت كۈنى بىراۋ ناماز، زاكات ۋە روزا بىلەن كېلىدۇ. ئەمما ئۇ بىرىنى تىللىغان، بىرىگە تۆھمەت چاپلىغان، بىرىنىڭ مېلىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن، بىرىنى ئۇرغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى شۇلارغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ساۋابلىق ئەمەللىرى تۈگىسە، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭغا ئارتىلىدۇ. ئاندىن ئۇ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. مانا بۇ قىيامەت كۈنىدە مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچىسىدۇر»[6] دېگەن.

بىز ھەممىمىز ئاخىرەتكە ئىشىنىمىز،  ئەمما كۆپىنچىمىز ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ ئىشىنى ياكى ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغاندەك ئىش قىلىمىز. ئاخىرەت ئېتىقادىمىزدا بار، ئەمما ئەمەلىيىتىمىزدە يوق. بىزدە «قاپاقتا نېمە بولسا، تېشىغا شۇ تېپىدۇ» دەيدىغان ماقال بار. شۇڭا دەيمىزكى، ئەمەل-ئىبادەتلەرنى ئەل قاتارى قىلىپ قويىدىغان، گۇناھ قىلىشتىن قورقمايدىغان، كىشىنىڭ ھەققىدىن قورقمايدىغان، بىراۋغا ھەقسىزلىق قىلىشنىڭ جازاسىدىن قورقمايدىغان ئىنسانلار ئاخىرەتكە شەك قىلىدىغان ياكى ئىشەنمەيدىغان كىشىلەردۇر. ئاخىرەتكە ئىشەنمىگەن ياكى ئاخىرەتتىكى جازادىن قورقمايدىغان ئادەمدىن بارچە يامانلىقلارنى كۈتكىلى بولىدۇ.

[1] ئىبنى ماجە رىۋايىتى، ئەلبانى «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
[2] مەجمەئۇززەۋائىد1/57.
[3] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[4] زۇمەر سۈرىسى53-ئايەت.
[5] ھۇد سۈرىسى114-ئايەت.

 
[6] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار