بەرگەن قول ئالغان قولدىن ياخشى

     بەرگەن قول ئالغان قولدىن ياخشى

مۇھەممەد يۈسۈپ

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «بەرگەن قول ئالغان قولدىن ياخشىدۇر» دېگەن ھەدىسى تولىمۇ ھېكمەتلىك، تولىمۇ ئىخچام ۋە تولىمۇ مېغىزلىق سۆز بولۇپ،  ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئۆگىنىشىگە ۋە ئەمەل قىلىشىغا تېگىشلىك. چۈنكى مۇسۇلمان دېگەن ئىسلام بىلەن شەرەپلەنگەن ھۆرمەتلىك كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئىززىتىگە داغ تەككۈزۈشكە سەۋەب بولىدىغان ھەرقانداق ئىشتىن يىراق تۇرۇشى ۋە مەردلىك، سېخىيلىق قاتارلىق گۈزەل ئەخلاق بىلەن ئەخلاقلىنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىسلام دىنىغا مەنسۇپ بولغان ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى بۇ دىنغا لايىق قىلىشقا، باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىچارە، موھتاج، تەمەخور، ھورۇن، نان قېپى دېگەندەك ناچار سۈپەتلەر بىلەن كۆرۈنمەسللىككە ئەھمىيەت بېرىشى تولىمۇ مۇھىمدۇر. چۈنكى ئىسلامنىڭ ئىززىتى ۋە ھۆرمىتى مۇسۇلمانلار      بىلەن بولىدۇ. مۇسۇلمانلار خۇددى بۇرۇنقىدەك ئىسلامنىڭ ھۆرمىتىنى ۋە ئىززىتىنى كۆتۈرۈشكە ۋەسىلە بولغاندەك، ھازىرقىدەك ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى ۋە ئىززىتىنى چۈشۈرۈشكىمۇ سەۋەب بولىدۇ. زامانىمىزدا شۇنداق مۇسۇلمانلار باركى، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىسلامغا مەنسۇپ قىلىشقا قەتئىي لاياقەتلىك ئەمەس. چۈنكى ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك، يالغانچىلىق، تەمەخورلۇق، ئاچكۆزلۈك، سەھەتخورلۇق، ھورۇنلۇق، ۋەدىسىدە تۇرماسلىق دېگەندەك دۇنيادا قانچىلىك ناچار قىلىق بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەپسۇسكى ئاشۇلاردا تېپىلىدۇ.

      زامانىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ سانلىقى ئەمەل قىلماي كېلىۋاتقان شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ بېشىدا ھالال- ھارام مەسىلىسى كېلىدۇ. ھارام يېيىش دېگەن باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئوغرىلاپ يەۋالغاننىلا

ئىپادىلىمەيدۇ، بەلكى ئۆزىگە تېگىشلىك بولمىغاننى ئېلىش، تېنى ساق، كۈچى بار، ئۆزى ياش تۇرۇقلۇق، ئىشلەپ يېيىشنىڭ ئورنىغا باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزۈش، خەيرىيەت جەمئىيەتلىرى تارقاتقان ياردەمگە ئۆزىدىن ھەقلىق كىشىلەر بار تۇرۇقلۇق، ئۇلارغا يول قويماي ئاچكۆزلۈك قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھارام يېگەنلىكتۇر.  بەزىلەر خەيرىيەت جەمئىيەتلىرى تارقاتقان ياردەمنى ئالغان كىشى كەمبەغەلنىڭكىنى ئالمىغان تۇرسا، ئۇ قانداق ھارام يېگەن بولىدۇ؟ دەپ سورىشى مۇمكىن. دەيمىزكى، ياردەمگە تېگىشلىك بولمىغان كىشى شۇ ياردەمنى ئېلىش ئارقىلىق ياردەمگە ھەقلىق بولغان ئېھتىياج ئىگىسىنىڭ ھەققىنى يەۋالغان بولىدۇ. چۈنكى ناۋادا ئۇ كىشى ئاچكۆزلۈك قىلىپ ئالمىسا، ئۇنىڭ ئورنىغا ھەقلىق كىشى ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنداق ئەھۋالدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئادەم پۇل-مالنى نەدىن تاپتى؟ ھالالدىنمۇ، ھارامدىنمۇ؟ بۇنىڭغا ھېچ ئەھمىيەت بەرمەيدىغان بولۇپ كېتىدۇ»[1] .

ھالال- ھارامنى ئايرىماسلىقنىڭ زىيانلىرى تۆۋەندىكىچە:

1.    ھارام پۇل-مالنىڭ بەرىكىتىنى يوق قىلىۋېتىدۇ. ئاللاھ تائالا جازانە مۇئامىلىسى قىلغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ جازانىنى (بەرىكەتسىز، پايدىسىنى يوق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئارىلاشقان مالنى) توزۇتۇۋېتىدۇ، سەدىقىنى (ئۆستۈرۈپ، پايدىسىنى) زىيادە قىلىپ بېرىدۇ»[2] . ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ھارامنىڭ ئەڭ چوڭى بولغان جازانىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ھەرقانداق ھارامنىڭ بەرىكەتسىز قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2.    ھارام دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىغا توسقۇن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ئىنسانلار! ئاللاھ پاكتۇر، ئۇ پاك بولغاننىلا قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ پەيغەمبەرلەرگە مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: )ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال، پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىمەن(([3])، ئاللاھ مۇئمىنلەرگىمۇ پەيغەمبەرلەرگە بۇيرۇغاننى بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: )ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، پاك نەرسىلەردىن يەڭلار( ([4]). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاندىن مۇنداق دېگەن: «بىراۋ ئۈستى بېشىنى چاڭ توزان قاپلىغان، چاچلىرى چۇۋۇلغان قىياپەتتە ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ ‹ئى رەببىم! ئى ئىگەم!› دەپ دۇئا قىلىدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭ يېگەن ـ ئىچكەنلىرى ھارامدىن، كىيگەنلىرى ھارامدىن بولۇپ، ئۇ ھارامدىن ئوزۇقلانغان تۇرسا، قانداقمۇ ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولسۇن!؟» ([5]). بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى شۇكى، بىراۋ ئەڭ بىچارە قىياپەتتە ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلغان ۋە ئۇ شۇ ھالىتى بىلەن دۇئاسى ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ تېگىشلىك بولغان تۇرسىمۇ، ئۇ ھارامدىن ئوزۇقلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ. ساھابىلەر يېمەك – ئىچمەكلىرىنىڭ ھالالدىن بولىشىغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرەتتى، ئۇلار ھالاللىقى ياكى ھاراملىقىدا ئازراق شۈبھە بولغان نەرسىلەردىنمۇ خۇددى ئوتتىن قاچقاندەك قاچاتتى. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر كىشى تەرىپىدىن ھەدىيە قىلىنغان يېمەكنى يەپ سېلىپ، ئۇنىڭ ھالاللىقىدا شۈبھە بارلىقىنى بىلگىنىدىن كېيىن، قولىنى ئاغزىغا تىقىپ تۇرۇپ ناھايىتى تەسلىكتە ئۇنى ياندۇرۇۋەتكەنلىك قىسسىسىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ھارام يېيىشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكە يېتەرلىكتۇر.

3.    ھارام قەلبنى بۇزىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەلبنىڭ ساغلام بولۇشى يېمەك-ئىچمەكنىڭ ھالالدىن بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھالال ئېنىقتۇر، ھاراممۇ ئېنىقتۇر. لېكىن بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۈبھىلىك (يەنى ھالال ياكى ھاراملىقى ئېنىق بولمىغان) نەرسىلەرمۇ بار، كۆپ ئادەملەر بۇنى بىلمەيدۇ. كىمكى شۈبھىلىك نەرسىلەردىن ساقلانسا، ئۆزىنىڭ دىنىنى ۋە ئىپپىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. كىمكى شۈبىھىلىك ئىشلارغا چۈشۈپ قالسا، خۇددى باشقىلارنىڭ چېگراسى ئەتراپىدا قوي باققان كىشىنىڭ ئۇ چېگراغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن بولغاندەك (ھارامغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن). بىلىڭلاركى، ھەربىر پادىشاھنىڭ چېگراسى بولىدۇ، ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى چېگراسى ئۇنىڭ ھارام قىلغان ئىشلىرىدۇر. ئاگاھ بولۇڭلاركى، بەدەندە بىر پارچە گۆش بولۇپ، ئۇ تۈزەلسە بەدەننىڭ ھەممىسى تۈزىلىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا بەدەننىڭ ھەممىسى بۇزۇلىدۇ، ئۇ بولسا قەلبتۇر»([6]). ئىمام ئەھمەد دىللار نېمە بىلەن يۇمشايدۇ؟ دەپ سورالغاندا، «ھالالدىن يېيىش بىلەن»[7]  دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن.

4.    ھارام كەسىپ قىلىش ئەمەل-ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «خەيبەر ئۇرۇشى بولغان كۈنى ئارىمىزدىن بىر كىشى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى، كىشىلەر ‹پالانى شېھىت بولدى› دېيىشتى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ياق، مەن ئۇنى غەنىيمەت مېلىدىن ئوغرىلىغان بىر چاپان سەۋەبلىك دوزاختا كۆردۈم› دېدى، ئاندىن ماڭا: ‹ئى ئۆمەر! كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا، "جەننەتكە پەقەت مۇئمىن ئادەملا كىرىدۇ" دەپ ئېلان قىلغىن› دېدى، مەن كىشىلەرنى چاقىرىپ ئېلان قىلدىم»[8] .

5.    ھارام كەسىپ قىلىش ۋە ھارام يېيىش جەننەت كىرىشكە توسالغۇ بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىرەر مۇسۇلماننىڭ ھەققىنى يالغاندىن قەسەم قىلىپ ئېلىۋالىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنى دوزاخقا لايىق قىلىدۇ». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئازراق نەرسە بولسىچۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋابەن: «گەرچە دەرەخنىڭ بىرەر شېخىغا چاغلىق نەرسە بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ»[9]  دېگەن.

6.    ھارام قەبرە ئازابىغا سەۋەب بولىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «ھۇنەين ئۇرۇشى بولغان كۈنى ئالتۇن ياكى كۈمۈش ئەمەس، پەقەتلا مال، كىيىم- كېچەك دېگەندەك نەرسىلەرنى غەنىيمەت ئالغان ئىدۇق. ئۇ رىفائە ئىبنى زەيد دېگەن كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇدئىم ئىسىملىك بىر قارا تەنلىك يىگىتنى ھەدىيە قىلغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ۋادىقۇرا دېگەن جايغا بېرىپ چۈشتۇق، ئۇ چاغدا مۇدئىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈك-تاقلىرىنى چۈشۈرۈش بىلەن مەشغۇل ئىدى، توساتتىن بىر ئوق كېلىپ مۇدئىمغا تەگدى ۋە ئۆلدى. كىشىلەر ‹ئۇنىڭغا جەننەت مۇبارەك بولسۇن!› دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ‹ياق، جېنىم ئىلكىدە بولغان زاتنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ ھۇنەين ئۇرۇشىدا غەنىيمەتتىن ئوغرىلىغان بىر كىيىم سەۋەبلىك ئۇنىڭ قەبرىسى ئوتقا ئايلاندى› دېدى. ئاندىن بىر كىشى بىر ياكى ئىككى بوغقۇچنى ئېلىپ كېلىپ، ‹يارەسۇلۇللاھ! مەن بۇنى خەيبەر ئۇرۇشىدا ئالغان ئىدىم› دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ‹بىر ياكى ئىككى بوغقۇچ بولسىمۇ دوزاخقا سەۋەب بولىدۇ› دېدى»[10] .

قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە زاكات ۋە سەدىقە مۇنۇ ئايەتتە كۆرسىتىلگەن شەخسلەرگە ھالال بولىدۇ: )زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى (ئىسلامغا) مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، (قايتۇرالمايدىغان) قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، يول خىراجىتىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىرلارغا بېرىلىدۇ([11].

ھازىر ئىقتىسادىي ياردەمگە موھتاج بولۇۋاتقانلار ئاساسەن ئىككى تۈرلۈك كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار پېقىرلار بىلەن مىسكىنلەردۇر.

 پېقىر _ پۇل _ مالدا زاكات بېرىش سەۋىيىسىگە يەتمىگەن ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغان ھاجەتمەن دېگەنلىكتۇر.

مىسكىن _ ھېچقانداق مال _ مۈلۈكى بولمىغان، ھەتتا يېتىپ قوپىدىغان ئۆي _ جايىمۇ بولمىغان ھاجەتمەن دېگەنلىكتۇر. مىسكىننىڭ ئەھۋالى پېقىرنىڭكىدىن ناچار بولىدۇ.

ئاز بولسىمۇ كىرىمى بار، ئائىلىسىنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، دورا-دەرمەك، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش خىراجىتى، ئائىلىسىدىكىلەرنى داۋالىتىش قاتارلىقلارغا يەتكۈدەك مىقداردا ئىقتىسادى بار ئادەم پېقىر ياكى مىسكىن كاتىگورىيەسىگە كىرمەيدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ خەيرىيەت جەمئىيەتلىرىدىن ياكى شەخسلەردىن ياردەم ئېلىشى ھالال ئەمەس، شۇنداقلا ئۇلارغا زاكات ياكى سەدىقە بېرىش دۇرۇس بولمايدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ زاكات ياكى سەدىقە يېيىشى ھالال ئەمەس. يېمەك-ئىچمەك، كىيىم –كېچەك، دورا-دەرمەك قاتارلىق بارلىق ئېھتىياجلار ھالالدىن بولمىسا دۇئا ئىجابەت بولمايدۇ، ھەتتا ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولماسلىق خەۋپى بار. شۇڭا، تۇرمۇشتا ھالال- ھارام مەسىلىسىگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك. ھالالنىڭ ھېسابى، ھارامنىڭ ئازابى بار.

تۆۋەندىكىلەرگە ياردەم ھالال بولىدۇ:

1.    گەرچە ئۆزى ياش، كۈچى بار بولسىمۇ، ئىش تاپالمىغانلىقتىن ياكى تاپقان پۇلىنى ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجلىرىغا يەتكۈزەلمىگەنلىكتىن ۋە ياكى پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن خىراجەت تاپالمىغانلىقتىن، مەيلى خەيرىيەت جەمئىيەتلىرىدىن ياكى شەخسلەردىن بولسۇن ياردەم ئالغان كىشىلەر ھارام يېگەن سانالمايدۇ، ئۇلارغا زاكات ۋە سەدىقە ھالال بولىدۇ.

2.    گەرچە ئۆزى ياش بولسىمۇ، كېسەل ۋە باشقا سەۋەبلەردىن ئىشلەشكە قادىر بولالمىغان كىشىلەرنىڭ مەيلى خەيرىيەت جەمئىيەتلىرىدىن ياكى شەخسلەردىن ن ياردەم ئالسا ھالال بولىدۇ.

3.    ياشىنىپ قالغانلىقتىن ئىشلەشكە قادىر بولالمىغان ۋە باققۇچىسى يوق بولغانلىقتىن يوقسۇللۇق تارتىپ قالغان كىشىلەرگە زاكات ۋە سەدىقىلەرنى بېرىشكە بولىدۇ. ئۇلار قايسىبىر تەرەپتىن ياردەم ئالسا ھالال بولىدۇ.

ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن پۇل-مال سورىدىم بەردى، يەنە سورىۋىدىم يەنە بەردى، ئۈچىنچى قېتىم سورىۋىدىم يەنە بەردى. ئاندىن ماڭا مۇنداق دېدى: ‹ئى ھەكىم! پۇل-مال دېگەن ئادەمنى قىزىقتۇرىدىغان تاتلىق نەرسە، كىمكى ئۇنى تەلەپ قىلماستىن ئالسا بەرىكەت قىلىدۇ، كىمكى ئاچكۆزلۈك قىلىپ ئالسا ئۇ بەرىكەت قىلمايدۇ. بۇنداق ئادەم يەپ تۇرۇپ تويمىغان ئادەمگە ئوخشاشتۇر. بەرگەن قول ئالغان قولدىن ياخشىدۇر›. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ‹يارەسۇلۇللاھ! سىلىنى ھەق دىن بىلەن ئەۋەتكەن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلىدىن كېيىن ھېچكىمدىن بىر نەرسە ئالمايمەن› دېدىم»[12].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ۋەھيىنىڭ تەربىيەسى بىلەن تەربىيەلەنگەن زاتلار بولۇپ، مال – دۇنيا ئۇلارنىڭ يۈرىكىدە ئەمەس قولىدا، بېشىدا ئەمەس، ئاياقلىرى ئاستىدا تۇتقان ئىدى. شۇڭا ئۇلار دۇنيانىڭ بايلىقلىرىغا ئىگە بولغان  بولسىمۇ، ئۇنى ئىسلام دەۋىتىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئىززىتىنى ۋە ھۆرمىتىنى ساقلاش، كىشىلەرگە موھتاج بولماسلىق، يۈك بولۇۋالماسلىق، ئۇلارغا ئېغىرلىقىنى سالماسلىق، باشقىلارنىڭ قولىدىكىلەرنى تەمە قىلماسلىق ئاساسىدا تەربىيەلەپ چىققان بولۇپ، ئۇلار مۇشۇ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن ئۆز ۋاقتىدا دۇنيا خەلقىنىڭ ئۇستازلىرىغا ئايلانغان. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقىدىن تەسىرلىنىپ ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن.

بەزى رىۋايەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىماسلىققا ئەھدە ئالغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەۋف ئىبنى مالىك ئەل ئەشجەئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق، بىز ئۇ چاغدا توققۇز ياكى سەككىز  ۋە ياكى يەتتە كىشى ئىدۇق.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە: ‹ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە بەيئەت قىلمامسىلەر؟› دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم دېدى. بىز قوللىمىزنى ئاچتۇق، ئاندىن: ‹سىلىگە بەيئەت قىلدۇق ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىز نېمىگە بەيئەت قىلىمىز؟› دېۋىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە: ‹ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىشقا، بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشقا، ئىتائەت قىلىشقا ۋە كىشىلەردىن نەرسە سورىماسلىققا بەيئەت قىلىڭلار› دېدى. بىز شۇنىڭدىن كېيىن ئارىمىزدىن بىرەرسىمىزنىڭ قامچىسى يەرگە چۈشۈپ كەتسە ‹شۇنى ئېلىپ بېرىڭ› دېيىشتەك ئىشتىمۇ كىشىلەردىن ياردەم سورىمايدىغان بولۇپ كەتتۇق»[13].  ئىمكانقەدەر كىشىلەردىن ياردەم سورىماسلىق ۋە ھەركىم ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش ئىسلام دىنىمىز تەرغىپ قىلىدىغان گۈزەل ئەخلاق بولۇپ،  ئالغانلاردىن بەرگەنلەر ھەر زامان ھۆرمەتلىك ۋە ئىززەتلىك بولۇپ كەلگەن. قۇياش يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق بەرگەنلىكى ئۈچۈن شۇنچىلىك يېقىملىق ۋە شۇنچىلىك سۆيۈملۈكتۇر. تەبىئەت ئۆزىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى بىلەن  ئىنسانلارغا ھۇزۇر بېغىشلىغانلىقى ئۈچۈن سۆيۈلىدۇ ۋە قەدىرلىنىدۇ. ئىنسانلارمۇ ئېلىشتا ئەمەس، بېرىشتە پەزىلەت قازىنالايدۇ. تارىختىن بېرى ئالغانلارنىڭ ئەمەس، بەرگەنلەرنىڭ نامى يادلىنىپ كەلمەكتە. ۋەتەن ئۈچۈن ئىسسىق جېنىنى ۋە پۇل- مېلىنى بەرگەنلەرنىڭ ھەيكەللىرى تىكلىنىپ، ناملىرى يادلىنىپ كەلگەن. ئىنسانىيەت تارىخىدا، باشقىلارغا يۈك بولۇپ ياشىغانلارنىڭ ۋە بېرىشتە يوق، ئېلىشتا بار بولغانلارنىڭ نام –نىشانىسى تىكلەنگىنى يوق. ئەكسىچە، بەرگەنلەرنىڭ، مەردلەرنىڭ ۋە سېخىيلەرنىڭ نام-شۆھرىتى ئەسىرلەردىن بېرى خاتىرلىنىپ كەلمەكتە.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «كىمكى ئىپپەتلىك بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىدۇ، كىمكى كىشىلەردىن بىر نەرسە سوراشتىن بىھاجەت بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى بىھاجەت قىلىدۇ»[14]  دەپ كۆرسەتكەن. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالادىن باشقىسىدىن ھاجەتلىرىنى سوراشتىن بىھاجەت بولغان ۋە ئاللاھ تائالا بىلەن ئۆزىگە تايانغان كىشىلەرنى ئاللاھ تائالا ئۆز دەرگاھىدىن مۇكاپاتلايدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ، ئۇلارغا قانائەتتىن ئىبارەت تۈگىمەس بايلىقنى ئاتا قىلىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ھۆرمىتىنى ھەم ئىززىتىنى زىيادە قىلىدۇ.

[1] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
[2] بەقەرە سۈرىسى: 276- ئايەت.
([3])      مۇئمىنۇن سۈرىسى51 – ئايەت.
([4])      مائىدە سۈرىسى 88 ـ ئايەت
([5])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([6])   ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى .
[7] »مناقب الإمام أحمد» 255- بەت.
[8] ئىمام مۇسلىم ەىۋايىتى.
[9] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[10] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[11] تەۋبە سۈرىسى: 60- ئايەت.
[12] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[13] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[14] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار