ئىسلامدىن ئىلگىرىكى مەدەنىيەت ۋە دىنلار

ئىسلامدىن ئىلگىرىكى مەدەنىيەت ۋە دىنلار

بىرىنچى:  رىم ئېمپىراتورلۇقى

شەرقىي رىم ئېمپىراتورلۇقى بىزىنتىيە ئېمپىراتورلۇقى دەپ تونۇلغان بولۇپ، يۇنان، بالقان، ئاسىيا، سۈرىيە، پەلەستىن، مىسىر، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئاق دېڭىز ئەتراپىدىكى رايونلاردا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئىدى. پايتەختى قۇستىنتىنىيە(ھازىرقى ئىستانبۇل)ئىدى. بۇ ئېمپىراتورلۇق زالىم دۆلەت بولۇپ، قول ئاستىدىكى مىللەتلەرگە ئايرىمچىلىق ۋە جەۋر-زۇلۇم بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قاتمۇقات سېلىقلارنى يۈكلەيتتى. بۇ سەۋەبتىن دۆلەتتە تەشۋىشلەر ۋە قوزغىلاڭلار دېگۈدەك بولۇپ تۇراتتى. ئەمما بۇ ئېمپىراتورلۇقنىڭ ئادەملىرى ھاياتىنى ئويۇن-تاماشاغا بېرىلىش ۋە ھەددىدىن ئاشقان ئىسراپچىلىق بىلەن ئۆتكۈزەتتى.

مىسىردا دىنىي بېسىم، سىياسىي ئىستىبدات ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، بىزىنتىيە ئېپىراتورلىقى مىسىرلىقلارغا خۇددى سۈتىنى سېغىپ ئىچىپ، ھەلىپى بىلەن كارى بولمايدىغان قويغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلاتتى.

سۈرىيىدە زۇلۇم ۋە قۇل قىلىش ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، ئۇلار سۈرىيىلىكلەرنى كۈچ بىلەنلا تۇتۇپ تۇراتتى، ئۇلارغا زوراۋانلىقنىڭ ھەممە تۈرىنى قىلاتتى، سۈرىيە رىملىقلارنىڭ تەمە مەنبىئى بولۇپ قالغان، ھاكىمىيەت كۈچكىلا تايىنىپ ئىش كۆرىدىغان ياتلار ھاكىمىيىتى ئىدى. ئۇلار قول ئاستىدىكى خەلقلەرگە ھېچقانداق ھېسداشلىق قىلمايتتى. سۈرىيىلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۈستىدىكى قەرزلەرنى تۆلەش ئۈچۈن بالىلىرىنى سېتىشقا مەجبۇر بولاتتى.([1])

رىم جەمئىيىتى زىتلىقلار ۋە قالايمىقانچىلىقلار بىلەن تولغان بىر جەمئىيەت ئىدى.«مەدەنىيەتنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرى»ناملىق ئەسەردە تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنغان:  «رىملىقلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا ناھايىتى كۆپ زىددىيەتلەر بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەقلىنى دىنىي مۇتەئەسسىپلىك ئورىۋالغان بولۇپ، راھىبلىق ھەر جايدا ئومۇملاشقان، ھەتتا ئادەتتىكى ئادەملەرمۇ  چوڭقۇر دىنىي مەسىلىلەرگە ئارىلىشىدىغان، بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان، شۇنىڭ بىلەنلا مەشغۇل بولىدىغان بولۇپ كەتكەن. بۇ جەمئىيەتتىكى نورمال ھايات بىزىنتىلەرنىڭ باتىنىي مەزھىبىگە ماسلاشقان ھايات ئىدى. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلار ئويۇن-تاماشانىڭ ھەممە تۈرىگە بەكمۇ قىزىقىدىغان بولۇپ، ئىسراپچىلىقتىمۇ ھەددىدىن ئاشقان ئىدى. ھەر بىرىگە سەكسەن مىڭدىن كۆپرەك ئادەم سىغىدىغان چوڭ تەنتەربىيە مەيدانلىرى بولۇپ، رىملىقلار ئۇ يەرلەردە ئادەملەر بىلەن ئادەملەرنىڭ گاھىدا ئادەملەر بىلەن يىرتقۇچلارنىڭ چېلىشىش ئويۇنلىرىنى تاماشا قىلاتتى. ئۇلار ئويۇن مەيدانىغا كەلگەنلەرنى كۆك ۋە يېشىل ئىككى خىل رەڭلىك كىيىم بىلەن ئايرىيتتى. ئۇلار گۈزەللىكنى سۆيەتتى، قوپال ئويۇنلارغا ئاشىق ئىدى. ئۇلارنىڭ ئويۇنلىرىنىڭ كۆپرەكى قانلىق ئويۇنلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ جازالاشلىرىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئادەمنىڭ تىنى تىترەيتتى. ئۇلارنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئەخلاقسىزلىق بىلەن ئىسراپچىلىققا تولغان ئىشرەتلىك تۇرمۇش بولۇپ، بىر-بىرىنى قەستلەش ۋە ئارتۇقچە خوشامەت قىلىش، قەبىھ ئىشلار ۋە يامان ئادەتلەر بىلەن ئۆتەتتى.»([2])

ئىككىنچى:  پارىس ئېپىراتورلۇقى

پارىس ئېپىراتورلۇقى ئىراندا بولۇپ، پارىس دۆلىتى ياكى كىسرا دۆلىتى دەپ ئاتىلاتتى. ئۇ شەرقىي رىم ئېمپىراتورلۇقىدىن چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭدا زەرداشتى ۋە مانى  دىنلىرىغا ئوخشاش ئەسلىسى ئۆزگەرگەن كۆپ دىنلار بار ئىدى. مانى دىنى مانى دېگەن ئادەمگە مەنسۇب بولۇپ، ئۇنى ئۈچىنچى ئەسىردە پەيدا قىلغان. كېيىنچە بەشىنچى ئەسىرگە كەلگەندە، مۇزدەكىيە دەپ ئاتىلىدىغان بىر دىن ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ھەممە ئىشنى ھالال دەيدىغان دىن ئىدى. بۇ دىن دېھقانلارنىڭ قوزغىلاڭلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولغان. يەنە بىر تەرەپتىن ئىرانلىق ئەمەلدارلارنىڭ بولاڭچىلىقى ئەۋجىگە چىققان بولۇپ،  ئاياللارنى تۇتۇپ كېتەتتى، ئۇرۇشلاردا ئەسىرگە ئالاتتى، خەلقنىڭ پۇل-ماللىرىنى، يەر-زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋالاتتى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن يەر-زېمىنلەر، زىرائەتلەر ۋە ئىمارەتلەر خارابلىققا يۈزلەنگەن ئىدى.

پارىس ئېمپىراتورلۇقىدا تەخت ۋارىسلىق تۈزۈمى دەۋر سۈرىدىغان بولۇپ، پادىشاھلىق ئاتىدىن بالىغا قالاتتى. پادىشاھ ئائىلىسىدىكىلەر ئۆزلىرىنى ئىنسانلارنىڭ ئۈستىدە تۇتتاتتى. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىلاھلارنىڭ نەسلىدىن كەلگەن دەپ ئېتىقاد قىلاتتى. دۆلەتنىڭ پۈتۈن بايلىقى پادىشاھنىڭ مۈلكى بولۇپ، پادىشاھ ئائىلىسى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلاتتى. ئۇلار ھېسابسىز ئىسراپچىلىق بىلەن ئىش كۆرەتتى ۋە ھايۋانلاردىن بەتتەر ئەخلاقسىز ھايات سۈرەتتى. نۇرغۇنلىغان دېھقانلار ئۇلارنىڭ سېلىقلىرىدىن ۋە ئەسكەرگە تۇتىۋېلىشىدىن  قېچىپ ئىشلىرىنى تاشلاپ ئىبادەتخانىلارغا كىرىۋالاتتى. چۈنكى ئەسكەرلەر دەھشەتلىك ئۇرۇشلاردا قەدىرسىز يېقىلغۇ ئورنىدا قوللىنىلاتتى. ئىرانلىقلار بىلەن رىملىقلار ئوتتۇرىسىدا يىللارچە داۋام قىلغان ئۇرۇشلار خەقلنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت شۇ پادىشاھلارنىڭ رىغبىتى ۋە ئاچكۆزلىكى سەۋەبتىنلا بولغان.([3])

ئۈچىنچى:  ھىندى دىنى

تارىخشۇناسلارنىڭ سۆزلىرى 6-ئەسىردە ئوتتۇرىغا چىققان ھىندى دىنىنىڭ ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تەرەپلەردىن ئەڭ پەس بىر ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاقلىشىدۇ. چۈنكى ئۇلاردا يالىڭاچلىق ئومۇملاشقان بولۇپ، ئىباتخانىلىرىدىمۇ يالىڭاچ يۈرەتتى. چۈنكى يالىڭاچلىق ئۇلاردا مۇقەددەس سانالغان ئىدى. ئايالنىڭ ھېچىقانداق قىممىتى يوق بولۇپ، ئۇلارنى قوغدايدىغان ئادەتمۇ يوق ئىدى. شۇڭا ئېرى ئۆلگەن ئاياللار ئېرى بىلەن تىرىك تۇرغۇزۇپ كۆيدۈرۈلەتتى.

ھىندىستان پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدىكى تەبىقە پەرقىنىڭ چوڭلىقى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان دۆلەت. بۇ شۇ دۆلەتتە دەۋر سۈرىۋاتقان دىنىي ۋە سىياسىي قانۇننىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان پەرق ئىدى. چۈنكى ھىندىستانلىق دىن ئادەملىرىنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ھوقۇقى بار ئىدى. ئۇلار چىقارغان قانۇن ھىندىستان پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشىدا ئىجرا قىلىناتتى. ھىندىستان شۇ ۋاقىتلاردا قالايمىقانچىلىق ۋە چېچىلاڭغۇلۇق ئىچىدە بولۇپ، ئۆز ئارىسىدا قانلىق ئۇرۇشلار داۋام قىلغان خوجىلىقلار كۆپىيىپ كەتكەن. پۈتۈن ئۆرپ-ئادەتلىرىدە ۋە ئىبادەتلىرىدە رادىكاللىق بىلەن مۇتەئەسسىبلىك ۋە تەبىقە ئايرىمچىلىقى، قەبىلىۋازلىق قىلىپ قان تۆكۈش قاتارلىقلار ھۆكۈم سۈرگەن بۇ خوجىلىقلار دۇنيادا بولىۋاتقان ئىشلاردىن بىغەم ھالدا يېگانىلىق بىلەن ياشايتتى.

ھىندىستاندىكى بىر ئۇنىۋېرستېتنىڭ تارىخ ئۇستازى تارىخشۇناس ھىندۇكى ھىندىستاننىڭ ئىسلام كىرىشتىن بۇرۇنقى  ئەھۋالى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان:  «ھىندىستانلىقلار دۇنيادىن خەۋەرسىز، بېكىنمىچىلىك ھاياتىدا ياشايتتى، دۇنيادا ۋەزىيىتى ھەققىدە ھېچ نەرسە بىلمەيتتى. بۇ جاھالەت ئۇلارنىڭ مەۋقەسىنى ئاجىزلاشتۇرغان، ئۇلاردا قاتماللىق بىلەن ھەر تەرەپتىن تۆۋەنلەش ھالىتى شەكىللەنگەن. ئۇ ۋاقىتلاردا ئەدەب-ئەخلاق جانسىز بەدنگە ئوخىشاپ قالغان بولۇپ، بىناكارلىق، گۈزەل سەنئەت قاتارلىقلارمۇ شۇنداق ئىدى.»([4])

«ھىندىستان جەمئىيىتى قاتماللىقتا بىر ئىزىدا توختاپ قالغان ئىدى. ئۇ جايدىكى تەبىقە پەرقى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، بىر ئائىلە بىلەن يەنە ئائىلە ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىمچىلىق بەكمۇ قەبىھ ئىدى. تۇللار بىلەن ئۆيلىنىشكە يول قويمايتتى، يېمەك-ئىچمەك ئىشلىرىدا ئۆزلىرىگە قاتتىق تەلەب قوياتتى. ئەمما ئۇلاردىن پالانغانلار ئۆز يۇرتلىرىنىڭ سىرتىدا ياشاشقا مەجبۇر بولاتتى.»([5])

ھىندىستانلىقلار مۇنداق تۆت تەبىقىگە ئايرىلاتتى:

1. كاھىنلار ۋە دىن ئادەملىرى تەبىقىسى بولۇپ، ئۇلار«بەراھىمە»دەپ ئاتىلاتتى.

2. ھەربىي قوماندانلار بولۇپ، ئۇلار«شىترى»دەپ ئاتىلاتتى.

3. دېھقانلار ۋە سودىگەرلەر بولۇپ، ئۇلار«ۋىش»دەپ ئاتىلاتتى.

4. خىزمەتچىلەر تەبىقىسى بولۇپ، ئۇلار«شۇدر»دەپ ئاتىلاتتى ۋە ئەڭ تۆۋەن تەبىقە سانىلاتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنى يۇقىرىقى ئۈچ تەبىقە كىشىلىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان دەپ ئېتىقاد قىلاتتى.

ھىندىستان قانۇنى بەراھىمەلەرگە ئالاھىدە نوپۇز ۋە ئىمتىياز بەرگەن بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئۇلارغا تەڭ بولالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى دىن ئادەملىرى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە گۇناھسىز ئىنسانلار سانىلاتتى. بۇلاردىن بىرى قالغان ئۈچ تەبىقە ئادەملىرىنى قانچىلىك بوزەك قىلسىمۇ، ھەتتا ئۆلتۈرىۋەتسىمۇ گۇناھ بولمايتتى. دىن ئادەملىرى بىلەن كاھىنلارغا سېلىق سېلىنمايتتى، ئادەم ئۆلتۈرسە قىساس ئېلىنمايتتى. ئەمما ئەڭ تۆۋەن تەبىقە بولغان خىزمەتچىلەر تەبىقىسىدىكىلەرنىڭ پۇل-مالغا ئىگە بولۇش ياكى دىن ئادەملىرى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇش ياكى ئۇلارنىڭ قولىنى تۇتۇش ياكى دىنىي كىتابلارنى ئوقۇش ھەققى يوق ئىدى.([6])

تۆتىنچى:  دۇنيانىڭ ئىسلامدىن ئىلگىرىكى دىنىي ئەھۋالى

ئىنسانىيەت ئىسلام دىنى كېلىشتىن ئىلگىرى مەيلى دىنىي جەھەتتىن بولمىسۇن، مەيلى ئىقتىساد جەھەتتە بولمىسۇن، مەيلى ئىجتىمائىي جەھەتتىن بولمىسۇن، ھەممە جەھەتتە ئىنسانلىق تارىخىنىڭ ئەڭ تۆۋەن باسقۇچلىرىدا ھايات كەچۈرەتتى. پۈتۈن ھايات ساھەلىرىدە قالايمىقانچىلىق، خۇراپات، ئەخلاقسىزلىق ۋە جاھالەت ھۆكۈم سۈرەتتى. دىنىي تەئەسسۇبلۇق بىلەن ھاكاۋۇرلۇق جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالامەتلىرىدىن سانىلاتتى.([7])

ساماۋىي دىنلارنىڭ تەلىماتلىرىنىڭ يەڭگۈشلىنىشى، ئۆزگەرتىلىشى، بورمىلىنىشى نەتىجىسىدە بۇ دىنلار ئەھمىيىتىنى يوقاتقانلىق سەۋەبلىك بۇ دىنلار ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا چۈشۈرگەن ھەق دىنى بولۇش ئېتىبارىدىن قالغان ۋە ھايات ساھەلىرىدىكى تەسىرى پۈتۈنلەي يوقالغان. بۇ دىنلارغا كىرگۈزۈلگەن ئىنسانىي پىكىرلەر ۋە بۇزۇق تەسەۋۋۇرلار سەۋەبلىك دىندارلار  ئەقىدە نەزەرىىيىلىرى ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىشىپ، ئوتتۇرىسىدا قاتتىق ئۇرۇشلار يۈز بەرگەن. ئەقىدىسى بۇزۇلماي قالغان ئاز ساندىكى دىندارلار  بۇزۇلغان جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشتىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەنلىكتىن، ئۆزلىرىنىڭلا غېمىنى يېگەن ھالدا ئىنسانلاردىن ئايرىلىپ، خىلۋەتتە ھايات كەچۈرۈش يولىنى تاللىۋالغان.

ئەخلاقىي ۋە دىنىي تەرەپتىن بۇزۇلۇش پۈتۈن ئىنسانىيەت تۈرىنىڭ ھەممىسىدە ئومۇملاشقان، ھايات ساھەلىرىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە يېيىلغان ئىدى.

دىنىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ئىنسانلار يا دىندىن يېنىپ مۇرتەد بولغان ياكى دىنغا ھېچ كىرمىگەن ياكى ساماۋىي دىنلارنىڭ بۇزۇلىشىغا ۋە ئۆزگەرتىلىشىگە ھەسسە قوشقان.

ئەمما شەرۇئەت مەسىلىسىگە كەلسەك، ئىنسانلار ئاللاھ تائالا چۈشۈرگەن شەرىئەتتىن ئاللىبۇرۇن يۈز ئۆرۈپ بولغان ۋە ئۆز خاھىشلىرى بويىچە، ئاللاھ تائالا  رازى بولمايدىغان ۋە ئەقىل ھەم فىترەت بىلەن زىتلىشىدىغان يەرلىك  قانۇنلارنى تۈزىۋالغان.

بۇ بۇزۇلۇش ھەر مىللەت ۋە خەلقلەرنىڭ پادىشاھلىرىنى، يولباشچىلىرىنى، راھىبلىرىنى، دىن ئادەملىرىنى تامامەن يولدىن چىقاردى. دۇنيا خۇددى تۈگىمەس كېچىدەك قاپقاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالغان، ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتكەن يولىدىن بۇرۇلۇش تولۇق مەنىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان.

يەھۇدىي دىنى

يەھۇدىي دىنى قوشنا مىللەتلەرنىڭ باتىل دىنىي ئېتىقادلىرى ۋە ئۇلارىنىڭ خۇراپى ئادەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، سۈركۈلۈشكەنلىكى ۋە بارا-بارا شۇ باتىل دىنلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغانلىق سەۋەبتىن، روھسىز بىر قاتار ئىبادەت شەكىللىرىگە ئايلىنىپ قالغان. يەھۇدىي تارىخچىلىرىمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلىدۇ. يەھۇدىيلار ئېنسىكلوپېدىيىسىدە مۇنداق كەلگەن: « پەيغەمبەرلەرنىڭ بۇتلارغا چوقۇنغۇچىلارغا قاتتىق غەزەبلەنگەنلىكىنىڭ سەۋەبى بۇتلارغا  ۋە ھەر خىل ساختا ئىلاھلارغا  چوقۇنۇشنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ بابىل ئەسىرلىكى ۋە پالىنىشتىن قايتقان كۈنلىرىگە قەدەر داۋام قىلغانلىقى ئىدى. ئۇلار ھەر خىل شېرىك ۋە خۇراپى ئەقىدىلەرگە ئىشەنگەن. تەلمۇدمۇ بۇددا ئەقىدىسىنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ قەلبىدە ئالاھىدە يىلتىز تارتقانلىقىغا گۇۋاھتۇر.»([8])

يەھۇدىيلار دۇنياسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ كېلىشنىڭ ئالدىدا ئەقلىي ۋە دىنىي جەھەتتىكى بۇلغۇنۇشلارغا ئۇراپ كەلگەن ئىدى. 6-ئەسىر  يەھۇدىيلىرى ئوتتۇرىسىدا  كەڭ تارقالغان ۋە ھازىرقى يەھۇدىيلارمۇ ئەڭ مۇقەددەس بىلىپ ئېتىقاد قىلىدىغان تەلمۇد ناملىق كىتابتا، ئەقىل قوبۇل قىلمايدىغان خۇراپى سۆزلەر، ئاللاھ تائالانىڭ شەنىگە لايىق كەلمەيدىغان ئوخشىتىشلار ۋە ھەقىقەتنى ئاستى-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن جۈملىلەر مەۋجۇدتۇر.([9])

خىرىستىيان دىنى

خىرىستىيان دىنى جاھىللارنىڭ تەۋىللىرى، رادىكاللارنىڭ بورمىلىشى سەۋەبلىك ئىماننىڭ نۇرى ۋە ئاللاھ تائالاغا قىلىدىغان ئىبادەتتىكى ئىخلاس يوقۇلۇپ قېلىن بۇلۇتلارنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ قالغان بىر دىندۇر. خىرىستىيانلارنىڭ ئۆز ئارىسىدىكى ئۇرۇشلار ناھايىتى كۆپ بولغان. شامدا، ئىراقتا ۋە مىسىردا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇسسۇسىيىتى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار سەۋەبلىك چوڭ ئۇرۇشلار بولغان. خىرىستىيانلارنىڭ ئۆيلىرى، مەكتەبلىرى ۋە ئىبادەتگاھلىرى بەس-بەستە ھەربى قوماندانلىق شىتابلىرىغا ئايلىنىپ قالغان. خىرىستىيانلار جەمئىيىتىدە ھەر خىل شەكىلدىكى بۇددىسلىق ئەقىدىسى باش كۆتۈرگەن. ھازىرقى زامان ئىلمى سايىسىدىكى خىرىستىيان تارىخىدا مۇنداق كەلگەن: « بۇددىسلىق دەۋرى تۈگىگەن بىلەن، تەلتۈكۈس يوقالغىنى يوق. بەلكى بۇددىسلىق ئەقىدىسى كىشىلەرنىڭ دىلىدا ياشناپ كەلدى ۋە ھەر نەرسىدە خىرىستىيان دىنىنىڭ نامى ئاستىدا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىپ كەلدى. ساختا ئىلاھلىرىدىن ۋە يولباشچىلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرمۇ ئۈلگىلىك كىشىلىرىدىن بىرەرسىنى ئىلاھ دەرىجىسىدە ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭغا ئىلاھلىق سۈپەتلەرنى مەنسۇب قىلىپ، ئۇنىڭ ھەيكىلىنى تىكلىگەن. بۇتلارغا چوقۇنۇش ئادىتى ئەنە شۇ يول بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا تارقالغان. بۇ ئەسىر ئاخىرلاشماي تۇرۇپ ئەۋلىيالارغا ۋە ئۈلگىلىك كىشىلەرگە  چوقۇنۇش ئادىتى ئومۇلاشقان. شۇنىڭ بىلەن يېڭى بىر ئەقىدە مەيدانغا كېلىپ، "ئەۋلىيالار ئىلاھلىق سۈپەتلىرىگە ئىگىدۇر"دەيدىغان ئەقىدە كۆككە كۆتۈرۈلگەن. ئاخىرىدا، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدا، بۇ ئاتالمىش ئەۋلىيالار بىلەن ئاتالمىش ئۈلگىلىك كىشىلەر ئاللاھ بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى ۋاسىتە بولۇپ بولۇپ شەكىللەنگەن. ئەرىسىيىلىك خىرىستىيانلارنىڭ ئېتىقادىغا كۆرە، بۇ ئاتالمىش ئەۋلىيالاردا ئىلاھلىق سۈپەتلەر بولغانلىقتىن، ئۇلار ئوتتۇرا ئەسىردىكىلەرنىڭ مۇقەددەس، گۇناھسىز ۋە ئۈلگىلىك شەخسلىرىگە ئايلىنىپ قالغان. بۇددا دىنىدىكى بايرام كۈنلەرنىڭ ناملىرى يېڭى ئىسىملار بىلەن خىرىستىيان دىنىغا يۆتكىلىپ كىرىپ كەلدى. مەسىلەن: مىلادىيىنىڭ 400-يىلى بۇددا دىنىدىكى قەدىمقى قۇياش بايرىمى خىرىستىئان دىنىغا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى سۈپىتى بىلەن كىرىپ يەرلەشتى.»([10])

خىرىستىيانلارنىڭ كاتۇلىك يېڭى مەزھىبى ئېنسىكلوپېدىيىسىدە مۇنداق كەلگەن: « خىرىستىيانلار دۇنياسىدا «بىر ئىلاھ ئاتا، بالا ۋە مۇقەددەس روھتىن ئىبارەت ئۈچتىن تەركىب تاپقان» دەيدىغان ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىش ئېتىقادى يىلتىز تارتقان بولۇپ، 4-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىگە كەلگەندە بۇ ئەقىدە شەك قوبۇل قىلمايدىغان بىردىنبىر ئەقىدە سۈپىتىدە رەسمىيلەشكەن. بارچە خىرىستىيان دۇنياسى بۇ ئەقىدىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىش ئېتىقادىنىڭ تەرەققىياتىدىكى پەردە پەقەت 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىغا كەلگەندىلا ئېچىلغان بولدى.»([11])

خىرىستىيانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشلار ئاز بولمىدى. ئۇلار بىر-بىرىنى كاپىرلىققا چىقىرىش، ئۆلتۈرۈش، ئەيىبلەش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالغانلىقتىن، بۇزغۇنچىلىققا قارشى تۇرۇش، جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش، باشقا مىللەتلەرنى ئىنسانىيەت ئۈچۈن  ياخشىلىق بولىدىغان ئىشلارغا چاقىرىش قاتارلىقلارنى قىلالمىغان.([12])

مەجۇسى دىنى

مەجۇسى دىنى قەدىمقى زامانلاردىن بىرى تەبىئەر كۈچلىرىگە چوقۇنىدىغانلىقى بىلەن تونۇلۇپ كەلگەن بىر باتىل دىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ چوقۇنىدىغان ئەڭ چوڭ نەرسىسى ئوتتۇر. شۇڭا مەجۇسىلارنىڭ شەھەرلىرىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئوت ياندۇرىدىغان ئۆيلىرى كۆپ بولغان. ئۇلار ئوتقا چوقۇنۇشقا قاتتىق بېرىلىپ كەتكەن، چوڭ-چوڭ بۇدخانىلارنى ۋە ھەيكەللەرنى ياسىغان. بۇدخانىلارنىڭ ئىچىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەدەب-قائىدىلىرى بار ئىدى. ئەمما بۇدخانىلارنىڭ سىرتىدا ئۇلار ئەركىن بولۇپ، خالىغانچە يۈرەتتى، ھەتتا دىندارلىرى بىلەن دىنسىزلىرىنىڭ پەرقى يوق ئىدى.

دانىيىلىك تارىخشۇناسلاردىن بىرى مەجۇسى دىنىدىكى دىنىي رەھبەرلەر تەبىقىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى«ساسانىيلار دەۋرىدىكى ئىران»دېگەن كىتابىدا مۇنداق تەرىپلىگەن:  « دىنىي رەھبەرلەرنىڭ كۈندە تۆت قېتىم قۇياشقا چوقۇنۇشى پەرز بولۇپ، ئايغا، سۇغا ۋە ئوتقىمۇ چوقۇناتتى. ئۇلار چوقۇنغاندا مەخسۇس دۇئالارنى ئوقۇيتتى. ئۇخلىغان، ئويغانغان، يۇيۇنغان، تائام يېگەن، ئىچكەن، تۈشكۈرگەن، دىنىي قىياپەت كىگەندە، تىرناقلارنى ئالغاندا، چاچنى چۈشۈرگەندە، ئەدەب قىلغاندا، چىراق ياندۇرغاندا ئوقۇيدىغان مەخسۇس دۇئالىرى بار بولۇپ، ئوتنى ئۆچۈرمەسلىككە، ئوت بىلەن سۇنى ئارىلاشتۇرماسلىققا، مەدەننى داتلاشتۇرماسلىققا بۇيرۇلاتتى. چۈنكى مەدەنلەر ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مۇقەددەس سانىلاتتى.»([13])

ئىرانلىقلار دۇئالىرىنى ۋە ئىبادەتلىرىنى ئوتقا قاراپ تۇرۇپ قىلاتتى. ساسانىيلارنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى يەدەجرىد قۇياشقا قەسەم قىلىپ: «ئەڭ چوڭ ئىلاھ بولغان قۇياشقا قەسەمياد قىلىمەن» دېگەن ئىكەن. مەجۇسىيلار ھەر ئەرسىردە ئىككى ئىلاھقا چوقۇناتتى بۇ ئۇلارنىڭ شۇئارىغا ئايلانغان بولۇپ، بىرى نۇر ياكى ياخشىلىق ئىلاھى، يەنە بىرى زۇلمەت ياكى يامانلىق ئىلاھى دەپ ئىككى ئىلاھقا ئېتىقاد قىلاتتى.([14])

بۇددا دىنى

ھىندىستان بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا بۇددا دىنى ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇلار بارغان يەرلىرىگە بۇتلىرىنى ئېلىپ باراتتى، ھەيكەللەرنى ياسايتتى ۋە دۇددانىڭ ھەيكىلىنى ئۆزلىرىدىن ئايرىماي يۈرەتتى.([15])

بىرەھما دىنى

بىرەھما دىنى ھىندىيلارنىڭ ئەسلى دىنى بولۇپ، ئىلاھلىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن مەشھۇردۇر. مىلادىيىنىڭ6-ئەسىرىدە ئۇلار ئەۋجىگە يەتكەن. ھىندى دىنى بىلەن بۇددا دىنى ئوخشاش بۇتپەرسەلىك دىنىدۇر.

ئاتلانتىك ئوكياندىن تىنچ ئوكيانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەمىسى بۇددىسلىققا چۆكۈپ كەتكەن ئىدى. خىرىستىيانلار، يەھۇدىيلار، بۇددىسلار، ھىندىيلار بۇتلارنى ئۇلۇغلاشتا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار بىر نىشانغا قاراپ چېپىۋاتقان ئاتلارغا ئوخشاش يۈگۈرەتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنيادا جىمى ئىنسان جىنسى ئارىسىدا ۋە جىمى ساھەلەردە ئومۇملاشقان بۇ پاساتچىلىققا ئىشارەت قىلىپ  بىر خۇتبىسىدە مۇنداق دېگەن: « بىلىڭلاركى، رەببىم مېنى سىلەرگە بۈگۈن ئۇنىڭ ماڭا ئۆگەتكەنلىرىنى بىلدۈرۈشكە بۇيرىدى ۋە مۇنداق دېدى: " بەندەمگە ئاتا قىلغان مال-دۇنيانىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ھالالدۇر، مەن بەندىلىرىمنى ھەق دىنغا مايىللىقى بىلەن ياراتتىم، ئەمما شەيتانلار كېلىپ ئۇلارنى ھەق دىنىدىن يىراقلاشتۇرىۋەتتى، ئۇلارغا مەن ھالال قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى ھارام قىلۋالدى، ئۇلارنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە كۈشكۈرتتى. ھالبۇكى مەن ئۇنداق بۇيرىمىغانمەن". ئاللاھ زېمىن ئەھلىگە قارىدى ۋە ئۇلارنى جازالىدى، ئۇلارنى ئەرەب ۋە ئەجەم دەپ ئايرىمىد، پەقەت قېپقالغان ئەھلى كىتاب بۇنىڭدىن مۇستەسنا.»([16])

بۇ ھەدىس ئىنسانىيەتنىڭ ھەر  تەرەپلىمە ئازغۇنلۇقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشتىن باشلاپ، شەرىئەتتىن يۈز ئۆرۈش، ساماۋىي دىنلارنىڭ دىن ئادەملىرىنىڭ بۇزۇلىشى، ھەممىنىڭ زالالەتكە مايىللىقى قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.([17])
([1]) ئەبۇلھەسەن نەدەۋىنىڭ«سىرە نەبەۋىيە»ناملىق ئەسىرى31-32-بەتلەردىن.
([2]) ئالدىنقى مەنبەنىڭ31-بېتىدىن.
([3]) ئالدىنقى مەنبەنىڭ 32-33-بەتلىرىدىن.
([4]) ئالدىنقى مەنبە38-بەت.
([5]) ئالدىنقى مەنبە39-بەت.([6]) ئەبۇلھەسەن نەدەۋىينىڭ«سىرە نەبەۋىيە»ناملىق ئەسىرى38-بەت.
([7]) سالمان ئەۋدەنىڭ«ئاۋۋالقى غەرىبلەر»ناملىق ئەسىرى 57-بەت.
([8]) ئەبۇلھەسەن نەدەۋىينىڭ«سىرە نەبەۋىيە»ناملىق ئەسىرى20-بەت.
([9]) ئالدىنقى مەنبەنىڭ 21-بېتىدىن.
([10]) ئالدىنقى مەنبەنىڭ 21-بېتىدىن.
([11]) «خرىستىئانلارنىڭ كاتۇلىك يېڭى مەزھىبى ئېنسىكلوپېدىيىسى»14/395.
([12]) «ئەرەبلەرنىڭ مىسىرنى فەتھى قىلىشى»ناملىق ئەسەر37-38ۋە48-بەتلەر.
([13]) «ساسانىيلار دەۋرىدىكى ئىران»155-بەت.
([14]) ئالدىنقى مەنبە27-بەتتىن.
([15]) ئەبۇلھەسەن نەدەۋىينىڭ«سىرە نەبەۋىيە»ناملىق ئەسىرى28-بەت.
([16]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([17]) ئەل غەربائۇل ئەۋۋەلۇن» ناملىق ئەسەر 59-بەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار