سۇدەك ئېقىپ كېتىۋاتقان ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىمىز

سۇدەك ئېقىپ كېتىۋاتقان ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىمىز

مۇھەممەد يۈسۈپ

شەكسىزكى، بىز ھېس قىلايلى ياكى ھېس قىلمايلى، قەدرىنى بىلەيلى ياكى بىلمەيلى، سۇدەكلا ئېقىپ كېتىۋاتقان، كەينىگە قەتئىي قايتمايدىغان نەرسە بىزنىڭ ئۆمرىمىزدۇر. ئۆمرىمىز بىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىمىزدۇر. چۈنكى بىز ئاشۇ ئۆمرىمىزنى سەرپ قىلىپ، بۇ دۇنيادا نەتىجە يارىتىمىز، ئاخىرەتتە جەننەتنى قازىنىمىز.  تابىئىن ئۆلىمالىرىدىن ئەللامە ھەسەن بەسرىي مۇنداق دېگەن: «ئىنسان كۈنلەردىن تەركىپ تاپقان بىر مەۋجۇداتتۇر. ئۆتكەن ھەربىر كۈن ئۇنىڭ بىر پارچىسىنى ئېلىپ ماڭىدۇ». ئىنساننىڭ ئەسلى ۋاقىتتۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ ئۆزى بولغان ۋاقىت بىلەن قەسەم قىلىپ، ئىنساننىڭ زىيان ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. )بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ. وَالْعَصْرِ. إِنَّ الْإِنْسَانَ لَفِي خُسْرٍ ( «زامان بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئىنسان چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر». ئىنسان نېمە ئۈچۈن زىيان ئىچىدە؟ چۈنكى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىنىڭ ئۆزى ئىنساننى تۈگىتىپ ماڭىدۇ. مەيلى مۇسۇلمان ياكى كاپىر بولسۇن، مەيلى تەقۋا ياكى پاسىق بولسۇن،  ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ ھاياتىدىن ئۆتكەن ھەربىر كۈن، ھەربىر سائەت، ھەربىر مىنۇت ۋە ھەربىر سكونت ئۇنىڭ ھاياتىنى كېمەيتىپ ماڭىدۇ. ۋاقىت ئىنساننىڭ دەسمايىسى، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش پۇرسىتى، جەننەتنى قازىنىدىغان سەرمايىسى بولۇپ، ئىنساننىڭ ھاياتىدىن ئۆتكەن ھەربىر لەھزە، ھەربىر مىنۇت ۋە ھەربىر سائەت ئۇنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىپ ماڭىدۇ. چۈنكى، ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۆمرىنى بىللە ئېلىپ كېتىدۇ. مانا بۇ ھەقىقىي زىياندۇر. لېكىن ئاللاھ تائالانىڭ شەپقىتى ۋە ئىنئامى كېيىنكى ئايەتلەردە كەلگەن بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، ) إِلَّا الَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَتَوَاصَوْا بِالْحَقِّ وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْرِ( «پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر – بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان ۋە (ئۇنىڭدا) چىداملىق بولۇشنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەرلا زىيان تارتمايدۇ» دېگەن ئايەرتلەردۇر. شۇڭا ئىمام شافىئىي «‹پەقەت›دېگەن سۆزدىن كېيىنكى ئايەتلەر قۇتۇلۇشنىڭ ئامىللىرىدۇر» دېگەن. خۇددى تىجارەتتىكى ھەقىقىي زىيان تىجارەتكە سالغان دەسمايىدىن ئايرىلىپ قېلىش بولغاندەك، ئىنساننىڭ ھاياتىدىكى ھەقىقىي زىيان ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ، ئۆمرىنىڭ مەنىسىز، بىكارغا ئۆتۈپ كېتىشىدۇر.

ئالايلۇق، ئىككى قېرىنداشقا ئاتىسىدىن بىر مىليون دوللاردىن مىراس قالغان بولۇپ، بۇ ئىككى قېرىنداشنىڭ بىرى بىر مىليوننى دەسمايە قىلىپ چوڭ ئىشلارنى قىلدى ياكى شىركەت قۇرۇپ ئىشىنى چوڭايتتى، نەتىجىدە، كۆپ پايدا تاپتى، مىراس قالغان پۇلنى كۆپەيتتى-يۇ، كېمەيتمىدى. يەنە بىرى قېرىنداش ئۆزىگە تەككەن مىراس پۇلنى ئۆستۈرۈش ياكى بىرەر ئىش قىلىشنى ئويلىمىدى، پەقەت خەجلەپ تۈگەتتى. ئاخىرىدا قۇرۇق قول بولۇپ قالدى. بىزگە بېرىلگەن ئۆمۈرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، مۇشۇ ئۆمۈرنى دەسمايە قىلىپ، ئۇنى ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئۆتكۈزسەك، خۇددى سۇدەك ئېقىپ كېتىۋاتقان بۇ ئۆمرىمىز بىكارغا كەتمىگەن ۋە شۇنىڭغا لايىق پايدا تاپقان بولىمىز. ئاۋادا ئەكسىچە ئىش كۆرسەك، خۇددى بىر مىليون مىراس پۇلنى خەجلەپ تۈگىتىپ قورۇق قول قالغان قېرىنداشقا ئوخشاپ قالىمىز.

بۇ سۈرىدە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ ئامىللىرى قىلىنغان تۆت چوڭ ئەمەلنىڭ بايانى تۆۋەندىكىچە:

1. «ئىمان ئېيتىش» بۇ ئايەتتىكى ئىمان ئېيتىشتىن مەقسەت ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي ماھيىتى بويىچە تولۇق تونۇش، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا، بىرلىكىگە، ھەممىنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىگە، ئاندىن ئىمان ئېيتىشقا بۇيرۇلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە چىن ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىش دېگەنلىكتۇر. بۇ يۇقىرىقى تۆت ئامىلنىڭ ئېتىقاد قىسمى بولۇپ، ئېتىقاد دۇرۇس بولمىسا، ئەمەل- ئىبادەت قوبۇل بولمايدۇ. ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىش دېگەن ئۇنىڭغا ئىشىنىپ قويۇشلا ئەمەس، بەلكى بىلىپ ئېتىقاد قىلىش ۋە شۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلىشتۇر. شۇڭا «قۇرئان كەرىم»دە: «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىنى بىل» دەپ كۆرسىتىلگەن. دېمەك، بىلمەي ئىشىنىش ئەمەس، بەلكى بىلىپ ۋە قايىل بولۇپ ئىشىنىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

2. «ياخشى ئەمەل قىلىش» ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەرنى ۋە ئىشلارنى قىلىش، مەيلى دۇنيالىق ياكى ئاخىرەتلىك بولسۇن، ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا مەنپەئەتلىك بولغان ئىشلارنى قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئايەتتىكى «ياخشى ئەمەل» ئاللاھ تائالاغا كۆرسەتكىلى بولىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئەرزىيدىغان ئەمەل» دېگەنلىكتۇر. شۇڭا «قۇرئان كەرىم»دە: )الَّذِي خَلَقَ الْمَوْتَ وَالْحَيَاةَ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا( «ئۇ سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئۆلۈمنى ۋە ھاياتلىقنى ياراتقان زاتتۇر» دەپ كەلگەن. چۈنكى، دىنىمىزنىڭ بىزدىن تەلەپ قىلغىنى ئەمەل-ئىبادەتنى كۆپ قىلىش ئەمەس، بەلكى سۈپەتلىك قىلىشتۇر. شۇڭا بەزىدە بىرەر ياخشى نىيەت ياكى ئاددىغىنە بىرەر ياخشىلىق جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبى بولۇپ قالىدۇ. خۇددى ئالتۇن، كۈمۈش گراممىلاپ، كۆمۈر ۋە تۆمۈر قاتارلىق مەدەنلەر توننىلاپ تارتىلغاندەك، تەلەپكە لايىق قىلىنغان ھەربىر ئەمەل گەرچە ئاز بولسىمۇ قىممەتكە ئېرىشىدۇ، ئەمما سۈپەتسىز قىلىنغان كۆپ ئەمەل قانچىلىك كۆپ بولسىمۇ قەدىرسىز بولىدۇ.

3. «بىر – بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىش» كۈچىنىڭ يېتىشىچە كىشىلەرگە، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە ئىسلام دىنىمىزنىڭ ھەقىقىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنى تەۋسىيە قىلىش، يېتەكلەش ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرزدۇر. «بىر – بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىش» دېگەن سۆز ۋە دەۋەت ئارقىلىقلا بولمايدۇ، بەلكى ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىش بىلەن بولىدۇ. «ھەقنى تەۋسىيە قىلىش» دېگەننى» بۇيرۇش، تەبلىغ قىلىش، ئۆگىتىش دەپلا چۈشەنگەن ئادەم خاتالاشقان بولىدۇ. چۈنكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ تەسىرلىك تەۋسىيە ئەمەلدە قىلىپ كۆرسىتىشتۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشتا چىداملىق بولغىن» دەپ ئەمر قىلغان. چۈنكى، ئەمەلدە كۆرسىتىلمىگەن دەۋەت ياكى تەۋسىيە جانسىزدۇر.

4. «ھەق ئۈستىدە چىداملىق بولۇشنى تەۋسىيە قىلىش» ھەقىقەت يولىدا مۇستەھكەم تۇرۇش ئوڭاي ئەمەس، بۇ يولدا توسقۇنلۇقلار ۋە قىيىنچىلىقلار كۆپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۇنيا ئىمتىھان ۋە سىناق دۇنياسى بولۇپ، ئىنسان ياخشى بىلەن يامان، ھەق بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشلەردە ھەمىشە ئىمتىھان قىلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئىنسانلار ھەق يولدا مۇستەھكەم تۇرۇش ۋە سىناقلارغا قارشى چىداملىق ۋە كۈچلۈك بولۇش ئۈچۈن بىر- بىرىگە بۇنى تەۋسىيە قىلىشىشقا موھتاجدۇر. چۈنكى، ئىنسان ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرسە، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشنى ۋە ئۇنىڭدا چىداملىق بولۇشنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن باشقىلارنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.  

 

بەزى كىشىلەرنىڭ ئىككىنچى ئۆمرى بولىدۇ

ئاللاھ تائالا بارلىق ئىنسانلارغا بىرلا ئۆمۈر ئاتا قىلىدۇ. ئۇ ئۆمۈر مەيلى ئۇزۇن ياكى قىسقا بولسۇن، بىر قېتىملا بېرىلىدۇ. بەزى كىشىلەر مۇشۇ بىر قېتىملىق ئۆمرىدىن پايدىلىنىپ ئىككىنچى ئۆمرىنى يارىتالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالەمدىن ئۆتسىمۇ، ئۇلارنىڭ نام-نىشانىسى، قىلغان ياخشى خىزمەتلىرى تارىخ بەتلىرىدە، ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە پارلاپ تۇرىدۇ. مۇنداق كىشىلەر ۋاقتىنى پىلانلىق ئىشلىتىپ، پىلانلىق ئىش قىلىدۇ ۋە ئاز ۋاقىت ئىچىدە ئۇنتۇلماس كاتتا ئىشلارنى روياپقا چىقىرالايدۇ. ئىمام شافىئىي، ئىمام غەززالىي، ئىمام  نەۋەۋىي قاتارلىق ئۆلىمالار 50 يىلدىن ئاز ياشىغان. ئەمما قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرى تا قىيامەتكىچە داۋام قىلىدىغان كاتتا ئەسەرلەردىن بولۇپ قالغان. بەزى ئۆلىمالارنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرىنى ئۇلارنىڭ ئۆمرىگە سېلىشتۇرغاندا، ھەربىرى كۈنىگە 90 بەتتىن كەلگەنلىرى بار. مەلۇمكى، 90 بەتنى بىر كۈندە ئوقۇپ بولالمايدىغانلار كۆپ. ئۇلار ۋاقىتىنى قەدىرلەش ۋە ئۇنى پىلانلىق ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىككىنچى ئۆمرىنى ياراتقان كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئەكسىچە، بەزى كىشىلەر 100 ياش ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ياشايدۇ. ئەمما سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسە، ئۇلارنىڭ كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان ھېچ نەرسىسى چىقمايدۇ، تىلغا ئالغۇدەك بىر نەرسە قالدۇرالمايدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈنمۇ بىرەر ياخشى ئەمەل قىلالماي كېتىپ قالىدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار