شەيتاننىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى تەسىرى

شەيتاننىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى تەسىرى
«ئىبلىس» دېگەن ئىسىم قۇرئان كەرىمدە 11 ئورۇندا، شەيتان دېگەن ئىسىم بىرلىك ۋە كۆپلئىك لەۋزى بىلەن 88 ئورۇندا زىكىر قىلىنغان. «ئىبلىس» ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلغان، ئۇنىڭ «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغان گەدەنكەش مەخلۇققا قويۇلغان ئىسىم بولۇپ، «شەيتانلار» ئىبلىسنىڭ تەۋەلىرىدۇر. شەيتانلار ئىنسانلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرى نولۇپ، قەدىمدە ئىبلىس ئادەم ئەلەيھىسسالامغا دۈشمەن بولغان بولسا، شۇنىڭدىن كېيىن شەيتانلار ئىنسانلارنىڭ دۈشمەنلىرى بولۇپ كەلمەكتە. ئاللاھ تائالا بىزنى شەيتانلارغا ئەگەشمەسلىككە، ئۇلارنىڭ ھىلە-مىكىرلىرىگە ئالدانماسلىققا ۋە شەيتانلارنى دۈشمەن تۇتۇشقا بۇيرۇغان.

ئەرەب تىلىدا «شەيتان» دېگەن سۆز توغرا يولدىن قەستەن چىقىپ كەتكەن ئازغۇن ۋە ئادۇرغۇچىنى ئىپادىلەيدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ تەبىرى بويىچە، شەيتان ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرى، جىن شەيتان، يەنە بىرى ئادىمىي شەيتان. جىن شەيتانلار كۆرگىلى ۋە تۇتقىلى بولمايدىغان يوشۇرۇن ئازدۇرغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرغانلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئادىمىي سەيتانلارنىڭ ئاساسلىق ئىشى كىشىلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ دىنىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتكەنلىرىگە زىت كېلىدىغان ئېقىم ۋە يوللارنى پەيدا قىلىپ، كىشىلەرگە خاتانى توغرا، باتىلنى ھەقىقەت، گۇناھنى چىرايلىق قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۇنىڭغا كۈچلۈك دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. مانا بۇ ئادەم ئەۋلادى بىلەن ئىبلىسنىڭ تەۋەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي توقۇنۇش ۋە دۈشمەنلىكنىڭ سەۋەبىدۇر.

ئادىمىي شەيتانلارنىڭ ئىنسانلارغا بولغان دۈشمەنلىكى جىن شەيتانلارنىڭ دۈشمەنلىكىدىن كۈچلۈكتۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: ‹ئى ئەبۇ زەر! جىن شەيتانلارنىڭ ۋە ئادىمىي شەيتانلارنىڭ زىيانكەشلىدىن پاناھ تىلىگىن› دېگەندە، مەن ‹يارەسۇلۇللاھ! ئادىمىي سەيتانلارمۇ بارمۇ؟› دەپ سورىۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ھەئە، ئادىمىي شەيتانلار جىن شەيتانلاردىن ياماندۇر› دېدى»[1].

شەيتانلار ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىش ۋە گۇناھ، يامان ئىشلارنى ئۇلارغا چىرايلىق كۆرسىتىشتىن باشقىسىنى قىلالمايدۇ. شەيتانغا ئەگەشكەن ئىنسان خاتالىقلارنى، گۇناھ _ مەسىيەتلەرنى ۋە بارچە يامانلىقلارنى ئۆز ئىرادىسى بىلەن قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ قىلغانلىرىدىن پەقەت ئۆزىلا جاۋابكار بولىدۇ، شەيتانغا بۇلاردىن ھېچ نەرسىنى يۈكلىيەلمەيدۇ. چۈنكى ئازدۇرغان شەيتان بولسىمۇ، گۇناھنى ئىشلىگەن ئىنساننىڭ ئۆزىدۇر.

ئىسلام مەنبەلىرىدە شەيتان ھەققىدە كۆپلىگەن ھەقىقەتلەر بار. ئۇلارنىڭ قىسقىچە بايانى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى ھەقىقەت
شەيتان ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. پەقەت شەيتانغا ئەگىشىپ، ئىختىيارىي ھالدا ئۆزىنىڭ تىزگىنىنى شەيتاننىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ تائالا ئۆز ۋاقتىدا شەيتانلارنىڭ ئاتىسى ئىبلىسقا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّ عِبَادِيْ لَيْسَ لَكَ عَلَيْهِمْ سُلْطَانٌ إِلاَّ مَنِ اتَّبَعَكَ مِنَ الْغَاوِيْنَ﴾ يەنى ﴿مېنىڭ بەندىلىرىم ئۈستىدە سېنىڭ ھېچقانداق ھۆكۈمرانلىقىڭ يوق. پەقەت ئازغۇنلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا﴾([2])

شۇ سەۋەبتىن شەيتان قىيامەت كۈنى بۇ دۇنيادا ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرگە بۇ ھەقىقەتنى ئېلان قىلىدۇ ۋە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. مۇنۇ ئايەت بۇ ھەقىقەتكە ئىشارەت قىلىدۇ:

﴿وَقَالَ الشَّيْطَانُ لَمَّا قُضِيَ الأَمْرُ إِنَّ اللّهَ وَعَدَكُمْ وَعْدَ الْحَقِّ وَوَعَدتُّكُمْ فَأَخْلَفْتُكُمْ وَمَا كَانَ لِيَ عَلَيْكُم مِّنْ سُلْطَانٍ إِلاَّ أَنْ دَعَوْتُكُمْ فَاسْتَجَبْتُمْ لِيْ فَلاَ تَلُوْمُوْنِيْ وَلُومُواْ أَنْفُسَكُمْ مَّا أَنَا بِمُصْرِخِكُمْ وَمَا أَنْتُمْ بِمُصْرِخِيَّ إِنِّيْ كَفَرْتُ بِمَآ أَشْرَكْتُمُوْنِ مِنْ قَبْلُ إِنَّ الظَّالِمِيْنَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيْمٌ﴾ يەنى ﴿(ھېساب ئېلىش ئىشى ئاخىرلىشىپ) ئىش پۈتكەندە، شەيتان: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغان بىر ۋەدىنى قىلغان ئىدى، مەنمۇ سىلەرگە  ۋەدە قىلغان ئىدىم، ئەمما مەن (ۋەدەمگە) خىلاپلىق قىلدىم. زادى مېنىڭ سىلەرنى (كۇفرىغا زورلىغۇدەك) كۈچۈم يوق ئىدى. مەن پەقەت سىلەرنى دەۋەت قىلدىم، سىلەرمۇ (دەۋىتىمنى) قوبۇل قىلدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم بېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بېرىپ مېنى قۇتقۇزالمايسىلەر، مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن مېنى ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن، شۈبھىسىزكى، زالىملارغا قاقشاتقۇچى ئازاب باردۇر» دەيدۇ ﴾([3])

ئىككىنچى ھەقىقەت
شەيتاننىڭ قىلالايدىغىنى پەقەت ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭدىن كۆپرەكىگە شەيتاننىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. ئىنسان شەيتاننىڭ ئۇنى يامان ئىشلارنى قىلىشقا ۋەسۋەسە سالغانلىقىنى ئەلۋەتتە ھېس قىلىدۇ، لېكىن ئىنسان ئۆز _ ئۆزىنى بىر باھانىلەر بىلەن قاندۇرىدۇ-دە، شەيتان قىزىقتۇرغان گۇناھقا يۈزلىنىدۇ.

﴿إِنَّ الَّذِيْنَ ارْتَدُّوْا عَلَى أَدْبَارِهِمْ مِّنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ الْهُدَى الشَّيْطَانُ سَوَّلَ لَهُمْ وَأَمْلَى لَهُمْ﴾ يەنى ﴿توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن ئارقىسىغا قايتىۋالغانلارغا (ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى) شەيتان چىرايلىق كۆرسەتتى، ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى(يالغان ۋەدىلەر بىلەن) تىندۇردى﴾([4])

ئۈچىنچى ھەقىقەت
ئاللاھ تائالا ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ تۈرتكىلىرى ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن شەيتاننى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا بەلگىلىگەن.([5])

شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن قۇتۇلۇشنىڭ دىنىي چارىسى
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن قۇتۇلۇش چارىسىنى ئۆگىتىپ مۇنداق دېگەن: ﴿وَإِمَّا يَنزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللّهِ إِنَّهُ سَمِيْعٌ عَلِيْمٌ { إِنَّ الَّذِيْنَ اتَّقَواْ إِذَا مَسَّهُمْ طَائِفٌ مِّنَ الشَّيْطَانِ تَذَكَّرُواْ فَإِذَا هُمْ مُّبْصِرُوْنَ﴾ يەنى ﴿ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا، ھامان ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلىغۇچىدۇر ۋە بىلگۈچىدۇر. تەقۋادارلار شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا، ئاللاھنى ئەسلەيدۇ - دە، ھامان ھەقىقەتنى كۆرىۋالىدۇ﴾([6])[1] ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
([2]) 15- سۈرە ھىجر 42- ئايەت
([3]) 14- سۈرە ئىبراھىم 22- ئايەت
([4]) 47- سۈرە مۇھەممەد 25- ئايەت
([5]) مۇتەپەككۇر ئالىم ئابدۇراھمان ھەبەننەكە مەيدانىينىڭ «الأخلاق الإسلامية» يەنى( ئىسلام ئەخلاقى) ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.
([6]) 7- سۈرە ئەئراف 200-، 201- ئايەتلەر


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار