ھەركىم ئاڭلاپ قويۇشقا تېگىشلىك لېكسىيە

ھەركىم ئاڭلاپ قويۇشقا تېگىشلىك لېكسىيە

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئەللامە مۇھەممەد راتىب نابلىسى بىر لېكسىيەسىدە مۇنداق دەيدۇ:

«ئۆزىنى بىلگەن رەببىنى بىلىدۇ» دېگەن ھېكمەت بار. ئى ئىنسان! سەن كىم؟ يەيسەن، ئىچىسەن، ئۆيلىنىسەن، بالا تاپىسەن، ئىشلەيسەن، يەنە ھاياتلىقتا نۇرغۇن ئىشلىرىڭ بار. لېكىن سېنىڭ ھەقىقىتىڭ نېمە، سېنىڭ باشقا مەخلۇقات ئارىسىدىكى ئورنۇڭ ۋە مەرتىۋەڭ نېمە، ئەسلى ۋەزىپەڭ نېمە؟

بۇلار ئىنسان ئۆزىدىن ئۆزى سورىشى زۆرۈر بولغان چوڭ سوئاللاردۇر. بىز كۆپىنچە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىگە غەرق بولۇپ كېتىمىز. يېدۇق، ئىچتۇق، ئۆيلەندۇق، بالىلارنى تاپتۇق، ئۇلارنى چوڭ قىلدۇق، ئۇلارنىمۇ ئۆيلەندۈردۇق. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن نېمە بولماقچى؟ ئۆلگەندىن كېيىن ئىش قانداق بولىدۇ؟ قەبرىگە كىرگەندىن كېيىن قانداق ئىشلار بولىدۇ؟ ئاخىرەتتە نېمە بولماقچى؟ بۇلار ئومۇمىي سوئاللاردۇر. «ھەرقانداق زەكىي ئەقىللىق دېيىلمەيدۇ» دەيدىغان سۆز بار. چۈنكى زەكىيلىق جۇزئىي ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىدۇر. سىز  فىزىكىدا ئەڭ يۇقىرى نەتىجە قازىنىپ، ئەڭ ئالىي دوكتورلۇق دىپلومىغا ئىگە بولىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر سىز رەببىڭىزنى تونۇمىسىڭىز، سىزنى ئەقىللىق دېگىلى بولمايدۇ.  جۇزئىي ئىشلار باشقا، كۇللىي ئىشلار باشقىدۇر. كۇللىي ئىشلار سىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىڭىزنىڭ پەلسەپىسىگە ۋە سىزنىڭ كىملىكىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك ئىشتۇر. سىز كىم؟ سىز نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنياغا تۆرەلدىڭىز؟ سىز ئۆلگەندىن كېيىن نەگە بارىسىز؟ جەننەت، دوزاخ دېگەن نېمە؟ بۇ كائىناتنى كىم ياراتتى ۋە نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟ بۇلار دىننىڭ كۇللىي مەسىلىلىدۇر، سىزدىن جاۋاب تەلەپ قىلىدىغان مەسىلىلەردۇر. جۇزئىي ئىشلارغا غەرق بولۇپ كەتكۈچىلەر ئەرزىمەس نەرسىلەرگە بېرىلىپ كەتكەن بولىدۇ. ئۆلۈم كەلگەندە، ئۇ ئۆلۈم ھەممىنى يوق قىلىدۇ، ئۆلۈم بايلىقنى، يوقسۇللۇقنى، كۈچلۈكلۈكنى، ئاجىزلىقنى، گۈزەللىكنى، سەتلىكنى، زەكىيلىقنى، دېۋەڭلىكنى ۋە ھەممە نەرسىنى بىراقلا يوق قىلىۋېتىدۇ. ئۆلۈمدىن كېيىن نېمە قالىدۇ؟ ئۆلۈمدىن كېيىن پەقەتلا ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل قالىدۇ. شۇڭا ئەقىللىق كىشىلەر ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھايات ئۈچۈن ئىشلەيدۇ.

شەكسىزكى، ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا بىرىنچى دەرىجىلىك مەخلۇقاتتۇر. چۈنكى روھىي ئالەمدە ئاللاھ تائالا دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئورۇنداشتىن ئىبارەت ئامانەتنى ئاسمانلارغا ۋە زېمىنگە تەڭلىگەندە، ئۇلار قوبۇل قىلىشتىن قورقتى ۋە ئىنسان ئۇنى قوبۇل قىلدى. ئىنسان بۇ ئامانەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئەگەر سىز ئاللاھ تائالانى تونۇغان، ئۇنىڭ گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرىنى بىلگەن ۋە ئاللاھ تائالاغا چىن قەلبىڭىزدىن ئىمان ئېيتقان، ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلغان، ئۇنىڭ دىنىغا ئەگەشكەن، قانۇنلىرىغا بويسۇنغان بىرى بولسىڭىز، سىز مەڭگۈلۈك سائادەتكە تېگىشلىك بولىسىز. چۈنكى سىز مەڭگۈلۈك ھايات ئۈچۈن يارىتىلغان، ئاخىرەتتە كۆزلەر كۆرۈپ باقمىغان، قۇلاقلار ئاڭلاپ باقمىغان ۋە ھېچكىم كۆڭلىگە كەلتۈرۈپ باقمىغان ئېسىل نېمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغان جەننەتكە تېگىشلىك قىممەتلىك مەۋجۇداتسىز. سىز جەننەت ئۈچۈن يارىتىلغان. ئەمما ئۆزىنى مۇشۇ پانىي دۇنيا ئۈچۈن يارىتىلغان دەپ ئويلاپ قالغانلار ئەڭ چوڭ زىيان تارتقۇچىلاردۇر. )قُلْ إِنَّ الْخَاسِرِينَ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ وَأَهْلِيهِمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ أَلَا ذَلِكَ هُوَ الْخُسْرَانُ الْمُبِينُ( يەنى «ئېيتقىنكى، ‹ھەقىقىي زىيان تارتقۇچىلار قىيامەت كۈنى ھەم ئۆزلىرىنى ھەم ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيانغا ئۇچراتقۇچىلاردۇر. بىلىڭلاركى، بۇ ئوپئوچۇق زىيانكارلىقتۇر› »[1]. سىز دۇنياغا كېلىپ، ھەممە نەرسە دۇنيانىڭ لەززەتلىرى ۋە شەھۋەتلىرىدۇر ياكى ھەممە نەرسە مال-دۇنيادۇر ياكى مەنسەپ ۋە يۈز-ئابرۇيدۇر ۋە پەرزەنتلەردۇر، دەپ ئويلاپ قالسىڭىز، بۇ دۇنياغا تۆرەلگەنلىكىڭىزنىڭ غايىسىنى ۋە سىرىنى بىلمەستىن، بۇ دۇنيادىن كېتىپ قالسىز. شۇڭا ئوقۇش، ئۆگىنىش ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرزدۇر. بۇ خالىغاندا ئوقۇپ قويسا بولىدىغان كۆڭۈل خۇشاللىقى ئەمەس، بەلكى ئىلىم بىز نەپەس ئالىدىغان ھاۋاغا ئوخشاشتۇر.  ئەگەر بىز ئىلىمدىن نەپەس ئالمىساق ئۆلۈككە ئوخشاپ قالىمىز. ئاللاھ تائالادىن ۋە ئۇنىڭ كالامى بولغان قۇرئان كەرىمدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنى تەسۋىرلىگەن ئايەتلەرنى ئوقۇپ كۆرەيلى. )أَمْوَاتٌ غَيْرُ أَحْيَاءٍ( يەنى  «ئۇلار تىرىك ئەمەس، ئۆلۈكتۈر»[2]،  )كَأَنَّهُمْ خُشُبٌ مُسَنَّدَةٌ( يەنى «ئۇلار گويا تامغا يۆلەپ قويۇلغان ياغاچلارنىڭ ئۆزىدۇر»[3]، )إِنْ هُمْ إِلَّا كَالْأَنْعَامِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ سَبِيلًا( يەنى «ئۇلار پەقەت ھايۋانلارغا ئوخشاشتۇر، بەلكى ھايۋانلاردىنمۇ بەتتەر ئازغۇندۇر»[4]، )كَمَثَلِ الْحِمَارِ يَحْمِلُ أَسْفَارًا( يەنى «ئۇلار خۇددى كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەككە ئوخشايدۇ»[5]. قۇرئان كەرىمدە ئەقلىنى ئىشلەتمەي، ئاللاھ تائالادىن ۋە ئۇنىڭ كالامىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەر ھەققىدە كەلگەن بۇنداق ئايەتلەر كۆپ. ئوقۇش، ئۆگىنىش ھاياتتىكى قوشۇمچە ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇ سىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىڭىزغا، مەۋجۇتلۇقىڭىزنىڭ سەۋەبىگە ۋە غايىسىگە، سىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك كېلەچىكىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك نەرسىدۇر. ئىلىمنىڭ بېشى ئاللاھ تائالانى تونۇشتۇر. «ئى ئادەم بالىسى! مېنى ئىزدىسەڭ تاپىسەن، مېنى تاپساڭ، ھەممىنى تاپقان بولىسەن، ئەگەر مېنى تاپالمىساڭ، ھېچ نەرسىنى تاپالمىغان بولىسەن، مەن ساڭا ھەممىدىن سۆيۈملۈكمەن». ئىنسان بارچە مەخلۇقات ئىچىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مەخلۇقاتتۇر. بۇنىڭ دەلىلى شۇكى، ) إِنَّ الَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ أُولَئِكَ هُمْ خَيْرُ الْبَرِيَّةِ( يەنى «شەكسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار _ ئەنە شۇلار مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر».[6] يەنى ئىمان ئېيتقان ۋە شۇ ئىمانىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بارچە مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر، ئۇلار پەرىشتىلەردىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ئەكسىچە، )إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ وَالْمُشْرِكِينَ فِي نَارِ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا أُولَئِكَ هُمْ شَرُّ الْبَرِيَّةِ( يەنى « شەكىسىزكى، ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كاپىرلار دوزاخ ئوتىدا بولىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئەنە شۇلار مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر». يەنى ئاللاھ تائالانى تونۇغانلار پەرىشتىلەردىن ئۈستۈن بولسا، ئاللاھ تائالانى تونۇمىغانلار ھايۋانلاردىنمۇ تۆۋەندۇر. ئىلىم ھاۋاغا ئوخشاش زۆرۈدۇر. سىز ئىمان بىلەنلا ھەقىقىي تىرىك ھېسابلىنىسىز، ئەگەر ئىمانىڭىز بولمىسا، سىز ئۆلۈكنىڭ ئورنىدا بولۇپ قالىسىز. ئۆلۈپ قەبرىگە كىرگەنلەر ئۆلۈك ئەمەس، ھەقىقىي ئۆلۈك تىرىكلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئۆلۈكلەردۇر. ئىنسان — ئىدراك قىلىدىغان ئەقىل، سۆيىدىغان قەلب ۋە ھەرىكەت قىلىدىغان بەدەندۇر. ئەقىلنىڭ غىزاسى ئىلىم، قەلبنىڭ غىزاسى مۇھەببەت، بەدەننىڭ غىزاسى تائامدۇر. ئەگەر سىز ئەقلىڭىزنى ئىلىم بىلەن غىزالاندۇرسىڭىز، ھەقىقەتنى ئىزدىسىڭىز، ھاياتلىقنىڭ ھەقىقەتلىرى ئۈستىدە ئىزدەنسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ سىرى، سەۋەبى، غايىسى، ئاخىر قايتىدىغان يېرىڭىز، ئاخىرەتتىكى جەننەت ۋە دوزاخ ھەققىدە ئىزدەنسىڭىز، سىز بۇ دۇنيادا مەۋجۇت بولغانلىقىڭىزنىڭ سىرىنى بىلگەن، مەۋجۇتلۇقىڭىزنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىسىز. ئەگەر سىز بۇ ئىشلاردىن غەپلەتتە ھايات كەچۈرسىڭىز، باشقا جانلىقلارغا ئوخشاشلا ياشىغان ۋە ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان چوڭ زىيانغا ئۇچرايسىز.

ئىنسان دېمەك، ئىدراك قىلىدىغان ئەقىل بولۇپ، ئۇنىڭ غىزاسى ئىلىمدۇر. ئۇ سۆيىدىغان قەلب بولۇپ، ئۇنىڭ غىزاسى مۇھەببەتتۇر. ئۇ ھەرىكەت قىلىدىغان بەدەن بولۇپ، ئۇنىڭ غىزاسى يېمەك- ئىچمەكتۇر. سىز كۈنلەردىن تەركىب تاپقان بىر مەۋجۇدات بولۇپ، ھاياتىڭىزدىن ئۆتۈپ كەتكەن ھەربىر كۈن سىزنىڭ ۋۇجۇدىڭىزدىن ئايرىلغان بىر پارچىدۇر. دېمەك، سىز  ۋاقىتنىڭ ئۆزىسىز. ئاللاھ تائالا ۋاقىت يەنى زامان بىلەن قەسەم قىلىپ دەيدۇكى، ) وَالْعَصْرِ. إِنَّ الْإِنْسَانَ لَفِي خُسْرٍ. إِلَّا الَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَتَوَاصَوْا بِالْحَقِّ وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْرِ( يەنى «زامان بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، زامان بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئىنسان چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر. پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر – بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان ۋە (ئۇنىڭدا) چىداملىق بولۇشنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەرلا زىيان تارتمايدۇ»[7]. يەنى ئىنسان چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر. چۈنكى مەيلى سىز مۇئمىن بولۇڭ ياكى كاپىر بولۇڭ، ۋاقىتنىڭ زايە بولغانلىقىنىڭ ئۆزى زىياندۇر. ئۆمرىڭىزدىن ئۆتۈپ كەتكەن ھەربىر كۈن، ھەربىر سائەت ۋە ھەربىر لەھزە سىز ئۈچۈن يوقىتىشتۇر. ئۇنى ئۆزىڭىزگە ۋە باشقىلارغا پايدىلىق بولغان ئىشلار ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن بولسىڭىز، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىسىز. ئەگەر مەنىسىز ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولسىڭىز چوقۇم پۇشايمان قىلىسىز.

مەيلى ئون يىل ياشاڭ ياكى يىگىرمە يىل، ئوتتۇز يىل، قىرىق يىل، ئەللىك يىل، ئاتمىش يىل، يەتمىش يىل، سەكسەن يىل، توقسەن يىل، مەيلى يۈز يىلمۇ ياشىدىڭىز دەيلى، بىر كۈنى ئۆلۈم سىزنى چوقۇم تاپىدۇ. ئۇ چاغدا سىز ئۆلمەيمەن دېيەلەمسىز؟ ئۆلۈم كەلگەن چاغدا سىز ئىگە بولغان ھەممە نەرسە نۆلگە ئايلىنىدۇ، يەنى قولىڭىزدىن چىقىپ كېتىدۇ. بىز ئۆلۈم ئۈچۈن قانچىلىك تەييارلىق قىلدۇق، ئۆلۈمدىن كېيىنكى مەڭگۈلۈك ھايات ئۈچۈن نېمىلەرنى ھازىرلىدۇق؟ ئەقىل بۇ يەردە ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. كۆپ مال-دۇنياغا ئېرىشكەنلىك، دۇنيانىڭ لەززەتلىرىدىن كۆپ ھۇزۇرلانغانلىق، جەمئىيەتتە قالتىس ئادەم بولغانلىق ۋە ئالاھىدە يۈز- ئابرۇي قازانغانلىق ئەقىلدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەقىللىق ئادەم ئۆزىنىڭ كېلەچىكىنى ئويلايدۇ، ئاخىرەتلىكىنىڭ قانداق بولۇشىنى ئويلايدۇ.

يۈرەك ھەرىكەتتىن توختىغان چاغدا، ھەممە تۈگەيدۇ. گەرچە ئادەم دۇنياغا كېلىپ، ئوقۇپ بىلىم ئېلىپ، ئەڭ ئالىي دىپلوملارغا ئېرىشكەن، يىللارچە تىرىشىش ۋە ھارماي ئىشلەش نەتىجىسىدە ھېسابىسز بايلىققا، يۇقىرى ئابرۇيغا ۋە ئىجتىمائىي ئالىي ئورۇنغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۆلۈم ئۇنى نۆلگە قايتۇرىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ تاپقانلىرى ۋە ئېرىشكەنلىرى بىر لەھزىنىڭ ئىچىدە يوققا چىقىدۇ. ئەمما ئاللاھ تائالانى تونۇغان ۋە ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان مۇئمىن ئادەمنىڭ ئەھۋالى باشقىچە بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىن ئايرىلغانلىقى نېمەتتىن ئايرىلغانلىقى ئەمەس، بەلكى بىر نېمەتتىن يەنە بىر نېمەتكە يۆتكەلگەنلىكىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «ئى ئاللاھ! مەن ئۈچۈن دۇنيا نېمىتىنى ئاخىرەت نېمىتىگە ئۇلاپ بەرگىن» دەپ دۇئا قىلاتتى. بەزى مۇپەسسىرلەر )وَلِمَنْ خَافَ مَقَامَ رَبِّهِ جَنَّتَانِ( يەنى «رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) تۇرۇشتىن قورققان ئادەمگە ئىككى جەننەت بار»[8] دېگەن ئايەتنى بۇ دۇنيادا بىر جەننەت، ئاخىرەتتە بىر جەننەت دەپ تەپسىر قىلىدۇ. بۇ دۇنيادىكى جەننەت بەزى ئۆلىمالارنىڭ تەبىرى بويىچە ئاللاھقا بولغان يېقىنلىقتۇر. شۇڭا، ئۆلىمالاردىن بىرى «جەننىتىم قەلبىمدىدۇر، پالانغانلىقىم مېنىڭ ساياھىتىمدۇر، تۈرمىگە تاشلانغانلىقىم مەن ئۈچۈن خىلۋەتتۇر، ئۆلتۈرۈلسەم، شەھىتلىقتۇر» دېگەن ئىكەن. سىزنىڭ ئاللاھ تائالانى تونۇغانلىقىڭىزنىڭ ئۆزى ھاياتىڭىزدا ۋە ئۆلگىنىڭىزدە، بايلىقىڭىزدا ۋە يوقسۇللۇقىڭىزدا، ساقلىقىڭىزدا ۋە كېسەللىكىڭىزدە، شۇنداقلا ھەممە ھالىتىڭىزدا ئەڭ بەختلىك ئىنسان بولۇشىڭىزغا يېتەرلىكتۇر. چۈنكى ئىمان بەخت-سائادەتنىڭ كېپىلىدۇر.

 



[1] زۇمەر سۈرىسى: 15- ئايەت.
[2] نەھل سۈرىسى: 21- ئايەت.
[3] مۇنافىقۇن سۈرىسى: 4- ئايەت.
[4] فۇرقان سۈرىسى: 44- ئايەت.
[5] جۇمۇئە سۈرىسى: 5- ئايەت.
[6] بەييىنە سۈرىسى:7- ئايەت.
[7] ئەسر سۈرىسى.
[8] رەھمان سۈرىسى: 46- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار