ئاۋۋال ئۆز تىلىمىزنى ئۆگىنەيلى!

ئاۋۋال ئۆز تىلىمىزنى ئۆگىنەيلى!

مۇھەممەد يۈسۈپ

جانابى ئاللاھ تائالاغا مىڭلارچە شۈكۈر بولسۇنكى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا دىنىي ماۋزۇلاردا يازىدىغان، ئەرەب تىلىدىن تەرجىمە قىلىدىغان ۋە ئۈن – سىن دەۋەت سورۇنلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سانى كۆپەيلى. بۇ ناھايىتى ياخشى ئىشتۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى ئاتا قىلسۇن، ئامىن.

مەن تۆۋەندە،  دىنىي ماۋزۇلاردا بىر نەرسە يازىدىغان، تەرجىمە قىلىدىغان ۋە نۇتۇق سۆزلەيدىغان دوستلارنىڭ بىلىۋېلىشىغا تېگىشلىك بەزى مەلۇماتلارنى تەقدىم قىلىمەن.

1. سېغىنىش ئەمەس، سىغىنىش. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە سىغىنماق – تېۋىنماق، ئىلتىجا قىلماق، ئىنتىلمەك، ئىلتىماس قىلماق، دەپ ئىزاھلانغان. شۇڭا، «ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا، ئۇنىڭدىن پاناھ ئىزەش» دېگەننى «ئاللاھقا سىغىنىش» دەيمىز. بۇ تۈركچىكى siginmak نىڭ ئۆزىدۇر. ئەمما بىز بىلىدىغان «سېغىنىش»نى بىراۋنى كۆرگىسى كەلگەنگە ئىشلىتىمىز.

2. نىسبەت بېرىش ئەمەس، مەنسۇپ قىلىش. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە نىسبەت – نەرسىلەرنىڭ بىر-بىرىگە نىسبەتەن چوڭ – كىچىكلىكى، ئاز- كۆپلىكى ۋە شۇ قاتارلىقلار، دەپ ئىزاھلانغان. شۇڭا، خىرىستىيانلار ئاللاھ تائالاغا بالىنى نىسبەت بېرىدۇ، دېمەيمىز، ئاللاھ تائالاغا مەنسۇپ قىلىدۇ، دەيمىز.

3. ياخشى گۇمان قىلىش ئەمەس، ياخشى قاراشتا بولۇش. چۈنكى گۇماننىڭ ياخشىسى يوق. شۇڭا، ئاللاھ تائالاغا ياخشى گۇماندا بولۇش دېمەيمىز، ئاللاھ تائالاغا قارىتا توغرا قاراشتا بولۇش دەيمىز.

4. ئاللاھنىڭ دەۋىتىنى ئىجابەت قىلىش ئەمەس، قوبۇل قىلىشتۇر. بىزدە ئىجابەت كاتتىدىن تۆۋەنگە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىجابەت قىلىدۇ، بەندە قوبۇل قىلىدۇ.

5. «الدين النصيحة» دېگەن سۆزنى دىن نەسىھەتتۇر دېمەيمىز، ئۇنى «دىن _ سەمىمىيەتتۇر»دەيمىز. ئىمام مۇسلىم تەمىم ئەددارىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «الدين النصيحة» يەنى «دىن – سەمىمىيلىكتۇر» دېۋىدى، بىز «يارەسۇلۇللاھ! بۇ سەمىمىيلىك كىمگە؟» دەپ سورىدوق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لله ، ولكتابه ، ولرسوله ، ولأئمة المسلمين وعامتهم» يەنى ئاللاھقا، ئۇنىڭ كىتابىغا، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە، موسۇلمانلارنىڭ يولباشچىلىرىغا ۋە ئۇمۇمىي مۇسۇلمانلارغا سەمىمىي بولۇشتۇر»  دەپ جاۋاپ بەردى.

ئۆلىمالار بۇ ھەدىسنى مۇنداق شەرھلىگەن:

 ئەرەب تىلىدىكى« النصيحة» دېگەن سۆز چىن ئىخلاسنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى « نصح» دېگەن «خلص» دېگەنلىك بولۇپ، ساپلقنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا ئەرەبلەر ھەسەلنىڭ ساپ ھالىتىنى «نصح العسل» يەنى (ھەسەل ساپ بولدى) دەيدۇ. بىراۋنىڭ خالىس تەۋبە قىلغانلىقىنى«نصحت توبته» دەيدۇ. تەھرىم سۈرىسىدىكى ياأَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا تُوبُوا إِلَى اللَّهِ تَوْبَةً نَصُوحًا دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسىمۇ: ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار دېگەنلىك بولىدۇ. شۇنىڭدەك، خالىس نىيەت  ۋە تولۇق سەمىمىيەت بىلەن ئورۇندالغان ئەمەلمۇ ئىخلاسلىق ئەمەل ئەمەل دېيىلىدۇ. ئەمەل_ ئىبادەتلەردە ئىخلاس شۇ ئەمەل_ئىبادەتلەرنىڭ جان تومۇرى بولۇپ، ئىخلاسسىز ئەمەل_ئىبادەت قوبۇل بولمايدۇ. بۇ ئىخلاس چىن سەمىمىيەت بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئىسلامدا ھەربىر ئىبادەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئىخلاسى ۋە سەمىمىيىتى بولىدۇ. مەسىلەن: قۇرئان ئوقۇشنىڭ سەممىيىتى ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوقۇغاندەك ئوقۇش، ئوقۇغىنىغا ۋە بىلگىنىگە ئەمەل قىلىش بولسا، نامازنىڭ سەمىمىيىتى ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن ئوقۇشتۇر، زاكات ۋە سەدىقىنىڭ سەمىمىيىتى ئۇنى چىن كۆڭلىدىن راز بولغان ھالدا، مەمنۇنىيەت بىلەن ئادا قىلىشتۇر، شۇنىڭدەك، دىن ۋە دۇنيالىق ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ سەمىمىيىتى ئۇنى قېتىرقىنىپ قىلىشتۇر.

6. تەقۋالىق _ ئاللاھ تائالادىن قورقۇش ۋە ئاللاھ تائالاغا، ئىنسانىيەتكە قارىتا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ياشاش دېگەنلىك بولۇپ، قەلبنىڭ ئەمەلىدۇ، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ ئەمەلىدۇر. ئەپسۇسكى، زامانىمىزدا، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە تەقۋالىق تاشقى ئەمەل بولۇپ قالغان. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئۆلچۈمىدىكى تەقۋالىق ئاياللارنىڭ ئابايە كىيىشى، ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن ساقال قويۇسى، ئەرەبلەرنى دوراپ ئاق كۆڭلەك كىيىۋېلىشى ۋە ئاغزىغا مىسۋاك سېلىۋېلىپ رىيا قىلىشىدۇر. بۇلارنىڭ ھېچبىر دىنغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، پەقەتلا مۇسۇلماننىڭ تاشقى سۈرىتىنى چىرايلىق قىلىدىغان ئىشلاردۇر. دىنىمىزدا ھەرقانداق ئىسلاھات ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن باشلىنىدۇ، ئىچكى دۇنياسى چىرايلىق بولۇش تاشقى دۇنياسىنىڭ پارلاق بولۇشىدىن مۇھىمدۇر.

    دېمەك، ئۆزىنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى بىلىپ، ئۇلارنى تولۇق ئورۇندىغان ئادەم تەقۋا ئادەم دېيىلىدۇ. چۈنكى تەقۋا سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى ساقلىنىش دېگەنلىك بولىدۇ. نېمىدىن ساقلىنىش؟ تەبىيئىكى،  گۇناھتىن ساقلىنىش، ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىغا يولۇقۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش، دوزاخ ئوتىدىن ساقلىنىش ۋە ئۆزىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشتۇر. شۇڭا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ئادەم تەقۋا ئادەمدۇر.  ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھەقلىرىگە، ئىنسانلارنىڭ ھەق_ھوقۇقلىرىغا قارىتا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ياشىشى ئۇنىڭ تەقۋالىقىدۇر.

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەقۋالىقنى مۇنداق بايان قىلغان: «بىر_بىرىڭلارغا كۆرەلمەسلىك قىلىشماڭلار، ئۆزۈڭلار ئالمايدىغان مالنى باشقىلارغا سېتىش ئۈچۈن ئۇلارنى زىيانغا ئۇچرىتىپ بۇ مالنى ماختاپ ئۇنىڭ باھاسىنى ئاشۇرماڭلار، بىر_بىر_بىرىڭلارغا ئاداۋەت تۇتماڭلار، بىرىڭلارغا تۇزاق قۇرۇشماڭلار، بىر_بىرىڭلارنىڭ سودىسى ئۈستىگە سودا قىلماڭلار، ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئۆزئارا قېرىنداش بولۇڭلار! مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، مۇسۇلمان مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلمايدۇ، ياردەمگە مۇھتاج بولغان چېغىدا ئۇنى تەرك ئەتمەيدۇ، ئۇنى خار ۋە ھېقىر كۆرمەيدۇ. تەقۋالىق بۇ يەردىدۇر« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆكسىگە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ: «تەقۋالىق بۇ يەردە!» دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان. گويا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەقۋالىق دەپ سانىغان. ئۇ يەنە:« ئىنساننىڭ گۇناھكار بولۇشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دىنىي قېرىندىشىنى خار كۆرۈشى يېتەرلىكتۇر، مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماننى بوزەك قىلىشى قەتئىي ھارامدۇر، ئۇنىڭ قېنى، مال_مۈلكى ۋە نومۇسىغا تېگىش ھارامدۇر» دېگەن.

7. سەۋر، سەۋرچانلىق، سەۋر قىلىش دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەمما سەۋرنىڭ مەنىسىنى ھەممىلا ئادەم بىلەمدۇ؟

مەلۇمكى، كۆپ سانلىق كىشىلەر سەۋرنىڭ مەنىسىنى ئاددىي ۋە دۇگما مەنىسىدە چۈشىنىدۇ. ئەمما «سەۋر» سۆزى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەنىلەرنى بىلمەيدۇ. «سەۋر» سۆزى قۇرئان كەرىمدە ئەڭ كۆپ تەكرارلانغان سۆزلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مۇنداق 4 مەنىدە كەلگەن: بىرىنچىسى، ئۆزىنى تۇتىۋېلىش مەنىسىدىكى سەۋر، ئىككىنچىسى، ساقلاش ۋە كۈتۈش مەنىسىدىكى سەۋر، ئۈچىنچىسى، قايتۇرۇپ كېلىش مۇمكىن بولمايدىغان قولدىن بېرىشلەرنى ئۇنتۇپ كېتىش مەنىسىدىكى سەۋر، تۆتىنچىسى، چىدام كۆرسىتىش مەنىسىدىكى سەۋردۇر.

بىرىنچى: ئۆزىنى تۇتىۋېلىش مەنىسىدىكى سەۋر

ئۆزىنى تۇتىۋېلىش مەنىسىدىكى سەۋر_  كۆڭۈل ھاۋايى – ھەۋەسنى ۋە گۇناھ ئىشلارنى قىلىشنى ئىشتىھا قىلىپ تۇرسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە ۋە ئەقىلنىڭ نىداسىغا قولاق سالغان ھالدا، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئۈمىد قىلىپ، يامان ئىشلاردىن، گۇناھ_مەسىيەتلەردىن ئۆزىنى تارتىش، نەپسىنى باشقۇرۇش دېگەنلىك بولۇپ، مۇنداق سەۋرنىڭ مۇكاپاتى ئالاھىدە چوڭ بولىدۇ. بۇ خۇددى رامىزاندا روزا تۇتقان مۇسۇلمان ئادەم كۈننىڭ ئوتتەك ئىسسىقى ۋە ئۇزۇن كۈنلىرىدە كۆڭلى مۇزدەك سۇنى قاتتىق ئىشتىھا قىلىپ تۇرسىمۇ، نەپسىنى يىغىپ، ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ، كۆز ئالدىدىكى مۇزدەك سۇنى ئىچىپ راھەتلىنىشتىن ۋازكەچكىنىگە، بىراۋنىڭ نەپسىي گۇناھ_مەسىيەت ئىشلەشنى تەلەب قىلىپ تۇرسىمۇ، نەپسىنى ئەقلىگە بويسۇندۇرۇپ، يامان ئىشتىن ساقلانغىنىغا ئوخشاش ئىشتۇر.

        ئىككىنچى: ساقلاش ۋە كۈتۈش مەنىسىدىكى سەۋر

ساقلاش ۋە كۈتۈش مەنىسىدىكى سەۋر_ بىرەر ئىشنىڭ نەتىجىسىنى تىزلا كۆرۈشكە ئالدىراپ ئۇ ئىشنى بۇزۇپ قويماسلىق ۋە ھەر نەرسىنىڭ قانۇنىيىتىگە بويسۇنۇپ ئىش كۆرۈش دېگەنلىكتۇر. چۈنكى ساقلاش ۋە كۈتۈشلەر دۇنيا قانۇنىيىتى ۋە رەت تەرتىبىدۇر. مەسىلەن: يەرگە ئۇرۇق سېلىپ بولغۇچىلا ئۈنمەيدۇ. ئۈنسىمۇ ھامان ھوسۇل بەرمەيدۇ. بەلكى ئۈنۈپ، ئۆسۈپ يېتىلىپ پىشقىچە كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. تۆرەلمىمۇ تولۇق ئىنسان بولۇشى ئۈچۈن ئانىنىڭ قورسىقىدا بىر قانچە ئاي تۇرىدۇ. ۋاقىت دۇنيادىكى ھەر بىر ھەرىكەت ۋە جىملىقنىڭ كىيىمى. ئەگەر بىز ۋاقىتتىن ھالقىپ چىدامسىزلىق قىلساق، چىدىماسلىقنىڭ ئوتىدا ئازابلانغاندىن باشقا قانۇنىيەت بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغان شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىدىن ھېچ نەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيمىز.

 ئۈچىنچى: قايتۇرۇپ ئېلىش مۇمكىن بولمايدىغان قولدىن بېرىشلەرنى ئۇنتۇىش مەنىسىدىكى سەۋر

قايتۇرۇپ ئېلىش مۇمكىن بولمايدىغان قولدىن بېرىشلەرنى ئۇنتۇپ كېتىش مەنىسىدىكى سەۋر_ ئۆلۈم_يېتىمگە، بالايىئاپەتكە ئوخشىغان تەقدىرگە تەن بەرمەستىن باشقا چارىسى بولمىغان مۇسىبەتلەر ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ ئۆزىنى تۈگەشتۈرمەستىن، ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىش ئارقىلىق ھاياتىنى داۋام قىلدۇرۇش ھەسرەت ۋە نادامەتسىز داۋام قىلدۇرۇش دېگەنلىكتۇر. شۇنداقلا  ھاياتلىق مۇساپىسىدىكى كۈلپەتلەرگە، ئوڭۇشسىزلىقلارغا، كېسەللىكلەرگە، نامراتلىققا چىداشلىق بېرىپ، ئۆزىنى يوقاتماسلىقمۇ بۇ تۈردىكى سەۋرنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ. 

 تۆتىنچى: چىدام كۆرسىتىش مەنىسىدىكى سەۋر

چىدام كۆرسىتىش مەنىسىدىكى سەۋر_ مۇشەققەتلەرگە، ئوڭۇشسىزلىقلارغا بوي ئەگمەستىن، مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ھارماي تىرىشقانچانلىق كۆرسىتىش، چىداملىق بولۇش، ئارقىغا قايتماسلىق، ئىرادىلىك بولۇش دېگەنلىك بولۇپ، بۇ خىلدىكى سەۋرگە ئىگە بولغان ئادەم ھاياتىدا ئۇچرىغان چوڭ سىناقلار ئالدىدا تىت – تىت بولمايدۇ، گاڭگىراپ قالمايدۇ، تەقدىردىن ئاغرىنمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنى ئاللاھنىڭ سىنىقى دەپ چۈشىنىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش ۋە سىناقتىن ئۆتۈش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار