(الصبر) نىڭ مەنىسى

(الصبر) نىڭ مەنىسى

مۇھەممەد يۈسۈپ

«قۇرئان كەرىم»دە كەلگەن «الصبر» (سەۋر) دېگەن سۆز چىدامچانلىق، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، تەقدىرگە رازى بولۇش قاتارلىق ئۈچ مەنىدە كەلگەن بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچىسى، چىدامچانلىق مەنىسىدىكى سەۋر

چىدامچانلىق مەنىسىدىكى سەۋر— ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداشتا، ئىبادەتتە ۋە ھەق يولىدىكى كۈرەشلەردە مەزمۇت قەدەم بولۇپ، چىدامچانلىق كۆرسىتىش دېگەنلىكتۇر. )رَبُّ السَّمَوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا فَاعْبُدْهُ وَاصْطَبِرْ لِعِبَادَتِهِ( يەنى «ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ رەببىدۇر. شۇڭا، سەن ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلغىن، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتا چىداملىق بولغىن«[1]، )وَأْمُرْ أَهْلَكَ بِالصَّلَاةِ وَاصْطَبِرْ عَلَيْهَا( يەنى «ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ چىداملىق بولغىن»[2]، )يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اصْبِرُوا وَصَابِرُوا وَرَابِطُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ( يەنى «ئى ئىمان ئېيتقانلار! چىداملىق بولۇڭلار، (دۈشمەنلەرگە قارشى) چىدامچانلىق كۆرسىتىڭلار، (جىھادقا) تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار»[3] دېگەن ئايەتلەر بۇنىڭ مىسالى. 

ئىككىنچىسى، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش مەنىسىدىكى سەۋر

ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش مەنىسىدىكى سەۋر— ئاچچىقىنى بېسىۋېلىش، كىشىلەرگە يامانلىق قىلىشتىن، گۇناھ سادىر قىلىشتىن ساقلىنىش دېگەنلىكتۇر.  ﴿فَاصْبِرْ عَلَى مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ﴾ يەنى «(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتقىن»[4]، )وَإِنْ عَاقَبْتُمْ فَعَاقِبُوا بِمِثْلِ مَا عُوقِبْتُمْ بِهِ وَلَئِنْ صَبَرْتُمْ لَهُوَ خَيْرٌ لِلصَّابِرِينَ( يەنى «(ئى ئىمان ئېيتقانلار!) ئەگەر ئىنتىقام ئالماقچى بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا قىلىنغان يامانلىق قانچىلىك بولسا، (ئاشۇرۇۋەتمەستىن) شۇنچىلىك ئىنتىقام ئېلىڭلار، ئەگەر ئەپۇ قىلساڭلار، بۇ ئەپۇ قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر»[5] دېگەن ئايەتلەردىكى سەۋر بۇ مەنىدە كەلگەن.

ئۈچىنچىسى، تەقدىرگە رازى بولۇش

تەقدىرگە رازى بولۇش مەنىسىكى سەۋر— بالا-قازاغا ئاھ ئۇرۇپ كەتمەسلىك، قايتۇرۇپ كېلىش مۇمكىن بولمايدىغان قولدىن بېرىشلەرنى ئۇنتۇپ كېتىش دېگەنلىكتۇر) وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ * الَّذِينَ إِذَا أَصَابَتْهُم مُّصِيبَةٌ قَالُواْ إِنَّا لِلّهِ وَإِنَّـا إِلَيْهِ رَاجِعونَ(يەنى« ئۆزىگە بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، بىز چوقۇم ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىمىز» دەيدىغان سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن»[6]،  )فَاصْبِرْ صَبْراً جَمِيلاً( يەنى «چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن»[7]. بۇ ئايەتلەردىكى سەۋر بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىپ، ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىش مەنىسىدە كەلگەن.

ئەپسۇسكى، ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان دىنىي ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە يۇقىرىقى ئۈچ مەنىنى ئىپادىلەيدىغان «الصبر» بىزنىڭ تىلىمىزدىكى «سەۋر» دېگەن سۆزنىڭ كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈۋېتىلگەن ۋە ھەممىسىنى «سەۋر» دەپ تەرجىمە قىلغان.

[1] مەريەم سۈرىسى: 65- ئايەت.
[2] تاھا سۈرىسى: 132- ئايەت.
[3] ئال ئىمران سۈرىسى: 200- ئايەت.
[4] قاف سۈرىسى: 39- ئايەت.
[5] نەھل سۈرىسى: 126- ئايەت.
[6] بەقەرە سۈرىسى: 155- ئايەت.
[7] مەئارىج سۈرىسى:5- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار