ئىسلامىي قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى (نەشر قىلىنىش ئالدىدىكى «تەپسىر جەۋھەرلىرى» ناملىق تەپسىردىن

ئىسلامىي قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى

 (نەشر قىلىنىش ئالدىدىكى «تەپسىر جەۋھەرلىرى» ناملىق تەپسىردىن)

مۇھەممەت يۈسۈپ

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ

إِنَّ الَّذِينَ آَمَنُوا وَهَاجَرُوا وَجَاهَدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَالَّذِينَ آَوَوْا وَنَصَرُوا أُولَئِكَ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ وَالَّذِينَ آَمَنُوا وَلَمْ يُهَاجِرُوا مَا لَكُمْ مِنْ وَلَايَتِهِمْ مِنْ شَيْءٍ حَتَّى يُهَاجِرُوا وَإِنِ اسْتَنْصَرُوكُمْ فِي الدِّينِ فَعَلَيْكُمُ النَّصْرُ إِلَّا عَلَى قَوْمٍ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُمْ مِيثَاقٌ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ (72) وَالَّذِينَ كَفَرُوا بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ إِلَّا تَفْعَلُوهُ تَكُنْ فِتْنَةٌ فِي الْأَرْضِ وَفَسَادٌ كَبِيرٌ (73) وَالَّذِينَ آَمَنُوا وَهَاجَرُوا وَجَاهَدُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَالَّذِينَ آَوَوْا وَنَصَرُوا أُولَئِكَ هُمُ الْمُؤْمِنُونَ حَقًّا لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَرِزْقٌ كَرِيمٌ (74) وَالَّذِينَ آَمَنُوا مِنْ بَعْدُ وَهَاجَرُوا وَجَاهَدُوا مَعَكُمْ فَأُولَئِكَ مِنْكُمْ وَأُولُو الْأَرْحَامِ بَعْضُهُمْ أَوْلَى بِبَعْضٍ فِي كِتَابِ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ (75)

تەرجىمىسى

72 _ ئىمان ئېيتقان، (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلغان، پۇل _ مېلى ۋە جېنى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان (مۇھاجىر)لار بىلەن ئۇلارغا جاي بەرگەن ۋە ياردەم قىلغان (ئەنسار)لارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار ئەلۋەتتە بىر _ بىرى بىلەن (ھەقىقىي) دوستلاردۇر. ئىمان ئېيتقان بولسىمۇ، ھىجرەت قىلمىغانلار تاكى ھىجرەت قىلغانغا قەدەر سىلەرنىڭ ئۇلارنى ھىمايە قىلىش ۋە قوغداش مەجبۇرىيىتىڭلار يوقتۇر. ئەگەر ئۇلار دۈشمەنلىرىگە قارشى سىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلسا، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كېلىشىم بولمىسىلا، ئۇلارغا ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

73 _ كاپىرلارمۇ بىر _ بىرى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدىدۇر. ئەگەر سىلەر بۇنى (يەنى بۇ ھەمكارلىقنى) قىلمىساڭلار، يەر يۈزىدە پىتنە ۋە چوڭ بۇزغۇنچىلىق تۇغۇلىدۇ.

74 _ ئىمان ئېيتقان، ھىجرەت قىلغان ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان (مۇھاجىر)لار بىلەن (ئۆز يۇرتىدا مۇھاجىرلارغا) جاي بەرگەن ۋە ياردەم قىلغان (ئەنسار) لارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۇئمىنلەردۇر، ئۇلارغا مەغپىرەت ۋە ئېسىل رىزىق بار.

75 _ (ئاشۇ مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلاردىن) كېيىن ئىمان ئېيتىپ ھىجرەت قىلغان ۋە سىلەر بىلەن بىللە جىھاد قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلارمۇ سىلەرنىڭ قاتارىڭلاردىن سانىلىدۇ. ئاللاھنىڭ كىتابىدا (بەلگىلەنگەن ھۆكۈمگە ئاساسەن)، ئۇرۇق _ تۇغقانلار بىر_  بىرىگە ۋارىس بولۇشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر، شەكسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

بۇ ئايەتلەرنىڭ ئالدىنقى ئايەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ئالدىنقى ئايەتلەردە ئۇرۇشچى كاپىرلار، ئۇلاردىن ئەسىرگە چۈشكەنلەر ۋە ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدىكى كۆرسەتمىلەر ئۈستىدە توختالغان بولۇپ، ئىماننىڭ مۇئمىنلەرنىڭ ئۇ كاپىرلار بىلەن بولغان ئۇرۇق _ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىسلامىي قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئالماشتۇرغانلىقى بايان قىلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن «قۇرئان كەرىم» بۇ ئايەتلەردە ئىسلامىي قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالغان.

تەپسىرى

ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چىن دىلىدىن ئىمان ئېيتقان، سۆيۈملۈك ۋە قوينى ئىللىق يۇرتىنى، جېنىدىنمۇ بەك ياخشى كۆرىدىغان ئەھلى -ئەۋلادلىرىنى، ھۇزۇرلۇق ئۆيىنى، بىر ئۆمۈر جاپالىق ئىشلەپ تاپقان مال _ مۈلۈكىنى، ياخشى ۋە يامان كۈنلەردە يېنىدا بولىدىغان قەۋم _ قېرىنداشلىرىنى پەقەتلا ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن تاشلاپ ھىجرەت قىلغان، بارلىقىنى ئاللاھ يولىغا ئاتاپ جىھاد قىلغان مۇھاجىرلار بىلەن ئۇلارغا يۇرتىدىن جاي بەرگەن، ياردەم قىلغان، ئۇلارنى قارشى ئېلىپ قوبۇل قىلغان، ئۆز تۇرالغۇلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان، ئۆزلىرىنىڭ مال _ مۈلۈكىگە شېرىك قىلغان، پەيغەمبەرگە ياردەم بەرگەن ۋە ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئەھلى _ ئەۋلادىنى قوغدىغاندەك قوغدىغان ئەنسارلار بىر _ بىرى بىلەن ھەقىقىي دوستلاردۇر. ﴿ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان، ئۇنى ھۆرمەتلىگەن، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن ۋە ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر (قۇرئان)غا ئەگەشكەن كىشىلەرگە كەلسەك، ئەنە شۇلار بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر﴾( ) .

ئەنە شۇ ئەنسارلار بىلەن مۇھاجىرلار بىر _ بىرى بىلەن ھەقىقىي دوستتۇر، ئۇلار بىر _ بىرىگە ئىگىدۇر، ياردەمچىدۇر ۋە ھامىيدۇر. ئۇلار ئىسلام ئۈممىتىنىڭ گەۋدىسىدۇر. ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلار بىرەر ئەزاسى ئاغرىسا، بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن گەۋدە ئۇيقۇسىزلىق ۋە قىزىتما بىلەن بىئارام بولىدىغان بىر تەنگە ئوخشايدۇ. ئەنسارلار بىلەن مۇھاجىرلار ئوتتۇرسىدىكى ئىسلامىي قېرىنداشلىق رىشتىسى ئەڭ كۈچلۈك باغلىنىش بولۇپ، بۇلارنى بىر _ بىرىگە باغلاپ تۇرغان نەرسە مۇستەھكەم ئىماندۇر. شۇنىڭدەك مۇسۇلمانلار نەدە ۋە قانداق شارائىتتا بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان چىن ئىمانى، تەقۋادارلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈ _ مۇھەببىتى، ئۆز ئارىسىدىكى سەمىمىي دوستلۇقى بىلەن بىر گەۋدىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى تەرىپلەپ ﴿مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر﴾( )  دېگەن.

ئاللاھ ئۈچۈن بولغان ھەقىقىي ئىسلامىي قېرىنداشلىق مەۋجۇتلا بولۇپ تۇرىدىكەن، بۇ قېرىنداشلىق ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر گەۋدە بولۇپ، بۆلۈنمەستىن داۋام قىلىشىغا كېپىلدۇر.

«بەزى مۇپەسسىرلەر ﴿ أُولَئِكَ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ ﴾ دېگەن ئايەتنى «ئۇلار بىر _ بىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ» دەپ تەپسىر قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلار بىر _ بىرىدىن مىراس ئالىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ مۇپەسسىرلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلارنىڭ بىر _ بىرىگە ۋارىس بولۇشىنىڭ ھۆكمى ئۆزىدىن كېيىن نازىل بولغان مىراس ئايىتى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان» .

ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان بولسىمۇ، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلماي، ئۆز يۇرتىدا تۇرۇۋەرگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار سىلەرنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭلار بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، تاكى ئۇلار ھىجرەت قىلمىغۇچە، سىلەرنىڭ ئۇلارنى ھىمايە قىلىش ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىش مەجبۇرىيىتىڭلار يوقتۇر. لېكىن ئۇلار كاپىر دۈشمەنلىرىگە قارشى سىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلسا، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشچە ئۇلارغا مەدەت بېرىشىڭلار، ياردەم قىلىشىڭلار كېرەك. ئەمما ئۇلارنىڭ دۈشمىنى بولغان كاپىرلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈلگەن بولسا، ئۇ چاغدا سىلەرنىڭ كېلىشىمنى بۇزۇپ ئۇلارغا ياردەم بېرىشىڭلار توغرا بولمايدۇ. چۈنكى كېلىشىمگە ئەمەل قىلىش زۆرۈردۇر. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان بارلىق ئىشىڭلارنى ۋە ھەممە ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

ئىسلامنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىش ھەقىقىي ئىماننىڭ ئىپادىسى سانىلاتتى. شۇڭا ئۇ ۋاقىتلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بېرىپ، سان جەھەتتىن كۆپىيىش ۋە كۈچ جەھەتتىن قۇدرەت تېپىش ئارقىلىق مەدىنىدە يېڭى قۇرۇلغان تۇنجى ئىسلام دۆلىتىنى كۈچلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار ئىدى. شۇڭا، ئۇلارغا شۇ چاغدا مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش پەرز ئىدى. چۈنكى مۇنداق مۇھىم پەيتتە ئۆزرىسىز تۇرۇپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلمىغانلار گۇناھكار ھېسابلىناتتى. كېيىنچە، مەككە فەتھى (ئازاد) قىلىنغاندىن كېيىن، ھىجرەتنىڭ ھۆكمى ئۆزگەردى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «لاَ هِجْرَةَ، وَلَكِنْ جِهَادٌ وَنِيَّةٌ، وَإِذَا اسْتُنْفِرْتُمْ، فَانْفِرُوا» يەنى «ھىجرەتنىڭ ۋاقتى تۈگىدى، ئەمدى جىھاد بىلەن نىيەتلا قالدى، قانداقلا ۋاقىتتا جىھادقا چاقىرىلساڭلار دەرھال چىقىڭلار»( )  دېگەن. ئۆلىمالار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزىنى مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشنىڭ ۋاقتى تۈگىگەنلىكىنى، ئەمما كۇفرى دىيارىدىن ئىسلام دىيارىغا ھىجرەت قىلىشنىڭ تا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. چۈنكى مەككە فەتھى قىلىنغاندىن كېيىن، مەككىمۇ ئىسلام دىيارىغا ئايلانغان بولغاچقا، ئۇ جايدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى قالمىغان ئىدى.

﴿كاپىرلارمۇ بىر _ بىرى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدىدۇر. ئەگەر سىلەر بۇنى (يەنى بۇ ھەمكارلىقنى) قىلمىساڭلار، يەر يۈزىدە پىتنە ۋە چوڭ بۇزغۇنچىلىق تۇغۇلىدۇ﴾ يەنى ئۆزىنىڭ كۇفرىلىقىدا چىڭ تۇرۇۋالغان ئەشەددىي كاپىرلارمۇ ئۆز ئارىسىدا ھەمكارلىق، ياردەملىشىش ۋە بىرلىك ئىچىدە ياشايدۇ. مۇسۇلمانلار ئۆزئارا بىر گەۋدە  بولۇپ، بىر نىيەتتە بولۇپ، بىرلىك ۋە سەمىمىي قېرىنداشلىق ئىچىدە ياشىمىسا، ئۆز ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ بىرلەشمىسە، كاپىرلار ئۇلارغا قارشى بىرلىشىدۇ، ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ دىنىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ، ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋېلىشقا تىرىشىدۇ.

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە بىزنى شۇنداق يامان ئاقىۋەتتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرغانكى، ئەگەر بىز مۇسۇلمانلىق سۈپىتىمىز بىلەن بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە ئىناقلىق ئىچىدە ياشىمىساق، بىر _ بىرىمىزگە ياردەم قىلمىساق، ئۆزىمىزنىڭ شەخسىي غەرەزلىرىنى ۋە شەخسىي مەنپەئەتلىرىمىزنى قايرىپ قويۇپ، بىر پۈتۈن ئىسلام ئۈممىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بىرلەشمىسەك، ھەقىقىي ئىسلامىي قېرىنداشلىقنى جارى قىلدۇرمىساق، يەر يۈزىدە چوڭ بۇزغۇنچىلىق ۋە قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ، ھەقىقەت تەرەپدارلىرى ئاجىزلىققا، بىچارىلىككە مۇپتىلا بولىدۇ، باتىل دىننىڭ ئىگىلىرى بولغان كاپىرلار، دىنسىزلار كۈچلىنىپ، ئاجىزلارنى بوزەك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ يەر _ زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۇلارنى مۇستەملىكە قىلىۋالىدۇ.

مۇسۇلمانلار ئۆز ئارىسىدىكى بىرلىكنى، ئىناقلىقنى يوقىتىپ، شەخسىي مەنپەئەتنى دەپ كاپىرلار بىلەن دوست بولغان ۋە ئۆزىنىڭ دىنىي قېرىندىشى بىلەن مۇناسىۋىتى سۇسلاشقان چاغدا، ئىمان ئاجىزلىشىدۇ، تەقۋالىق يوقىلىدۇ، ئەخلاق سۇسلىشىدۇ، مۇسۇلمانلار كاپىرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە ئۆزگىچىلىكىنى قوبۇل قىلىشقا، ئۆزىنىڭ ئىسلامىي مەدەنىيىتىنى ۋە ئۆزگىچىلىكىنى ئاستا _ ئاستا يوقىتىشقا باشلايدۇ، ئاندىن مۇسۇلمان ئەۋلادلىرىمۇ ئاتا _ ئانىسىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ دىنىدىن، ئەقىدىسىدىن ۋە ئەخلاقىدىن تېخىمۇ يىراقلىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ مۇسۇلمانلار ئۆزىدىكى قىممەتنى يوقىتىپ قويۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالىدۇ.

﴿ فِتْنَةٌ فِي الْأَرْضِ وَفَسَادٌ كَبِيرٌ ﴾ دېگەن ئايەتتىكى «پىتنە» ئىماننىڭ ئاجىزلىشىشى، تەقۋالىقنىڭ يوقىلىشى، ئەخلاقنىڭ سۇسلىشىشى، كۇفرىلىقنىڭ بازار تېپىشى، مۇئمىنلەرنىڭ ھەيۋىسىنىڭ يوقىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ خارلىنىشى، كاپىرلارنىڭ ئەزىزلىككە ئېرىشىشى دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. «چوڭ بۇزغۇنچىلىق» دېگەن ھەقىقەتنىڭ ئورنىنى ساختىلىق، ئەخلاقنىڭ ئورنىنى ئەخلاقسىزلىق، تەقۋالىقنىڭ ئورنىنى پاسىقلىق، ئادالەتنىڭ ئورنىنى زۇلۇم ۋە يولسىزلىق ئالغاندىن كېيىن، دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك قالايمىقانچىلىق، يولسىزلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق يۈز بېرىپ، تەڭپۇڭلۇقنىڭ يوقۇلىشى دېگەنلىكتۇر. دېمەك، ئاللاھ تائالا ﴿ فِتْنَةٌ فِي الْأَرْضِ وَفَسَادٌ كَبِيرٌ ﴾ يەنى ﴿يەر يۈزىدە پىتنە ۋە چوڭ بۇزغۇنچىلىق تۇغۇلىدۇ﴾ دېگەن بۇ ئىخچام ئايەت ئارقىلىق مۇسۇلمانلاردا بىرلىكنىڭ، سەمىمىي دوستلۇقنىڭ ۋە ئىسلامىي قېرىنداشلىقنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان پالاكەتلەرنى، بەختسىزلىكلەرنى ۋە زىيان _ زەخمەتلەرنى قىسقىغىنە بايان قىلىپ بەرگەن.

ئەللامە بەغەۋىي ﴿ فِتْنَةٌ فِي الْأَرْضِ وَفَسَادٌ كَبِيرٌ ﴾ دېگەن ئايەتنى «يەر يۈزىدە پىتنە تۇغۇلۇشى دېگەنلىك كۇفرىنىڭ كۈچلىنىپ كېتىشىدۇر، چوڭ بۇزغۇنچىلىق يۈز بېرىشى دېگەنلىك ئىسلامنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىدۇر»( ) دەپ تەپسىر قىلغان. بۇ ئايەتتىن مەلۇمكى،  مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى كۇفرى كۈچلىنىپ كاپىرلارنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقى، ئىسلام ئاجىزلىشىپ مۇسۇلمانلارنىڭ زەئىپلەشكەنلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.  بۇ ئايەت «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئالدىن خەۋەر بېرىشتە راستچىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئايەتلەرنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى ئەھۋال خۇددى «قۇرئان كەرىم» ئالدىن خەۋەر بەرگەندەك بولماقتا.

بەزى مۇپەسسىرلەر ﴿ وَالَّذِينَ كَفَرُوا بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ إِلَّا تَفْعَلُوهُ تَكُنْ فِتْنَةٌ فِي الْأَرْضِ وَفَسَادٌ كَبِيرٌ ﴾ دېگەن ئايەتنى مۇنداق تەپسىر قىلغان: كاپىرلار بىر _ بىرى بىلەن دوستتۇر. ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەرنىڭ كاپىرلارنى دوست تۇتۇشۇڭلار قەتئىي توغرا ئەمەس. گەرچە ئۇلار سىلەرگە يېقىن تۇغقان بولغان تەقدىردىمۇ، سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ تەرىپىنى تۇتۇشۇڭلار ياكى ئۇلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىشىڭلار توغرا بولمايدۇ. ئۇلارنى قەتئىي دوست تۇتماسلىقىڭلار لازىم. ئەگەر سىلەر بۇ چەكلىمىگە ئەمەل قىلمىساڭلار، يەر يۈزىدە چوڭ قالايمىقانچىلىق ۋە پىتنە _ پاسات يۈز بېرىدۇ. بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىزلىشىشىنى، ئۇلارنىڭ شان _ شەۋكىتىنىڭ تۆۋەنلىشىشىنى، كاپىرلارنىڭ غەلىبە قىلىشىنى ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سۇبھانەللاھ! رەببىم سەن ھەقىقەتەن كېلەچەكتە بولىدىغان ئىشلارنى شەكسىز بىلىسەن! مۇسۇلمانلار مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە ساداقەت باغلاپ، ئۇلارنى بىر قېتىم سىياسىي باھانە بىلەن، يەنە بىر قېتىم باشقا بىر باھانە بىلەن ئۆزلىرىگە يېقىن سىرداش قىلىۋېلىشقا باشلىغانغا قەدەر ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئىدى، ئۇلار دۇنيادا ئەزىز ئىدى، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇپ ياشايتتى. ئەپسۇسكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىدىن يۈز ئۆرۈپ، كاپىرلارغا قەلب قاتلىرىدىن ئورۇن بېرىپ، ئۇلار بىلەن سىرداش بولۇۋىدى، مۇسۇلمانلار بۈگۈنكى ھالغا چۈشۈپ قالدى. ھازىر دۇنيادا ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇپ ياشايدىغان مۇسۇلمان دۆلىتى قالمىدى، دېسەك مۇبالىغە قىلمىغان بولىمىز. چۈنكى ئۇلارنىڭ بەزىسى قوراللىق مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان بولسا، بەزىسى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەپتىن مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇستەملىكىچى چوڭ دۆلەتلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ ۋە ئۇلارغا بېقىنىپ ياشايدۇ.

بىز مۇسۇلمانلار ئۆز قىلمىشلىرىمىز تۈپەيلىدىن كۆپ زىيان تارتتۇق، شان _ شەۋكىتىمىزدىن، كۈچ _ قۇدرىتىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق. بىز «قۇرئان كەرىم»گە مۇراجىئەت قىلىپ، دىنىمىزنىڭ ئەسلىگە قايتىپ، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى تولۇق ئورۇنداپ، چەكلىگەنلىرىدىن يېنىپ، ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلمىغۇچە بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ئوڭشالمايدۇ.

 دەسلەپ ئىمان ئېيتقان، ھىجرەت قىلغان، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان، پەيغەمبەرگە ئۆز يۇرتىدا ئورۇن بەرگەن، ئۇنى قوللاپ _ قۇۋۋەتلىگەن ۋە ياردەم بەرگەن كىشىلەر مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلار بولۇپ، ئەنە شۇلار ھەقىقىي مەنىدىكى مۇئمىنلەردۇر. ھىجرەت قىلىش ۋە پەيغەمبەرگە ياردەم بېرىش چىن ئىمان بىلەن سەمىمىي ئىخلاسنىڭ دەلىلىدۇر. ئۇلار بۇ ياخشى ئەمەللىرى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ كەڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقىغا ئېرىشتى. ئۇلار ئۈچۈن دۇنيا _ ئاخىرەتتە ئېسىل رىزىق ۋە ئالىي مەرتىۋە بار. ئەنە شۇلار دەسلەپ ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىن بولغان كىشىلەردۇر. ئۇلار مەڭگۈلۈك جەننەتنىڭ ۋارىسلىرىدۇر. ئۇلاردىن كېيىن ئىمان ئېيتقانلار، يەنى مۇسۇلمانلار كۈچلىنىپ دۆلەت قۇرغان، شان _ شەۋكىتى ئاشقان ۋە قۇدرەت تاپقاندىن كېيىن، ئىمان ئېيتقان ۋە ھىجرەت قىلغان، ئاندىن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان كىشىلەرمۇ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلارنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ، بۇلارمۇ ئۇلار ئېرىشكەن ئەجىر _ ساۋابقا ئېرىشىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى بولغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئۇرۇق _ تۇغقانلار بىر _ بىرىگە ۋارىس بولۇشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر. ئەللامە بەغەۋىي ئۆز تەپسىرىدە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: «ئىسلامنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا، بىر-بىرى بىلەن قېرىنداش بولۇشقان مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلار بىر _ بىرىگە ۋارىس بولاتتى، يەنى ئۇلاردىن قايسىسى بۇرۇن ئۆلسە، كېيىنكىسى ئۇنىڭدىن مىراس ئالاتتى. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان بولمىغان ئۇرۇق _ تۇغقانلىرى بىلەن مىراس ئېلىشمايتتى، ھەتتا بىراۋ ئىمان ئېيتقان بولسىمۇ، مەدىنىگە ھىجرەت قىلمىغان بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇھاجىر تۇغقىنىدىن مىراس ئالالمايتتى. بۇ ئىش مەككە فەتھى قىلىنغانغا قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ، مەككىنىڭ فەتھى قىلىنىشى بىلەن ھىجرەت قىلىش توختىغاندىن كېيىن، ئۇرۇق _ تۇغقانلار بىر _ بىرىدىن مىراس ئېلىشىدىغان بولغان، بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمى ئەھزاب سۈرىسىدىكى مۇنۇ ئايەت ئارقىلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان: ﴿ ئاللاھنىڭ كىتابىدا ئۇرۇق _ تۇغقانلار (مىراس ئېلىشتا) بەزىسى بەزىسىگە مۇئمىنلەردىن ۋە مۇھاجىرلاردىن ھەقلىقتۇر﴾ »( ).

يۇقىرىقى ئايەتلەردە تەكرار يوق. چۈنكى بىرىنچى ئايەتتە: ئىسلامىي قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ نەسەبتىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتتىن كۈچلۈك ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. ئىككىنچىسىدە: ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسى بايان قىلىنىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مۇئمىنلەر ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. ئۈچىنچىسىدە: ئىسلام كۈچلىنىپ، مۇسۇلمانلار قۇدرەت تاپقاندىن كېيىن ئىمان ئېيتىپ، ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرنىڭمۇ ئاۋۋالقىلارنىڭ قاتارىدىن ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. توغرىسىنى ئاللاھ تائالا ئۆزى بىلگۈچىدۇر.

مۇھىم نۇقتىلىرى

1. ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا مۇئمىنلەرنىڭ مەرتىۋىسى بىر خىل بولمايدۇ.

2. ئىسلام تارىخىدا ھەر تەرەپتىن كامالىغا يەتكەن ئەڭ مۇكەممەل مۇئمىنلەر مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلار ئىكەنلىكىدە ھېچكىم ئىختىلاپ قىلمايدۇ. چۈنكى مۇھاجىرلار ئىمان، ھىجرەت ۋە جىھادتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئەمەلدە كامالىغا يەتكەن كىشىلەردۇر. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سادىق بولۇپ، ئۇنىڭ دىنىغا ھەقىقىي رەۋىشتە ئەگەشكەندىن كېيىن، ئاللاھ يولىدا يۇرتىنى، بالىچاقىلىرىنى ۋە دۇنيالىقتىكى ھەر نەرسىسىنى مەككىدە قالدۇرۇپ، ھىجرەت شەھىرى بولغان مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە ھىجرەت قىلدى، ئاندىن ئاللاھ يولىدا جېنىنى تىكىپ جىھاد قىلىپ، ئىسلام دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىش يولىنى ئاچتى.

ئەنسارلار بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغاندىن كېيىن، مۇھاجىرلارنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى خۇددى ئۆز ئائىلىسىدىكىلىرىنى مۇداپىئە قىلغاندەك مۇداپىئە قىلىپ قوغدىدى ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ ئىسلام دىنىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ھالقىپ دۇنياغا تارقىلىشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى كۆرسەتتى. ئەنسارلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەھكەم ئىمانى، ئۆزى ئاچ قالسىمۇ مۇھاجىرلارنى قويغۇزۇشتەك پىداكارلىق روھى ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كامالەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان زاتلار ئىدى.

3. مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ئەڭ مەرتىۋىلىك بولىدىغانلىرى ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا ياردەم قىلغان، مۇسۇلمانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ دىيارىنى قوغداش يولىدا جان تىكىپ جىھاد قىلغانلار بولۇپ، ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى ئادا قىلغانلار ئادەتتىكى مۇسۇلمانلاردىن سانىلىدۇ. بۇلار ئالدىنقىلارنىڭ مەرتىۋىسىگە يېتەلمەيدۇ.

4. مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىش، ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاش، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ھەربىر مۇسۇلمان ئادەم ئۈچۈن پەرزدۇر ۋە مۇسۇلمانلىقنىڭ ئەڭ ئەقەللىي تەلىپىدۇر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار