مۇكەممەلشۇناس بولۇۋالماڭ

مۇكەممەلشۇناس بولۇۋالماڭ

مۇھەممەد يۈسۈپ

مۇكەممەلشۇناسلىق — ئۆزىدىن ياكى باشقىلاردىن مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلىش، ھەر ئىشتا مۇكەممەللىكنى شەرت قىلىۋېلىش دېگەنلىك بولۇپ، بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ۋە ئېرىشكىلى بولمايدىغان ئارزۇدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم مۇكەممەل ئەمەس. رېئاللىق شۇكى، ئۆزىدىن مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلغۇچىلار ئۆزىنى بىھۇدە ئازابلايدۇ، باشقىلاردىن مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلغۇچىلار ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

دانىشمەنلەردىن بىرى «ئەگەر مەن كىشىلەرنىڭ خاتالىقى بىلەن ھەپىلىشىپ قالسام، ئۇلارنى ياخشى كۆرۈشكە پۇرسىتىم بولماي قالىدىكەن» دېگەن ئىكەن.

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى شەكىل، رەڭ، ئىقتىدار ۋە خاراكتېر قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان قىلىپ ياراتقان. سىز قانچە قىلسىڭىزمۇ ئۇلارنى ھەرگىز ئۆزىڭىزگە ئوخشاش قىلالمايسىز. شۇڭا كىشىلەرنىڭ ئۆزى بولۇشىغا يول قويۇڭ، ئۇلارنى كامالەت ئۈلگىسى قىلىشقا ئۇرۇنماڭ، ئۇلارنىڭ سىز خالىغاندەك ياكى سىزدەك بولۇشىنى كۈتمەي، شۇ ناقىسلىقى ۋە شۇ ئەيىبلىرى بىلەن قوبۇل قىلىڭ ۋە ياخشى كۆرۈڭ. ئەگەر شۇنداق قىلسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئۆزىدىكى جەۋھەرلەرنى ۋە ئەۋزەللىكلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ھاياتتىن پەنجىرىلەرنى ئېچىپ بەرگەن بولىسىز. ئاللاھ تائالا ھەربىر ئىنساندا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرنى ياراتقان بولۇپ، ھېچبىر ئىنسان قىممەتسىز ئەمەس.

ئەقىللىقلار بىلىدۇكى، ئەگەر بىز باشقىلارنىڭ بىزدەك بولۇشىنى شەرت قىلىۋالساق، بىز ئۇلارنى مەڭگۈلۈك يوقىتىپ قويىمىز.

جورىمىزنى، پەرزەنتلىرىمىزنى ئۆزىمىزدەك ۋە ئۆزىمىز خالىغاندەك قىلىمىز دەپ ئاۋارە بولماي، ئۇلارنى ئاللاھ تائالا ياراتقان پېتى بويىچە ياخشى كۆرەلىسەك، ئۇلارنىڭ قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشى، ئۆزىنى يېتىشتۈرۈشى، ئىچىدىكى قىممەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ئۈچۈن ياردەم قىلغان بولىمىز. پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىگە ئاللاھ سۆيگۈسىنى، ياخشىلىق قىلىش ئىستىكىنى ۋە ئۆزىگە تايىنىش قىزغىنلىقىنى سېلىشىمىز تولىمۇ مۇھىمدۇر.

ئاللاھ تائالا بىزنى بىر-بىرىمىزگە ئوخشىمايدىغان شەكىل ۋە رەڭدە ياراتقاندىن تاشقىرى، ھەربىرىمىزگە ئوخشاش بولمىغان ئەقىل، ئىقتىدار ۋە تەپەككۇر قىلىش قۇدرىتى ئاتا قىلغان تۇرسا، بىز نېمە ئۈچۈن باشقىلارنى ئۆزىمىزگە ئوخشاش بولۇشقا زورلايمىز؟ ئاللاھ تائالا ھەممىنى ئوخشاش قىلىشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە بىزنى بىر-بىزىمىزدىن پەرقلەنمەيدىغان قىلىپ ياراتقان بولاتتى. ئاللاھ تائالانىڭ  بىزنى شۇنداق ھەر خىل شەكىلدە، ھەر خىل رەڭدە ۋە ھەر خىل ئىقتىداردا ياراتقانلىقى ئۇنىڭ گۈزەل سەنئەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. « ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقانلىقى، تىلىڭلارنىڭ، رەڭگىڭلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشىدۇر. بۇنىڭدا ھەربىر ئىلىم ئىگىسى ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار» .

 كىشىلەرنى شۇ پېتى قوبۇل قىلىش دېگەنلىك ئۇلارنىڭ يېتەرسىزلىك تەرەپلىرىگە، ئەخلاقىنىڭ ناچارلىقىغا رازى بولۇش ۋە ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك دېگەن مەنىگە كەلمەيدۇ. ئاۋۋال ئۆزىمىزنى، ئاندىن ئائىلە ئەزالىرىمىزنى، ئاندىن قۇلۇم-قوشنا، يار-بۇرادەرلىرىمىزنى ۋە بىز ئارىلىشىدىغان بارلىق كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش ئۈستىمىزگە پەرزدۇر. ئەمما كىشىلەرنى ئاشۇ تەقى-تۇرقى، ئەخلاقى، خاتالىقى ۋە بارچە يېتەۋرسىزلىكى بىلەن قوبۇل قىلىش دېگەنلىك ئۇلاردىن مۇكەممەللىكنى ۋە ئىلكىدە بولمىغان ئىشلارنى تەلەپ قىلماسلىق دېگەنلىكتۇر. چۈنكى ھېچكىم مۇكەممەل ئەمەس، مۇكەممەللىك بىرلا ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالاغا خاس بولغان سۈپەتنى باشقىلاردىن ياكى ئۆزىمىزدىن تەلەپ قىلىش بىمەنىلىكتۇر.

بىز ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىمەن، ماڭا ياقمىغا تەرەپلىرىنى تۈزىتىمەن دەپ ئاۋارە بولماي،  ئۇلارنى شۇ پېتى قوبۇل قىلىشىمىز لازىم. ئەگەر شۇنداق قىلمىغاندا، بىز ئۇلارنى «نېمىشقا مەندەك بولمايدۇ؟» دەپ ئىچىمىزنى يەپ ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زىيان يەتكۈزۈپ قويىمىز ھەم ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالىمىز. شۇڭا بىز ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان قىلىپ يارتقانلىق ھېكمىتىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى ئاشۇ ئوخشاشماسلىقلار بىلەن ھايات گۈزەلدۇر. ھايات ئەنە شۇلار بىلەن تاكامۇللىشىدۇر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار