تەۋھىد ۋە ئۇنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئورنى

تەۋھىد ۋە ئۇنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئورنى

مۇھەممەد يۈسۈپ

تەۋھىد ـ ئاللاھ تائالانى يېگانە ياراتقۇچى دەپ ئېتىقاد قىلىش، ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنى ھېچكىمگە ئوخشاتماسلىق دېگەنلىكتۇر.

تەۋھىد ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار: تەۋھىد رۇبۇبىيە، تەۋھىد ئۇلۇھىيە ۋە تەۋھىد ئەسما ۋە سىفاتتۇر.

تەۋھىد رۇبۇبىيە — ھەممىنىڭ رەببى بىرلا ئاللاھ تائالا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش دېمەكتۇر.

تەۋھىد رۇبۇبىيەت - ئاللاھ تائالانى ھەمىنىڭ ياراتقۇچىسى، رىزىق بەرگۈچىسى، پادىشاھى، ئۆلتۈرۈپ، تىرىلدۈرگۈرچىسى قاتارلىق بارلىق ئىشلاردا يەككە – يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ٱللَّهُ خَالِقُ كُـلِّ شَيْءٍ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ«ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ھەممە نەرسىنى قوغداپ تۇرغۇچىدۇر».

تەۋھىد ئۇلۇھىيە — ئەمەل - ئىبادەتلەرنى ئاللاھ تائالا ئۈچۈن خالىس قىلىش دېمەكتۇر. إِنَّنِيۤ أَنَا ٱللَّهُ لاۤ إِلَـٰهَ إِلاۤ أَنَاْ فَٱعْبُدْنِي«مەن ھەقىقەتەن ئاللاھمەن. مەندىن باشقا ئىلاھ يۇقتۇر، ماڭىلا قۇلچىلىق قىلغىن».

تەۋھىد ئەسما ۋە سىفات— ئاللاھ تائالانىڭ «قۇرئان كەرىم» ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە بۇ ئىسىم ـ سۈپەتلەرنى باشقىلارنىڭ ئىسىملىرىغا ۋە سۈپەتلىرىگە ئوخشاتماسلىق، شۇنداقلا ئاللاھ تائالانى ھېچبىر شەيئىگە ئوخشاتماسلىق دېمەكتۇر. لَيْسَ كَمِثْلِهِ شَيْءٌ«ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر».

 

تەۋھىدنىڭ ئەھمىيىتى

تەۋھىد ئەمەل- ئىبادەتلەرنىڭ جەۋھىرى، ساماۋى دىنلارنىڭ ئورتاق چاقىرىقى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئۇلىدۇر. ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنى ئالدى بىلەن تەۋھىدكە چاقىرغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىكى 13 يىللىق دەۋىتىمۇ پەقەت كىشىلەرنى تەۋھىدكە چاقىرىشتىن ئىبارەت بولغان. وَمَآ أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ مِن رَّسُولٍ إِلاَّ نُوحِيۤ إِلَيْهِ أَنَّهُ لاۤ إِلَـٰهَ إِلاَّ أَنَاْ فَٱعْبُدُونِ«(ئى پەيغەمبەر!) سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە: ‹مەندىن باشقا ئىلاھ  يوق، ماڭىلا قۇلچىلىق قىلىڭلار› دەپ ۋەھيى قىلدۇق»(). ئۆلىمالار دەيدۇكى، تەۋھىد ئىلىمنىڭ بېشى ۋە ئەڭ ئاخىرىدۇر. چۈنكى، مۇئمىننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك سائادىتى تەۋھىد ئەقىدىسىگە ئەمەل قىلىش بىلەن بولىدۇ.

 

تەۋھىدنىڭ پايدىسى

تەۋھىدنىڭ ئەڭ چوڭ پايدىسى بۇ دۇنيادا توغرا يول تېپىش، ئاخىرەتتە ئازابتىن قۇتۇلۇپ، جەننەتكە كىرىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىشتىن ئىبارەتتۇر. ٱلَّذِينَ آمَنُواْ وَلَمْ يَلْبِسُوۤاْ إِيمَانَهُمْ بِظُلْمٍ أُوْلَـٰئِكَ لَهُمُ ٱلأَمْنُ وَهُمْ مُّهْتَدُون «ئىمان ئېيتىپ، ئىمانىغا زۇلۇم (شېرىك) ئارىلاشتۇرمىغان ئادەملەرگە كەلسەك، (ئازابتىن) ئەمىنلىك ئەنە شۇلارغا خاستۇر. ئۇلار توغرا يولنى تاپقۇچىلاردۇر».

تەۋھىدسىز ئېيتىلغان ئىمان ۋە قىلىنغان ئەمەل ـ ئىبادەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ!

 

ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتۈرۈپ قويۇش كۇپايە قىلمايدۇ

ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەردىن يۇقىرىقى ئۈچ تۈرلۈك تەۋھىدكە ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇئمىن مۇشۇ ئۈچ تۈرلۈك تەۋھىدكە ئېتىقاد قىلىش ۋە ئەمەل قىلىش بىلەنلا مۇئمىن بولالايدۇ. چۈنكى، ئىبلىسنىڭمۇ ئاللاھ تائالاغا ئىمانى بار ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالاغا رەببىم دەپ ئىلتىجا قىلغان.رَبِّ فَأَنْظِرْنِي إِلَى يَوْمِ يُبْعَثُونَ «ئى رەببىم! ئۇنداقتا، سەن ماڭا (ئىنسانلار) تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر مۆھلەت بەرسەڭ». مۇشرىكلارمۇ ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ ياراتقۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ فَأَنَّى يُؤْفَكُونَ«ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى، كۈننى ۋە ئاينى كىم (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن) كىم بويسۇندۇرۇپ بەردى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ». لېكىن ئاللاھ تائالا ئىبلىس بىلەن مۇشرىكلارنىڭ ئىمانىنى قوبۇل قىلمىغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۈستىدىكى ھەققى ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىكىدۇر. بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئۈستىدىكى ھەققى ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلغان بەندىلىرىنى ئازابلىماسلىقتۇر». دېمەك، ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي، خالىس ئىبادەت قىلغان ئادەم جەننەتكە كىرىدۇ.

 

تەۋھىد تەقەززا قىلىدىغان ئىشلار

1. ئاللاھ تائالادىن باشقىسىنى ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلىغاندەك ئۇلۇغلىماسلىق.  قُلْ أَغَيْرَ اللَّهِ أَبْغِي رَبًّا وَهُوَ رَبُّ كُلِّ شَيْءٍ «ئېيتقىنكى، ‹ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ رەببى تۇرسا، مەن ئاللاھتىن باشقا رەب ئىزدەمدىمەن؟›». بىراۋ ئاللاھ تائالادىن باشقا بىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى سىرتىدا كىشىلەرگە تىلىگەنلىرىنى بېرەلەيدۇ، مەنئى قىلالايدۇ، ئۇلارنى ئەزىز ۋە خار قىلالايدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلسا، ئۇ ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ.قُلِ اللَّهُمَّ مَالِكَ الْمُلْكِ تُؤْتِي الْمُلْكَ مَنْ تَشَاءُ وَتَنْزِعُ الْمُلْكَ مِمَّنْ تَشَاءُ وَتُعِزُّ مَنْ تَشَاءُ وَتُذِلُّ مَنْ تَشَاءُ بِيَدِكَ الْخَيْرُ إِنَّكَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ«ئېيتقىنكى، «ئى پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ! سەن خالىغان ئادەمگە پادىشاھلىقنى بېرىسەن، خالىغان ئادەمدىن پادىشاھلىقنى تارتىۋالىسەن؛ خالىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن، خالىغان ئادەمنى خار قىلىسەن. ھەممە ياخشىلىق سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر. شەكسىزكى، سەن ھەممىگە قادىرسەن».

2. ئاللاھ تائالادىن باشقا بىرىنى ئاللاھ تائالانى سۆيگەندەك سۆيمەسلىك. قُلْ أَغَيْرَ اللَّهِ أَتَّخِذُ وَلِيًّا فَاطِرِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ«ئى پەيغەمبەر! ئۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاسمانلارنى، زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچى ئاللاھتىن باشقىسىنى ئىگەم دەۋالسام بولامتى؟». وَالَّذِينَ آَمَنُوا أَشَدُّ حُبًّا لِلَّهِ  «ئىمان ئېيتقانلار ئاللاھنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدۇ». ئاللاھ تائالانى دۇنيادىكى ھەممە سۆيگەنلەردىن بەكرەك سۆيمىگۈچە ئىمان تولۇقلانمايدۇ. شۇڭا مۇئمىن ئادەمنىڭ قەلبىدە ئاللاھ سۆيگۈسى بارلىق سۆيگۈلەرنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرۇشى لازىم.

3. ئاللاھ تائالادىن باشقىسىغا ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغاندەك ئىتائەت قىلماسلىق. أَفَغَيْرَ اللَّهِ أَبْتَغِي حَكَمًا وَهُوَ الَّذِي أَنْزَلَ إِلَيْكُمُ الْكِتَابَ مُفَصَّلًا«(ئى پەيغەمبەر! ئۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرگە (ھەقىقەتنى) ئوپئوچۇق بايان قىلىپ بېرىدىغان كىتابنى نازىل قىلغان زات تۇرسا، مەن ئاللاھتىن باشقا ھۆكۈم قىلغۇچىنى ئىزدەمدىمەن؟». ئاللاھ تائالادىن باشقىسىدىن ئاللاھ تائالادىن قورققاندەك قورقۇش، ئاللاھ تائالادىن باشقا بىرىگە ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغاندەك ئىتائەت قىلىش ئاللاھ تائالاغا مەخلۇقاتنى شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر. چۈنكى، ھەممىدىن بەك قورقۇلۇش ۋە ھەممىدىن بەك ئىتائەت قىلىنىش ئاللاھ تائالانىڭ ھەققى بولۇپ، بۇ ھەقنى باشقىلارغا ئاتىغان ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغان بولىدۇ.

 

تەۋھىدنىڭ مېۋىسى

تەۋھىد بەندىلەرگە قۇل بولۇشتىن، بارلىق قورقۇشلاردىن ۋە خۇراپاتلاردىن ئازاد بولۇش دېگەنلىكتۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالانى يەككە -يېگانە دەپ قىلغان ئادەم ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئىگىدارچىقىلىدا ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ، ئاللاھ تائالادىن باشقىسىدىن قورقمايدۇ، توغرا ئېتىقاد سايىسىدا بارلىق خۇراپاتلاردىن ئازاد بولىدۇ. تەۋھىد مۇئمىن ئادەمنىڭ دىلىنى خاتىرجەملىككە ۋە ئامانلىققا تولدۇرىدۇ. تەۋھىد مۇئمىن ئادەمنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەڭ قۇدرەتلىك، ئەڭ كەرەملىك ۋە ھېكمەتلىك بىر زاتقا تايانغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ قەلبى كۈچ-قۇۋۋەتكە، ئۈمىد ۋە ئىشەنچكە تولغان بولىدۇ. وَإِنْ يَمْسَسْكَ اللَّهُ بِضُرٍّ فَلَا كَاشِفَ لَهُ إِلَّا هُوَ وَإِنْ يُرِدْكَ بِخَيْرٍ فَلَا رَادَّ لِفَضْلِهِ يُصِيبُ بِهِ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ وَهُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ «ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر زىيان _ زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھتىن باشقا ئۇنى كۆتۈرۈۋەتكۈچى يوقتۇر، ئەگەر (ئاللاھ) ساڭا بىرەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھنىڭ بۇ مەرھەمىتىنى قايتۇرۇۋەتكۈچى يوقتۇر. ئاللاھ مەرھەمىتىنىبەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر».

 

تەۋھىدنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشاش لازىم

ئاللاھ تائالانىڭ بىزدىن تەلەپ قىلغىنى تەۋھىدنى ياخشى بىلىپ ئېتىقاد قىلىشلا ئەمەس، بەلكى ئاشۇ تەۋھىد ئېتىقادى بويىچە ياشاش ۋە ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە تەۋھىد ئەقىدىسى، تەۋھىد چۈشەنچىسى ۋە تەۋھىد تەقەززاسى بىلەن ئىش كۆرۈشتۇر. ساھابىلەر تەۋھىدنى ناھايىتى ياخشى چۈشەنگەن ۋە چۈشەنگىنىگە ئەمەل قىلغان ئىدى.

 

كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىسسىسى

مىلادىيەنىڭ 630- يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زور قوشۇن بىلەن تەبۇك غازىتىغا ھازىرلىنىدۇ. بۇ ياز كۈنلىرى بولۇپ، ئاشلىق ۋە مېۋىلەرنىڭ ھوسۇللىرىنى يىغىش ۋاقتى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەبۇك بىلەن مەدىنىنىڭ ئارىلىقى 683 كىلومېتىر كېلىدۇ، ھازىر ئاپتوموبىل بىلەن 6 سائەتتە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. ئەمما ئۆتمۈشتە ئات، ئۇلاغلار بىلەن نەچچە ئايلىق يول ئىدى. ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ مۇئمىنلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ تەبۇك غازىتىغا ھازىرلاندى. ئەمما مۇناپىقلار تۈرلۈك يالغان ئۆزرىلەرنى كۆرسىتىپ غازاتقا چىقىشتىن قېلىپ قالدى. ئاز ساندىكى مۇئمىنلەرمۇ تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن قېلىپ قالدى. بۇ قېتىمقى غازاتتىن قېلىپ قالغانلار ئىچىدە كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ بار ئىدى. شۇ ۋاقىتتا 80 دىن كۆپرەك مۇناپىق يالغان ئۆزرىلەرنى ئېيتىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى ئاقلاپ چىققان بولدى، ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىكە لايىق بولدى. ئەمما كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يالغان ئېيتمىدى. نەتىجىدە، ئاللاھ تائالانىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشتى.

كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ قىسسىسىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چىققان غازاتلاردىن تەبۇك غازىتىدىن باشقا ھېچبىرغازاتتىن قالمىغان ئىدىم. بەدرى غازىتىغا قاتنىشالمىدىم. بىرەر كىشىمۇ مېنى جىھادقا چىقمىغانلىقىم ئۈچۈن كايىغان ئەمەس. مەن تەبۇك غازىتىغا چىقىشتىن قېلىپ قالدىم. ھالبۇكى، مېنىڭ ئۆزرەم يوق ئىدى، شارائىتىممۇ يار بېرەتتى، ئىككى ئۇلىغىم بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبۇك غازىتىدىن باشقا قانداقلا بىر غازاتقا چىقماقچى بولغىنىدا، ئېھتىيات يۈزىسىدىن بىزگە باشقا تەرەپنى ئېيتاتتى. ئەمما تەبۇك غازىتى ئېنىق ئېلان قىلىنغان ئىدى. كۈن قاتتىق ئىسسىق، دۈشمەن تەرەپ بىزدىن كۈچ ۋە سان جەھەتتە نەچچە ھەسسە ئارتۇق، سەپەر بەكمۇ يىراق ئىدى. مەن بۇ غازاتقا چىقىشقا تەييارلىقمۇ كۆرۈپ قويغان ئىدىم. ئەمما چىقمىدىم. ئىچىمدە: ‹مەن بۇ جىھادقا چىقىشقا قادىر تۇرۇقلۇق ئەجەب چىقمىدىمغۇ؟› دەيدىغان بىر غۇم داۋاملىق مېنى ئازابلاپ كەلدى. باشقىلارغازات قىلدى، ئەمما مەن بۇ غازاتقا چىقمىغانلىقىم ئۈچۈن قاتتىق پۇشايمان قىلدىم ۋە ئۆزۈمنى كېسەلچانلار، ياشانغانلار ۋە ئۆزرىلىكلەر قاتارىدىن ساناپ قالدىم. ئاخىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غازاتتىن قايتىپ كەلدى. مەن ئۇنىڭ ئالدىغا نېمە دەپ چىقىشىمنى ۋە ئۆزرىسىز تۇرۇپ جىھادقا چىقمىغانلىق گۇناھىمنى قانداق يالغان ئۆزرىلەر بىلەن ئاقلىشىمنى بىلمىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر ۋاقىت غازاتتىن قايتىپ كەلگىنىدە، ئالدى بىلەن مەسجىدكە بېرىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى، ئاندىن جامائەتكە يۈزلىنىپ سۆھبەتلىشەتتى. جىھادقا چىقمىغانلار ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزرىلىرىنى بايان قىلىشقا باشلايتتى. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ يالغان ئۆزرىلىرى ئاللاھ تائالاغا ئايان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئاچچىق كۈلۈپ قوياتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەندىن نېمە ئۈچۈن غازاتتىن قېلىپ قالغانلىقىمنى سورىدى. مەن دېدىم: ‹يا رەسۇلۇللاھ! مەن سۆزگە ئۇستا بىر ئادەممەن. ھازىر سىلىدىن باشقا ئادەمنىڭ ئالدىدا بولغان بولسام، ئەلۋەتتە يالغان ئۆزرىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئۇنى ئەلۋەتتە قايىل قىلاتتىم. ئەمما سىلىنى قايىل قىلىمەن دەپ، يالغان ئېيتسام ئاللاھ بۇنى بىلىدۇ. ئۇنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىشىم تۇرغانلا گەپ. سىلىگە راست گەپ قىلىپ، ئۆزرىسىز تۇرۇپ غازاتتىن قېلىپ قالغانلىقىمنى دېسەم سىلى ماڭا ئاچچىقلىنىلا. مەن ئەمدى ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم. مېنىڭ جىھادقا چىقماسلىققا ھېچقانداق ئۆزرەم يوق ئىدى، چىقسام ئەلۋەتتە چىقالايتتىم، ئەمما چىقمىدىم› دېدىم. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹بۇ راست گەپ قىلدى› دېدى ۋە ‹ئورنۇڭدىن تۇر! سېنىڭ ئىشىڭنى ئاللاھ بىر تەرەپ قىلىدۇ› دېدى. مەن تۇرۇپ كەتتىم ۋە مەن بىلەن يەنە ئىككى كىشىمۇ بار ئىدى، ئۇلارغىمۇ شۇنداق دېدى. ئۇلارنىڭ بىرى، ھىلال ئىبنى ئۇمەييە، يەنە بىرى، مەرارە ئىبنى رەبىئ ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ بىزگە سۆز قىلىشىنى مەنئى قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بىزگە قارىمايدىغان بولدى. مەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم مالامەت قىلىشقا باشلىدىم. زېمىن بىزگە تار كەلدى. بۇ ھالەتتە 50 كۈن تۇردۇق. ئىككى سەپدىشىم ئۆز ئۆيلىرىدە بولۇپ، يىغلاش ۋە پۇشايمان قىلىش بىلەن ئۆتتى. مەن ھەر كۈنى مەسجىدكە چىقىمەن، بازارلارغا بارىمەن. ماڭا ھېچكىم گەپ قىلمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەجلىسلىرىگە بېرىپ سالام بېرىمەن، ماڭا بىرەرسى ئاغزىنى مىدىرلىتامدۇ يوق دەپ قاراپ تۇرىمەن. ئەمما ماڭا ھېچكىم گەپ قىلمايدۇ، سالاممۇ قىلمايدۇ. 40 كۈن بولغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئايالىمىزدىن يىراق تۇرۇشىمىز ھەققىدە ئەلچى ئەۋەتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئايالىمنى ئائىلىسىگە ئەۋەتتىم. سەپداشلىرىممۇ شۇنداق قىلدى. مەن 10 كۈن يالغۇز قالدىم. بىر كۈنى بامدات نامىزىدا ئىدىم. جامائەت ئەتراپىمنى ئورىۋالدى ۋە ھەممىسى ئاللاھنىڭ مېنى ئەپۇ قىلغانلىقى ھەققىدە ئايەت نازىل بولغانلىقىنى ئېيتىپ، مېنى قىزغىن تەبرىكلىدى»().

مانا بۇ تەۋھىدنىڭ ئەمەلىي ھاياتتا تەتبىقلىنىشى بولۇپ، كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدا تەۋھىد ئەقىدىسى كۈچلۈك بولمىغان بولسا ئىدى، ئۆزىنىڭ سۆزمەنلىكى بىلەن يالغان ئۆزرە ئېيتىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا ئاقلىنىپ چىققان بولاتتى. ئەمما ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەمەس، ئاللاھ تائالا بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتاتتى، ھېسابنى ئاللاھ تائالاغا بېرىۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ قەتئىي يالغان سۆزلىمىدى. نەتىجىدە، ئاللاھ تائالانىڭ بىۋاسىتە مەغپىرىتىگە سازاۋەر بولدى.

 

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ تەۋھىد ئەقىدىسى

ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەردە كېلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قېتىم غازاتقا چىقماقچى بولسا، ئاياللىرى ئوتتۇرىسىدا چەك تاشلايتتى، چەك قايسى ئايالىغا چىقسا، شۇنى غازاتقا بىرگە ئېلىپ چىقاتتى. ھىجرىيەنىڭ 6 _ يىلى يۈز بەرگەن بەنى مۇستەلىق غازىتىغا چىققاندا، شۇ تەرىقىدە چەك تاشلاپ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى بىرگە ئېلىپ چىققان ئىدى. غازاتتىن قايتىشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام ئەسكەرلىرى بىلەن بىر قەۋمنىڭ مەھەللىسىگە چۈشۈپ، بىرئاز ئارام ئالغاندىن كېيىن، يەنە يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇ ئەسنادا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئىسلام قوشۇنىدىن يىراقراق بىر جايغا ھاجەت قىلغىلى كېتىپ قېلىپ قايتىپ كېلىدۇ ۋە قولىدىكى ئۈزۈكىنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئۇنى ئىزدەش ئۈچۈن ئۇ جايغا يەنە قايتا كېتىپ قالىدۇ. بۇ ئارىدا ئىسلام قوشۇنى يولغا راۋان بولۇپ كېتىپ قالىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ كاجۋىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭغۇچىلار، كاجۋىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يوقلۇقىنى بىلمەستىن قۇرۇق كاجۋىنى كۆتۈرۈپ كېتىپ قالىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ناھايىتى ئورۇق ۋە كىچىك بىر قىز بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئېغىرلىقىمۇ ھېس قىلىنمايتتى. بۇ سەۋەبتىن كاجۋىنى كۆتۈرگەنلەر كاجۋىدا ئۇنىڭ يوقلۇقىنى سەزمىگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا قايتىپ كەلگەندە ئىسلام قوشۇنى بۇ جايدىن قوزغىلىپ بولغان ۋە ھېچكىم قالمىغان ئىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا قوشۇندىكىلەرنىڭ ئۇنىڭ كاجىۋىدا يوقلۇقىنى بىلىپ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپ، بۇ جەرياندا كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپ قالىدۇ. قوشۇننىڭ ئادىتى بويىچە ھەربىر سەپەردە بىرەر ئادەم كەينىدە قېلىپ قوشۇن ئىچىدىكىلەر ئۇنتۇپ قالغان نەرسىلەرنى يىغىپ ماڭاتتى. بىر مەھەلدىن كېيىن ئىسلام قوشۇنى ئىچىدىكىلەردىن سەفۋان دېگەن كىشى يولدا كېتىۋېتىپ بىرىنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ قالىدۇ ۋە يېقىنلىشىپ كېلىپ ئۇنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئىكەنلىكىنى تونۇيدۇ. ئاندىن ئۇنى سىلىق ئويغىتىپ تۆگىگە مىندۈرىدۇ ۋە ئۆزى يېتىلەپ ئىسلام قوشۇنى چۈشكەن ئىككىنچى قوناق جايغا يېتىپ كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇ ئىككىسىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلەر ئىچىدە مۇناپىقلارنىڭ كاتتىبېشى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇلمۇ بار ئىدى. بۇ مۇناپىق ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى كۆرۈپلا ئىغۋا تارقىتىشقا ۋە ئۇنىڭ بىلەن سەفۋان ئىككىسىگە تۆھمەت چاپلاشقا باشلايدۇ. بەزى مۇئمىنلەرمۇ بۇ مۇناپىقنىڭ ئىغۋاسىغا ئىشىنىپ كېتىدۇ.

سەفۋان ساھابىلەرنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكلىرىدىن بولۇپ، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر قانچە قېتىم غازاتلارغا قاتناشقان، ھىجرىيەنىڭ17- يىلى ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ زامانىسىدا ئەرمەنلەر بىلەن بولغان غازاتتا شېھىت بولغان.

ئىسلام قوشۇنى سەپەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا كېسەل بولۇپ بىر ئايغىچە ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالىدۇ. تۆھمەتخورلارنىڭ ئۆزى توغرۇلۇق نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقىدىن قىلچە خەۋىرى بولمايدۇ. كېسەلدىن ئەمدى ساقىيىپ ئەسلىگە كەلگەندە، مۇناپىقلارنىڭ ئۆزى توغرۇلۇق تارقاتقان ئىغۋالىرىدىن خەۋەردار بولىدۇ ۋە قاتتىق بىئارام بولۇپ يەنە يېتىپ قالىدۇ. بۇ قېتىمقىسى ئالدىنقى قېتىمقى كېسىلىدىن ئېغىر بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رۇخسەت سوراپ ئاتا _ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپ قالىدۇ. ئۆيىگە بېرىپ تارقىلىۋاتقان ئىغۋا ھەققىدە ئانىسىدىن سورىغىنىدا، ئانىسى بۇ ئىغۋانىڭ راست تارقىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭمۇ خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا كېچە بىلەن كۈندۈزىنى يىغلاش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ تۆھمەت ئۇنىڭغا بەكمۇ ئېغىر كېلىدۇ، كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. بۇ تۆھمەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغىمۇ قاتتىق ئېغىر كېلىدۇ. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىدتە مۇنبەرگە چىقىپ جامائەتكە: «بىر ئادەم مېنىڭ ئائىلەمگە تىل تەگكۈزۈش ئارقىلىق بىزگە ناھايىتى قاتتىق ئەزىيەت قىلدى. سىلەردىن كىم ماڭا ياردەم قىلىدۇ؟ مەن ئائىلەمنىڭ پاكلىقىغا ئىشىنىمەن» دەيدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ناھايىتى ئىپپەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنەتتى.

ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كىرىپ: «ئەي ئائىشە! سىزنىڭ ھەققىڭىزدە ئىغۋالار بولۇۋاتىدۇ، ئەگەر سىز پاك بولسىڭىز، ئاللاھ سىزنى چوقۇم ئاقلايدۇ، ئەگەر گۇناھ قىلىپ قويغان بولسىڭىز، ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭ» دەيدۇ. بۇ چاغدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يامغۇردەك قۇيۇلۇۋاتقان كۆز يېشىنى سۈرتكەچ دادىسىغا قاراپ ئۇنىڭ جاۋاب بېرىشىنى ئۆتۈنىدۇ. دادىسى «نېمە دېيىشىمنى بىلمىدىم» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، ئاندىن ئانىسىغا يالۋۇرىدۇ. ئانىسىمۇ دادىسىنىڭ ئېيتقان سۆزىنىڭ بەئەينىسىنى ئېيتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاللاھ تائالاغا بولغان چىن ئىمانى ۋە تولۇپ تاشقان ئىشەنچىسى بىلەن «بىلىۋاتىمەنكى، سىلەر بۇ ئىغۋانى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ توغرا ياكى يالغانلىقىنى بىلەلمەي قالدىڭلار. مەن ئۆزۈمنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئىغۋانىڭ پەقەتلا بىر تۆھمەت ئىكەنلىكىنى ئېيتساممۇ سىلەر مېنىڭ سۆزۈمگە بەلكى ئىشەنمەيسىلەر. ئەمما ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ، مېنىڭ پاكلىقىمنىمۇ بىلىدۇ. مەن بۇ ھەقتە يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىدىن باشقىسىنى ئېيتالمايمەن دەپ مۇنۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلىدۇ:مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، سىلەرنىڭ بۇ يالغانلىرىڭلارغا (سەۋر قىلىشىم ئۈچۈن ماڭا) ئاللاھ مەدەتكاردۇر. ئارقىدىنلا يەرگە يىقىلىپ قاتتىق يىغلاشقا باشلايدۇ. ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ: «ئاللاھ مېنى چوقۇم ئاقلايدۇ» دەيدۇ.

كۈنلەر شۇنداق ئۆتىدۇ، بىر كۈنى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئاقلىغان ئايەتلەر نازىل بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشەگە «ئەي ئائىشە! سىزنى ئاللاھ ئۆزى ئاقلىدى، سىزنى تۆھمەتتىن ئاقلىدى، سىزگە مۇبارەك بولسۇن» دەيدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا: «ئەي قىزىم! رەسۇلۇللاھقا ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ دېگەندە»، ئۇ «مەن ئۇنىڭغا ئورنۇمدىن تۇرمايمەن، ئاللاھتىن باشقىسىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرمەيمەن. چۈنكى، مېنى ئاللاھ ئۆزى ئاقلىدى» دەيدۇ (). مانا بۇ ھەقىقىي تەۋھىد، مانا بۇ تەۋھىدنىڭ رېئاللىقتا تەتبىقلىنىشى.

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ياتلىق بولۇشنى رەت قىلغان ئايالنىڭ قىسسىسى

بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئايالغا ئۆزى بىلەن ئۆيلىنىش تەكلىپىنى قويىدۇ. بۇ ئەسلىدە ئايال ئۈچۈن تەسۋىرلەپ بولغۇسىز كاتتا شەرەپ، ھۆرمەت ۋە چوڭ نېمەت بولۇپ، ئايال بۇنى ناھايىتى ئوبدان بىلەتتى. بۇنداق بەخت قوشى ھەممىلا ئايالنىڭ بېشىغا قونمايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى بولۇش شەرىپىگە ئېرىشەلمىگەن نۇرغۇن ئاياللار بار ئىدى. لېكىن ئۇ ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزى بىلەن ئۆيلىنىش تەكلىپىنى رەت قىلىدۇ. بۇ ئەھۋالدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەيران قالىدۇ، ساھابىلەرمۇ ھاڭ-تاڭ بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، بۇنداق كاتتا شەرەپنى كىم رەت قىلسۇن؟!

بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋايىغا يەتكەن سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دەيدۇ: «يارەسۇلۇللاھ! ئۆزلىرىنىڭ ئەمرىگە ئۆتۈش مەن ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك كاتتا شەرەپ. بۇنى مەن ئوبدان بىلىمەن. ئەمما مېنىڭ بىر قانچە كىچىك بالام بار. ئۇلارنى بېقىش، قاتارغا قوشۇش ۋە ئۇلار بىلەن بولۇش مېنىڭ ئۈستۈمدىكى مەسئۇلىيەت. مەن ئۆزلىرىگە ياتلىق بولسام، بالىلىرىمنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىقالماي، ئاللاگنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولۇپ قېلىشتىن قورقىمەن. چۈنكى ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتىدە بولاي دېسەم، بالىلىرىم قالىدۇ، بالىلىرىم بىلەن بولاي دېسەم، سىلىنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلالمايمەن. شۇڭا بۇ ئىككى مەسئۇلىيەتتىن چىقىپ بولالماسلىقىمدىن قورقىمەن». مانا بۇ ھەقىقىي تەۋھىد ۋە ھەقىقىي تەقۋالىقتۇر. چۈنكى تەقۋالىق — ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ قويۇشتىن قورقۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئورۇنداش ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ياشاش دېگەنلىكتۇر.

 

ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلمەس سۆزى

ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ قەدىناس دوستى ۋە ئەڭ ۋاپادار ھەمراھى بولۇپ، بۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى دوستلۇقنى تەسۋىرلەپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس. ھەتتا مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش يولىدا ئىككىسى غاردا يوشۇرۇنغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاتتىق ھارغىنلىقتىن ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قۇچىقىدا ئۇخلاپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ غارنىڭ تۆشۈكلىرىدىن يىلان چىقىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىئارام قىلمىسۇن دەپ، ئۆزىنىڭ كىيىمىنىڭ بىر قىسمىنى يىرتىپ، پارچە-پارچە رەخت قىلىپ، بۇ رەختلەر بىلەن غاردىكى تۆشۈكچىلەرنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ چىقىدۇ. بىر تۆشۈكچە  قالغاندا رەخت يەتمىگەنلىكتىن، ئۆزىنىڭ قولىنى تۆشۈككە بېسىپ تۇرىدۇ. شۇ ئەسنادا ئاشۇ قولىنى يىلان چېقىۋالغانلىقتىن، قاتتىق ئاغرىپ كېتىپ ئىختىيارسىز كۆزلىرىدىن ياش تېمىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەڭزىگە چۈشىدۇ. ئۇلار يول بويى ئۇسسۇزلۇقتا ئازراق سۈتكە ئېرىشىدۇ. ئۇنى ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىچكۈزىدۇ. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېيىنچە، بۇ قىسسىنى ساھابىلەرگە بايان قىلىپ بېرىپ:  «ئاشۇ چاغدا رەسۇلۇللاھنىڭ ئىچكەنلىكىنى كۆرۈپ،ئۇسسۇزلۇقۇم شۇئاندىلا بېسىقىپ قالغان ئىدى» دەيدۇ.  دېمەك، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئەنە شۇنداق ياخشى كۆرەتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان كۈنى ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ خەۋەرگە ئىشەنمىگەن ھالدا، «كىمكى رەسۇلۇللاھنى ۋاپات بولدى دەيدىكەن، ئۇنىڭ بېشىنى ئالىمەن» دەپ يۈرگەندە، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خۇتبىگە چىقىپ جامائەتكە مۇنداق دېگەن: «ئەييۇھەنناس! كىمكى مۇھەممەدكە ئىبادەت قىلغان بولسا، مۇھەممەد ۋاپات بولدى، كىمكى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىكەن، ئاللاھ تىرىكتۇر، ئۇ ھەرگىز ئۆلمەيدۇ». مانا بۇ ھەقىقىي تەۋھىد، مانا بۇ ھەقىقىي ئىمان.

 

ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ئەقىدىسى

خالىد ئىبنى ۋەلىد ساھابىلەرنىڭ ئىچىدە بىرىنچى دەرىجىلىك ھەربى قوماندان ئىدى. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن «ئاللاھنىڭ قىلىچى» دېگەن كاتتا ئۇنۋانغا ئىگە بولغان. خالىد ئىبنى ۋەلىد قوماندانلىق قىلغان غازاتلارنىڭ ھەممىسىدە مۇسۇلمانلار ئاساسەن غەلىبە قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ زامانىدا، خەلىپە ئۆمەر ئۇنى سەۋەبسىز ھالدا قوماندانلىقتىن ئېلىپ تاشلايدۇ. خالىد ئىبنى ۋەلىد بۇ ئۇشتۇمتۇت ئەھۋالدىن ھەيران قېلىپ، ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ يېنىغا بارىدۇ. ئۇنىڭدىن: «ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن! مېنى نېمىشقا ۋەزىپەمدىن ئېلىپ تاشلىدىڭىز؟» دەپ سورايدۇ. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «مەن سېنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن. ئەمما كۆردۈمكى، كىشىلەر غەلىبىنى ئاللاھتىن ئەمەس، خالىدتىن كەلدى دەيدىغان بولۇپ قالدى. شۇڭا ئىنسانلار غەلىبە خالىدتىن ئەمەس، خالىدنىڭ رەببىدىن كېلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن، دەپ شۇنداق قىلدىم» دەيدۇ. مانا بۇ تەۋھىد ئەقىدىسى. خالىد ئىبنى ۋەلىد قوماندانلىقتىن ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىنمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبىسى داۋام قىلىۋەردى. شۇنىڭ بىلەن بەزى كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىدىكى بۇ خاتالىق تۈزىتىلدى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار