تەپەككۇر قىلىش ئىبادەتتۇر

تەپەككۇر قىلىش ئىبادەتتۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

   ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نى ئۇنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ چۈشەنسۇن، دەپ نازىل قىلغان. «قۇرئان كەرىم»دە كەلگەن ئەمرلەرنىڭ ھەممىسى پەرزلىكنى ئىپادىلەيدۇ. پەرز ئەمەللەرنى ئادا قىلىش ئىبادەتتۇر. «أَقِيمُوا الصَّلَاةَ» (ناماز ئوقۇڭلار)،  «آَتُوا الزَّكَاةَ» (زاكات بېرىڭلار) دېگەن ئەمرلەرنىڭ ھەممىسى پەرزلىكنى ئىپادىلىگەندەك، «انْظُرُوا مَاذَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ» يەنى (ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى كۆزىتىڭلار) دېگەن ئەمرمۇ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى گۈزەل سەنئەتلەرنى كۆزىتىپ تەپەككۇر قىلىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.  )كِتَابٌ أَنْزَلْنَاهُ إِلَيْكَ مُبَارَكٌ لِيَدَّبَّرُوا آيَاتِهِ وَلِيَتَذَكَّرَ أُولُو الْأَلْبَابِ( يەنى «(ئى پەيغەمبەر!) (بۇ) ئۇلار ئايەتلەرنى تەپەككۇر قىلسۇن ۋە ئەقىل ئىگىلىرى ئۈگۈت ئالسۇن دەپ، بىز ساڭا چۈشۈرگەن مۇبارەك كىتابتۇر»[1] قۇرئان ئوقۇشتىن مەقسەت ئۇنىڭ ھەربىر ئايىتىنىڭ مەنىسىنى بىلىش، ئۇنىڭ مېۋىسى تەپەككۇر قىلىشتۇر. تەپەككۇر قانداق قىلىنىدۇ؟

تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى

تەپەككۇر قىلىشنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللىرى بار. بىز بۇ يەردە تۆۋەندىكى ئۈچ ئۇسۇلنى مىسال قىلايلى:

1.         بىر نەرسىنىڭ ئۆزى ۋە ئەسلى كېلىپ چىقىشى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش. )خلق الانسان من علق([2] يەنى «ئىنسان ئەلەقتىن (بالىياتقۇ تېمىغا يامىشىپ قالغان ئۇرۇقتىن) يارىتىلغان» دېگەن بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىغا ئېسىلىپ قالغان ئاشۇ بىر تال سېپېرما ئۇرۇقىدىن يارىتىلىپ، كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىكى ۋە ئەڭ ھۆرمەتلىكى بولغانلىقىنى ئويلىغان ئادەم ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىمانىنى كۈچەيتەلەيدۇ.

2.         بىر نەرسىنىڭ ئۆزى ۋە يوقلۇقى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش. ) قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ أَصْبَحَ مَاؤُكُمْ غَوْرًا فَمَنْ يَأْتِيكُمْ بِمَاءٍ مَعِينٍ( يەنى «(ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ‹دەپ بېقىڭلارچۇ، سۈيۈڭلار سىڭىپ كەتسە، سىلەرگە كىم ئېقىن سۇ كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟›»[3] دېگەن ئايەت ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ، سۇسىز ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىزدا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەققىنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىمىز. نەتىجىدە، ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىمانىمىز كۈچلىنىدۇ، ئىخلاسىمىز ئاشىدۇ.

3.         بىر نەرسىنىڭ ئۆزى ۋە ئەكسى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش. ) قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ جَعَلَ اللَّهُ عَلَيْكُمُ اللَّيْلَ سَرْمَدًا إِلَى يَوْمِ الْقِيَامَةِ مَنْ إِلَهٌ غَيْرُ اللَّهِ يَأْتِيكُمْ بِضِيَاءٍ أَفَلَا تَسْمَعُونَ (يەنى «(ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ‹دەپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ كېچىنى سىلەر ئۈچۈن تا قىيامەت كۈنىگە قەدەر سوزۇلىدىغان قىلسا، ئاللاھتىن باشقا قايسى ئىلاھ سىلەرگە يورۇقلۇق كەلتۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟ سىلەر تېخىچە (ھەق سۆزنى) ئاڭلىمامسىلەر؟›»[4] دېگەن ئايەت ئۈستىدە تەپەككۇر قىلغان ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالمىشىپ تۇرىدىغان قىلىپ ياراتقانلىق نېمىتىنى چۈشىنىپ، ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلىشنىڭ نەقەدەر زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ. نەتىجىدە، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان باغلىنىشى كۈچلىنىدۇ.

بىز ئەمدى، تەپەككۇر قىلىشنىڭ يۇقىرىقى ئۈچ ئۇسۇلى بويىچە ئۆزىمىزدىكى ئەزالارنىڭ بىرەرسى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ كۆرەيلى. مەسىلەن: كۆزىمىز توغرۇلۇق ئويلىنىپ باقايلى:

تەبىئەتنىڭ بارلىق گۈزەللىكلىرىنى، ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتىكى بارلىق گۈزەل سەنئەتلىرىنى كۆرىشىمىزنىڭ بىردىنبىر قورالى بولغان مۇشۇ ئىككى كۆزىمىز نەدىن پەيدا بولدى؟ ئۇ قانداقچە كۆرىدىغان بولۇپ قالدى؟ بالىياتقۇ تېمىغا ئېسىلىپ قالغان ئاشۇ بىر تال ئۇرۇقتىن پەيدا بولغان بۇ ئىنسان قانلارچە بۇ ئىككى كۆزنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدى؟

ئاندىن كۆرمەيدىغان ئىنسان توغرۇلۇق تەپەككۇر قىلىپ باقايلى: ئەگەر ئاللاھ تائالا بىزنى كۆرمەيدىغان قىلىپ ياراتقان بولسا، بۇ گۈزەل تەبىئەتنىڭ، كائىناتتىكى رەڭگارەڭ سەنئەتلەرنىڭ نېمىگە پايدىسى بولغان بولاتتى؟ بۇلارنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولغان بولاتتى؟

ئاندىن يەنە ئويلاپ باقايلى: ئەگەر ئاللاھ تائالا  ئىنساننىڭ كۆزلىرىنى ھازىرقى ئورنىغا ئەمەس، ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىگە ياكى مەيدىسىگە ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، ئىش قانداق بولار ئىدى؟ ھازىرقىدەك ھەر نەرسىنى ئوڭايلا كۆرگىلى بولارمىدى؟

دېمەك، بىز بارلىق ئەزالىرىمىز ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىدىغان بولساق، ئاللاھ تائالانىڭ ھەممە ئەزانى ئەڭ مۇناسىپ ئورۇنلارغا جايلاشتۇرغانلىقىنى بىلىپ يېتىمىز. بۇ ئىشلار تاساپىيلىقنىڭ مەھسۇلى ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشى سايىسىدا ئەمەلگە ئاشقان ئىشتۇر. ئاللاھ تائالا بىزنى ئۆزىمىزدىى ئەزالار ۋە ئۆزىمىزدىكى نېمەتلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشقا بۇيرۇپ: )وَفِي أَنْفُسِكُمْ أَفَلَا تُبْصِرُونَ( يەنى «ئۆزۈڭلار توغرۇلۇق تەپەككۇر قىلمامسىلەر؟»[5] دېگەن.

 

 



[1] ساد سۈرىسى: 29- ئايەت.
[2] ئەلەق سۈرىسى: 2- ئايەت.
[3] مۇلك سۈرىسى: 30- ئايەت.
[4] قەسەس سۈرىسى: 71- ئايەت.
[5] زارىيات سۈرىسى: 21- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار