ئىشلىگەننىڭ يۈزى يورۇق

ئىشلىگەننىڭ يۈزى يورۇق

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئىشلەش دىنىمىزنىڭ ئەمرى، ھاياتلىقنىڭ تەلىپى بولۇپ، تىرىكچىلىك يولىدا تەر ئاققۇزۇش ئەڭ شەرەپلىك ئەمەلدۇر. گەرچە ئاللاھ تائالا بارچە جانلىقنىڭ رىزقىنى بېرىشنى ئۈستىگە ئالغان بولسىمۇ، ھەربىر جانلىقنى ئىشلەشكە ۋە ئاللاھ تائالا بېرىدىغان ئاشۇ رىزقىنى ئۆزى تېپىپ يېيىشكە بۇيرۇغان. چۈنكى، دۇنيانىڭ ئىشلىرى سەۋەبلەرگە باغلىق قىلىنغان بولۇپ، سەۋەب قىلغانلار مەقسىتىگە يېتىدۇ. ئىسلام دىنى ئىشلەشنى پەرز قىلىپ بەلگىلىگەن ۋە ئىشلىگەننىڭ شەنىنى، قەدىر _ قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن يېگانە دىندۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ قۇدرەت تېپىشى ۋە خەلقئارالىق رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئورنىنى نامايان قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىشلىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشى ئىنتايىن زۆرۈر. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى ئىشلەشكە بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن:  فَامْشُوا فِي مَنَاكِبِهَا وَكُلُوا مِنْ رِزْقِهِ «سىلەر (تىرىكچىلىك قىلىپ) زېمىننىڭ تەرەپ _ تەرەپلىرىدە مېڭىپ، ئاللاھنىڭ (بەرگەن) رىزقىدىن يەڭلار» ،  فَإِذَا قُضِيَتِ الصَّلَاةُ فَانْتَشِرُوا فِي الْأَرْضِ وَابْتَغُوا مِنْ فَضْلِ اللَّهِ «ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا زېمىنغا تارقىلىپ (تىرىكچىلىك قىلىش ئارقىلىق) ئاللاھنىڭ پەزلىدىن (رىزقىڭلارنى) تەلەپ قىلىڭلار» .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەكىم ئۈچۈن ئۆز قولى بىلەن ئىشلپ يېگەن تائامدىن ياخىشى تائام يوقتۇر، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئۆز قپلى بىلەن ئىشلەپ يەيتتى» ، «ئەڭ ياخشى كەسىپ ھالال تىجارەت ۋە ئۆز قولنىڭ مېھنىتىدۇر» ، «جېنىم ئىلكىدە بولغاسن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بىراۋنىڭ ئوتۇن توشۇپ تىرىكچىلىك قىلغىنى باشقىلاردىن تىلىگىنىدىن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر. باشقىلاردىن تىلىگەن بىلەن ئۇلار يا بېرىدۇ ياكى بەرمەيدۇ» .

 

ئىشلىگەن چىشلەيدۇ

 ئەپسۇسكى، ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقىنىڭ ئىشلەپچىقارغۇچى ئەمەس، بەلكى ئىستېمالچى بولۇپ قالغانلىقى ئۇلارنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ كۆرسەتمىسىدىن قانچىلىك يىراقلىشىپ قالغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. ئىسلام مەملىكەتلىرىدىكى كۈندىلىك ئىشلەش سائىتى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، بەزىسىدە يېرىم سائەت، بەزىسىدە 18 مىنۇت، بەزىسىدە 12 مىنۇت ئارىسىدا بولىدىكەن. ئەمما ياۋروپا، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كۈندىلىك ئىشلەش سائىتى 8 سائەتتىن قەتئىي كەم بولمايدىكەن. شۇڭا ئۇلار ھەر تەرەپتىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ دىيارلىرىدا بولغاندەك زاپاس تەبئىي بايلىقلار بولسىمۇ تەرەققىي قىلغان ۋە باي بولغان. مەن ئاۋۇسترالىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ساياھەتتە بولدۇم. ئەتىگەن بامدات ۋاقتىدا يوللاردا قاتناش زىچلىقىدىن ھەممە ئادەم سىرتقا چىقىۋالغانمىدۇ، دەپ قالدىكەنمىز. ئاخشىمى سائەت 9 دىن كېيىن يوللاردا ئادەم تاپقىلى بولمايدىكەن. ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى بەزى ئۇيغۇر قېرىنداشلار مەندىن «بىز ناماز بامداتتىن بۇرۇن ئۆيدىن چىقىپ بولىمىز، بامداتنىڭ ۋاقتىدا ئۆيىمىز بىلەن ئىش ئورنىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بىز بامداتنى يولدا ئوقۇساق بولامدۇ ياكى ئىشقا بېرىپ ئوقۇساق ياخشىمۇ؟» دېگەن مەزمۇندا پەتىۋا سورىدى. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، مەزكۇر دۆلەتتىكى كىشىلەر بامداتتىن بۇرۇن ئىشقا ماڭىدىكەن. شۇڭا ئۇلار ئىستېمالچى ئەمەس، ئىشلەپچىقارغۇچى بولالىغان ۋە تەرەققىي قىلىپ باي بولغان.

ئەپسۇسكى، بىز ياشاۋاتقان ئىسلام دۆلىتىدە كۈندىلىك تىرىكچىلىك ئاساسەن ناماز ئەسىردىن كېيىن باشلىنىپ كەچ سائەت 12 لەرگىچە داۋاملىشىدۇ. پىشىن نامىزىنىڭ ۋاقتىغىچە ئۇخلاش بۇ دۆلەتلەردە مودا دېسەكمۇ بولىدۇ. ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ۋە شىركەتلەردە ئىشلەيدىغانلارمۇ ئەتىگەن سائەت 9 غا ئىشقا كېلىپ بولسا كاتتا ئىش قىلغان بولىدۇ. پىشىن نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئىش ئورۇنلىرىدا ئادەم تاپقىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ مەملىكەتتە بىر سائەتلىك ئىش ھەپتىگە، بىر كۈنلىك ئىش ئايلارغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ. بۇلارغا ئاللاھ تائالا زاپاس تەبىئىي بايلىق ئاتا قىلمىغان بولسا ئاچ قالاتتىكەن دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە.

مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى گەرچە «قۇرئان كەرىم»گە ئىمان ئېيتمىغان بولسىمۇ، ئۇلار «قۇرئان كەرىم» كۆرسەتكەن ۋە ئاللاھ تائالا بېكىتكەن قانۇنىيەت بويىچە ئىش كۆرىدىكەن. بەزىدە شۇنداق ئويلاپ قالىمەنكى، ئۇلاردا بىرلا ئىمان كەم ئىكەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىمىزغا ئىمانى بولسا ھەممە تامام بولىدىكەن. چۈنكى، بىز ئىسلامنىڭ نامىنى ياشىتىۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئۇلار ئىسلامنىڭ روھىنى ۋە ئىسلام ئەخلاقىنى ياشاتماقتا ئىكەن.

 

 «قۇرئان كەرىم» ئىشلەشكە بۇيرۇيدۇ

«قۇرئان كەرىم»دە «العمل» (ئىشلەش) دېگەن سۆز 359 ئورۇندا كەلگەن ۋە كۆپلىگەن ئايەتلەردە «ئىشلەش» دېگەن سۆز ئىمانغا يانداشتۇرۇپ كەلتۈرۈلگەن. إِنَّ الَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ كَانَتْ لَهُمْ جَنَّاتُ الْفِرْدَوْسِ نُزُلًا «شەكسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ مەنزىلگاھى فىردەۋس جەننەتلىرى بولىدۇ» ، إِنَّ الَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ سَيَجْعَلُ لَهُمُ الرَّحْمَنُ وُدًّا « شەكسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۈچۈن، رەھمان ئاللاھ (دىللاردا) مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ» . بۇ ئايەتلەردە كەلگەن «ياخشى ئەمەل» دىن ۋە دۇنيالىق ئۈچۈن ئىشلەش تەلەپ قىلىنغان بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، ئاخىرەتلىك ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىش زورۈر بولغاندەك، دۇنيالىق ئۈچۈن توغرا ۋە يوللۇق ئىشلارنى قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىشمۇ ئىنتايىن زۆرۈر.

 

تارىختا كۆرۈلمىگەن ياردەملىشىش

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ۋاقتىدا مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىگە ھىجرەت قىلىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇ جايدا مەككىدىن كەلگەن مۇھاجىرلار بىلەن مەدىنىلىك ئەنسارلارنىڭ ئۆز ئارا قېرىنداش بولۇشىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلار ئوتتۇرىسىدا بار نەرسىسىسىنى بۆلۈشۈشتىن باشلاپ، بىرى ۋاپات بولسا ھايات قالغىنى ئۇنىڭدىن مىراس ئالىدىغان ئادەت يولغا قويۇلغان. كېيىن مەخسۇس ئايەت نازىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مىراس ئېلىش ئادىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ قېرىنداشلىق ئادەتتىكى دىنىي قېرىنداشلىقتىن ھالقىغان ئالاھىدە بىر قېرىنداشلىق بولۇپ، ئەنسارلاردىن ھەربىرى مۇھاجىرلاردىن بىرەردىن كىشىنى ئۆزىگە قېرىنداش قىلىۋالغان ئىدى. شۇ چاغدا مەككىدىن كەلگەن مۇھاجىر ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەنسارلاردىن سەئىد ئىبنى رەبىئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن قېرىنداش بولغان ئىدى. سەئىد ئىبنى رەبىئ ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفكە تەكلىپ قويۇپ: «مېنىڭ پۇل – مېلىمنى تەڭدىن بۆلۈشەيلى» دېگەندە، ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف: «رەھمەت، ئاللاھ ساڭا پۇل-مېلىڭدا كۆپ بەرىكەت بەرسۇن، سەن مېنى بازارنى كۆرسىتىپ قويغىن، تىرىكچىلىك قىلاي» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەدىنە بازىرىدا سودا قىلىپ يۈرۈپ، ئاز ۋاقىت ئىچىدە باي بولۇپ كېتىدۇ، كېيىنچە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ باي كىشىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ ناھايىتى سېخىي ۋە تەقۋادار كىشى بولۇپ، ھايات ۋاقتىدا مال-دۇنياسىنىڭ تەڭ يېرىمىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىۋەتكەن. مىلادىيەنىڭ 630- يىلى مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ باشچىلىقىدا تەبۇك غازىتىغا تەييار بولغاندا، ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ 700 تۆگىنى، ئۈستىدىكى تاۋارلار بىلەن قوشۇپ جىھادقا ئاتىغان، ۋاپات بولىدىغان ۋاقتىدا، بەدرى غازىتىغا قاتناشقا مۇجاھىدلاردىن ھەربىرىگە 400 دىرھەمدىن بېرىشنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن ھەربىرىگە مەلۇم مىقداردا مەبلەغ بېرىشنى ۋەسىيەت قىلغان.

 

ئىشلىمەسلىككە ئۆزۈر يوق

بىر كۈنى ساھابىلەردىن بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، «يا رەسۇلۇللاھ! مەن يوقسۇللۇقتىن بەك قىينىلىپ كەتتىم» دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئۆيۈڭدە پۇلغا يارىغۇدەك بىر نەرسە بولسا ئېلىپ كەل» دەيدۇ. ئۇ كىشى ئۆيىگە كېتىپ، بىر جۈپ ئاياغنى ئېلىپ كېلىپ، «بۇنىڭدىن  باشقا پۇلغا يارىغۇدەك نەرسە تاپالمىدىم» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى بازارغا باشلاپ بېرىپ، «بۇ ئاياغنى ئالىدىغانلار بارمۇ؟» دەيدۇ. بۇ ئارىدا ساھابىلەردىن بىرى كېلىپ، ئاياغنى ئىككى دىرھەم سېتىۋالىدۇ. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە ئىككى دىنارنى بېرىپ، «بىر دىنارغا پالتا سېتىۋال، يەنە بىر دىنارغا پەرزەنتلىرىڭگە يېمەك سېتىۋال. ئاندىن جاڭگالغا بېرىپ ئوتۇن كېسىپ كېلىپ سات» دەيدۇ. ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن بويىچە ئىش قىلىپ، بىر باغ ئوتۇننى كېسىپ ئېلىپ كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئوتۇننى بىر دىرھەمگە سېتىۋالىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا: «ئەمدى سەندە پالتىمۇ بولدى، دەسمىمۇ بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن، مۇشۇنداق قىلىپ تىرىكچىلىك قىلغىن» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى بىر ئوبدان تىرىكچىلىك قىلىدىغان ۋە ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدايدىغان بولىدۇ.

 

تىرىكتاپلار يەر يۈزىگە يۈكتۇر

ئىشلەش تىرىكلەرنىڭ نىشانىسى بولسا، تىرىكتاپلار ئۆلۈكلەردۇر. بىر كۈنى ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسجىدتىن چىقماي ئىبادەت قىلىپ ئولتۇرغان بىر كىشىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بارىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن تۇرمۇشىنى قانداق قامدايدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئۇ: «تۇرمۇش ئىشلىرىمنى قېرىندىشىم قىلىپ بېرىدۇ» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا: «ئۇنداقتا، سېنىڭ قېرىندىشىڭ سەندىن بەكرەك ئىبادەت قىلىدىكەن» دەيدۇ.

بىر ئادەم ئوغلىنى تىرىكچىلىك ئىشلىرىنى ئۆگەنسۇن دەپ، ئەتىگەندە شەھەرگە مىڭ دىرھەم پۇل بىلەن يولغا سالىدۇ. ئەمما ئوغۇل كۈن چۈش بولمايلا قايتىپ كېلىدۇ. ئاتا بۇ ئىشتىن ھەيران بولۇپ، «ئوغلۇم! كەچ بولمايلا قايتىپ كەپسەنغۇ، قارىغاندا تاپاۋىتىڭ ياخشى بولغان ئوخشىمامدۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئوغۇل جاۋاب بېرىپ، «دادا! مەن تىرىكچىلىكنىڭ ئەڭ ئوڭاي يولىنى بىلىۋالدىم» دەپ قىزىقارلىق بىلەن سۆزلەشكە باشلاپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن يېزىمىزدىن شەھەرگە پىيادە ماڭغانلىقىم ئۈچۈن، ھېرىپ كەتتىم. شۇنىڭ بىلەن بىر دەرەخنىڭ تۆۋىدە ئارام ئېلىپ ئولتۇراتتىم. بۇ ئارىدا بىر شىر بىر كىيىكنى قوغلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، كىيىك شىرغا تۇتۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن يۈگرەپ قاچتى، شىر يېقىنلاشسا ئۇنىڭ يۈزىگە توپا چېچىپ قويۇپ يەنە قېچىشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇلار شۇنداق بىر مەيدان قوغلىشىپ ئاخىرى شىر كىيىكنى تۇتۇۋالدى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئازراق يەپ قويۇپ كېتىپ قالدى. بۇ ئارىدا يەنە بىر دەرەخنىڭ تۆۋىدە ئەھۋالنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقان بىر تۈلگە بار ئىكەن، ئۇ ئاستا بېرىپ، شىر يەپ ئاشۇرۇپ قويغان كىيىكنى يېيىشكە باشلىدى.  مەن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، شۇنداق بىر پەلسەپىنى ئۆگەندىمكى، ئادەم ئىشلىمىگەنگە ئۆلمەيدىكەن، شىردەك جاپا تارتىپ يېمىسەكمۇ، تۈلكىدەك پەيتىنى كۈتۈپ يېتىپ، باشقىلار ئاشۇرۇپ قويغاننى يېسەكمۇ ئاچ قالمايدىكەنمىز». ئاتا ئوغلىنىڭ سۆزلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئەپسۇسلانغان ھالدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئوغلۇم! مەن سېنى باشقىلاردىن ئاشقاننى ئەمەس، ئۆز قول بىلەن مېھنەت قىلىپ، پىشانىسىدىن تەر ئاققۇزۇپ ھالال يېيىشنى ئۆگەنسۇن، تەييارتاپ تۈلگە بولماي، جاسارەتلىك شىر بولسۇن، ئەگەشكۈچى بولماي، ئەگەشتۈرگۈچى بولسۇن، ئالغۇچى بولماي، بەرگۈچى بولسۇن، بىچارە بولماي، بىچارىلەرگە ياردەم قىلغۇچى بولسۇن، باشقۇرۇلغۇچى بولماي، باشقۇرغۇچى بولسۇن دەپ چوڭ قىلغان ئىدىم. ئەمما سەن بۇ سەپسەتىنى ماڭا پەلسەپە دەپ ئېلىپ كەپسەن. بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟».

ئەللامە مۇھەممەد راتىپب نابلىسى مۇنداق بىر قىسسىنى رىۋايەت قىلىدۇ، بىر تونۇشۇم ماڭا مۇنداق دەپ بەرگەن ئىدى: «بىر كۈنى بىر بازاردا ماشىنامنى توختىتىپ تۇرسام بىر ياش كەلدى ۋە ئەتىگەندىن بېرى ئاچ ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئىككى لىرا سەدىقە قىلىشىمنى تەلەپ قىلدى. قارىسا ئۇنىڭ تېنى ساق، ئۆزىمۇ ياش بولۇپ، ئىشلىسە بولىدىكەن. مەن ئۇنىڭغا تەكلىپ قويۇپ، ‹بولىدۇ، ئۇنداقتا، سىز ماۋۇ ماشىنىنى يۇيۇپ بېرىڭ، مەن سىزگە 15 لىرا بېرەي› دېدىم. ئەمما ئۇ ياش قۇشۇمىسىنى تۈرۈپ، ‹مەن سىزدىن سەدىقە تىلىدىم، ئىش تىلىمىدىم› دېدى. مەن دېدىم: ‹ئەي قېرىنداش! مانا ماشىنامدا بىر چىلەك سۇ بار، ئېيىدىغان لاتىمۇ بار، سىز پەقەتلا ماشىنامنى يۇيۇپ بېرىڭ، سىزدىن ھېچقانداق چىقىم بولمايدۇ، مەن سىزگە 2 لىرا ئەمەس، 15 لىرا بېرىمەن› دەپ قولىغا چىلەك بىلەن لاتىنى تۇتقۇزدۇم. ئەمما ئۇ چىلەك بىلەن لاتىنى تاشلاپ بېرىپ كېتىپ قالدى». شەكسىزكى، بۇنداق ئىنسانلار ئاچ قالىدۇ ۋە ئاچقانلىقىنى ئاللاھ تائالادىن كۆرۈپ، «ئاللاھ مېنى ئاچ قويدى» دەپ ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا سۇدىكى بېلىققا، ھاۋادىكى قۇشلارغا، يەر ئاستىدىكى قۇرت، قوڭغۇزلارغا رىزىق بېرىدۇ، ئەمما ئاشۇلارنى رىزقىنى تېپىپ يېيىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدۇرىدۇ، جاپا تارتقۇزىدۇ. قۇشلار رىزقىنى تېپىش ئۈچۈن تۇرماستىن ئۇچىدۇ، بېلىقلار رىزقىنى تېپىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ، ئىزدەيدۇ، قۇرت، قوڭغۇزلار رىزقىنى تېپىش ئۈچۈن مىدىرلاپلا تۇرىدۇ. ئىنسان ئەقىللىق ۋە قىلىمەن دېگەن ئىشىنى قىلالايدىغان ئالاھىدە بىر مەخلۇق تۇرۇپ، ئاشۇ قۇرت، قوڭغۇزلارچىلىك قىلالمىسا بولامدۇ؟!


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار