زاكات توغرۇلۇق 20 سوئالغا جاۋاب

زاكات توغرۇلۇق 20 سوئالغا جاۋاب

مۇھەممەد يۈسۈپ

1- سوئال: زاكات بەرگۈچىنىڭ زاكات ئالغۇچىغا ئۇنىڭ زاكات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى شەرتمۇ؟

 جاۋاب: زاكات بەرگۈچىنىڭ زاكات بەرگەن ۋاقتىدا، ئۇنى ئالغۇچىغا «بۇ زاكاتتۇر» دەپ  ئۇنىڭ زاكات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى شەرت ئەمەس، بەلكى كۆڭلىدە زاكاتنى نىيەت قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى ھەدىيە ياكى ياردەم نامى بىلەن ئاتاپ بەرسىمۇ زاكات ئادا تاپىدۇ، ئەلۋەتتە. شۇڭا زاكات ئالغۇچىلارنىڭ يۈزىنى قىزارتماسلىق ۋە ئۇلارنىڭ ئابرويىنى قوغداش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ زاكات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمىسىمۇ بولىدۇ.

ئەمما زاكات بەرگۈچى زاكات ئالغۇچىنىڭ راستتىنلا زاكات ئېلىشقا ھەقلىق بولغان كىشىلەردىن ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمىسە، بۇنى بىلىش ۋە باينى كەمبەغەل دەپ ئويلاپ قېلىپ زاكاتنى تېگىشلىك بولمىغان يەرگە بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇنى زاكات ئالغۇچىدىن سورىسا بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەڭ ياخشىسى ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىدىن ئەمەس، بەلكى باشقىلاردىن يەنى قوشنىلىرىدىن ياكى تۇغقانلىرىدىن سوراپ بىلىشتۇر.

2- سوئال: بىراۋنى پېقىر دەپ ئويلاپ زاكاتنى ئۇنىڭغا بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ پېقىر ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىققان بولسا، ئۇنىڭغا بېرىلگەن زاكات ئادا تاپامدۇ؟

 جاۋاب: ئەسلىدە زاكات بېرىشتە ئۇنىڭغا ھەقلىق بولغانلارنى ئېنىقلاپ، تېپىپ شۇلارغىلا بېرىش ئارقىلىق زاكات پەرزىنى ئادا قىلىش پەرزدۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى زاكات بېرىشكە بۇيرىغان ئايەتلەردە، «اعطوا الزكاة» (زاكات بېرىڭلار) دېمەستىن، «آتوا الزكاة» (زاكاتنى ئادا قىلىڭلار) دەپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭ مەنىسى: زاكاتنى ئۇنىڭغا ھەقلىق بولغان شەخسلەرنى تېپىپ، شۇلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىق بۇ پەرزنى جايىدا ئادا قىلىڭلار دېگەنلىكتۇر. بۇنىڭغا بىنائەن، زاكاتنى قانداقلا بىرسىگە بېرىش بىلەن پەرز ئادا تاپمايدۇ. بەلكى زاكاتقا ھەقلىق بولغانلارنى ئىزدەپ تېپىپ شۇلارغا بېرىش ئارقىلىقلا زاكات پەرزى ئادا تاپقان بولىدۇ. ئەمما زاكات بەرگۈچى بىراۋنى پېقىر دەپ تونۇپ زاكاتنى ئۇنىڭغا بەرگەندىن كېيىن، زاكات ئالغۇچىنىڭ پېقىر ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىققان بولسا، زاكات بەرگۈچىنىڭ زاكاتنى بەرگەن ۋاقتىدىكى ئۇنى پېقىر دەپ بىلگەن ئېتىقادى ئېتىبارى بىلەن ئۇنىڭ بەرگەن زاكىتى جائىزدۇر. بۇنداق زاكات ئادا تاپىدۇ. بۇ ۋاقىتتا زاكات بەرگۈچىنىڭ قايتا زاكات بېرىشىگە ھاجەت يوق. بەرگەن زاكىتى ئادا تاپقان بولىدۇ.

 3- سوئال: قەرزنى زاكاتقا ھېسابلاشقا بولامدۇ؟

 جاۋاب: بىراۋنىڭ باشقا بىرسىدە قەرزى بولۇپ، قەرزدارنىڭ پېقىرلىقى سەۋەبلىك قەرزنى تۆلىيەلمىگەن بولسا، بۇ قەرزنى قەرز ئىگىسىنىڭ زاكاتقا ھېساب قىلىشىغا بولمايدۇ. بۇنداق قىلسا زاكات ئادا تاپمايدۇ. چۈنكى زاكاتنى ئادا قىلغۇچىنىڭ ئۇنى بەرگەن ۋاقىتتا زاكاتنى نىيەت قىلىشى شەرتتۇر. ھالبۇكى، قەرز بەرگۈچى قەرزنى بەرگەن ۋاقىتتا زاكاتنى نىيەت قىلغان ئەمەس، بەلكى قەرز نىيىتى بىلەن بەرگەن بولغانلىقتىن كېيىنچە ئۇنى زاكاتقا ھېسابلاشقا بولمايدۇ. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلى شۇكى، زاكات بەرگۈچى زاكاتقا ئاتىغىنىنى قەرزدارغا بېرىپ زاكىتىنى ئادا قىلىپ بولۇپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن قەرزىسىنى سورىسا ۋە ئالسا بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئۇسۇل بىلەن قەرزدار پۇلغا ئىگە بولغان، ئاندىن ئىگە بولغان بۇ پۇلدىن ئۈستىدىكى قەرزىنى ئادا قىلغان بولىدۇ.

 4- سوئال: قانداق نەرسىلەرگە زاكات كەلمەيدۇ؟

 جاۋاب: ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ نورمال ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان نەرسىلەردىن زاكات بېرىشنى پەرز قىلمىدى. پەقەت نورمالدىكى ئېھتىياجنىڭ سىرتىدىكى پۇل- مالنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىشقا بۇيرىدى. بۇنىڭغا بىنائەن، ئېيتىمىزكى، كىشىنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر قوللىنىۋاتقان ماشىنىلىرىغا، ئۆزى ۋە بالىلىرى ئولتۇرۇۋاتقان ئۆي- ئىمارەتلىرىگە، ئايالى، قىزلىرى، ۋە كېلىنلىرى ئىشلىتىۋاتقان ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىغا، ئۆي جىھازلىرىغا، ھۈنەر ئەسۋابلىرىغا، كىتاب- ماتېرىياللىرىغا ۋە ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان ئەشيالىرىغا زاكات كەلمەيدۇ. يۇقىرىقىلار قانچىلىك قىممەت باھالىق ئەشيالار بولسۇن، ئىشلىتىۋاتقان ئىكەن ئۇلارغا زاكات كەلمەيدۇ.

 5- سوئال: تىجارەت ماللىرىنىڭ زاكىتى ئۈچۈن بۇ ماللارنىڭ قىممىتىنى بېرىش كېرەكمۇ ياكى ئۆزىنىمۇ؟

 جاۋاب: تىجارەت ماللىرىدىن زاكات بەرگۈچى ماللىرىنىڭ ئۆز جىنسىدىن بېرىش ياكى ئۇلارنىڭ قىممىتىنى بېرىش ئىختىيارىغا ئىگىدۇر. مەسىلەن: ئۇن، ماي، گۈرۈچ، شېكەر، تۇز قاتارلىق يېمەكلىك ماددىلىرىنى، كېيىم- كېچەك، رەخت- ماتېرىيال قاتارلىق بۇيۇملارنى ساتىدىغان كىشى پېقىرلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئۇلارغا بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ياكى بەزىسىدىن بەرسىمۇ بولىدۇ ياكى بۇلارنىڭ خەلق پۇلىدىكى قىممىتىنى بەرسىمۇ بولىدۇ. مۇھىم بولغىنى ئېھتىياج ئىگىلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىغا مۇناسىپ ھالدا ئۇلارغا ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى بېرىشتۇر.

 6- سوئال: كىچىك بالىلارغا زاكات بېرىشكە بولامدۇ؟

 جاۋاب: كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن ھەر قانداق يېتىمگە زاكات بېرىش جائىز بولغاندەك، ئاتىسى پېقىر بولغان كىچىك بالىلارغىمۇ زاكات بېرىش جائىزدۇر. ئەمما ئاتا- ئانىسى باي بولغان كىچىك بالىلارغا زاكات بېرىش جائىز ئەمەستۇر. چۈنكى بۇنداق بالىلار ئاتا- ئانىسىنىڭ بايلىقى ئېتىبارى بىلەن باي ھېسابلىنىدۇ.

 7- سوئال: ئۆزى ياش، ئىشلەشكە قادىر كىشىلەرگە زاكات بېرىشكە بولامدۇ؟

 جاۋاب: ئېھتىياج ئىگىلىرىدىن ئىشلەشكە كۈچى بار، ئۆزى ياش كىشىلەرگە زاكات ھالال ئەمەستۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «زاكات بايلارغا ۋە ئىشلەشكە قادىر كىشىلەرگە بېرىلمەيدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. كۈچى بار ياشلارغا زاكات بېرىشنىڭ مەنئى قىلىنىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى كىشىلەرنى ئىشلىمەستىن يېتىۋېلىشقا، ھورۇنلۇققا كۆندۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن بولسا كېرەك. چۈنكى بەزى تەييارتاپلار ئۈچۈن ھورۇنلۇق ھەسەلدەك تاتلىق، ئىشلەش بولسا زەھەردەك ئاچچىق تېتىيدۇ. مۇنداقلار ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولسىمۇ بۇلارغا زاكات بېرىلمەيدۇ. بىزنىڭ دىنىمىز ئىشلەشنى ئىبادەت قاتارىدىن ساناپ ئۇنىڭغا ساۋاپ بېرىدىغان، ھورۇنلۇقنى قەتئىي ياقتۇرمايدىغان بىر ئىلغار دىندۇر. ئەمما ئۆزى ياش ۋە كۈچىمۇ بار، بىراق ئىشلەي دېسە ئىش تاپالمىغان ياكى ئىشلىسىمۇ تاپقانلىرى بىلەن ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدىيالمىغان كىشىلەرگە زاكات بېرىشكە بولىدۇ. شۇنىڭدەك، كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئىشلىيەلمىگەن ياشلارغىمۇ زاكات بېرىشكە بولىدۇ.

 8- سوئال: تۇغقانلارغا زاكات بېرىشكە بولامدۇ؟

 جاۋاب: ئۆزىنىڭ ئاتا- ئانىسىغا، بوۋا- مومىلىرىغا، بالىلىرىغا، نەۋرىلىرىگە، چەۋرىلىرىگە، ئەر- خوتۇنلار بىر- بىرىگە زاكات بېرىشكە بولمايدۇ. چۈنكى بۇلارغا بېرىلگەن زاكات قوبۇل بولمايدۇ. ئەمما ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىغا، تاغا ئاكا، تاغا ئاچىلىرىغا ۋە باشقا تۇغقانلىرىغا- ئەگەر ئۇلار پېقىر بولسا – زاكات بېرىش جائىزدۇر. ئۆزىنىڭ پېقىر تۇغقانلىرىغا زاكات بېرىش ھەم سەدىقە بەرگەنلىك ھەم تۇغقاندارچىلىقنى داۋاملاشتۇرغانلىق ھېسابلىنىپ ساۋابى كۆپ بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «پېقىرلارغا بېرىلگەن زاكاتتا زاكاتنىڭ ساۋابى بولىدۇ، پېقىر تۇغقانلارغا بېرىلگەن زاكاتتا ھەم زاكاتنىڭ ھەم تۇغقاندارچىلىقنى داۋاملاشتۇرغانلىقنىڭ ساۋابى بار» دەپ كۆرسەتكەن.

 9- سوئال: بىر ياكى ئىككى يىللىق زاكاتنى ئالدىن بېرىش جائىزمۇ؟

 جاۋاب: بىر، ئىككى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك يىلنىڭ زاكىتىنى ئالدىن بېرىش جائىزدۇر. چۈنكى بۇ ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغانلىقتىن سانىلىپ، ئۇنىڭ ساۋابى ئارتۇق بولىدۇ. خۇسۇسەن مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا يەر تەۋرەش، سەل ئاپىتى، قۇرغاقچىلىق، ۋابا قاتارلىق پالاكەتلەر كەلگەن ۋاقىتتا مۇسۇلمان بايلىرىنىڭ بىر قانچە يىللىق زاكاتلىرىنى ئالدىن بېرىشى ئەۋزەلدۇر، ئەلۋەتتە. چۈنكى زاكاتنىڭ پەرز بولۇشىدىكى سەۋەبمۇ ئېھتىياج ئىگىلىرىنىڭ ھالەتلىرىنى راۋا قىلىشتىن ئىبارەت بولغانىكەن، مۇشۇنداق ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغان ھالقىلىق پەيتتە قىلىنغان ياردەمنىڭ ساۋابى ئەلۋەتتە كاتتا بولىدۇ.

 10- سوئال: بانكىنىڭ چەكلىرى ۋە كارتلىرىغىمۇ نەق پۇلغا ئوخشاش زاكات كېلەمدۇ؟

 جاۋاب: بانكىدىن نەق پۇلنىڭ ئورنىغا بېرىلگەن چەكلەر ۋە كارتلارغا ئەلۋەتتە زاكات كېلىدۇ. چۈنكى ئۇلار نەق پۇلغا ئوخشاشتۇر ۋە نەق پۇلنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ زاكىتى نەق پۇلىدىن بېرىلىدۇ.

 11- سوئال: بانكىنىڭ ئۆسۈمىنى زاكاتقا ھېسابلاپ بېرىشكە بولامدۇ؟

 جاۋاب: بانكىنىڭ ئۆسۈمى جازانىدۇر. جازانە پاسكىنا ۋە ھارامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ پاكتۇر، ئۇ پەقەت پاك بولغانلارنىلا قوبۇل قىلىدۇ» دېگەن، يەنى ھالالدىن بېرىلگەن زاكات ۋە سەدىقىلەرنىلا  قوبۇل قىلىدۇ، دېگەنلىكتۇر.

 ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «سىلەر ئۆزۈڭلار ياخشى كۆرگەن نەرسىلىرىڭلاردىن بەرمىگۈچە ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشەلمەيسىلەر» دەپ كۆرسەتكەن. جازانىدىن ئىبارەت مۇنداق ھارام مال ئۆزى ئىشلىتىشكە ھالال بولمىغان يەردە ئۇنى باشقىلارغا يىگۈزۈشمۇ ھالال ئەمەس، چۈنكى ھارامدۇر. ئۇنى زاكاتقا ھېسابلاپ بېرىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، ھارام يوللار بىلەن تاپقان  ھارام پۇللارنى زاكات ياكى سەدىقە ھېسابىدا بېرىش ھارامدۇر، ئۇ قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ.

 12- سوئال: بەزى كىشىلەر نەق پۇللىرىنى ساقلاش ئۈچۈن بانكىدا قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئۆسۈم كېلىدۇ، ئۆسۈمنىڭ ھاراملىقى ئېنىق. ئۇنداقتا ئۆسۈمنى قانداق قىلىش كېرەك؟

 جاۋاب: ئۆلىمالار بانكىنىڭ ئۆسۈمىنى قانداق قىلىش ھەققىدە مۇنداق تۆت يول بارلىقىنى بايان قىلىدۇ: بىرى، ئۆزى خەجلەش بولۇپ، بۇ ھالال ئەمەس، چۈنكى ئۆسۈمنى يېيىش ئەڭ ئېغىر گۇناھلاردىن سانىلىدۇ. ئۇ ھارام بولغاندىمۇ ئەڭ قاتتىق ھاراملارنىڭ بىرىدۇر. ئىككىنچىسى، بانكىدا ئىئانە ھېسابىدا قالدۇرۇش بولۇپ، بۇمۇ جائىز ئەمەس. چۈنكى بانكىدا قالدۇرۇپ جازانىغا ياردەم بېرىش ئېغىر گۇناھلاردىن سانىلىدۇ. ئۈچىنچىسى، سەدىقە ھېسابىدا پېقىرلارغا بېرىش بولۇپ، بۇ توغرا ئەمەس. چۈنكى ھارام مال سەدىقىگە يارىمايدۇ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولمايدۇ. تۆتىنچىسى، زاكات ياكى سەدىقە نىيىتى بىلەن ئەمەس، پەقەت قولىدىكى بۇ ھارام پۇلدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنلا ئۇنى بىرەر پېقىرغا بەدەلسىز بېرىۋېتىشتۇر. يۇقىرىقى تۆت يولنىڭ ئاخىرقىسى بىلەن بۇ ھارامدىن قۇتۇلۇشقا بولىدۇ. چۈنكى ئىسلام نەزىرىدە ھارام ئىككى تۈرلۈك بولۇپ: بىرى، ھارام ئەينى، يەنە بىرى، ھارام ھۆكمىيدۇر. ھارام ئەينىي — ئۆز زاتى ئېتىبارى بىلەن ھارام قىلىنغان ھاراق، چوشقا گۆشىگە ئوخشىغان ھاراملاردۇر. ئەمما ھارام ھۆكمىي — ئۆز زاتى ئېتىبارى بىلەن ئەمەس، بەلكى مۇئامىلە ئېتىبارى بىلەن ھارام بولغان ئۆسۈم، ئوغرىلانغان مالغا ئوخشىغان ھاراملاردۇر. ئۆسۈم ئۆز زاتى ئېتىبارى بىلەن ھارام بولماستىن، بەلكى مۇئامىلە يەنى جازانە قىلىش بىلەن ھارام بولغان پۇلدۇر. چۈنكى پۇل دېگەن ئۆز زاتى ئېتىبارى بىلەن ئېيتقاندا، بىر قەغەز، قەغەز دېگەننىڭ ھالىلى ۋە ھارىمى بولمايدۇ. ئون دوللار پۇلنى سىز ئىشلەپ تاپقان بولسىڭىز ئۇ سىز ئۈچۈن ھالالدۇر، ئەگەر سىز ئاشۇ ئون يۈەن پۇلنى جازانە قىلىپ ياكى ئوغرىلاپ تاپقان بولسىڭىز، ئۇ پۇل سىز ئۈچۈن ھارامدۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۈنۈمنى بىرەر پېقىرغا بەدەلسىز بەرگەندە، ئۇ ئالغۇچى ئۈچۈن ھالالغا ئايلىنىدۇ. ئۇنى بەرگۈچى كىشىگە ساۋاپ ياكى گۇناھ بولمايدۇ، پەقەت قولىدىكى ئۆسۈمدىن ئىبارەت ھارام پۇلدىن قۇتۇلغان بولىدۇ. ھازىرقى زامان مۇجتەھىد ئالىملىرىدىن دوكتۇر يۇسۇف ئەل قەرداۋىي بۇ مەسىلە توغرۇلۇق توختىلىپ: «بانكىنىڭ ئۆسۈمىنى ئۆزى ئىشلەتمەستىن، باشقا ھاجەتمەنلەردىن بىرەرسى خەجلىسە ئۇنىڭغا ھالال بولىدۇ. چۈنكى جازانە مۇئامىلىسىنى قىلغان ئادەم ئۇ ئەمەس. قىسقىسى، ئۆسۈمدىن ئىگىسىنىڭ پايدىلىنىشى ھارام، ئەمما بەدەلسىز ھالدا باشقىسىغا بېرىۋەتسە، ئۇنى ئالغان كىشى ئۈچۈن ئۇ ھالالدۇر» دەيدۇ.

 13- سوئال: زاكات بېرىش شەرتىگە توشۇپ زاكات پەرز بولغاندىن كېيىن ھالاك بولغان مالنىڭ زاكىتى ساقىت بولامدۇ؟

 جاۋاب: ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قارىشىچە، زاكات بېرىش شەرتلىرى تولۇق بولغاندىن كېيىن، ئىگىسى تەرەپتىن قەستەنلىك بولمىغان ھالدا ھالاك بولۇپ قولدىن چىقىپ كەتكەن پۇل - مالنىڭ زاكىتى ساقىت بولىدۇ. ئەمما ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشىچە، شەرتلىرى توشۇپ پەرز بولۇپ بولغان مال قايسىبىر سەۋەب بىلەن ھالاك بولغان بولسۇن، ئۇنىڭ زاكىتى ساقىت بولمايدۇ ۋە ئىگىسىنىڭ زىممىسىدا قەرز ھېسابىدا قالىدۇ. ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرى بۇ مەسىلىدە، ئىككىنچى مەزھەپنىڭ قارىشىغا ئەمەل قىلىشنى كۈچلۈك دەپ سانايدۇ.

 14- سوئال: زاكات ئۈچۈن ئايرىغان پۇل - مال زاكات ئېلىشقا ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشتىن بۇرۇن ھالاك بولغان بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟

 جاۋاب: بۇنداق ھالەتتە زاكات قايتا بېرىلىدۇ. چۈنكى بېرىدىغان زاكاتنى ئايرىغانلىق زاكاتنى ئادا قىلغانغا ياتمايدۇ. بەلكى ئۇنى زاكاتقا ھەقلىق بولغانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش بىلەنلا زاكات پەرزى ئادا بولىدۇ.

 15- سوئال: ئاتا- ئانىسى باي بولسىمۇ، ئۆزى مۇھتاجلىقتا قالغان كىشىگە زاكات بېرىشكە بولامدۇ؟

 جاۋاب: گەرچە ئاتا- ئانىسى باي بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بايلىقىدىن پايدىلىنىشتىن مەھرۇم قالغان قالغان پېقىر كىشىگە زاكات بېرىش جائىزدۇر. شۇنىڭدەك، ئېرى باي بولسىمۇ، ئۇنىڭ بايلىقىدىن مەھرۇم بولغان ۋە مۇھتاجلىقتا قالغان ئايال كىشىگىمۇ زاكات بېرىش جائىزدۇر.

 16- سوئال: بالىسى باي بولسىمۇ ئۆزى مۇھتاجلىقتا ياشايدىغان ئادەمگە زاكات بېرىش جائىزمۇ؟

 جاۋاب: بالىسى باي بولسىمۇ، ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېىشەلمىگەن ۋە پېقىرلىقتا ياشايدىغان ئادەمگە زاكات بېرىش جائىزدۇر. چۈنكى مۇنداق كىشى بالىسىنىڭ بايلىقى ئېتىبارى بىلەن باي، ئەمما ئۆزىنىڭ مۇھتاجلىقى ۋە بالىسىنىڭ بايلىقىدىن مەھرۇملىقى ئېتىبارى بىلەن پېقىرنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ.

 17- سوئال: زاكات ئالغۇچى پېقىرنىڭ تەقۋادار، دىيانەتلىك كىشىلەردىن بولۇشى شەرتمۇ؟

 جاۋاب: زاكات ئېلىشقا ھەقلىق بولۇشنىڭ شەرتى، زاكات ئالغۇچىنىڭ مۇسۇلمان ۋە ئېھتىياج ئىگىسى بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئەمما زاكات ئالغۇچىنىڭ تەقۋادار ياكى پاسىق بولۇشى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ زاكات ئالغان پۇل- مالنى ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، نەشە ياكى تاماكا چېكىشكە ئوخشاش ھارام ئىشلارغا خەجلەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن كىشىنىڭ ئۇنىڭغا زاكات بېرىشى توغرا ئەمەس. چۈنكى بۇنداق قىلىش گۇناھ - مەئسىيەتكە ياردەم بەرگەنلىك قاتارىغا كىرىپ قالىدۇ. ئەمما ئۇنىڭغا بېرىلگەن زاكات پۇلىنى ھارام ئىشلارغا خەجلەيدىغانلىقىنى گۇمان قىلغان ياكى ئىشەنچسىز كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن بىلگەن تەقدىردىمۇ، زاكاتنى ئۇنىڭغا بېرىش جائىزدۇر ۋە بۇ زاكات ئادا بولىدۇ. چۈنكى، گۇمانغا ۋە ئىشەنچسىز كىشىلەرنىڭ ئىغۋالىرىغا تايىنىپ ئىش كۆرۈش بىزنىڭ دىنىمىزدا چەكلەنگەن.

 18- سوئال: ئىسلامدا زاكاتتىن باشقا ياردەم ۋاسىتىلىرى قايسىلار؟

 جاۋاب: زاكاتتىن باشقا ياردەم ۋاستىلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. سەدىقە، خالىسانە ياردەم، تۇغقاندارچىلىقنىڭ ھەققىنى بېرىش، خەير-ئېھسان قاتارلىق ئاتالغۇلار ئاستىدا بۇيرۇلغان ياردەم ۋاسىتىلىرى بۇنىڭ مىسالى. ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتىگە ئاساسەن، مۇسۇلمانلارغا زاكات ۋە تۇغقاندارچىلىقنىڭ ھەققىنى بېرىشتىن ئىبارەت مەجبۇرىي ياردەم ۋاسىتىسىنى بۇيرۇش بىلەن بىرگە، سەدىقە، خالىسانە ياردەم، خەير-ئېھسان قاتارلىق ئىختىيارىي ياردەم ۋاسىتىلىرىنى بۇيرۇش ئارقىلىق مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ بىرلىك، باراۋەرلىك، قېرىنداشلىق ئىچىدە گۈللەپ ياشنىشىنى مەقسەت قىلغان. ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا ياردەم قىلىشىشىنى ئىماننىڭ كېرەكلىك ماددىلىرىدىن قىلىپ بەلگىلىگەن. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قوشنىسىنىڭ ئاچ ياتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى تويغۇزماستىن ئۆزى توق ياتقان ئادەم مۇسۇلمان ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن.

 19- سوئال: تۇغقاندارچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇش دېگەن نېمە؟

 جاۋاب: تۇغقاندارچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇش (ياكى سىلە- رەھىم) — ئۇرۇق- تۇغقانلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلىش دېگەنلىكتۇر. تۇغقاندارچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بولۇپ، ئۇنى تەرك ئېتىش چوڭ گۇناھتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزغانلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار، ئاللاھنىڭ تۇغقاندارچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئەمرىنى ئورۇندىمىغانلار، ئەنە شۇلار لەنەتكە دۇچار بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى يامان بولىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تۇغقاندارچىلىقنى تەرك ئەتكەن ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

20- سوئال: زاكات بېرىشنىڭ پەرز بولۇشىغا يېتەرلىك شەرتلىرى تولۇقلىنىپ بولغان پۇل - مالنىڭ زاكىتىنى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈش جائىزمۇ؟

 جاۋاب: زاكاتنىڭ پەرز بولۇشى ئۈچۈن يېتەرلىك مىقداردا پۇل- مالغا ئىگە بولغانغا ھىجرىيە ھېسابىدا تولۇق بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ زاكىتىنى دەرھال  ئادا قىلىش پەرز بولۇپ بەلگىلىنىدۇ. چۈنكى نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەن ھامان نامازنى ئادا قىلىش پەرز بولغاندەك، زاكاتنىمۇ شەرتلىرى تولۇقلىنىپ ئادا قىلىش ۋاقتى كەلگەن ھامان كېچىكتۈرمەستىن ئادا قىلىش پەرزدۇر. زاكاتنى ئۆزرىسىز كېچىكتۈرگەن ئادەم گۇناھكار بولىدۇ. ئۇقبە ئىبنى ھارىستىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەسىر نامىزىنى ئوقۇغانىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازدىن سالام بېرىپ بولۇپ ناھايىتى ئالدىراپ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى ۋە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆيىدىن چىقىپ يېنىمىزغا كەلدى. بۇ ۋاقىتتا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدىراپ ئۆيىگە كىرىپ كەتكەنلىكىدىن ئەجەپلىنىۋاتقان مەسجىد ئەھلىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا "ئۆيدە ئازراق خام ئالتۇننىڭ بارلىقىنى ئېسىمگە ئالدىم _ دە، ئۇنىڭ بىزدە تۇرۇپ قېلىشىنى خالىمىدىم، شۇڭا مەن ئالدىراپ ئۆيگە كىرىپ، ئۆيدىكىلەرنى ئۇنى ئېھتىياج ئىگىلىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىۋېتىشكە بۇيرۇدۇم" دېدى».


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار