رامىزاندىكى غەلىبە خاتىرىسى

رامىزاندىكى غەلىبە خاتىرىسى

 مۇھەممەد يۈسۈپ

 ھەممىگە مەلۇمكى، رامىزان ئېيى باشقا ئايلارغا قارىغاندا، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئالاھىدە ئۇلۇغ، خەيرى - بەرىكەتلىك قىلىپ بەلگىلەنگەن يېگانە ئاي. شۇڭلاشقا مۇسۇلمانلارنىڭ نەزەرىدىمۇ بۇ ئەڭ ئۇلۇغ ئايدۇر. شۇنداقلا ئىسلام دىنىدا قولغا كەلگەن چوڭ غەلىبلەر ۋە كۆپلىگەن ياخشى ئىشلار موشۇ ئايدا ئەمەلگە ئاشقان.

  پەيغەبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دەسلەپكى ۋەھىنىڭ كېلىشىگە باغلىق قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ نازىل بولۇشقا باشلىنىشى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىكى ھىرا غارىدا ئۆزى يالغۇز ھالدا ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىۋاتقىنىدا ئەمەلگە ئاشقان. ئۇ رامىزان ئېيىنىڭ 21- كۈنى (مىلادىيەنىڭ610- يىلى، ئاۋغۇست ئېيىنىڭ 10- كۈنى)گە توغرا كېلىدۇ.

  ئىسلام دىنىنى تىكلەشتىكى مەشھۇر غازات (بەدرى غازىتى) ھىجىرىيەنىڭ 2- يىلى، رامىزان ئېيىنىڭ 17- كۈنى بولغان. بۇ غازاتتا مۇسۇلمانلار دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن چوڭ غەلىبە قازانغان. شۇنداقلا ئىسلام دىنىنىڭ پۈتۈنلىنىشى ۋە مەككىنىڭ فەتھى قىلىنىشىدىن ئىبارەت تارىختىكى ئەڭ بۈيۈك مۇۋەپپەقىيەت ھىجرىيەنىڭ 8- يىلى، رامىزان ئېيىنىڭ 18- كۈنى ئەمەلگە ئاشقان. مىڭ ئايدىن خەيرلىك ھېساپلىنىدىغان قەدىر كېچىسىمۇ رامىزان ئېيىغا بەلگىلەنگەن. رامىزان ئېيىنىڭ شاراپىتى توغرىلىق مۇنداق مىساللارنى كۆپلەپ كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.

  رامىزان ئېيىنىڭ ئۇلۇغلىقى ھەققىدە سۆز قىلغىنىمىزدا، بۇ ئايدا يۈز بەرگەن چوڭ غازاتلار قەھرىمانلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاسىم ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نامىنى ئالاھىدە خاتىرلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇ توغرىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ : «كىمكى ئۇرۇشسا ئاسىم ئىبنى سابىت ئۇرۇشقاندەك ئۇرۇشسۇن» دېگەنلىكى ئۇنىڭ ھەقىقى قەھرىمانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

  مەككە مۇشرىكلىرى بەدرى غازىتىدا مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن يېڭىلگىنىدىن كېيىن، ئۇنىڭدا ئۆلگەن بالىلىرى، ئاتىلىرى، ئۇرۇق- تۇغقان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش مەقسىتىدە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىغا قارشى چوڭ كۆلەملىك  ھوجۇمغا ئۆتىدۇ. بۇ ئۇرۇشقا قۇرەيش ۋە باشقا كۇففار قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى، ھەتتا ئاياللارمۇ بىرگە جەم بولۇپ قاتنىشىدۇ. ئاياللار مەككە قوشۇنىنىڭ ئارقىسىدىن يۈرۇپ، ئۇلارنى غازاتتا ئىلگىرلەشكە ۋە كەينىگە قايتماسلىققا تەشەببۇس قىلىدۇ. غازاتقا چىققان مۇشرىك ئاياللاردىن ھىند، سۇلافە ۋە باشقىلار قاتارلىق مەشھۇر ئاياللارمۇ بار ئىدى. غازات باشلاندى. ھىند باشچىلىقىدىكى ئاياللار قوشۇنى ئەر غازاتچىلىرىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ، داپلارنى داراڭلىتىپ:

إن تقبلوا نعانق * ونفرش النمارق

أو تدبروا نفارق * فراق غير وامق

ئىلگىرلىسەڭلار سىلەرگە ھازىرلايمىز گۈلدەستە،

چېكىنسەڭلار بولىمىز ھەممە بىردەك غەزەپتە،

دېگەن غەزەللىرىنى ئېيتىشىش ئارقىلىق ئەرلىرىنى غازاتتا چىدام كۆرسىتىشكە ئۈندەيتتى. غازاتمۇ ئاخىرلاشتى. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ غەلىبىسى مۇشرىكلەر تەرەپكە مەنسۇپ بولدى. بۇ ۋاقىتلىق غەلىبىگە كۆرەڭلىگەن مۇشرىك ئاياللىرى خوشاللىقتىن داپلىرىنى چېلىشىپ، تەنتەنە قىلىشتى، ئاندىن ئۇلار مۇسۇلمان شېھىدلىرىنىڭ كۆزلىرىنى ئويۇش، قۇلاق ۋە بۇرۇنلىرىنى كېسىش ۋە يۈرەكلىرىنى سۇغۇرۇش قاتارلىق ۋەھشىي قىلىقلارغا ئۆتتى. ئۇلار كېسىۋالغان قۇلاق ۋە بۇرۇنلارنى بويۇنلىرىغا ئېسىۋېلىشتى. سۇلافە غازاتقا قاتناشقان ئېرى بىلەن بالىلىرىنى ئىزدەشكە كىرىشتى. ئۇ ئېرى بىلەن ئىككى ئوغلىنىڭ جەسىدىنى تاپتى. ئەڭ كىچىك ئوغلى يارىلانغان پېتى ياتاتتى. ئانىسى سۇلافە ئۇنىڭ يېنىغا كەلگىنىدە، ئۇ «بىزنى ئۆلتۈرگەن ئاسىم ئىبنى سابىت» دەپ ئارانلا زۇۋان سۈرەلىدى ۋە جان ئۈزدى.

   سۇلافە قاتتىق غەزەپكە بوغۇلۇپ، لات، ئۇززا بۇتلىرىغا قەسەمياد قىلىپ، ئاسىمنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ بېشىنى قەدەھ قىلىپ ھاراق ئىچىشكە بەل باغلىدى. ئاسىمنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ بېشىنى ئېلىپ كەلگەن كىشىگە مال- دۇنيادىن قانچىلىك خالىسا، شۇنچىلىك بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ خەۋەر تارقالغاندا مۇشرىكلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئاسىمنى ئۆلتۈرۈپ، كۆپ مال- دۇنياغا ئىگە بولۇش ئارزۇسى ئاشتى.

  مۇسۇلمانلار مەدىنىگە قايتقاندىن كېيىن، بۇ غازاتتا شېھىد بولغانلارنىڭ روھلىرىنى خاتىرلەپ دۇئالارنى قىلىپ، باتۇرلۇق كۆرسەتكەنلەرنى مەدھىيىلىدى. شۇ ئاندا ئۇلار ئاسىم ئىبنى سابىتنىڭ كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقى توغرىلىق سۆز قىلىپ تۇرغىنىدا، بىرسى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەدرى غازىتىغا چىقىشتىن بۇرۇن بىزدىن قانداق غازات قىلىدىغانلىقىمىز ھەققىدە سورىغىنىدا، ئاسىم ئىبنى سابىت ئوقياسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، دۈشمەنلەر ئەگەر يۈز گەز ئۇزاقلىقتا بولسا، ئۇنى ئوقيا بىلەن، ئۇنىڭدىن يېقىندا بولسا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىمەن،- دېگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:"ئۇرۇش- غازات ئەنە شۇنداق بولىدۇ. كىمكى ئۇرۇشسا ئاسىم ئىبنى سابىت ئۇرۇشقاندەك ئۇرۇشسۇن" دېگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ» دەيدۇ.

  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقى بىلەن بىر نەچچىلىگەن ساھابىلىرى چارلاش گۇرۇپپىسى تەركىبىدە مەككىگە يېقىن بىر جايغا كېلىدۇ. بۇ جايدىكى ھوزەيل قەبىلىسىنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى بايقاپ قېلىپ، ئەتراپىنى قورشىۋېلىپ ئۇلارغا «سىلەر بىزگە تەڭ كېلەلمەيسىلەر، ياخشىلىقچە تەسلىم بولۇڭلار! ئەگەر بۇ بۇيرىقىمىزنى ئورۇنلىساڭلار بىز سىلەرگە يامانلىق قىلمايمىز« دەيدۇ. شۇ ۋاقىتتا چارلاش گۇرۇپپىسى بىر- بىرىگە قارىشىپ، مەسلىھەت سوراشقاندەك قىياپەتتە تۇرىشىدۇ. ئاسىم ئىبنى سابىت بولسا قەددىنى رۇسلاپ تۇرۇپ «مەن مۇشرىكلارنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمەيمەن» دەپ قىلىچىنى يالىڭاچلاپ جەڭگە كىرىدۇ. لېكىن ئۇ كۈچ جەھەتتىن كۆپلۈكنى تەشكىل قىلغان دۈشمەنلەرگە تەڭ كېلەلمەي، جەڭدە شېھىد بولىدۇ. ئارقىدىن ئۇنىڭ باشقا سەپداش ساھابىلىرىمۇ ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلىدۇ. ھوزەيلىلەر دەسلەپتە ئاسىم ئىبنى سابىتنىڭ جەسىدىنى بايقىماي قالغان بولسىمۇ، كېيىن ئۇنى تونۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ بېشىنى كېسىپ ئېلىش ئارقىلىق سۇلافەگە تاپشۇرۇپ، مال- دۇنياغا غەرق بولىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ خوشال بولۇشىدۇ-دە، جەسەدنىڭ يېنىغا يېقىنلاپ كېلىشىدۇ. لېكىن جەسەدنىڭ ئەتراپىنى بىر توپ ھېرى قورشىۋالغان بولۇپ، ئۇلار جەسەدنى تۇتۇشقا قەتئىي پېتىنالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزئار مەسلىھەتلىشىپ، جەسەدنى ئەتىسى ئەتىگەندە ئېلىشقا قارار قىلىشىپ قايتىپ كېتىشىدۇ. ئەتىسى تاڭ ئېتىشى بىلەنلا قاتتىق يامغۇردىن كېيىن چوڭ سەل ھاسىل بولۇپ، ئاسىمنىڭ جەسىدى بۇ سەل بىلەن كۆزدىن غايىپ بولىدۇ. ئاسىم ئىبنى سابىت شېھىد بولۇش ئالدىدىكى دەملىرىدە «ئى ئاللاھ! سەن ئاتا قىلغان دىنىمىزنى قوغداش يولىدا غازات قىلدىم. جەسىدىمنى دۈشمەنلىرىمنىڭ قولىغا چۈشۈرمىگىن«دەپ سورىغان ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى ئىجابەت قىلغانلىقى نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ جەسىتى خورلانمايدۇ ۋە دۈشمەنلىرىنىڭ مال –دۇنياغا ئېرىشىش دەسماسى بولۇشتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.

          «يېڭى ھايات» 1999- يىل،16- يانۋار.

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار