تەپەككۇر قىلىش ئىبادەتتۇر

تەپەككۇر قىلىش ئىبادەتتۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

   ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نى ئۇنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ چۈشەنسۇن، دەپ نازىل قىلغان. «قۇرئان كەرىم»دە كەلگەن ئەمرلەرنىڭ ھەممىسى پەرزلىكنى ئىپادىلەيدۇ. پەرز ئەمەللەرنى ئادا قىلىش ئىبادەتتۇر. «أَقِيمُوا الصَّلَاةَ» (ناماز ئوقۇڭلار)،  «آَتُوا الزَّكَاةَ» (زاكات بېرىڭلار) دېگەن ئەمرلەرنىڭ ھەممىسى پەرزلىكنى ئىپادىلىگەندەك، )انْظُرُوا مَاذَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ( يەنى «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى كۆزىتىڭلار» دېگەن ئەمرمۇ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى گۈزەل سەنئەتلەرنى كۆزىتىپ تەپەككۇر قىلىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.  )كِتَابٌ أَنْزَلْنَاهُ إِلَيْكَ مُبَارَكٌ لِيَدَّبَّرُوا آيَاتِهِ وَلِيَتَذَكَّرَ أُولُو الْأَلْبَابِ( يەنى «(ئى پەيغەمبەر!) (بۇ) ئۇلار ئايەتلەرنى تەپەككۇر قىلسۇن ۋە ئەقىل ئىگىلىرى ئۈگۈت ئالسۇن دەپ، بىز ساڭا چۈشۈرگەن مۇبارەك كىتابتۇر»[1] قۇرئان ئوقۇشتىن مەقسەت ئۇنىڭ ھەربىر ئايىتىنىڭ مەنىسىنى بىلىش، ئۇنىڭ مېۋىسى تەپەككۇر قىلىشتۇر. تەپەككۇر قانداق قىلىنىدۇ؟

 

تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى

تەپەككۇر قىلىشنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللىرى بار. بىز بۇ يەردە تۆۋەندىكى ئۈچ ئۇسۇلنى مىسال قىلايلى:

1.         بىر نەرسىنىڭ ئۆزى ۋە ئەسلى كېلىپ چىقىشى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش. )خلق الانسان من علق([2] يەنى «ئىنسان ئەلەقتىن (بالىياتقۇ تېمىغا يامىشىپ قالغان ئۇرۇقتىن) يارىتىلغان» دېگەن بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىغا ئېسىلىپ قالغان ئاشۇ بىر تال سېپېرما ئۇرۇقىدىن يارىتىلىپ، كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىكى ۋە ئەڭ ھۆرمەتلىكى بولغانلىقىنى ئويلىغان ئادەم ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىمانىنى كۈچەيتەلەيدۇ.

2.         بىر نەرسىنىڭ ئۆزى ۋە يوقلۇقى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش. ) قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ أَصْبَحَ مَاؤُكُمْ غَوْرًا فَمَنْ يَأْتِيكُمْ بِمَاءٍ مَعِينٍ( يەنى «(ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ‹دەپ بېقىڭلارچۇ، سۈيۈڭلار سىڭىپ كەتسە، سىلەرگە كىم ئېقىن سۇ كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟›»[3] دېگەن ئايەت ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ، سۇسىز ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىزدا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەققىنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىمىز. نەتىجىدە، ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىمانىمىز كۈچلىنىدۇ، ئىخلاسىمىز ئاشىدۇ.

3.         بىر نەرسىنىڭ ئۆزى ۋە ئەكسى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش. ) قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ جَعَلَ اللَّهُ عَلَيْكُمُ اللَّيْلَ سَرْمَدًا إِلَى يَوْمِ الْقِيَامَةِ مَنْ إِلَهٌ غَيْرُ اللَّهِ يَأْتِيكُمْ بِضِيَاءٍ أَفَلَا تَسْمَعُونَ (يەنى «(ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ‹دەپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ كېچىنى سىلەر ئۈچۈن تا قىيامەت كۈنىگە قەدەر سوزۇلىدىغان قىلسا، ئاللاھتىن باشقا قايسى ئىلاھ سىلەرگە يورۇقلۇق كەلتۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟ سىلەر تېخىچە (ھەق سۆزنى) ئاڭلىمامسىلەر؟›»[4] دېگەن ئايەت ئۈستىدە تەپەككۇر قىلغان ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالمىشىپ تۇرىدىغان قىلىپ ياراتقانلىق نېمىتىنى چۈشىنىپ، ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلىشنىڭ نەقەدەر زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ. نەتىجىدە، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان باغلىنىشى كۈچلىنىدۇ.

بىز ئەمدى، تەپەككۇر قىلىشنىڭ يۇقىرىقى ئۈچ ئۇسۇلى بويىچە ئۆزىمىزدىكى ئەزالارنىڭ بىرەرسى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ كۆرەيلى. مەسىلەن: كۆزىمىز توغرۇلۇق ئويلىنىپ باقايلى:

تەبىئەتنىڭ بارلىق گۈزەللىكلىرىنى، ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتىكى بارلىق گۈزەل سەنئەتلىرىنى كۆرىشىمىزنىڭ بىردىنبىر قورالى بولغان مۇشۇ ئىككى كۆزىمىز نەدىن پەيدا بولدى؟ ئۇ قانداقچە كۆرىدىغان بولۇپ قالدى؟ بالىياتقۇ تېمىغا ئېسىلىپ قالغان ئاشۇ بىر تال ئۇرۇقتىن پەيدا بولغان بۇ ئىنسان قانلارچە بۇ ئىككى كۆزنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدى؟

ئاندىن كۆرمەيدىغان ئىنسان توغرۇلۇق تەپەككۇر قىلىپ باقايلى: ئەگەر ئاللاھ تائالا بىزنى كۆرمەيدىغان قىلىپ ياراتقان بولسا، بۇ گۈزەل تەبىئەتنىڭ، كائىناتتىكى رەڭگارەڭ سەنئەتلەرنىڭ نېمىگە پايدىسى بولغان بولاتتى؟ بۇلارنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولغان بولاتتى؟

ئاندىن يەنە ئويلاپ باقايلى: ئەگەر ئاللاھ تائالا  ئىنساننىڭ كۆزلىرىنى ھازىرقى ئورنىغا ئەمەس، ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىگە ياكى مەيدىسىگە ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، ئىش قانداق بولار ئىدى؟ ھازىرقىدەك ھەر نەرسىنى ئوڭايلا كۆرگىلى بولارمىدى؟

دېمەك، بىز بارلىق ئەزالىرىمىز ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىدىغان بولساق، ئاللاھ تائالانىڭ ھەممە ئەزانى ئەڭ مۇناسىپ ئورۇنلارغا جايلاشتۇرغانلىقىنى بىلىپ يېتىمىز. بۇ ئىشلار تاساپىيلىقنىڭ مەھسۇلى ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشى سايىسىدا ئەمەلگە ئاشقان ئىشتۇر. ئاللاھ تائالا بىزنى ئۆزىمىزدىى ئەزالار ۋە ئۆزىمىزدىكى نېمەتلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشقا بۇيرۇپ: )وَفِي أَنْفُسِكُمْ أَفَلَا تُبْصِرُونَ( يەنى «ئۆزۈڭلار توغرۇلۇق تەپەككۇر قىلمامسىلەر؟»[5] دېگەن.

تەپەككۇر — ئىلىم، قىزىقىش ۋە ئەمەلدۇر

تەپەككۇر قىلىش ئىنساننى بىلىشكە ئېلىپ بارىدۇ، بىلىش قىزىقىشقا ئۈندەيدۇ، قىزىقىش ئەمەلگە ئېلىپ بارىدۇ. چۈنكى ئىنسان تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق بىلمىگەنلىرىنى بىلىدۇ، بىلىش ئارقىلىق قىزىقىش ھاسىل قىلىدۇ، قىزىقىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئۆتىدۇ. قەلب ئارامىنى ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن ھاسىل قىلسا، تەپەككۇر ئوزۇقىنى ئىلىمدىن ھاسىل قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالانى تونۇش دىننىڭ يىلتىزى ۋە ئىلىمنىڭ ئەۋۋىلىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۆزىنى كائىنات ھەقىقەتلىرى ۋە قۇرئان ئايەتلىرى ئارقىلىق تونۇتىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى كىتابى بولۇپ، بىرى كائىنات، يەنە بىرى قۇرئان كەرىمدۇر. تەپەككۇر قىلىش ئاللاھ تائالانى تونۇش ئەڭ كاپالەتلىك يولىدۇ. ھەربىر ئىنساننىڭ ئىمان جەھەتتىكى دەرىجىسى ئۇنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان تونۇشىغا قاراپ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان تونۇشى ئاشقانسېرى ئىتائەتمەنلىكى ئېشىپ بارىدۇ، ئىتائەتمەنلىكى ئاشقانسېرى تەقۋالىقى ئاشىدۇ. تەقۋالىقنىڭ ئېشىشى جەننەتنىڭ يولىنى يېقىنلاشتۇرىدۇ.

 

ئەڭ ئاددىي مەخلۇق پاشا ۋە ئۇنىڭدىكى مۆجىزىلەر

(إِنَّ اللَّهَ لَا يَسْتَحْيِي أَنْ يَضْرِبَ مَثَلًا مَا بَعُوضَةً فَمَا فَوْقَهَا) «ئاللاھ (ھەقىقەتنى بايان قىلىش ئۈچۈن) پاشا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ»[6]. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى نامايان قىلغان ئايەتتۇر. پاشا شۇنچىلىك ئاددىي نەرسە بولۇپ قولىمىزغا قونغانلىقىنىمۇ ھېس قىلمايمىز، كۆرسەك ھامان ئۆلتۈرۈۋېتەلەيمىز. ئەمما بىز ئۈچۈن شۇنداق ئاددىي كۆرۈنگەن ئاشۇ پاشا ھەققىدە تەپەككۇر قىلىدىغان بولساق، ئاللاھ تائالانىڭ ئاجايىپ قۇدرىتىنى بايقايمىز.

پاشىنىڭ بېشىدا يۈز دانە كۆزى بار بولۇپ، پاشىنى مىكروسكوپتا چوڭايتىپ كۆرگەندە، ئۇنىڭ بېشىدىكى كۆزلىرى خۇددى ھەرىنىڭ كۈنەكلىرىدەك كۆرۈنىدىكەن. يەنە پاشىنىڭ ئۈچ يۈرىكى بولۇپ بىرى كۆكسىگە، قالغان ئىككىسى ئىككى قانىتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

پاشىنىڭ ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىدىغان ئاپپاراتى (رادارى) بولۇپ، شەيئىلەرنى ئۆز شەكلى ۋە رەڭگى بويىچە كۆرەلمەيدىكەن، پەقەت ھارارىتىدىنلا بىلىۋالىدىكەن. شۇڭا قاراڭغۇ ئۆيدىكى پاشا ئۇخلاپ ياتقان ئىنساندىن باشقىسىنى كۆرەلمەيدىكەن.

پاشا قان تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا ئىگە بولۇپ، ھەرقانداق قاننى شورىمايدىكەن، پەقەت ئۆزىگە مۇناسىپ كېلىدىغان قاننىلا شورايدىكەن. شۇڭا، بىر كارىۋاتتا ئۇخلىغان ئىككى بالىنىڭ بىرى ئەتىگەندە ھەر تەرىپى قاپارغان ھالدا قوپسا، يەنە بىرى ھېچ نەرسە يوق ھالدا قوپىدىغانلىقى بىر رېئاللىق.

پاشا يەنە مەست قىلىش ئاپپاراتىغا ئىگە بولۇپ، چاقىدىغان يېرىنى ئاۋۋال مەست قىلىدىكەن، ئاندىن چاقىدىكەن. شۇڭا، بىز پاشا چېقىۋاتقاندا ھېچ نەرسىنى ھېس قىلمايمىز، ئەمما پاشا ئۇچۇپ كەتكەندىن كېيىن ئاغرىق ھېس قىلىمىز ئىكەن.

پادىشا يەنە قاننى سۈيۈتۈش ئاپپاراتى بولۇپ، ئىنسان بەدىنىدىن شورىغان قويۇق قاننى گېلىدىن ئوڭاي ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇنى سۈيۈتۈپ قوبۇل قىلىدىكەن.

پاشىنىڭ نەشتىرىدە ئالتە پىچىقى بولۇپ، چاقماقچى بولغان جاينى تۆت پىچىقى بىلەن بىراقلا كېسىدىكەن، ئاندىن قالغان ئىككى پىچىقى قاننى شورىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن.

پاشىنىڭ پۇتلىرىدىكى تىرناقلىرى قاتتىق يەرگە دەسسەپ تۇرۇشقا، سىلىق يەرگە چاپلاپ تۇرۇشقا ئەپلىك قىلىپ يارىتىلغان. پاشا ئىنىساندىكى تەر پۇرىقىنى ئاتمىش كىلومېتىر يىراقلىقتىن پۇرىيالايدىكەن.

ئەمدى، تەپەككۇر قىلايلى! دۇنيادا ھېچقانداق نەرسە ئۆزلىكىدىن بولۇپ قالغان ئەمەس. ھەرقانداق بىر ئىجادنىڭ ئىجادكارى، ھەرقانداق بىر سەنئەتنىڭ سەنئەتكارى ۋە ھەرقانداق بىر ئەسەرنىڭ ئاپتورى بولىدۇ. ئايروپىلان، پاراخوت، ئاپتوموبىل قاتارلىق قاتناش قوراللىرىنىڭ ئەلۋەتتە ياسىغۇچىسى بولغاندەك، توڭلاتقۇنىڭ ياسىغۇچىسى بار، كىر ئالغۇنىڭ ياسىغۇچىسى بار، تېلەۋوزورنىڭ ياسىغۇچىسى بار، يانفوننىڭ ياسىغۇچىسى بار، ھەرقانداق بىر فابرىكىنىڭ قۇرغۇچىسى بار، ھەرقانداق بىر بىنانىڭ بىناكارى بار. دېمەك، دۇنيادا ھەممە نەرسىنىڭ ئىگىسى بار.

ئەمدى، بىز مىسال قىلغان پاشىنى كىم ياراتتى؟ ئۇنىڭدىكى مۆجىزىلىك ئاپپاراتلارنى كىم ياسىدى؟ بۇ ئۆزلىكىدىن بولۇپ قالغان ئىشمۇ؟ ياق. ھەممىنى ئاللاھ تائالا ياراتتى، ھېچقانداق نەرسە ئۆزلىكىدىن بولۇپ قالمىدى.

ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئاشۇ ئاددىي پاشىنى يارىتىش بىلەن لەھەڭنى يارىتىش ئوخشاشتۇر. نۇرمال بىر لەھەڭ 150 توننا كېلىدىكەن، ئەمدى تۇغۇلغان بىر بالا لەھەڭ بىر قېتىمدا 300 لېتىر سۈت ئىچىدىكەن، لەھەڭ بىر ۋاخلىقىغا تۆت توننا بېلىق يەيدىكەن. ئاللاھ تائالاغا نىسبەتەن شۇنداق چوڭ مەخلۇقنى يارىتىش بىلەن پاشىغا ئوخشاش كىچىك ۋە ئاددىي مەخلۇقنى يارىتىش ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوقتۇر. چۈنكى ھەربىرىنى ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ سىستېمىلىك شەكىلدە يارىتىدۇ. )مَا تَرَى فِي خَلْقِ الرَّحْمَنِ مِنْ تَفَاوُتٍ( «رەھمان ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ھېچقانداق نۇقسان تاپالمايسەن»[7] دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ. كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ئاشۇ كىچىك ۋىرۇستىن باشلاپ گالاكسىلارغىچە بولغان جىمى مەخلۇقاتنىڭ يارىتىشىدا ئەينى نىزام، ئەينى مۇكەممەللىك ھۆكۈم سۈرىدۇ.  )صُنْعَ اللَّهِ الَّذِي أَتْقَنَ كُلَّ شَيْءٍ إِنَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَفْعَلُونَ( «(بۇ) ھەممە نەرسىنى مۇكەممەل ياراتقان ئاللاھنىڭ سەنئىتىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر»[8].

قۇرئان كەرىمنى مەنىسىنى چۈشىنىپ ئوقۇش، ئايەتلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش، كائىناتنىڭ ھەر تەرەپلىرىگە قاراپ ئاللاھ تائالانىڭ كامالىي قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەت ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ئىماننى كۈچەيتىدىغان، ئەقىلنى ئاچىدىغان، ئاللاھقا يېقىن قىلىدىغان كاتتا ئىبادەتتۇر.

[1] ساد سۈرىسى: 29- ئايەت.
[2] ئەلەق سۈرىسى: 2- ئايەت.
[3] مۇلك سۈرىسى: 30- ئايەت.
[4] قەسەس سۈرىسى: 71- ئايەت.
[5] زارىيات سۈرىسى: 21- ئايەت.
[6] بەقەرە سۈرىسى: 26- ئايەت.
[7] مۇلك سۈرىسى: 3- ئايەت.
[8] نەمل سۈرىسى: 88- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار