ئالدىراقسانلىق شەيتاندىن، ئەمما تېزلىك پىشىپ يېتىلگەنلىكتىندۇر

 

ئالدىراقسانلىق شەيتاندىن، ئەمما تېزلىك پىشىپ يېتىلگەنلىكتىندۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئىلمىي تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھەرقانداق ئىشقا «ۋاقتىم بارغۇ» دەپ مۇئامىلە قىلىدىغانلار ئومۇمەن ھەممە ئىشقا كېچىكىپ قالىدۇ ۋە كۆپ ئىزتىراپ چېكىدۇ. چۈنكى بۇنداق كىشىلەر بارماقچى بولغان يېرىگە ۋە قىلماقچى بولغان ئىشىغا خېلى كۆپ ۋاقىت بارلىقىغا ئىشىنىپ، ئۆزىنى باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىدۇ، نۆۋەتتىكى مۇھىم ئىشقا ئالدىرىمايدۇ، پەقەت ۋاقىت ئىنتايىن ئاز قالغان چاغدىلا ئالدىراپ ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ-يۇ، كېچىكىپ قالىدۇ.

ئەمدى بۇنىڭ ئەكسىنى ئويلاڭ! سائىتىڭىزنىڭ قوڭغۇرىقى چالمىدى، سىز ئىشقا ياكى مەكتەپكە كېچىكىپ قالىدىغان بولدۇم، دەپ چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىڭىز ۋە ئادىتىڭىز بويىچە تەييارلىنىپ يۈرۈپ كەتتىڭىز. شۇنداقتىمۇ سىز كېچىكىپ قالمىدىڭىز ۋە دەل ۋاقتىدا يېتىپ باردىڭىز.

سىز ئالدىنقى ھالەتتە كېچىكىپ قالدىڭىز. چۈنكى سىز نۆۋەتتىكى مۇھىم ئىشقا «ۋاقتىم بارغۇ» دەپ مۇئامىلە قىلدىڭىز، شۇنىڭ بىلەن باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ قېلىپ ئاساسلىق ئىشقا كېچىكىپ قالدىڭىز. ئىككىنچى ھالەتتە بولسا دەل ۋاقتىدا  يېتىپ باردىڭىز. چۈنكى نۆۋەتتىكى مۇھىم ئىشنى ئالدىنقى قاتاردا قويۇپ، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەردىڭىز. ئالدىنقى ھالەتتە ۋاقىت شۇنچىلىك يېتەرلىك تۇرۇقلۇق سىز ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىدىڭىز. نەتىجىدە مەغلۇب بولدىڭىز. ئىككىنچى ھالەتتە ۋاقىت شۇنچىلىك تار تۇرسىمۇ سىز ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن مۇۋەپپەقىيەت قازاندىڭىز.

ھاياتىدا كاتتا ئىشلارنى قىلغان ۋە تارىخ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالغان مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ۋاقتىنىڭ قىسلىقىدىن دەردلىنىپ تۇرۇپ، ۋاقتى كۆپ ئادەملەر قىلالمىغان نۇرغۇنلىغان كاتتا ئەمگەكلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. ۋاقىتنىڭ قىسلىقى ئۇلارنىڭ ماھارىتىنى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەن بولۇپ، نەتىجدىە ئۇلار ئۆزلىرىدە ئاز ۋاقىتتا كۆپ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرگەن. بۇلارنىڭ ئەكسىچە، ھەرقانداق ئىشقا «ۋاقتىم بارغۇ» دەپ مۇئامىلە قىلىدىغانلار مۇشۇ ئېتىقادى بىلەن ھاياتىدا نۇرغۇن ئىشلارنى كېچىكتۈرۈپ قويىدۇ، كۆپلىرىنى ۋۇجۇتقا چىقىرالماي ۋاز كېچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى زايە قىلىۋەتكەن بولىدۇ.

ئالدىراش بىلەن تېز بولۇش ئوتتۇرىسىدا پەرق بار. ئۈنۈمدار كىشىلەر ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن بارچە ئىقتىدارىنى ۋە تەجرىبلىرىنى ئىشقا سالىدۇ. ئەمما مۇۋەپپەقىيەتسىز كىشىلەر ۋاقىت تار كەلگەندە ئالدىرايدۇ، جاپا تارتىدۇ، ئەمما ھېچقانداق ئىشنى روياپقا چىقىرالمايدۇ. ئۈنۈمدار كىشىلەر ھەربىر ئىشقا قەدەم قويۇشتىن ئاۋۋال ئۆزىنى ۋە ۋاقتىنى رەتكە سالىدۇ. ئەمما مۇۋەپپەقىيەتسىزلەر كۆپ ھاللاردا ئىككىلىنىش ئىچىدە بولغانلىقتىن، ئىشنى نەدىن باشلاشنى بىلمەي ئۆمرىنى زايە قىلىۋېتىدۇ. چېرچىل «ئىشنى ۋاقتىدا پۈتتۈرۈشنى خالىساڭ، ئۇنى ئىشى كۆپ ئادەمگە تاپشۇر» دېگەن. يەنە بىر ئىنگىلىز مۇتەپەككۇرى «ئەقىللىق كىشىلەر ئىشلارنى تېز قىلىدۇ، ئەمما ئالدىراقسانلىق قىلمايدۇ» دېگەن ئىكەن.

بىز ياشاۋاتقان دۆلەتتىكى كۆپ ساندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر سائەتكە قاراپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ، بىر كۈنى ئىچىدە بىرەر ئىشنمۇ ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋاقتى يانفونغا قاراش، چاي، قەھۋە ئىچىش، بىر-بىرى بىلەن چاقچاقلىشىپ كۆڭۈل ئېچىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلارغا بىرەر ئىش تاپشۇرۇلسا، ئۇنى ھەپتىلەرگە، ھەتتا ئايلارغا سۈرىدۇ، تۈگىتىشنى خالىمايدۇ. بۇلارنىڭ ئەكسىچە، ئازساندىكى ئىش-خىزمەتچىلەر، خۇسۇسەن چەتئەللىكلەر بىر قانچە ئون ئادەمنىڭ ئىشىنى قورقماي ئۈستىگە ئالالايدۇ ۋە تېز ۋاقىت ئىچىدە مۇكەممەل دەرىجىدە پۈتتۈرۈپ بولىدۇ.

تونۇلغان كاپېتالىستلاردىن بىرى ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «شىركىتىمدە مېنىڭ بىر سىكرىتارىم بار ئىدى، ئۇ نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزى يالغۇز بېجىرىپ مېنىڭ يۈكۈمنى يېنىكلىتەتتى. شىركەتنى چوڭايتىش، دائىرىسىنى كېڭەيتىش دېگەندەك ئىشلار بىلەن ھېلىقى سىكرىتارىمنىڭ يۈكى بارغانسېرى ئېغىرلاپ كەتتى. ئەمما ھەممە ئىشنى ۋاقتىدا ۋە جايىدا ئورۇنداپ كېتىپ باراتتى. ئۇ قاچان بولسا بىر كۈنى ‹مەن ئەمدى چىداپ بولالمىدىم، ماڭا ياردەمچى كېرەك› دەپ پارتلايدۇغۇ، دېگەن ئويلاردىمۇ بولدۇم. دېگەندەك، ئۇ بىر كۈنى باشقا بىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ياردەمچىلەرگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. مەن ئۇنى چاقىرتىپ، قانداق تەكلىپى بارلىقىنى سورىۋىدىم. ئۇ شىركەتكە بەش نەپەر خىزمەتچى  قوبۇل قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن بۆلۈمنى تۇتقۇزۇش پىكرىنى بەردى. بۇ پىكىر ماڭا يېقىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر سىكرىتارىم قىلىپ كېلىۋاتقان ئىشلارنى بەش كىشىگە بۆلۈپ بەردىم. ئەمما ئەپسۇسكى، شىركەتنىڭ ئىشلىرى ئارقىغا كەتتى، ئىشلەپچىقىرىش ئازلاپ كەتتى. بىر ئادەمنىڭ ئىشىنى ئالتە ئادەم قىلىپ تۇرۇپمۇ ئىشلار كەينىگە كەتتى. بۇ ھەقتە كۆپ ئويلانمدىم. ئاخىر بۇ بەش بۆلۈمنى يوق قىلىۋەتتىم. بۇرۇنقى سىكرىتارىمنى چاقىرىپ ھەممە ئىشنى بۇرۇنقىدەكلا ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭغا مائاشىنى ئۆستۈردۈم. شۇنىڭ بىلەن ئىشلار قايتىدىن ئېزىغا چۈشتى».  


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار