ئاللاھ سۆيگۈسى 

ئاللاھ سۆيگۈسى

 مۇھەممەد يۈسۈپ

سۆيگۈ — مۇھەببەت ھاياتلىقنىڭ جېنى، قەلبنىڭ ئوزۇقى، روھنىڭ غىزاسى ۋە بەخت -سائادەتنىڭ كاپالىتىدۇر. ئەللامە جالالىدىن رۇمىي مۇنداق دېگەن ئىكەن: «سۆيگۈ __ مۇھەببەت ئاچچىقنى تاتلىققا، توپراقنى ئالتۇنغا، كىرنى ساپلىققا، كېسەلنى ساقلىققا، تۈرمىنى بوستانغا، غەزەپنى شەپقەتكە ئايلاندۇرىدىغان، تۆمۈرنى ئېرىتىدىغان، تاشنى يۇمشىتىدىغان، ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئابى ھايات بېغىشلايدىغان بىر مۆجىزىدۇر»( ).

سۆيگۈلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئاللاھ سۆيگۈسىدۇر

سۆيگۈلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى ۋە ئەڭ ئەھمىيەتلىكى ئاللاھ سۆيگۈسى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. چۈنكى سۆيگۈ _ مۇھەببەت كۆپىنچە قارشى تەرەپنىڭ سۆيگۈسى، ياكى ئۇنىڭدىكى قايىل قىلارلىق سۈپەتلەر، ياكى ئۇنىڭدىن كۆرگەن زور ياخشىلىقلار تۈرتكىسى بىلەن قەلبكە ئورنايدىغان نەرسە.

ھالبۇكى، ئاللاھ تائالادا سۆيگۈ _ مۇھەببەتكە تۈرتكە بولىدىغان ئامىللارنىڭ ھەممىسى تولۇقى بىلەن بار. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە بەكمۇ شەپقەتلىك ۋە تولىمۇ مېھرىبان زاتتۇر. ئۇنىڭ بۇ شەپقىتىنى ۋە مېھرىبانلىقىنى ئەقلى بار ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى  ئانا قارنىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپ تاكى چوڭ بولۇپ، ياشاپ ئۆلگىنىگە قەدەر قانداق پەرۋىش قىلىدىغانلىقىنى، خەتەرلەردىن قانداق ساقلايدىغانلىقىنى ئەلۋەتتە چۈشىنىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇچىقىدا بالىسى بار بىر ئايالنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ساھابىلىرىدىن: «بۇ ئايالنى بالىسىنى ئوتقا تاشلاشقا رازى بولىدۇ، دېسەم ئىشىنەمسىلەر؟ دەپ سورىغاندا، ساھابىلەر: بۇ ئايال ھەرگىز بالىسىنى ئوتقا تاشلاشقا رازى بولمايدۇ، دەيدۇ. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «بىلىڭلاركى، ئاللاھ بەندىلىرىگە مۇشۇ ئايالنىڭ بالىسىغا بولغان مېھرىبانلىقىدىنمۇ  بەك مېھرىباندۇر»( ) دېگەن.

ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنى ئىككىلا ئالەملىك بەخت _ سائادەت يولىغا باشلاش ئۈچۈن ئۇلارغا شەپقەت پەيغەمبىرى بولغان ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتكەنلىكى ۋە ھىدايەت مەنبەسى بولغان «قۇرئان كەرىم»نى چۈشۈرگەنلىكى، گۇناھكارلارنىڭ تەۋبە قىلىپ، ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلىۋېلىشىغا پۇرسەت بېرىپ، ئۇلارنى دەرھال جازالىمايدىغانلىقى ۋە تەۋبىنىڭ ئىشىكىنى تا قىيامەتكىچە ئوچۇق قويغانلىقىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بولغان مېھىر-شەپقىتىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر.

سۆيۈش ئۈچۈن قايىل قىلارلىق سۈپەتلەردىن سۆز ئاچساقمۇ، ئاللاھ تائالا پۈتۈن سۈپەتلىرىدە، ئىش _ پائالىيەتلىرىدە ۋە تەدبىرلىرىدە ئەڭ مۇكەممەل يېگانە زات. پۈتۈن گۈزەللىكلەر، مۇكەممەللىكلەر ۋە جىمى ياخشىلىقلارنىڭ مەنبىئى ئاللاھ تائالادۇر.

سۆيۈش ئۈچۈن تۈرتكە بولىدىغان ياخشىلىقتىن سۆز ئاچقاندىمۇ، ئاللاھ تائالا ئەڭ مۇكەممەل سۆيگۈگە لايىق يېگانە زاتتۇر. نورمال ئىنسان خاراكتېرى ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلغانغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى سۆيۈشنى تەبىئىي بۇرچ، دەپ بىلىدۇ. دۇنيادا قايسى بىرىنىڭ ياخشىلىقى ئىنساننى يوقتىن بار قىلىپ، ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتقان، ئۇنىڭغا ئەقىل ـ ئىدراك ئاتا قىلىپ، بارچە مەخلۇقاتلاردىن ھۆرمەتلىك ھەم قۇدرەتلىك قىلغان ۋە ئۇنى كائىناتنىڭ خوجايىنى قىلىپ بەلگىلەپ، ھەممىنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن كەرەملىك، شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ياخشىلىقلىرىغا يېتەلىسۇن؟!

ئاللاھ سۆيگۈسىنىڭ قىممىتى

ئاللاھ سۆيگۈسى ئىماننىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەركىبى، ھەقىقىي مۇئمىنلىكنىڭ ئىپادىسىى، ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى، سۆيگۈلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. ﴿وَالَّذِيْنَ آمَنُواْ أَشَدُّ حُبًّا لِّلَّهِ﴾ يەنى «مۇئمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن ئارتۇق دوست تۇتقۇچىلاردۇر»( ).

چۈنكى، ئاللاھ تائالا سۆيگۈ _ مۇھەببەتنىڭ يېگانە مەنبەسى. دۇنيادىكى پۈتۈن سۆيگۈلەر ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز سۆيگۈسىدىن بىر تامچىدۇر. قەلبلەرگە سۆيگۈ ئوتىنى سالغۇچىمۇ ئاللاھ تائالادۇر.

«ئوبدان تەپەككۇر قىلغىنىمىزدا ۋە «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگىنىمىزدە، بىزگە شۇنى ئېنىق بولىدۇكى، ئىنسان مەۋجۇداتنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىكىدۇر. چۈنكى كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق شەيئىلەر ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بېرىلگەن. ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئەڭ چىرايلىق سۈرەتتە يارىتىپ، ئۇنىڭغا تۈرلۈك ئىنئاملارنى قىلغان. مۇشۇ تونۇش ۋە مۇشۇ ئىمان ئىنساننى ئاللاھ تائالانى سۆيۈشكە ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئىنسان ئەقلى بىلەن ئىشىنىدۇ، قەلبى بىلەن سۈيىدۇ. دېمەك، ئىنسان— ئىدراك قىلىدىغان ئەقىل، سۆيىدىغان قەلبتۇر. ئىمان بىلەن سۆيگۈ  خۇددى بەدەن بىلەن جانغا ئوخشاش بولۇپ، بۇلار بىر-بىرىدىن قەتئىي ئايرىلالمايدۇ. خۇددى جانسىز بەدەننىڭ قىممىتى بولمىغاندەك، سۆيگۈ-مۇھەببەتسىز ئىماننىڭمۇ قىممىتى يوقتۇر» .

چۈنكى ئىمان ۋە ھەرقانداق ئەمەل-ئىبادەتنى كۈچكە ئىگە قىلىدىغان نەرسە سۆيگۈ- مۇھەببەتتۇر. يەنى ئىمان ئاللاھ تائالاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ئىخلاس بىلەنلا قىممەتكە ئېرىشىدۇ، ئەمەل-ئىبادەتلەرمۇ ئاللاھ تائالاغا بولغان چىن مۇھەببەت ۋە ئىخلاس بىلەن قوبۇل بولىدۇ. دېمەك، سۆيگۈسىز ئىمان ۋە سۆيگۈسىز ئىبادەت بولمايدۇ. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ نەرسە كىمدە تېپىلسا ئۇ ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىغان بولىدۇ. ئۇلار: ئۇنىڭغا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ھەممىدىن سۆيۈملۈك بولۇشى، بىراۋ بىلەن دوستلاشسا، پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا دوستلىشىشى، ئاللاھ ئۇنى كۇفرىدىن قۇتقۇزۇپ ئىمانغا ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، كۇفرىغا قايتىشنى ئوتقا تاشلىنىشنى يامان كۆرگەندەك يامان كۆرۈشىدۇر» .

ئىنسان رەببىنى تونۇسا ئۇنى چوقۇم سۆيىدۇ، ئۇنى سۆيسە ئۇنى رازى قىلىدىغان ۋە سۆيگۈسىگە لايىق بولىدىغنا ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: «بەندەم ئىختىيارىي ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق ماڭا يېقىنلىشىدۇ. نەتىجىدە، مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن. مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەن چاغدا، مەن ئۇنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزى، تۇتىدىغان قولى، ماڭىدىغان پۇتى بولىمەن. ئۇ چاغدا، ئۇ مەندىن نېمە تىلسىە بېرىمەن، پاناھ تىلىسە پاناھلىق بېرىمەن» .

دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىشىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدە، يۈرۈش- تۇرۇشلىرىدا ۋە گەپ-سۆزلىرىدە بۇ دەۋانى ئىسپاتلايدىغان نەرسىنى تاپقىلى بولمايدۇ. دەۋا قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىلا دەۋاسىدا ھەقلىق چىقمايدۇ. چۈنكى ھەرقانداق دەۋا دەلىل-پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلىنىشقا موھتاج. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: قُلْ إِنْ كُنْتُمْ تُحِبُّونَ اللَّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ «(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان بولساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار. (ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار) ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر». ئاللاھ تائالا يەنە يەھۇدىيلار بىلەن خىرىستىيانلارنىڭ نَحْنُ أَبْنَاءُ اللَّهِ وَأَحِبَّاؤُهُ «بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىدۇرمىز» دېگەن دەۋاسىغا رەددىيە بېرىپ،  قُلْ فَلِمَ يُعَذِّبُكُمْ بِذُنُوبِكُمْ بَلْ أَنْتُمْ بَشَرٌ مِمَّنْ خَلَقَ «ئېيتقىنكى، ‹ئۇنداق بولسا ئاللاھ نېمە ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب قىلىدۇ؟› ئەكسىچە، سىلەرمۇ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاشلا ئاللاھ ياراتقان ئىنسان» . ئىمام شافىئىي بۇ ئايەتتىن «ئاللاھ ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولغان بەندىلىرىنى ئازابلىمايدۇ» دېگەن قائىدىنى چىقارغان.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار