ئىسلامدا ئوتتۇراھاللىق

ئىسلامدا ئوتتۇراھاللىق

 مۇھەممەد يۈسۈپ

 ھەرقانداق نەرسىنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. خۇددى قۇياشنىڭ چۈش ۋاقتىدا ئاسماننىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا كەلگەن ۋاقتى ئۇنىڭ كامالىغا يەتكەن ۋاقتى بولغاندەك، بىر مۇسۇلماننىڭ كامالىيىتى ئىسلامنىڭ ئوتتۇراھاللىق پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلغان ۋاقتىدا بولىدۇ.

ئىسلام دىنى ھەر جەھەتتىن ئوتتۇراھاللىق كامالىيىتىگە ئىگە بىر دىن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق، مۇئامىلە قاتارلىق ھەممە تەرەپلىرىدە نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. ئىسلامدىكى ئوتتۇراھاللىق بولسا، ئاشقۇنلۇق بىلەن پاسسىپلىقتىن يىراق بولغان بىر كامالىيەتنىڭ ئۇنۋانىدۇر.

ئوتتۇراھاللىق دېگەن نېمە؟

ئوتتۇراھاللىق — چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش بىلەن كەم قىلىپ قويۇشتىن خالى بولغان ھالدا، ئىسلام تەلەپ قىلغان بويىچە ئىش كۆرۈش دېگەنلىكتۇر. ئۆلىمالار ئوتتۇراھاللىقنى «الصراط المستقيم» (توپتوغرا يول) دەپ چۈشەندۈرىدۇ. دېمەك، ئىسلامنىڭ توغرا يولىدا مېڭىش ئوتتۇراھاللىقنى پىرىنسىپ قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئەپسۇسكى، بەزى كىشىلەر ئوتتۇراھاللىق دېگەننى ئوتتۇرا دەرىجىلىك مۇسۇلمان بولۇش دەپ خاتا چۈشىنىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش ئىستىكى بىلەن دىننىڭ چەك-چېگراسىدىن چىقىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە، دىن نامى بىلەن توغرا يولدىن ئازىدۇ ۋە باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا بىزگە پاتىھە سۈرىسىدە بىزنى «الصراط المستقيم» (توپتوغرا يول)غا باشلىشىنى تىلەشكە بۇيرىدى، ئاندىن ئارقىدىنلا مەزكۇر توپتوغرا يولنىڭ ئاللا تائالاھنىڭ غەزىپىگە يولۇققان يەھۇدىيلارنىڭ يولىمۇ ئەمەس، توغرا يولدىن ئازغان خرىستىيانلارنىڭ يولىمۇ ئەمەس، بەلكى ئۆزى ھىدايەت بىلەن ئىنئام قىلغان پەيغەمبەرلەرنىڭ يولى بولغان ئوتتۇراھاللىقتىن ئىبارەت توغرا يول ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شەكسىزكى، ئوتتۇراھاللىق يولىنى تۇتۇش «قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ روھىغا چىڭ ئېسىلىش بىلەن بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئىككى مەنبە ئوتتۇراھاللىققا باشلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا تەشەببۇس قىلىدۇ.

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىدۇق، ئۇ بىر سىزىق سىزدى، ئاندىن ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئىككى سىزىق، سول تەرىپىگە يەنە ئىككى سىزىق سىزدى، ئاندىن قولىنى ئوتتۇرىسىدىكى سىزىقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ: «بۇ ئاللاھنىڭ يولىدۇر» دېدى. ئاندىن وَأَنَّ هَذَا صِرَاطِي مُسْتَقِيمًا فَاتَّبِعُوهُ وَلَا تَتَّبِعُوا السُّبُلَ فَتَفَرَّقَ بِكُمْ عَنْ سَبِيلِهِ «بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ»  دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى» .

ئىسلام دىنىمىز تەشەببۇس قىلغان ئوتتۇراھاللىق تەسەۋۋۇر، چۈشەنچە، پىرىنسىپ، پوزىتسىيە ۋە ئەمەل قاتارلىق ساھەلەردە چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ياكى سەلقاراش مۇتەئەسسىپلىكىدىن يىراق ھالدا، ئەڭ توغرىسىنى تاللاش ۋە ئۇنى تۇتقا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىسلامدىكى ئوتتۇراھاللىق پىرىنىسىپى مۇسۇلمانلارنى ئوڭ-سولغا قېيىپ كېتىشتىن چەكلەپ، ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشىنى ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئۇلۇغۋار پىرىنسىپتۇر. ئوتتۇراھاللىقنىڭ ئۆلچىمى «قۇرئان كەرىم» ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلگىنى ئوتتۇراھاللىق، ئۇنىڭدىن ھالقىپ كەتكىنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك، ئۇنىڭغا يەتمىگىنى سەلقارىغانلىق بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دىندا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىڭلار، شەكسىزكى سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنى دىندا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ھالاك قىلدى» .

ئىسلامنىڭ ئەقىلغا ئەھمىيەت بېرىىشتىكى ئوتتۇراھاللىقى

ئىسلام دىنى ئەقىلنى ھەقىقەتكە يېتىشنىڭ بىر ۋاسىتىسى دەپ تونۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ. ئىسلام دىنى ئەقىلغا ئۆزىدە بولمىغان ئالاھىدىلىكلەرنى تېڭىۋېلىپ، ئۇنى ھەقىقەتكە يېتىشنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى قىلىۋالىدىغان، ئەقىلغا چوقۇنىدىغان، ھەتتا ئەقىل يەتمەيدىغان مېتافىزىكا ئالىمى ھەققىدىمۇ ئەقىل بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا ئالدىرايدىغان ئازغۇنلاردىن ۋە ئەقىلنىڭ رولىنى جارىي قىلدۇرمايدىغان، ئۇنىڭ ساداسىغا قولاق سالمايدىغان ۋە ئۇنىڭ قىممىتىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان خۇراپاتچىلاردىن يىراق ھالدا، ئوتتۇراھاللق يولىنى تۇتىدۇ. ئاشۇرىۋېتىپ ئەقىلغا چوقۇنمىغاندەك، ئۇنىڭ رولىنىمۇ ئىنكار قىلىپ خۇراپاتقا چوقۇنمايدۇ.

ئىسلامنىڭ ئىبادەتلەرگە بۇيرۇشتىكى ئوتتۇراھاللىقى

ئىسلام دىنى كىشىلەرنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىبادەتلەرگە تەكلىپ قىلمايدۇ. شۇڭا ئىسلام تەكلىپلىرى ئىنساننىڭ تاقىتى ۋە قۇدرىتىگە قاراپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، قايسىبىر سەۋەبلەر بىلەن بۇ تەكلىپلەرنى ئورۇنداشتىن ئاجىز قالغانلارغا رۇخسەت، يېنىكلىتىش ۋە كېچىكتۈرۈش دېگەنگە ئوخشىغان كەڭچىلىكلەرمۇ بەلگىلەنگەن. مەسىلەن: سەپەردە نامازلارنى قەسر قىلىش (تۆت رەكئەتلىك پەرز نامازنى ئىككى رەكئەت ئوقۇش)، سۇ تېپىلمىغاندا تاھارەتنىڭ ئورنىغا تەيەممۇم قىلىش، قىينىلىپ قالىدىغانلار ئۈچۈن رامىزان روزىسىنى كېچىكتۈرۈش دېگەنگە ئوخشىغان كەڭچىلىك تۈرلىرى بۇنىڭ مىسالى. ئاللاھ تائالانىڭ فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ «كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىڭلار»  دېگەن سۆزى بۇ ماۋزۇدا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ ئاساسلىق پىرىنسىپتۇر.

ئىسلامدا يەنە تەركىيدۇنيالىق رەت قىلىنىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بۇيرۇغان ئەمەس. سۇپىزمنىڭ تەننى قىيناشنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنىڭ ۋەسىلىسى قىلىۋېلىشتىن ئىبارەت خۇراپاتلىرى، خىرىستىيانلارنىڭ ئۆيلىنىشتىن مەنئى قىلىدىغان راھىبلىق تۈزۈمىنى ۋە بەزى باتىل دىنلاردىكى ئۆزىنى قىيناش ۋە يۇيۇنماستىن پاسكىنىلىق ئىچىدە كۈن، ئايلارنى ئۆتكۈزۈشنى ئىبادەت دەپ ساناش سەپسەتىسىنى كۆرگىنىمىزدە، ئىسلام دىنىنىڭ نەقەدەر ئىلغار، نەقەدەر ئەۋزەل دىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىمىز.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىدىن بىرەرسىنىڭ ئىسلامنىڭ بىرەر تەرىپىگىلا بېرىلىپ كەتكەنلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرەتتى. بىر كۈنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كېچىلىرى ئوخلىماي ناماز ئوقۇپ، كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇشقا ئادەتلىنىۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئۇنىڭغا: «ئى ئابدۇللاھ! كۆزۈڭنىڭ ۋە بەدىنىڭنىڭ ئارام ئېلىش ھەققى بار، ئائىلەڭنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدە ھەققى بار، ئايالىڭنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدە ھەققى بار، بۇلاردىن ھەربىرىنىڭ ھەققىنى بەرگىن»( ) دېگەن.

بىر كۈنى ساھابىلەردىن بىر قانچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن ئۇنىڭ ئىبادىتى توغرۇلۇق سورىشىدۇ. ئاياللار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادەتلىرىنى ئاز، دەپ ھېس قىلغانلىقلىرىدىن «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارىغاندا نەدە؟ ئاللاھ ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى پۈتۈن كەمچىلىكلىرىنى كەچۈرىۋەتكەن تۇرسا دېيىشىدۇ» يەنى ئونداق بولغان ئىكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئازلا ئىبادەت قىلسىمۇ يېتەرلىك، ئەمما بىز ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەك دېگەن چۈشەنجىگە كېلىدۇ ـ دە، ئۇلاردىن بىرى «مەن يىل بويى كۈندە روزا تۇتىمەن» دەيدۇ. يەنە بىرى «مەن ئايالدىن يىراق تۇرىمەن، ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمەيمەن» دەيدۇ، ئۈچىنچىسى «مەن كېچە ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىمەن» دەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ ئۇلارغا: «سىلەر ئۇنى، بۇنى دېيىشىسىلەر، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ ئېيتالايمەنكى، ئاراڭلاردا مەن سىلەرنىڭ ئاللاھتىن ئەڭ قورقىدىغان، ئەڭ تەقۋا كىشىڭلارمەن. لېكىن مەن كېچىلىرىنىڭ بەزى ۋاقىتلىرىدا ناماز ئوقۇيمەن، بەزى ۋاقىتلىرىدا بولسا ئۇخلايمەن، (رامىزاندىن باشقا كۈنلەردە) گاھىدا روزا تۇتىمەن، گاھىدا تۇتمايمەن. مەن ئۆيلىنىمەن. كىمكى مېنىڭ بۇ يولۇمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن ئۇ مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئەمەس» دەيدۇ ( ).

ئىسلامنىڭ ۋەزىپىلەرنى بەلگىلەشتىكى ئوتتۇراھاللىقى

ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى ئىبادەتلەرگە تەكلىپ قىلىشتا، ئۇلارنىڭ يارىتىلىشتىكى ئۆزگىچىلىكىنى كۆزدە تۇتقاندەك، ئەر بىلەن ئايال ئىككى جىنسنىڭ ئۆزگىچىلىكىگە ۋە خۇسۇسىيەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئەرلەرنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى كۈچى ۋە ئەقىل بىلەن ھېسسىيات ئوتتۇرىسىدا مۇھاكىمە قىلىشتىكى سوغۇققانلىقى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھاياتنىڭ يۈكلىرىدىن ئېغىرراقىنىڭ يۈكلىنىشىگە، ئاياللارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ئاجىزلىقى ۋە ھېسسىياتچانلىقى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يېنىكرەك يۈكلەرنىڭ يۈكلىنىشىگە تۈرتكە بولغانلىقى ئېنىق.

دىننى قىيىنلاشتۇرماقچى بولغانلار چوڭ خاتالىقلارغا چۈشۈپ قالىدۇ

دىن ئىنسانلار ئۈچۈن رەھمەت بولۇپ كەلگەن ئىكەن، ئۇنىڭ رەھمىتىدىن كىشىلەرنىڭ نېسىۋە ئېلىشى تەقەززا قىلىنىدۇ. ھەتتا ئىبادەتلەردىمۇ بۇ رەھمەتنىڭ نامايان قىلىنىشى كۈتۈلىدۇ. بۇ ماۋزۇنىڭ دەلىلى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى ئىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا تاللاشقا توغرا كەلسە، گۇناھلا بولمايدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئەڭ ئوڭاي بولغىنىنى تاللايتتى»  دېگەن ھەدىستۇر. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ شۇنىڭغا تەشەببۇس قىلىپ: «ئوڭايلاشتۇرۇڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار، خۇش خەۋەر بېرىڭلار، قاچۇرۇپ قويماڭلار»  دەپ بۇيرۇغان.

بىز دىنغا قانچىلىك ئىخلاسمەن بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئېشىپ كېتەلمەيمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ دىننىڭ رەھبىرى، ئۇنى تۇنجى تەبلىغ قىلغان ۋە ھاياتلىقتا تەتبىق قىلغان زات بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىسلام ئۈممىتىگە ھەربىر ئىشتا ئۈلگىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بەختسىزلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇرۇۋېتىش ۋە كېمەيتىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ خاتالىق يۈزىسىدىن كەلگەن دېسەك مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز. چۈنكى، خۇددى تۇزى ئۆتۈپ كەتكەن تاماق لەززىتىنى يوقاتقاندەك، تۇزسىز تاماقمۇ تېتىمايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ نورماللىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ. بەزى قېرىنداشلار دىننى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ قىيىن تەرەپلىرىنى تۇتۇش كېرەك، دەپ ئويلايدۇ. نەتىجىدە، ھەركىمگە ئوڭاي ۋە ھەممىگە رەھمەت بولۇپ كەلگەن بۇ  ئىلغار دىننى كىشىلەرگە قىيىنلاشتۇرۇپ قويىدۇ، ھەتتا ئۇنى كىشىلەرنىڭ خىيالىدا، جەمئىيەتتە ياشىتىش مۇمكىن بولمايدىغان، ھېكىم ئۇنىڭ تەلەپلىرى بويىچە ھايات كەچۈرەلمەيدىغان غايىۋىي بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر دىندىن يىراق ياشاشنى تاللايدىغان بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇلار قانچە قىلىپمۇ دىننىڭ تەلەپ قىلغىنى بويىچە ياشىيالمايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. ھالبۇكى، ھەقىقەت بۇ تەسەۋۋۇرنىڭ تامامەن ئەكسىچە بولۇپ، ھەرقانداق مۇئمىن ئادەم ئۆز ساھەسىدە تۇرۇپمۇ، ئۆز ئىش ئورنىدا تۇرۇپمۇ، دىندار بولالايدۇ ۋە ئۆز شارائىتى بويىچە تەقۋادار بولالايدۇ. دېھقان ئېتىزىدا، كادىر ئىشخانىسىدا، سودىگەر بازىرىدا، مۇئەللىم ۋە ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە تۇرۇپ ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلالايدۇ ۋە تەقۋالىق قىلالايدۇ. مەلۇمكى، تەقۋالىق كىيىم-كېچەكتە ئەمەس، سىرتقى قىياپەتتە ئەمەس، بەلكى قەلبتە. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز كۆكسىگە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ، «تەقۋالىق بۇ يەردىدۇر» دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ تەكىتلىگەن. خۇددى قاپاقتا نېمە بولسا سىرتىغا شۇ نەرسە تەپچۈرەپ چىققاندك، قەلبتە بار نەرسە ئەلۋەتتە ئەمەلدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.

دىننى قىيىنلاشتۇرماقچى بولغانلار بىلىپ-بىلمەي ئىسلام دەۋىتىنىڭ يولىنى توسۇۋالىدۇ، دىننى كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن يىراقلاشتۇرۇپ قويىدۇ. چۈنكى مۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «  ئوڭايلاشتۇرۇڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار، خۇش خەۋەر بېرىڭلار، قاچۇرۇپ قويماڭلار» دېگەن تەۋسىيەسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دىننى ئۆزى بىلگەنچە ۋە ئۆز ئەقلىچە دەۋەت قىلماقچى بولغانلاردۇر. مۇنداقلاغا ئىسلامدا ئورۇن يوق. چۈنكى  بۇ دىننىڭ دەۋەت قىلىش ئۇسۇلى ۋە پىرىنسىپى بار. ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلماقچى بولغان شىركەتلەر تاۋارلىرىغا خېرىدار تېپىش يولىدا، قانداق يول تۇتۇشقا ۋە خالىغانچە ئۇسۇللارنى ئىجاد قىلىپ چىقىشقا ھەقلىقتۇر. چۈنكى شىركەت ئاشۇلارنىڭدۇر. ئەمما دىننى دەۋەت قىلغۇچىلار ۋە دىن نامىدىن سۆزلىگۈچىلەر مۇنداق قىلالمايدۇ. چۈنكى بۇ دىن ئاللاھ تائالانىڭ دىنىدۇر. ئۇنى پەقەت ئاللاھ تائالا ئۆزى بەلگىلەپ كۆرسەتكەن ئۇسۇل ۋە پىرىنسىپ ئىچىدىلا دەۋەت قىلالايدۇ. ئۇنىڭدا بولمىغاننى ئېيتالمايدۇ ۋە ئۇنىڭدا بولغاننى قالدۇرۇپ قويالمايدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار