ئىنسانلارنىڭ بىلىش جەھەتتىكى دەرىجىسى

ئىنسانلارنىڭ بىلىش جەھەتتىكى دەرىجىسى

مۇھەممەد يۈسۈپ

قەدىمدە بىر ئۆلىما مۇنداق دېگەن ئىكەن: «ئىنسانلار تۆۋەندىكىدەك تۆت تۈرلۈك بولىدۇ:

 بىرىنچىسى، بىلىدىغان ۋە ئۆزىنىڭ بىلىدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئادەم بولۇپ، ئۇ ‹ئالىم›دۇر. بۇنداق كىشىدىن ئۆگىنىڭلار.

ئىككىنچىسى، بىلىدىغان، ئەمما ئۆزىنىڭ بىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان ئادەم بولۇپ، ئۇ ‹ئۇنتۇغاق›تۇر. بۇنداق كىشىنىڭ ئېسىگە سېلىپ قويۇڭلار.

ئۈچىنچىسى،  بىلمەيدىغان، ئۆزىنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئادەم بولۇپ، ئۇ ‹ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى›دۇر. ئۇنىڭغا ئۆگىتىپ قويۇڭلار.

تۆتىنچىسى، بىلمەيدىغان ۋە ئۆزىنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان ئادەم بولۇپ، ئۇ ‹ئەخمەق›تۇر. ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇڭلار»[1].

بىز ئويلايمىزكى، بىر ئىنسان يۇقىرىقى تۆت خىل ئادەمنىڭ رولىنى ئالالايدۇ. مەسىلەن: بىز بەزىدە ئالىملارغا خاس خىسلەت بىلەن ئىشلارنى توغرا مۇھاكىمە قىلالايمىز ۋە توغرا ئىش قىلالايمىز، بەزىدە ئوقۇغۇچىلارغا خاس كەمتەرلىك بىلەن بىلمىگەننى ئۆگىنىشكە تىرىشىمىز، بەزىدە ئەخمەقلەرچە ئۆزىمىزنى بىلمەي قالىمىز، بەزىدە يەنە  بۇرۇن بىلگەنلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمىزنىمۇ بىلمەي قالىمىز.

ئىشنىڭ ئەڭ چاتاق يېرى شۇكى، ھېچكىم ئۆزىنىڭ ئەخمەقلەرچە ئىش قىلىپ قويغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئۆزىنى تەنقىدلەشنى خالىمايدۇ. كۆپ سانلىق كىشىلەر ئۆزىنى ھەر تەرەپتىن مۇكەممەل دەپ قارايدۇ، ئۆزىنى باشقىلاردىن ئەۋزەل سانايدۇ. بۇنى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: ئەمدىلا بالاغەت يېشىغا يەتكەن ئوغلىڭىز ئۆزىنى سىزدىن ئەۋزەل چاغلايدۇ، سىزدىن ئارتۇق نەرسىلەرنى بىلىدىغانلىقىنى ئېتىقاد قىلىدۇ، ھەتتا ئاپتوموبىل ھەيدەشنى سىزدىن ئۆگىنىپ بولۇپلا : «مەن دادامدىن ياخشى ھەيدەيمەن» دەيدۇ. بەزى بالىلار سىزگە «دادا! سېنىڭ كاللاڭ ئۆتمۈشكە ئائىت، بىز بولساق زامانغا لايىق تەپەككۇر قىلىمىز» دەيدۇ. بۇ بىر رېئاللىق.

ئامېرىكىنىڭ كورنېل ئۇنىۋېرستېتىدىن دېۋىد دېننىگ ۋە جاستىن كروگىر ئىككىسى مۇستەقىل ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىسىدە مۇنداق يەكۈنگە ئېرىشكەن:

1.   ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى بىلىمەن دەپ ئېتىقاد قىلغان نەرسىلەردىن ئىنتايىن ئاز قىسمىنى بىلىدۇ.

2.   ئىنسانلارنىڭ تولىسى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىشكە ھاجەت يوق دەپ قارايدۇ.

3.   ئۇنىۋېرستېت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە شۇ ئېنىقلاندىكى، ئۇلارنىڭ كۆپ سانلىقى ئۆزى ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن.

4.   ئۇلارنىڭ تولىسى ئۆزىمىزگە يېتەرلىك نەرسىلەرنى بىلىمىز، دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن».

يۇقىرىقى ئىككى تەتقىقاتچى مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزىنىڭ مەرىپىتىنى يۇقىرىقىدەك مەغرۇرلۇق ئاساسىغا قورغان ئادەم خۇددى ئورمانلىقنىڭ ئىچىدە كۆرسىتىپ بېرىلگەن بويىچە يول مېڭىپ، مەن يولنى ئوبدان بىلىمەن دەپ ئويلاپ قالغان  ئادەمگە ئوخشايدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئەمەلىيەتتە ئۆزى مېڭىۋاتقان يولدىن باشقىسىنى بىلمەيدۇ، ئورمانلىقنىڭ پايانسىز ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ»[2] .

ئەرەبلەردە مۇنداق بىر ماقال بار: «ئاللاھ رىزىقنى تەقسىم قىلغاندا، ھېچكىم ئۆز نېسىۋىسىگە رازى بولماپتۇ، ئەمما ئەقىلنى تەقسىم قىلغاندا، ھەربىر ئىنسان ئۆز ئەقلىگە رازى بولۇپتۇ». بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، ئىنسان مەيلى باي بولسۇن، مەيلى كەمبەغەل بولسۇن، ھەرگىز قانائەت قىلمايدۇ،  باي تېخىمۇ باي بولسام دەيدۇ، كەمبەغەل باي بولسام دەيدۇ. دېمەك، ھەركىم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى خالايدۇ. ئەمما ئەقىل مەسىلىسىگە كەلگەندە ئەمەلىيەت باشقىچە بولىدۇ. چۈنكى ھېچكىم ئەقلىنىڭ كەم ياكى يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، شۇڭا ئەقلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشمايدۇ، ھەتتا ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈشكە تىرىشقانچىلىكمۇ تىرىشمايدۇ. رىزىق مەسىلىسىدە قانائەتسىزلىك قىلىدۇيۇ، ئەقىل مەسىلىسىدە ئۆز ئەقىلىگە تامامەن قايىلدۇر.  ھەربىر ئىنسان ئىشلارنى ئۆز ئەقلى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ، باشقىلارغا ھۆكۈم قىلىشتا ئۆز ئەقلىگە تايىنىدۇ، بۇ ھۆكۈمدە ئۆزىنىڭ خاتالىشىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ، ئۆزى چىقارغان بۇ ھۆكۈمگە زىت كېلىدىغان بىرەر ھۆكۈمنىڭ بار بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلمايدۇ.  ئۇ ئۆزىنى ئەڭ ئەقىللىق سانايدۇ. مانا بۇ رېئاللىق.

شۇڭا دەيمىزكى، ئەقىللىق ۋە ھېكمەتلىك ئادەم ئۆزىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى بىلگەن، خاتا تەپەككۇر قىلىشتىن خالىي ئەمەسلىكىنى ۋە ھەر ۋاقىت ساغلام تەپەككۇر قىلالمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئادەمدۇر.

توغرا تەپەككۇرنىڭ ئاپەتلىرى

ئىنسانلارنى توغرا تەپەككۇر قىلىشتىن ۋە ئىشلارغا تەرەپسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن توسۇپ قويىدىغان ئاپەتلەرنىڭ بېشىدا ئىشلارغا ئالدىن ھۆكۈم قىلىۋېلىش، مۇتەئەسسىپلىك قىلىش، قارشى تەرەپنى يېڭىش كويىدا بولۇش، كۆپلۈكنى ياكى چوڭلارنى مىسال قىلىپ تۇرۇۋېلىش قاتارلىقلار كېلىدۇ.

ئىشلارغا ئالدىن ھۆكۈم قىلىۋېلىش پىكىردىكى قاتماللىق بولۇپ، بەزى ئىنسانلار ئۆزى بىلگەن ۋە ئۆزى ئېتىقاد قىلغان نەرسىنىڭ خاتا بولۇشى بىلەن ھېسابلاشمايلا، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇۋالىدۇ، بىرەر كىشى ياكى بىرەر مەسىلە توغرۇلۇق بۇرۇن بىلمەستە قانداق ھۆكۈم قىلىۋالغان بولسا، ئۆز پىكىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە مىڭلاپ دەلىللەر كەلتۈرۈلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋالىدۇ، ھەقىقەتنى، رېئاللىقنى قوبۇل قىلشنى خالىمايدۇ.

مۇتەئەسسىپلىك توغرا ۋە ساغلام تەپەككۇر قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولۇپ، بەزى كىشىلەر قارشى تەرەپنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ئۆزىنىڭ پىكرىگە ياكى ئۆزى مەنسۇپ بولغان جامائەت ياكى توپقا مۇتەئەسسىپلىك قىلىپ، ھەقىقەتنى، ھەق سۆزنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدۇ.

ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئەمەس، پەقەتلا قارشى تەرەپنى يېڭىش ۋە ئۆزىنىڭ پىكرى خاتا بولسىمۇ ئۇنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇش ئادەمنى توغرا تەپەككۇر قىلىشتىن ۋە ھەققانىي ئىش قىلىشتىن توسۇپ قويىدىغان ئەڭ چوڭ ئاپەتتۇر.

مۇنازىرىلەشكەندە، قارشى تەرەپنى يېڭىشكە كۆزى يەتمىسە، كۆپلۈكنى مىسال قىلىپ تۇرۇۋېلىش بەزى ئىنسانلاردىن ھەر زامان سادىر بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئىش چىڭ يەرگە كەلگەندە «سىز ھەممە كىشىدىن بەك بىلەمسىز؟ نۇرغۇن ئادەم بۇ ئىشنى شۇنداق دەيدۇغۇ» دېگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى قىلىپ ئۆزىنى ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىشكە ۋە ئۆز پىكىرىنىڭ ساغلا ئىكەنلىكىنى دەلىللەشكە تىرىشىدۇ. بۇمۇ توغرا ۋە ساغلام تەپەككۇر قىلىشتىن توسۇپ قويىدىغان قىلىقتۇر.

بەزى كىشىلەر مۇنازىرىدە يېڭىلسە ياكى ئۆزىنىڭ قارىشىنى ھەقلىق قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولسا، بۇرۇنقىلارنى دەلىل قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ. مەسىلەن: «سىز ئىمام ئەزەمدىنمۇ بەك بىلەمسىز؟» دەپ تۇرۇۋالغانغا ئوخشاش. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: )وَفَوْقَ كُلِّ ذِي عِلْمٍ عَلِيمٌ( يەنى «ھەربىر بىلىملىكنىڭ ئۈستىدە ئۇنىڭدىنمۇ بىلىملىك بىرى بار»[3] دېگەن. دۇنياغا كېيىن كەلگەن بولسىمۇ، بۇرۇنقىلارنىڭ ئىلىمىنى تولۇقلىغان، ئۇلارنىڭ بەزى قاراشلىرىنى تۈزەتكەن ۋە مەزھەپلىرىنى ئىسلاھ قىلغان ئالىملار ئاز ئەمەس. بۇرۇنقىلارنىڭ توغرا ۋە خاتاغا ئېھتىماللىقى بار ئىجتىھادلىرىنى قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئوخشاش مۇقەددەس قىلىۋېلىش ساغلام تەپەككۇر قىلىشنىڭ يولىنى توسىدىغان ئاپەتتۇر.[1] «نظرية الفستق» ناملىق كىتابنىڭ 188- بېتىدىن ئېلىندى.
[2] «نظرية الفستق» ناملىق كىتابنىڭ 189- 190- بەتلىرىدىن ئېلىندى.
[3] يۈسۈف سۈرىسى: 76- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار